|
|
|
|
دۆلەتنىڭ 2013-يىللىق ئەڭ يېڭى قاتناش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش تىللىق شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سېستىمىسى دۇنياغا كەلدى.
تەپسىلاتىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ
بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xohboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-3 07:48 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-4 04:10 PM):
دىتال ئىسمى: شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سېستىمىسى V2013
دىتال سىغىمى: 65.8MB
بازارغا سېلىنغان ۋاقتى:2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
دېتال تىلى:ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە
نەشىرى: 2013 V1.0
قوللايدىغان سېستىما: كۆزنەك(Windows)Xp, كۆزنەك7، كۆزنەك8، كۆزنەك Vista
ئاساسلىق ئىقتىدارى: ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تىلدا شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان مەشىق سوئاللىرىنى ئىشلەش، 1-پەن تەقلىدىي ئىمتىھان بېرىش، 4-پەن(مەدەنىي يول يۈرۈش) تەقلىدىي ئىمتىھان بېرىش؛ ئەمەلىي ئىمتىھاننىڭ سۈرەتلىك دەرسلىكىنى كۆرۈش.
سوئال سانى: 1034ئۇيغۇرچە سوئال. 1034خەنزۇچە سوئال.
قاچىلاشقا بولىدىغان كومپىيۇتېر سانى:
ھەربىر تىزىم نومۇرىنى پەقەت بىرلا كومپىۇتىرغا قاچىلىغىلى بولىدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن شۇ كومپىيۇتىرغا قايتا قاچىلىغىلى بولىدۇ، لېكىن باشقا كومپىيۇتىرغا يۆتكىگىلى بولمايدۇ.
دىتال باھاسى: 50يۇەن/كومپىيۇتېر
بىرىنچى، ئاساسىي چۈشەندۈرۈش
1. تەقلىدىي ئىمتىھان قىسمى:
تەقلىدىي ئىمتىھان-ئاساسىي پەن(1-پەن) ئىمتىھانى قىسمى ۋە مەدەنىي يول(4-پەن) ئىمتىھان قىسمىغا بۆلىنىدۇ.
1) 1-پەن تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى 100 بولۇپ، ئىمتىھان ۋاقتى 45 مىنۇت، ئىشلەشكە باشلىغاندىن تارتىپ تەتۈر ساناق بويىچە ۋاقىت ھېسابلايدۇ؛ ھەربىر سوئال 1 نومۇر بولۇپ، ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندا ئالغان نومۇرىڭىزنى چىقىرىپ بېرىدۇ، 90دىن يۇقىرى ئالسىڭىز «لاياقەتلىك»، بولمىسا «لاياقەتسىز» دەپ چىقىدۇ. جاۋاب بېرىش ئەھۋالىنى «ئىشلىگىنىمگە قاراپ باقاي» دېگەن كۇنۇپكا بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ. سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ئاستىدىكى تەرتىپ كۇنۇپكىسىنىڭ ئىسمى شۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا ئۆزگىرىدۇ .
ئىمتىھان كۆزنىكىنىڭ ئاستىدا ئىشلەۋاتقان سوئالنىڭ رەسمىي ئىمتىھانغا چىقىپ قېلىش نىسبىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ، يەنە توغرا جاۋاب بېرىش نىسبىتى ۋە سوئالنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
2) خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 3-پەننىڭ نەزەرىيە قىسمى بولغان 4-پەن قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن تەقلىدىي ئىمتىھان بېرىش قىسمى(بىخەتەر،مەدەنىي يول يۈرۈش) كىرگۈزۈلدى، ئەسلى بۇ قىسىم مەشىقتە بار ئىدى، بۇ قېتىم ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئايرىم ئىمتىھان بېرىدىغان قىلىندى. بۇ قىسىم رەسمىي ئىمتىھانغا ئوخشاش 50 سوئال، ھەربىر سوئال 2نومۇر، رەسمىي ئىمتىھاندا 90دىن يۇقىرى بولسا لاياقەتلىك بولغاچقا، بىزمۇ بۇ قىسىمنى شۇنىڭغا تەقلىد قىلدۇق.
ئىلگىرى سېتىۋالغان دوستلار بۇرۇنقىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ بۇ قېتىم يېڭىلانغان نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىلا قايتا تىزىملاتمايمۇ نورمال ئىشلەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويدۇق. سېتىۋالمىغانلارغا ئامال يوق.
ئۇندىن باشقا، 2013-يىلى ئۆزگەرتىلگەن ئەڭ يېڭى ئەمەلىيەت ئىمتىھان شەكلىنىڭ بەزى سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈلۈشى تەمىنلەندى. بۇ چۈشەندۈرۈشنى تەمىنلەشتىكى مەقسەت: ئەڭ يېڭى ئەمەلىيەت ئىمتىھانىنىڭ زادى قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئاساسەن خەۋەردار قىلىشتىن ئىبارەت.
مەسىلەن:
1. يانغا توختىتىش
2. ئورۇن بەلگىلەپ توختىتىش ۋە داۋانغا چىقىش
3. ئەگرى يولدا ھەيدەش
4. تىك بۇلۇڭلۇق بۇرۇلۇش
2. مەشىق قىسمى:
مەشىق 4خىل سوئال تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەنى:
1. يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن-نىزاملىرى ۋە قائىدىلەر
2. يول قاتناش سىگناللىرى
3. بىخەتەر يول يۈرۈش، مەدەنىي ھەيدەش ئاساسىي ساۋاتلىرى
4. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ مەشغۇلاتلىرىغا دائىر ساۋاتلار
ئۇندىن باشقا جاۋاب بەرگەندە توغرا جاۋاب بەرسىڭىز توغرا، خاتا جاۋاب بەرسىڭىز خاتا دېگەن ئاۋازلىق ئەسكەرتمە چىقىدۇ، شۇڭا كومپىيۇتېر لاباسىنى ئېچىشنى ئۇنۇتماڭ
ئىككىنچى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى
1. روھلاننىڭ تاۋباۋ دۇكىنىدىن سېتىۋېلىش:
بۇيەرنى بېسىپ روھلاننىڭ تاۋباۋ دۇكىنىغا كىرىڭ
2. شوخبوي تاۋباۋ دۇكىنىدىن سېتىۋېلىش:
بۇيەرنى بېسىپ شوخبوي تاۋباۋ دۇكىنىغا كىرىڭ
3. شىنجاڭ سودا تورىدىن سېتىۋېلىش:
بۇيەرنى بېسىپ شىنجاڭ سودا تورىغا كىرىڭ
4. سودا-سانائەت بانكا كارتىسىغا پۇل تۆلەش ياكى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن يۆتكەش.
5. يېزا بانكا كارتىسىغا پۇل تۆلەش
6. 支付宝 ھېساباتىغا پۇل تۆلەش:
支付宝 ھېسابات نومۇرى:Yasenjan2008@163.com
ئىسمى: ياسىنجان مىزەمەت(亚森江·米扎麦提)
ئالاقىلاشقۇچىلار:
روھلان تورىدىن ئادىل ئەپەندى، QQ: 409630118
ياسىنجان،13095153383 Q ، يانفون: 13095153383
ئۈچىنچى، چۈشۈرۈش ئادرىسى
1) بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
ياكى
2) بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قوزغاتسىڭىز، تىزىملىتىش ئەسكەرتىشى چىقىدۇ. شۇ كۆزنەكتىنىڭ ئۈستىدىكى قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن سان-سىفىرنى ساتقۇچىغا يوللاپ بېرىسىز، ساتقۇچى سىزنىڭ پۇل تۆلىگەنلىكىڭىزنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن رەسمىي تىزىم نومۇرىنى سىزگە يوللاپ بېرىدۇ. سىز بۇ تىزىم نومۇرىنى تىزىملىتىش كۆزنىكىنىڭ ئاستىدىكى ئۇزۇن كاتەكچىگە تولدۇرۇپ «تىزىملىتىش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
تۆتىنچى، مەزكۇر دىتالغا شىنجاڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋەكالەتچى چاقىرىمىز.
توپ سېتىۋالغۇچىلارغا: بىر كومپىيۇتېر ئۈچۈن 50يۇەن، 10غا 450يۇەن، 100گە 3500يۇەن، 200گە 6000يۇەن، 500گە 7000يۇەن بولىدۇ.
مەزكۇر دېتالنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى:
|
|
|
|
|
|