مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1227|ئىنكاس: 13

ئېلىخان تۆرىنىڭ ھاياتى پائالىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91357
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 568
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2013-2-8
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 02:34:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېلىخان تۆرە(ئەدەبىي تەخەللۇسى ساغۇنى ،ئۇبالاساغۇندا تۇغۇلغاچقا ساغۇنى دەپ تەخەللۇس قۇيغان )ئۆزبىك 1885-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى سابىق turk ئۆلكىسىنىڭ توقماق (بالاساغۇن)شەھىرىدە (ھازىرقى قىرغىزستان جۇمھۇريىتىنىڭ تەۋەسىدە)ھالىلق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئۇنىڭ ئاتىسى شاكىرخان تۆرە 4پەرزەنىت كۆرگەن ئېلىخان تۆرە ئۇلارنىڭ ئىكىنچىسى شاكىرخان تۆرە ئۆززامانىسىغا نىسپەتەن تەرەققىيپەرۋەركىشىلەر بولغاچقابالىلىرنى ئوقۇتۇشقاكۆڭۈل بۆلگەن ھەمدە ئېلىخان تۆرىنى چوڭ ئوغلى ئالىمخان تۆرەبىلەن ئەربىستانغا ئۇقۇشقا ئەۋەتكەن ئېلىخان تۆرەئۇقۇشنى پۈتتۈرۇپ ۋەتىنگە قايتىپ كىلىپ بۇخارا مەدىرىسلىرىدە داۋامىلىق ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ئېلىخان تۆرەئۇقۇش مەزگىللىرىدە بىرتەرەپتىن ئەرەپ پارىس تىللىرىنى ھە بىر قاتار تۈركىي تىللىرىنى پۇختا ئۈگىنىدۇ يەنە بىر تەرەپتىن تېبابەتچىلىككە ئىشتىياق باغلاپ ئەبۇئەلى ئىبىنسىنا قاتارلىق تېبابەت ئالىىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇيدۇ ھەمدە ئۆززامانىسىدىكى ئاتاقلىق تېۋىپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇستا تىۋىپ بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ

ئېلىخان تۆرەىنىڭ بىلىم ئىگەللەۋاتقان ۋاقتى دەل چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئستىلا قىلغان يەرلىك خەلىقلەرنىڭ چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارىشى قوزغىلاڭلىرى بۇلۇپ تۇرىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى 1916-يىلى توقماق تەۋەسىدىكى قىرغىز ۋەباشقا مىللەت خەلىقلىرى بىرلىكتە چار روسىيە ھۆكۇمىتىگە قارىشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ ئېلىخان تۆرىمۇ بۇقوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ لېكىن قۇزغىلاڭ چارروسىيە تەرىپىدىن باستۇرۇلىدۇ قوزغىلاڭ قاتناشچىلىرى ھەرتەرەپكە قاچىدۇجۈمىلدىن ئېلىخان تۆرىمۇ مۇھاجىر بۇلۇپ قەشقەرگە كىلىپ ئورۇنلىشىدۇئۇزاق ئۆتمەي ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلدۇ شۇنىڭ بىلەن ئېلىخان تۆرە1918-يىلى ۋەتىنىگە قايتىدۇ ئۇ1920-يىلىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھەج تاۋاپ قىلغىلى ئەربىستانغا بارماقچى بۇلىدۇ بىراق بۇچاغلاردا سوۋىت ئىتىپاقى ئارقىلىق ئەربىستانغا بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاچقا شىنجاڭ ئارقىلىق بېرىش ئۈچۇن غۇلجاشەھىرىگە كىلىدۇ بىراق شۇچاغدىكى ۋەزىيەت تۇپەيلى ئۇھەج-تاۋاپ قىلىش سەپىرىگە چىقالمايدۇ شۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا ماكانلىشىپ قالىدۇ يەنى غۇلجاشەھىردىكى ئۆزبىك مەكتەپنىڭ (ھازىرقى 5-ئوتتۇرا مەكتەپ)ئارقا تەرىپىدىكى مەھەللىگە ئورۇنلىشىدۇ كىيىنچە بۇمەھەللە (تۆرەم مەھەللىسى )دەپ ئاتىلىدۇ

ئېلىخان تۆرەدىنى ئۆلىما ۋە ئۇستا تىۋىپ بولغاچقا ناھايتى تېزلا جامائەتچىلىككە تۇنۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ خەلىق ئاممىسى بىلەن ئالاقىسى كۈچىيىدۇ

1937-يىلى جاللات شىڭ شىسەي قانلىق قىلىچىنى كۆتۇرۇپ ھەرمىللەت ئىچىدىكى مۆتىۋەر تەرەققىپەرۋەر كىشىلەرنى ھەم ئىلغار زىيالىلارنى كۆپلەپ قولغا ئالىدۇ شۇقاتاردا ئېلىخان تۆرىمۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ھەم مالمۈلكى مۇسادىر قىلىنىدۇ ئېلىخان تۆرە1941-يىلى شىڭ شىسەي تۈرمىسىدىن قۇيۇپ بىرىلىدۇ .ئۇ ئۇرۇمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كىلىدۇ

ئېلىخان تۆرەغولجىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يەنە جامائەت بىلەن ئارلىشىپ تېۋىپلىق قىلدۇ ئۇخەلىقنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمغا قارىشى ھېسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەسچىت،مەدرسلەردە ۋەجامائەت توپلانغان سۇرۇنلاردا ئاشكارا ۋە مەخپى ھالدا گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىايسەتلىرىگە قارىشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ئازادلىىققا تەشنا بۇلۇپ تۇرغان خەلىق ئېلىخان تۆرنىڭ تەشۋىىقاتلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇبارىدىغان جۇمە نامىزى ئۇقۇلىدىغان جامالەرگە تېخىمۇ كۆپلەپ يىغىلىدۇ 1944-يىلى غۇلجىدا يەرئاستى ئازادلىق جەمئىيىتى قۇرۇلىدۇ ئېلىخان تۆرە بۇتەشكىلاتقا قاتنىشىدۇ ۋە بۇتەشكىلاتقا رەئىس بۇلۇپ تەيىنلىدۇ بۇيەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۈتۈش لازىمكى 1944-يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى سابىق سوۋېت ئىتىپاقى باش كونسۇلى يېۋسىيىف غولجىغا كىلىپ غولجىدكى سپېىت كونسۇلى ئارقىلىق غولجىدىكى سالىخ جانباي قاتارلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن تەشكىلات قۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن ھەمدە بۇتەشكىلاتنىڭ نامىنى ئازاتلىق جەمئىيتى دەپ ئاتاشقا كىلىشكەن .بۇتەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرىگە تەشكىلات قۇرۇلغاندىن باشلاپلا غۇلجىدىكى سوۋىت دۇختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ھاكىم جاپپاروۋىچ يارۇللابېكوف دىگەن ئۇيغۇر كىشى مەسئۇل بولغان ئازادلىق جەمئىيىتى تەشكىلاتىغا ھەرمىللىەت ھەرساھە كىشىلىرىدىن ئىلغار زىيالىلار تەرەققپەرۋەر زاتلار ۋە ئازساندىكى دىنى زاتلار قاتنىشىدۇ بۇلاردىن رىھىمجان سابىر ھاجىيوف ،قاسىمجان قەمبىرى ،ئابدىكىرىم ئابباسۇف، سالىخ جانباي باباخان ،زۇنۇن تىيىپ ،ھەبىب يۇنىچى ،مۇھەممەتجان مەخسۇم، ئابدۇرۇف مەخدۇم، جانى يولداشۇف، مۇختەر ئاخۇن خەلپەت ،نۇردۇنبەك ،ئۆمەرجان پىرمۇھەممەت،مۇھىدىن ئەخمىدىلەر بارئىدى ،
ئازاتلىق جەمئىيىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئېلىخان تۆرە ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىىتلىق ھۆكىمىتىگە رەئىس ئابدرۇف مەخدۇم باش كاتىپ ئابدىكىرىم ئابباسۇف تەشۋىقات بۈلۈم باشلىقى ،قاسىمجان قەمبىرى كادىرلار بۆلۈم باشلىقى ھەبىب يۇنچى مائارىپ نازىرى (ھەبىب يۇنھى ۋاپات بولغاندىن كىيىن سەيپىدىن ئەزىزى نازىر بولغان )سالىخ جانباي يېزا ئىگىلىك نازىرى ،مۇھەممەتجان مەخدۇم ئالىي سوت باشلىقى جانى يولداشۇف باش پروكورور زۇنۇن تىيتپ مىللى ئارمىيگە مۇئاۋىن قۇماندان بولغان
ئېلىخان تۆرە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىس بۇلۇپ تەيىنلىدۇ 1945-يىلنىڭ بېشىدا شۇچاغدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بىلەن ئېلىخان تۆرىگە مارشال ئۈنۋانى بىرىلىدۇ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرسىدا 11مادىلىق بىتىم تۈزۇلۇپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا ئېلىخان تۆرە ھۆكۈمەتكە ھەيئەت بۇلۇپ كىرگۈزىلىدۇ بىرا ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلىخان تۆرە غۇلجىدىن مەخپى ھالدا سوۋىتكە ئېلىپ چىقىپ كىتىلدۇ
ئېلىخان تۆرە مەخپى يۇقۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن خەلىق ئارىسدا ھەرخىل گەپلەر بۇلىدۇ .بەزىلەر ئېلىخان تۆرە قورغاسقا يىغىنغا كىتىپتۇ دىسە بەزىلەر ئاشاڭغا كىتىپتۇ دىيىشتى .ئېلىخان تۆرە مۇھاپىزەتچى بولغانلاردىن ئالائىدىن ئىمىربىلەن سونۈر مۇنىر (بۇ 2كىشى ھازىر غۇلجىدا دەم ئېلىشتا) مۇنداق دەيدۇ بىز ئاشۇ 12-ئىيۇن كۈنى ئېلىخان تۆرە بىلەن بىللە 2-نۇمۇرلۇق قۇرۇ (روسچە دوم دىيىلەتتى ئۇ،سۇۋىت ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجدىكى مەخسۇس تاپشۇرۇقىنى ئۇرۇندايدىغان مەھكىمىسى ئىدى)غا باردۇق قورونىڭ ئىشىكى ئېچىلدى ئېلىخان تۆرىنى قوروئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى بىر ئازدىن كىيىن قورودىن بىر كىشى چىقىپ سىلەر قايتىپ كىتىڭلار دەپ بۇيرۇق قىلدى شۇنىڭ بىلەن بىز قايتىپ كەتتۇق شۇنىڭدىن كىيىن ئېلىخان تۆرىنى كۆرمىدۇق نەگە كەتكىنىنمۇ بىلمىدۇقمېنىڭ ئىگىلىشىمچە 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى سوۋېىت ئىتىپاقى غۇلجىدا قۇرغان 2-ئۆيدىكى سوۋېىت رازۋېدكىچىلىرىدىن ئۆزىنى ئىسكەندەر ئەپەندى دەپ ئاتىۋالغان پولكوۋنىك ئىۋان ئىۋانۇف 30-يىللارنىڭ باشلىرىدا غۇلجىدىن ئاقسۇغا كىلىپ بىر مەزگىل <<قارلىق>>بىلىمىنى ئالغان ۋە شۇيەردە ئۆيلىنىپ 2ئوغول 1قىز پەرزەنىت كۆرگەن ،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدا غۇلجىغا كىلىپ تېكەس ئاتلىق پولىكتا كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىچكى ئىشلار نازارىتىدە مەخسۇس رازۋېىتكىغا مەسئۇل بولغان ۋەمەخسۇس تەربىىيەلەنگەن پولكوۋنىك ئەلى ئەپەندى ھامىدۇف ھەمدە ئۈزىنى زاكىر دەپ ئاتىۋالغان 2-ئۆي رازۋېدكىچى زاخاركوز نېتسوفتىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئېلىخان تۆرىنى <<قۇرغاستا ئوسمان يۈسۇپوف (ئۆزبىكىستاندىكى 1-سىكرىتار )سىز بىلەن كۈرۇشمەكچى >>دەپ <<زىس>>ماشىندا سوۋېىتكە ئېلىپ كىتىدۇ
ئېلىخان تۆرە سوۋېىتكە بارغاندىن كىين تاشكەنىتتە ئۈزى ئۈچۇن مەخسۇس ھازىرلانغان قۇرودا 30يىل نەزەربەند ئاستىدا ياشايدۇ ئۇدەسلەپتە سىرتىن كەلگەنلردىن مەخپىيرەك تۇتۇلسىمۇ كېيىنچە سىرتتىن يوقلاپ كەلگەنلەر بىلەن كۆرۈشۇشكە رۇخسەت قىلىندۇ
ئېلىخان تۆرە تاشكەنىتتە نەزەربەند ئاستىدا تۇرغان 30يىل داۋامىدا بەزى ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئۇبۇجەرياندا ئەخمەت دانىشنىڭ <<نەۋادىرۇل ۋاقئە>> دەرۋىش ئەلى چانگىنىڭ <<مۇزىكا رىسالىسى>>ۋە <<تۆمۇر تۇزۇكلىرى>>گە ئۇخشاش نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىدۇ <<تارىخى مۇھەممىدى>>(مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تارىخى)دېگەن ئەسەرنى 1959-يىلى يېزىپ چىقدۇ ئۇنىڭ يەنە <<دىۋانى ساغۇنى>>ناملىق شېئىرلار توپلىمى بارلىقىمۇ مەلۇم
ئېلىخان تۆرنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا ئىشلىگەن غاپپارخان،ئاسارخان .ئەخمەتيار .مۇھەممەتيار،ئىسىملىك بالىلىرى بۇلۇپ ئازاتلىقتىن كىيىن سوۋېت ئىتىپاقىغا كەتكەن
ئېلىخان تۆرە 1976-يىلى 91يېشدا تاشكەنىتتە ئالەمدىن ئۆتكەن ئۈنىڭ ھايات چېغىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇ تاشكەنىتتىكى شەيىخ زەينىدىن بابا قەبرستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان

مەنبە.تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىغاندا ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى








ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bazarbay + 100
ark-ay + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
Zulpikar + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3458
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 26862
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5049 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 05:12:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقا ئۆزبەگخستانغا ئېلىپ كىتىلگەندۇ ؟ بالا - چاقىلىرى ھازىرمۇ غۇلجىدىدىمۇ ؟


كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91805
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 05:16:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى ھەقىقى توغرا يول باشلىغۇچى شۇ ئېلىغان تۆرە ئىدى.

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4445
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1665 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 05:41:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-3-3 05:12 PM
نىمىشقا ئۆزبەگخستانغا ئېلىپ كىتىلگەندۇ ؟ بالا - چاقىلى ...

روس جاسوسلىرى تەرپىدىن ئېلىپ كىتىلگەن ، يەنى كې گې بو تەرپىدىن.  بالا چاقىلىرى  ھازىر ئۆزبىك ئىستاندا ،  نەۋرىلىرىمۇ پات پات يىغىلىپ بوۋىسىنى  خاتىرلەپ تۇردىكەن .

ئېلىخان تۆرە دىندىمۇ ناھايتى پىشقان كىشى بۇلۇپ ، ئۆزبىكئىستانغا ئېلىپ چىقىلىپ كەتكەن چاغلاردا ،روس جاسوسلىرىدىن بىرنەچچىسى نەزەربەنت قىلىنغان ئۆيگە ئەھۋال ئىگەللىگىلى كەلگەندە ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ مۇسۇلمان قىلۋىتىپتىكەن .




ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82806
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3977
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 06:13:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 834
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 07:58:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4470
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 09:11:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي،دەپ كەسەك گەپ جىق،مەزكۇر كىشى ھەقىقەتەن ئىلغار زاتكەنتۇق،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3502
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 09:33:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېلىخان تۈرىنىڭ تەشەببۇسى ھەققەتەن توغرا ئىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92463
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 500
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 09:51:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زادى ياخشى ئادەمكەنتۇق.....لىكىن مەن ئۇيغۇرمىكى دەپ ئويلاپتىمە.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3768
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 01:39:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

dard ko`rming


Tarixingdir ming asrlar ichra pinhon o’zbegim
Senga tengdosh Pomiru, oqsoch Tian – shan o’zbegim
So’ylasin Afrosiyobu, so’ylasin Urxun xati
Bitta tarix shodasida, bitta marjon o’zbegim

ئىمزايىمدا ئىتلارنىڭ ھەققى يوق!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش