مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2434|ئىنكاس: 25

ئاياللار بايرىمى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3867
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 01:33:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قىرىنداشلار ! يىقىندا يىتىپ كىلىدىغان ئاياللار بايرىمى ھەققىدە سىلەرگە ئەڭ توغرا تاللاشنى تاللاپ  دۇنيا ۋىئاخرەتتە پايدىسى بولۇشى ئۈچۈن بۇ يازمىنى يوللۇدۇم ! بۇ يازما بىر قىرىندىشىمىزنىڭ بىر ئىسلام ئۆلىماسى بىلەن  سوئال جاۋاب شەكىلدە ئىلىپ بىرىلغان پەتىۋاسى   !  مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ قۇبۇل قىلىشىنى  ئۈمىت قىلىمەن  !




ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم


سوئال:


مۇسۇلمانلار ئاياللار بايرىمى (يەنى 8-مارت ئاياللار بايرىمى)، بالىلار بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى دېگەندەك بايراملارنى ئۆتكۈزسە بولامدۇ؟ مۇسۇلمانلار قانداق بايراملارنى ئۆتكۈزسە بولىدۇ؟


ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام


جاۋاب:


بۇ سوئالغا تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ:


1- مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئىككىلا بايرىمى بار


ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەدىنىلىكلەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋىدە ئىككى بايرىمى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:


«سىلەرنىڭ ئىككى كۈنۈڭلار بار ئىدى. ئۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا ئۇ ئىككى كۈندىن ياخشى بولغان روزا ھېيت كۈنىنى ۋە قۇربان ھېيت كۈنىنى بەردى»[①].


بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا ئىككى بايرىمى بار: بىرى روزا ھېيت، يەنە بىرى قۇربان ھېيت. ئۇ ئىككى بايرامدىن باشقا بايراملار يەھۇدىيلارنىڭ ياكى خرىستىئانلارنىڭ ۋە ياكى باشقا كاپىرلارنىڭ بايراملىرى بولۇپ، بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۇ بايراملارنى تەبرىكلەش، تەبرىكەيدىغانلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قېتىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى كاپىرلارنىڭ دىنى مۇراسىم ۋە بايراملىرىنى  تەبرىكلەش، ئۇلارنىڭ دىنى شۇئارلىرىنى ياقتۇرغانلىق، ئۇلارنى بۇ ئىشلىرىدا قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى توغرا دەپ قارىغانلىق، نەتىجىدە ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەنلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:


«إِن تَكْفُرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنكُمْ وَلَا يَرْضَى لِعِبَادِهِ الْكُفْرَ وَإِن تَشْكُرُوا يَرْضَهُ لَكُمْ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى ثُمَّ إِلَى رَبِّكُم مَّرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ»


«ئەگەر كاپىر بولساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى: ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارغا موھتاج ئەمەستۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئاخىرىدا ھەممىڭلار رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ دىلىڭلاردىكىنى بىلگۈچىدۇر»- زۇمەر 39/7.


2- باشقا بايرام قىلىش ئىسلامنىڭ تاماملىنىپ بولغانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىك بولىدۇ


ئاللاھ تەئالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:


«الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الإِسْلاَمَ دِيناً»


«بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم»- مائىدە 5/3.


بىز مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بولغان ئىسلام قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇپ بولۇشى بىلەن تاماملىنىپ بولغان. بۇنىڭ مەنىسى، ئىسلام دىنى ئىمان ئاساسلىرى، ئىسلام شەرتلىرى، ئەخلاق پىرىنسىپلىرى، ئىبادەت قائىدىلىرى ۋە مۇئامىلە ئەھكاملىرى… قاتارلىق پۈتكۈل تەلىماتلىرىدا مۇكەممەلدۇر، تولۇقتۇر. يەنى باشقا بىر دىننىڭ بىرەر پائالىيىتىگە ياكى باشقا بىر دىننىڭ دىندارىنىڭ بىر ئادىتىگە ئېھتىياجى يوقتۇر. مۇسۇلمان تۇرۇپ ئۆز دىنى بولغان ئىسلامدا ئاساسى يوق دىنى ئىشلارنى ياكى غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قۇبۇل قىلغۇچى ئىسلام دىنىنىڭ تاماملىنىپ بولغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرمىگەن بولىدۇ.


3- باشقا بايرام قىلىش ئىسلامدىن باشقا بىر دىن ئىزدىگەنلىك بولىدۇ


ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:


«وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الإِسْلاَمِ دِيناً فَلَن يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ»


«كىم ئىسلامدىن باشقا بىر دىن ئىزدەيدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئۇ دىن ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ»- ئال ئىمران 3/85.
غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش، ئىختىيارىي ھالدا ئۇلارنىڭ بايرام مۇراسىملىرىغا قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىدە ئۇلارنىڭ خوشاللىقىغا خۇشال بولۇش ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ياقتۇرغانلىق، شۇنداقلا ئىسلامدىن باشقا بىر دىن ئىزدىگەنلىك بولىدۇ.

4- باشقا بايرام قىلىش غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولىدۇ


پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام مۇنداق دېگەن:


«كىمكى قانداقلا بىر قەۋمگە (مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ»[②].


غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋېلىش ئۇلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتا بولىدۇ. مەسىلەن: ئىككى ھېيتتىن باشقا بايراملارنى ئۆتكۈزۈش، تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش، بۈشۈك توي ئۆتۈزۈش، خرىستىئانلارنىڭ راھىب ۋە راھىبەلىرىنىڭ مەخسۇس راھىبلىق كىيىملىرىنى كىيىش، بۇددىستلەرنىڭ دىنى كىيىملىرىنى كىيىش… قاتارلىقلار ئۇلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولۇپ دىنىمىز بۇنىڭدىن مەنئى قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش:


ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچى، ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى ۋە ئىدارە-جەمئىيەتتە كادىرلىق قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۇنداق بايراملارغا قېتىلمىسا ئىشىدىن ئايرىلىپ قېلىش، خىزمەتتىن ھەيدىلىش، مەكتەپتىن قوغلىنىش خەۋپى بولسا، بۇنداق قېرىنداشلىرىمىز كۆڭلىدە نارازى بولۇش شەرتى بىلەن ئۇ بايراملارغا قېتىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:


«مَن كَفَرَ بِاللّهِ مِن بَعْدِ إيمَانِهِ إِلاَّ مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالإِيمَانِ وَلَـكِن مَّن شَرَحَ بِالْكُفْرِ صَدْراً فَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ مِّنَ اللّهِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ»


«ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، (قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ مەجبۇرلانغانلار مۇستەسنا) كۆڭلىنى كاپىرلىققا ئاچقانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپ ياغىدۇ ھەمدە ئۇلار چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ» ـ نەھل 16/106.


بۇ ئايەتتە قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرغان لېكىن مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەرنىڭ مۇرتەد بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئۇنداق بايراملارغا قېتىلىش، كۇفۇر سۆزلەرنى قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇش شەرتى بىلەن مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئاغزىنىڭ ئۇچىدا قىلىش بىلەن ئوخشاشتۇر.


مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.



[①]- بۇ ھەدىس سۈنەنۇننەسەئى، كىتابۇ سالاتىل ئىيدەين، بەيھەقى، ئەسسۈنەنۇلكۇبرا كىتابۇ سالاتىل ئىيدەين دە ئۆتىدۇ.




[②]- بۇ ھەدىس سۈنەنى ئەبۇداۋۇد ۋە مۇسنەدى ئەھمەددە ئۆتىدۇ


مەنبە : مۇسۇلمانلار تورى !http://www.musulmanlar.com




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-2 01:34 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
parlak0997 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3367
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27300
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4982 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 05:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمانلار روزا ھېيىت ، قۇربان ھېيىت ۋە جۈمە كۈنلىرىنى ھېيىت ، ئايەم دەپ بىلىشى ، ئۇ كۈنلەردە پاكىزە كىيىملەرنى كىيىپ ، ئۆزئارا ھېيىتلىشىپ ، ئۆز ئارا دىدارلىشىشى دۇرۇس !

ئۇندىن باشقا 8 - مارىتقا ئوخشاش كۈنلەرنى بايرام ئەمەس ، خاتىرە كۈن سۈپىتىدە كۆرسە بولىدۇ دەپ قارايمەن .
بەزى قىز - ئاياللار بۇ كۈننى بايرام نوقتىسىغا كۆتۈرۈپ رىستۇرانمۇ - رىستۇران جۇغلىشىپ چاي ئويناپ ، ئاتايىن قىممەت باھالىق سوۋغا سالام ، كىيىملەرنى كىيىپ كۆڭۈل ئاچىدىكەن . بۇنداق شەكىلۋازلىق ئاياللاردىكى ئەخلاق ، ھايا ھۈجەيرىلىرىنى كەمەيتىۋىتىدۇ .


ئەمەلىيەتتە ئانىلارنى ھەرقاچان ياد ئىتىش ، ھەر قاچان كۆيۈنۈش بالىلارنىڭ ، ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيتى - ئۇنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ ئاتايىن بايرام دەرىجىسىگە كۆتۈرمىسىمۇ بولىدۇ .

زىيادە ئاقكۆڭۈللۈك ئۆزىگە ئېتىلغان يا ئوقىغىغا ئوخشايدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3367
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27300
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4982 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 06:01:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۆتكەن يىلى مۇشۇ كۈندە ئانامغا بىرتال ياغلىق ، بىرتال ئارمان ئاياللار قۇۋەت تالقىنى ، بىر تال ئىمران ئاياللار قارا شىكىرى ئېلىپ ئۆيگە ئەۋەتكەن ئىدىم .
گەرچە سورغاتنىڭ نەرقى ئانچە قىممەت بولمىسىمۇ ئەمما ئانام ئاتايىن تىلىفۇن قىلىپ تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەن ئىدى .
ئەمەلىيەتتە پات - پات مۇشۇنداق بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ بىرەي دەيمەن ئەمما تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ... قىپ بولالمايمەن .
گەرچە بۇ كۈننى ھېيىت ، بايرامغا ئوخشاش ئىتىراپ قىلمىساقمۇ ئەمما مۇشۇ كۈننى  ئانىلارنى ياد ئىتىدىغان ، يوقلايدىغان بىر پۇرسەت دەپ بىلسەك بولىدۇ .

زىيادە ئاقكۆڭۈللۈك ئۆزىگە ئېتىلغان يا ئوقىغىغا ئوخشايدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10149
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1766 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 06:08:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۇلۇقسزدا ئۇقۇيدىغان ۋاقىتلاردا ، 8- مارت كۈنى قىزلارغا يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش قۇيۇپ بىرەتتى . قېچىپ كەتكەن ياكى مەكتەپكە كەلمىگەن ئۇغۇللارنى ، قىز بالىغا ئوخشۇتۇپ مازاق قىلاتتۇق

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق ! بۇنداق مىللەتنىڭ ئاقىۋىنى ، ئۈزىدىن پەس پىسەندە مىللەتلەرگە سىڭىشىپ كىتىشتىن ئىبارەت ! ئويلان ، ئويغان ، ئۇيۇش ئەتراپقا باق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3367
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27300
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4982 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 06:11:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-3-2 06:08 PM
مەن تۇلۇقسزدا ئۇقۇيدىغان ۋاقىتلاردا ، 8- مارت كۈنى قىزل ...

ئۇنداقتا سىلەرنىڭ مەكتەپتىكى قىزلار ئايال بولۇپ قالمامدۇ ؟ ئىككىسىنىڭ پەرقى باردۇ ؟

زىيادە ئاقكۆڭۈللۈك ئۆزىگە ئېتىلغان يا ئوقىغىغا ئوخشايدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10149
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1766 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 06:13:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-3-2 06:11 PM
ئۇنداقتا سىلەرنىڭ مەكتەپتىكى قىزلار ئايال بولۇپ قالم ...

8-مارت خانىم -قىزلار بايرىمى دەپ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى باركەن ئەمەسمۇ ، شۇڭا قىزلار ئايال بولمىغاندىكىن بىر كۈنلۈك ئەمەس يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش قۇيۇپ بىرەتتى .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق ! بۇنداق مىللەتنىڭ ئاقىۋىنى ، ئۈزىدىن پەس پىسەندە مىللەتلەرگە سىڭىشىپ كىتىشتىن ئىبارەت ! ئويلان ، ئويغان ، ئۇيۇش ئەتراپقا باق !

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3867
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 07:01:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

..................................... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-2 07:01 PM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87148
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 417
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 07:22:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋېلىشقا تىگىشلىك ياخشى مەزمۇنكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4078
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8379 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 07:28:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ (مۇسۇلمانلار)دېگەن توربەتتىكى(ئۇيغۇر ساھابەمۇجتەھىدلەر)نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، قاچان ،قەيەردە،كىملەردىن دىنىي بىلىم ئۈگەنگنلىكىنى،
نېمە ئۈچۈن
بەزى مەسىلىلەردە ئالىملارنىڭ ھۆكۈملىرىگە تايانمايدىغان ئۆزئالدىغا ھۆكۈم ئالىدىغان (مۇجتەھىد ساھابە) بولۇپ كەتكەنلىكىنى بەك بىلگۈم بار.
بىلىدىغانلار ماڭا دەپ بېرىڭلار ياكى ئۆزى بۇ خەتلىرىمنى كۆرسە دەپ بەرسۇن!!!!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alafasy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-2 07:32 PM  


ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

دصهقان شاظصر ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40827
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4138
تۆھپە نۇمۇرى: 241
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 07:51:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز،ئاللاھ سىزگە ساۋاپ بەرسۇن،مېنىڭ بىر دوستۇم يولدىشىنىڭ يالۋۇرىشىغا قارىماي ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتتى،سەۋەبى؛-ئاياللار بايرىمىغا يولدىشى سوۋغا بىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن،توۋۋا بىر ئوبدان ئۆتەتتى بولمىسا، توۋۋا نەدىن كەلدى،بۇ ئاياللار بايرىمى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   razigulcali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-2 07:51 PM  


رازىگۈل سالى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش