خوتۇن باشقۇرۇش تۈزىمى
< ئۇيغۇر>15ماددىلىق تۈزۈم.
خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېڭىلاش ، ئاۋام پۇقرانىڭ ئائىلە ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئائىلىلەرنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلاش ۋە ئاياللارنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەزكۇر «تۈزۈم» تۈزۈپ چىقىلدى.مەزكۇر تۈزۈم چوڭ- كىچىك شەھەر، ناھىيە بازارلىرىدىكى باشباشتاق، تۇرمۇشى تەرتىپسىز ياش چوركانلارغا تەتبىقلىنىدۇ؛ ۋۇجۇدى پاك، سەمىمىي، مۇلايىم، كۆيۈمچان، ۋاپادار ئاياللارغا ماس كەلمەيدۇ. ئەھلى مەزلۇملىرىمىز ۋاقىپلانغاي:
1. خوتۇن كىشىنىڭ ئېرىنى سۆيۈش ۋە ئۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىش، ئېرىنىڭ يېتەكلىشىگە مۇتلەق بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئائىلىۋى مەشغۇلات ۋاقتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئەتىگىنى سائەت 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاش (ئۆلچىمى ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئۈچۈن بىر كوي)، ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەسلىك - ھورۇنلۇق قىلماسلىق، كەچتە سائەت 11:30دىن كېيىن ئۇخلاش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى يۈز يۇيۇش ۋاقتى 3 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ بىر كۈن جاپالىق ئىشلىگەن ئېرىنىڭ بەدىنىنى تۇتۇپ قويۇش، بالىنىڭ قىيا-چىيا قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتە لىڭتاسمىلىق قىلماسلىق، غۇدرىماسلىقى لازىم. مۇلازىمەت سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش مەنئىي قىلىنىدۇ، ھېيت-بايرام ۋە ئارام كۈنلىرى دەم ئېلىش چەكلىنىدۇ
2. خوتۇن بولغۇچى تەربىيلىنىپ تۇرۇشى، ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن سىرت، يەنە ئۆينى ئالىي مېھمانسارايلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە رەتلىك تۇتۇشى ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تېبابەت ساۋاتلىرىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
3. خوتۇن بولغۇچى ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئائىلىدە رەتسىز ، قالايمىقان كىيىنىپ يۈرمەسلىكى(ئۇخلاش كىيىمى بۇنىڭ سىرتىدا)؛ سىرتقا چىققاندا، ساڭگۇل-سۇڭگۇل، ئالا-بۇلىماچ كىيىملەرنى كىيىپ يۈرمەسلىكى، «ئاشخانىغا كىرگەندە ئۇستا ئاشپەز، ئاشخانىدىن چىقىپلا لېۋەن يارلار» بولۇشى كېرەك.
4. خىزمەتتە بولسا، ھەر ئايلىق ئىش ھەققى، مۇكاپاتى ۋە بارلىق كىرىملىرىنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم تولۇقى بىلەن ئېرىگە تاپشۇرۇشى ھەم بۇنىڭغا قارشى ئىدىيىدە بولماسلىقى، يوشۇرۇن پۇل ساقلىماسلىقى؛ ھەر كۈنلۈك چىقىمى 10 كويدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى (ھېيت-بايرامدىن سىرت)كېرەك.ئەركىشىدە ئايالىنىڭ چىقىم ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇش، سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
5. ئەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئورنىدا كۆرۈپ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاسرىشى ، ھۆرمەتلىشى لازىم. ھەدىسىلا بىرتەرەپلىمە ھالدا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ ئائىلىنىڭ ئىناق كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق.
6. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئايالنىڭ تۈرلۈك ناملاردىكى قاتار چايلارغا قاتنشىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.
7. ئائىلىدە ئەرنىڭ مۇتلەق نوپۇزى گەۋدىلىنىشى، ئىچىش- چېكىشىگە زىيادە چەك قويۇلماسلىقى، يېرىم كېچىدە ياكى تاڭ ئاتقاندا كەلسە كۆپ سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى لازىم. ئايال بولغۇچى «كۇرىيە فىلىم»لىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئەشۇ فىلىملاردىكى ئايال پېرسۇناژلارغا ئوخشاش ئېرىگە ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىشى لازىم.
8. ئېرىگە خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون قىلىپ، ئەر بولغۇچىنىڭ خۇش كەيپىنى بۇزۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. تېلېفون بەرمىسە بولمايدىغان ئىش چىققاندا تېلېفون قىلىشى، تېلېفوندا پەقەت ئاساسىي مەقسەتنىلا سۆزلىشى لازىم. تېلېفوندا سۆزلەشكەن ئومۇمىي ۋاقتى بىر مېنۇتتىن ئاساسەن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
9. ھە دېسىلا ئاغرىپ قېلىپ، ئائىلىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا، ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق. داۋاسى يوق (مەسىلەن، راك دېگەندەك) كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندىن باشقا كېسەللىكەرنى كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئاز تاماقلىنىش بىلەن داۋالىشى، ئىڭراپ يېتىۋالماسلىقى لازىم.
10. خوتۇن بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنى كۈندە مەكتەپكە ئېلىپ بېرىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، ھەرقانداق سەۋەبلەر بىلەن كېچىكتۈرمەسلىكى؛ ئارام كۈنلىرىمۇ «نۆۋەتچىلىك » مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئائىلىۋى تاماقنىڭ مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، پەرزەنتىنى سىرتتا ئوينۇتۇش(تاكسىغا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ)، ياكى قېينانىسىغا ھەمراھ بولۇشى كېرەك.
11. خوتۇن بولغۇچىنىڭ ئائىلىنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل بولۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئۆينىڭ تازىلىقى بىر كۈندە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ.
12. ھيت-بايرامدىن باشقا كۈنلىرى خالىغانچە تېلېۋىزور كۆرۈشكە رۇخسەت يوق، ئېرى ياكى بالىلار بىلەن تىزگىنەكنى تالىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ؛ ئۆيدە قالايمىقان ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقا ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش زۆرۈر بولغاندا، ئېرى ياقتۇرمايدىغان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن باشقىلىرىنى تاللاپ كۆرۈشكە بولىدۇ.
13. يات ئەرلەرگە(9ياشتىن-70ياشقىچە) قاراش ۋاقتى ھەر قېتىمدا 3سېكونتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بىر ئەرگە قارىغان ئومومىي ۋاقتى بىر كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئوغۇل ساۋاقداشلىرى بىلەن خەت يېزىشماسلىقى، كۆرۈشمەسلىكى ۋە توردا ئۇچراشماسلىقى؛ باشقا ھەرقانداق ئەرلەرنىڭ ئالدىدا تېلىقىپ كۈلمەسلىكى، غىلجىڭلىماسلىقى ۋە قېرىنداشلىرىدىن باشقا ئەرلەر بىلەن يالغۇز ئۇچراشماسلىقى كېرەك.
14. خوتۇننىڭ بىرەر ئىش توغرىسىدا ئېرىگە دادلىنىشى ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دەرد تۆككەندە ئاۋازىنى پەس، مۇلايىم چىقىرىشى كېرەك.
15. سېرىق كىنو-تېلېۋىزىيە لېنتىسى، قىمار ۋە زەھەر بىلەن ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ؛ تاماكا چېكىشكە، ھاراق ئىچىشكە ۋە قالايمىقان ئاياللار بىلەن دوست بولۇشقا ، ياكى ئېرى ياقتۇرمايدىغان ھەرقانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. مۇبادا مۇشۇنداق قىلمىشى بايقىلىپ قالسا، دەرھال نىكاھدىن ئاجرىشىشى شەرت، شۇنىڭدەك ئاجراشقاندىن كېيىنكى بارلىق مال-مۈلۈك ئەرگە تەۋە بولىدۇ، خوتۇن بولغۇچى قاقسەنەم قىلىنىپ ئۆيدىن قوغلىنىدۇ.
مەنبە: باغداش تورى
ئەسكەرتىش: بۇ قارىماققا بىر كۈلكە بولسۇن ئۈچۈن(بەزى ماددىلىرى ئورۇنسىز) يېزىلغاندەك قىلغان بىلەن بەزى ماددىلىرى ئويلىنىشقا ئەرزىيدىكەن. ئوقۇپ بېقىڭلار!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sabirjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-3 04:21 PM