ياپونىيە دىياۋيۇ ئارىلى بىلەن بولغان ئارلىق 200 كىلمېتىر كىلىدىغان جۇڭگۇغا ئەڭ يېقىن بولغان داۋيۇ ئارىلىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى قارار قىلدى،
(تەرجىمە قىلغۇچى:تىلماچ13)
جۇڭگۇغا بولغان ھۇشيارلىق نازارەت سالمىقىنى كۇچەيتىش ئۇچۇن ياپونىيە ھۆكۇمىتى جۇڭگۇغا ئەڭ يېقىن بولغان يۇنا كۇك سۇم ئارىلىغا ئۆزىنى قوغدىغۇچى قىسىم ئۇرۇنلاشتۇرۇپ.قىرغاقىنى نازارەت قىلىشنى پېلانلىدى.خان جەمەتى ئىچكى كابېنېتى بۇ پىلاننىڭ كونكىرىت مەزمۇنىنى دېڭىز-ئوكيان ئاساسى پىلان لاھىيەسىگە كىزگۇزۇپ،ياپونىيە ھۆكۇمىتىنىڭ بۇنۇڭدىن كېيىكى دېڭىز-ئوكيان ئىستىراتتتېگىيسىنىڭ يېتەكچى فاڭجىنى قىلدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشچە،ياونىيەنىڭ ئاتالمىش زىمىن ۋە دېڭىز تەۋەلىكىنى قوغداش ۋە ياپونىيە دىياۋيۇ ئارىلنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش بويىنچە ھۇشيارلىق تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتىش ئۇچۇن، ياپونىيە ھۆكۇمىتى ئاللاقاچان مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ،ياپونىيەنىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئوك ناۋا جىما ناھىسىنىڭ يۇنا كۇك سۇم ئارىلىغا ئۆزىنى قوغدىغۇچى قىسىم ئۇرۇنلاشتۇرۇپ،قىرغاقنى نازارەت قىلىشنى پىلانلىدى،ھەمدە بۇ تەدبىرنى دېڭىز-ئوكيان ئاساسى پىلان لاىيەسىگە كىرگۇزۈشنى پىلانلىدى.
ياپونىيە تارقاتقۇچىللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا يۇنا كۇك سۇم ئارىلىنى قوغدايدىغانلار رادار سېستېمىسى ئىزدىگۇچى پاراخۇتلار ئارقىلىق ئاخپارات ئېگەللەيدىغان كۇزەتچى قىسىم بۇلۇپ،10 نەپەر كىشىدىن تەركىپ تاپقان.
خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە،ھۆكۇمەت ئارالغا ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىم ئەۋەتمەسلىكى مۇمكىن،ئەمما يۇنا كۇك سۇم ئارىلىدا ئۇزۇنلۇقى 2000 مېتىر كېلىدىغان ئايرۇپىلان ئۇچۇش يولى بۇلۇپ،بۇ كەلگۇسىدە بوشلۇقتىن پاراشۇت بىلەن سەكرەپ چۇشكۇچى قىسىمنى قۇرال ئىشلىتىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
يۇنا كۇك سۇم ئارىلى ريۇكيۇ تاقىم ئارىلىنىڭ باجوڭشەن تاقىم ئارىلىغا جايلاشقان بۇلۇپ،توكيو بىلەن بولغان ئارلىقى 2028كىلومېتىر كىلىدۇ،جۇڭگۇ تەيۋەنگە پەقەت 110كىلومېتىر بۇلۇپ،جۇڭگۇنىڭ دىياۋيۇ ئارىلى بىلەن بولغان ئارلىقى 200 كېلومېتىر ئەتراپىدا.
يۇنا كۇك سۇم ئارىلى ئالاھىدە جۇغراپىئەلىك ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقتىن،ياپونىيە جۇڭگۇ-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى دىياۋيۇ ئارىلى نىزاسىى سەۋەپلىك قاتمال ھالەتكە چۇشۇرۇپ قۇيۇشتىكى مۇھىم ئۇرۇن بۇلۇپ،يۇنا كۇك سۇم ئارىلىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش ھەركىتىنى يەنە بىر قېتىم تېزلەتتى،ياپونىيە ئاتالمىش ئارال قوغداش كۈچىنى كۈچەيتكەندىن باشقا،تېخىمۇ چۇڭقۇر قاتلاملىق سەۋەپ شۇكى،بىرىنچى ئارالنىڭ باغلىنىشچان سېستىمىسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت.
ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە ريۇكيۇ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،ياپونىيە ھۆكۇمىتى بېكىتكەن ئوتتۇرا مەزگىللىك مۇداپىئە كۇچى پۇتكۇل تەييارلىق پىلانى ئاساسىدا،يۇز بىرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىختىلاپقا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن،ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە ئۆلكللىرى يۇنا كۇك سۇم ئارىلىدىكى دېڭىز قىرغىقىدا ھۇشيارلىق كۈزەتكۇچى قىسىم ئۇرۇنلاشتۇرغاندىن باشقا،يەنە غەربى-جەنۇپتىكى ئاراللاردا جىددى ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمى ئۇرۇنلاشتۇرماقچى.
مەنبە:WWW.ZKXWW.COM 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-5 02:14 PM