ھۆكۈمەت دەرۋازىسى ئاممىغا ئوچۇق بولۇشى كېرەك،بۇ دېموكراتىيە ۋە مەدەنىيلىكنىڭ گەۋدىلىنىشى. ناھىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈش تەس بولۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئىستىل مەسىلىسى بار.خەلقچىل ناھىيە ئەمەلدارلىرى پۇقرالارنىڭ ئىشەنچىگە ئىگە بولسىمۇ،لېكىن پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەت دەرۋازىسىدىن كىرىشى قىيىن بولۇش ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچىنى يوقاتقانغا باراۋەر.دەرۋازا ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساش ئاساسىي قاتلام خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇقەررەر يولى. ناھىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈش شۇنچە قىيىنمۇ؟
يېقىندا مۇخبىر خۇنەن، سەنشى، شەندوڭ قاتارلىق يەتتە ئۆلكىنىڭ ناھىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا، كۆپلىگەن جايلاردىكى ئاممىنىڭ ناھىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىشى ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى بايقىدى.
بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس،بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېرىم ئايلىق سۆھبەت ژۇرنىلىدا جۇڭگودىكى ئاساسىي قاتلام خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دەرۋازىۋەنلىرىنى تەكشۈرۈپ، دەرۋازىۋەن ئىشىكنى قاتتىق قوغدىغانلىقتىن دەرۋازىدىن كىرىش قىيىن بولۇش ئومۇميۈزلۈك ھادىسە دېيىلدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: دەرۋازىۋەنلەر رەھبەرلەرگە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بارلارنى خالىغانچە دەرۋازىدىن كىرگۈزمەسلىكنى خىزمەت پىرىنسىپى قىلىدۇ، ھەتتا بەزى دەرۋازىۋەنلەر كىشىلەرنى كىرگۈزۈپلا قويسا تاماق قاچىسىنىڭ قولىدىن كېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. دەرۋازىۋەنلەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ سۈزگۈچى. قاتتىق بولغان دەرۋازىۋەن تۈزۈمى مەلۇم جايلاردا كادىرلار بىلەن ئاممىنى ئايرىپ تۇرىۋاتقان كۆلەڭگىگە ئايلانماقتا.
ھازىر قىسمەن ئاساسىي قاتلام خەلق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا دەرۋازىدىن كىرىش قىيىن بولۇش، ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشەلمەسلىك، سۆزىنى ئاڭلاش قىيىنغا توختاش ھادىسىلىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كوللېكتىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خەلقچىللىقنى نامايان قىلىشقا باشلىدى.
شۇڭا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. خەلقنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئويلاپ، خەلق ئالدىرىغانغا ئالدىرىشى كېرەك. خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دەرۋازىسى پۇقرالارغا ئېچىۋېتىلىشى كېرەك.بۇ دېموكراتىيە ۋە مەدەنىيلىكنىڭ گەۋدىلىنىشى. پۇقرالار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا يەرلىك رەھبەرلەرگە ئۆزىنىڭ دەۋا تەلەپلىرىنى ئاسانلا ئىنكاس قىلالىشى لازىم. بۇمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى. شۇڭا ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرى دەرۋازا ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساش كېرەك،بۇ زۆرۈر تەدبىر.
كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغىنى مەلۇم بىر تەكشۈرۈشتىن ناھىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن تەتۈر تاناسىپ ئىكەنلىكى بايقالغان.سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ياڭچۈ ناھىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى تېلېفون نومۇرىنى ئاشكارىلىمايلا قالماي، ئىسمىنىمۇ دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىگە ئايلاندۇرغان. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە،بۇ ناھىيە تەييۈەن شەھىرىگە قاراشلىق ئون رايون،شەھەر،ناھىيە ئىچىدىكى ئەڭ نامرات ناھىيە ئىكەن. ئۆتكەن يىلى 1- يانۋاردىكى مالىيە كىرىمى ئاران 316 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇ ناھىيە بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولىدىغىنى مەملىكىتىمىزدىكى يۈز كۈچلۈك ناھىيەنىڭ بىرى خۇنەن ئۆلكىسى نىڭشياڭ ناھىيەسىدە پۇقرالارنىڭ ھاكىم بىلەن كۆرۈشۈشى ئاسان بولۇپ قالماستىن، ئامما مەسىلىنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن،ھاكىم تېلېفون بېرىپ ئەھۋال سورايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئىقتىسادىي تەرەققىي تاپقانسېرى شۇ رايوندىكى ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ شۇنچە قويۇق بولىدىغانلىقى، ئەمەلدارلارمۇ بارغانسېرى خەلقچىل بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مەمۇرىي ئىستىل ئەمەلدارلارنىڭ مەمۇرىي ئىشلارنى قانداق قىلىپ يولغا قويۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككىسى ئارىسىدا ياخشى ئايلىنىش بار، ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىنىڭ مۇھىم تەرەققىيات تەجرىبىلىرى بار.
يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا خەلقچىل،ئەمەلىي بۇلۇش،ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساش،پۇقرالارغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن،ئىقتىسادقا پايدىلىق.ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى ئوبراز تىكلىشىگىمۇ پۇرسەت يارىتىدۇ. خەلقچىل ناھىيە ئەمەلدارى پۇقرالارنىڭ ئىشەنچىگە ئىگە بولىدۇ. لېكىن ھۆكۈمەت دەرۋازىسىدىن كىرىش قىيىن بولۇش ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچىسىنى يوقاتقانغا باراۋەر بولۇپ قالىدۇ.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا obul21c تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-4 07:17 PM