مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1635|ئىنكاس: 11

مۇھاببەتنىڭ ئورنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77995
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3204
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 07:44:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن كىشىلەر نىكاھ سىرتىدىكى مۇھاببەتكە ئىنتىلىدۇ.ئۇنى ئىنتايىن سىرلىق قورغانغا ئوخشىتىدۇ ،بىراق نىكاھ سىرتىدا مۇھاببەتلىشىپ ھالىدىن كەتكەنلەر بۇنداق مۇھاببەتنى تۆۋەندىكى نەرسىلەرگە ئوخشاتقان .بىرىنچى خىل ئوخشىتىش:نىكاھ سىرتىدىكى مۇھاببەتلىشىش خۇددى قىزىلمۇچ يىگەنگە ئوخشايدۇ .يىمىگەن ۋاقىتتا يىگۈسى كىلىپ تۇرالمايدۇ ،يەۋاتقان ۋاقىتتا ئاچچىقلىقىدىن يىگىنىگە پۇشايمان قىلىدۇ،قايتا يىمەيدىغانغا قەسەممۇ بىرىدۇ،بىراق ئاچچىق تۈگىگەندە يەنە يىگۈسى كىلىدۇ،يەيدۇ،پۇشايمان قىلىدۇ،مەكگۈ پۇشايمان بىلەن ئىنتىزارلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.ئىككىنچى خىل ئوخشىتىش:نىكاھ سىرتىدا مۇھاببەتلىشىش خۇددى ئاممىۋىى ئاپتۇبۇسقا ئوخشايدۇ،سىز ساقلىغان ئاپتۇبۇس دائىم ۋاقتىدا كەلمەيدۇ،ساقلىمىغاندا ئارقا-ئارقىدىن كىلىدۇ.ئۈچۈنچى خىل ئوخشىتىش:نىكاھ سىرتىدا مۇھاببەتلىشىش پىژغىرىم ئىسسقتا مېتىروغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققانغا ئوخشايدۇ.سىز ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ھېرىپ چارچاپ،ئەمدى بىر ئورۇن تېپىپ ئولتۇراي دىگىنىڭىزدە،رادىئودىن يېىقىملىق بىر ئاۋازنى ئاڭلايسىز:مېترو ئاخىرقى بېكەتكە يېتىپ كەلدى....تۆتىنچى خىل ئوخشىتىش:نىكاھ سىرتىدا مۇھاببەتلىشىش خۇددى ئىككى قول سائىتى تاقىۋالغانغا ئوخشايدۇ.سىز زادى قايسى سائەتنىڭ توغرا ماڭىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ئۆتۈپ كىتىسىز.بەشىنچى خىل ئوخشىتىش:نىكاھ سىرتىدا مۇھاببەتلىشىش خۇددى يانغۇنغا ئوخشايدۇ.دائىم يېڭى يانفۇنلارنى سېتىۋالغۇڭىز كەلسىمۇ ،كونىسىنى تاشلىۋىتەلمەيسىز.ئالتىنچى خىل ئوخشىتىش:نىكاھ سىرتىدا مۇھاببەتلىشىش خۇددى vcdپىلاستىنكىسىغا ئوخشايدۇ.ئوغرىلىقچە نەشىر قىلىنغىنى ئەسلى نەشرىدىن بازار تاپىدۇ.يەتتىنچى خىل ئوخشىتىش:نىكاھ سىرتىدا مۇھاببەتلىشىش خۇددى بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىدىكى«ئىنقىلاب»قا ئوخشايدۇ.يىڭىش-يىڭىلىش قانچە كۆپ بولغانسىرى تاكتىكا،تەجرىبە شۇنچە كۆپىيىدۇ.سەككىزىنچى خىل ئوخشىتىش:نىكاھ سىرتىدا مۇھاببەتلىشىش سىزنى خۇددى يانچۇقچىغا ئوخشىتىپ قويىدۇ.بىر كۈنمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايسىز.توققۇزىنچى خىل ئوخشىتىش:نىكاھ سىرتىدا مۇھاببەتلىشىش خۇددى تېلېۋۇرۇزغا ئوخشايدۇ.تىزگىنەكنى تۇتۇپ تۇرۇپ،ياخشى نومۇرلارنى تاللىماقچى بولسىز،بىراق ياخشى نومۇرلار چىققان ۋاقىتتا سىز ئاللىبۇرۇن ئۇيقۇغا كەتكەن بولىسىز،شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى يەنە تىزگىنەكنى قولىڭىزغا ئالىسىز.
مۇھاببەت سۆزى تىلغا ئىلىنسا پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئامراقلىق،كۆيۈمچانلىق ،شەپقەتلىك، كەڭپەل دىگەندەك ئۇقۇملار كۆز ئالدىغا كىلىدۇ، ئىسلامدىكى مۇھاببەتمۇ ئەنە شۇنداق مىھېر،پاك ، ھەقىقىي دىگەندەك مەنىلەردە كىلىدۇ،
دۇنيا مىھىر-مۇھاببەت بىلەن گۈزەل ، بىز نىڭ بۇيەردە دەۋاتقان مۇھاببەت قىز ئوغۇللار ئازىسىدىكى مۇھاببەت ئەمەس ،   
ئۇيغۇرلاردا يات مىللەتلەردە بىرەر ئىش - ھەرىكەتلەر مودا بولسا ئۇنى ئۆزىمىزگە ئەينەن سىڭدۇرۋالىمىز، دىمەك ئۆزىمىزنىڭ قايسى مىللەت، كىملەرنىڭ ئۈمۈدى، نەدە ياشاپ نەدە چوڭ بولغان ، ئەينى ۋاقىتىىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ نىملەرنى كۆرگەن ، نىملەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئۈنتۇپ قالىمىز، (قىزلارنى ئوغۇللاردەك، ئوغۇللارنىڭ قىزلاردەك) بولىۋىلىشىنى مەدىنىيەت دەپ بىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، ئۇ تەرەققىياتمۇ ئەمەس، مەدىنىيەتمۇ ئەمەس، ئۇ چىكىدىن ئاشقانلىق، مىللەتنىڭ يوقلىشى، ئىماننىڭ سۇسلىشىشى ، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ...
<<قىزلار بىلەن ئۆزى نىكاھ ئوقۇۋىلىش >>  دىگەنگە يازمىدىكى يامان قىلمىش ۋە يامان تەسىرلەرگە پەتىۋا كىىيگۈزۈۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزىنى مۈئمىن دەپ ئاتىۋالغان  كىشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ...
بىلەمسىز ؟ ئىمانسىز يۇرۇپ ۋىجداندىن، شەرمي-ھايادىن، غۇرۇردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ،
ئۇنداق ئادەملەر كۆپەيسە كەلگۈسى مىللەتتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن !
ئۆلىمالىرىمىز ئىيىتقاندەك << فاتىھە>> سۈرىسى بىرىنجى قىتىم بارلىققا كىلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يول باشچىسى، دىننىڭ ئاچقۇچى ، نامازنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولىشى بىلەن ئۇلۇغ .
<< غەزىبىڭگە يولۇققانلارنىڭ يولىغا ئەمەس ،سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن >> ئامىن !
بالىلار ، ياشلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدى،  كونىلاردا <<ئوخشايدىغان زىرائەت مايسىسىدىن بىلىنىپ تۇردۇ >> دىگەن گەپ بار ،
شەرىئەتتە قىزلار شەيتان، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ھامىيسى دىگەن گەپ بار ، كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە كىشىلەر شەھەرلىشىشكە قاراپ ماڭغاندا كىشىلىك مىھىر-شەپقەت يوقايدۇ دەپ قارالماقتا، ئەمما يەنىلا نىيەت توغرا دۇرۇس بولسا، ئادەم ئۆزگەرمەيدۇ،
بەزىلەر جەمىئەتنىڭ بۇزۇلىشغا سەۋەپ بولىدىغان نەرسە يامان تۈس ئالغان مۇھاببەت ناخشىللىرى دىسسە، مەن جەمىئەتنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان نەرسە دەل مۇھاببەت دىگەننى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن، ئەمىلىيەتتىمۇ قىز ئوغۇللار ئارسدىكى بىللە تۇرۇش، بىرگە تاماق يىشىش،قول تۇتۇشۇش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامدا چەكلەنگەن قىلمىشلاردۇر، شۇ ئاساستا سۆيۈشۈش ۋە زىنادىن ئىبارەت بولغان ئىغىر گۇناھ پاتقىقى ئۇلارنى قارشى ئالىدى، ئۇلار ئىسلامنى چۈشەنگەن بولسا ئىدى، مۇھاببەتلەشمىسە، چۈشەنگەن ئاساستا مۇھاببەتلەشسە ئىدى ئۈچىنجى ئۇچىرىشىشتىن كىيىن توي قىلسا، ياكى ئەۋرەتلىرىنى ئاچمىغان،ئاچمايدىغان قىزلارنى تۆت پەرھىز (ئىمانى، نەسەبى،چىراي،مال-مۇلىكى) ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا ۋە ئاتا ئانىسى بىلگەن ئاساستا توي قىلسا !!! چۈشەنسە ۋە بىلسە ئىدى مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلماننىڭ پەرقى ناماز ئىكەنلىكىنى، ۋە ناماز ئوقمايدىغان قىز يىگىت توي قىلسا زىنا بولىدىغانلىقىنى ......
جەمىئيتىمىز شىىدەت بىلەن ئەيىش ئىشرەت، كەيىپ ساپا يولىغا قاراپ ماڭماقتا، قىزلاردا ئىنساپ،شەرمى ھايا،ئىپپەت نۇمۇس، ئوغۇللاردا ۋىجدان مىھىر-شەپقەت يوقالسا مىللەتنىڭ،ئىسلامنىڭ،جەمىئەتنىڭ بۇزۇلغىنى شۇ ! شۇ سەۋەپتىن توي قىلىدىغانلاردىن ئاجرىشىدىغانلار كۆپ .....
ھازىرقىدەك يىقىن كەلگۈسىدىكى قىيامەت بىزنى كۈتۈپ تۇرۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە  ، جەمىئەتنى بۇزۋاتقانلار جەميەت ياشلىرى ئەمەس، ئوقۇشنى مەكتەپنى دەستەك قىلىپ ئۆزىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى ۋە شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرۋاتقان بىرقىسىم ياشلىرىمىزنىڭ مەكتەپ ھاياتى ۋە نىشانى تونۇشتۇرۇلغان بىر ماتىرىيالنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇش بىلەن بىرگە يۇقاردا دىيىلىپ ئۆتكەندەك بىزدىكى مۇھاببەت قارىشىنىڭ شەھۋانىي تۈس ئالغان مۇھاببەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختالماقچىمەن ،
سۆيۈملۈك ئەقىللق قىرىندىشىم، مۇھابباتنىڭ قانچىلىك قابىھ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگەنكەنسىز، ئاتا ئانىڭزغا بوي سۇنۇڭ، مۇھاببەت شۇنداق شىرىن ۋە ساختا باشلىنىپ ئاشۇنداق قەبھى ئاخىرلىشىدىغان يات دىن يات مىللەتلەرنىڭ ئىشى ،
ئەزەلدىن مۇھاببەتلەشمىگەن قىز ياكى ئوغۇل بولۇڭ سىزمۇ مۇھاببەتتىن نىرى تۇرۇڭ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى جۈپتى بىلەن ياراتقان، بەلكىم سىزگىمۇ لايىقىدا جۈپلۈك نۆۋىتى كىپ قالار، قارشى چىقسىڭىز مەيلى لىكىن ئىسلامدىكى نىكاھنىڭ 4 شەرتىنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
ئىنسابى ، ئىمانلىق قىزلار كەمچىل بولغاچقا ناماز ئوقۇيدىغان ئوغۇللارغا شۇنىڭغا ئوخشاش قىزلارنىڭ ئۇچىرىمىقى تەس ...
ئاۋازلىق ئەسەرمىكىن دەپ قالماڭ، بۇ ئىككى ئارلىقتىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ مۇھاببەت تىراگىدىيسى ، ئاڭلىسىڭىز بىرىنجى بولۇپ ئۇنىڭدا ھىچقانداڭ بىر ئىسلامى قاراشنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز ، مۇھاببەت ئەنە شۇنداق ئازغۇنلۇق.


----------------------------------------------------------------------

مۇھاببەتنىڭ ئىسلامدىكى  ئورنى


بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپتۇر.

     1- بارلىق دىنى ئالىملار يات ئايال بىلەن يات ئەرنىڭ يالغۇز جايدا بىرگە تۇرۇشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يات ئەر كىشى مەھرىمى بولمىغان يات ئايال بىلەن يالغۇز قالمىسۇن.» [بۇخارى رىۋايىتى 5233-ھەدىس، مۇسلىم رىۋايىتى 1341- ھەدىس].

       ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”يات ئەر يات بىر ئايال بىلەن ئۈچىنچى بىر كىشى بولمىغان بىر جايدا يالغۇز قىلىشى، بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن چەكلەنگەندۇر يەنى ھارامدۇر“. [سەھىھ مۇسلىم شەرھى 9- توم 109- بەت].

      ئىمام سەنئانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىس، ئەر كىشىنىڭ يات ئايال بىلەن بىر جايدا يالغۇز قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ بارلىق دىنى ئالىملارنىڭ بىردەك كۆز قارىشىدۇر“. [سۇبۇلۇس سالام 1- توم 608 - بەت].

    2- قىز-خانىملار مەھرىمى ياكى يولدىشى ئۆيدە بولمىغان ھالەتتە، يات ئەركەكنىڭ ئۆيگە كىرىشىگە تۆۋەندىكىدەك ئىككى شەرت ئاستىدا رۇخسەت قىلىدۇ:

     بىرىنچى شەرت: بۇنىڭ ئۈچۈن يولدىشى رۇخسەت قىلىشى كېرەك.

     ئىككىنچى شەرت: ئۇ ئايال ئۆيدە يالغۇز بولماسلىق بەلكى ئۇنىڭ يېنىدا  ئوغلى، قېرىندىشى ياكى دادىسىغا ئوخشاش  نىكاھلىنىشى ئەبەدىي چەكلىنىدىغان تۇغقانلىرىدىن بولغان مەھرىمى بولىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ ئايال بىلەن مەھرەم بولماستىن بەلكى باشقا بىر ئايال بولسىمۇ  خىلۋەت يەنى يالغۇز قىلىشنىڭ چەكلىنىشى، بىرگە تۇرغان ئايالنىڭ ئىشەنچىلىك يەنى ئىماندار بولىشى شەرت ئاستىدا ئەمەلدىن قالىدۇ. چۈنكى يېنىدىكى ئايال ئىشەنچىلىك بولغاندا يات ئەردىن ئەنسىرەشتىن خاتىرجەم بولىدۇ.

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”يات ئەر يات ئايال بىلەن ئۈچىنچى بىر كىشى بولمىغان بىر جايدا يالغۇز قىلىشى، بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن چەكلەنگەندۇر. ئەمما ئەركىشى بىرنەچچە ئايال بىلەن بىر جايدا تۇرسا، توغرا قاراشتا جايىز دېيىلىدۇ. [سەھىھ مۇسلىم شەرھى 9- توم 109- بەت].

     ئىمام سەنئانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەدىستە، «ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتاندۇر» دەپ كەلگەن، يەنى مۇشۇنداق ھالەتتە مەھرەم بولالمايدىغان بىرى بۇلار بىلەن بىرگە بولسا يالغۇز قىلىش دېگەن ئۇقۇم يوق بولامدۇ؟ دېگەندە، يوق بولىدۇ. چۈنكى، ئۈچىنچى بىر شەخسنىڭ ھازىر بولىشى بىلەن ئىككەيلەن ئارىسىغا شەيتاننىڭ پىتنە سىلىپ قويۇش قورقۇنچىسىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ. [سۇبۇلۇس سالام 1- توم 608].

     خۇلاسە: سىز گاز يەتكۈزگۈچى خادىمنى، ئايالىڭىز يالغۇز قالمىغان ۋە يېنىدىكى يەنە بىر ئايالنىڭمۇ ئامانەتدارلىقىغا ئىشەنچ قىلالىغان شەرت ئاستىدا، ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىشىنى دۇرۇس دەپ قارايمىز. ئەسلىدە شەرئى پرىنسىپدا، يۇقىرىقىدەك ئىشلار سەۋەبلىك، قىز-خانىملارنىڭ يات ئەركىشىنىڭ ئۆيىگە كىرىشىگە رۇخسەت بېرىشى ئۈچۈن، يېنىدا مەھرەم بولۇشى لازىمدۇر.






تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-4 01:15 PM):
ئۈستۇن ئاتۇش يىزا لايلىق كەنت چاقماق دەرياسىدىن : كىرىماجى نۇرۇللا

ئاللاھ ھەمىمىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ھەر ۋاقىت تىتىكتۇر....
بىرنى توغرا يولغا باشلىغىن ،
ئازغانلارنىڭ ئەمەس،
سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ
يولىغا باشلىغىن ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86474
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 08:35:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئانام دادام بىلەن توي قىلىپ خېلى ئۇزۇنغىچە دادامغا تىكىلىپ قارىيالمىغانكەن،ھازىر قول تۇتۇشۇپ كېتىپ بارغان قىز ئوغۇللارنى جىق ئۇچرىتىمەن،شۇ ۋاقىتتا مەن ئاشۇ قىز بالىنىڭ قولىنى ئاممىۋى تېلفۇنغا ئوخشىتىپ قالىمەن،ئاللاھىم ھەممە ئادەمگە پۇل-مال بېرىشتىن بۇرۇن ئىنساپ ،ھايا بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5137
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1688 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 09:09:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى جايلىرىنى تازا چۇشۇنۇپ كەتمىگەن بولساممۇ يەنىلا سۇكۇت قىلاي ... تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2728
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15253
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3293 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 11:22:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، اللە كۆپ ئەجىرلەر ئاتا قىلسۇن ، ئامىن !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1042
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 12:35:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى تېما ئىكەن،قەلەملىرىڭىز ھارمىسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90296
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 327
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-1-19
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 01:15:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت . شۇنداق ياخشى تېما ئىكەن،


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92489
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 11:23:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى تىمىكەن مەن بۇنىڭدىن ئىبىرەت ئالدىم


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92489
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 11:23:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى تىمىكەن مەن بۇنىڭدىن ئىبىرەت ئالدىم


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92489
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 11:23:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى تىمىكەن مەن بۇنىڭدىن ئىبىرەت ئالدىم


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2492
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10457
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 12:43:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت . شۇنداق ياخشى تېما ئىكەن،

ئەرنىڭ مىڭلارچە دۈشمىنى بولمىسا كۈنىگە مىڭ قېتىم غەيۋىتى بولمىسا،ئۇ قانداق ئەر بولسۇن؟ قارا ، مىڭ ئىتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ قېچىپ كەتكەن بۆرە بۆرە بولامدۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش