|
|
|
|
مەزكۇر فىلىم 1993-يىلى چىققان؛ فىلىمنى گېرمانىيە ئىشلىگەن؛ فىلىمنىڭ تىلى گېرمان تىلى؛ قىسقىچە مەزمۇنى: 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيە ناتسىستلىرىغا ئېلىپ بارغان ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش دەل مۇشۇ سىتالىنگىراد ئۇرۇشى ئىدى. سىتالىنگىراد ئۇرۇشى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مەغلۇب بولۇشى ياكى غەلبە قىلىشىنى بەلگىلەيتتى. سىتالىن باشچىلىقىدىكى سوۋىت قىزىل ئارمىيەسى گېرمانىيە ناتسىسلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
ئەسكەرتىش: فىلىم تارىخى ۋەقەگە ئاساسەن ئىشلەنگەن، لېكىن فىلىمنىڭ ھەممىسىنى ئەينەن تارىخ ھەممىسى راست دېگىلى بولمايدۇ. فىلىممۇ ھېكايە رومانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا توقۇلما بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. گېرمانىيە ئەسكەرلىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ھەرقانداق فىلىمدە باسقۇنچى، قورقۇنچاق، تاجاۋۇزچى قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ، لېكىن بۇ فىلىمدە ئۇرۇشنى ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە ئۇرۇش دەۋىرىدىكى ئادەملەرنىڭ چىن پىسخىكىسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. ئۇرۇش دېگەن ۋەھىمە ۋە قورقۇنۇچقا تولغان بولغاچقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ جەڭ مەيدانىدا ھودۇقماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، گەرچە بۇ فىلىم 1993-يىلى ئىشلەنگەن بولسىمۇ لېكىن ھازىرقى دەۋردىكى خېلى-خېلى دۆلەتلەرمۇ يېتەلمەيۋاتقان چىنلىق مۇقامىغا يېتىپتۇ. مەزكۇر فىلىم خېتىنىڭ ۋاقىت ئوقىدا خاتالىق نۇرغۇن ئىكەن، شۇڭا ۋاقىت ئوقىنى توغىرلاشقا نۇرغۇن ۋاقىت كەتتى، يەنە خاتالىق ساقلانغان بولۇشى مۇقەررەر، شۇڭا تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىپ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
چۈشۈرۈش ئادېرىسى: http://10kino.cn/?p=471
مەنبە: http://10kino.cn/?p=471
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چوڭقۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-5 09:29 AM
|
|
|
|
|
|