خەقنىڭ خوتۇنىغا قاراش
سىز كوچىدا كىتىۋىتىپ تۇيۇقسىز سىزگە ياندىشىپ كىتىۋاتقان بىر جۈپ ئەر ئايالغا كۆزىڭىز چۈشۈپ قالدى. تەبىئىيكى، سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى پادىچى ئىشتىنىدىن پارتلاپ چىقايلا دەپ قالغان جەلپكار ساغرا بىلەن زىمىستان قىشتىمۇ شۇنچە تار كىيىۋالغان چاپاندىن مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرغان كۆكسى، ياندىن قارىسىمۇ ئاجايىپ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان يۈزلەر ئۆزىگە تارتتى.
دەماللىققا ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالدىڭىز، ھەييييييييييييييييييي، نىمە دىسەك بولار، ماۋۇ كۆزلەر سىزنىڭ باشقۇرۇشىڭىزغا ئۇنامدىغان ئۇنداق جەلپكار كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندە – ھە! ئىختىيارسىزلا بوينىڭىز بۇرۇلۇپ ھىلىقى ئايالغا ئىككىنچى رەت تىكىلىپ قاراپ قالدىڭىز، بۇ قىتىمقى قاراش سىزگە ھىلىقى ئايالنىڭ مەنسىنمەسلىك پوزىتسىيىسى بىلەن كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارىشى ۋە يىنىدىكى ئەرنىڭ سىزگە بىرەر گىپىڭ بارمىدى بىزگە دەيدىغان دىگەندەك بىر خىل سوغۇق قارىشىنى جاۋاپ قىلىپ بەردى. ئىختىيارسىز تۈكرۈگىڭىزنى غۇرتتىدە يۇتتىڭىز.
ئىچىڭىزدىكى بىر ۋەسۋەسە سىزگە ئارام بەرمىدى، توغرا ئەمەسمۇ، كىممۇ ئاشۇنداق گۈزەل بىلەن پاراڭلىشىۋىلىش، گەپكە سىلىۋىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويىدۇ دەيسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئۇچىنچى قىتىم تېخىمۇ تىكىلىپ قارىغاچ ئاستا يىقىنلاشتىڭىز. ئۇلارنىڭ تەئەججۈپ ئارىلاشقان سوغۇق نەزەرلىرى بىلەن تەڭ قەدەملەر مىڭىشتىن توختىدى.
- كەچۈرۈڭ، ئاۋارە قىلدىم، پالانى ئىدارىگە قانداق بارىدۇ؟
ئاجايىپ مۈشكۈل كەلگەن بۇ بىر جۈملە سۇئالىڭىزغا ھىلىقى ئايالنىڭ ئىغىزىدىكى سېغىزدىن يوغان شار چىقىرىپ ۋاق قىلىپ ئىتىلدۇرۇشى ۋە ھىلىقى ئەرنىڭ تەھدىت نەزىرى بىلەن سىزگە تىكىلىپ تۇرۇپ: بىلمەيمىز! دىگەن سۆزى جاۋاپ بولدى.
ئاھ خۇدا، نىمە دىگەن تەس كۈن بۇ كىشىگە، قارىماي دىسەڭ، كۆرە مانا دەپ چىقىرىپ قويغان گۈزەل بەدەن، قارىساڭ، ئۆزەڭنى تېخى تۇتۇۋالالمىغان، ئەمدى يەنە ياندىشىپ مىڭىشنىڭ ئورنى قالمىدى. ھەم ئۇلارمۇ سىزدىن بىزار بولغاندەك قەدەملىرىنى تىزلىتىپ ئالدىڭىزغا ئۆتۈپ كىتىشكەنىدى.
ئالدىڭىزغا قاراپ ماڭدىڭىز، بۇ خائىن كۆزلەرنى نىمە دىگۈلۈك، كۆز ئالدىڭىزدا قازاق قوينىڭ قۇيرۇقىدەك ئىككى تەرەپكە پۇلاڭلاپ تۇرغان جەلپكار ساغرا، كۆزىڭىز بىلەن ھىلىقى ساغرا ئىگىسى گۈزەلنى ئىچىڭىزدە مىڭنى قارغاپ، قايتا ئۇنىڭغا قاراپ تاشلىماسلىق ئۈچۈن ئىككى يىنىڭىز ۋە ئاسمانغا قاراپ مىڭىشىڭىزغا توغرا كەلدى.
نىمە دىگۈلۈك، شۇنداق مىڭىپ ئالدىڭىزدىكى بىرىگە قاتتىق سوقۇلدىڭىز، شۇنچە چوڭ يولدا ئالدىڭىزغا قاراپ ماڭماي ئاسمانغا قاراپ ماڭغاندىن كىيىن سوقۇلماي قانداق قىلاتتىڭىز ئەمىسە!
ئەسلى ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالىمەن دەپ تېخىمۇ جىددىيلىشىپ قەدەملىرىڭىز تىزلىشىپ كىتىپتىكەن ئەمەسمۇ، تېخىمۇ يامان بولغىنى سوقۇلغىنىڭىز باشقا بىرى ئەمەس دەل ھىلىقى چىرايلىق ئايال.
كۈپكۈندۈزدە يەنە كىلىپ ھىلىقىدەك قايتا – قايتا قاراش، گەپكە سىلىش تارىخى بار بىرسى كەينىدىن كىلىپ سوقۇلسا توغرا چۈشىنىشكە كىمنىڭ ئاساسى بار دەيسىز!
ھىلىقى گۈزەلنىڭ ئاغزىدىن چىققان شۇنداق مەينەت ھاقارەتلىك تىللار بىلەن يىنىدىكى يىگىتنىڭ ئىككى شاپىلىقى ھۇشىڭىزغا ئوبدانلا كەلتۈرۈپ قويدى. ئاچچىقلانماڭ بۇرادەر!!!
تەلىيڭىز باركەن، ھىلىمۇ ياخشى ئاۋۇ ئايال ئايقىنىڭ بىر غىرىچ كىلىدىغان پاشىنىسىنى كۆزىڭىزگە قاداپ قويمىدى، ھىلىقى يىگىتمۇ تاسمىسىنىڭ ئىچىدە ساقلايدىغان تۈمۈر مۇشتۇمى بىلەن بىقىنىڭىزدىن تۆشۈك ئىچىپ قويمىدى، خۇداغا مىڭ شۈكرى ئىيتىپ، ئاستا يولىڭىزغا مىڭىۋىلىڭ! بىراق ئىسىڭىزدە بولسۇن، سىزگە بىر دۈشمەن كۆپەيدى جۇمۇ!!!
كىشىنىڭ ماشىنىسىغا قاراش
سىز يەنىلا پىيادە، يىنىڭىزدىن باۋما ماركىلىپ بىر ئىسل پىكاپ ئاستا يانداپ كىلىشكە باشلىدى، قارىغاندا ماشىنىنى توختىتىدىغان يەر ئىزدەۋاتقاندەك قىلىدۇ ئۇ ماشىنىنىڭ ئىگىسى.
بىرىنچى قىتىم شۇنداق چۇڭقۇر بىر مىھرىڭىز بىلەن ماشىنىغا قارىدىڭىز، سىزنىڭ ماشىنىغا قارىغاندىكى ھالىتىڭىز ماشىنا ئىگىسىگە دەرھاللا تەسىر قىلدى. بايقىمىدىڭىز، ماشىنا ئىگىسىمۇ سىزگە يىقىملىق بىر تەبەسسۇم بىلەن قارىدى.
ماشىنا ئالدىڭىزغا ئۆتۈپ كەتتى. ئۆتۈپ كەتكەن ماشىنىغا يەنە چۇڭقۇر مىھرىڭىز بىلەن قارىدىڭىز، قارىماي دىسىڭىزمۇ ئامال يوق، چۈنكى سىزنىڭمۇ مۇشۇ جانىۋاردىن بىرنى سىتىۋالغىڭىز بار –دە.
ئاڭغىچە شوپۇر ماشىنىنى ئورۇن تېپىپ توختىتىپ ماشىنىسىدىن چۈشتى. سىزمۇ ماشىنىنىڭ قىشىغا بىرىپ قالدىڭىز.
ئۈچىنچى قىتىم ماشىنىغا قارىدىڭىز، ماشىنىنىڭ ئىگىسى ماشىنىسىنىڭ يىنىدا يىقىملىق بىر تەبەسسۇم بىلەن سىزگە قاراپ تۇراتتى. كىشى سىزگە شۇنداق يىقىملىق تەبەسسۇم ھەدىيە قىلىۋاتقان يەردە ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشمايلا ئۆتۈپ كىتىش ئەدەپسىزلىكتە – ئەلۋەتتە.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم – دەپ ئۇكىشىگە سالام قىلدىڭىز، ئۇ كىشىمۇ سالامىڭىزنى قىزغىنلىق بىلەن ئىلىك ئالدى. سىلەر تەبىئىيلا ماشىنا توغرىلىق پاراڭلىشىپ قالدىڭلار، بىر دەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۇ كىشى سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلدى، تاماق چىققۇچە تىلفۇن نۇمۇرۇڭلارنى قالدۇرۇشۇپ، ياخشى بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالدىڭلار، بىر دوستىڭىز كۆپەيدى.
بۇ يازما مەن ياكى مەن تونۇيدىغان بىرەرسىنىڭ كەچمىشى ئەمەس، پۈتۈنلەي توقۇلما، توغرا كىلىپ قىلىشلار بولسا توغرا چۈشەنگەيسىلەر، ئاندىن ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ئاپتۇرغا ئەمەس، ئەسەرگە قارىتىپ ئىنكاس يىزىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: كاللامدىكى كەلدى - كەتتى خىياللار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BAHADIRHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-3 05:30 PM