مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1907|ئىنكاس: 12

كىنو: شاۋشانك تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72289
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5163
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 11:05:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

ئەركىنلىك، ئۈمىد ۋە قابىلىيەت
ـــ «شاۋشانك تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇش» ناملىق فىلىم توغرىسىدا


      ھۆرمەتلىك دوستلار، سىلەر بەلكىم ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تۈرمىدىن قېچىش»نى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن. بىراق، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلىنىشتىن ئون يىل بۇرۇن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر نادىر ئىشلەنگەن بىر فىلىمنى نۇرغۇن كىشىلەر كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ نادىر فىلىم «شاۋشانك تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇش».
   بۇ فىلىم 1994-يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئۇدا ئون نەچچە يىل فىلىملەرنىڭ ئەڭ ئالدى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ فىلىم 67-قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنىدا يەتتە تۈردە مۇكاپاتلانغان. ئامېرىكىدىكى بىر تور بەتنىڭ ئىسىتاتىستىكا ئېلىپ بېرىلىشىچە، پۈتكۈل دۇنيا كىنو تارىخىدىكى 250 نادىر فىلىمغا بېلەت تاشلاشتا، «ئاتامان» كىنوسى بىرىنچى، «شاۋشانك تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇش» ئىككىنچى بولغان.
ئىنگلىزچە ئىسمى: The Shawshank Redemption
خەنزۇچە ئىسمى: 肖申克救赎




   فىلىم مەزمۇنى:
    فىلىم باش پېرسوناژى ئەندىي (Andy Dufresne ) بىر چوڭ بانكىدا خىزمەت قىلىدىغان ياش مۇئاۋىن بانكا لېدىرى ئىدى. 1947-يىلى ئايالىنىڭ ۋاپاسىزلىقى تۈپەيلىدىن، ئازابلىنىپ، مەست ھالدا ئايالى ۋە ئۇنىڭ ئاشنىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، شاۋشانك تۈرمىسىگە كىرىپ قالىدۇ. ئەندىي ئۆزىنى باشتىن ئاخىر گۇناھسىز ھېسابلايدۇ. ئۇ 19 يىللىق تۈرمە ھاياتىدا بىر تەرەپتىن، تۈرمىدىكى رەزىل كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تۈرمىنى ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىپ تۈرمە مۇھىتىنى ئۆزگەرتىدۇ: كۇتۇپخانا قۇرىدۇ، كامېرداشلىرىغا خۇشاللىق، ئۈمىد تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ، قىسقا مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ دىپلوم ئېلىشىغا ياردەم قىلىپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن نورمال ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ. ئەندىي تۈرمىدە بىر ياش يىگىتنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئېغىر ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىدۇ ۋە 1966-يىلى يىگىرمە يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا شاۋشانك تۈرمىسىدىن قېچىپ، يېڭىچە خاتىرجەم ھاياتىنى باشلايدۇ. تۈرمە باشلىقى ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. بۇ فىلىمدە، بروكىس بىلەن رۈەد ئىسىملىك نېگىر روشەن سېلىشتۇرۇلما قىلىنغان. بروكىس تۈرمە مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالماي، ئۆلۈۋالىدۇ؛ رۈەد بولسا ئەندىينىڭ ئۈمىد بېغىشلىشى ۋە ياردىمى بىلەن گۈزەل ھاياتقا قەدەم ئالىدۇ.

   


