مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2749|ئىنكاس: 36

ئىمام ۋە شوپۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5340
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2022
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 10:37:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور :مالايسىيەلىك مۇسۇلمان يازغۇچى زەبرىنا ئەبۇبەكر
Zabrina Abu Bakar

بىر قانچە كۈن بۇرۇن،مەن مەلۇم بىر ئىشقا يولۇقتۇم،بۇ ئىش مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا يېڭى بىر مەنە ۋە تونۇش قوشتى.ئۇ تەخمىنەن ئەتىگەن سائەت سەككىزلەر بولغان ۋاقىت،مەن ماشىنامغا چىقىشقا تەمشەلدىم،بۇ ۋاقىتتا مەن بىر غەيرى مۇسۇلمان ئايالنىڭ يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم،ھەم تەبئىيلا ئۇنىڭغا قاراپ تەبەسسۇم قىلدىم،ئۇمۇ تەبەسسۇم قايتۇردى.مەن ئارقىدىنلا خاتىرە كومپىيوتىرىمنى ماشىنامغا سېلىپ تۇرۇشۇمغا بىرسىنىڭ ياخشىمۇ سىز دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.بېشىمنى كۆتۈرۈپ يېنىمدا ھېلىقى ئايالنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقىدىم،ئۇ مەندىن سىز ئاپتۇبۇس بېكىتىدىن ئۆتەمسىز دەپ سورىدى،ئەمەلىيەتتە مەن ئۇ يەردىن ئۆتمەيتىم،ئەمما بۇ ۋاقىتتا كاللامغا قۇرئان ۋە بەزى ھەدىسلەر كەپ قالدى،:ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار،ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار،ئاتا-ئاناڭلارغا،خىش-ئەقرىبالىرىلىڭلارغا،يىتىملەرگە،مىسكىنلەرگە،يېقىن خوشنا،يىراق خوشنىغا،ياندىكى ھەمراغا(سەپەرداشقا،ساۋاقداشقا)،مۇساپىرلارغا،قول ئاستىڭلاردىكى قۇل چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار.(نىسا سۈرىسى4:36)
ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللەھۇ ئەنھۇرىۋايەت قىلىدۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيسالام مۇنداق دېگەن:” جىبرىل ماڭا قوشنىلارنى مىراسخور قىلىپ قويارمىكىن،دېگەن گۇمانغا كېلىپ قالغىدەك دەرىجىدە قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلاتتى “
”پەيغەمبىرىمىز ئەزەلدىنباشقىلارنىڭ تەلىبىنى رەت قىلمايتى“
ـــ ھە،ئۆتىمەن ـــ دەپ جاۋاب بەردىم
مەن ماشىنىڭىزغا چىقىۋالسام بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە،چاتاق يوق،چىقىڭ
بۇ ۋاقىتتا ئاجايىپ ئىش يۈز بەردى.بىز ناھايىتى تېزلا تونۇشۇپ قالدۇق.ئۇنىڭ بىر ئېغىز سۆزى قەلبىمنى چەكسىز لەرزىگە سالدى.ئۇ ماڭا:¬¬ــــ سىز يولنىڭ قارشىسىدا ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگەن ۋاقتىڭىزدا،مەن سىزنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىڭىزنى ھېس قىلدىم.بۇ دەل مېنىڭ يۈرەكلىك ھالدا سىزدىن ياردەم سورىغىنىمنىڭ سەۋەبى،نۇرغۇن كىشى مېنىڭ قېشىمدىن ئۆتكەن،ئەمما ھېچكىم تەبەسسۇم قىلمىغان ئىدى،شۇڭا مەنمۇ ئۇلاردىن ياردەم سورىمىدى ـــــ. بىر جۈملە يېتەرلىك بولدى،ئۇنىڭ بۇ بىر جۈملىسى ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيسالامنىڭ سۆزلىرىنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى،ئۇ بىز ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ قەلبىگە يېتىشىڭ ئۇسۇللىرىنى كۆرسەتتى،ئەڭ كىچىك ئەڭ ئاددىسى باشقىلارغا كۈلۈمسىرەش.
پەيغەمبەر ئەلەيسالام:”سەن كىچىككىنە بىر ياخشىلىقنىمۇ ئاددى كۆرمە،ھەتتاكى بۇرادىرىڭگە ئىللىق چىراي بىلەن ئۇچراشقىنىڭمۇ(تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدىغان) ياخشىلىقتۇر“دېگەن
بۇ ۋاقىتتا قەلبىم لەرزىگە تولدى:ئەگەر بىز پەيغەمبەر ئەلەيسالامدەك كېچىدە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيالمىساقمۇ،ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭدىن كۈلۈسىرەشنى ئۆگىنەلەمىز؟پەغەمبىرىمىز كۈلۈسىرەشنى ياخشى كۆرەتتى.مۇشۇ ئاددى بولغان كۈلۈمسىرەش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ساۋاب بولىدۇ،ئەجەبا كۈلۈمسىرەش شۇنچە تەسمۇ؟
مەن دائىم كوچىدا كېتىۋاتقاندا كىشىلەرنىڭ چىرايىنى كۆزىتىمەن،ھەرخىل چىرايلارنى كۆرۈپ بېقىپتىمەن ــــــــــــــــــــ ئاچچىقلانغانلار،روھسىزلانغانلار،ئالدىراشلار،داڭ قېتىىپ قالغانلار،ئېلىشىپ قالغانلار،خۇشال بولغانلار يەنە جىددىلەشكەنلەر.ئەمما مەن كۈلۈمسىرەشنى ئۆزىگە تەبئىي چىراي ئىپادىسى قىلغانلارنى ناھايىتى ئاز كۆردۈم،بەلكىم بىز سەۋەبسىزلا كۈلۈمسىرىشىمىزنىڭ باشقىلارغا كاللىسىدا مەسىلە باركەن دېگەن خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويىشىدىن قورققاندىمىز
ئۇ كۈندىكى ئىشتىن كېيىن مەن ئويلىنىپ قالدىم،مەن قانچە قېتىم پەيغىرىمىزنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش قىلىشنى ئۇنتۇدۇم؟مەن قانچە قېتىم مۇسۇ لماننىڭ يۈرۈش تۇرۇشى،ئەخلاق پەزىلىتىنى نامايەن قىلالمىدىم؟مەن قانچە قېتىم ئۆزۈمنىڭ ئىسلامنىڭ قارقاتقۇچىسى ئىكەنلىكىمنى ئەسكە ئالالىدىم؟مەن قانچە قېتىم ئۆزۈمنىڭ ئىسلامنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئېچىلغان دېرىزىسى ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتەلىدىم؟
ئىسلامنىڭ كىچىك دېرىزىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئىش مېنى ئازابلىدى،مېنى تېخىمۇ بەك ئازابلىغىنى،ئەگەر مەن بىردىن بىر دېرىزە بولۇپ قالغان بولسام؟؟؟
مەن بۇرۇن بىر ھېكايىنى ئوقۇغۇنۇم ئېسىمدە،بۇ بىر ئىمامنىڭ ئىسلامنى سېتىۋەتكىلى تاس قالغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە،ئوقۇپ كۆرگەيسىلەر:
بىر قانچە يىل بۇرۇن بىر ئىمام لوندونغا كۆچۈپ بېرىپتۇ،ئۇ دائىم ئۆيىدىن كوچا ئاپتۇبوسىغا ئولتۇرۇپ شەھەر ئىچىگە بارىدىكەن.بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەن بىر كۈنى،ئۇ ئوخشاش بىر ئاپتۇبوسقا چىقىپتۇ.ئۇ ئورۇنغا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن شوپۇرنىڭ ئۆزىگە 20 پېننىنى جىق بەرگەنلىكىنى سېزىپتۇ.ئۇ قانداق قىلىش توغرىسىدا ئويلۇنۇپ قاپتۇ.ئۇ ئىچىدە ئويلاپتۇ :”يەنىلا بۇ 20 پېننىنى قايتۇرۇپ بەر،ئۇنى ئالساڭ خاتا بولىدۇ ــــ ئۇ يەنە ئويلاپتۇ ـــ بولدىلا ناھايىتى كەلسە 20 پېننىغۇ،كىمنىڭ بۇنچىلىك پۇل بىلەن كارى؟يەنە كېلىپ ئاپتۇبوس شىركىتىمۇ نۇرغۇن كىرىم قىلىدۇ،بۇنچىلىك پۇل بولمىغانغا كىرىمى ئازلاپ قالمايدۇ،بۇنى ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ ئىنئامى دەپ بىلىپ ئارتۇق ئويلانماي“.ئاپتۇبوس ئىمام چۈشىدىغان بېكەتكە يېتىپ كەپتۇ،ئىمام ئىشىك ئالدىدىغا بارغاندا تۇيۇقسىز ئىككىلىنىپ،20پېننىنى شوپۇرغا بېرىپتۇ ۋە شوپۇرغا:ـــ بۇنى سىزگە بېرەي،سىز بايا ماڭا ئارتۇق بېرىپتىكەنسىز ــــ دەپتۇ.شوپۇرمۇ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ:ــــ سىز ھېلىقى يېڭى كەلگەن ئىمامغۇ دەيمەن،شۇنداقتۇ؟مەن يېقىننىڭ ياقى سىلەرنىڭ مەسجىدكە بېرىپ ناماز ئۆتەشنى ئويلاۋاتقان.مەن پەقەت سىزنىڭ قانداق قىلىدىغىنىڭىزنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن سىزگە 20 پېننىنى بەرگەن ـــــ دەپتۇ

ئىمام ئاپتۇبوستىن چۈشكەندىن كېيىن پۇتلىرى تىترەپ تۇرالماي ئۆزىگە يېقىن يەردىكى تۈۋرۈككە يۆلىنىپتۇ.ھەم كۆككە قاراپ:ــــ ئې ئاللاھ،مەن يىگىرمە پېننى ئۈچۈن ئىسلامنى سېتىۋەتكىلى قىل قالدىم ــــ دەپ توۋلاپتۇ.

مەن ھەر قېتىم بۇ ھېكايىنى ئەسلىگىنىمدە،ئۆزۈمدىن سوراپ كېتىمەن، ”مەنمۇ ئىلگىرى ئاشۇنداق ئىشلانى قىلىپ قويغاندىمەنمۇ؟مەن خاتا دېرىزە بولۇپ ئۆزۈمنىڭ ئېتقادىمنى سېتىۋەتكەندىمەنمۇ؟مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشتىممۇ؟ۋەدەمدە تۇردۇممۇ؟سەمىمىي بولدۇممۇ؟باشقىلارغا تەبەسسۇم قىلدىممۇ؟ياخشى سۆزلەرنى قىلدىممۇ؟سەبىرچان بولدۇممۇ؟ دوسلۇرۇمغا سېخىيلىق قىلدۇممۇ؟مەن تۈرلۈك خاتا ئىشلانى قىلغان چېغىمدا،مېنىڭ شوپۇرۇممۇ دېرىدىن بۇلارنى كۆرۈپ ئىسلامغا باھا بېرىۋاتامدۇ؟مەن ئۆزۈمنىڭ شوپۇرنىڭ كۆزىتىشىدە بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن“.
ئۇنداقتا سىزچۇ؟سىزنىڭ شوپۇرىڭىزمۇ سىزنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتامدۇ؟بەلكىم بۇنى بىلمەيسىز.ئەمما بۇ ئاساسلىق مەسىلە ئەمەس،مۇھىمى سىز شۇ تاپتا ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى،باشقىلار سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىزدىن ئىسلامغا ياخشى-يامان باھا بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىشىڭىز

ئۆز تەرجىمەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11018
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10354
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3299 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 12:26:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن

ئاڭلىساڭ تىڭشايسەن يۈرەك نىداسى
كۆرىسەن كۆزۈمدىن سۆيگۈئىزناسى
كۆرىمەن سىنىڭدىن كۈلكە سىماسى
قەلبىمدە تولايمەن سۆيگۈ نىداسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 01:20:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن بىر قېتىم يوللانغانمۇ قانداق ؟

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 01:32:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 01:36:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىغا سەل مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ  نورۇز توغرىسدىكى تىما -ئىنكاسلار  يۇركىمنى سىقۋەتتى !مۇشۇ مۇنبەردىكى دىنىي ئولمالارنى ھاقارەتلەيدىغانلارنى ............. فەيغەمبەر ساللالاھۇ ئەلەيھۇ ۋەسسلەللەم  بىرەر ئىختىلاپ ياكى توقۇنۇشقا يولۇقساڭلار دەرھار بىز تەرەپكە قايتىڭلار دىگەن . ھەر گىزمۇ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ ئۇلۇغ مىللەتنڭ مىللى ئەنئەننىڭ ئەمەس بەلكى بىزتەرەپكە يەنى ئىسلام تەرەپكە دىگەن ...ئەنئەنمىز مۇنداق مىللىتىمىز مۇنداق دەپ باھانە كورسەتكەنلەر ئىمانىڭلار ئىتقادىڭلار شۇنچىلىككەن  !!!!!!بۇ دىن ھەرگىزمۇ سىلەردەك مىللەتچىلەرنىڭ دىنى ئەمەس ئاگاھ بولۇڭلار  .... قايىل بولمىساڭلار مەيلى ئەمما دىن ئولمالىرغا ھاقارەت قىلماڭلار  

ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17334
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8695
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 02:16:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلۇنۇپ  بىقىشقا تىگىشلىك،ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ھەممە ئادەم ئالدىراش ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل،،ھىچكىمنىڭ ھىچكىمبىلەن كارى يوق،ھەي

-شۈكرې اللە بەرگەن ھەربېركۈنلرېڭگە!دەرت-ئەلەمدېن ھەرۋاقېت يېراق قېل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5340
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2022
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 09:13:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
HAKANXUKUR يوللىغان ۋاقتى  2013-3-6 02:16 AM
ئويلۇنۇپ  بىقىشقا تىگىشلىك،ئەتراپىمىزغا قارايدىغان ب ...

توغرا ئېيتتىڭىز قېرىندىشىم،ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ نەپسىمىزنى قاندۇرۇش بىلەنلا ئاۋارە بولىۋاتىمىز................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5340
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2022
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 09:16:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركيار يوللىغان ۋاقتى  2013-3-6 01:20 AM
بۇرۇن بىر قېتىم يوللانغانمۇ قانداق ؟

ئادرىسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن؟بۇ ھەرگىز كۆچۈرۈلگن تېما ئەمەس،ئۆزۈم تەرجىمە قىلىپ مەرىپەت يولىغا يوللىغان،كېيىن تېخىمۇ كۆپ قېرىندىشىمىزغا ئۆزى ھەققىدە ئويلۇنۇش پەيدا قىلارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بۇ يەرگە يوللىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5340
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2022
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 09:21:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
delawur يوللىغان ۋاقتى  2013-3-6 01:36 AM
تىمىغا سەل مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ  نورۇز توغرىسدىكى تىم ...

كەچۈرۈڭ قېرىندىشىم.بۇ ئىمامنى ھاقارەتلەش مەقسىتىدە يېزىلغان ماقالە ئەمەس،بەلكى شۇ ئارقىلىق بىز مۇسىلمانلاغا ئويلۇنۇش پەيدا قىلىش،مەيلى نەگىلا بارمايلى  بىزنىڭ ئىش ھەركىتىمىز مۇسىلمانلارنىڭ ئىش ھەركىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ،باشقىلار بىر ئىنساننىڭ ئىش ھەركىتىگە قاراپ بىر پۈتۈن ئىسلامغا باھا بېرىدۇ،بىر ئىماملا ئەمەس ھەممە مۇسىلمان ئىسلامنىڭ ھۆرمىتىنى قوغدىشى كېرەك.بىرسىنى ئەيىبلەش ،ھاقارەتكەش مەقسىتىمىز ئەمەس بەلكى ئىبرەت ئەمىلىي ھەركىتىمىزدە كىچىككىنە بولىسىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش مەقسىتىمىز بولۇشى كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2781 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 10:00:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركيار يوللىغان ۋاقتى  2013-3-6 01:20 AM
بۇرۇن بىر قېتىم يوللانغانمۇ قانداق ؟

ئىككى قېتىم يوللانغان !

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش