1.ئۇيغۇر بىز....
تارىخ بەتكە ئىز سالغان كۆك تۈرۈك بىز ئۇيغۇر بىز،
تەڭرى تاغنىڭ باغرىدا قارغايلاردەك ئۇيغۇر بىز.
تەكلىماكان غوجىسى توغراقلاردەك ئۇيغۇر بىز.
ئۇيۇشقاق دەپ نام ئالغان كۆك بۆرىدەك ئۇيغۇر بىز،
مېھمان دوست بوپ ھىد چاچقان گىياھلاردەك ئۇيغۇر بىز.
ئەسىر ئۆتتى يىل ئۆتتى ئۆزگەرمەيدۇ قەلبىمىز،
مەھمۇد،يۈسۈپ،ئۆتكۈردەك باردۇر يەنە پەخرىمىز.
بىر تىزىق شۇ مارجاندەك ئۈزۈلمەيدۇ رىشتىمىز،
ئۇيغۇر دېگەن نامغا خاس ياشايلى بىز ھەممىمىز.
ئەجدادلارنىڭ ئىزىغا قەدەم سالغان ئۇيغۇر بىز.
تاما- تاما كۆل بولار بولايلى بىز بىر نىيەت،
قورال بولسۇن بىزلەرگە ئىلىم-ئېرپان مەرىپەت.
بىلىمى بار مىڭ يېڭەر بۇ دېگەن بىر ھەقىقەت،
يوقالمىسۇن ئۇيغۇردىن مىراس قالغان مەدەنيەت،
كەلسە توپان بالاسى ئامان قالغان ئۇيغۇر بىز.
بۇھاياتنىڭ يوللىرى ئۇزۇن قىسقا ئېگىز- پەس،
دىلدا ئىمان بار تۇرسا بولمايلى بىز ئەمدى مەس.
يۈرۈۋەرسەك كەيىپتە بولۇپ قالمىز تېگى پەس،
شۇ پاكلىققا داغ سالساق يۇيۇپ تاشلاش بەكمۇ تەس.
ئەجدادلارنىڭ ئىزىدا ئازماي ماڭغان ئۇيغۇر بىز.
بۇ دۇنيانىڭ سىرىنى ئاستا-ئاستا يەشكەنتۇق ،
شۇنچە يوغان دۇنيانى كىچىكلىتىپ سىزغانتۇق.
غالىپ كېلىپ جەڭلەردە ھەربىي قامۇس يازغانتۇق،
ئېقىپ تۇرسا ئىسسىق قان يەنە ئالغا ماڭغانتۇق.
بولايلى بىز ئىز باسار نام قازانغان ئۇيغۇر بىز.
تۇرسا پەقەت بىر ئاللاھ چېچىلمىسۇن دىنىمىز،
رەببىمىزدىن باشقىغا ئېگىلمىسۇن بېشىمىز.
ھىممىتىدە ئاللاھنىڭ كېلىمىز ھەم كېتىمىز،
ئىسلام دىنىم يولىغا چاپسۇن دەيمەن ئېتىمىز.
ئىسلام بىلەن دىللارغا نۇر تاراتقان ئۇيغۇر بىز.
خوشامەتنى تاشلىغىن بوپ قالما ئىگەرلىك ئات،
ئۆزگىگە قىلىپ تازىم قېرىنداشقا بولما يات .
نەدە باركەن ئۇيغۇردا تۆت تەڭگىگەتەننى سات،
پۇشايمان يۇيالماس قالسا دىلدا قارا دات ،
خۇددى ئوغۇز سۈتتەك پاك يارالغان ئۇيغۇر بىز.....
باغراش كاككۇكى!!!