مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1131|ئىنكاس: 0

دىياۋيۇ ئارىلى مەسىلىسىنى تېنىچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەك  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89518
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-1-3
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 06:01:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگۇنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى «جۇڭگۇ –ياپونىيە قۇرال كۈچى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ،مەسىلىنى تېنىچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەك» دىدى.

(تەرجىمە قىلغۇچى:تىلماچ13)

شىنخۇا تورى بېيجىڭ 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تىلگىراممىسى(مۇخپىر: لىجىخۇي).پۈتۈن مەمىلكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەييەت ئەزاسى،جۇڭگۇنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېڭيوڭخۇا شىنخۇاشې مەخسۇس مۇخپىرلىرىنى كۈتېۋالغاندا تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە جۇڭگۇ-ياپونىيە مۇناسىۋىتى 1972-يىلى دېلىماتىيە ئورنىتىپ نۇرماللاشقاندىن بۇيانقى قاتمال ھالەتكە چۇشۇپ قالدى.ئۆزى تاپقان بالاغا ئۆزى داۋا تاپسۇن دىگەندەك ياپونىيە تارىخ ۋە رىياللىققا توغرا قاراپ،سەمىمىي نىيەت بىلەن جۇڭگۇ تەرەپ بىلەن دىياۋيۇ ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاقىلانە ۋە ئۇنۇملۇك چارىسىنى تېپىش ئۇچۇن ئورتاق تىرىششى كېرەك.

ئۇ تەكىتلەپ:«نۆۋەتتە كىرزىسنى كونتىرول قىلىشنى كۇچەيتىپ،قۇرال تەڭلىششىتىن ساقلىنىش»،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەدرىجى ھالدا ساغلام بولغان مۇقۇم تەرەقىيات يولىغا قايتىپ كىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۇرۈشىنى ئۈمۇت قىلىمەن دىدى.

يېقىنقى مەزگىلدە ياپونىيە ھۆكۇمىتى دىياۋيۇ ئارىلى قاتارلىق مەسىلىلەردە خاتا سۆز-ھەركەتتە بۇلۇپ،نۆۋەتتىكى جۇڭگۇ-ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلدى.چىڭيوڭخۇا مۇنداق دىدى:جۇڭگۇ تەرەپ جۇڭگۇ-ياپونىيە ھۆكۇمىتى ئوتتۇرسىدىكى تۆت سىياسىي ھۆججەتنىڭ پىرىنسىپىنى ئىزچىل تەكىتلەش ئاساسىدا،ئىختىلاپلارنى سۆھبەتلىشپ كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش،كىرزىسنى كونتىرول قىلىش مېخانىزىمى ئورنىتىپ،كۇتۇلمگەن ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىدى ساقلىنىش كېرەك .

«ئەمما ياپونىيە ھۆكۇمىتى دىياۋيۇ ئارىلىنى جۇڭگۇدىن تارتىۋالغان تارىخقا كۆز يۇمدى،40 يىل ئىلگىركى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قلىغان چۇشەنچىنى ئېتىراپ قىلمدى،ياپونىيە خەلقىنىڭ جۇڭگۇ-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ساداسىغا قۇلاق سالمىدى،ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىدە سەمىمىيلىك كەمچىل بولدى،سۆھبەت ئارقىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا ھەقىقى ئىلگىرلەش بولمىدى،دىدى.

«دىياۋيۇ ئارىلى مەسىلىسىنى ياپونىيە يېڭى ھۆكۇمىتى كەلتۇرۇپ چىقاردى،يېڭىدىن سايلانغان ھۆكۇمەتتە مەسىلى ساقلاندى،دىياۋيۇ ئارىلى مەسىلىسىى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى  ئەڭ زور قىيىنچىلىققا دۇچار قىلدى. چىڭيوڭخۇا مۇنداق دىدى: ياپونىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىتا جۇڭگۇ تەرەپ ئېگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ،دۆلەت ئىشلىرى پاراخۇتلىرىنى ئەۋەتىپ،دىياۋيۇ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە نۇرمال چارلاش ئېلىپ بېرىش جۇڭگۇنىڭ يۇگۈزۈشۆكە تېگىشلىك بولغان ئىگىلىك ھۆقۇقى.»

ياپونىيەنىڭ «جۇڭگۇ ھەربى پاراخۇتى ئوت كونتىرول قىلغۇچى رادار بىلەن ياپونىيە ھەربى پاراخۇت ۋە ئايرۇپىلانلىرىنى قارىغا ئالدى» دىگەن ئويدۇرمىچىلىقىغا قارىتا چىڭيوڭخۇا مۇنداق دىدى:«ئەستايىدىل تەكشۇرۇپ دەلىللەشتىن قارىغاندا ياپونىيەنىڭ ئەيىپلىشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق،پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ.»

ئۇ مۇنداق دىدى:«ياپونىيە تەرەپ نۇرمال بولغان دېپلۇماتىيە يولىنى چۆرىدەپ،تاق تەرەپلىك تارقاتقۇچىلارنى يىغىپ،سىرىتقا قارىتا مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمىلەرنى ئاشكارلىشىدىكى مەخسەت:رايۇن خاراكتىرلىك جىددى كەيپىيات پەيدا قىلىپ،ياپۇنىيە خەلقىنى قۇتۇرتۇپ،خەلققارادا خاتا جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىپ، جۇڭگۇنىڭ ئوبرازىغا قارا سۈركەش.بۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە تەرەپ نۇرمال ۋەزىپە ئىجرا قىىۋاتقان جۇڭگۇ دېڭىز ئارمىيسى پاراخۇتلىرى ۋە ئايرۇپىلانلىرىغا ئۇزۇن مۇددەت يېقىن ئارلىقتىن ئىز قوغلاپ دەخلى قىلىپ،جۇڭگۇ –ياپونىيەنىڭ دېڭىز ئۈستى بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى.»

چىڭيوڭخۇا ياپونىيەدە تۇرۇشلىق باش ئەلچى بۇلۇش سۈپۇتى بىلەن نەخ گەپنى قىلىپ:«خىزمەت مۇرەككەپ،سەزگۇرلىكى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى.مەن ياپونىيە خىزمەت قىلىۋاتقىلى 40 يىلغا يېقىن بولدى،جۇڭگۇ –ياپونىيە دېپلىماتىيسى نۇرماللاشقاندىن تارتىپ،ئىككى تەرەپ ئىستىارتىگىيلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى ئورناتقانغا قەدەر بىر مەزگىل گەرچە كۆتىرىلىش ۋە پەسىيىش بولغان بولسىمۇ،ئەمما تېنىچلىق ۋە دوستانىيلىقتىن ئىبارەت چوڭ نىشاندا ئۆزگىرىش بولمىدى.نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋېتى «ئارال سېتىۋېلىش» ۋەقەسى سەۋەبىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى،ئاۋامنىڭ ھېسياتىغا زىت بولغان خائىش پەيدا بولدى،كىشلەرنىڭ قەلىبنى ئازاپلىدى.ئەمما ئەمما مەن جۇڭگۇ-ياپونىيە مۇناسىۋېتىنىڭ كەلگۇسىدىكى تەرەققىيات ئىستىقپالىغا قارىتا يەنىلا ئۇمۇتۋار»- دىدى.

چىڭيوڭخۇا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:جۇڭگۇ-ياپونىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۇنيادىكى ئىككىنچى ۋە ئۇچىنچى ئىقتىسادىي گەۋدە،جۇڭگۇ ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن كۆڭۇل بۇلىدۇ،دۆستانى ئۆتۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەت تارىخىدىن قارىغاندا،تېنىچلىق ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق،ئۇرۇش ھەر ئىككى تەرەپنى جارھەتلەندۇرىدۇ.جۇڭگۇ-ياپونىيە دېپلۇماتيسى نۇرماللاشقان 40 يىلدىن بۇيان،ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى بىر مىليارت ئامرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ،ئۇچ تېرلىيون 400 مىليارت يۇئەنگە يەتتى،ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشى 10000 ئادەم قېتىمدىن 5 مىليۇن ئادەم قېتىمغا يەتتى،دوسلۇق ئورناتقان شەھەر 250 جۈپقا يەتتى.»

چىڭيوڭخۇا مۇنداق دىدى:دىياۋيۇ ئارىلى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە بولغان ئەكىس تەسىرى ئاللىقاچان كۆرۇلدى.ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا،ئۆتكەن يىلى «ئارال سېتىۋېلىش»ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن،ئىككى تەرەپ ساياھەتچىللىرىنىڭ سانى %30 ئەتراپىغا چۇشۇپ قالدى،بولۇپمۇ ئۇمەك ساياھىتىنىڭ چۇشۇشى ناھايتى يۇقۇرى بۇلۇپ %70 دىن ئېشىپ كەتتى.

«جۇڭگۇ تېنىچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرىدۇ،ئەمما دۆلەتنىڭ زىمىن تەۋەلىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان مەسىللەردە يېرىم قەدەممۇ چېكىنمەيدۇ.جۇڭگۇ ھۆكۇمىتى ۋە خەلقىنىڭ  دۆلەت زىمىنى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇقىنى قوغداشقا ئىرادىسى ۋە قابىليىتى بار.» ئۇ مۇنداق دىدى:«ياپونىيە يېڭى ھۆكۇمىتىنىڭ جۇڭگۇ تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،سۆھبەت ۋە مەسلىھەت ئارقىلىق زىمىن ماجراسىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.»

مەنمبە:بەيدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-4 06:51 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zanjir34 + 10 قان تۆكمەي ئالغىلى بو.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش