ئۆز ئۆيۈڭ
(مەنبەسى:ئۆزۈمنىڭ تۈرمە ھاياتىمدا يازغان"ئىزىلگەن قەلىبنىڭ نىداسى" ناملىق خاتىرەمدىن بولۇپ،مەن بۇ شېئىرنى مېھرىبان -كۆيۈمچان ئەزىز ئاتا-ئانىللىرىمىزنىڭ گېپىگە كىرمەي،ئۇلارنى كۆزگە ئىلماستىن گۆدەكلىك، نادانلىق -بىلىمسىزلىكتىن ئىللىق ئائىلىسىدىن رۇخسەتسىز قېچىپ چىقىپ جەمئىيەتنىڭ "ياخشى-يامان"كوچىللىرىدا تېنەپ-تەمتىرەپ ،سەرسان-سەرگەردان بولۇپ ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىك ئىشقىدا ئاتا-ئانىسىنى زار قاقشىتىپ ،بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا <ئۆز ئائىلىسىنىڭ شاھزادىسى ۋە مەلىكىسى بولۇشتىن قېچىپ،باشقىلارغا قۇل بولۇپ خارلىنىپ>يۈرگەن "ئوغۇل-قىز" لارغا ھەمدە ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ، تۈرلۈك جىنايى ئىشلارغا چېتىلىپ قانۇنى جازاغا تارتىلىپ تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئازغۇن ياشلارغا بېغىشلايمەن!)
يار بولۇر ھەردەم ساڭا مېھرى - مۇھەببەت ئۆز ئۆيۈڭ،
كۈنلىرىڭ خۇشال-خۇرام ،راھەت-پاراغەت ئۆز ئۆيۈڭ.
ئۆز ئۆيۈڭنىڭ ئەركىسى ،شاھزادىسى،شاھى سەن،
بار زورىغار سەن ئۈچۈن ئۇندا كارامەت ئۆز ئۆيۈڭ.
سېنى تۇغۇپ ،پەرۋىش قىلىپ قوشقان قاتارغا ئۆز ئۆيۈڭ.
يار- يۆلەك بولۇپ دائىم داۋان ئاشارغا ئۆز ئۆيۈڭ.
دەرت-ئەلەم ،ئازاپ چېكىپ ياتساڭ ئەگەردە ئاھ ئۇرۇپ،
تەييار سېنىڭ رەنجىڭگە شىپاھ زەمزەم تامارغا ئۆز ئۆيۈڭ.
بولسا سادىر سەھۋەنلىك قىلار شاپائەت ئۆز ئۆيۈڭ،
مېھرى ئىللىق ،جۇت ئەمەس ،قىلماس ھاقارەت ئۆز ئۆيۈڭ.
بەھىرلەنسەڭ قانچىلىك قىلچە مىننىتى يوقتۇر،
خۇشاللىقىڭ _بەختىڭدىن تاپار قانائەت ئۆز ئۆيۈڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-5 11:33 AM