مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2384|ئىنكاس: 27

دىن كىشەن ئەمەس(كۆك ھىلال) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 09:04:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


دىن كىشەن ئەمەس



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداشلار! مەن ئالدىدا (مەن ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟)يازغاندىن كىيىن (ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇنىشى نىمىگە باغلىق؟)دىگەن تىمىلارنى يازدىم!بەزەن قېرىنداشلار مىنى چۈشەنگەن بولسىمۇ يەنە بەزى قېرىنداشلارنىڭ مىنى ھاقارەت قىلىشى،يەنە بەزىلىرىنىڭ بۇنداق مۇنازىرىنى ئەھمىيەتسىز دەپ قارىشى مىنى ئەجەبلەندۈردى.ئۇيغۇر مىللىتى مىڭ يىللارنىڭ ياقى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىپ كىلىۋاتقان مىللەت!ئىسلام دىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ  تۇرمۇشىغا، بەدىئىي قىزىقىشىغا ،ئىستىتىك قارىشىغا شۇنداقلا قىممەت قارشىغا چوڭقۇر يىلتىز تارىتقان.مەن ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىسلامنى توغرا تونۇماي،ئىسلامنىڭ ماھىيىتىنى تونوماي،خەلىقنى ئىسلام يولى بىلەن ئويغاتماي ئۇيغۇرنى ئۇيغۇتۇش مومكىن ئەمەس دىگەن قاراشقا كەلدىم.شۇڭا بۇنداق تۈردىكى يازمىلارنى كۆپ يازىمەن!


