تەۋبە قىلىشقا ئالدىراڭلار
ئى مۇسۇلمانلار! بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئىنسانلارنى يارىتىپ، سىناش ۋە ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچار قىلدى. پەرز- ۋاجىبلارنى بېكىتتى، ئۇ ئەمەللەر ئۈچۈن ئەجرى ۋە مۇكاپاتلارنى ۋەدە قىلدى، خاتالىقلىرىنى ئۆز پىتى قويدى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋاپقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ» (ئەنئام سۈرىسى 160- ئايەت).
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى بېكىتتى، كىمكى بىرەر ياخشىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلمايدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر مەقسەت قىلغان ياخشىلىقنى قىلسا ئۇنى ئاللاھ ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئەجرى بېرىدۇ. كىمكى بىرەر يامانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلمايدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا بىرياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر مەقسەت قىلغان يامانلىقنى قىلسا ئاللاھ ئۇنى ئۆز پىتى يازىدۇ، زىيادە قىلمايدۇ» (بۇخارىيدىن).
ئاللاھ ساۋاپقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ يوللىرىنى كۆپ قىلدى، پەرز ۋە ۋاجىپ ئەمەللەر خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ، دەرىجىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزمىسىلا، ئوقۇغان بەش ۋاخ نامىزى، ناماز بىلەن نامازنىڭ ئارىلىقىدىكى (كىچىك) گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ ۋە ئوقۇغان جۈمە نامىزى يەنە بىر جۈمەگىچىلىك بولغان (كىچىك) گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ، تۇتقان روزىسى يەنە بىر رامىزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى (كىچىك) گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ» (مۇسلىمدىن).
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىرىق خىسلەت بار، ئۇنىڭ يۇقىرىسى بىر مۇسۇلمان بۇرادىرىگە ئۆچكىنىڭ سۈتىنى سېغىپ ئىچىۋېلىش ئۈچۈن ئارىيەت بېرىپ تۇرۇشتۇر، قانداق بىر ئادەم ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنى تەستىقلاپ ئاشۇ خىسلەتلەرنىڭ بىرەرسىگە ئەمەل قىلسا شۇنىڭ ساۋابى بىلەن ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» (بۇخارىيدىن).
ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئىمان 60 ياكى 70 نەچچە شاخچە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دېيىش، (يەنىئېغىز بىلەن دېيىش ئارقىلىق ئۇ ئىماننىڭ پۈتۈن تەقەززالىرىغا ئىزچىل ئەمەل قىلىش- مۇھەررىر-) ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋىنى يولدىن ئىنسانلارغا ئەزىيەت يېتىدىغان نەرسىنى ئېلىۋىتىشتۇر ۋە ھايا ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر»( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).
ئەبى زەر ۋە ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، قايسى ئەمەل ئەۋزەلرەك؟ دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئاللاھغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش» دېدى. مەن: قايسى قۇلنى ئازات قىلىش ئەۋزەلرەك؟ دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«خوجايىننىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئېسىلى، قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى»دېدى. مەن: ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسامچۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«بىرەر قىيىنچىلىقى بار ئادەمگە ياردەم بەرگىن ياكى ئۆز ئىشىنى قاملاشتۇرالمىغان بىرەر ئادەمنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرگىن» دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دەپ باقسىلا، ئەگەر شۇ ئەمەللەرنىڭ بەزىسىنى قىلىشقا ئاجىز كەلسەمچۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشتىن ئۆزۈڭنى يىغقىن، بۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈن بولغان بىر سەدىقىدۇر» دېدى.( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: « سەن كىچىككىنە بىر ياخشىلىقنىمۇ ئاددى كۆرمە، ھەتتاكى بۇرادىرىڭگە ئىللىق چىراي بىلەن ئۇچرىشىپ تەبەسسۇم بىلەن قارىغىنىڭ تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدىغان ياخشىلىقتۇر» دەپ تەۋسىيە قىلدى(مۇسلىمدىن).
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەتىگەن ۋە كەچلىك تاماقلىرىدا، يېگەن ۋە ئىچكەن نەرسىلىرىگە شۈكرى ئېيتقان بەندىلىرىدىن بەك رازى بولىدۇ»(مۇسلىمدىن).
شۇنىڭدەك ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ نام - ئەمەل تارازىسىنىڭ ئېغىر بولىشى ۋە خاتالىقلىرىنىڭ يەڭگىل بولىشى ۋە بەندىلەرنىڭ ئاخىرەتتە نىجات تېپىپ، بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ يوللىرى ۋە سەۋەبلىرىنى كۆپ قىلدى، يامانلىق ۋە ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن توستى، گۇناھ - مەسىيەت ۋە بۇزۇقچىلىقتىن چەكلىدى، بۇنىڭغا ئىلىپ بارىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدى،
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، كىشىلەرگە ناھەق چېقىلىشنى، ( ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشقا) ئاللاھ ھىچ قانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى» (ئەراپ سۈرىسى 33- ئايەت).
ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:« مەن سىلەرنى بىر ئىشتىن چەكلىسەم ئۇنىڭدىن دەرھال يېنىڭلار، ئەگەر بىرەر ئىشقابۇيرۇسام ئۇنى تاقىتىڭلار يەتكىچە قەدەر قىلىڭلار»( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).
ياخشىلىقنىڭ جۇغلانمىسى، ئىشلارنىڭ ئاساسى ۋە بەخت-سائادەتنىڭ سەۋەبلىرىگە ئاللاھغا ھەقىقى تەۋبە قىلىش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»« ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار». (نۇر سۈرىسى1 3- ئايەت).
تەۋبىنىڭ مەنىسى ئاللاھ تەرەپكە قايتىش، يەنى چەكلەنگەن، ھارام ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، گۇناھ مەسىيەتلەرنى تەرىك قىلىپ، پەرز ۋە ۋاجىپ ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش، سەمىمى بولۇپ ئىلگىرى سادىر قىلغان گۇناھ - مەسىيەتلەرگە پۇشايمان قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەقىقى تەۋبە قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى كەچۈرىدۇ، يۈز بېرىش ئالدىدىكى ۋە كىيىنكى جازادىن ساقلايدۇ.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« ھالاك بولغان شەھەر ئاھالىلىرى ئىچىدە يۇنۇس قەۋمىدىن باشقىسىغا ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولغىنى يوق، يۇنۇس قەۋمى ئىمان ئېيتقاندا، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلىدىغان ئازابىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرەتتۇق، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىتقىچە يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر دۇنيادىكى شەيئىلەردىن بەھرىمان قىلدۇق». (يۇنۇس سۈرىسى98- ئايەت).
ئىبنى جەرىر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: قەتادە مۇنداق دېگەن: "ھالاك بولغان شەھەر ئاھالىلىرى ئىچىدە يۇنۇس قەۋمىدىن باشقىسىغا ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولغىنى يوق، ئۇلار پەيغەمبىرىنى يوقۇتۇپ قويغاندىن كىيىن، ئۆزلىرىگە ئازاب يىقىنلاپ كەلگەندەك ھېس قىلىشتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەۋبە قىلىشنى ئىلھام قىلدى، ئۇلار ئاددى كىيىملىرىنى كىيىپ، دۇنيالىق ئىشلىرىدىن ئايرىلىپ 40 كۈن ئاللاھغا ئىلتىجا قىلىپ يىغلاپ ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، ھەسرەت نادامەت چېكىپ سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى تەۋبە قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا يىقىنلاپ كەلگەن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتتى." تۈگىدى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە(يەنى ئۆمۈرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكىچە ھاياتى دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمان قىلىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر( ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار،(ئازابقا دۇچار بولىسىلەر) سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ چوڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن»( ھۇد سۈرىسى - 3 ئايەت).
ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ تەۋبە قىلىشى ۋاجىپتۇر، چوڭ گۇناھلار ئۈچۈن تەۋبە قىلىش كېرەك. ئىنسان گۇناھ ئىشلەۋاتقان ھالەتتە ئۆلۈم كېلىپقىلىشتىن ساقلىنىش لازىم، شۇنداقلا كىچىك گۇناھلار ئۈچۈنمۇ تەۋبە قىلىش كېرەك، چۈنكى كىچىك گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرۇش چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىپ سىلىشىغا ئاساس سالىدۇ. پەرز ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلمىغان ياكى چوڭ گۇناھلاردىن قول ئۈزمىگەن كىشىلەرنىڭ تەۋبىنىڭ شەرتلىرىنى تولۇق ئورۇنداش بىلەن بىرگە تەۋبىنىڭ قوبۇل بولىشىنى توسۇپ قويىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ ئاللاھغا يېلىنىشى كېرەك. ئەغرى ئىبنى يەسار مۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەي خالايىقلار! ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار ۋە ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ھەقىقەتەن مەن كۈندە يۈز قېتىم تەۋبە قىلىمەن»(مۇسلىمدىن).
مەنبە:كومپيۇتىرىمدىن