2013-يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان تۇنجى يىل، 12-بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، بۇ تارىخىي نۇقتىدا جۇڭگو يېڭى ھۆكۈمىتىدىن دۆلەت ئىچىدىكىلەر زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈش بىلەن بىرگە يەنە خەلقئارا جەمئىيەتمۇ يۈكسەك دىققەت قىلماقتا.
دۇنيا تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ پۇرسىتى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىمۇ دۇنيانىڭ پۇرسىتى، «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش چاقىرىقى چىقىرىلدى. تەرەققىيات يېڭى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى نەدە؟ چوڭقۇر قاتلاملىق قىيىن مەسىلىلەر قانداق ھەل بولىدۇ؟ جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشى دۇنياغا قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ؟
بىرىنچى قىزىق نۇقتا: رەھبەرلەرنىڭ ئالمىشىشى، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستىل، يېڭى ئۈمىد
بۇ قېتىمقى يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ئىستىل تۈزىتىش، ئاممىغا يېقىنلىشىش يېڭى شامىلى چىقتى. ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى » دە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ «كەسكىن تەنقىدنى قوبۇل قىلىش » ھەققىدە قىلغان سۆزى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلغۇچىلارغا ئىلھام بولدى.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئېتىقادى ۋە سىياسىي ئىشلارنى يۈرگۈزۈش ئۇسلۇبى جۇڭگونىڭ سىياسىسى، ئىقتىسادى، جەمئىيىتى ۋە دىپلوماتىيەسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟ يېڭى رەھبەرلەر مۇھىم ساھەلەرنى ئىسلاھ قىلىشنى قانداق ئىلگىرى سۈرىدۇ ؟ پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رېئال مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىدۇ ؟ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر بۇنىڭغا كۆز تىكىپ تۇرماقتا.
ئىككىنچى قىزىق نۇقتا: ئاپپارات ئىسلاھاتى ـــ يېڭى تەدبىرلەرنىڭ چىقىرىلىشىدا، فۇنكىسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش ئاچقۇچ
بۇ يىللىق «ئىككى يىغىن »دا « گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋە فۇنكىسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھەسى» گە قاراپ چىقىلىدۇ ۋە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، بۇ ھۆكۈمەت فۇنكىسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر، ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدى چوڭ.
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالتە قېتىم بىر قەدەر زور كۆلەملىك ئورگان ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى، بۇ قېتىم 2008-يىلدىكى زور قىسىم تۈزۈم ئىسلاھاتى ئاساسىدا مەمۇرىي تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ پائال، مۇقىم، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىشىدىن ئۈمىد بار.
سوتسيالىستىك بازار ئىگىلىكىدە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى قىسقارتىش، مەمۇرىي تەستىقلارنى ئازايتىش، تارماق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. بېيجىڭدىكى چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەن ياش جاڭ ياڭ بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك يارىتىش ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ مۇنداق دېدى: دۇنيا بانكىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، كانادادا بىر شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن بىر تەرتىپكە بەش كۈن، شياڭگاڭدا ئۈچ تەرتىپكە ئالتە كۈن، ئامېرىكىدا ئالتە تەرتىپكە ئالتە كۈن كېتىدىكەن، جۇڭگودا 14 تەرتىپ ئۈچۈن 38 كۈن كېتىدۇ.
ئۈچىنچى قىزىق نۇقتا: جۇڭگو ئىقتىسادى ـــ يېڭى خىرىس ئالدىدا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۈستىدە ئىزدىنىش
ئۆتكەن بىر يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى، يەر شارى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارى تۇنجى قېتىم 50 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، %7.8 لىك ئېشىش سۈرئىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، جۇڭگو يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى مۇھىم موتور بولۇش سۈپىتى بىلەن ئورنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.
خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ دۇنياغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا، رۇسىيەدە چىقىدىغان «سەھەر گېزىتى»دە، جۇڭگونىڭ ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىشىدىن زور ئۈمىد كۈتۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئىلگىرى يەر شارىنى جۇڭگو تاۋارلىرى دېڭىزىغا ئايلاندۇرغان دۇنيانىڭ بۇ زاۋۇتى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىستېمال دۆلىتىگە ئايلانماقچى، بۇ دۇنيا ئۈچۈن پايدىلىق.
دۇنيا ئىقتىسادى ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ توڭسەن مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىچىدە پۇقرالار يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، تەكشىسىزلىك مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىدا قانداق قىلىپ يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تاپىدىغانلىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلمەكتە.
تۆتىنچى قىزىق نۇقتا: چىرىكىلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىردەك باشقۇرۇپ، ھوقۇق قەپىزى قۇرۇش
ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، «سائەت ئاكىسى »، « ئۆي ئاچىسى » دېگەندەك دېلولار ئارقا ئارقىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، تور دەۋرىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى ھەيۋىسى گەۋدىلەندى، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىردەك باشقۇرۇش تەدبىرى كىشىلەرگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دولقۇنىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئۈمىدلىنىدىغىنى، تۈزۈم قاتلىمىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش. قانداق قىلىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزمىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ ؟ قانداق قىلىپ ھوقۇقنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە «ئىككى يىغىن » دىكى ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ توغرا ئېنىق كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ.
بەشىنچى قىزىق نۇقتا: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ـــ تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆپەيدى، گۈزەل جۇڭگو ئېغىر سىناققا دۇچ كەلدى
1 مىليون 400 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى تۇمانلىق ھاۋارايى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ زور كۆلەمدە بۇلغىنىشى، زور دەرىجىدە بۇلغانغان، يۇقىرى سەرپىياتلىق ئەنئەنىۋى تەرەققىيات ئۇسۇلى سىناققا دۇچ كەلدى. 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا تۇنجىي قېتىم گۈزەل جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى قىلىندى.ئەمما نوقۇل ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىلا قوغلىشىش، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى بۇزۇش ۋەقەلىرى يەنىلا يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ.
شىئەن شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ جىيوڭ «ئىككى يىغىن » دا مۇھىتنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان « لوس ئانژىلىس ۋاقىت » گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: ئاۋامنىڭ ساداسى تېخىمۇ ساپ ھاۋا ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكىنى ئېلىپ كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ.
ئالتىنچى قىزىق نۇقتا: كىرىم تەقسىماتى مەسىلىسى
سەككىز يىل داۋام قىلغان كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھات لايىھەسى 2013-يىلى ئېلان قىلىندى. كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىش ئوتتۇرھال كىرىملىك ئەللەر دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇمىيۈزلۈك قىيىن تېما. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكىنى ئۆستۈرۈش، قىسمەن مونوپول كەسىپ دۆلەت كارخانلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق خەۋەرلەردىن جۇڭگونىڭ بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋال كوچىسى گېزىتى» جۇڭگونىڭ باج ئىسلاھاتى پىلانىنى «كىرىم پەرقىنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى» دەپ ھېسابلىدى.
ۋېنجۇدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان دېھقان ئىشلەمچى يۈ شاۋ مۇنداق دېدى: دۆلەتنى بىيىتىشتىن خەلقنى بېيىتىشقىچە ناننى ئادىل تەقسىملەش ئىنتايىن مۇھىم. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن كىرىمنىڭ تەڭ ئېشىشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپلەردىكى كىرىم پەرقىنى قانداق قىلىپ داۋاملىق تەڭشەپ، ئەمگەك خاراكتېرىدىكى كىرىمنىڭ سالمىقىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار بۇ قېتىملىق ئىككى يىغىندىكى قىزىق تېمىلارغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
يەتتىنچى قىزىق نۇقتا: جەمئىيەت باشقۇرۇش مەسىلىسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «تور ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش»نىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلدى. ھۆكۈمەت ئاممىنىڭ ئەرز، تەلەپلىرىنى ھەل قىلىش، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇش جەھەتلەردە پائال يېڭىلىق ياراتماقتا. شۇنداق بولسىمۇ، زېمىن، مۇھىت قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئاممىۋى ۋەقەلەر ئۈزۈلمىدى. جەمئىيەتنىڭ تىپىدا بۇرۇلۇش ياساش مەزگىلى زىددىيەتلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ، نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى كەسكىن سىناققا دۇچ كەلمەكتە.
زىددىيەتنى پەسەيتىشنىڭ يېڭى چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىككى يىغىندا ھامان تېشىلىدىغان تېما. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى جەمئىيەتشۇناسلىق كافىدىراسىنىڭ پىروفېسسورى ۋۇ جۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى نۇرغۇن زىددىيەت خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان، بۇ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، تۈزۈم قاتلىمىغىچە ئىچكىرىلەپ كىرىش، قايسى يەر ئاغرىسا شۇ يەرنىلا داۋالاشنىڭ غېمىدە يۈرۈشتىن ساقلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ سىجىل ۋە مۇقىم راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
سەككىزىنچى قىزىق نۇقتا: داۋالىنىش، ئاممىۋى مۇلازىمەت مەسىلىسى
ھازىر شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 300 مىليون ئادەمنى قاپلاپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۈتۈنۈش كاپالىتى تورى شەكىللەندى. كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. لېكىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى بەزىبىر تۈزۈلمە خاراكتېرلىك مەسىلىلەر يەنىلا ئېغىر، ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدە مەسىلىلەر خېلى بار.
كېسەل كۆرسىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش تەس بولۇش مەسىلىلىرى تېخى تەلتۆكۈس ھەل بولۇپ كەتكىنى يوق. ھازىر بۇنىڭغا يەنە كۈتۈنۈش، يەسلىگە كىرىش، سەپەرگە چىقىش تەس بولۇش مەسىلىلىرى قوشۇلدى. لەنجوۋ شەھەر ئاھالىسى لى شاۋچاڭ «ئىككى يىغىن » دىن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يېڭى سىگىنالى چىقىرىپ، ئون جان ئائىلىسىگە پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ چىقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
توققۇزىنچى قىزىق نۇقتا: شەھەر-بازارلىشىش مەسىلىسى
18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يېڭى تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» تا خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇشقا نىسبەتەن بەس-مۇنازىرىسى ئەڭ كۆپ بولدى. سىنگاپوردا چىقىدىغان «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى» 2011-يىلى جۇڭگونىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى %51.27 كە يەتكەن بولسىمۇ، شەھەر-بازارلاردا ياشايدىغان 200 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچىنىڭ كۆچۈش ۋە كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تاماملىنىپ بولغانلىقى، كىملىكى ۋە ئورنىدا ئۆزگىرىش بولۇپ بولالمىغانلارنىڭ ئوخشاش ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى.
يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش كەلگۈسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم كۈچ، كىشلەر «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە تېخىمۇ داغدام يولنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە. تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۇ پېيكې مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ قىزىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ساختا شەھەر-بازارلىشىش، قارىغۇلارچە يول ئېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئادەملەرنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە شەھەر-بازارلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئونىنچى قىزىق نۇقتا: خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسىلىسى
«لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ ياسىلىشى، «تىرانسىپورت 20» ناملىق تىرانسىپورت ئايروپىلانىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئېلىمىز دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەردى. « ئىككى يىغىن » دا ئەتراپتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلۇپ جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ھەققىدە قانداق يېڭى يۆنىلىش ئىپادىلىنىدۇ ؟ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قايتا تەكىتلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا، ئورۇنلۇق ھوقۇقنى، يادرولۇق مەنپەئەتنى قوغداش پرىنسىپىنىڭ ئاخىرقى چېكىنى ئېنىق ئايرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە دىققەت قىلماقتا.
بىر گۈللەنگەن جۇڭگو ھەر قانداق بىر دۆلەتكە تەھدىت سالمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكا ئەقىللار ئامبىرى كەيتو ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى كاپېنت مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: دۇنيانىڭ جۇڭگونىڭ بىر مەسئۇلىيەتچان دۆلەت، شۇنداقلا ئىجابىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە ئاساسى بار.
مەنبە: جوڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا obul21c تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-4 07:16 PM