يېڭى يۇلتۇزنى كۆرەلەيدىغان جۇماخۇن ئاكا
غۇلجىدا تۇرۇشلۇق بىر جۇماخۇن ئىسىملىك بىر زات ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپلا ئالەم بوشلۇقىدا يېڭىدىن شەكىللىنلۋاتقان يۇلتۇزنى ئۆزىنىڭ كۆزى بىلەن (يەنى ھېچقانداق تېلىسكوپ ياكى دۇربۇن ئىشلەتمەي تۇرۇپ)كۆرەلەيدىكەن. بۇ خىل ئالاھىدە ئىقتىدار جۇماخۇن ئاكىنىڭ ئاتا –بوۋىسىدىن تارتىپ جەمئىي ئۈچ ئەۋلاد داۋاملاشقان بولۇپ، ھازىر ئۆزىنىڭ يېشى66-67ياشلار ئەتراپىغا بېرىپ قالغانىكەن.ھەمدە بۇ خىل ئىقتىدارنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىرەر ئوغلى بولمىغاچقا، جۇماخۇن ئاكا ئۆزىدىكى بۇ ئىقتىدارنى كىشىلەرگە ئىسىپاتلاپ بېرىش ۋە بىلدۈرۈپ قۇيۇش ئارزۇسىدا يۈرگىلى خېلى يىللار بولغانىكەن.ئۈرۈمچى شەھىردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر فىزىكا مۇتەخەسىسلىرىنى ئىزدەپ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەر كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزى بىلىدىغان كائىناتقا ئائىت ئىشلارنى يېزىپ چىقىش ھەمدە بىرەر ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىشنى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشنى تەۋىسىيە قىلغانىكەن.
جۇماخۇن ئاكا يۇقىرىدا ئېيتقاندەك،ئېلى پىداگوگىكا ئېنىستېتۇتى ۋە ئۈرۈمچىدىكى بەزى ئالىي مەكتەپلەردىن ئىزلىگەن بولسىمۇ ، لىكىن بۇ ئىشنىڭ بىرەر نەتىجىسى چىقماپتۇ.جۇماخۇن ئاكىدا ئاسماندىكى يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان يۇلتۇزنى كۆرەلەيدىغان بىرخىل ئالاھىدە ئىقتىدار بار ئىكەن. دۇنيادا ئىشتىن سىرت ئاستېرونومىيەگە قىزىقىپ،يېڭى يۇلتۇزنى بايقىغان كىشىلەر مېنىڭ بىلىشىمچە خېلى كۆپ ئىدى. لىكىن ئۇلارنىڭ جۇماخۇن ئاكا بىلەن بولغان بىر ئاساسلىق پەرقى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرەر تېلىسكوپ ئارقىلىق كۆزىتەتتى. جۇماخۇن ئاكىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بولسا، ئاسىمانغا تېلىسكوپ ئىشلەتمەي.ئۆزىنىڭ كۆزى بىلەن بىۋاستە كۆرىدىكەن.ھەمدە ئۇ ئاكىمىزنىڭ توۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن: (1). ئالەم بوشلۇقىدا يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان يۇلتۇز بۇلۇتىنى كۆرۈش، يۇلتۇز ئالەم بوشلۇقىدىكى چاڭ-توزانلاردىن شەكىللىنىدىغان بولۇپ،ئۇنى ھەرخىل دولقۇن ئۇزۇنلۇقتىكى ئالەم تېلىسكوپى بىلەن كۈزەتكەندە ئۇ خۇددى بىرخىل بۇلۇتقا ئوخشايدۇ .ئۇ جۇماخۇن ئاكىمىز، تۇنجى قېتىم رۇزا تۇتۇش ئۈچۈن، سىرتقا چىقىپ ئاسمانغا قاراپ، ئاسماندىكى رەڭلىك بولۇتلارنى كۆرگەندە قورققانلىقتىن كۆزىنى يۈمىۋېلىپ،ئۆيىگە قېچىپ كىرىپ كەتكەنىكەن. كىيىن بارا-بارا ئۇ بولۇتلارنى كۆرۈشتىن قورقمايدىغان بولۇپ،بۇنداق بۇلۇتلارنى كۆرۈشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
بۇ رەسىم بولسا كائىناتتىكى يېڭىدىن شەكىلىنۋاتىقان يېڭى يۇلتۇزلاردۇر (تارتىلغان رەسىم) (2).جۇماخۇن ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت10:00غىچە ئاسماندىكى كۈنگە بىۋاستە قارايدىكەن. ھەمدە كۈننىڭ توختىماي كۆيۈپ تۇرىدىغان ۋە توختىماي ھەرىكەتلىنىپ تۇردىغانلىقىنى بىر پارچە ئوتقا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بايقىيالايدىكەن. كۈن ھەقىقەتەن كۆيۈپ تۇرىۋاتقان بىر پارچە چەمبىرەكسىمان ئوتقا ئوخشايدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكى 1999-يىلى بىر ئالەم تېلېسكوپى ئارقىلىق تارتىلغان قۇياشنىڭ رەسىمى: [53]
قۇياش نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا ،ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭغا پەقەت ئەتىگەندە قۇياش ئەمدى چىققان ۋە كەچتە قۇياش پېتىۋاتقان ۋاقىتتا قارىيالايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتتا بولسا كۈنگە بىۋاستە قارىيالمايدۇ. ئالاھىدە ياسالغان ئالەم تېلېسكوپى بىلەن 1999-يىلى تارتىلغان قۇياشنىڭ يەنە بىر رەسىمى:
بۇ رەسىمدە قۇياشتىن چاچراپ چىققان چوڭ ئوت يالقۇنى ئېنگىلىزچە«Sun's prominces »دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇنداقتا جۇماخۇن ئاكىنىڭ كۆزى قانداق كۆز؟ مېنىڭچە جۇماخۇن ئاكىنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە كۆزى بار بولۇپ، ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئىقتىدارى بار: (1).جۇماخۇن ئاكىنىڭ كۆزى ئادەتتىكى ئادەملەر كۆرەلمەيدىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقتىكى نۇرلارنى كۆرەلەيدىكەن. ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ كۆزى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى350 nm(نانومىتىر)دىن nm700غىچە بولغان نۇرلارنى كۆرەلەيدۇ. لىكىن،يېڭى يۇلتۇزنى شەكىلەندۈرىدىغان ئالەم بولۇتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىشىلىتىلدىغان تېلېسكوپلار كۆرۈنىدىغان نۇر ۋە سېرتتىكى نۇرلارنىمۇ كۆرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ nm700تىن جىق يۇقۇرى بولغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدا تارتىلغان بولۇشى مۇمكىن.دولقۇن ئۇزۇنلۇقى nm304ئېقىم بولغان نۇر ئارىلىقتا تارتىلغاندەك قىلىدۇ. دېمەك جۇماخۇن ئاكىنىڭ كۆزى ئىنتايىن قىسقا دولقۇن ئۇزۇنلۇقتىكى نۇرنىمۇ كۆرەلەيدىغان ئوخشايدۇ. (2).جۇماخۇن ئاكىنىڭ كۆزى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ كۆزى كۆرەلمەيدىغان ئاجىز نۇرلار بىلەن ئادەتتكى ئادەملەر قارىيالمايدىغان كۈچلۈك نۇرنىمۇ كۆرەلەيدىكەن. يېڭى يۇلتۇز شەكىللەندۈرىۋاتقان، ئالەم بۇلۇتى بىزدىن ئىنتايىن يىراق بولۇپ، بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى نەچچە ئون، نەچچە 100مىليون نۇر يىلى كىلىشى مۇمكىن.مەسىلەن 2003-يىلى يېزىلغان بىر ماقالىدە دېيىشىچە ھاۋايىدىكى سۇبارۇ بىلەن VLTدەپ ئاتالغان ئىككى تېلىسكوپنى بىرلەشىتۈرۈپ يەر شارىدىن 50مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتىكى بىر يۇلتۇزنى بايقىغان.[54] شۇڭا ئۇلارنىڭ بىزگە يىتىپ كىلىدىغان نۇرى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۇلارنى بېۋاستە كۆرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.لىكىن جۇماخۇن ئاكىمىز كۆرەلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇماخۇن ئاكا كۇندۈزدىكى قۇياشنىڭ كۈچلۈك نۇرىنىمۇ كۆرەلەيدىكەن. 2006-يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ بىر مۇخبىرى گۈلنار تايىپ خانىم ئۆزى يول كىراسى چىقىرىپ جۇماخۇن ئاكىنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ كەلدى.ھەمدە ئۇ ئاكىمىزنى ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئىلىم-پەن ئاسىتېرونومىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىچكىرىدە ئوقۇپ كەلگەن ئەزىز ئسىملىك بىر كەسپىي خادىم بىلەن كۆرۈشىتۈردى.جۇماخۇن ئاكا ئەزىز ئەپەندىگە ئۆزى بىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگەندىن كىيىن ،ئەزىز ئەپەندىم ئۇنىڭدىن بىر قىسىم سوئاللارنى سوراپتۇ.(مېنىڭ بىلشىمىچە سوئاللارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇچە سورالغان بولۇپ، گۈلنار خانىم تەرجىمە قىلىپ بېرىپتۇ.)لىكىن جۇماخۇن ئاكا جىددىيلىشىپ كىتىپ، ئۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەپتۇ. ھەمدە بۇ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋاز كېچىپتۇ.بۇ ئىشقا نىسىبەتەن گۇلنار خانىمنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بوپتۇ. گۇلنار خانىمغا ئىنتايىن ئىچىم ئاغرىدى. ھەممىمىز بىلگىنىدەك جۇماخۇن ئاكا مەكتەپتە ئانچە ئوقۇمىغان بولغاچقا پۇتۇن ئۆمرىنى يېزىدا دېھقان بولۇپ ئىشلەپ ئۆتكۈزگەن. شۇڭلاشقا يۇقۇرىقى ئەھۋالغا ئاساسەن جۇماخۇن ئاكىنىڭ ئالاھىدە تالانتىنى يېزىپ چىقىشنى مەن مۇۋاپىق كۆردۈم. ھەمدە گۇلنار خانىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. [55]
مەنبەسى: مەرىپەت كائىنات تورى بىلەن ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-5 12:21 PM
|