مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2435|ئىنكاس: 35

نەزىر توغرىسدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77995
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3204
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 06:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەزىر دېگەن نېمە ؟ ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ پايدا - زىيىنى قەيەردىن قەيەرگىچە ؟ بۇ توغرىسىدا تەپسىلى توختۇلىشىمىز لازىم بولىدۇ ، ئەلۋەتتە .

ئاللاھ تائالا نەزىر توغرىسىدا قانداق بولىشىنى بىزلەرگە چۈشەندۈرۈپ ئاشكارا ماھىيىتى بىلەن بايان قىلىدۇ . يەنى :
ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن) ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم، (بۇ نەزرەمنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن» [35].ئال ئىمران
ئېيتىلغاندەك ، ‹‹ نەزىر ›› چوقۇم قولىدا ئەسلى ئۆزىگە تەئۇللۇق بولغان ۋە تەئەللۇق بولماقچى بولغان ئىشەنچىلىك نېمىتى ئوغلى ياكى قىزىنىڭ كىيىنكى ئەھۋالاتلىرىنى ، ۋە ياكى پۇل – مېلىنى ، ئاش - تامىقىنى ، ۋاقتىنى ، ئەمەل – ئىبادىتىنى ،  ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قانداق بىر تەرەپ قىلسا شۇ جەھەتلىك ئىختىيارى  ئاتىۋېتىش كۆزدە تۇتىلىدۇ . ئەمما بۇ خىل ئاتىۋېتىشلار پەقەت ئاللاھنڭ رىزالىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئاستىدا بولماستىن ، بەلكى ئۆلۈكلەرنىڭ ، جىن – شەيتانلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئىنساندىن بولغان قېرىندىشى باخشى – داخانلارنىڭ ، تىرىك بولغان زالىملارنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاتاش بولغاندا ، بۇ خىل ئاتاش ئىسلامىي نەزىر بولماستىن ،بەلكى ھەققە قارشى ، بىدئەت ۋە ئۆزلىرىگە زىيىنى بار بولغان نەزىر بولۇپ قالغۇسىدۇر . چۈنكى بۇ خىل ئاتاشلار قارشى تەرەپنىڭ رازىلىقىغا ، كەچۈرىمى ۋە مەغپىرىتىگە ھەمدە ئۇنىڭ ئالاھىدە كۆز قاراپ قويۇشى ، ئۆزىنى ئاسرىشى ۋە قوغدىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان بولغاچقا ، نەزىردە چوقۇم بىردىن بىر مەبۇد ، بىردىن بىر ئىلاھ ، بىردىن بىر ياراتقۇچى ، جىمى شەيئىلەرنى تەسەررۇپ قىلىپ تۇرغۇچى بىردىن بىر پەرۋەردىگار بولغان ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ھىدايىتىگە يەتمەكلىكنى ئىشتمەك لازىمدۇر . ئەگەر ئۇنداق بولماي ، مەخلۇقاتنىڭ ، زالىملارنىڭ ، روھ – ئەرۋاھلارنىڭ رازىلىقىغا يەتمەكلىك ئۈچۈن قىلىنسا ، بۇ ئىسلامىي نەزىر بولماي بەلكى پايدىسى زىيىنىدىن كۆپ بولغان نەزىر بولغۇسى ! چۈنكى ئاللاھ ئايىتىدە شۇنداق جاكارلايدۇكى :
كىمكى (دۇنيادا) شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنىڭ ھەممىسى اﷲ قا مەنسۇپ (ئۇنى اﷲ تىن تىلىسۇن). ياخشى سۆز اﷲ نىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ، (ھەقىقەت ۋە خەيرىلىك ئىشلار ئۈستىدىكىلەرگە قارشى) ھىيلە ـ مىكىرلەرنى تۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ئىشقا ئاشمايدۇ [10]. فاتىر
ئېيتىلغاندەك ، ئاللاھ ئەسلى ھەر قانداق ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئىگىسى ، بەرپا قىلغۇچىسى ، مۇلاقات قىلغۇچىسى ۋە بىرلىرىنى يەنە بىرلىرىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ بەزى تەقدىرلەرنى كەشىپ قىلغۇچىسى بولغانلىقتىن ، ئەسلى بولغان شاھىنشاھ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يەتمەكلىكنى تىلىمەك ئەڭ توغرىسى ۋە ئەڭ ئاقىلانىسىدۇر . ھەمدە ئاللاھنىڭلا رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر بىر ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىۋېتىش ئەڭ ئاقىلانىلىق نوقتىدۇر . ئەمما ، كۆپىنچە كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتلىك ئېتىقادى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا نەپسىنىڭ قاندۇرىلىشىغا ئەگىشىپ ھېچ ۋاستە تاللىماستىن باشقىلارغا ئارقى ئىشىك ، پارا بېرىش ۋە ئالاھىدە سۇرۇن تۈزەش .... دېگەندەك ئۆز يېنىدىكى نەرسىلەرنى شۇلارنىڭ مەمنۇن بولىشى ۋە ئۇلارنىڭ رازى بولىشى ۋە ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن سەرىپ قىلغۇسىدۇر .
مۆئمىنلەر بولسا ھەمىشە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدۇ ۋە ئاللاھ ئۇلارغا قايسى بىر ئىشلارنى تەقدىر قىلمىسۇن ، ئۇلار ھەمىشە تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئەمەللەر ئۈستىدە بولغۇسىدۇر . شۇ ۋەجىدىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا دۇچ كېلىدىغان قىسمەتلىرى باشقا خىل كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولمايدۇ .بۇ خىل كىشىلەر ئاللاھىنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان شەيئىلەرنى ئۆزلىرىگە نېسىپ قىلىپ بېرىدىغانلىقلىرىنى ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئۆزىدىن دەپئىي قىلىۋېتىپ ئۇنىڭدىن يېتىدىغان زىيان – زەخمەتلەردىن ساقلىنىشنى تىلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن ، ئۇلارغا بىرەر نەرسىلەر تاللىشىغا قارىتا ئۇدۇل قىلىنمىسۇن ، شۇ نەرسىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزلىرىگە زىيانلىق يېتىدىغان بولسا ئۇنى ئۆزىدىن دەپئىي قىلىۋېتىشىنى ، ئەمما پايدىلىق بولغا نېسىپ قىلىپ بېرىشىنى تىلىگۈسىدۇر . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىيىنكى تەقدىرىنى شۇنىڭدەك تىلەكلەردە ئاللاھنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قويىۋەتكەنلىكتىن ، نېمىلەر ئاسانلاشتۇرۇلسا شۇنىڭغا مېڭىش ، نېمىلەر تەسلەشكەن بولسا ۋە ھارامنى تەمە قىلغان بولسا ، ئۇنىڭدىن يېنىش بىلەن ‹‹ ئەسلى ئاللاھ بۇنى ماڭا ئىرادە قىلمىغان ئىكەن ›› دەپ چۈشىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مۆئمىنلەرگە قارىتا ئاللاھ شۇنداق ئېيتىدۇ :
«پەرۋەردىگارىمىز اﷲ دۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر [13]. ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، (بۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر [14].ئەھقاف
ئەنە شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ۋە ئېتىقادى سەۋەبتىن ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنى جەننەتنىڭ يولىغا يېتەكلەنگەن ۋە توغرا يولدا بولغانلاردۇر . ئەنە شۇلارغا خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ . شۇنىڭدەك ، ئاللاھ شۇ خىل كىشىلەرنى باشقىلارغا مىللەتداش ، قېرىنداش ، دىنداش ، قوشنا – خۇلۇم .... قىلىشلار بىلەن باشقىلارغا مەدەت بېرىدۇ . پىكىر قىلىدىغانلارغا تەقدىرنىڭ ھەر بىر كىشىنىڭ نېمىلەرنى تىلىگەنلىكلىرىگە قارىتا بولىدىغانلىق توغرىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ئەنە شۇ بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى دىنغا ۋە ھەقىقەت ئىسلامغا ۋە ئۇنىڭ ئەقىدە – ئېتىقاد بولغان ئەھكاملىرىغا يېتەكلەشنى تىلەيدۇ . ئەمما ، ئۆزلىرىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارلا بۇ خىل تىلەشلەرنى ، باشقىلارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا تەرك ئېتىش بىلەن نادامەتكە يول ئالىدۇ .

مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، ( ئەگەر چۈشەنسەڭلەر ) سىلەر پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ـ ئېھسان قىلىسىلەر (يەنى خەير ـ ئېھسانىڭلار ئۈچۈن اﷲ نىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ) [272]. بەقەر
ئاللاھ ئۈستىدىكى ئايىتىدە ئېيتقاندەك ، ‹‹ ياخشى سۆز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ ›› دەپ ئېيتىش بىلەن ، كىشىلەرنى ئۆز رەببىگە دۇئا قىلدۇرۇپ ئەمەللىرىنىڭ مەقبۇل قىلىنىشىنى تىلەشنى ، ھەمدە ككپىنچە كىشىلەرنىڭ قەيەردىلا بولمىسۇن دۇئادا ئاللاھقا يۈزلىنىش قىلالمايدىغانلىقتەك ھالىنى بىلگەچكە ، ئاللاھقا قىلغان دۇئاسىنىڭ كۈچىيىپ ئۆرلىشى ئۈچۈن ياخشى ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ . ھەمدە بۇ ئايىتىنىڭ داۋامىغا ئۇلاپلا قايى خىل كىشىلەرگە قىلىنغان خەيرى – ئېھساننىڭ ساۋابىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ :
ئۆزىنى اﷲ يولىغا ئاتىغان، (تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن) يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير ـ ئېھسان قىلىنىشى كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر [273].بەقەر
ئېيتىلغاندەك ، بىز باشقىلار ئۈچۈن ئىشتقان دۇئاغا ئەمەس ، بەلكى ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ دۇئايىنىڭ مەقبۇل بولىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇمكى ، ئاللاھ ساۋابى كۆپ بولغانكى كۆرسەتمە بەرگەنكى ئىشلارغا ، ئورۇنلارغا كۆپرەك تۇتۇش قىلىقىمىز لازىمدۇر . چۈنكى ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشى ئۈچۈن چوقۇمكى كۈچلۈك قۇۋۋەت ، ئېنىرگىيەگە مۇھتاج بولىدۇ . ئەمما قارشى تەرەپ شۇ خىل ئەسلى بولغان تېگىشلىك رەۋىشتە ئېنىرگىيەگە ئىگە بولالمىسا ، ئايرۇپىلاننىڭ بېلىزىن ئارقىلىق كۆتۈرۈلەلمىگىنىگە ئوخشاشلا ئەسلى تېگىشلىك بولغان ئارزۇ – ئۈمىدلىرىدىن يېتەلمەي ئۈزۈلگۈسىدۇر . بىر ساھابە رەسۇللاھدىن ئۆزىنىڭ ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ تېگىشلىك كىشىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا سورالغاندا ، ‹‹ ئاناڭ ›› دېگەن . ‹‹ ئاندىن قالسىچۇ ›› دېگەندە ، يەنە ‹‹ ئاناڭ ›› دېگەن . يەنە ‹‹ ئاندىن قالسىچۇ ›› دېگەندە ، يەنە ‹‹ ئاناڭ ›› دېگەن . ھېلىقى ساۋابە توختىماي بۇ نۆۋەتتىمۇ ‹‹ ئاندىن قالسىچۇ ›› دېگەندە ئاندىن ‹‹ ئاتاڭ ›› دەپ كۆرسەتمە بەرگەن .  بۇنىڭدىن ، ئەڭ ئاۋۋال ئانىغا ، ئانا بىھاجەت بولسا ئانىنىڭ مۇسۇلمان تۇغقانلىرىدىكى يېتىم – يېسىرلارغا ۋە ئاجىز – ئورۇقلارغا ، ئاندىن ئاتىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئارىسىغا قارشى كېرەكلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز .ئەلۋەتتە ، ھاجەتسىز يېقىنلارغا بېرىلگەن خەير – ئېھساندىن ھەقىقىي مۇھتاج بولغان دىنىي قېرىنداشلارغا ياكى دىنغا مايىل قىلىنىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا بېرىلگىنى ئەڭ ئەۋزەلدۇر . رەسۇللاھدىن سەدىقىنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقى سورالغاندا ، ئۇ ‹‹ ئېھتىياجىڭدىن ئاشقىنىنى ›› دېگەن . شۇنىڭدەك، ئېھتىياجىدىن ئاشقان نەرسىلەرنى ئاتىغاندا ھەقىقىي مېھنەت بىلەن ۋە چىن خالىس بىلەن ئوڭ قولى بەرگەننى  سول قولى تۇنىمىغان ھالەتتە بولغۇسىدۇر – ھەقىقىي رازىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغۇسىدۇر .
چۈنكى ئاللاھ شۇنداق دېگەن :
...........كىمكى ( نېمىلەرنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ) ياخشى ئىش قىلسا ، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلىدۇ (197)بەقەر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << كىمكى ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلغۇچىنى جابدۇتسا ، ئۇنىڭغىمۇ جىھاد قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ ..... >> بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا بىرەر ھاجەتمەن كەلسە ، ئۇ بىللە ئولتۇرغان كىشىلەرگە قاراپ : << شاپائەت قىلىڭلار ، ساۋاب تاپىسىلەر ، ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ تىلى بىلەن ئۆزى ياقتۇرغاننى ھۆكۈم قىلدۇرىدۇ >> دەيتتى . بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << كىشىلەرگە رەھىم قىلمايدىغان ئادەمگە ئاللاھ تائالامۇ رەھىم قىلمايدۇ >> بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << مۆئمىن مۆئمىن ئۈچۈن بۆلەكلىرى بىر - بىرىنى چىڭىتىپ تۇرغان بىناغا ئوخشايدۇ >> دەپ بارماقلىرىنى بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈپ كۆرسەتتى .  بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا قېرىنداش ، بىر - بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە بىر - بىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ . كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ . كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرىۋەتسە ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرىۋېتىدۇ . ..... >> بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .
يەنە ئاللاھ تائالا ھەر تەرەپلىمىلىك ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەپ شۇنداق دەيدۇ :
كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ،.............. ( 32 ) مائىد

ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز [114].نىسا
بۇ ئايەتلەردىن كۆرۈپ ئالىمىزكى ، بىر كىشىنىڭ تىرىكلىكى پەقەت قورسىقىنىڭ تۇيىشى بىلەنلا ئەمەس بەلكى ئەڭ ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ توغرا بولىشى ۋە دىنىي قىممىتى پاكلىنىشى ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىنسان ۋە مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى تونۇشتا بولالىشىغا قارىتا ئەجىر قىلىشقا قارىتا چىقارغان ‹‹ ئاتا ، ئاتىغان ›› لىرى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە . بىر بەندىنىڭ تەقۋادار بولىشى ۋە شۇ خىل ماھىيىتىنى تاكى سەكراتقا ئېلىپ بېرىشى پەقەت ئۆزىنىڭلا تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەس بەلكى ، ئۇنىڭ شۇ تەرىپىگە قارىتا ھەر جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ، ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ھاللاردا ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر بىلەن ئورتاقتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇمكى نېمىلەرنىڭ قايسى ۋاقىتتا كىملەرگە قانچىلىك قىممىتى بارلىقىغا قارىتا ئىش كۆرۈش ، دەل ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋابنى ئاشۇرىدۇ . ئۇنداق بولماي شۇنچە كۈچىسىمۇ گۇمراھلىقنى ۋە غاپىللىقنى تىلەش بىلەن تىرىلىشنى خالىمايدىغانلارغا قانچە خەير – ئېھسان قىلىش بولسا ، ئەمەللەر بىھۇدىلىكتە ئىسراپ بولۇپ كەتكۈسىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن نەزىر دەپ ئاتالغان پۇللار ۋە باشقا يېمەك – ئىچمەكلەر چوقۇم تېگىشلىك قىممىتىنى تېپىش كېرەكتۇر .
ئەلۋەتتە ، نەزىرگە ئاتالغان نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى يېمەك – ئىچمەككە ئاجىرتىشنى يامان كۆرگەن ۋە باشقىلارغا يامان كۆرسۈتۈپ ئۇنى ھارام بىلگەنلەر ، ھەقىقەتتە زالىمدۇر . چۈنكى بىر كىشى ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان بولسا ، ياكى بىر جامائەتنى ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى ياكى دوستلىرىنى يىغىشنى ئۈمىد قىلغان بولسا ، ئەلۋەتتە ئۇ مەقسەت قىلغىنىنى ئورۇنلىسۇن . ئەمما كىشىلەرنى چاقىرغان ئىكەن ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە تېگىشلىك ۋاقتىغا بىنائەن تاماق ، يەل – يېمىش ۋە باشقا نەرسىلەردىن داستىرخان ئۈستىگە تارتىشى زۆرۈردۇر .
بۇنىڭدەك يىغىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىر دەپ ئاتىمىسىمۇ ، ئۇنى ئىچىدە بىلىپ ئەمەلىنى خالىس قىلسىلا ، ئەنە شۇ يەنىلا نەزىر بولىۋەرگۈسىدۇر . بۇ خىل يىغىلىقتا كۆپ بولسا جامائەتلەر  ، قېرىنداشلار ياكى دوستلار ئارا يىغىلىشلار ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىش ۋە بەزىلىرىدە ئاداۋەت بولۇپ قېلىشلار سەۋەبلىك ئارلىق سەل سۇسلىشىپ قالغۇسىدۇر . بۇلارنىڭ ئارىسىنى چىڭىتىش ھەم كۆزدە تۇتۇلغۇسىدۇر . بۇ خىل يىغىلىقنى تېخىمۇ چوڭراق قىلىش ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك مۇساپىرلار ۋە يۇرتىدىكى قىسىنچىلىقلار سەۋەبلىك يۇرتىدىن دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ھىجرەت قىلىپ چىققانلار ..... بىرەر مەسجىدتە كۆپرەك بولغان بولسا ، ئىرادە قىلغان نەزىرىنى ئىقتىسادىغا قاراپ شۇ يەردىلا ياكى شۇ يەرگە يېقىن يىغىنچىلىقتا ياكى ئۆيىدە قىلىش بىلەن  سەل چوڭراق قىلسىمۇ ياخشىدۇر . شۇ خىل يىغىلىقلارغا نۇرغۇنلىغان خەيرىيەتلەر يۇشۇرۇنغان بولىدۇ . چۈنكى بىر يۇرتتىكى قارىي – قۇرئانلارنى ، ۋە باشقا جامائەتچىلىكلەرنى يىغىشمۇ ، شۇ يىغىلىقنىڭ دىنىي ماھىيىتىنى ئۈستۈن كۆتۈرىدۇ ۋە شۇ يۇرتنىڭ جامائەتچىلىكىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تىلىگەن بولىدۇ . قورسىقى ئاچلار قورسىقىنى تويدۇرىدۇ . بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك جامائەتچىلىكتىن قېلىپ قېلىۋاتقان ، ئەمما جامائەتچىلىككە بولغان مۇھەببىتى بارلارنىڭ مەنىۋىيىتى قاندۇرىلىدۇ . شۇ ئارقىلىق ھەم دىنىي قىممىتى بىر ئاز يۈكسىلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلار ئارا بىر – بىرىگە بولغان مۇھەببىتى كۈچىيىشىگە ھەم پايدىسى بار . شۇنىڭ ئۈچۈن نەزىرنى بۇ خىل يىغىلىقلارغا ئاتاشنىڭمۇ تېگىشلىك خەيرىيەتلىك تەرىپى باردۇر .
ئەلۋەتتە ، ھەر كىشىنىڭ دۇچ كېلىدىغان ساۋابلىق ئىشلارغا قارىتا ئوخشاشماسلىقلار مەۋجۇتتۇر . بەزىلەر مەكتەپ قۇرۇلىشىدىكى بەزى نوقساننى كۆرىدۇ . يەنە بەزىلەر شۇ مەكتەپتىكى بەزى ئوقۇغۇچىلارنى كۆرىدۇ – يەنى مۇلاقات قىلىنىدۇ . يەنە بەزىلەر بىرەر مەھەللىنىڭ يولىنىڭ ئەسكىرەپ كەتكەنلىكىنى ، سۈيىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى ، ئاللاھنىڭ ئۆيىدىن ئىبارەت مەسجىدنىڭ قىش كۈنلىرى سوغۇق ، ئىنسانلارنىڭ ئۆيىدىن بېزىلىشتە تۆۋەن ئورۇندا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ ( ئىنساننىڭ ئۆيىنىڭ مەسجىدتىن ئالاھىدە بولۇپ كېتىشى شۇ كىشىنىڭ قەلبىنىڭ قېتىشىغا سەۋەب بولىدۇ . بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ ھەم ساۋابلىق ئىشلارنىڭ بۆيۈكلىرىدىندۇر ) . بەزىلەر ياكى شۇ مەسجىدنىڭ جامائەتلىرى ئوقۇيدىغان قۇرئان كەرىم ۋە باشقا پايدىلىق ھەدىس ۋە تەرجىمە كىتابلارنىڭ يوقلىقىنى كۆرىدۇ . يەنە بەزىلەر بولسا جەمەتى ئارىسىدىن ياكى مەھەللىسىدىن بەزىلەرنىڭ ئۆيلىنەلمەي قالغانلىقىنى ياكى بىرەر ياخشى تۇرمۇشقا چىققۇدەك ئېھتىياجىنىڭ يوقلىقىنى كۆرىدۇ . يەنە بەزىلەر دىنىي ۋە باشقا ساھەلەردە سىلجىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ مەلۇم ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىكىدىن توختاپ قالغانلىقلىرىنى كۆرىدۇ ......... ھەممە مانا بۇ بۈگۈنىمىزدىكى پەقەت ۋە پەقەت ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولىنىۋاتقان ۋە ساۋابلىق ئىشلارنىڭ شۇنچە كۆپلىكىدىن كىشىلەرنىڭ شۈكرى ئېيتىشنىڭ ئورنىغا كۇفرانە نېمەت قىلىپ بايلىقىنى نەدىكى ئۆيىنى زىيادە بېزەش ، قىممەت باھالىق ماشىنىلارنى ئېلىش ( ئەگەر يۇرتتا پەتىۋا بېرىش ھوقۇقى مەندە بولغان بولسا ، باھاسى ئىككى يۈز مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن ماشىنا ئالغانلارغا ، شۇ قىممەتنىڭ ئۈستىدىكى باھاسىغا قارىتا زاكات بېرىشىنى ئېيتاتتىم . كۆپىنچە كىشىلەر چوقۇم زاكات بېرىشتىن قورقۇپلا مىلىيۇنلاپ باھالىق ماشىنىنى ئېلىۋېلىشى مۇمكىن ) ، خوتۇننى كۆپەيتىش ( راستىنى دېسەم ، شەھۋەت ئۈچۈن خوتۇن ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلار پەقەت ۋە پەقەت ئۆمۈر بويى باللىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ پوق – سۈيدىكىنى ئادالاپلا ئۆتۈپ كەتسە ياخشىمىكىن دەيمەن . تېخى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى كۆپەيتىمىز دەپ قويىدىكەن . شەھۋەت ئۈستىدە تۇغۇلغان باللا قانداقمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە لايىق كېلەلىسۇن ؟ چوقۇمكى ئەۋلات ، ئىبادەت ئۈستىدە ھەم تەقۋالىق ئۈستىدە تېپىلىشى كېرەك . شۇنچە ئىبادەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ كۆپلىكىدە خوتۇنلىرىنىڭ رازىلىقىنى تىلەش ئۈچۈن ، خوتۇنلىرىنىڭ بىر – بىرلىرىگە بىڭسى قىلىشىپ چوڭچىلىق قىلىشلىرىنىڭ قۇربانىغا قېلىۋاتقانلىقلىرىدىن غەپلەتتە يۈرىۋاتقانلار تولا بىزدە ) ، يەنە بىرمۇنچە بەدخەجلىك قىلىش بىلەن كۆڭلى ئارام تاپىدىغان كىشىلرىمىز نۇرغۇنكى ، ئاخىرەت ئۈچۈن ۋە مۇشۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن خەيرىيىتى كۆپ بولغان ئىشلارغا كۈچ چىقىرىدىغان ئىشلارغا غودۇرايدىغان . ئەمما كۇفرىلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ياكى خوتۇن – بالىلىرى ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالسا ، ساقىيىش ئۈچۈن قوش – قوللاپ تۇرۇپ دوختۇرغا تۇتقۇزىدىغانلار . بۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايدىغىنىمىز شۇكى ، ھېلىما پىلىمىز بار ئىكەنتۇق . بولمىسا قانداق قىلارمىزتۇق ؟!  ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايىتىگە قارشى ئېتىقادتا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشمايدۇ .
(ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق (مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن) اﷲ تەرىپىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق (قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن) ئۆزۈڭدىندۇر......( 79 ) نىسا
ھەتتا شۇ ئاقىۋەتكە قېلىشلىرىغا ئىلگىركى كۇفرىلىرى سەۋەب بولغانلىقلىرىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ . چۈنكى ئۇلار ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل سەرىپ قىلىشنى ئىبادەت ، ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىرى – قىسمەت دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ . ئۇلار شۇنىڭغا رازىكى :
ئۇ كۈندە ئۇ ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى ، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى اﷲ نىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ [35].تەۋبە

دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ [1] ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر [2ـ3]، شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ [4ـ5]. نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ [6]. ئۇلار قولقا بەرمەيدۇ [7].مائۇن

كىمكى (كىشىلەر ئارىسىدا) ياخشى (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن (يەنى ياخشى ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ كىمكى بىر يامان (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن (يەنى يامان ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ. اﷲ ھەممە ئىشقا قادىردۇر [85].نىسا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << تۇل خوتۇنلارغا ۋە مىسكىنلەرگە خەيرى - ئېھسان قىلغۇچىغا ئاللاھ تائالانىڭ يولدا جىھاد قىلغۇچىنىڭ ياكى كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ، كۈندۈزى روزا تۇتقۇچىنىڭ ساۋابى بولىدۇ >> دېگەن . بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئىد ئىبنى ئۇبادە نىڭكىگە كەلدى . ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا نان ۋە زەيتۇن مېيى كەلتۈردى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يېدى ، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << روزا تۇتقۇچىلار سىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلاردا ئىپتار قىلدى ، تامىقىڭلارنى ياخشىلار يېدى ، پەرىشتىلەر سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلدى >> دېدى .   ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان .

تىرمىزىنىڭ رىۋايىتدە : كىمكى روزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرسا روزا تۇتقۇچىنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيمەستىن ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا روزا تۇتقۇچىغا بېرىلگەن ساۋابقا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ >> دېيىلگەن .
مانا بۇ شاپائەتنىڭ قىممىتى ۋە مېھنىتىنىڭ نەتىجىسى . ھالبۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بىزلەرنڭ پۇل مېلىمىزنى ئىسراپ قىلىپ بۇزۇپ - چېچىۋېتىشىمىزدىن نارازى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئەمما بىزلەرنىڭ كۆپچىلىكىمىز بۇ خىل ئىبادىي ئەمەللەردىن ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن غەپلەتتە ئۆتمەكتىمىز .شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ خىل تاماق بەرگەنكى خەيرىيەتلەر ئۈستىدە ئازرق توختىلىمىز . چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەر نەزىر دېگەن يېتىم يېسىرنىڭ دەپلا ، توقلارغا بىردەك ھارام قىلىۋالىدۇ دە ، مۇشىنىڭدەك ئىپتارلىقتىكى نەزىرلەرنى يەپ قېلىۋاتقانلىقلىرىنى ھىس قىلالماي قالىدۇ . كىشى ئاۋۋال ھارام دەپ ئېتىقاد قىلغاندىن كىيىن ئۇ خىل تائامنى يىسە ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەقىدىسى نېمە بولىدۇ ؟ ياكى بىرەر قۇدۇق نەزىرگە ئاتالغان بولۇپ ، ئۇنى باي ھالەتتە ياكى بەك مۇھتاج ئەمەس تۇرۇپ ئىستىمال قىلسا ، ئۇ ۋاقىتتا يەنە ئۇنىڭ ئەقىدىسى نېمە بولىدۇ ؟ شۇڭا ھەر كىشى نەزىرنى توغرا چۈشىنىشى ۋە توغرا ئىستىمال قىلىشى زۆرۈردۇر . ئاللاھ تائالا تەقۋادار بولماسلىققا قەسەم قىلىش شەكلى بىلەن ، ئۆزىنىڭ تەقۋالىققا خاس شەكىللەندۈرۈپ بېرىدىغان نېمەتلەردىن توسقۇنلۇق قىلىپ قويىشىنى چەكلىگەن . شۇڭا كىشى ئۆزىگە بىر نەرسىنى ھارام قىلىۋېلىپ ، شۇ جەھەتتىن بەزى ئىشلارنىڭ تەقدىرىدە ئوڭۇشلۇق يۈز بەرمىگەنلىرىدىن ئاغرىنسا ، ئۇ ۋاقىتتا تەقدىرگە ئىشىنىشتىن ۋە ئۇنىڭغا چىن بويسۇنۇپ يەنىمۇ داۋاملىق تەقۋادار بولۇشتىن توسۇلۇشتا بولۇپ قالىدۇ . ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىغا ھەقىقىي ئىشىنىشتە بولالماي قالىدۇ . ئاللاھنىڭ بىزلەرگە قانداق تەقدىر يارىتىش – ياراتماسلىقى دەل بىزنىڭ ئېتىقادىمىز بىلەن باغلىقتۇر .
سەدىقىنىڭ ماھىيىتى خۇددى ئايالىمىز ئەتكەن تاماق ئېشىپ قالغان بولسا ، بۇنى ئىسراپ بولۇپ كەتمىسۇن دەپ خوشنىلىرىغا ئەچىقىپ بەرسە ، ياكى بىرەر نەرسىنى بېرىشكە قىستىلىنىپ قالسا ھەمدە ئۇنى بەرسە ، بۇ سەدىقە بولىدۇ .
ئەگەر تاماق ئېتىشتىن ئىلگىرى خوشنىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ ، تاماقنى كۆپرەك ئېتىشنى مەقسەت قىلىپ بىر قاچا ئەچىقىپ بەرسىڭىز ، بۇ ھالدا بۇ سىلە – رەھىم بولىدۇ .
نەزىر توغرىسىدا ئېيتىلغاندەك ، نەزىرنىڭ تامىقى ئالاھىدە كۆڭۈلدىن مېھنەت بىلەن چىقىرىپ بەرگەنكى خۇسۇسىيەتتە تەييارلانغان بولىدۇ . بۇ خىل ئاتالغان نېمەتلەرگە قارىتا قايسى ئىش ئىگىسى ( يەنى شۇ سۇرۇننى تۈزگۈچى ) ، ئىچىدە بولسىمۇ نارازىلىقتا مىننەت قىلىپ غودۇرايدىكەن ، ئۇ دىنسىز ۋە ئاغزىدىكى نەزىر دېگەنكى ئاتىقىغا ئاسىيدۇر . چۈنكى كۆڭلىدە ئازراق بولسىمۇ نارازىلىق بولغانلىق ، ھەتتا سەدىقىگىمۇ كىرمەيدۇ . ئۇنداق ئادەمنىڭ بۇنچە چوڭ سۆزنى قىلىۋېلىشى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ ۋە ئەقلى ھۇشى جايىدا مېھمانغا ئازار بەرگەنلىك بولىدۇ .
بىر مىللەتتە قانچىكى نەزىر بېرىدىغانلار كۆپ بولسا ، شۇ مىللەتنىڭ ئەتىسى شۇنچە تىز تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ھەر جەھەتتىن يۈكسىلىشتە بولىدۇ .چۈنكى بۇلار دىنىي جەھەتتىن نەرىز بەرگۈچىلەر دەپ ئاتىلىدۇ . ئەمما مىللەت ئۇقۇمىدا خەيرى – ساخاۋەتچىلەر دېيىلىدۇ . ئەمما بۇلار چوقۇم توغرا يولىدا ، توغرا جايىدا مەبلەغلىرىنى ، كۈچلىرىنى چىقىرىشى كېرەكتۇر ۋە خالىس ئىش – ھەركەتلەردە بولمىقى لازىمدۇر .
يەنە بىر جەھەتتىن كىشىلەرگە نەزىر ئاتىقى بىلەن كۆپ كىشىلەرگە تائام بەرگەنلەر سەمىگە شۇنى سالىمىزكى ، سىلەرنىڭمۇ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردا نۇرغۇنلىغان خەيرىيەتلەر بار . چۈنكى بىر مۆئمىن بىر بۆلۈك سۈپەتلەرگە ئىگە بولالمىسا ، ئۇنىڭ مۆئمىن بولۇش ئويى خىيالىۋى بولۇپ قالىدۇ . چۈنكى مۆئمىن مۇنداق بولىشى كېرەك ، ئانداق بولىشى كېرەك دەپ نەزىيىۋى شۇئار توۋلايدىغانلارنىڭ روھىيىتى دىنغا ھەقىقىي باغلانمىغان . ئۇلار ھەم قانداق يول تۇتسا ئاندىن دىنى قۇۋۋەتكە كېلىدىغانلىقلىرىنى ۋە تېخىمۇ يۈكسىلىدىغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ ۋە بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ . چۈنكى ئۇلار ئەقىدىسىدە ھارام قىلىۋەتكەن يولغا ماڭمايدۇ ئەمەسمۇ . شۇڭا ئىنساننىڭ روھىيىتى دىنغا باغلىنىش ئۈچۈن چوقۇم دىنىي مۇراسىملارغا قاتنىشىشى ۋە سۇرۇننىڭ ئالاھىدە دىنىي قىممىتىنى كۈچەيتىشى ۋە شۇ خىل مەۋقەدە روھىيىتى زىلزىلىگە كېلىشى كېرەك .
ھەمدە نۇرغۇنلىغان زىيالىيلار بار ۋە ئۇنىڭ بالا – چاقىلىرى بار . ئۇلار دىنىي ماھىيەتتىن بەكلا سۇس . ئۇلار گەرچە نەچچە يۈزمىڭ سومنىڭ ۋە مىلىيۇننىڭ ئىگىلىرى بولغان تەقدىردىمۇ چوقۇمكى دىنىي مۇراسىملارغا قەتئىيلىكتە مۇھتاجدۇر . ئۇلار دىنغا بولغان روھىيەتلىك مەنىۋىيەتلەردىن يېتىم – يېسىردۇر . گەرچە ئۇلار تاماقنى بەك يەپ كەتمىسىمۇ ، چوقۇم جامائەتنىڭ ئارىسىدا بولىشى لازىمدۇر . ئۇلار ئاستا – ئاستا جامائەتچىلىككە چۆكمىسە ، قاچان ئۇلارنىڭ دىنى يۈكسىلىپ ئىسلامغا مۇشەررەپ بولالايدۇ ؟ ئۆلگەندىما ؟ جەمىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆئمىندە بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ تېخى روياپقا چىقمىغانلىقىنى بايقايمىز . يەنى :

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى بولىدۇ : سالامنى ئىلىك ئېلىش ، كېسەلنى يوقلاش ، جىنازىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىش ، چاقىرغان يەرگە بېرىش ۋە چۈشكۈرگەن كىشى ئەلھەمدۇلىللاھ ( جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر ) دېسە ، يەرھەمۇكەللا ( ئاللاھ تائالا ساڭا رەھمەت قىلسۇن ) دېيىش >>

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن : << مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا ئالتە تۈرلۈك ھەققى بولىدۇ : ئۇچىراشساڭ سالام بەرگىن ، چاقىرغان يەرگە بارغىن ، ئەگەر سەندىن نەسىھەت تەلەپ قىلسا ، نەسىھەت قىلىپ قويغىن ، چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇلىللاھ دېسە ، يەرھەمۇكەللاھ دەپ جاۋاپ قايتۇرغىن ، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلىغىن ، ئۆلۈپ كەتسە جىنازىسىغا ئەگەشكىن >> دېيىلگەن .
يەنە بۇنىڭدەك ئەھلى مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك خۇسۇسىيەتكە ئالاقىدار ئىشلار نۇرغۇن . ئەمما مۇسۇلماندارچىلىق ئاستا – ئاستا دەپ ، نۇرغۇنلىغان دىنىي جەھەتتىن سۇس كىشىلەر يىغىلىقلارغا مۇھتاج . ئەمما يىغىلىقلاردا شۇ خىل كىشىلەرنىڭ چاقىرىلمىغىنى ئەڭ يامان يىغىلىقتۇركى ، ئۇلارنى نامرات ، ئاجىز كۆرۈش بىلەن ئۇلارنى يامان ، پەس كۆرۈشتىن ئىبارەت . رەسۇللاھ شۇندا كۆزدىكى بىرىگە ئەمەلىي دەرس بېرىپ شۇنداق رىۋايەت كەلگەن :
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدىن بىر كىشى ئۆتتى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدا تۇرغان ئادەمگە : << بۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەمگە قانداق قارايسەن ؟ >> دەپ سورىدى . ئۇ : << بۇ بىر ئېسىلزادە ئادەم . ئاللاھ تائالاغا قەسەم قىلىمەنكى ، ئەگەر ئۇ ئۆيلەنمەكچى بولسا ، ئەلۋەتتە خوتۇن ئالالايدۇ ، ئەگەر شاپائەت قىلسا ، ئەلۋەتتە شاپائىتى قۇبۇل قىلىنىدۇ >> دېدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقۇرقى گەپنى ئاڭلاپ سۈكۈت قىلدى . ئۇنىڭغىچە ئۇنىڭ ئالدىدىن يەنە بىر ئادەم ئۆتتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېلىقى يېنىدا ئولتۇرغان ئادەمدىن : << بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن ؟ >> دەپ سورىۋېدى ، ئۇ : << ئى رەسۇللاھ ! بۇ مۇسۇلمانلاردىن بىر پېقىر ئادەم . ئەگەر ئۇ ئۆيلەنمەكچى بولسا ، ئەلۋەتتە خوتۇن ئالالمايدۇ . ئەگەر شاپائەت قىلسا ، ئەلۋەتتە شاپائىتى قۇبۇل قىلىنمايدۇ . ئەگەر سۆزلىسە ، ئەلۋەتتە باشقىلار ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايدۇ >> دېدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << بۇ پېقىر ئادەم ھېلىقىدەك سان - ساناقسىز ئېسىلزادە ئادەمدىن ياخشى >> دېدى . بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلىنغان .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : مەن سىلەرگە ئەھلى جەننەتنى دەپ بېرەيمۇ ؟ ئۇلار ئاجىز ، بوزەك كىشىلەردۇر . ئەگەر ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمىتىنى ئۈمىد قىلىپ قەسەم قىلسا ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دېگىنىنى بېرىدۇ . مەن سىلەرگە دوزاخ ئەھلىنى دەپ بېرەيمۇ ؟ ئۇلار قوپال ، كۆرەڭلەپ ماڭىدىغان ، ھاكاۋۇر كىشىلەردۇر >> بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

ئۇلار ( يەنى نام – ئاتاقنى ، ھەمدە كىشىلەر ئارىسىدا مەنمەنچىلىك قىلماقنى مەقسەت قىلىدىغانلارنىڭ ) نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر ( يەنى ئاللاھ ئۇنداقلارنىڭ سۇرۇنىدا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلمايدۇ ). پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز [114].نىسا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : { كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا ، بۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر ( 30 ) ھەج

كىمكى دىنىي ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن ، بۇ دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدۇر ( 32 ) ھەج

يەنە بەزى ياخشى سۇرۇنلار باركى :
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << بىر قەۋم مەسجىدلەردىن بىرىگە يىغىلىپ ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشسا ۋە قۇرئان ئۈستىدە توختۇلۇپ ، ئۇنى ئۆز ئارا ئۆگەنسە ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ . ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئورايدۇ ، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ ئەتىراپىغا جەم بولىدۇ . ئاللاھ تائالا ئۆز ھۇزۇرىدىكى پەرىشتىلەرگە ئۇلاردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ >>
ئەلۋەتتە بۇنىڭدەك يىغىلىق پەقەت پەقەت مەسجىدلەردىلا بولماستىن بەلكى ئۆيلەردىمۇ بولغۇسىدۇر . ھەر قانداق يىغىلىق گۇپپاڭچىلار بىلەن تولغان ياكى شۇنداقراق پاراڭلار بىلەن دىنىي مۇھىيىتى بوغۇزلانغان بولسا ، بۇنىڭدەك يىغىلىقنىو پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدۇ . چۈنكى دىنىي سۇرۇندا گۇپپاق سوقۇش قەلىبنى قېتىتىۋېتىدۇ . ئەمما ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كۆرسەتمىسى ئەھلى دىنىي مۇھىت بولۇپ ، چوقۇم مۇمكىن بولسا كىشىلەر ھۆرمەتلەيدىغان دىنىي ئۆلىما ۋە تەقۋادار كىشىلەرمۇ ھەم بولسۇن . شۇندىلا ئاللاھدىن قورقۇشنى بىلمەيدىغان بەزىلەردە شۈكلىنىش بولىدۇ . ئاللاھ بۇ تەرەپلىك يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىدۇ :
سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن سەۋرچان بىللە بولغىن، ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتىنى (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ سۆھبىتىنى) دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمنىڭ (سۆزى) گە ئەگەشمىگىن [28]. كەھف


ئاللاھ تائالا قەبرىدىكىلەرگە قارىتا ئېيتىدۇ :
اﷲ نىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شېھىتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى اﷲ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ [4]. اﷲ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ [5].مۇھەممەد

ﷲ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب نازىل بولدى [45]. ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ) [46].غافىر
شۇنىڭدەك ، قەبرە ھاياتىنىڭمۇ ياخشىسى ۋە يامىنىمۇ بولىدۇ . ئاللاھ خالىغان كىشىلەرنى قەبرىلىدىن ھېكمەتلىرى ئارقىلىق چىقىرىپ داڭغان ، قازانلارنىڭ ، مەشلەرنىڭ ئارىسىغا قېتىش بىلەنمۇ ئوتقا دەلىل قىلىپ تۇرۇپ ئازابلاشقا قادىر .
رەسۇللاھ قەبرە ھاياتى توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق ئېتىقادىي ھەدىسلەرنى ئېيتقان .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە قەبرىستانلىقىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، قەبرىستانلىققا يۈز كەلتۈرۈپ : << ئى قەبرە ئەھلى ! سىلەرگە سالام ! ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە سىلەرنى ئەپۇ قىلغاي ، سىلەر بىزدىن بۇرۇن كەلگۈچىلەر ، پات يېقىندا بىزمۇ سىلەرگە ئەگىشىپ كېلىمىز >> دېدى .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << بىرەر مۇسۇلمان ئادەم ۋاپات بولۇپ ، ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان 40 كىشى قاتناشسا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شۇ مىيىت ھەققىدىكى شاپائىتىنى قۇبۇل قىلماي قالمايدۇ >> دېگەن . مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنىڭ جىنازا نامىزىدا مۇنداق دېگەن : << ئى ئاللاھ ! سەن بۇ مىيىتنىڭ پەرۋەردىگارىدۇرسەن ، سەن ئۇنى ياراتتىڭ ، سەن ئۇنى ئىسلام دىنىغا مۇشەررەپ قىلدىڭ ، ئۇنىڭ جېنىنى قەبزى روھ قىلدىڭ ، ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالىتىنى ياخشى بىلىسەن ، سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئۇنىڭغا شاپائەت تىلەپ كەلدۇق ، ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغىن >> ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان .

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، مەسجىدنى سۈپۈرىدىغان بىر قارا تەنلىك ئايال بار ئىدى ياكى بىر ياش بالا بار ئىدى ( قايسىسى ئىكەنلىكىدە رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ ئېسىدە يوق ) . ئۇ يوقاپ كېتىۋېدى ، رەسۇللاھ ئۇ ئايالنى ياكى ياش بالىنى سورىدى . كىشىلەر : << ئۇ ئۆلۈپ كەتتى >> دېۋىدى ، رەسۇللاھ << سىلەر نېمىشقا مېنى خەۋەردار قىلىپ قويمىدىڭلار ؟ >> دېدى . كىشىلەر ئۇنى كىچىك ئىش سانىغاندەك قىلاتتى . رەسۇللاھ : << مېنى ئۇنىڭ تۇپرىقىغا باشلاپ بېرىڭلار >> دېدى . كىشىلەر رەسۇللاھنى باشلاپ ئاپاردى . رەسۇللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇدى . ئاندىن كىيىن : << ھەقىقەتەن بۇ قەبرىلەر ياتقانلار ئۈچۈن قاراڭغۇلۇق بىلەن توشۇپ كەتكەندۇر . شۈبھىسىزكى ، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۇلارغا ئوقۇغان نامىزىمنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئۇلارنىڭ قەبلىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ >> دېدى . بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، ئۇ مۇنداق دېگەن : << مېنى دەپنە قىلغان چېغىڭلاردا قەبرەم ئۈستىدە بىر تۆگە سويۇلۇپ ، گۆشى تەقسىم قىلىنىپ بولغۇدەك ۋاقىت تۇرۇڭلار ، مەن يالغۇرسىراپ قالمىغايمەن ، پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىشىمنى بىلىۋالغايمەن >> دېدى .  مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن : << ئۆلگۈچىنىڭ قەبرە بېشىدا ئاز - تولا قۇرئان ئوقۇلغىنى ياخشى ، ئەگەردە قۇرئان باشتىن - ئاخىر ئوقۇلۇپ دەپنە قىلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ >>

مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاتىدا ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام سەكرەتتا جاننى ئالغاندىن تارتىپ ، ئۇنىڭ مىيىتى گۆرلۈككە ئەكىرىلىپ تاكى گۆرلۈكنىڭ ئاغزى ئېتىلىپ يەتتە كەتمەن توپا تاشلانغانغا قەدەر مىيىتتە تاشقى دۇنيا بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ھالەتتە بولىدۇ . يەتتە كەتمەن توپا تاشلانغاندا ئاندىن مىيىتكە جاننى قايتا سېلىپ سۇئال سوراققا قارىتا تەييارلىقتا بولىدۇ . يەنە بىر ھەدىستە تاكى كىشىلەرنىڭ ئاياق تىۋىشى تۈگەپ تېنچلانغاندا ئاندىن مۇنكىر – نەكىرنىڭ كىرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان . شۇڭلاشقا بەزى مەزھەپلەردە مۇشۇ خىل ۋاقىتلاردا قېرىندىشىغا قارىتا قەبرىدە ياخشى جاۋاب بېرىۋالسۇن ئۈچۈن ، شاپائەتلىك ئەمەللەرنى قولىدىن كېلىشىچە كۆپرەك قىلىشنى تىلەيدۇ . دېمەك ، بىز بۇ ئايەت – ھەدىسلەردىن ئۆلۈكلەرنىڭمۇ قەبرە ھاياتىدا تېگىشلىك ئېنىرگىيەلەرگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىمىز . شۇ ۋەجىدىن مۇنۇ ھەدىسنىڭ رولى بۇيىچە ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياخشىلىقلارنى قىلىشنى تىلەيمىز .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << ئەگەر ئىنسان ئۆلسە ، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ . پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىماي نامۇ ئەمەلىگە يېزىلىپ تۇرىدۇ : بىرىنچى ، ساۋابى ئۈزۈلمەي تۇرىدىغان سەدىقە ، ئىككىنچى ، ئەلگە پايدىلىق ئىلىم . ئۈچىنچى ، ئارقىسىدىن ئاتا- ئانىسى ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت >>

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، بىر ئادەم رەسۇللاھقا : << ئانام تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى ، مېنىڭچە ئەگەر ئۇ سۆزلىيەلىگەن بولسا ، بىرەر سەدىقە بەرگەن بولاتتى . ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە قىلسام ، ئۇنىڭغا ساۋابى بولامدۇ ؟ >> دەپ سورىدى . رەسۇللاھ : << ھەئە >> دەپ جاۋاب بەردى . بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

شۇنىڭدەك ، كىشى ئىلگىرىكى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى كۆرگۈسىدۇركى ، ئۈزۈلۈپ قالماي يېتىپ تۇرىدىغان ئەمەللەر كۆپ بولۇپ ، مەسجىدكە ، يوللارغا ، كۆۋرۈكلەرگە ۋە زېمىننى ، باغلارنى ھەمدە مېۋىلىك جىرىملەرنى پايدىلىق رەۋىشتە بەرپا قىلىپ قويغاندىكى ھەمدە ئۇنىڭ قانچە ئىشلىتىلىنىپ تۇرىلىشىغا قارىتا ئېھسان قىلىشتەك پايدىلىق نەرسىلەر ..... ، كىتاب يېزىپ قالدۇرغان بولسا ۋە پەرزەنتلىرى چوڭ – كىچىك ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى ھەدىيە قىلىشلار بىلەن دۇئا – تىلاۋەت قىلغان بولسا ..... بۇلارنىڭ قەبرە ھاياتىدىكى جانغا قارىتا پايدىسى باردۇر . چۈنكى ئۇمۇ قانچە شاپائىتىي يورۇقلۇققا ئىگە بولسا ، شۇنچە خۇشھال ئۇيقۇ ئىچىدە شىرىنلىكتە ياتقۇسىدۇر . ئەمما قەبرە قانچىكى قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتكە تولسا ، ئۇمۇ خارابلاشقۇسىدۇر . بۇ ۋاقىتتا ئۇلار باشقىلارنىڭ دۇئاسىغا مۇھتاج بولغۇسىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار مازىرىملارنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە ئۇ زېمىندىكى شاپائەت قىلىنىش ئىمتىيازى بار بولغان مۇسۇلمانلارغا قارىتا شاپائەت تىلەپ دۇئا قىلغۇسىدۇر ۋە بەزىلىرى ئايەت ئوقۇش بىلەن تېخىمۇ كۆپلەپ ساۋاب ھەدىيە قىلغۇسىدۇر .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، سۈرە ئىخلاس شۈبھىسىزكى ، قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ >>

بىزدە نەزىر دېسىلا ، شۇ نەرسىنى ئۆلۈكلەرگە ، روھ – ئەرۋاھلارغا ئاتالغان يىمەكلىك ، ئىچمەكلىك دەپ چۈشىنىپ قېلىنىدىغان ئەقىدىسى كۈچلۈك . ئەمەلىيەتتە ، بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار . بەزى كىشىلەر ، پەرزەنتلەر ئاتىلىرىنىڭ چۈشىدە تولىمۇ غېرىبانە يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ . بۇ دەل ئۇلارنىڭ قەبرىسىنىڭ نۇرسىز ، ئۇلارنىڭ تېگىشلىك ئېنىرگىيەسىز قالغانلىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ . گەرچە ئۆلۈكلەر ئەۋلاتلىرىنىڭ روھىغا بىۋاستە تەسىر قىلالمىسىمۇ ، ئەمما ئاتا – بالىلىق مۇناسىۋەت ، قېرىنداشلىق مۇھەببەتلىرى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ روھىي رادارلىرىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىلگىركى تىلىگەنلىكلىرىگە قارىتا بۈگۈنىدە شۇ خىل چۈشلەر ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ ئۇلارغا ساۋاب ھەدىيە قىلىشىنى ئىرادە قىلىدۇ .
<< ئىنسان ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ >> ئايەت )
شۇنىڭدەك ، مىيىت كىيىنكى ئاللاھنىڭ شۇ خىل رەھمىتىگە لايىق رەۋىشتە ئەمەللەردە ، ئىمتىيازلاردا بولغانلىقتىن ، كىيىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى شۇ خىل ھېكمەت بىلەن ياخشىلىماقنى تىلەيدۇ . ئەمما ، بۇ خىل ھېكمەتنى چۈشەنمىگەن كىشىلەر قانداق قىلىدۇ دېسە ھېلىقى باخشى ، داخانلىرىدىن ئىبارەت يول كۆرسەتكۈچى ۋە شۇنىڭدەك خاتالىقنى ئىرادە قىلغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ئىسلام تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۆلۈكلەرگە بىۋاستە نەزىر قىلماققا قارىتا ئىش كۆرۈشنى ئېيتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى روھلارنى بىۋاستە خۇش قىلىش ۋە ئۇلارغا بىۋاستە ياردەم قىلىدىغانلىقتەك ئۇلار بۇيرىغان ئىشلار بىلەن ئەسلا قۇبۇل قىلىنمايدىغان ، خۇددى ماۋۇ خەقلەرنىڭ ( شۇ تاپتا مۇشۇ پۇلنى خەجلەۋاتىدۇ دېگەنكى ئويدا ) پۇل كۆيدۈرگىنىگە ئوخشاش بىمەنە ئىشلانى قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ . ئاقىۋەتتە دۇئالاردا ئاللاھدىن باشقا نەرسىلەرگە ، ئىش – ھەركەتلەرگە قارىلىپ قالىدۇ ياكى ئاللاھدىن ھەجەتسىزلا ئىش قىلىدۇ دە ، ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى بىر تىپىكتە يوق بولىدۇ . ئەمما ، ئۇلار شۇ ھالىتىدە ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ ئويلايدۇ ، ئەمما ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىشالمايدۇ . ھەتتا ئىلگىركى ئاللاھنىڭ شۇ خىل مۇناسىۋەتلىك چۈشلەرنىڭ بىلدۈرگەنكى ئىمتىيازىنى كۇفرىلىقلارغا بېرىلىش بىلەن تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈپ ، ئاقىۋەتتە شۇ خىل قىممىتىنى ھەم ئۆلتۈرىدۇ ۋە كىيىنكى ئاللاھنىڭ شۇ خىل بىلدۈرۈشتىكى رەھمىتىنى كېسىۋېتىدۇ . ئۇلار ئاقىۋەتتە نەزىر دەپ روھلارغىلا ئاتايدىغان ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى كۆزلەيدىغان ئەقىدىگە بېرىپ قالىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ شۇ ئەقىدىسىدە ئۆلتۈرگەن جاندارلارمۇ بۇد – يەنى باخشىلىرىنىڭ ، ئەجداتلىرىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنغان ھېلىقى شامان دىندىكى نەزىرگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە ئۇ گۇناھ مال بولۇش بىلەن مۇسۇلمانلارنى زەھەرلەيدىغان تاماق بولۇپ قالىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئەقىدىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم .
ئاخىرىدا مۇنداق بىر ھەدىس بىلەن ئايىقىنى چۈشۈرۈشتە بولىمىز . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ ئەسلى ئىرادە مەقسىدىنى چۈشەندۈرۈشتە بولىدۇ . يەنى ، بىر كىشى بولۇپ ، ئۇ بىر كۈنى يانچۇقىغا بىر پۇلنى سېلىپ ، ‹‹مەن بۇنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەدىقە قىلىمەن دەپ چىقىپتۇ ۋە سەدىقىسىنى بىر ئوغرىغا بېرىپتۇ›› .  بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا سەدىقىسىنى ئوغرىغا بەرگەنلىكىنى ئېيتىشىپ مازاق قىپتۇ . ئۇ دەپتۇكى ‹‹ مەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دەپ چىقىپ سەدىقەمنى ئوغرىغا بەرگەنلىكىم ئۈچۈن شۈكرى ئېيتىمەن ›› .


ئۇ ئەتىسى يەنە بىر پۇلنى يانچۇقىغا سېلىپ << مەن بۇ پۇلنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەدىقە قىلىمەن >، دەپ چىقىپتۇ ۋە ئۇ سەدىقىسىنى بىر بايغا بېرىپتۇ . بۇنى كۆرگەن باشقىلار ئۇنىڭغا سەدىقىسىنى بايغا بەرگەنلىكىنى ئېيتىشىپتۇ . ئۇ يەنە تۈنۈگۈنكىدەكلا << سەدىقەمنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بايغا بەرگەنلىكىمگە شۈكرى ئېيتىمەن >> دەپتۇ .
ئۇ يەنە ئەتىسى يەنە بىر پۇلنى يانچۇقىغا سېلىپ << مەن بۇ پۇلنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەدىقە قىلىمەن >> دەپ چىقىپتۇ ۋە سەدىقىسىنى بىر پاھىشىگە بېرىپتۇ . بۇنى ككرگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا سەدىقىسىنى پاھىشىگە بەرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ . ئەمما ئۇ يەنىلا << سەدىقەمنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن پاھىشىگە بەرگەنلىكىمگە شۈكرى ئېيتىمەن >> دەپتۇ . ئۇ كىشى شۇ كۈنى بىر چۈش كۆرۈپتۇ . چۈشىدە بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ ۋە دەپتۇكى : << ئاللاھ سېنىڭ شۇ سەدىقەڭ ئارقىلىق ئوغرىنى ئوغۇرلۇقتىن ، باينى بېخىللىقتىن ۋە پاھىشىنى يامان يولدىن توسۇشى مۇمكىن ! >>
رەسۇللاھ شۇنداق دېگەنكى : << ئىنساندا بىر پارچە گۆش بار . ئۇ بۇزۇلسا ئىنسان بۇزىلىدۇ . ئەگەر ئۇ تۈزەلسە ئىنسانمۇ تۈزۈلىدۇ . ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتىن ئىبارەت >> . شۇنداق ، ئەگەر ئاللاھ بىر كىشىنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا ياكى يامان يولدىن توسماقچى بولسا ، ئەنە شۇنىڭدەك ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىنىڭ تائاملىرىنى ، لوقمىلىرىنى ۋە باشقا پۇل - دۇنيالىرىنى سەرىپ قىلغانكى ماھىيەتكە يەتكۈزۈپ تۇرۇپ ھىدايەتكە ئىگە قىلىدۇ . چۈنكى يۈرەك ھىس قىلىدۇ . كىشى پۇشايمان قىلسا يۈرەكتىن قىلىدۇ . كىشى خۇشاللانسىمۇ ھەم يۈرەكتىن قىلىدۇ . كىشى ئازابلانسىمۇ يەنىلا يۈرەكتىن بولىدۇ . شۇڭا ئاللاھ بىر كىشىنى ھىدايەتكە ئىرادە قىلغان بولسا ، ئاۋۋال ياخشى بىر نېمەتنى يىگۈزۈپ يۈرەككە ئاپىرىدۇ . ئاندىن يۈرەكتىن تەسىرلەندۈرگۈزۈپ ئۇنىڭ قىلمىشىنى سەت كۆرسىتدۇ . ئاندىن ئۇ ئىلگىرى قىلىۋاتقان يامان ئەمەللىرىدىن باشقا ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئشتىلىدۇ . بۇ ئىشتىش دەل يۈرەكنىڭ قوماندانلىقى بىلەن بولىدۇ . شۇڭا نەزىر بەرسە يىغىلىق راستلاپ تاماقتىن بېرەمدۇ ياكى باشقا تەرەپتىنمۇ ۋە ياكى كىملەر مەيلى قايسى بىر ئىشنى قىلمىسۇن ، ئاۋۋال شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزدە تۇتسۇن ۋە قەلبىدە ، ئېتىقاتىدا مۇستەھكەم قىلسۇن . گەرچە ئۇنى كۆپىنچە كىشىلەر خالىمىغان بولسىمۇ ، ئول كىشى دەل شۇ خىل خالىس نىيەتتىلا بەرگەنلا بولسا ، ئۇلارنىڭ تاپا - تەنىلىرىگە پەرۋا قىلمىسۇن .

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


ئاللاھ ھەمىمىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ھەر ۋاقىت تىتىكتۇر....
بىرنى توغرا يولغا باشلىغىن ،
ئازغانلارنىڭ ئەمەس،
سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ
يولىغا باشلىغىن ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 834
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 10:10:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1390
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 01:08:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ساقلىۋالدىم ، ئالدىرماي ھەزىم قىلىپ ئۇقۇي ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4723
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 995 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 11:47:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دەتالاشلارنىڭ مەنبىيى  3740 يىل دىگەن مۇشۇ سانلاردا،

قۇرئان نازىل بۇلۇشتىن ئىلگىرى تەۋرات دۇنياغا پىشىۋا بولغان. قۇرئان نازىل بولغاندىن كىيىن ، ئىنسانلارنىڭ غايە ئىستەكلىرى سىھرى دىن قول ئۇزۇپ،ئەقلىي تەپەككۇر يۇلىغا ماڭغان، قۇرئان تەپەككۇرنى قىممەتكە ئىگە قىلىپ، نەزىريەۋىي يۇكسەكلىككە كۆتۇرگەن. بۇنىڭ پاكىتى، فارابىي، ئىبىنسىنا، يۇسۇپ ، ماخمۇتلار بۇلالايدۇ. ماۋۇ مۇسۇلمانلار ئىتىراپ قىلمىغان بىلەن پۇتۇن ئىنسانىيەت ئىتراپ قىلىدۇ بۇلارنى. شۇ دەۋىلەردىمۇ بىزگە ئوخشاش پىتنە خورلار كۇرمىڭ، قۇرئاندىن ئاساس بولمىسا ئۇنچە داڭلىنىش تۇگۇل،ئۇنداق يۇكسىلىش نەدە تۇرۇپتۇ. قۇرئان تەتقىقاتى  ئىسلام پەلسەپىسىنى روياپقا چىقارغان.
ئىسلام دىنى ياخشىلىق دىنى مۇشۇنداق ئايەت بار، پەلسەپە بۇيىچە  ياخشىلىقنىڭ تادۇسى تۆت بۇلىدۇ.شۇڭا تۆت ساھابىسى بار.
بىلىش ،ئەرەپلەر بىلىش، تارىختا باغدات رەي ياقىلىغۇچىلار ۋەكىل بولغان، ھىجاز ھەدىس ئەسلىيەتكە ۋەكىللىك قىلغان. ھازىرمۇ،سادام تەرەققىياتنى، بىنلادىن ئەنئەنىۋىيلىكنى ئىستەيدۇ.
ئادىللىق ، خاۋارىجلار ئادىللىق بۇلىدۇ، بۇلار ئۇچ پۇت، تارىختا بۇلارنىڭ ئۇچكە بۇلۇنگەنلىك تەپسىلاتى بار. ھازىرمۇ مىسىر، سۇرىيە،لىۋىيە ئۇچ پۇت.
تۇرۇكلەر ياخشىلىق بۇلىدۇ. ياخشىلىقنىڭ تادۇسى تۆت، تۇرۇكلەرنىڭ ئىسلام ھاياتىنى تەتقىق قىلسا، تۆت دىگەن گەپ جىق، ھازىرمۇ، تۇركلەر بىلىش، قازاق قىرغىز تاتارلار ئادىللىق، ئكزبەكلەر ياخشىلىق، ئۇيغۇرلار تەقۋادارلىق،
تەقۋادارلىق يەتتەقات بۇلىدۇ،شىئەلەر تەقۋادارلىق ئۇلارنىڭ يەتتە ئىمامى بار، ئەگەشكۇچىلىرى بار، بىر بىرسىگە بوي سۇنۇپ،نۇر ئارقىلىق رەسۇلىللاغا تۇتىشىدۇ.سۇرە نۇر مەخسۇس شۇلارغا چۇشكەن سۇرە.
ئەمىلىيەتتە بۇلار رەسۇلىللا بەرپا قىلغان جەمىيەتنىڭ، ئىسلام مەدىنىيتىنىڭ تۇزۇلۇش ئىسخىمىسى، خەرىتە كۆرەلەيدىغانلار،ئازىراق تارىخ بىلگەنلەرگە نىسبەتەن بۇ ئۇچۇق گەپلەر.
بۇنى پىشىۋا دىگەن يەرگە ئەكەلسەك، ھازىرمۇ شۇنداق، بىردۆلەتتە ئوڭ سول قانات كۇچلەر بۇلىدۇ. بىلىش ئككى تىلماق دىگەن شۇ، ئارمىيە،ئەدىلىيە،ساقچىسى بۇلىدۇ، ئادىللىقنىڭ پۇتى ئۇچ دىگەنلىك مۇشۇ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەيدىغان مەكتىۋى بۇلىدۇ، بانكا، ئاكسىيە، كارخانىسى بۇلىدۇ،ياخشىلىقنىڭ تادۇسى تۆت دىگەنلىك مۇشۇ. مەركەز ،ئاپتۇنۇم،ۋىلايەت،ناھىيە،يىزا،كەنتە ، ئەزا يەتتە قات بۇلىدۇ، چىزەن باسو دىكى چى يەتتە دىگەنلىك، تەقۋادارلىقتىكى يەتتە دىگەن مۇشۇ.
تىزىپ قويغانغىلا ئىش پۇتمەيدۇ، تۆت تادۇ زىدىيەت مۇناسىۋىتىگە سالسا ئالەم ئىش چىقىدۇ.تامنىڭ يۇچىقىدىن ئاڭلىۋىلىپ مۇشۇ بۇيىچە قىلغانلار جاھان سۇراۋاتىدۇ. ھۇنەر ئىگىلىرى بولسا كىتاپ ئاتىپ قويغان ئىشەكتەك ئىزدەنمەيۋاتىدۇ.بىر پەلسەپىچى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا نىسبەتەن قۇرئاننىڭ پىشىۋا،ئىكەنلىكىگە بۇنىڭدىن ئۆتە پاكىت سۇننەت بولمىسا كىرەك.
3740يىل دىگەن بۇسانلار ئىسلام دىننىڭ جۇملىدىن ئىسلام مەدىنيتى بەرپا قىلىغان جەمىيەتنىڭ مۇبارەك سانلىرى، 3ئادىللىقتىكى ئۇچ، يەتتە تەقۋادارلىقتىكى 7، تۆت ياخشىلىقتىكى تۆت ئەمەل قىلسا، ھەسسىلىنىپ قىرىق بۇلىدۇ. يىل بىر يىلدا ئون ئىككى ئاي تاماملىنىدۇ، بايرىقىدىمۇ ئاي بار، بۇ بىلىشتىكى بىريىل. بۇسانلارنى بۇد ياراتتى دىيىش، ئىسلام مەدىيتىگە قىلىنغان زور ھاقارەت.

ماۋۇ ماكان پاكىتى، زامان ،ئنسان،دىن پاكىتلىرىنى ئوتتۇرغا قويسام نۇرغۇنلار چۇشەنمىگۇدەكسىلەر.
ياخشىلىقنىڭ تۆت تادۇسى بولغانغا ئوخشاش، ئىستىمالدىكى ياخشىلىقنىڭمۇ تۆت خۇسيىتى بۇلىدۇ.
1.        بىلىشنى يەنى، بۇ ئالەمدىن ئۇئالەمگە قىلغان سەپەرنى بىلدۇردىغان، جانغا مۇناسىۋەتلىك پىدىيەسى بۇلىدۇ، پىدىينى خاتالاشمىسام،ئۇچ نەزىردىن بۇرۇن بىرىدۇ، بۇنىڭغا پۇل بىلەن ئالتۇن ئاساس باشقا نەرسىلەر ياخشى ئەمەس.پىدىيە توغرىسىدا ئايەت بار.
2.        ئادىللىق ئەھدىنى ياقىلايدىغان نەزىر ، نەزىر دىگەنلىك ياكى كۇندە ماۋۇ ياخشى ئىشنى قىلىشنى، ياكى مانچە سائەت تەسبىھ ئىيتىشنى قەسەم قىلىش،ئەھدە قىلىش،قاتارلىقلارنى بىلدۇرىدۇ. ئەيسا ئەلەيھى سالام قەۋىمى دىندىن يانماسلىق توغرىسىدا ئۇچ قىتىم ئەھدە قىلغان.چىسلاسى يوق، مۇددىتى يوق،ئەھدە توختام بولمايدۇ.
قەۋىمىمىز ئاتائانىغا ياخشىلىق قىلىشنى جۇملىدىن بۇ پائالىيەتنى ئەھدە قىلىپ نەزىر دەپ ئات قويدى، بۇئەھدىگە رىئايەقىلماسلىق ، قىيامەتتە پىشانىمىزگە ئەھدىسىگە رىئايە قىلمىغان قەۋىم دەپ تامغا بىسىلىشتىن باشقا رەسۋاچىلىق ئىلىپ كەلمەيدۇ.
3.        ياخشىلىقنى بىلدۇردىغان سەدىقە خەيرى ئىھسانى بۇلىدۇ،كىتابۇللانىڭ كۆپۇنچە يەرلىردە ناماز بىلەن ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش بىريەردە كىلىدۇ. خىش ئەقىرىبالار خاتالاشمىسام ،ئۇرۇق تۇققان ئەھلى مەھەللىنى  كۆرسىتىدۇ. يىتىم يىسىر مىسكىن ، بۇلارنى چىرايىدىن تۇنۇيسەن، قۇلىنى چىنەپ بارمايدۇ دەپ بار، مالنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلىش ياخشى، نىمىنى خەيرى ئىھسان قىلساق بۇلىدۇ.بىزدىكى نەزىردە يۇقاردىكى لەرنىڭ ھەممىسى بار، جامائەت بولغاندىكىن يۇزى چىكىلمەيدۇ.
4.        تەقۋادارلىق سۇپەتتە ئادىتى بۇلىدۇ، ياخشىلىقنى ئادەت قىلىش، ئاللاھ ئۇزۇپ قويماي قىلغان ئەمەللەرنى ياخشى كۇردىغانلىق توغرىسىدا بايان بار، بۇنىڭغا مۇشۇنداق سان ئىسىم قويمىسا، بۇقانداقمۇ ئادەت بولسۇن، شۇنداقلا ئۆرۇپ ئادەت بولسۇن.بىرى مەسچىتكەبىرىمىزدىسە، بىرى ئۇنى قىلىمىزدىسە ، خەق كۆرمىسە بۇ ئادەت بولمايدۇ.
        ياخشىلىقنىڭ مۇشۇنداق تۆت پۇتى تۇلۇق بۇلۇش كىرەك.  قىلىۋاتقان ئىشنى تاشلاپ قۇيۇپ، قىلمىغان ئىشنى قىلىمىزدەيدىغان ئاجايىپ نادان خەقكەن بۇ.

قۇرئاننىڭ سۇرەبەقەردە، ياخشىلىقنى كىچە كۇندۇز نىمىنى قىلسا بۇلىدىغانلىق بايانى بار. بۇ يەردىكى كىچى كۇندۇز دىگەنلىك 3 قىلامدۇ،ياكى يەتتىسى قىلامدۇ.40قىلامدۇ، ياكى يىل قىلامدۇ چەكلىمىسى يوق. ئىختىيارلىقىدا دىگەننى بىلدۇرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4723
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 995 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 12:43:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇتىمىنى نادىرلاشنى تەلەپ قىلىمەن.  ئاللا رەخمەت قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91759
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-2-16
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 12:49:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇتراتقۇلۇق.  ئازغۇنلۇق. ئۇيغۇرچە ئىسلامىزىم.
نادانلىق .نادانلارچە تەۋرىتىلگەن قەلەم.
غەيرى مۇسۇلمانلارچە تەپەككۇر.
مىللەتنى تەرەققىياتقا ئەمەس ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يول.
دىننى سۇسلاشتۇرۇشتىكى  قۇرئان ئايەتلىرىنى ۋە ھەدىسلەرنى ئوز خاھىشى بويىچە بۇرمىلاش.
پولوغا تويمىغان قوسقى توق ئاچلارنىڭ ئوزلىرىگە بەرگەن پەتىۋاسى.
شىكەر يالىتىلغان ئاتوم بومبىسى.

مىنىڭ بۇ پەتىۋادىن ئالغان تەسىراتىم يۇقۇرقىلاردىن ئىبارەت.

مىيىتقا ئاتاپ بېرىلگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى نەزىر مىنىڭ نەزىرىمدە ئىسلام بىلەن مۇناسىۋەتسىز.. ھەممىگە قادىر ئاللاھ مىنى روھقا ئاتاپ سويۇلغان ھايۋاننىڭ گوشىنى يىيىشتىن ساقلىغىن. مىيىتقا ئاتالغان ھەرقانداق نەزىرنى يىشتىن ساقلىغىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80085
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1866
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2012-5-13
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 01:24:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
noh يوللىغان ۋاقتى  2013-3-4 12:49 PM
قۇتراتقۇلۇق.  ئازغۇنلۇق. ئۇيغۇرچە ئىسلامىزىم.
نادانلىق ...

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئاتاپ قىلىنغان ئەمەللەردىن بولغان مەسجىد بىنا قىلغان بولسا ئۇ يەرگىمۇ كىرمىگەيسىز . يوللار ياسالغان بولسا ئۇ يەردىمۇ ماڭمىغايسىز . قۇدۇق كولانغان بولسا سۈيىنى ئىچمىگەيسىز . دەرەخ تىكىلگەن بولسا مېۋىسىنى يېمىگەيسىز . ....... قاتارلىقلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4723
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 995 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 02:16:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچە ئىسلامىزىم       ماۋۇ گەپ ماڭا بەك ئۇز كۇرۇندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5936
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 02:31:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تادۇ يوللىغان ۋاقتى  2013-3-4 11:47 AM
بۇ دەتالاشلارنىڭ مەنبىيى  3740 يىل دىگەن مۇشۇ سانلاردا،
...

(ئادىللىق ، خاۋارىجلار ئادىللىق بۇلىدۇ، بۇلار ئۇچ پۇت، تارىختا بۇلارنىڭ ئۇچكە بۇلۇنگەنلىك تەپسىلاتى بار. ھازىرمۇ مىسىر، سۇرىيە،لىۋىيە ئۇچ پۇت.)
.....
بۇ گېپىڭىزنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىڭز

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3905
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 470 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 04:15:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
noh يوللىغان ۋاقتى  2013-3-4 12:49 PM
قۇتراتقۇلۇق.  ئازغۇنلۇق. ئۇيغۇرچە ئىسلامىزىم.
نادانلىق ...


توغرا باھا بىرىپسىز قىرىندىشىم  ! مىللەتنى  بىز مۇسۇلمانلار ئەمەس  مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلىپ تۇرۇپ  ئىسلامغا ھەققە تۇلۇق بويسۇنماي ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان ، خاھىشىغا بىقىپ ئىش تۇتقان  جاھىل بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز  پارچىلايدۇ  ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-4 04:28 PM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش