مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2790|ئىنكاس: 36

ئاياللار بايرىمى بىزگە لازىممۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8551
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23625
تۆھپە نۇمۇرى: 1965
توردا: 4026 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 11:42:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەلمىساقتىن بېرى مەيلى قايسى مىللەت،قايسى مەدەنىيەت،قايسى ئېتىقادتىكى خەلقلەردە بولسۇن ئاياللار ئىزچىل ھالدا ئەر كىشىنى ئائىلىدىن خاتىرجەم قىلىپ بالا تەربىيىلەش،ئاش-تاماق ئېتىش،كىر-قات يۇيۇش كەبى ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان،ئەرلەر بولسا-ھىممەت كەمىرىنى بېلىگە چىڭ باغلاپ،سىرتتا مېھنەت قىلىپ ئائىلىسىنى باقىدىغان،مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن خوتۇن-بالىلىرىنى ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن قامدايدىغان نورمال ئىش تەقسىماتى ئارقىلىق-ئىنسانىيەت جاتىرجەملىككە ئېرىشىپ،جەمئىيەت ئۆزىنىڭ بىرپۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ كەلگەنىدى.
   بىراق بۇ خىل تەڭپۇڭلۇق19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا تۇپرىقىدا بۇزۇلدى.يەنى،ئامېرىكىدا1867-يىلىدىن باشلاپ ئاياللار سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەش ئىجازىتىگە ئېرىشىپ ئەنئەنىۋى قانۇنىيەتكە جەڭ ئېلان قىلدى.بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي،1909-يىلى 3-ئاينىڭ8-كۈنى چىكاگو شەھرىدە چوڭ كۆلەملىك نامايىش قىلىپ«ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇش»،«ئوخشاش ئىشلەپ،ئوخشاش ھەق ئېلىش»،«ئايال كىشى خالىغان ۋاقتىدا ئېرىدىن ئاجرىشىش ھوقوقى بولۇش»...قاتارلىق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.ھۆكۈمەت دىموكراتىيە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ بۇ خىل تەلەپلەرگە رۇخسەت قىلدى.ئاڭلىماققا بۇ تەلەپلەر ئورۇنلۇقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن نەتىجىسى شۇنداق بولدىكى-ئاياللار ئىشلەپ پۇل تاپقاندىن كېيىن بۇرۇنقىدەك ئېرىگە ئىتائەت قىلىشنى خالىمايدىغان،ئېرىگە بەس سېلىپ تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان،كىچىككىنە غىژ-غاژلارغا سەۋىر قىلالماي ئېرىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان بۇنىڭلىق بىلەن بويتاق ئەرلەر،تۇل ئاياللار قوشۇنى كۆپىيىدىغان،نامەھرەملەر ئارىلىشىپ ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر بۇزۇلىدىغان،ئاقىۋەتتە يېتىم بالىلار ئاۋۇپ مەنىۋىيىتى چۈشكۈنلەشكەن ئەۋلاتلار جەمئىيەتنى قاپلايدىغان ئەھۋاللار كۈنسېرى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.ھەممىدىن چاتاق بولغىنى-بەزى ئاياللار پۇل تېپىشتا ۋاستە تاللىماستىن ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشتىن يانمايدىغان تەتۈر ئېقىممۇ ئاتالمىش«ئاياللار ئازاتلىقى»دىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالدى.مانا شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بۇ يېڭىلىق-ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن تۇشمۇ-تۇشتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ 1922-يىلى رەسمى بىر خەلقارالىق بايرام سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىندى(ئىسلام دۇنياسىدا بولسا مۇستاپا كامال تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ئائىلە قانۇنىدىن كېيىن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجابى ئېلىپ تاشلىنىپ«ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقوققا ئېرىشكەن»).
   خوش،ئەمدى بۇ بايرامغا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قانداق مۇئامىلە قىلشى كېرەك؟مەلۇمكى،ئۇيغۇر جەمئىيىتى تاشقى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتلىشەلىگەن يېقىنقى بىر قانچە ئون يىللار مابەينىدە بىر مەھەللىك ھاياجان ھەم قىزىقىش ئىلكىدە بايراملا بولسا تەبرىكلەپ باقتى،چەتنىڭكىلا بولىدىكەن توغرا-خاتالىقىنى سۈرۈشتە قىلمايلا قارىغۇلارچە چوقۇنۇپ باقتى.بىراق  ھازىر ئەھۋال ئۆزگەرگەندەك قىلىدۇ.مۇشۇ 2-3يىلدىلا مىللىتىمىز ئىچىدە ئۆزىنى قايتىدىن دەڭسەپ تارازىغا سېلىش،ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادىنى يېڭىباشتىن تونۇش،ئۆزىنىڭ بىلەن ئۆزگىنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىش،ئەجدادلىرىنىڭ قىممەت قارىشىغا باشقىچىلا ئەھمىيەت بېرىش...كەبى ئويغىنىشلار-مەنىۋىيەتنى قايتىدىن يۇيۇپ تازىلىدى.بايراملارنى بۇرۇنقىدەك قارىغۇلارچە ئۆتكۈزۈۋەرمەستىن ئاۋال ئېتىقاد غەلۋىرىدە بىر تاسقايدىغان روھىي-ھالەت ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەندەك قىلىدۇ.مەسىلەن:مىللىتىمىز مۇشۇ بىر قانچە يىل ئىچىدىلا روژدىستۋو بايرىمى،تىنچلىق كېچىسى(بۈۋى مەريەم ئانىنىڭ ھەزرىتى ئىسانى تەۋەللۇت قىلغان كېچە)،ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى قاتارلىق يات دىن ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان بايراملاردىن ئاساسەن قول ئۈزدى.يېڭى يىل بايرىمى(ئەمەلىيەتتە خىرىستىيانلار ئىسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى ئاساس قىلىپ تۈزگەن كالىندار)،ئاياللار بايرىمى ھەتتا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشكىمۇ ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.ئەكسىچە،روزى ھېيت،قۇربان ھېيت،مەۋلۇت،مىراج-قەدىر كېچىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىسلامىي ھېسسىياتلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بوش قالغان روھىي-دۇنياسىنى تېزلىك بىلەن ئىگەللەۋاتقانلىقى-نۆۋەتتە كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتتۇر.ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىپ پۇل تېپىپ«ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇش»ئارزۇيى ئاياللارنى ھاردۇرۇپ تېخىمۇ كاردىن چىقىرىۋەتتى.مىسال ئۈچۈن-جەمئىيىتىمىزدەئۆزى ئىشلىمەي خوتۇنىنىڭ تاپقىنىغا تايىنىپ جاھاندارچىلىق قىلىدىغان،خوتۇنىنى«سېغىپ ئىچىپ»پەيشەنبىلىك سورايدىغان،ھەتتا بەزى ۋىجدانسىز،پەسكەش ئەرلەر ئايالىنىڭ ناتوغرا يول بىلەن پۇل تېپىشىغا سۈكۈت قىلىپ رازى بولىدىغان قىسمەن ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس.بۇنداق تىرىكتاپلارنىڭ نىكاھىغا ئۆتكەن بىچارە ئاياللار كۈندۈزى ئىشلەپ،ئىشتىن چۈشۈپ بالىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىغا قارىشىپ،ئاش-تاماقلىرىنى ئېتىپ،كىر-قاتلارنى يۇيۇپ تۇرمۇش بېسىمىدا ئېزىلىپ كېتىدىغان،ھەقىقىي ئىشلەپ پۇل تېپىشقا تېگىشلىك بولغان ئەرلەر بولسا بېسىم بولمىغانلىقتىن قۇرۇق باھانە-سەۋەپلەرنى سۆزلەپ مېھنەت قىلىشتىن قاچىدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىكلەرمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە ئاچچىق بولسا ھەم ھەقىقەتتۇر.
   خۇللەس كالام،ئاياللار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىي ھەم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن پايدا-زىيان نەتىجىلىرى يۇقۇرىدا قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتۈلدى.بۇنى قانداق چۈشىنىش ۋە قانداق قاراش مەسىلىسى-ھەر-بىر شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ تەپەككۈرى ھەم تاللىۋالغان تۇرمۇش يولىغا،قىممەت قارىشىغا بېرىپ تاقىلىدۇ،بۇ يەردە مەن چولتا ئىلمىم بىلەن بۇ بايرامنى«ھالال»ياكى«ھارام»دەپ پەتىۋا پىچىپمۇ يۈرمەيمەن ھەم مەندە ئۇنچىلىك قابىلىيەتمۇ يوق..مەنچە ئاياللار ئۈچۈن ئاللاھ ئاتاقىلغان365كۈننىڭ ھەر قاندىقى بايرامدۇر.مەن خالىسام بىر يىلنىڭ ھەر قانداق بىر كۈنىدە گۈل ياكى باشقا سوۋغاتلار بىلەن ئاپامنى ياكى ئايالىمنى خوشال قىلسام تامامەن بولىدۇ.غەرپ ئەللىرىدىكى بەزىلەرنىڭ قارىشىدەك8-مارت كۈنىلا ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ،ئېتىبار بېرىپ باشقا كۈنلەردە ئۇلارنى نەزەرگە ئىلماي،ئويۇنچۇق قاتارىدا كۆرىدىغان نادانلىقتىن مۇستەسنامەن.ئى ئانىلار،ھەمشىرىلەر،قىزلار سىلەرنى ياراتقان زات ھىچقاچان سىلەرنىڭ خۇرسەنلىكىڭلارنى،رازىلىقىڭلارنى مەلۇم بىر كۈنگە باغلاپ قويغان ئەمەس.سىلەر رەببىمىزنىڭ ھەم ئەھلى مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە مەڭگۈ ئېتىبارلىق مەڭگۈ  قەدىرلىكسىلەر!سىلەر ئىككىلا دۇنيادا بەختلىك،خاتىرجەم ئۆتكەيسىلەر!گۈل چېھرىڭلەردىن ئەبەدىي خوشاللىق ئىزنالىرى پارلاپ تۇرغاي!
   مەنبە:ئۆزەمنىڭ ئىلھامىم ھەم مۇشۇ خۇسۇستا پىكىرلەشكەن قەلبى ئويغاق ئەھلى ئىلىملەر سۆھبىتىدىن.4-مارت شەھرى ئۈرۈمچى.
   
   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hidayet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-5 12:15 AM  


ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

سابا بۇ ئىنكاسنى 27-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qintax + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 11:34:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياراتقان ئاللاھنى تۇنىغان ، ئۆزىنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنى ساقلىغان ، ئۆزىنىڭ مەجبۇريىتىنى ئادا قىلغان ، يولدىشى ۋە پەرزەنىتلىرىگە مىھرىنى بەرگەن ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىغان ئايال ئۈچۈن ، ھەر بىر كۈن بايرام  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92453
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 12:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە بولسا پەتىۋا تاپقىلى تۇردى بۇ چالا موللىلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8551
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23625
تۆھپە نۇمۇرى: 1965
توردا: 4026 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 12:38:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanamgul يوللىغان ۋاقتى  2013-3-5 12:32 PM
نىمە بولسا پەتىۋا تاپقىلى تۇردى بۇ چالا موللىلار


سىزنىڭ بەك ئۆتكۈزگۈڭىز كەلگەن بولسا ئۆتكۈزىۋېرىڭ،نىمە خەقنى چالا موللا دەپ قالپاق كىيدۈرىسىز؟بۇ يەردە ھىچكىم موللىللىق قىلمىدى.يە.ە دەپ قوياي موللىلارنى پەس كۆرمەڭ!مۇلار بولمىغان بولسا داسىڭىز بىلەن ئانىڭىزنىڭ نىكاھىنى گۇڭشېنىڭ شۇجىسى ئوقۇپ قويالامتى؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hidayet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-5 12:38 PM  


ئاق كۆڭۈل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17252
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8981
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 789 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 12:38:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئالاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن تىما يوللاپسىز، ئۇلۇغ  ئاللاھ  شۇ مېرىبان ئانىلىرىمىز ، ۋاپادار ئىپپىتلىك ئاياللىرىمىز ۋە شەرمى ھايالىق قىز لىرىمىز دىن رازى بولسۇن

ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىمنىڭ ئىشى،يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2453
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 12:43:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئاتا ئانىلارنىڭ ئاياللا بايرىمىكەن يەنە باشقا بايرامكەن دىگەنلىرنى ئاڭلىمايتۇق ،ھازىر نىمە بوپ كەتتى جاھان      توۋا   ، ماڭغۇ بەربىر ،ئادەتىكىدەك كۇن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 12:53:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشىق -مەشۇق لار بايرىمىنىغۇ  ئۆتكۈزىدىغانلار بۇ يىل ئوبدانلا ئازلىدى ، باشقا يىللاردىكىدىن ،    لىكىن مۇشۇ ئاياللارنىڭ بايرىمى قانداق بولاركىن ، بولسا ھەممىمىزنىڭ  قىز -ئايال قېرىنداشلىرىمىز بار  ئۈزىمىزدىن باشلاپ تەشۋىقات قىلساق ،

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 12:56:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كۈننى مەكتەپلەردە ھەممىدىن بەك ئۆتكۈزىدۇ ،  مۇئەللىم دىگەن باشقىلارغا ئۈلگە بۇلىشى كېرەك ،  مۇنبىرىمىزدىمۇ ئوقۇتقۇچىلار خېلى كۆپ بۇ  كۈندە  بولسىمۇ گۇناھلىرىمىزنى كۆپەيتىۋالمىساق ،  بۇ  مىنىڭ سەمىمى تەكلىپىم

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

life is dream, we are dreaming

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64827
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10134
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 01:02:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ بىر كۆڭۈلنىڭ خوشلىقى خالاس، شۇ پۇرسەتتە ، ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ، ئانىلىرىنىڭ ، سىڭىللىرىنىڭ، ئاچىلىرىنىڭ كۆڭلىنى خوش قلىۋالىدىغان بىر پۇرسەت، بىللە تاماق يەمدۇ سوغات بېرەمدۇ قانداق قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرە قېتىم خوشاللىقتىن بەھرىمان بۇلۇپ قالىدۇ خالاس، بىراق بىر قىسىم ئاياللار بار، بەك ئىسراپخورلۇق قىلىپ ئېشىۋالىدىغان، ئۇنداقلارغا ئاياللار بايرىمى بولمىسىمۇ قىلغىسى كەلگەننى قىلىپ ، كۈندە بايرام قىلىپ ئويناپ كۈلۈپ يۈرېۋېرىدۇ... بىراق ئۇنداقلارنى دەپلا باشقىلارنىڭ خوشاللىقىنى يوقىتىشقا بولماس...
    مېنىڭچە بۇ بىرەر ئېتىقادقا، قائىدىگە تاقىلىدىغان بىر ئىش ئەمەس، بىر بانا خالاس، شۇ بانادا ئاياللار بىرەر كۈن ئەتىۋارلىنىپ قالىدۇ... قاندا دىمىدىم قىزلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68364
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3819
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 01:06:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ھوقۇق بولغانكەن ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولۇش،مەجبۇرىيەتنىمۇ ئادا قىلىش كىرەك دەپ ئويلايمەن.ھۆكۈمەت بىز ئاياللارغا يىلدا بىر قىتىم(باشقا ھىيىت-بايراملار بۇنىڭ سىرتىدا) بايرام خۇشاللىقىغا چۆمۈڭلار،يىرىم كۈن ئارام ئىلىپ ھاردۇقۇڭلارنى چىقىرىڭلار دەپ ھوقۇق بەرگەن ئىكەن چوقۇم بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇشىمىز كىرەك.لىكىن ئەرلىرىمىزگە ئارتۇقچە بىسىم قىلماي،ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويماي كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزسەك بۇنىڭ ھىچ يامىنى يوققۇ؟

دوستۇڭنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتتىڭ بۈگۈن،
ئالارسەن كۆڭلىنى ئەتە،يا ئۆگۈن.
ئۈزۈلگەن يىپنى ئۇلاش بەك ئاسان،
ۋە لىكىن قالىدۇ ئۇنىڭدا تۈگۈن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش