ئاپتورى: يۈ شىيۈ (تەرجىمىدە:نەپرەت)
ئىككى يىل ئىلگىرىكى «ئەرەب باھارى» مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا غايەت زور زەربە بەردى، بولۇپمۇ ئەرەب دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى غەربنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى كونتىروللىققا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش تەرەققىياتىغا ناھايىتى چوڭ تارىخىي پۇرسەت تەمىنلىدى. ئەمما يېقىنقى بىر قاتار تەرەققىياتلار كىشىدە بۇ تارىخىي تەرەققىياتقا بولغان گۇمانىنى قوزغىدى. بۇ گۇماننىڭ مەركىزى مىسىر، سۇرىيەدىن تارتىپ ئىككىنچى قۇرۇقلۇققىچە بولۇپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئىچكى زىددىيىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، غايەت زور ئىچكى خوراش پەيدا قىلىپ، دېموكراتىك ھەرىكەت ئاتا قىلغان ئىجابىي ئۈنۈمنى يوققا چىقاردى ھەتتا بۇرىۋەتتى.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىكى، بولۇپمۇ پاكىستاننىڭ ھازارالارنىڭ ئەھۋالى كۈنسېرى يامانلىشىپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئىچكى زىددىيىتىنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ قالدى.
ھازارالار چىڭگىزخان دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان موڭغۇل ئەسكەرلىرى بىلەن يەرلىك كىشىلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولۇپ، شۇڭا روشەن موڭغۇل ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى گەرچە پارس تىلى ئىشلەتسىمۇ، نۇرغۇن موڭغۇل تىلى سۆزلۈكلىرىنى ساقلاپ قالغان، ھەتتا قىسمەن كىشىلەر ئۆزگەرگەن موڭغۇل تىلىنى داۋاملىق ئىشلىتىۋاتىدۇ. ھازارا دېگەن ئىسىم پارس تىلىدىكى ھاززار دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «بىر مىڭ» دېگەن مەنىدە، موڭغۇلچىدىكى «مىڭگان» (minggan) سۆزى بىلەن بىردەك.
نۇرغۇن ھازارالارنى بىۋاسىتە چىڭگىزخاندىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. مەسىلە ھازارالارنىڭ تۆلۈخان قەبىلىسى چىڭگىزخاننىڭ كىچىك ئوغلى تۆلۈنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ پارس تىلىدا سۆزلىشى قۇبلاينىڭ ئىنىسى ھىلاكۇ ئىراندا قۇرغان ئىلىكخان خانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئوخشاش سەۋەبنى چىقىش قىلغاندا، كۆپ قىسىم ھازارالارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام شىئە مەزھىپىنىڭ 12 ئىمام مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىشى ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ ئۈزلۈكسىز يامانلىشىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.
چۈنكى پاكىستاننى بازا قىلغان تالىبان تەشكىلاتى شىئە مەزھىپىنى «بىدئەت» دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئەشەددىي دۈشمىنى ئامېرىكىدىن قېلىشمايدۇ. تالىبان ئافغانىستاننى كونترول قىلغان مەزگىلدە، ئافغانىستاندىكى ھازارالار ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى تالىبان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاشقۇن تەشكىلاتلار پاكىستان چېگرىسىدا كۈنسېرى جانلىنىۋاتقان بولۇپ، پاكىستاندىكى شىئە مەزھىپى سۈننىي مەزھىپىدىكى ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ چوڭ زەربە ئوبيېكتى ۋە قۇربانلىق بۇيۇمى بولۇپ قالدى، 2012-يىلى سەۋەبسىز ئۆلتۈرۈلگەن شىئە مۇرىتلىرى 400 نەپەردىن ئېشىپ كەتتى.
ھازارالاردا موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، ئۇلار سۈننىي مەزھىپىدىكى ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ شىئە مۇرىتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغاندا ئەڭ ئاسان پەرق ئېتەلەيدىغان ئوبيېكىت بولۇپ قالدى، ھەمىشە يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى بۇلاپ، بارلىق ھازارا يولۇچىلىرىنى تاللاپ چىقىرىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ھازالار ئولتۇراقلاشقان پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە، سۈننىي مەزھىپىدىكى ئاشقۇن تەشكىلاتلار ھازارالارنى ئاشكارا ئوۋ نىشانى قىلغان.
ئىنسانىي ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا: بالۇچىستان ئۆلكىسىدىكى ھازارالارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى قىيىنچىلىقنىڭ قورشاۋىدا تۇرماقتا، «مەھەللىگە چىقسىلا ئۆلتۈرۈلۈشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاشقۇن تەشكىلات ھەتتا بالۇچىستاننىڭ مەركىزى قۇتتە شەھىرىدىكى ھازارالار رايونىدا ئىككى قېتىم بىۋاسىتە تېرورلۇق پارلىتىش ھۇجۇمى قىلىپ، ئاز دېگەندە 116 نەپەر گۇناھسىز ھازار ئاممىسىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. «مىللىي يوقىتىش» نامىدىكى ئەيىبلەش سادالىرى ئىچىدە، پاكىستان باش مىنىستىرى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىنى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى.
ئەمما پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ ئۆزى داۋالغۇپ تۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقىغا دۇچار بولدى، «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» 2-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋەر قىلىپ: پاكىستان تالىبان تەشكىلاتى شىئە مەزھىپىگە قارىتىلغان ئەڭ يېڭى تېرورلۇق پارتلىتىش ھۇجۇمىدا، ئاز دېگەندە 21 نەپەر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى، دېگەن ئىدى. ھازارالار ۋەكىللىك قىلغان پاكىستان شىئە مەزھىپى ئاممىسى داۋاملىق ۋەھىمە ئىچىدە ياشىماقتا ھەمدە شىئە مەزھىپىنىڭ تەبىئىي زوراۋانلىق ئىنكاسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئوتتۇرا شەرققە قايتىپ كەلسەك، سۇرىيە داۋاملىشىۋاتقان مەزھەپلەر ئىچكى ئۇرۇشىدا چا-چېكىدىن ئاجراپ، خەلقنىڭ كۈنى ئېغىرلىشىپلا قالماي، خەلق سايلاپ چىققان مىسىر پرېزىدېنتى مۇھەممەد مورسىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى دىنىي مەزھەپ ۋە ئېقىملارنىڭ زىددىيىتى ئۈزلۈكسىز يامانلىشىپ، پەيدىنپەي سىياسىي كونتروللىقىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا دۇچ كەلمەكتە. تۇنىسنىڭ ئاساسلىق سىياسىي پارتىيىسىنىڭ قەستكە ئۇچرىشى باشقا بىر يامانلىقنىڭ بېشارىتى.
مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى زىددىيەتنىڭ يامانلىشىشى بىر تەرەپتىن يۇقىرى ئۆرلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان سىياسىي ئىسلام كۈچلىرىدە سىغدۇرۇشچانلىقنىڭ كەمچىل بولۇشىدەك ئاجىزلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرسە، باشقا بىر تەرەپتىن «مۇسۇلمان ئۈممەھ» لىرىنىڭ ئىچكى مەزھەپ توقۇنۇشىدىكى مۇھىم ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى پادىشاھلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر غايەت سوممىدىكى نېفىت كىرىمىغا تايىنىپ، باشقا مەزھەپلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان سۈننىي مەزھىپى ئەقىدىسىنى كېڭەيتتى، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ئېتىقاد قىلىدىغان ۋەھابى ئەسلىيەتچىلىرى تالىبان تەشكىلاتى ۋە سۇرىيەدىن شىمالىي ئافرىقىغىچە بولغان ھەر خىل ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى.
سۇرىيە، شىمالىي ئافرىقىدىن تارتىپ ئىككىنچى قۇرۇقلۇققىچە، بىز مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىق ۋە ئىچكى خوراشنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماستىن، سىرتقى كۈچلەرنىڭ داۋاملىق ئارىلىشىشى ۋە ئىدارە قىلىشىغا پۇرسەت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
شىئە مەزھىپى باشچىلىقىدىكى ئىران پرېزىدېنتىنىڭ سۈننىي مەزھىپى ئاساسلىق مىسىرنى زىيارەت قىلىشى ھەمدە سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ بىخلىرىنىڭ كۆرۈلىشى مۇسۇلمان «ئۈممەھ» لىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقى ۋە ئىچكى خورىشىنى ئازايتىش تىرىشچانلىقىغا ۋەكىللىك قىلدى. ئەمما چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مەزھەپلەر زىددىيىتى ۋە دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ئامېرىكا دوللىرى كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى يۇقىرى كۆتۈرەلمەيدۇ.
مەنبە: ئاپتورى يۈ شىيۈ شىمالىي ئامېرىكىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ. نەپرەت تەرجىمە قىلدى.
مەنبە:ئوكيان تورى