مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3870|ئىنكاس: 19

ئاتۇشتىن تىپىلغان تاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77995
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3204
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 12:10:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈستۈن ئاتۇشتىن تىپىلغان تاش





-----------------------------------------------------------------------

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامان ئاخىرى ۋە قىيامەت ئالامەتلىرى ھەققىدە ئالدىن خەۋەر بەرگەنلىكى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ۋە بۈگۈنكى كۈندە بىز خەلق ھاياتىدا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتقان قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئىنسان (مال - دۇنيانى) ھالال يول بىلەن تاپتىمۇ ياكى ھارام يول بىلەن تاپتىمۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدىغان زامان كېلىدۇ" دېگەن سۆزىدۇر. (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).

   ئىبنى تىيىن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مال - دۇنيانىڭ پىتنىسىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ بۇ خەۋەرنى قىلغانىدى. بۇ ئەينى زاماندا ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىشلاردىن بېرىلگەن خەۋەر بولغانلىقتىن ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ" دەيدۇ.

   مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى كۈندە ئۆسۈم - جازانە مۇئامىلىسىنىڭ كەڭ تارقىلىشى، ئىقتىسادىي ھاياتنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىدە ئۆسۈم - جازانە مۇئامىلىسىنىڭ كىرىپ كېتىشى بىلەن چوڭ بىر پىتنىگە دۈچ كەلمەكتە. ئۆسۈم - جازانە مۇئامىلىسىدىن يىراق تۇرۇۋاتىمىز دېگەنلەرگىمۇ ئۇنىڭ چاڭ توزاڭلىرى يەتكەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "خەلق ئۆسۈم - جازانە يەيدىغان بىر زامان كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن يېمىگەن كىشىلەرگىمۇ ئۇنىڭ چاڭ توزاڭلىرى يېتىدۇ" دېگەن سۆزىنىڭ تەستىقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. (نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماججە رىۋايىتى).

   ئىمام سىندى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ پىتنە ھەققىدە توختۇلۇپ: "بۇ پىتنە ھازىرقى زاماندا ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇسۇلمانلارغا بالا بولماقتا. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۆجىزىسى نامايان بولىدۇ" دەيدۇ.

   بۇ ئەھۋال بىزنىڭ زامانىمىزدا تېخىمۇ ئېغىر. ئۆسۈم - جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بانكىلار خەلقنىڭ پۇل - مېلىنى ساقلاپ بېرىدىغان ساندۇقلارغا ئايلاندى. بەلكى ئىنسانلار مائاش، ئىش ھەققىلىرىنى ئۆسۈم - جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بانكىلار ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالىدىغان بولدى، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم كېچەك قاتا رلىق ئېھتىياجلىرىنى سېتىۋالغاندىمۇ سېتىۋالغان نەرسىلىرىنىڭ پۇلىنى يەنە شۇ بانكىلار ئارقىلىق بېرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ۋە بۈگۈنكى كۈندە بىز خەلق ھاياتىدا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتقان قىيامەت ئالامەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت تۇنۇش - بىلىشلىرىگىلا سالام قىلىدىغان ئادەتنى شەككىللەندۈرگەنلىكىدۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ : "بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە پەقەت تۇنۇشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا سالام قىلىشى قىيامەت ئالامەتلىرىدىندۇر". (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا سالام - ساھەتلەرنىڭ تۇنۇش - بىلىشلەرگىلا خاسلاشتۇرۇلىشى، تىجارەتنىڭ كېڭىيىپ، ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنى تىجارەتكە مەسئۇل قىلىشى، سىلە - رەھمنىڭ ئۆزۈلۈشى، يالغان گۇۋاھلىق بېرىلىشى، ھەق گۇۋاھلىقنىڭ يۇشۇرۇلىشى، قەلەمكەشلىكنىڭ مەيدانغا چىقىشى قاتارلىق ئىشلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ". (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

  سالام - ساھەتلەرنىڭ تۇنۇش - بىلىشلەرگىلا خاسلاشتۇرۇلىشى خەلق ئىچىدە ئومۇملىشىۋاتقان ئىش بولۇپ، تونۇمايدىغانلارغا سالام قىلمايدىغان، پەقەت ئورۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىلىرىگىلا سالام قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلىگە ئايلاندى. چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان غەيبىي خەۋەر ئىدى.

   بۇ ھەدىس تىجارەتنىڭ كېڭىيىپ، ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنى تىجارەتكە مەسئۇل قىلىشى، سىلە - رەھمنىڭ ئۆزۈلىشى، يالغان گۇۋاھلىق بېرىلىشى، ھەق گۇۋاھلىقنىڭ يۇشۇرۇلىشى قاتارلىق ئشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، زامانىمىزدا مۇنداق ئىشلار كۆپەيمەكتە.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلەمكەشلىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋرى تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكتۇر. بۇ ئىش پەقەت مۇشۇ ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىقتى. مىللەت ئارىسىدا ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئازىيىپ، قەلەم توتالمايدىغانلار ئاز قالدى. بولۇپمۇ ئۈگۈنۈش، تەلىم - تەربىيە يوللىرىنىڭ ئاسانلىشىشى نەتىجىسىدە ئىنسانلار ئارىسىدا ساۋاتسىزلىققا پۈتۈنلەي خاتىمە بېرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن ئون تۆت ئەسىر بۇرۇن خەلق ئارىسىدا يېزىقچىلىقنىڭ كەڭ تارقىلىدىغانلىقىنى قانداق بىلگەن؟ ۋاھالەنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىسنى سۆزلىگەن ۋاقىتتا يازالايدىغانلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشمايتتى.

   قىيامەت ئالامەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنىڭ جۈملىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "خەلقنىڭ مەسجىدلەر بىلەن پەخرىلىنىشى قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر" دېگەن سۆزىدۇر. (نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماججە قاتارلىقلار رىۋايىتى).

   ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "خەلق ئالى مەسجىدلەرنى سېلىپ پەخىرلىنىدۇ ئەمما بۇ مەسجىدلەردە ئىبادەتلەر ناھايىتى ئاز بولىدۇ" دېگەنىدى.

   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇ خەۋەرنىڭ چوقۇم روياپقا چىقىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ: "يەھۇدىلار ۋە ناسارالار ئىبادەتخانىلىرىنى زىننەتلىگەندەك، چوقۇمكى سىلەرمۇ مەسجىدلەرنى زىننەتلەيسىلەر" دېگەنىدى.

   ئىبنى رۇسلان رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بۇ ھەدىستە بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشتىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، قاھىرە، شام، بەيتۇلمۇقەددەس قاتارلىق ئەللەرنىڭ پادىشاھ ۋە شاھزادىلىرىنىڭ مەسجىدلارنى زىننەتلەپ، ئۇنىڭ بىلەن پەخرىلىنىشى كۆپىيىپ،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى نامايان بولدى" دېگەنىدى.

   بۇ ئەجەبلىنەرلىك خەۋەرلەرنىڭ جۈملىسىدىن خەلقنىڭ قۇرۇلۇشلاردا پەخىرلىنىدىغانلىقى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىن خەۋەر بەرگەنلىكىدۇر. سەھىھ مۇسلىمدا جىبرىئېل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدا سورىغان  سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: " دېدەكنىڭ خوجايىنىنى تۇغىشى، يالاڭتۆش، يوقسۇل، پادىچىلارنىڭ قۇرۇلۇشلاردا ئۆز ئارا پەخىرلەنگەنلىكىنى كۆرۈشۈڭ قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر". (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

   ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، سەھرالىق ۋە ئۇلارغا ئوخشاش يوقسۇللار ۋە ھاجەتمەنلەرنىڭ قۇرۇلۇشلاردا  پەخىرلەنگىدەك دەرىجىدە مال - مۈلۈكلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ" دەيدۇ.

   بۇ خەۋەر زامانىمىزدا روياپقا چىقتى، ئىلىم - پەن تەرەققى قىلدى، مال - مۈلۈكلەر كۆپىيىپ، ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى - مەرھەمىتى بىلەن ئېگىز - ئالى بىنالار سېلىنىپ، خەلق بىنالار بىلەن پەخىرلىنىدىغان دەرىجىگە يەتتى، بىر زامانلاردا يوقسۇللۇقتىن شىكايەت قىلىغان شەھەرلەر ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى - مەرھەمىتى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ باي شەھەرلەرگە ئايلىنىپ، بۇ شەھەرلەردىكى خەلقلەر قۇرۇلۇشلاردا  باشقىلار بىلەن بەسلىشىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىن خەۋەر بېرىپ، زامانىمىزدا روياپقا چىققان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن خەلقنىڭ تۈگە، ئات، خېچىر، ئىشەك قاتارلىق ھايۋانلارغا مىنىشتىن بىھاجەت بولغانلىقىدۇر. زامانىمىزدا خەلقلەر يېڭى تېخنىكىلار ئىشلەپچىقارغان ماشىنا، ئايروپىلان، پاراخۇت قاتارلىق زامانىۋى قاتناش ۋاستىلىرىن پايدىلىنىپ، ئۇلاغلارغا مىنىشتىن بىھاجەت بولماقتا. ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ». (نەھلە سۈرىسى 8- ئايەت).

   دېمەك، ئاللاھ تائالا ئىلگىركى ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىنمۇ يىراق بولغان ماشىنا، ئايروپىلان، پاراخۇت قاتارلىق زامانىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "چوقۇمكى ئات، تۆگىلەر تەرك ئېتىلىدۇ، ئۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىلمايدۇ" دېگەن سۆزىنى ئىسپاتلىدى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە خەلق ئىجاد قىلىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بەزى سۈپەتلىرىنى ۋە ئۇلاردىكى بەزى يامان ئىللەتلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: "ئۇممىتىمنىڭ ئاخىرىدا شۇنداق بىر ئەرلەر بولىدۇكى، ئۇلار ئىگەرلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، مەسجىدلەرنىڭ ئىشىكلىرى ئالدىغا چۈشىدۇ، ئاياللىرى كىيىم كىيگەن، (لېكىن كىيىملىرىنىڭ تار ۋە نىپىزلىكىدىن بەدەنلىرى) ئوچۇقتۇر، باشلىرى ئۇرۇق تۆگىلەرنىڭ لوككىلىرىغا ئوخشايدۇ". (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئۇممىتىگە يېتىدىغان بەزى يامان ئىللەتلەردىن ئالدىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىللەتلەرنىڭ مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆلۈم  يىتىم سورۇنلىرىدا، قەبرە باشلىرىدا ۋە ياكى مەسجىدلەرنىڭ ئىشىك ئالدىلىرىدا ئەجرى، ساۋاپلارنى ئەمەس بەلكى، مال - دۇنيا ۋە شۆھرەتلەرنى دەپ قۇرئان ئوقۇۋاتقانلارنى كۆرۈۋاتىمىز، بەزىلىرى بېرىلگەن پۇل - ماللارنىڭ مىقدارىغا قاراپ ئوقۇيدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "كىمكى قۇرئان ئوقۇسا ئاللاھ تائالادىن سورىسۇن. شەكسىزكى، قۇرئان ئوقۇپ، خەلقتىن سورايدىغان قەۋملەر كېلىدۇ "دېگەن خەۋىرىنىڭ تەستىقىدۇر. (ئىمام تىرمىزى ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

   ئىمام بەيھىقى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: "دومكەشلىك قىلىدىغان، قوساق باقىدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ رىزاسىنى ئىزدەيدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئادەم قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىدۇ". (ئىمام بەيھىقى رىۋايىتى).

   باشقىلارنىڭ كىيىم - كېچەك، ئۆرۈپ - ئادەتلىرىنى دوراۋاتقان كۆپلىگەن مۇسۇلمان قىز - يىگىتلىرىنىڭ قىلىقلىرى ئىنساننى مەيۇسلاندۇرىدۇ. ئۇلار ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزى ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ: "چوقۇمكى سىلەر ئىلگىركىلەرنىڭ يوللىغا غېرىچمۇ - غېرىچ، گەزمۇ - گەز ئەگىشىسىلەر، ئۇلار كېلىنىڭ ئۇۋىسىغا كىرگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارغا ئەگىشىسىلەر. بىز: ئى رەسۇلۇللاھ، يەھۇدى ۋە ناسارالارنى دېمەكچىمۇ؟ دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "كىم بولماقچىدى؟ دېدى". (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى)

   ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "غېرىچ، گەز ۋە كېلىنىڭ ئۇۋىسىنى زىكرى قىلىشتىن مەقسەت مۇسۇلمان قىز - يىگىتلىرىنىڭ ئۇلارنى ھەممە تەرەپتىن دورايدىغانلىقىغا مىسال كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ، بۇ ئىش ھەدىستە خەۋەر بېرىلگەندەك، روياپقا چىقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوچۇق مۆجىزىسىگە ئايلاندى" دەيدۇ.

   ئەمما مۇسۇلمان ئاياللار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىۋاتقان ۋە ئازغۇنلۇق سۈرەتلىرىگە ئايلىنىۋاتقان، ئەۋرەتلىرىنىيۆگىيەلمەيدىغان تار ۋە نىپىز كىيىملەرنى كىيىش ئادەتلىرى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "قوللىرىدا كالىنىڭ قورۇقلىرىدەك قامچىلار بولۇپ، خەلقنى ئۇرىدىغان بىر قوۋم بولىدۇ ۋە كىيىم كىيگەن، (لېكىن كىيىملىرىنىڭ تار ۋە نىپىزلىكىدىن بەدەنلىرى) ئوچۇق، (باشقىلارنى ئۆزلىرىگە) مايىل قىلغۇچى، (پەسكەش دىللىرى بىلەن) مايىل بولغۇچى ئاياللار بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ باشلىرى تۈگىنىڭ مايىل بولغۇچى لوككىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ. ۋاھالەنكى جەننەتنىڭ پۇرىقى شۇنداق ۋە شۇنداق ئارىلىقتىن تېپىلىدۇ"دېگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئۇلارنىڭ باشلىرى تۈگىنىڭ مايىل بولغۇچى لوككىسىغا ئوخشايدۇ" دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى نەقىل قىلغاندەك: "چاچلىرىنى يۆگەش ۋە تۈرلۈك نەرسىلەرنى قىستۇرۇش ئارقىلىق باشلىرىنى تۈگىنىڭ لوككىسىغا ئوخشاش يوغۇنىتىۋالىدۇ" دېگەنلىك بولىدۇ.

   ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك، روياپقا چىقىپ، پەيغەمبەرلىك مۆجىزىسىگە ئايلاندى. ئەمما قامچا ئىگىلىرى بولسا ساقچىخانەلەردىكى چۇماقچىلاردۇر. كىيىم كىيگەن، (لېكىن كىيىملىرىنىڭ تار ۋە نىپىزلىكىدىن بەدەنلىرى) ئوچۇق ئاياللار بولسا جامالىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن بەدەنلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئوچۇق قويىدىغان يەنىشەكىلدە كىيىم كىيگەن، ئەمەلىيەتتە بەدەنلىرى ئوچۇق يۈرىدىغان ئاياللاردۇر" دەيدۇ.

   بۇ ئەھۋال ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ زامانىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولسا بىزنىڭ زامانىمىزدا تېخىمۇ ئېغىر بولماقتا.

   قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن خەلق ئارىسىدا ئامانەت - ئىشەنچىنىڭ يۇقۇلىشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆز قىلىۋاتقاندا بىر ئەرابىي كېلىپ: قىيامەت قاچان قايىم بولىدۇ؟ دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى داۋاملاشتۇرىۋىرىدۇ، بەزىلەر: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرابىينىڭ سوئالىنى ئاڭلىمىدى دېسە يەنە بەزىلەر: ئاڭلىدى لېكىن بۇ سوئالنى ياقتۇرمىغانلىقىدىن جاۋاب بەرمىدى، دېيىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن قىيامەت توغرىسىدا سوئال سورىغان كىشى قېنى؟ دەيدۇ. ئۇ كىشى: مانا مەن يا رەسۇلۇللاھ دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئامانەت -  ئىشەنچ يوقالغان ۋاقىتتا قىيامەتنى كۈتكىن" دەيدۇ. (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).

   ئىبنى بەتتال رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ھەدىستە توختۇلۇپ: "ئاللاھ تائالا خەلقنى باشقۇرۇش ئىشىنى ئىماملارغا تاپشۇردى، خەلققە ئىماملارغا قارىتا سەمىمى نىيەتتە بولۇشنى پەرز قىلدى. شۇڭا خەلقنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغان دىندارلارنى باشلىق قىلىشى زۆرۈر. ئۇلار ئاللاھدىن قورقمايدىغان، غەيرى دىندارلارنى باشلىق قىلسا ئاللاھ ئۇلارغا تاپشۇرغان ئامانەتنى زايە قىلىۋەتكەن بولىدۇ" دېگەنىدى.

   مەسئۇلىيەتلەرنىڭ لاياقىتى بولغانلارغا ئەمەس بەلكى لاياقىتى بولمىسمۇ  يۈزى چوڭ، پۇلى كۆپلەرگە تاپشۇرۇلۇشى زامان ئاخىرىدا ئامانەتلەرنىڭ زايە قىلىنغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

   خەلق ئارىسىدا ئامانەت - ئىشەنچ تەدرىجىي ئازىيىپ كېتىدىغان، ھەتتا ئامانەت - ئىشەنچ ساپلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغان زامان كېلىدۇ. "خەلق بەيئەت قىلىشىدۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامانەتنى ئادا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى تەس. پالانچىنىڭ بالىلىرى ئىچىدە ناھايىتى ئىشەنچىلىك بىر كىشى بار. ئۇ نېمىدېگەن ئەقىللىق، نېمىدېگەن زېرەك، نېمىدېگەن كۈچلۈك دېيىلىدۇ. ۋاھالەنكى ئۇنىڭ قەلبىدە قىچىنىڭ دانىسىچىلىك ئىمان بولمايدۇ". (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).

   ئىسلام ئۇممىتى ئاجىز ۋە خارلىقتىن ئىبارەت غېرىبلىق ھالەتكە دۈچ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ يۇرت - ماكانلىرى يىراق - يېقىندىكىلەر ئۈچۈن مۇباھ سانالماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ بىر مىليارد ئىككى يۈز ئەللىك مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلى ئۇلارغا شاپائەت قىلالمىدى. چۈنكى ئۇلار كۆپ بولغىنى بىلەن سۇ يۈزىدىكى كۆپۈككە ئوخشاش كۆپۈكلەرگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزى ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا: "تائام يېگۈچىلەر بىر - بىرىنى تاۋاقلىرىغا چاقىرىشقىنىغا ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ بىر - بىرىنى ئۈستۈڭلارغا چاقىرىشى ناھايىتى يېقىن. شۇ كۈنلەردە بىزنىڭ ئازلىقىمىزدىن شۇنداق بولامدۇ، دەپ سورالغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "بەلكى شۇ كۈنلەردە سانىڭلار ناھايىتى كۆپ. لېكىن سىلەر سۇنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاش كۆپۈككە ئايلىنىپ قالىسىلەر. ئاللاھ تائالا دۈشمىنىڭلارنىڭ قەلبىدىن سىلەردىن ئەيمىنىشنى تارتىۋېتىدۇ، سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋەھەننى تاشلاپ قۇيىدۇ" دەيدۇ، ۋەھەن دېگەن نېمە؟ دەپ سورالغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "مال - دۇنيانى دوست تۇتۇش، ئۆلۈمنى يامان كۆرۈشتۇر" دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شەكسىزكى بۇ، ھاۋادىن سۆزلىمەيدىغان زاتنىڭ خەۋىرىدۇر. بۇ ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرىدىن يەنە بىر ئالامەتتۇر.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىن بەرگەن بۇ خەۋەرلىرى بىر قانچە ئەسىرلەردىن كېيىن روياپقا چىقىپ ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ كەسكىن ھۆججەت ۋە ھەق دەلىللىرىگە ئايلاندى.

-----------------------------------------------------------------

     ئىجماھ قا كەلگەن مەسىلىلەر

ئەبۇ نەزرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "بىز جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئىدۇق، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراق ئەھلىگە ئاشلىق ۋە دىرھەم ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر. بىز: كىملەر تەرەپتىن چەكلىنىدۇ؟، دېدۇق. جابىر: ئۇنى ئەجەملەر چەكلەيدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ مۇنداق دېدى: شام ئەھلىگە دىنار ۋە ئاشلىق ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر. بىز: كىملەر تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ؟، دېدۇق. جابىر: رىملىقلار تەرىپىدىن، دېدى. ئۇ بىر ئاز توختىۋالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرىدا مال – دۇنيانى ساناپ ئولتۇرماستىن ئۇچلاپ بېرىدىغان خەلىپە بولىدۇ. مەن ئەبۇ نەزرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇغا: ئۇ خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزمۇ؟، دېدىم. ئۇ: ياق، دېدى". [مۇسلىم رىۋايىتى].

تارىخى ھەقىقەتلەر

بۇ ھەدىستىن تۆۋەندىكى ھەقىقەتلەرنى چىقىرىشىمىز مۇمكىن بولىدۇ:

1- ئىراق ۋە شام مۇھاسىرىسىدىن ئىبارەت ئىككى ھادىسە زامان ئاخىرىدا سېخى خەلىپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ۋە ئاخىرقى ئىسلام خەلىپىلىكى تەسىس قىلىنىشتىن ئىلگىرى بولىدۇ.

2- جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شام مۇھاسىرىسىنى زىكرى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ۋە خەلىپىنىڭ خەۋىرىنى زىكرى قىلىشتىن ئىلگىرى بىر ئاز توختىۋالغانلىقى كېيىنكى ھادىسىنىڭ ئەۋۋەلقى ھادىسىدىن كېيىنلا يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان بۇ ئۈچ ھادىسىنىڭ زامان ئاخىرىدا ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

3- ئەبۇ نەزرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ خەلىپىنىڭ ئۆز زامانىسىدا مال – دۇنيانىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى بىلەن تۇنۇلغان ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بولۇشىنى رەت قىلغانلىقى بۇ ھادىسىلەرنىڭ ئارقىمۇ - ئارقا يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئادىللىق، سېخىلىق ۋە ئۇنىڭ دەۋرىدە مال – دۇنيانىڭ كۆپەيگەنلىكى بىلەن تۇنۇلغان خەلىپە بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئىراق ۋە شام مۇھاسىرىلىرى يۈز بەرمىگەنلىكتىن ئەبۇ نەزرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىستە زىكرى قىلىنغان خەلىپىنىڭ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بولىشىنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلغان.

4- بۇ ھەدىستىن ئىراق ۋە شام ئەھلىدىن مال بىلەن ئاشلىقنىڭ بىرلا ۋاقىتتا چەكلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىشتۇر. چۈنكى ئىلگىرىكى دەۋرلەدە مۇھاسىرە قىلىنغان شەھەر ئاھالىسى ئاشلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن مال بېرەتتى. ئۇ دەۋرلەردە مالنىڭ مەنئى قىلىنىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايتتى. ئىراق ئەھلىدىن ئاشلىق بىلەن مالنىڭ بىراقلا چەكلىنىشى ئۇلارنىڭ مال مەنبەسىنىڭ ئېكسپورت قىلىش ئىكەنلىكىگە، مۇھاسىرىنىڭ ئۇلاردىن ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگىنىدەك، ئىمپورت قىلىشنى ھەم چەكلەيدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

5- جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇھاسىرە ھەققىدىكى "ئىراق ئەھلىگە مال ۋە دىرھەم ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر" دېگەن سۆزى ئىراق ئارمىيىسى كۇۋەيت زېمىنىغا كىرگەندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئىراق خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئىمبارگۇغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىنچىكىلىك بىلەن ئېيتىلغان سۆزدۇر. ئۇنىڭ بۇ سۆزى "مۇھاسىرە" دەپ ئىبارەت كەلتۈرۈشتىن ئىنچىكە ۋە تۇغرىدۇر. چۈنكى مۇھاسىرە شەھەرگە باشقىلارنىڭ كىرىشىنى توسقاندەك، شەھەر ئىچىدىكى خەلقنى شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىشنىمۇ چەكلەشنى تەقەززا قىلىدۇ. لېكىن ئىراقتا يۈز بەرگەن چەكلەش خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىقتىسادىي، تىجارىي ۋە ئەسكىرىي جەھەتلەردىن ئىراقتىن ئالاقىنى ئۈزۈش قارارى ئارقىلىق چەكلەشتۇر. خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بۇ قارارلارغا بويسۇنۇپ كەلدى لېكىن بۇ قارارغا بويسۇنمىغان دۆلەتلەرنى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى يۇشۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان ئېكسپورت – ئىمپورتلارنى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چەكلەش قارارى بىلەن كۆپلىگەن دۆلەت ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئىراق بىلەن ئېلىم – سېتىم مۇئامىلىلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، بۇ چەكلەش تۇلۇق بولمىغان بولدى. چۈنكى چېگرالاردىن قاچاق يوللار بىلەن يۆتكەش ئىشلىرى داۋام قىلىپ كەلدى، ئەينى ۋاقىتتا بەزى دۆلەت ۋە بەزى شىركەتلەر ئىراق بىلەن تىجارەت ۋە ئىقتىسادى ئالاقىلىرىنى ئۈزۈپ كەلدى. مەزكۇر ھەدىستە "ئىراق ئەھلىگە ئاشلىق ۋە دىرھەم ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر " دەپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئىبارەت كەلتۈرۈلۈشنىڭ ھېكمىتى شۇ بولسا كېرەك.

مەزكۇر ھەدىستە "ئۇنى ئەجەملەر چەكلەيدۇ" دېيىلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ مۇھاسىرە ياكى چەكلەش ئەرەب بولمىغان مىللەتلەر تەرىپىدىن بولدى.

مەزكۇر ھەدىستە شام مۇھاسىرىسى ھەققىدە "شام ئەھلىگە دىنار ۋە ئاشلىق ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر. بىز: كىملەر تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ، دېدۇق. جابىر: رىملىقلار تەرىپىدىن.." دېيىلگەن بولۇپ، ئىسلام ئەسەرلىرىدە تارىختىن بىرى رىملىقلاردىن ياۋروپالىقلار كۆزدە تۇتۇلۇپ كەلگەن. بۇ ھەدىستىكى ئىنچىكىلىك بىلەن بېرىلگەن جاۋابتا ئىراق مۇھاسىرىسىدىن كېيىن، شام مۇھاسىرىسىدىن ئىلگىرى ناھايىتى چوڭ بىر ھادىسىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئۇچۇق دەلىل بار. بۇ ھادىسە قانداق يۈز بېرىدۇ؟ ھازىرقى ياۋروپا ياكى رىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ۋەكىللىك رولىنى ئوينىماقتا. ئامېرىكا بولسا ھازىرقى ئەسىردىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى بولۇپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا. ئەسلىدە ئامېرىكا ياۋروپانىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى ئامېرىكا خەلقىنىڭ تېگى - تەكتى ھەدىس شەرىپلەردە "بەنۇلئەسپەر" ياكى "رىم" دەپ تىلغا ئېلىنغان ياۋروپالىقلاردۇر. ئىراق مۇھاسىرىسىنىڭ مەنبەسى پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن بولسا، شام مۇھاسىرىسى پەقەت رىم تەرىپىدىن بولىدۇ.

بۇنىڭ پەقەت بىرلا تەپسىرى بار، ئۇ بولسىمۇ خەلقئارانىڭ ھازىرقى نىزامىنىڭ مەغلۇپ بولىشىدۇر. ئۇنىڭ مەنىسى شۇكى، يەر يۈزىدە ئۆزلىرىنىڭ قارارلىرىنى قۇرال كۈچى بىلەن خەلق ۋە دۆلەتلەرگە مەجبۇرى تاڭىدىغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى ياكى ب د ت ھەيئىتى دېگەنلەر بولمايدۇ. بۇ خەلقئارالىق نوپۇز تۈگەيدۇ ۋە يوقايدۇ، ھەتتا شامدا ياكى شام ئەھلىدىن ياۋروپادىكى رىمنىڭ مەنپەئەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەھدىتكە ئۇچرىتىدىغان بىر ئىش ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقىتتا، ياۋروپا ياكى رىم تەرىپىدىن مەزكۇر ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان چەكلەش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

بۇ پەقەت يەھۇدىلار ئۇزۇن يىل نۇرغۇن ھىيلە – مىكىرلارنى ئىشقا سېلىپ تەييارلىغان ھازىرقى خەلقئارالىق يېڭى نىزاملار ئۆرۈلۈپ، ئۇنىڭ بارلىق مۇئەسسەسەلىرى تۈگىگەندىن كېيىن بولىدۇ. ھازىرقى كۈرەشلەرنىڭ يۆلىنىشى ھەم ئۆزگىرىدۇ، پۈتۈن دۇنيا بىلەن بوزەك قىلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان كۈرەش ئىسلام دۇنياسى بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە ئايلىنىدۇ. بۇ كۈرەشنىڭ مۇقەددىمىسى ياۋروپا بىلەن شام ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇپۇقتا يەر يۈزىدىكى ئىككى چوڭ كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە تارتىپ بارىدىغان يېڭى دۇنيا سۈرىتىنىڭ ئىشارەتلىرى ئاشكارە بولماقتا. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ياۋروپا بىلەن مەھدى يېتەكچىلىكىدىكى ئىسلام خەلىپىلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش شىددەتلىك چوڭ ئۇرۇشتىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ روماغا بېسىپ كىرىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

.

مەنبە: دوكتۇر مۇستاپا مۇتەۋەللىنىڭ "قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شېرىف مۆجىزىلىرى ھەققىدە ئالتۇن ئېنسىكلوپىدىيە" دېگەن كىتابى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atuxboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-5 01:11 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-6 10:45 PM):
كىيىنكىسى تاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز تاما، سىزىق قويۇپ قويساممۇ چۈشەنمىدىڭلا

ئاللاھ ھەمىمىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ھەر ۋاقىت تىتىكتۇر....
بىرنى توغرا يولغا باشلىغىن ،
ئازغانلارنىڭ ئەمەس،
سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ
يولىغا باشلىغىن ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6837
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8532
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 1354 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 10:09:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرندىشىم بۇنىڭ تۆھمەتكە بىرلىشى شۇنداقلا ، ئىغىر سورقىنىڭ بولىشنى ئويلۇشۇپ قويۇڭ ؟ بۇنداق  نادانلىق قىلمايلى قىرندىشىم ، سىزنى شەيتان ئازدۇرۇپ كىتپتۇ؟
مەن سىزگە دىسەم بىر تاشتا ئىنق قىلىپ جوڭگو خەرتىسى بار، ھەم بەزى تاشلاردا بۇتلارنىڭ تەبئى رەسىملىرى بار ، ئاللا ھەممىنى ياراتقان ئەجابا مۇشۇنى مۇشۇنداق چۇشەندۇرەمدۇق قىرندشىم ،
ئۇنداقتا بۇتنىڭ رەسىمى بار تاشنى خەق نىم دىسە بولدىكەندە، سىز بۇنى كەبە دىسىڭىز ، ھەم دىننىڭ ئۇلۇغلۇقىىنى مۇشۇ ئارقىلىق چۇشەندۇرسىڭزى ھەتتا ئاللا مۇشۇنڭىغا مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان دىسڭىز ، ئەگەر بۇدنىڭ رەسىمى ياكى  ئۆچكە كالىنىڭ رەسىمى بولسا بۇنى شۇ بۇدقا چوقۇندىغانلار ھە بۇنى بىزنىڭ تەڭرىمىز قىلغان  دىسە بۇ توغرا بولامدۇ ؟
ئۇ دىگەن بىر تاش قىرندىشىم ، بىر تاش ، تاش دىگەن ھەرخىل شەكىلدە ، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئاللا ھەم رەسۇلاغا ئالدىراپ باغلىۋالمايلى ، بۇ نادانلىق ئىبارەت خالاس ، سىز تاشنى قانچىلىك چۇشنىسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6837
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8532
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 1354 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 10:11:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلبەتتە ھەممە ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرلۇشى  ، بىراق ئاللانىڭ  ئويى بىلەن سىزنىڭ ئويلىغنىڭىزنىڭ زورمۇزور تىڭلىشى كىشنى شۇبىھىگە سالىدۇ ئاللا بىزنى شەيتاننىڭ ۋەسۋاسدىن ، تىيلىپ كىتشدىن ساقلىسۇن ، قىرندىشىم دىلىڭىزنى رەنجىتكەن بولسام مىنى كۆچۇرۇڭ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6837
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8532
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 1354 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 10:14:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاغا بولغان مۇھابىتىمزى تۇپەيلى ئەمەس ئىشلارغا نادانلىق قىلىىپ ئىسلىۋالمايلى ، بولمىسا كاپىرلار مۇشۇنى باھانا قىلىپ بىزنى زاڭلىق قىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 525 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 10:19:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ھەقىقەتەن ئۇلۇغدۇر ،  بۇنداق مۆجىزىلەر دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدىن تېپىلغان ،  

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2491 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 10:21:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاشلاردا بۇنداق شەكىللەرنىڭ بۇلۇشى تەبى ئەھۋال.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4674
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 10:25:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھنڭ قۇدۇرتى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78832
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5463
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 527 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 11:21:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4664
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 728 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 01:05:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ بىر تاش ، قېرىندىشىم ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ بارلىغى ۋە بىرلىگىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇنداق بىر تاشنى يارىتىشى بىھاجەت .

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2641
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1607 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 10:25:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
man yeqnemen koralmedemgu

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش