مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1970|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇريېمەك-ئىچمەك مەدىنىيىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1288
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 21402
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1206 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 01:01:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇندىن يەتتە-سەككىز يىل بۇرۇن ھەر يەكشەنبە كۈنى بىرىلىدىغان ‹‹يەكشەنبىلىك سۆھبەت ››پىروگىراممىسىدا ،تاماق  چىقىرىش زالى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان تاماقخانا ئىچىشنىڭ، بۇ ئەسىردىكى يېڭى يۈزلىنىش بولىدىغانلىقىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتكەنىدى .مانا ئارىدىن خىلى يىللار ئۆتتى ،راست دېيىلگىنىدەك بۇرۇن تاماق چىقىرىش زالىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ،كۆرگەن تەقدىردىمۇ تازىلىقى ئىنتايىن ناچار بولغانلىقتىن كىشىلەرتاماق يېيىشتىن سەسكىنىدىغان ۋەزىيەتتىن ھازىرقى تەدرىجى تاماق چىقىرىش زالى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ،ئازادە يورۇق ،تاماقخانىلار
ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى. ‹‹مىراج تاماقخانىسى›› باشلاپ بەرگەن بۇ يېڭى يۈزلىنىش ئۇيغۇر جەمىيىتىدە يېڭىچە بىر مىللى تائام مەدەنىيەت دولقۇنىنى كۆتۈرىۋەتتى .
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تائام مەدەنىيىتىنى يۈزەكى قارىغاندا مۇنداق بەش باسقۇچلۇق تەرەققىيات مەنزىلىنى بىسىپ ئۆتتى دېيىشكە بولىدۇ ،بىرىنجى باسقۇچ قورساق تويغۇزۇشنى مەقسەت قىلغان ،
ئەنئەنىۋى ئاشخانا باسقۇچى ،بۇ باسقۇچ كىشىلەرنىڭ ماددى تەلىپىنىڭ ئاساسى ئورۇندا تۇرغان ۋاقىتتا بولۇپمۇ قورساق توق ،كېيىم پۈتۈن بولۇش دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ھەممە كىشىلەرنىڭ ئاساسى غىزالىنىش مەقسىتى ئىدى ،90-يىللارنىڭ باشلىرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە‹‹رىستۇران ئىنقىلابى ››دەۋرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تائام مەدەنىيىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچ دېيىشكە بولىدۇ ،بۇ باسقۇچ كۆڭۈل ئىچىش بىلەن  غىزالىنىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن بىر دەۋىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ،ئۈچىنچى باسقۇچ تىز تاماقخانىلىشىش دەۋرى بۇ دەۋر يېڭى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باشلانغان بولۇپ كىشىلەرگە ئازادا ،پاكىز ،بولۇپمۇ تاماق تەييارلاش بۆلىمى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان تىز تاماقخانا ئىچىش دەۋرىگە قەدەم قويدى .بۇ دەۋردە ئۇيغۇر تائام  مەدەنىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرگە قەدەم قويدى دىيىشكە بولىدۇ ،تۆتىنچى باسقۇچ چاي-تائاملار ئاساس قىلىنغان ،غەربچە ،جۇڭگوچە ،مىللىيچە ،تۈركچە تائاملار ئاساس قىلىنغان غىزالانغۇچىلارغا مۇئەييەن سىترولۇق بوشلۇق ،ئېسىل تائام ئازادە مۇھىت ئەلا مۇلازىمەت ،كۆڭۈل ئىچىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ھازىرقى تائام مەدىنىيىتىمىزدىكى ئومۇمى يۈزلىنىش دەۋرى ،بەشىنچى باسقۇچ بولسا چاي –تاماقخانا باسقۇچىدىن بىر پەللە يۇقىرى بولغان ،غىزالىنىش ،كۆڭۈل ئىچىش ،بەدىئى زوق ئىلىش ،ھەرخىل تاۋارلارنى سىتىۋىلىش بىر  گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە بىر غىزالىنىش دەۋرى دىيىشكە بولىدۇ.بۇھازىر پەقەت بىر نەچچە يېمەك-ئىچمەك كارخانىسىنىڭ دەسلەپكى ئۇل سىلىشى بىلەن بازار ئىچىش باسقۇچىدا تۇرماقتا ،كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىش بولسا چوقۇم بەشىنجى
باسقۇچ سىترولۇق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن غىزا مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ تىخىمۇ يۇقىرى ئىستىماللىق ،تىخىمۇ ئازادە ئېسىل مۇھىتلىق ،چاي –تائاملار مەدەنىيىتى بولۇپ قالىدۇ ،بۇ بەش باسقۇچ ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى سەۋەبلىك قاتلاممۇ قاتلام تەرەققىياتلارغا ئېرىشمەكتە ،بولۇپمۇ بۇرۇنقى ھەممە كىشى باي كەمبەغەل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر‹‹ ئوخشاش لەغمەن يېيىشتىن›› ھەر كىشى ئۆز ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قاراپ تاللايدىغان بىر دەۋرگە قەدەم قويدى دېيىشكە بولىدۇ .
شەھەرلىشىش دولقۇنىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ،خىزمەت ئالدىراشلىقى ،مەيلى باشقا سەۋەبلەر بولسۇن ئۇيغۇر جەمىيىتى ،ۋە ياكى ئىچكىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەر بولسۇن غىزالىنىش جەھەتتە تۆۋەندە دېيىلگەندەك ھەرخىل سەۋىيەدىكى تاماقخانىلارغا بولغان ئېھتىياجى كۈنسىرى ئاشماقتا ،بۇ ئۇيغۇر يېمەك ئىچمەك كارخانىلىرى ئۈچۈن بىر بوشلۇق يېڭى پۇرسەت ئىلىپ كەلمەكتە ،بولۇپمۇ دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ كۆپ بولۇشى مىللى يىمەك –ئىچمەك كارخانىلىرىمىزغا يېڭى ئۈمىدلەر ئىلىپ كەلدى،بۇ پۇرسەت بىلەن ئۇيغۇر تائام مەدىنىيىتى
دۆلىتىمىز ئىچىگەۋە خەلقئاراغا تونۇتۇشقا بەل باغلىغان ،بىر قىسىم ئۇيغۇر يېمەك –كارخانىلىرى باشلامچىلىق بىلەن يول ئېچىشقا باشلىدى .
مەن تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ بىر قىسىم چۈشەنچىلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتەي .
بىر نەچچە يىللار مابەينى  مىللى يىمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى ،تاماقخانا مۇھىتى تاماق چىقىرىش بۆلىمىنىڭ پاكىزلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ يەنىلا بەزى تاماقخانىلار دېگەندەك ئەھمىيەت بىرەلمەي قىلىۋاتىدۇ ،خۇددى ئۆزىنىڭ ئاشخانىسىدىن ئۆزى تاماق يىيەلمەي ‹‹لوبەن سىرتقا تاماق يىگىلى چىقىپ كەتكەنتى ››دېگەن دەك ئەھۋاللنىڭ يۈز بىرىۋاتىدۇ .
تاماقخانىلىرىمىزدا ئاساسلىقى ھازىر مىللىيچە،غەربچە،جوڭگۇچە،تۈركچە ،روسچە....تائاملارنى ئاساس قىلماقتا ،ھەرقايسى تاماقخانىلار ئۆزيىرىنىڭ ئىھتىياجى، ئۆز ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئالاھىدە تائام تۈرلىرى ،ئۆزگىچە تاماقلىرى بىلەن خىرىدار جەلىب قىلىشنى ئاساس قىلىپ ،بىزەش جەھەتتە مىللىيلىك ،زامانىۋىلىق ،ئەنئەنىۋىلىك بىزەش ياكى ئۈچىلىسىنى بىرلەشتۈرۈش بىزەش ئاساسى ئىقىم بولماقتا ،مېنىڭچە شىنجاڭ ئىچىدە ئىچىلىۋاتقان تاماقخانىلار مىللىيلىك ،ئەنئەنىۋىيلىك بىزەشنى ئاساس قىلسا بولىدۇ ،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مىللى تاماقخانىلار شۇ جاينىڭ ئەمەلى شارائىتىغا ئاساسەن سىترولۇق بىرلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلىپ ئامال بار مىللىيچە ئەنئەنىۋىلىككە ۋارىسلىق قىلىنغان ،مۇلازىمەتچى ئىشچى خىزمەتچىلەر كېيىمىمۇ شۇنىڭغا ماسلاشقان ئاساستا ئىلىپ بىرىلسا مىللىيلىكىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈشتە خىلى رول ئوينايدۇ ،تاماقخانا ئاچقۇچىلار ھەدىسىلا جوڭگۇچە ،غەربچە تائاملارغىلا ئىسىلىۋالماي مىللى تاماق تۈرلىرىمىزنى كۆپەيتىش ئىچىش تەرەققى قىلدۇرۇشنىمۇ ئالاھىدە ئويلاپ قويۇشى مۇھىم چۈنكى جەميتىمىز ھامان غەرب ۋەجوڭگۇچە تائاملارغا تويىنىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللىيچە تاماقلارنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەن كۆزگە كۆرۈنمەكتە .
تاماقىانا ئېچىشتا ئارقا سەپ خادىملىرى ،بىزىلىشى ،تاماق سۈپىتى تازىلىق ھالقىلىرىدىن باشقا مۇلازىمەتچىلىك ،مۇلازىملار ھالقىسى بۇ ھالقا ئىنتايىن مۇھىم، مىللى تاماقخانىلارنىڭ كۆپلەپ ئىچىلىشى بىلەن نۇرغۇن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ بەردى، شۇ سەۋەبلىك يېزىلاردىكى ئىشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ،ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارغا ئوبدان شارائىت يارىتىپ بەردى .لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن تاماقخانىلاردا ئادەم كۈچى يىتىشمەسلىك كۆرۈلمەكتە،
جەمئىيەتتە بولسا لاغايلاپ يۈرىۋاتقان ياشلار توپى ،يىرىدىن ئايرىلغان دېھقان باللىرى ،بۇخىل ۋەزىيەتنى ئوڭشاش يالغۇز تاماقخانىلارغا باغلىق بولۇپلا قالماستىن كەڭ جەمىيەت ھۆكۈمەتكە باغلىق يېزىدىكى ئەمگەك كۈچلىرى ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ياشلارنى مۇلازىمەتچىلىك ساھەسى بويىچە سىستىمىلىق تەربىيلەش لازىم ھازىر يېزىلىمىزدىكى ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇنقى كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلەش ئاساسەن قۇرۇق شەكىلۋازلىق ،ئۆلۈك تەربىيلەشنى ئاساس قىلماقتا ،دۆلەت ئاجراتقان نۇرغۇن مەبلەغ ساندا بار ،سۈپەتتە يوق بولۇپ ئەمىليەتتە بۇنداق تەربىيلەشنىڭ ھىچقانچە  ئۈنىمى يوق بولماقتا ،
مۇنداق بىر قىزىقارلىق ۋەقەنى يىزىشنى لايىق تاپتىم بۇيىل قىشتا بىزنىمۇ سۇۋاركىچىلىقتا كەسپى تەربىيلەش ئىلىپ باردى ،لېكىن كىم بىلسۇن بىز بارغان كۈنىسى تەكشۈرۈش ئۆمىكى چىقىپتۇ ،بىزگە دەرس ئۆتكەن مۇئەللىم دەرس ئۆتىۋاتقنى ئىككى ئاي بولدى دەڭلار دىدى ،بۇ قىتىمدىن ئۆتۈپ كىلەر قىتىم  كەلسەكلا كەسپى ئىشقا چىقىش گوۋاھنامىسى بىرەمىش ،شۇنداق قىلىپ تۇنجى كۈنى دەرس ئاڭلاپلا ئىككى ئايلىق دەرس تۈگىدى .
يالغۇز كەسىپ جەھەتتىن تەربىيلەپلا قالماي روھى ئىددىيە جەھەتتىن تەربىيلەش ئىنتايىن مۇھىم ،مۇلازىمەچىلىكنىڭمۇ باشقا كەسىپلەرگە ئوخشاشلاياخشى كەسىپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش كىشىلەرنىڭ ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ،ئىستىمالچىلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ،تاماقخانىلارمۇ ئىشقا چۈشۈشتن بۇرۇن قىسقا مەزگىللىك كەسپى ساپا ،روھى ساپا بويىچە بويىچە ئۈنۈملۈك تەربىيلەشكە ،كۈچلۈك ساپالىق باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى تەربىيلەش چىقىش ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش شۇ ئارقىلىش باشقا خىزمەتچىلەرگە تاماقخانا خېرىدارلىرىغا ياخشى تەسىر بىرىش كېرەك.
يېمەك ئچمەك سورۇنلىرى ئېتىبار بىلەن قارايدىغان يەنە بىر مەسىلە ،‹‹ئەخلەت ياغ ۋەقەسى ››يەنە ھارام ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىشلىتىش ۋەقەلىرى مەيلى راست بولسۇن ،مەيلى يالغان بولسۇن جەمئىيەتكە تارقىلىپ يېمەك –ئىچمەك كارخانىلىرىغا ناچار تەسىر بەردى ،ئەلۋەتتە ئۆزىنى ۋىجدانلىق دەپ قارايدىغان تاماقخانا خوجايىنى ئۇنداق ئىشلارنى قىلمايدۇ دەپ قارايمەن ،لېكىن بەزى نەپسانىيەتچى ،پۇلنىلا كۆزلەيدىغان خوجايىنلار ئىستىمالچىلارنىڭ  ھاياتى بىخەتەرلىكى بىلەن ئويلاشماي شۇنداق ۋەقەلەرمۇيۈز بىرىپ قالدى ،شۇڭا ئىستىمالچىلارمۇ ئامال بارئۆزلىرى ئىشەنچلىك دەپ قارىغان چوڭراق تاماقخانىلارغا كېرىپ غىزالانسا بۇنداق مەسىلىلەرگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلسا دەپ قارايمەن ،تاماق چىقىرىش رايونىدىكى يەنە بىر مەسىلە ،تەم تەڭشىگۈچى ماتىرياللارنىڭ ھالاللىقى ،شۈبھىسىزلىكى بۇمۇ يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە ئويلىنىشقا تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك بىر بوشلۇق دەپ قارايمەن ،كۆپلىگەن يەمەك –ئىچمەك تىتىقۇلىرى ،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ،چەئەللەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇماتىرياللارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ھالال ۋە ھاراملىق مەسلىسى بىزگە نا ئېنىق بولماقتا ،شۇڭا ئۇيغۇر كارخانىلىرى مۇشۇ تەم تەڭشىگۈچ ،تىتىقۇلارنى بولسا ئۆز رايونىمىزدا ئىشلەپ چىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا (ھالالقىغا ئىشەنچ قىلغان ئاساستا )ئىستىمالچىلارنى ئىشەنچلىك شۈبھىسىز ئىستىمال قىلىش مۇھىتىغا ئىگە قىلسا دەپ قارايمەن .
تاماقخانا خوجايىنلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم شۇكى تاماقخانا غىزالىنىدىغان ،بىردەم يىرىم مۇڭدىشىدىغان ،ھۇزۇر ئىلىپ خۇشال قايتىدىغان سورۇن ،ھەرگىزمۇ قانۇنغا، ئەخلاققا خىلاپلىق ئىشلارنى بىجىرىۋالىدىغان خۇپىيانە سورۇن ئەمەس .شۇڭا تاماقخانا ئايرىمخانىلىرى ئالاھىدە دىققەت قىلىش ،قىمار ئويناش ،زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش ،ھەرخىل ناشايان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويماسلىق كېرەكتۇر ،ئەپسۇس بەزى  خىلى نامى بار تاماقخانىلارنى كۆزىتىشىمچە ،پۇل تىپىشنى مەقسەت قىلىپ خىرىدارلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقۇپ شۇنداق قانۇن ،ۋە ئەخلاققا خىلاپ ئىشلاغا يىشىل چىراغ يىقىپ بىرىۋاتقىنىنى كۆردۈم ،ھەتتە دۆلىتىمىز يىقىندىن بۇيان ئاممىۋى سورۇنلاردا  تاماكا چىكىشنى مەنئى قىلدى ،خىلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر يىمەك –ئىچمەك كارخانىلىرى تاماقخانلىرىدا تاماكا چىكىشنى مەنئى قىلغان بولسىمۇ بەزى تاماقخانىلار
خۇددى تاماقخانا ئاممىۋى سورۇن ئەمەستەك  بۇ مەسلىگە پەرۋاسىز قارىماقتا ،يەنەبىرخوجايىنلارغا ئىلتىماس ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە شۇنچە كۆپ مەبلەغ سىلىپ ئۇيغۇر تائام مەدىنىيىتىنى دۇنياغا تونىتىمەن دېگەن كىشى ،ئۆز تاماقخانىسىغا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ماددى مەنپەتىنى چىقىش قىلىپلا ،ھاراق سالسا بۇ قانداقمۇ ئۇيغۇر تائام مەدىنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتقانلىق ،ئۇيغۇر مەدىنىيتىنى گۈللەندۈرگەنلىك بولسۇن ،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسلىگە تاماقخانا ئىچىۋاتقان خوجايىنلار دىققەت قىلسا دېگەن ئۈمىتىمەن .
مەن قەشقەردىكى خىلى كۆپ تاماقخانىلارنىڭ تاماق تىزىملىكىنى كۆرۈپ باقتىم ،بۇ تاماقلارنىڭ ئىسىملىكى 30پىرسەنت ھەتتا 60 پىرسەنتقىچە ئۆز تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنمىغان ،قانداق تىلدا بولسا شۇ تىلدىلا يىزىپ قويغان ،ھەتتا كاۋاپ دېگەن ئۇيغۇرچىدا يوق گەپتەك ‹‹كاۋرو›› دەپ تەرجىمە قىلىپ قويغان ئەھۋاللارئىنتايىن ئىغىر،شۇنداق يىزىپ قويغانلىقتىن ھەتتا ئىستىمالچى ،مۇلازىمەتچىلەرمۇ شۇ دەۋاتقان تامىقىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنىڭ نېمە ئېكەنلىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن جەمىيەت ۋە ئاش تاماقخانا خوجايىنىلىرى بۇ مەسلىگە ئالاھىدەدىققەت بىلەن قاراپ تاماق تىزىملىكىنى ساپ ئۇيغۇرچە قىلىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،مەنمۇ ئۆزۈم ئىزدىنىپ باشقىلاردىن سوراپ غەربچە ،جۇڭگۇچە تائاملارنىڭ مەن كۆرگەن تاماق تىزىملىكىدىكى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى يىزىپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن .
ئاخىرىدا كەڭ جەمىيەت ۋە ئىستىمالچىلاردىن كۈتىدىغىنىم شۇكى ،ئۇيغۇر مىللىتى ئەزەلدىن تارتىپ بىر مېھماندوست مىللەت .بىر مويسىپىت كىشىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان مۇنۇ گەپنى نەقىل كەلتۈرەي ‹‹بۇرۇن مېھمان كەلسە ئۆيگە باشلاپ ئۆيدە مېھمان قىلاتتۇق ،لېكىن ھازىرچۇ ؟ئۆيگە باشلاپ بىر پەتە قىلدۇرماي ئۇدۇللا ئاشخانىگە باشلاپ مىھمان قىلىپ كەچتە مىھمانخانىدىن ياتاق ئىلىپ شۇ يەردە قوندۇرىدىغان بولدۇق ،بۇرۇن ئۆيىمىزگە مىھمان كەلسە ئەقەللىسى بىركۈن بولمىسا خىلى كۈنلەر قوندۇرالايتتۇق ،مانا ھازىر نەگە قارىسىڭىز مىھمانخانا ،ئاشخانا ،مىھمانخانىدىكى ناچار قىلىقلار ......ھەي ››دەپ ئىغىر ئۇھ تىنغانىدى ،ھازىر راست ئۆيلىرىمىز بىنالىشىپ كەتتى ياشاش بوشلۇقىمىز ،تىخىمۇ تارىيىپ كەتتى ،خىزمەت بىسىمى ئالدىراش بولۇپ كەتتى ،دېگەندەك تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆيدە تاماق ئىتىش ئازىيىپ كەتتى ،مېنىڭچە بۇنىڭ پايدىلىق تەرىپىلا بولۇپ قالماي يەنە جەمىئەتتە بىر قىسىم  مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ ،بۇ دېگىنىم ھەرگىزمۇ تاماقخانىغا كېرمەڭلار دېگىنىم بولماستىن پەيدا بولۇۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئويلىغىنىم خالاس ،بۇ تەرەپتىكى مەسىلە ئاياللارنىڭ ‹‹قاتار چاي ››مەسلىسى بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارايمەن ،بەزى ئاياللارغا قاراپ شۇنداق ھەيران قالىمەن ‹‹قاتار چاي›› دەپ يىرىم كېچىلەرگىچە ئولتۇرۇشلار كېيىم-كىچەك غەيۋەتتىن باشقا گەپ بولمايدىغان بىكار ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ،ھەتتا يېڭىدىن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققان قىزلارنىڭمۇ ‹‹ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلاقنى كەس››دەپ ‹‹قاتار چاي ››سورۇنلىرىدا سائەتلەپ ئولتۇرۇشى ئەلۋەتتە بىزنى ئەپسۇسلاندۇرماي قالمايدۇ ،بىركۈنى بىر ‹‹قاتارچاي›› سورۇنىدا ئاياللارنىڭ قىلىشقان مۇنۇ گېپىگە قۇلىقىم چۈشۈپ قالدى ،‹‹قانداق قىلاتتىڭ ئۇنداق مازنى، بالىغا تارتىشىپ ياشاۋىرەمسە بالا دېگەن ئۆلمىسە چوڭ بولىدۇ ،ياشلىقىڭدا ئوينا دەپتىكەن .....››دەپ تالاي گەپلەرنى قىلدى ،ھەي دوستقا مۇشۇنداق تەسەللى بىرەمدۇ .
يەنە بىر تەرەپتىن تاماقخانىدا ئىتىلگەن تاماق ھەرقانچە پاكىز تۈجۈبىلەپ ئىتىلسىمۇ ،ئۆيدە ئاياللار ئەتكەن تاماققا ئوخشاش تېتىملىق بولمايدۇ ،تاماقخانىلارنىڭ ئاۋات بولۇپ كېتىشى يەنە بىر تەرەپتىن ئاياللارنىڭ تاماق ئېتىشنى بىلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.‹‹ئۆيدە بەرىكەت ››دەپ ئۆيدە ئىتىلگەن ،ئۆيدە يېيىلگەن تاماقنىڭ ئالاھىدە بەرىكىتى بولىدۇ ،مەن چۈشەنچىلىرىمنى مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alzaman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-5 01:37 PM  


قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 06:17:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ئەتراپلىق ئىزدىنىپ يېزىلغان ماقالىكەن .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 07:31:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتراپلىق تەپەككۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91100
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2013-2-3
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 08:16:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2492
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10734
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 04:28:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن رەخمەت سىزگە!....

ئەرنىڭ مىڭلارچە دۈشمىنى بولمىسا كۈنىگە مىڭ قېتىم غەيۋىتى بولمىسا،ئۇ قانداق ئەر بولسۇن؟ قارا ، مىڭ ئىتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ قېچىپ كەتكەن بۆرە بۆرە بولامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2492
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10734
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 04:29:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن رەخمەت سىزگە!....

ئەرنىڭ مىڭلارچە دۈشمىنى بولمىسا كۈنىگە مىڭ قېتىم غەيۋىتى بولمىسا،ئۇ قانداق ئەر بولسۇن؟ قارا ، مىڭ ئىتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ قېچىپ كەتكەن بۆرە بۆرە بولامدۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش