|
|
|
|
« دولان » دىگەن نام ھەققىدەبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" {, s" P, ]7 F$ Z9 V J: Q
نۆۋەتتە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ نامى تارىخىي تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان قىززىق بىر نوقتا بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردا، بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ كۆپۇيىشىگە ماس ھالدا، ئۇيغۇر دولانلىرى نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە خىلمۇخىل قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا، جۈملىدىن « دولان » دىگەن نام ھەققىدىكى قاراشلارمۇ بىردەك ئەمەس. مەن كىتاپخانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن « دولان » دىگەن نام ھەققىدە ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا چىققان قاراشلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- X. f) t/ k& O) A8 n4 j) c5 [ « دولان » دىگەن نام ئەڭ بورۇن ئېلىمىزنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدىن « تاڭنامە » ۋە شۇ ئاساستا يېزىلغان ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي مەنبەلەردە « دولان » ( Dolan ) دىگەن نامغا تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىن كېلىدىغان خەنزۇچە 多滥葛、多览葛 دېيىلىدىغان قەبىلە نامى ئۇچرايدۇ.① بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ « يىڭى تاڭنامە »، « قابۇسنامە »، « كىتاپلار جەۋھىرى »، « ئومۇمى تەزكېرە »، جوڭگونىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىسىم-فامىلە لۈغۇتى » ۋە « جوڭگونىڭ ئېسىم-فامىلە قامۈسى » دىگەن ئىلىم ساھەسىدە نۇپۇزلۇق ئەسەرلەردىكى مەلۇماتلار ئارقىلىق چىقارغان يەكۇنىدىن قارىغاندا، « دولان » دىگەن بۇنام مىلادى Ⅴ،Ⅳ ئەسىرلەردىكى تارىخىي مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنغان، يەنى ۋىي سۇلالىسى دەۋرىدە دىڭلىڭ قەبىلىلىرى قاتارىدا « دولان » ( 多兰 ) قەبىلىسى بولغان، تېلېلار دەۋرى ( مىلادى Ⅴ ئەسىرلەر ) دە بۇ قەبىلە « دولانگېت » (多览葛 )، « دولان » (多滥、多览 ) دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان، بۇ قەبىلە ناملىرى ھازىرقى دولانلارنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى بىلەن ئوخشاش.② بىز ھازىرقى ئۇيغۇر دولانلىرىنى ئەنەشۇ قەدىمقى خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان « دولان »، « دولانگىت » لارنىڭ ئۆزى شۇ دەپ قارايمىز. ئەمدى بۇ يەردىكى « دولان » نامىغا ئۇلىنىپ كەلگەن « گېت » نىڭ مەنىسى ھەققېدىكى قاراشلارغا كەلسەك، بۇ ھەقتە ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرى بىردەك ئەمەس. مەن بۇ يەردە ئاشۇ زىددىيەتلىك قاراشلارنى كۆپلەپ بايان قىلىشتىن كۆرە، بىزگە بىرقەدەر ئومۇمىيراق بولغان « گېت » « دولان » دىگەن نامنىڭ كۆپلۈك شەكلى ئىدى ③ دىگەن قاراشنى قوبۇل قىلدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ w% ]' N& X$ Y/ |0 o" I5 B* ]* \0 M « دولان » دىگەن نامنىڭ تىلغا ئېلىنغان دەۋرى ھەققىدىكى قاراشلار، تەتقېقاتلارنىڭ ھەرخىل بولغىنىغا ئوخشاش، « دولان » دىگەن بۇ نامنىڭ ئېتمولوگېيىسى ھەققىدىكى قاراشلارمۇ ئوخشىمايدۇ، تۇۋەندە مەن بۇ ھەقتىكى ئوخشاش بولمىغان بىرقانچە خىل قاراش ۋە مەنبەلەرنى كۆرسىتىپ ئۇتىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- z# ^1 g4 s6 h Z, L5 v% K ـــ « دولان » لار يۇەن، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرى ( 1279-1644-يىللار ) دىكى مۇڭغۇللارنىڭ بىر قەبىلىسى بولغان « دوغلات قەبىلىسى » نىڭ بىر تارمىقى ④ دىگەن قاراش بولۇپ، بۇ قاراشتىكىلەر « دولان » دېگەن نام بىلەن « دوغلات » دېگەن نامنى بىر-بىرىگە باغلاپ چۇشەندۇرىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! F7 \3 n9 D# S
ـــ « دولان » سۆزى موڭغۇلچە « يەتتە » دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدىغان « دولان » (Dolan ) سۆزىدىن ئۆزگېىرىپ كەلگەن دىگەن قاراش ⑤بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' Y. ]+ z' Y& K0 A8 [( ~
ـــ « دولان » سۆزى ئۇيراتلارنىڭ يەنى بىر نامى، « دولانلار ئۇيراتلارنىڭ بىر قىسمى » دىگەن قاراش ⑥
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 A7 e" x( \* @: w" o/ e7 d* o( S# X ـــ ھونلار مىلادىدىن ئېلگىرىكى 89-يىللىرى ئىككىگە بولۇنۇپ كەتتى، بىرقىسمى غەرىپكە كۆچۈپ تەڭرى تەغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ ۋادىسىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قورۇپ « ئاق ھونلار ( ئېفتالىتلار ) خانلىقى » دەپ ئاتالغان.... يەنە بىرقىسىم ھونلار تەكلىماكان چۆللىكىنىڭ غەربىي بۇرجىگىدىكى تەبىئى ئورمانلاردا بىرلىككە كەلگەن ئىپتىدائى قەبىلە بولۇپ ياشاپ، جاڭگال، ئوتلاقلاردىن پايدىلىنىپ چارىچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، دەريالارغا سۇ كۆپ كەلگەن يىللىرى بوز يەرلەرنى ئۆزلەشتۇرىپ دىھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇلار ئاساسەن چۆل جەزىرە، دالا-ياقېلاردا ياشىغانلىقى ئۇچۇن « دالا ھونلار » دەپ ئاتالغان، كىيىنكى دەۋىرلەردە تىل-تاۋۇشلار جەھەتتىكى ئۆزگىرىش جەريانىدا « دالا ھونلار » ئېغىز تىلىدا « دالونلار »، « دولانلار » دەپ ئاتالغان. ⑦
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 r; n8 G5 G/ X* [4 b ـــ « دولان » ئەرەپلەرنىڭ قويغان لەقىمى بولۇپ، « دىنغا سۇس » دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ ( ئۇ يەنە « تۈرك » خەلق، « قارا تۈرك » دىگەن مەنىدە-دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ⑧
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ^. z( H! x6 u ـــ « دولان » دىگەن نام « دۆۋلەن » دىگەن سۆزدىن ئۆزگېرىپ كەلگەن، بۇ قاراشتىكىلەر خەلق ئىچىدىكى پىشقەدەملەرنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرى، رىۋايەتلىرىگە ئاساسلىنىپ، مۇنداق دەيدۇ؛ ھازىرقى « دولان » دەپ ئاتالغان بۇ رايۇن بورۈن جاڭگاللىق بولۇپ، دولانلارنىڭ ئاتا-بوۋۇسى بۇ يەرنى ئۆزلەشتۇرىش داۋامىدا، نەچچە ئائىلىلىك بىريەرگە، بىرقانچە ئون ئائىلىلىك بىر يەرگە توپلىشىپ « دۆۋلىنىپ » ئۆم بولۇپ ياشىغان. بۇ يەرلەرنىڭ تەدرىجى ئۆزلىشىپ ئاۋاتلىشىشىغا ئەگىشىپ، سىرىتقى جايلاردىن سودىگەرلەر، تىۋىپ، ئوۋچىلارمۇ كىلىشكە باشلىغان، ئۇلار بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقنىڭ بىر ئورۇنغا يىغىلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆرۇپ « بۇلار دۆۋلەن-دۆۋلەن ياشايدىغان ئادەملەر ئىكەن » دىيىشكەن، يۇرىتلىرىغا قايىتقاندا « دۆۋلەنلەر » ھەققىدە كۆرگەن- بىلگنلىرىنى سۆزلەپ بىرىشكەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن « دۆۋلەن » دىگەن سۆز ئېيتىشقا ئاسان بولغان « دولان » دىگەن ئاتالمىغا ئۆزگەرگەن ھەم سىڭىپ قالغان ⑨.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: i& V4 u9 p3 B3 B5 i3 k
ـــ « دولان » قەدىمقى « تۇران » دىگەن نامدىن كىلىپ چىققان. بۇخىل قاراشتىكىلەر مۇنداق دەيدۇ؛ ئومۈمەن قەدىمقى تۈرك قەبىلىلىرى ئېلكىدە بولغان پەرغادىدىن سىبىريىگىچە، ئافغانىستاندىن سەددىچىنگىچە سۇزۇلغان كەڭ دىيارغا بىرىلگەن « تۇران زىمىن » بۇ ئورتاق نام، نەچچە يۇزيىللاردىن بۇيان ئۆزگىرىپ ئۆزلىشىپ قالغان. ئېلىمىزدىكى ئۆزگىرىشكە كەلسەك، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ نادىر ئەسىرى « تۇركىي تىللار دىۋانى » دا دەل « ت » ھەرپى بىلەن « د » ھەرپىنىڭ ئالمىشىش ئۇستىدىمۇ توختىلىپ؛ ئوغۇزلار ۋە ئۇلارغا يېقىن جايلاشقانلار سۆزىنىڭ تەركىبىدىكى « ت » ھەرپىنى « د » گە ئالماشتۇرىدۇ. مەسىلەن: تۇركلەر « تۇگە » نى « yavat » دىسە، ئۇلار « yawat » دەيدۇ... « ر » ھەرپى بەزىدە « ل » غا ئالمىشىدۇ، دەپ يېزىپ مىسال بىلەن ئۇچۇق كۆرسىتىپ ئۆتكەن، ھازىرقى جانلىق تىلدىمۇ « ت » ھەرپىنىڭ « د » ھەرپىگە، « ر » ھەرپىنىڭ « ل » ھەرپىگە ئۆزگۇرىشى قىسمەن ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، يەرلىك شىۋىلەردە بىرەر ئىش ھەركەتنىڭ بىراۋ تەرىپىدىن قىلىندىغانلىقىنى بىلدۇرىدىغان « قىلىدۇ » دىگەن سۆزنىڭ « قىلتۇ » دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشى ھىلى ھەم مەۋجۈت ( بولۇپمۇ خۇتەن شىۋىسىدە تەخىمۇ شۇنداق ). بۇ پاكىتلار « دولان » قەدىمقى « تۇران » دىگەن سۆز ( نام ) دىن كەلگەن دىگەن قاراشنىڭ ئېھتىمالغا ناھايتى يېقىن ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ ⑩.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* {% |! q4 Q3 r, n, w: `/ o ـــ « دولان » ئاتالغۇسى مۇڭغۇلچە سۆز بولماستىن، ئۇيغۇر تىلىدىكى « تۇران » ئاتالغۇسىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى. بىيجىڭدە نەشىر قىلىنغان « ئەرەپچە-خەنزۇچە لۇغەت » تە « تۇر، تۇران » سۆزى « دولان » دەپ ئىزاھلانغان ( « تاغلىقلار » دېگەن ئىزاھاتمۇ بىرىلگەن ) ⑾.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 U8 |" e. G8 N/ b
دىمەك، يۇقۇرقىلار « دولان » دىگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى، مەنىسى ھەققىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى دولانلارنىڭ موڭغۇل ۋە ئۇيراتلارغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان قاراشلار كۇچلۇك دەلىل ئىسپاتلار ئارقىلىق رەت قىلىنغان ⑿ « دالا ھونلار »، « دۆۋلەن » ۋە باشقىلار بىر خىل ئىلمىي پەرەز بولۇپ، ماتىرىيال مەنبەسى يىتەرلىك ئەمەس. مىنىڭ گەرچە بۇ ھەقتە باشلىغان تەتقىقاتىم تەخى دەسلەكى باسقۇچتا بولسىمۇ، لىكىن ئىگەللىگەن ماتىرىيال، سىلىشتۇرىلغان مەنبەلەردىن چىقىرىلغان يەكۇنىم « دولان » نامى « تۇران » بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: ^7 Z/ O8 Z, B! m8 n1 x
1، تىل نوقتىسىدىن قارىغاندا، تاۋۇشلارنىڭ ئالمىشىش قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن ھالدا، « تۇران » دىگەن نامنىڭ « دولان » دىگەن نامغا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بار. ئەلۋەتتە، بۇ ناھايىتى ئۇززاق ۋاقىت ھەم تىل شىۋىسى ئوخشاش بولمىغان ئىپتىدائى مۇھىتنى باشتىن كەچۇرگەن بولۇشى كىرەك.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ B7 v- Q2 }3 O0 y( m
2، ئېتنىك مەنبە جەھەتتىن بۇلار تۇركىي تىللىق قۇۋم بولۇپ، ئۆزارا تۇمۇرداش.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 c2 N2 `9 e- H! v+ V; ~
3، جۇغراپىيەلىك مۇھىت جەھەتتىن ئىرانلىقلار تەرىپىدىن « تۇران » دەپ ئاتالغان تۇركىي تىللىق قۇۋم بىلەن تىلىلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان « دولانگىت » ( دولان ) لار ئوخشاش بىر زىمىندا ياشىغان. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# q& c# a: i' @# q0 e0 N) D+ j
سىتانا مەنبەسى:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, t' ?& g1 d# G2 _
① مىرسۇلتان ئوسمانوۋ: « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دېئالېكلىرى » شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1990-يىل نەشرى 108-بەت.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 y& I9 U& z* Z- N4 P* a8 ^" L
⑥⑤④② ئۆمەرجان ئىمىن: « دولان ۋە دولان مەشرەپ مۇقاملىرى ھەققىدە » شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى 1989-يىلى 3-سان 63-،64، 65-،67-بەت.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: [! Z) t/ p( u: k) C1 J' k ③ئۆمەرجان ئىمىن: « دولان ۋە دولان مەشرەپ مۇقاملىرى ھەققىدە » شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى 1989-يىلى 3-سان 65-بەت؛ ئەمەتجان ئەخمىدى: « ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا » شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1992-يىل نەشرى 52-بەت.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ v/ i/ f; k( a; n, T' x
⑦ ئابدىرشىت ئىسلامى: « مەكىت ۋە دولان ھەققىدە تارىخىي مۇھاكىمە » دىگەن ئەسىرى بىلەن پەرھات قادىر « دولان ئاتالغۇسى ھەققىدە ئىزاھات » دىگەن ئەسىرى ( بۇ ئىككى پارچە ماقالە 1989-يىلى ئاپتۇنىم رايۇن بۇيىچە مەكىت ناھىيەسىدە ئېچىلغان سەنئەت مۇھاكىمە يىغىنىغا ئېۋەتىلەەن بولۇپ، ئېلان قىلىنمىغان. بۇ ئەسەرلەردە « دولان » دولان دىگەن نامنىڭ « دالا، قىر ۋە ئورمان ساھىلىدا ياشايدىغان ئائىلىنىڭ نامى » ئىكەنلىگى ئىلگېرى سورۇلگەن ).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ], @& A/ w/ z2 G0 c ⑧ بۇ قارشنى مەن 1988-يىلى مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق يېزىسى بولۈڭلاڭقا كەنتىدە جەمئىيەت تەكشۇرگىلى بارغان چېغىمدا خۇجىلار ئەۋلادلىرى ئېغىزىدىن خاتىرىگە ئالغان.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 w/ L( I6 Z, F7 a" q5 B, A
⑩⑨ تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم: « دولان ھەققىدە » شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى 1984-يىلى 2-سان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' X; Q/ Q! b: e6 ^3 R Y4 M. S ⑾ ئابلىمىت روزى: ياباقۈ قەبىلىسى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىشلەر » قەشقەر پېداگۇگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى 1985-يىلى 3-سان 88-،89-بەتلەر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 u+ E4 N9 r2 e$ |+ J ⑿مىرسۇلتان ئوسمانوۋ: « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دېئالېكلىرى » شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1990-يىل نەشرى 98-،107-بەتلەر؛ ئۆمەرجان ئىمىن: « دولان ۋە دولان مەشرەپ مۇقاملىرى ھەققىدە » شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى 1989-يىلى 3-سان 65-، 70-بەتلەر.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- y' f8 ~: a7 a
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* E3 g& r1 z4 X7 a+ l2 ]2 N9 H
مەزكۇر ئەسەر ئادىل مۇھەممەت تۇران « مەكىت تارىخىدىن تىزىسلەر » شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2001-يىلى 10-ئاي 1-نەشرىدىن ئېلىندى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 n* j! h: o9 B3 g2 h
مۇنبەرگە يوللىغۇچى: دولانبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; R" v0 V& F, k0 n8 F! q7 n" K) ~6 r
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* n) r, F4 O5 J( K/ L' r \
[ بۇ يازمىنى kadirdolan تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2013-3-4 03:43 PM ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 t. Z# n/ S% ~ P
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' [3 B, s7 x$ @+ s# E& s! v& |& `4 { s
|
|
|
|
|
|