    بۇ كىنو مۇنداق ئۈچ لىنىيە بويىچە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ:
     بىرىنچىسى، ئەركىنلىك.
    فىلىم باش پېرسوناژى ئەندىي سىرتقى ئەركىن دۇنيادىن كىرگەن ئەركىن كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئىدىيىسى، روھىيىتى ئەركىن ھالەتتە ئىدى. ئەركىنلىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. ئىنسان قاچانكى ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشىنى يوقىتىدىكەن، ئۇ چاغدا ئۆلگەن ئۆلۈك بىلەن پەرقى بولماي قالىدۇ. بىراق، شاۋشانك تۈرمىسىدىكىلەر تۈرمىنىڭ قاتتىق، ناتوغرا تۈزۈملىرى بىلەن ئەركىنلىكى بوغۇلغان، جىسمانىيىتىلا ئەمەس، مۇھىمى، روھىي جەھەتتىن تۈرمە قېلىپىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىغان كىشىلەر ئىدى. ئەندىي مۇنداق ئۈچ ئىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشنى قېزىپ چىقىدۇ:
  بىرىنچىسى، ساقچى باشلىقىنىڭ بانكا توغرۇلۇق ئىشىنى ھەل قىلىپ، شۇنىڭ بەدىلىگە كامېرداشلىرىغا مۇزدەك پىۋا ئەكەلدۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا ئەندىي ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا تەۋەككۈل قىلىپ تۇرۇپ، كامېرداشلىرىغا ھاياتنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ ھوزۇرىنى ئاتا قىلىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىكى روھىي ھالەتلىرىنى، ھاياجانلىرىنى كامېرداشلىرى كېيىنگىچە ئەسلەپ، تىلغا ئېلىشىپ تۇرۇشىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەندىي كامېرداشلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئەركىنلىك تۇيغۇسىنى غىدىقلاپ چىقىدۇ.
    ئىككىنچىسى، رادىيو ئۇزېلىغا كىرىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ توسۇشىغا پىسەنت قىلماي، موزارتنىڭ داڭلىق مۇزىكىسىنى قويۇپ قويىدۇ. بۇ چاغدا تۈرمىدىكى ھەممەيلەن تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانغا تولىدۇ. ئۇلار گەرچە نېمە ناخشا ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ، تىلىنى چۈشەنمىسىمۇ كۆكتە ياڭراۋاتقان لىرىك ناخشا سېھىرلىك ئۇدارلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ھاياتقا بولغان ئۈمىدنى، ئەركىنلىك تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ناخشىدىن ھوزۇرلىنىشى ئارقىلىق قەلبىدە كىچىككىنە بولسىمۇ ئەركىنلىككە بولغان ئارزۇ-ئىستەكنىڭ چىرىغىنى ياندۇرىدۇ. ئەندىي بولسا مۇشۇ قاپيۈرەكلىك بىلەن قىلغان ئىشى ئۈچۈن ئىككى ھەپتە قاراڭغۇ ھەپسىگە سولىنىدۇ. لېكىن، ئۇ قايتىپ چىققاندا، تۈرمىدىكىلەرگە: «گەرچە يېنىمدا ھېچكىم بولمىسىمۇ، موزارت ماڭا ھەمراھ بولدى، موزارتنىڭ مۇزىكىسى ھەمراھ بولدى». دەيدۇ.
    ئۈچىنچىسى، ئەندىي تۈرمە كۇتۇپخانىسىنى ئۆزگەرتىپ، تۈرمىدىكىلەرنىڭ روھىيىتى ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىدۇ. بۇ كۇتۇپخانا شىتات بويىچە ئەڭ نوچى تۈرمە كۇتۇپخانىسى بولۇپ باھالىنىدۇ، ئەندىي باشقىلارنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن تېزراق جەمئىيەتكە ماسلىشىشى ئۈچۈن، مەدەنىيەت سەۋىيەسى دىپلومى ئېلىشىغا ياردەملىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئۇلاردا ئەركىنلىككە ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەڭ گەۋدىلىكى، رۈەدنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ، يېڭىدىن چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ.
    ئۇنىڭدىن باشقا، ئەندىي يامغۇرلۇق تۈندە تۈرمىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىپ چىققاندىن كېيىن، دەريادا تۇرۇپ ئاسمانغا قاراپ قوللىرىنى يېيپ تۇرىدىغان ئېسىل بىر كۆرۈنۈش بار، بۇ كۆرۈنۈش مۇشۇ كىنونىڭ ئەڭ ھالقىلىق يېرى ئىدى، كۆرۈنۈشتىكى رەسىم مۇشۇ كىنونىڭ ئېلانىغا ئىشلىتىلگەن. بۇ چاغدا ئەندىي قاتتىق تۈزۈملەشكەن ۋەھشىي تۈرمىدىن قۇتۇلغان، يىگىرمە يىللىق ئۈمىدى رېئاللىققا ئايلانغان، جىسمانىي ئەركىنلىككە چىققان ھالىتى ئىدى. ئەندىينىڭ ماشىنا ھەيدەپ تىنچ ئوكيان بويىدا كېتىپ بارغان كۆرۈنۈشى مۇشۇ كىنودىكى رەڭدار كۆرسىتىلگەن ئىككى كۆرۈنۈشنىڭ بىرى. يەنە بىرى بولسا، رۈەدنىڭ بوكستوندا ئەندىي قالدۇرغان خەتنى ئوقۇپ، ئۈمىدكە تولۇپ، ئەندىينى ئىزدەپ ماڭغاندىكى تەبىئىي مۇھىت. دىققەت قىلىدىغان بولساق مۇشۇ كىنو باشتىن ئاخىر قارا، ئاق، كۈلرەڭدىن ئىبارەت بىر نەچچە تۇتۇق رەڭلا ئىشلىتىلگەن. تۈرمە رەزىللىكىگە ۋەكىللىك قىلغان قارا رەڭ، ئەركىنلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاق رەڭ ھەمدە ئۈمىدكە ۋەكىللىك قلىدىغان كۈلرەڭ … مانا بۇلار فىلىمنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى ھېسابلىنىدۇ.
    ئىككىنچىسى، ئۈمىد.
  فىلىمنىڭ باش پېرسوناژى ئەندىي مەست ھالەتتە ئايالىم ۋە يەنە بىر كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغۇچى مەن ئوخشايمەن، دەپ ئويلايدۇ ۋە ئۆزىمۇ گاڭگىراپ ياشايدۇ. لېكىن، ئۇ تۈرمىگە كىرگەندىن تارتىپلا تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن ياشايدۇ. ئۇ تۈرمىگە كىرىپ نەچچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەي، ئۈچ «ئاچا-سىڭىللار» دەپ ئاتالغان بەچچىۋازلارنىڭ بوزەك قىلىنىشىغا ئۇچرايدۇ. بىراق، ئەندىينىڭ بوي ئەگمەسلىكى ۋە تۈرمە ساقچىسىنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىشى ئارقىسىدا ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىدۇ. ئېچىنىشلىق تۈرمە ھاياتىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپمۇ ئۈمىدۋارلىقىنى قىلچە بوشاشتۇرمايدۇ.
    ئۇ بىر تەرەپتىن، ئۆزىنى گۇناھكار ھېسابلىسىمۇ، ھامان ئەركىنلىككە چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپ، نۇرغۇن ئىشلارنى ئەتراپلىق پىلانلاپ چىقىدۇ: تۈرمە باشلىقىنىڭ پارىخورلۇق قىلىشى ۋە ھارام پۇل جۇغلىشىغا زور ياردەم قىلىدۇ. تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ يېتىشسىزلىكلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارغىمۇ پۇل جۇغلاپ بېرىدۇ. شۇ ئارقىلىق بارلىق تۈرمە ئەمەلدارلىرىنى قولغا كەلتۈرۈۋالىدۇ. تۈرمە كۇتۇپخانىسىنى قايتا قۇرۇپ، كامىرداشلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ، بۇ كۇتۇپخانىنى شىتات بويىچە ئەڭ نوچى تۈرمە كىتابخانىسىغا ئايلاندۇرىدۇ. قىسقا مۇددەتلىك كېسىلگەنلەرنىڭ دىپلوم ئېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ. ھەر قېتىملىق تۈرمىدە جۇغلىغان پۇلىنى بىر كونۋېرتقا سېلىپ، ئۆز نامىغا يوللايدۇ.
  يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىغا ئىشىنىپ، دەسلەپكى ۋاقىتلاردىلا رۈەد ئارقىلىق تام تېشىدىغان بىر بولقىنى ئەكەلدۈرىدۇ ھەم چانماسلىق ئۈچۈن تۆشۈك ئاچىدىغان جاينى چولپانلار رەسىمى بىلەن توسۇپ قويىدۇ. شۇ چاغدا رۈەد ئەندىينى مازاق قىلىپ: «مۇشۇ بولقا بىلەن بۇ تامنى تېشىشىڭگە 600 يىل ۋاقىت كېتىدۇ» دېگەنىدى. لېكىن، ئەندىي بۇ تامنى ھەركۈنى كېچىسى ئاز-ئازدىن تىلغاپ چىقىدۇ، شۇنداق قىلىپ يىگىرمە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ چوڭ بىر كامار ئېچىۋالىدۇ. ئەندىي يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا ياردەم قىلغان كامېردىشى ئەندىيگە بىر قاتىل بىر بانكىرنىڭ ئايالىنى ۋە ئايالىنىڭ ئاشنىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، سوتنىڭ گۇناھنى بانكىرغا ئارتىپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەندىي شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە تۈرمە باشلىقىغا قايتا ئەرز قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ئەمما، نەپسانىيىتىگە دۈم چۈشكەن تۈرمە باشلىقى ئۆزىگە پۇل جۇغلاپ بېرىۋاتقان ئەندىينى مۇنداقلا قولدىن چىقىرىۋەتكۈسى كەلمەي، ئۇنىڭغا سوغۇق سۇ سېپىدۇ، بىر دىنبىر گۇۋاھچىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئەندىينى بولسا قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويىدۇ. ئەندىي سولاقتىن چىققاندىن كېيىن، رۈەدنىڭ ئۈمىد بىلەن ياشىشىنى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزىنى ئىزدىشىنى ئېيتىدۇ. ئەندىي تۈرمىدىن قېچىپ چىقىدۇ ۋە دېڭىز ساھىلىدا راھەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلايدۇ.
    ئەندىي قاچقان چېغىدا، قەلبىدە پۈتمەس-تۈگىمەس ئۈمىد بالقىپ تۇرغانلىقىدىن، زور تەۋەككۈلچىلىك ئالدىدا قىلچىمۇ تەمتىرەپ قالمايدۇ. سېسىق يۇندا تۇرۇبىسىدىن ئۆمىلەپ چىقىدۇ. قەلبىدىكى كۈچلۈك ئۈمىد ئاخىرى ئۇنى ئەركىنلىككە ئېلىپ چىقىدۇ.
    بروكىس بىلىنەر-بىلىنمەس يەرلەردە كۆرۈنگەن بىلەن بۇ كىنونىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنى ئېچىپ بېرىشتە كەم بولسا بولمايدىغان پېرسوناژ.
  ئەندىي 1947-يىلى تۈرمىگە كىرگەن چاغدا، بروكىسنىڭ تۈرمىدە تۇرغان ۋاقتى 50 يىل بولاي دەپ قالغانىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆمۈر بويى تۈرمىدىلا ياشىغانىدى. ئۇ تۈرمىدە كۇتۇپخانا باشقۇرغۇچىسى ئىدى. باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، غورۇرىنى ساقلاپ كەلگەنىدى. تۈرمە مۇددىتى توشۇپ، يېڭىدىن ئەركىنلىككە چىققاندا بولسا، جەمئىيەتكە سىڭىپ كېتەلمەي، ئاخىرى چەكسىز ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆلۈۋېلىشنى تاللىۋالىدۇ.
  ئۇنداقتا، ئۇ نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتكە سىڭەلمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ؟
  تۈرمە ئادەمنىڭ نورمال ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان يەر. لېكىن، كىنودا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شاۋشانك تۈرمىسى مەھبۇسلارنىڭ خالىغانچە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەيدىغان يەرلا بولۇپ قالماستىن، قاتتىق تۈزۈملىرى ئارقىلىق ئادەمنىڭ روھىيىتىنىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ، مەھبۇسلارنى ئۆزگەرتىدىغان ئەمەس، بەلكى، جەمئىيەتكە روھى ئۆلگەن كېرەكسىز داشقاللارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان جايغا ئايلىنىپ قالغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، شاۋشانك تۈرمىسى ئازراقلا خاتالىشىپ، ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان بىر تۈركۈم ئىنسانلارنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى تەربىيەلەش ئورنىغا، روھى پۈتۈنلەي بەربات بولغان، ئەركىنلىك ئۇقۇمىنى ئاڭقىرالمايدىغان، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتقان، جەمئىيەتكە قىلچە پايدىسى بولمايدىغان، كېرەكسىز كىشىلەر توپىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بىر ئورگان ئىدى. مانا بۇ ھالەتنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، داۋاملاشتۇرۇۋاتقىنى دەل تۈرمىدىكى قاتتىق تۈزۈملەشكەن تۇرمۇش ئادىتى ئىدى. بۇ يەرگە كىرگەن ھەربىر ئادەم شەكسىز مۇشۇ ۋەھشىي قاتتىق تۈزۈملەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتەتتى-دە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جىسمانىي جەھەتتىنلا ئەمەس، روھىي جەھەتتىنمۇ قوش مەجرۇھلۇقنى قوبۇل قىلماي ئامالى يوق ئىدى. قىسقىسى، مۇشۇنداق تۈرمە تۈزۈملىرى ئىنسان بەھرلىنىشكە تېگىشلىك روھىي ئەركىنلىكنىمۇ بوغاتتى، شۇ ئارقىلىق ھاياتقا بولغان ئۈمىدنى يوققا چىقىرىۋېتەتتى.
  ئەمدى بىروكىسقا كەلسەك، تۈرمە كۇتۇپخانىسىدا بىر كىشىلىك ھۆرمەت-غورۇرى بىلەن ياشىغان بولسىمۇ، 50 يىللىق تۈرمە ھاياتى ئۇنى جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشچان كىلىماتىدىن ئايرىپ قويغانىدى. جەمئىيەت ئۆزىدىن ئازراقلا ئايرىلغان كىشىنى بەكمۇ تەستە قوينىغا سىغدۇرىدۇ. بروكىس تۈرمىدە كۇتۇپخانىنى باشقۇرۇپ، ئۆزىنى ئەركىن بولدۇم، دەپ بەزلەپ يۈرگەن بولسىمۇ، قاماق مۇددىتى توشۇپ قايتۇرۇلماقچى بولغاندا، تۈرمىدە داۋاملىق قېلىشنى ئويلاپ، كامىردىشىغا پىچاقنى تەڭلەپ، جىنايەت سادىر قىلماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىدە، جەمئىيەت بەكمۇ قورقۇنچلۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان، ھەقىقىي ئەركىن كىشىلىك تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىسى، ئىشەنچىسى، ئۈمىد-ئارزۇلىرى تۈرمىنىڭ مۇستەھكەم تاملىرى ئىچىدە پايخان بولغان. شاۋشانك تۈرمىسىدىن چىققانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئەركىنلىكىنى يوقاتقان، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى يوقىغان لوقما گۆش ۋە ئۇستىخان دۆۋىسىلا خالاس! بروكىس بىر تاللا بازىرىدا ئىشلەيدۇ. لېكىن، ئۆمرى تۈرمىدىلا نابۇت بولغان بۇ قېرى كىشى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ يېڭى تۇرمۇش رېتىمىغا كۆنەلمەيدۇ. ئۆزىنى غېرىپ ھېس قىلىدۇ. ھەتتا كېچىلىرى قارا بېسىپ، ئويغانغاندا ئۆزىنى يەنىلا تۈرمىدىن چىقمىغاندەك ھېس قىلىدۇ. نېمىلا ئىش قىلسۇن، تۈرمىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئاخىرى، ئۆزىنى بۇ خىل قورقۇنچلۇق ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بىردىنبىر خاتىرجەملىك دەپ قارىۋالغان يول ـــ ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالىدۇ. مانا بروكىسنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشىدۇر.
  رۈەد بولسا، 40 يىل تۈرمىدە ياتقان كىشى. تۈرمىدىكى ئالدىنقى 30 يىللىق ھاياتىدا ئۇ ھەر قېتىم ئۆزگەرگەنلىكىنى، جەمئىيەتكە قايتا زىيان سالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىلتىماس سۇنغاندا، REJECT تىن ئىبارەت تامغا بېسىلىپ رەت قىلىنىدۇ. يىللار قاۋۇل نېگىرنىڭ قەددىنى ئېگىپ، ئاپئاق چاچلارنى ئاتا قىلغاندا، رۈەد تۈرمىدىن چىقىشنى ئۈمىدمۇ قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، بروكىسنىڭ پاجىئەسى ئۇنىڭ قېلىن تاملار سىرتىدىكى «ئەركىن دۇنيا»غا بولغان تەلپۈنۈشىنى پىتچىت قىلىۋېتىدۇ. بىر قېتىملىق سۆھبەتتە، ئۇ ئەندىيگە: «ئۈمىد دېگەن نەرسە بەك خەتەرلىك»، دەيدۇ. ھەتتا ئۈمىدسىزلىكتە شۇ ھالەتكە يەتكەنكى، ئەندىي ئۇنىڭ بىلەن تىنچ ئوكياننى تەسەۋۋۇر قىلىپ سۆزلىشىپ ئولتۇرغاندا، ئۇ: «تىنچ ئوكيان؟ ئۇنچىلىك بىپايان زېمىندىن قورقىمەن.» دەيدۇ. 40 يىل بولغاندا بىر قېتىملىق قويۇپ بېرىش پۇرسىتى كەلگەندە، ئۇ چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىككە تويۇنغان گەپلىرى بىلەن ئىجراچىلارنى قايىل قىلىۋېتىپ، قويۇپ بېرىلىدۇ.
  رۈەد تۈرمىدىن چىقىدۇ، بىراق، تۈرمىنىڭ قاتتىق تۈزۈمدىكى ياشام شەكلى ئۇنىمۇ ئاللىقاچان كاردىن چىقىرىشقا ئۈلگۈرگەنىدى. بروكىسنىڭ كەچۈرمىشى ئۆزىنىڭ بۈگۈنى بولۇپ قېلىشى مۇمكىندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇمۇ ئوخشاشلا تاللا بازىرىدا ئىشلەيدۇ، ھەم ھەربىر قەدەمدە تۈرمىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۇمۇ ئوخشاشلا بروكىس قونغان ياتاققا كىرىدۇ. تورۇسقا يېزىلغان «بروكىس بۇ يەرگە كەلگەن» دېگەن خەتنى كۆرىدۇ. ئۇ سىرتقى دۇنياغا كۆنەلمەي، قايتا جىنايەت بىلەن تۈرمىگە قايتىشنى ئېڭىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، كۆز ئالدىدا تۇرغان قورالنىڭ يېنىدىكى كومپاسنى كۆرىدۇ ۋە ئەندىينى ئىزدەش ۋەدىسى ئېسىگە كېلىپ، كومپاسنى سېتىۋالىدۇ. ئۇ بوكستوندىكى بىر چەت جايدا ئەندىي كۆمۈپ قويغان ئامانەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئەندىينىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن قايتىدىن ئۈمىدكە تولىدۇ.
  بۇ يەردە ئىككى ئوخشاش مۇھىتتىكى بروكىس ۋە رۈەدتىن ئىبارەت ئىككى پېرسوناژنىڭ ئاقىۋىتى ئوخشىمايدىغانلىقىدىكى بىردىنبىر سەۋەب شۇكى، رۈەد بولسا ئەندىي ئارقىلىق قايتىدىن ئۈمىدكە ئېرىشكەن، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسى ئاشقان. ئۇ ئەندىينىڭ: «ئېسىڭدە بولسۇن، ئۈمىدۋارلىق ياخشى نەرسە، بەلكىم، ئەڭ ياخشى نەرسە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەڭ ياخشى نەرسىلەر مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.» دەپ يازغانلىرىنى كۆرىدۇ ۋە چەكسىز ھاياجانغا تولىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتىن كېينلا ئۇنىڭ ھاياتىدا، ئىدىيىسىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئۇ ئەندىينى ئىزدەپ ماڭغاندا، ئەتراپتىكى گۈل-چېچەكلەر كۈن نۇرىدا تېخىمۇ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. مامكاپلار ئەركىن ئۈزۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئابتۇبۇسقا چىقىپ سىرتقى دۇنيادىن ھوزۇر ئالغاچ، ھەقىقىي ئەركىنلىكنى ھېس قىلىدۇ.
   فىلىم ئاخىرىدا ئۇ ئەندىي بىلەن دېڭىز بويىدا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ. ئۇلار ئارزۇ قىلىشقىنىدەك، ھېچقانداق ئەستىلىكلەر بولمىغان، يەنى ھېچقانداق ئۆتمۈشنىڭ كۆلەڭگىسى بولمىغان ئەڭ ھوزۇرلۇق جايدا ياشاشقا باشلايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى كۆرۈنۈش ئىنساننىڭ قەلبىدىكى ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان، چەكسىز كۈچكە ئىگە، ئەڭ ھوزۇرلىنارلىق نەرسە بولغان ئۈمىد ۋە ئەركىنلىككە سىمۋول قىلىنغان چەكسىز ئوكيان قىرغىقىدا غەلىبە مېۋىسىنى تەبرىكلەۋاتقان ئەندىي بىلەن رۈەدنىڭ سىماسى بىرىكىپ كىنو ئاخىرلىشىدۇ.
  
   ئۈچىنچىسى، قابىلىيەت.
   ئۈمىد ئەڭ گۈزەل نەرسە. ئەگەر ئۈمىدلا بولۇپ، رېئاللىققا ئايلىنىش بولمىسا، ئىنساننى تېخىمۇ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازابلارغا مۇپتىلا قىلىدۇ. خۇددى رۈەد ئەندىيگە: «ئۈمىد بەك خەتەرلىك نەرسە، ئۇ كىشىنى ساراڭ قىلىپ قويىدۇ،» دېگىنىگە ئوخشاش. لېكىن، باشتىن ئاخىر ئۈمىدۋار ياشىغان ئەندىي نېمىشقا ساراڭ بولۇپ قالمايدۇ؟ بۇ يەردىكى مەسىلە دەل ئەندىينىڭ تولۇق مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بىلىملىك كىشى بولغانلىقىدا. توغرىراقى ئەندىينىڭ ئاشۇ بىلىملىرىنى ئىشلىتەلەيدىغان قابىلىيىتى بار بولغانلىقىدا.
  ئەندىي ساقچى باشلىقىنىڭ بانكا توغرىسىدىكى باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، كامېرداشلىرىنى مۇزدەك پىۋا بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشىدۇ. تۈرمە باشلىقى ۋە تۈرمە ئەمەلدارلىرىغا قابىلىيىتىگە تايىنىپ پۇل جۇغلاپ بېرىپ، تۈرمە كۇتۇپخانىسىنى كېڭەيتىدۇ. كامېرداشلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دىپلومىنى ئېلىشىغا ياردەملىشىدۇ. ئۇ قىلالايدىغانلىكى ئىشلارنى قىلىپ، زېرىكىشلىك تۈرمە ھاياتىنى مەنىلەرگە توشقۇزىدۇ. ئۇ گىئولوگىيەگە قىزىقىدىغانلىقى سەۋەبلىك، قېلىن، مۇستەھكەم تۈرمە تاملىرىنى بويسۇندۇرالىدى. ئەندىي بىلىمىگە، قابىلىيىتىگە تايىنىپ، ئۆزىنى ھېچبىر گۇناھى بولمىغان يېپيېڭى كىشىگە ئايلاندۇرالايدۇ.
ئەندىي ئۆز خىزمىتى بولغان بانكىغا ئائىت بىلىملەرگە پىششىق بولغاچقا، تۈرمە باشلىقىغا بېجانىدىل ئىشلەپ، ئاخىرى ئادەتلەندۈرۈش كۈچى بىلەن قاچقان چېغىدا دەككىسىنى بېرىدۇ. تۈرمىدىن چىقىپلا ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن بانكىدىكى ھېساباتىنى يۆتكەۋالىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەندىينىڭ قابىلىيىتىنىڭ ئىپادىلىرى ئىدى. مۇشۇ قابىلىيىتى ئارقىلىق ئەركىن، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ.
  بۇ كىنودا ئەندىينىڭ شاۋشانكتىن قۇتۇلۇشىلا ئەمەس، باشقىلارنىمۇ قۇتۇلۇشقا ئۈندىگەنلىكى كىنونىڭ كۆرۈرمەنلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان ئىدىيىسىدۇر.
  ئەندىي باشتىن ئاخىر ئۈمىد بىلەن ياشىغۇچى، بىروكىس بولسا ئۈمىد چىرىغى ئۆچكەن كىشى. رۈەد بولسا، باشتا ئۈمىدى ئۆلگەن، ئەندىينىڭ رىغبىتى بىلەن قايتىدىن ئۈمىدنى تېپىۋالغان كىشى. كىنودا مانا مۇشۇ ئۈچ كىشىنى تىپىكلىككە كۆتۈرۈپ تەسۋىرلىگەن. ئەندىي ئۆزىدىكى تولۇپ-تاشقان يوشۇرۇن كۈچ بولغان ئۈمىدنى دەستەك قىلىپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىلا ئەمەس، كامېرداشلىرىنىڭ روھىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇندى. رۈەدنى قۇتۇلدۇردى. ئۇ غەلىبە قىلالىدى. كىنودا يەنە شۇنداق كۆرۈنۈش بار: تۈرمە باشلىقى ئەندىينىڭ قولىدىكى ئىنجىلنى ئېلىپ، قۇتۇلۇش يولى ماۋۇ يەردە، دەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى، دىننى بۇرمىلاپ، مەھبۇسلارنى روھىي جەھەتتىن ئۈمىدسىزلىككە مەھكۇم قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. لېكىن، ئاخىرىدا، ئەندىي تۈرمە باشلىقىنى ئۆزىنىڭ ئۈن-تىنسىز ئىشلىشىگە ئادەتلەندۈرىۋېلىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى بىخۇدلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك ئىشكاپىدىكى مۇھىم ھۆججەت ۋە پۇللارنى ئېلىۋېلىپ، ئورنىغا ئىنجىلنى قويۇپ قويىدۇ. باش بېتىگە: «راست دەيسىز، قۇتۇلۇش يولى مانا ماۋۇ يەردە!» دەپ يېزىپ قويىدۇ. ئەسلىدە ئىنجىلنىڭ ئىچىدە بولقىنى ساقلىغانىدى. ئۇ بولقىنىڭ ئىزى ئارقىلىق، تۈرمە باشلىقىغا قارشى تۇرالىدى، ئەڭ مۇھىمى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈرمىنىڭ چىرىك تۈزۈمىگە جەڭ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ غەلىبىسى تۈرمە باشلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھالاكىتىنى تېزلەتتى.
   
    بۇ كىنو مۇرەككەپ زىددىيەتلەرگە تولغان كىشىلىك تۇرمۇشتا قانداق قىلىپ، ئىشەنچىمىزنى ساقلاپ،ئىززەت-ھۆرمىتىمىز بىلەن ياشاشنى، بۇرۇقتۇرمىلىقلاردىن ئۆزىمىزنى قانداق قۇتۇلۇشىمىز كېرەكلىكىنى سەمىمىزگە سالىدۇ.
بۇ كىنو ھەقىقەتەن سىزنىڭ بىر كۆرۈپ چىقىشىڭىزغا ئەرزىيدىغان كىنو.
  مانا بۇلار مەن ھېس قىلغان نۇقتىلار. قېنى سىزنىڭ تەسىراتىڭىزنى ياكى قوشۇپ قويىدىغان نۇقتىلار بولسا ئورتاقلىشايلى!

    يازما مەنبەسى: ئۆتۈكەن ئاسمىنى بلوگى
http://www.obzorlar.com/?p=76

   بۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى  بۇ يەردە:
   http://www.turanim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2204

قەھرىمانغا تەييار ھامان كەڭ سورۇن،
ھېچ بەيگىدە ئۇتقان ئەمەس بىر ھورۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1986
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 12:30:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنىدا يەتتە تۈردە مۇكاپاتلانشقا ئەرزىگۈدەك ياخشى كىنوكەن بۇرۇن نىمشقا كۆرۈپ باقمىغان بولغىيتىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10587
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2215 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 12:40:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ئېسىل كىنو

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 991
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2339
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 884 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 12:55:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەجەپ بۇرۇن ئاڭلىماپتىكەنمەن دىسە . . .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئىزدەنگۈچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5184
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 8593 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 02:35:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسىنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۇڭ
http://www.xjtvs.com.cn/uyghur/movie/gwdy/list.shtml

بۇ ئادىرىستا ئۇيغۇرچە كىنولار خېلى بار ئىكەن .

يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1809
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1044 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 07:25:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل كىنو خېلى بۇرۇن كۆرگەن ئۇنتۇپمۇ قاپتىكەنمەن،قايتىلاپ كۆرۈۋەتتىم ...
تېما ئىگىسى ياخشى چۈشەندۈرۈپتۇ.رەھمەت قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن.

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9031
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6354 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 10:55:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ بۇ كىنونى بەك كۆرگۈم بار ئىدى.بىر كۆرەيچۇ!

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84155
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 10:56:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەخمىنەن 9 يىلنىڭ ئالدىدا مەن بۇ فىلىمنى 700-800 سوم خەجلەپ تەرجىمە قىلدۇرپ ، VCDنۇسقىسىنى بازارغا سالغان ئىدىم ، ئەپسۇس ھازىر ئانا دىينىمۇ تاپالمايمەن . ئېسىمدە قېلىشىچە شۇ چاغدا بۇ فىلىمدىن پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە ئاران 1000تالدەك سېتىلغانتى ، ئۇ چاغدا جەنۇپ تەرەپنىڭ بازىرىدا ئامېرىكا فىلىملىرى ئانچە ياخشى سېتىلمايتى .لېكىن شىمالى شىنجاڭدا يەنى غۇلجىدا ياخشى سېتىلاتتى . جەنۇپ بازىرىغا بولسا ئاشۇ شىاڭگاڭنىڭ ئۇزۇن چاشلىقلار كىنوسى بولسا تازا ئالتى . لېكىن بۇنداق فىلىملەر شىمال بازىرىدا قەتتى ئۆتمەيتى .ئەينى چاغدا مەن بۇ فىلىمگە ‹‹ۋەھىملىك تۈرمىدىن قېچىش ›› دەپ ئېسىم قويغان ئىدىم .بۇ فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى ئشلەنگەن بىر كورۇشكە ئەرزىگىدەك  ئېسىل كىنو .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12545
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8416
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 799 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 02:52:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يالغۇز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4916
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 676 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 04:13:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ۋەقەلىكى مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان كىنو. 20 يىل توختىماي بىر ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش... باش پېرسۇناژنىڭ  مۇنداق قىلدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن، رەسىمنى ئېلىۋەتكەندە تۈرمە تېمىغا قاراپ ئاغزىمنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدىم.

ئاللاھ ۋە ۋىجدانىڭغا خىلاپ بولمىسا تاللىغان يولۇڭدا مېڭىۋەر! خەق نېمە دېسە دەۋەرسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش