|
|
|
|
ھەر يىلى 8-مارت كەلمەي تۇرۇپلا خانىم -قىزلارنىڭ جىدىلى باشلىندۇ . ئۆتكەن يىلىمۇ شۇنداق . بۇ يىلمۇ مۇشۇنداق .
ئايىلم ؛--<< سەنبا >> كىلەي دەپ قالدى ، نىمە ئىلىپ بىرىشنى ئويلۇشىۋاتىسىز ؟؟؟ دەپ قالدى .
مەن .--ھەي بۇ بىزنىڭ مىللى بايرىممىمز بولمىغاندىكىن بولدى قىلە ! ئۆتكەن يىلمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا كىيىم -كىچەك دەۋاسى قىلىپ ئۇرۇشۇپ ئاناڭنىڭ ئۆيىدە بىر ئاي يامانلاپ تۇرغانتىڭ . بۇ يىلمۇ يەنە << سەنبا >> دەپ يەنە جىدەل تاپاي دەمسەن ؟ دەپ ۋارقىرىدىم .
ئايىلىم -- <<سەنبا >> دا ئىدارىدىكى ھەممە ئاياللار يىڭى كىيمىلەرنى ، ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلەرنى تاقاشسا مەن ئىككى قۇلۇمنى بۇرنۇمغا تىقىپ تۇرامدىم ؟ دەيدۇ .
مەن --ھەي دۆت . ئۇلار بىلەن نىمە كارىڭ ؟؟ ئىلىپ بەرمەيمەن ئەمەس ، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىدا ئەڭ ياخشىسىنى ئىلىپ بىرەي دىدىم .
ئايىلىم . - ياق . چوقۇم سەنبادا ئىلىپ بىرىسىز . دەپ كاجلىق قىلغىلى تۇردى .
چوڭ قىزىممۇ ؛--دادا ماڭا << سەنبا >> دا بىر تال ئىنچىكە ئالتۇن زەنجىر ئىلىپ بىرە دىمەسمۇ ؟؟
مەن ئۇلارغا قانچە چۈشەندۈرسەممۇ ئۇلار ؛--سىز بەك زاماننىڭ كەينىدە قاپسىز دادا . ھازىر ھەممە خانىم -قىزلار << سەنبا >> دا كىيىم -كىچەك ، زىبۇ -زىننەت تاقايدۇ . ئەسلى بىز دىمەستە سىز سوۋغا قىلدىغاننىڭ ئورنىدا .
مەن گەپمۇ قىلماي سىرىتقا چىقىپ كەتتىم . قايسى كۈنى بىر دوستۇمنىڭ ئايىلى ئىرىگە << سەنبا >> دا كىيمىسەم بولمايدۇ دەپ 2000 يۈەنگە يىقىن كىيىم ئالغۇزۇپتىكەن . بۇ دوستىمىز قايناپ ؛--بۇ باشقا بالا << سەنبا >> بولدى دىمەسمۇ ؟
مەنمۇ ھازىر مۇشۇ دوستىمىزنىڭ كۈنىگە قىلىش ئالدىدا تورىمەن .
ئۇلارنىڭ تەلۋىنى رەت قىلىپ قارشىلىق قىلسام يەنە ئۆتكەن يىلدىكىدەك بىر مۇنچە كۆڭۈل ئاغرىقى تىپىۋالدىغان ئوخشايمەن .
تەلۋىنى قاندۇراي دىسەم ئانداق -مۇنداق كىيىملەر يارىمايدۇ . قىزىم جىندا ئالتۇندىن چۈشىدۇ .بىر مۇنچە ئىقتىسادى زىيان كۆرۈلىدۇ .
قانداق قىلسام بولار ؟؟؟ ھەي ! باشقا بالا << سەنبا >> .
مەنبە ؛ يازما ئىگىسى قارى
بىر مىسقال مۇنبىرى www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-4 09:24 PM
|
|
|
|
|
|