مىللەت بىلەن دىننىڭ ھەر ئىككىلىسى مەدەنىيەت.دىندىن مىللەتنى ئايرىپ مىللىتنى دىندىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىش ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئەسلا ماس كەلمەيدۇ!مىللەت ئۇقۇمى بىلەن دىن ئۇقۇمىنى بىرلەشتۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا مىللەتنىڭ ھاياتى كۈچى،ئالغا ئىلگىرلەش كۈچى شۇنداقلا مىللىي ئورتاق غايىنى ئەمەلىلەشتۈرۈش كۈرىشى نەزىرىيىۋىي ئاساسقا ئىرىشىپ تۈرلۈك زىددىيەتلەر ھەل بولىدۇ!
دىننى توغرا تونۇش ۋە دىننىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈپ يىتىش ئەقەللىي مۇسۇلمانچىلىق ساۋادى دەپ قارايمەن!ئىسلام دىنى ئىلمىيلىكى بىلەن ھەق دىندۇر!ئەگەر ئىسلام قانداقتۇر زىددىيەت ئىچىدە يېزىلغان بىر كىتابنىڭ ئاستىدا بولغان بولسا ئىسلام دۇنياسى مەۋجۇد بولمىغان بولاتتى!دىننىڭ ماھىيىتىنى تونۇش-دىننىڭ ئىلمىيلىكىنى،ھەقلىقىنى تونۇش دىمەكلىكتۇر!
نۆۋەتتە تور يۈزى ۋە جەمىيىتىمىزدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىساق بەزى ئالىملار ھەق دىن ئىسلام دىنىغا كىرىۋېتىپتۇ بەزى مۇسۇلمانلار ھەق دىندىن چىقىۋىتىپتۇ.بۇنۇڭ سەۋەبىي نىمە؟
ئىنجىل ۋە شۇ تەرەقىدىكى كىتابلارنىمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان. بىز ئۇنۇڭغا ئىشىنىمىز ئۇ كىتابلارنى ئىنكار قىلمايمىز!ئىنجىلنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغىنى رىئاللىق، شۇنداق بولغانلىقى ئۇچۈن ئۇ كىتابلارغا يالغان تەپسىرلەر كىرگۈزۋىتىلگىنى بىلەن ئۇنۇڭمۇ ھاياتى كۇچى بار.ئىنجىلنى ئۆلىمالار دىنى سۇس ئادەم ئوقۇسا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.بۇنۇڭ ئىلمىي ئاساسى بار.بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۇيغۇر جەمىيىتىدە خىرستىيان مۇرۇتلىرى كۆپۈيۈپ قالدى.بۇنۇڭ سەۋەبىنى مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىنى تونوشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن،پەقەت قارىلارچە قۇرئان ئەرەپچىسىنى ئۈگۈتۈشنىلا چىڭ تۇتقان دەپ قارايمەن.بۇ سەۋەبىمنىڭ ئاساسى مۇنداق:
ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئىسلامنىڭ مەنىسىنى تونۇشقا ۋە ئەمەل قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.شۇڭا بالىلارنى ئەرەپچە قۇرئان ياتلاشقا زورلايدۇ.بالىلار قۇرئاننىڭ ئەرەپچىسىنى ياتلايدۇيۇ ئۇنۇڭ مەنىسىنى بىلمەيدۇ.قۇرئاننىڭ قۇدرىتىنى،بۈيۈكلىكىنى ئۇنۇڭ ھىكمىتىنى ھىس قىلمايدۇ.بۇنداق بالىلار ھوزورلۇنۇش تىپىدىكى يات مەدىنىيەتكە ئاسانلا قىزىقىپ كىتىدۇ.نەتىجىدە قۇرئان ياتلىغان بىلەنمۇ ئەمەلىيىتى مۇسۇلمان ئەمەس بىر قىسىم كىشىلەر يىتىشىپ چىقىدۇ.بۇنداقلارنىڭ بالىلىرى ھېلىقى يات مەدىنىيەتكە تېخىمۇ ھىرىس چوڭ بولىدۇ.ئۇنداقلار ئىنجىلنىڭ ئۆز تىلى بويىچە ئوقۇيدىغان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ،باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىدا،ئىنجىلنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈپ،ئۇنۇڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن خىرىستىيان مۇرۇتلىرىغا ئايلىنىدۇ. ئەرەپچە قۇرئان ياتلىغان ئادەم بىلەن ئىنجىلنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇپ خىرىستىيان بولغان ئادەمنىڭ ئىتىقاد كۇچى قايسىسىنىڭ يۇقىرى بولىدۇ؟(بۇ قاراش بىراز يۇزەكىي بولسىمۇ،لېكىن زامان ئۇقۇمىنى ئاددىيلاشتۇرغاندا ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز)
ئىسلامنىڭ ئىلمىيلىكى نۇرغۇن دۇنياۋىي ئالىملارنىڭ ئىسلامغا كىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.(بۇ يەردە مىسال ئىلىپ ئولتۇرمايمەن.)ئالىملار ئىسلامنى باشقىلارغا قارىغاندا توغرا تونۇيدۇ.چۈنكى ئالىملار تەبىئەت ۋە ئىجدىمائىي ھادىسلىلەرنى تەتقىد قىلغاندا مەلۇم بىر چەكلىمىلىككە ئۇچرايدۇ.ئۇ چەكلىمىلىكلەردە مەلۇم بىر كۈچنىڭ رول ئويناۋاتقىنىنى ھىس قىلىدۇ.ئۇلار ئاللاھقا ۋە تەڭرىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ.نىيوتۇنمۇ كۈچنىڭ ساقلىنىش قانۇنىدا ئالەمنى بىرىنجى قىتىم تەڭرىنىڭ ئايلاندۇرغىنىنى قەيت قىلىپ تەڭرىگە ئىشەنگەن.نۇرغۇن ئالىملارمۇ ئۆز تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلەرنى قۇرئان كەرىمنىڭ قۇرلىرىدا كۆرۈپ ئىسلامغا كىرىۋاتىدۇ.
دىمەك ئىسلام ھىسسىي سىزىمغا تايىنىپ ئىبادەت،ئىتىقاد قىلىشقا ئەمەس ئەقلى كۆز بىلەن ئىمان كەلتۈرۈشكە ئىھتىياجلىق.ئىسلام ئىلمىيلىكىنى تۇتقا قىلىپ ئىسلامنى ھەقىقىي مەنىسىدە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن تەپەككۈر قىلىپ ئوقۇش بىزنى ئاللاھقا ۋە ئىسلامغا تېخىمۇ يىقىن قىلىدۇ.
مەن ئىنىمغا :
ئىنىم بۇندىن كىيىن سوغۇق سۇ ئىچمە!دىدىم
ئىنىم مىنىڭ (بۇندىن كىيىن سوغۇق سۇ ئىچمە)دىگەن گىپىمنى تەكرارلاپ ساراڭلارچە ئوقۇپ يۈرىۋەرسۇنمۇ يا بۇندىن كىيىن سوغۇق سۇ ئىچمىسۇنمۇ؟
قۇرئان سىز ياتلايدىغان، ياتلىغان بىلەن ئەمەل قىلمايدىغان ماركىسىزىم تەلىماتلىرى ئەمەس.بەلكى ئىلاھىي بۇيرۇق.ئۇ سىزدىن ئۆزىنى ساراڭلارچە ياتلىشىڭىزنى تەلەپ قىلمايدۇ،بەلكى ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن قاراپ تەپەككۇر قىلىشىڭىزنى قۇرئاندىن ئىبارەت ئىلاھىي قانۇنغا ئەمەل قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ!
خىرىستىيان مۇرتلىرى بۇرمىلانغان ئىنجىلنى كۈتۈرۈپ پۈتكۈل دۇنيانى سېسىتىۋاتىدۇ.ھازىر خىرىستىيان دىنى دۇنيادىكى بىرىنجى چوڭ دىن.بۇ قانداقتۇر خىرىستىيان دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى تەشۋىقاد- تەرغىباتلىرىنىڭ جانلىقلىقىدا.
ئىسلام تارىخىغا قارىساق ئىسلامدىن ئىبارەت ھەق،ئىلمىي دىننىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ،ئاۋام خەلىقنى نادانلىققا،خۇراپاتلىققا باشلىغان كىشىلەر بەكمۇ كۆپ.بۇلار نادان خەلىقنى قۇرئاننى چۈشۈنۈپ ئوقۇشقا باشلىماي ئەكسىچە ياتلاشقا باشلىدى.بۇنۇڭلۇق بىلەن خەلىقنىڭ نادانلىقى تىخىمۇ كۇچىيىپ قۇرئاننى چىرايلىق تەبلىغ قىلىدىغانلا كىشىنىڭ گىپىنى توغرا، مۇقەددەس بىلىپ ئۆز مەدەنيىتىنى،ئىسلامنىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىلىۋەتتى.مانابۇ بىزنىڭ ئەڭ چوڭ كەتكۈزۈپ قويغان يېرىمىز.
كۈچۈم بولغان بولسا ئىدى پۈتكۈل ئىمام-موللىلارنى ئاۋۋال داڭلىق ئالىم قىلىپ يىتىشتۇرۇپ چىقىپ ئاندىن ئىسلامنى تەشۋىق قىلىشقا قوياتتىم.ئاللاھنىڭ مۆجىزاتلىرىنى،كامالەتلىرىنى ھىس قىلمىساڭ دىنىڭ شۇنچە سۇس بولىدۇ.
ئارتۇقچە پەتىۋالارنى خۇرجىنىغا لىق قاچىلاپ ئەمدى بىر مىللىي ئېڭى ئويغۇنۇپ ئۆزىگە زەن سىلىۋاتقان كىشىلەرنى ساختا ئىسلام پەتىۋالىرى بىلەن ئوجۇقتۇرۋاتقان تور موللىلىرى ھىلى ھەم بىزگە سالجىدەك چاپلاشماقتا!ئۇلارنىڭ پەتىۋالىرى ئەقلىي تەپەككۇردىن ئاددىي لوگىكىلىق باغلىنىشتىن ئۆتمەيدۇ!
يىقىنقى زامانغىچە كىشىللىرىمىز مۈشۈك دىگەن ئىككى يۇزلىمىچى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغاندا مۇناپىقلىق قىلىدۇ دەپ پەتىۋا تېرىپ يۈردى!ئۇلار بۇنۇڭ ئەقلىي تەپەككۈرگە،مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلمىدى،پۈتكۈل كائىناتنى مۆجىزىكار ھىكمەتلىرى بىلەن بىلەن ياراتقان ئاللاھنى،تاشنىڭ تىگىدىكى قۇرۇتنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھنى،مۈشۈكنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى بىلمىگىدەك دەرىجىدە قىياس قىلدى!
مەرىپەتنى،مائارىپنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىننى نادان دىن قىلىپ كۆرسۈتۈپ قىزلارنىڭ ئوقۇشىنى چەكلىدى!ئەمگەك بايرىمى،باھار قۇتلۇقلاش بايرىمى بولغان نەۋرۇز بايرىمىنى پەتىۋاغا پىچىپ ئىنكار قىلدى!
مانا يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى نادانلىقنىڭ،بۇرمىلانغان دىننىي سەپسەتىلەرنىڭ ئۈنىمى.ئىسلام ھەدىسلىرىگە يەھۇدىيلار نۇرغۇن ساختا ھەدىسلەرنى كىرگۈزۋەتكەن ئىكەن،لىكىن قۇرئانغا ھەرگىز ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمەيدۇ.قۇرئان بىزنى ھىدايەتكە،تەرەققىياتقا،قۇدرەتكە ئىرىشتۈرىدۇ.لىكىن ئۇ قۇرۇق ياتلاشقا ئەمەس بەلكى ئەمەل قىلىشقا تايىنىپ ئىشقا ئاشىدۇ.
ئىسلام دىنى مەنتىقىدىن ئۆتمىگەن،ئادىمىيلىكتىن ئۆتمىگەن،كىشىلەرگە زىيانلىق نەرسىلەرنى ھەرگىز تەلەپ قىلمايدۇ!مۇشۇ نۇقتىنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدۇر!
بەلكىم بۇتېمىنى كۆرگەن بەزى موللىلار مىنى يەنە ھاقارەت قىلىشى،ھەتتا ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدىغان مۇسۇلمان دىگەن ئۇنۋاننى ئۆزى تارقىتىپ مىنى مۇسۇلمان ئەمەس خىرىستىيان دەپ چالۋاقىشى مومكىن!قورقمايمەن چۈنكى ھەققە ئىنتىلىدىغان نۇرغۇن ئويغاق كىشىلىرىمىزمۇ ھەم بار!
يۇقارقى تېمىنى بىۋاستە ئۇرغاچقا بىر قاتار ئىملا ۋە لوگىكىلىق خاتالىقلار يۈزبىرىشى مومكىن!توغرا چۇشىنەرسىلەر!ئويلايدىغان نەرسە كۆپ يازىدىغان ۋاقىت يوق!شۇڭا بۇتىمىنى ئالدىراشچىلىق ئىچىدىلا يوللۇدۇم!




مەنبەسى:ئۆزەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zumrettash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-3 10:24 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mahmutogli + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7565
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7708 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 10:42:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىز ھارمىغاي دوستۇم .سىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىز ماڭا يارايدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 10:43:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ،  يەنە بىر ئۇقۇي .

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 11:27:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس بىلەن ساقلىۋىتىپ بىردەمدىن كىيىن ئوقۇپ ھىس قىلغانلىرىمنى ئىنكاس قالدۇراي !

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91845
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 11:34:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بىزگە توغرا تەپەككۈر يوللىرىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەي ، ئەقىل كۆ زىمىزنى روشەن قىلغاي . ئامىن ...

(توغرا تەپەككۈر )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91556
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 11:39:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى ۋاستە قىلىپ گۈللەندى ۋە تەرەققىي قىلدى. مەسىلەن: قاراخانىيلار دەۋرى ۋە سەئىدىيە دەۋرى. بۇ دەۋىردە داڭلىق كىشىلەر مەيدانغا كەلدى ۋە چىڭگىز ئەۋلادلىرى ئىسلام ئارقىلىق ئۇيغۇرلاشتى.
ئۇيغۇرلار يەنە ئىسلام دىنىنى ۋاستە قىلىپ خاراپلاشتى. مەسىلەن ئاپاق خوجا دەۋرى ۋە ھازىرغىچە. بۇ دەۋىردە نۇرغۇن ئالىم كىشىلىرىمىز ئۆز قىرىنداش، دىنداشلىرى تەرىپىدىن قەستلەندى. مەسىلەن ئابدۇقادىر داموللا قاتارلىق نۇرغۇن بىز بىلىدىغان بىلمەيدىغان ئالىم كىشىلىرىمىز قەستلەندى ۋە قارلاندى. بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ........
ئۇيغۇرلار يەنە ئىسلام دىنى ئارقىلىق گۈللەنگۈسى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەزھەپسىز، ئىختىلاپسىز ئىسلامنىڭ ئەسلىگە قايتىپ قۇرئان ۋە ھەدىس يولىدا ماڭالىساق.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36697
يازما سانى: 816
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3118
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 4933 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 11:55:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nur99 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-3 11:39 PM
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى ۋاستە قىلىپ گۈللەندى ۋە تەرەق ...

اللە رەھمەت قىلۇن، كۈڭلۈمدىكى ئىنكاس، ئىنكاسىڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم


سۇقۇلدىغان ساندال بۇلغۇچە، ئۇرىدىغان بازغان بۇل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5437
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 12:18:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nur99 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-3 11:39 PM
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى ۋاستە قىلىپ گۈللەندى ۋە تەرەق ...

   ناھايىتى توغرا گەپ قىلدىڭىز، ئىسلامنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇماسلىقىمىز بىزنى تولدۇرۋالغۇسىز زىيانغا ئۇچراتتى.

ھايات ماڭا يىغلاش ئۈچۈن بىر سەۋەب تېپىپ بەرسە مەن كۈلۈش ئۈچۈن مىڭ سەۋەب تاپىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5437
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 12:20:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئىدراكلىق تەپەككۇرىڭىزنى ياقتۇردۇم ھەمدە يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىئىنەزىرىڭىزنى قوللايمەن!

ھايات ماڭا يىغلاش ئۈچۈن بىر سەۋەب تېپىپ بەرسە مەن كۈلۈش ئۈچۈن مىڭ سەۋەب تاپىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85730
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 12:25:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يېزىپىسز. ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.  دىن بىلەن مىللەت زىت ئوقۇم ئەمەس. مىللەتنىڭ گۈللىنىشى مىللەتپەرۋەرلىكتىن ئايرىلالمايدۇ. مەن بىر چاغدا ئەرەب چولپانلىرى ئېيتقان«ئەرەبنىڭ چۈشى» دېگەن  mtvكۆرگەن. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشى دەپ ئېيتماپتۇ. بىز مىللىي ئاڭ بىلەن كۈچلۈك دىنى ئېتقادنى بىرلەشتۈرەلىشىمىز كېرەك. دىن بىلەن پەننى ئايرىپ قاراش توغرا ئەمەس. مەسلىنىڭ ئاچقۇچى-تەرەققىيات. قانداق قىلغاندا تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ؟ يەنىلا تىرىشىش كېرەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش