مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 390|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا توتېمىزم مەسىلىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91567
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 12:02:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا توتېمىزم مەسىلىسى

ــــ بۆرە توتېممۇ ياكى سىمۋولمۇ؟

يۈسۈپجان ياسىن

مۇھىم مەزمۇنى: بۇ ماقالىدا ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا كۆرۈلگەن توتېم ئېتىقادى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بىرىلگەندىن كېيىن، توتېم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى بۆرە موتىفىنىڭ پەرقلىق خاراكتېرگە ئىگە ئوبراز ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلاردا توتېم ئېتىقادىنىڭ بولمىغانلىقى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىدىيولوگىيە تارىخىدا مۇھىم بىر موتىفقا ئايلانغان بۆرىنىڭ پەقەت بىر سىمۋول ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: توتېم، بۆرە، ئۇيغۇرلار، سىمۋول.

تۈركىي تىللىق قوۋملەر تارىختا دىنىي جەمئىيەت ئەمەس، بەلكى سىياسىي خاراكتېردىكى بىر جەمئىيەت تەشكىل قىلغان. ئۇلاردا دىن ئادەملىرى تېرىم مەدەنىيىتىدىكى ئىنسانلاردا، چۆل ۋە ئورمان قوۋملىرىدە كۆرۈلگەننىڭ ئەكسىچە سىياسىي ھاياتتا ۋە دۇنياۋى ئىشلاردا مۇھىم رول ئوينىمىغان. لېكىن، بۇ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق قوۋملەردە بىر ئېتىقاد سىستېمىسىنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت غەيرىي بىر مەنىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئىنسانىيەتنىڭ دىن تارىخىدا  تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ ئېتىقاد ھاياتى ئالاھىدە بىر سەھىپە تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار ئېتىقاد جەھەتتە غەيرىي ۋە باتىل چۈشەنچىلەردىن يىراق تۇرۇپ، ئىنسان روھىنى، قەلبىنى ۋە زوقىنى لەرزىگە سالمىغان نەرسىلەرگە قارىتا سېغىنىش ۋە ئۇلۇغلاش تۇيغۇسىدا بولمىغان. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ روھ– مەنىۋى كۈچ جەھەتتىكى تەپەككۇرى تەڭرى (ياكى روھ)، تەبىئەت ۋە ئىنساندىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلغا مەركەزلىشىپ، تەبىئەتنى مۇقەددەس، تەڭرىنى تابۇ (شەك كەلتۈرۈشكە، تىل تەككۈزۈشكە بولمايدىغان، قەتئىي ئىشىنىشكە تېگىشلىك ئۇلۇغ مەنىۋى كۈچ) ۋە ئىنساننى مەركەز دەپ بىلىدىغان ئېتىقاد سىستېمىسىنى ۋە بۇنىڭغا تايانغان ھوقۇق پەلسەپىسىنى ياراتقان. شۇ سەۋەبلىك، تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ ئېتىقاد سىستېمىسى ناھايىتى بۇرۇنلا بىر خۇدالىق دىنغا قاراپ تەرەققىي قىلغان.

قەدىمكى تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ ئەسەبىي دىنىي مۇراسىملاردىن، زەرەرلىك ئىبادەتلەردىن، مۇتەئەسسىپلىك ۋە دىنىي مونۇپۇلچىلىقتىن يىراق تۇرۇشى ئۇلارنى مەيلى ئۆز قوۋمى ياكى باشقا مىللەتلەر توغرىسىدا بولسۇن، ناھايىتى ئەركىن مۇئامىلە قىلىدىغان مىللەتكە ئايلاندۇرغان. ئەمما، ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان نۇرغۇن تەتقىقات ئەسەرلىرىدە، 19- ۋە 20 – ئەسىرلەردە  مەيدانغا كەلگەن ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد تارىخىنى ئوخشاش بىر مېتود ياكى ئوخشاش بىر قېلىپ بويىچە تەتقىق قىلىدىغان خاھىش ئومۇملىشىپ قالغانلىقتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ  ئېتىقاد تارىخى ئەسلىي ماھىيىتى بىلەن نامايان بولالمىدى. ھەتتا نۇرغۇن يات نەرسىلەر بۇ مىللەتنىڭ ئېتىقاد تارىخىغا زورلاپ تېڭىپ قويۇلدى. تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد تارىخىدىن سۆز ئاچقاندا، ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىلەرنى ئېنىق ئايرىپ چىقىش كېرەك. مەلۇمكى، بىر مىللەتنىڭ ئېتىقاد تارىخىنىڭ پاكلاندۇرۇلۇشى باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلەنگەن مېڭە ۋە بۇلغانغان قەلبنىڭ پاكىز تازىلانغىنىغا ئوخشاش، ئىنسان ۋۇجۇدىغا يېڭى روھ ۋە يېڭى ئەقىل بېغىشلايدۇ.  مەدەنىيەت تارىخىمىزغا مال قىلىنىۋاتقان توتېمىزم مەسىلىسىمۇ دەل بىزنىڭ جىددىي مۇئامىلە قىلىدىغان  ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىز بىلەن بولغان چەك-چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ چىقىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىدۇر.         

توتېم ـــ ئەڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىدىن بىرى. توتېمىزمدا ياكى توتېم ئېتىقاتىدا بىر ئائىلە ياكى بىر ئۇرۇقنىڭ دىنىي ۋە سېھرىي جەھەتتىن تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەلۇم بىر ھايۋان، ئۆسۈملۈك ياكى تەبىئەت ھادىسلىرى، ھەتتا ئۇششاق-چۈشەك نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەجدات دەپ قارىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەقدىر بىرلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق توتېم دەپ قارالغان ئاشۇ ئەپسانىۋى ئەجداتلارنى قوغدىغۇچى ئىلاھ دەپ قاراپ چوقىنىدۇ . دېمەك، تېتېم بىر ئائىلە ـــ كلان (ئۇرۇق) دىنىدىن ئىبارەتتۇر[①].

ھازىر دىن تەتقىقاتىدا قوللىنىلىۋاتقان «توتېم» سۆزى شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىيانلارنىڭ ئالگونكى قەبىلىسىنىڭ تىلىدا «ئوتوتېمان»  دېيىلىدىغان بولۇپ (ئوتو ــ ئۇرۇق، قەبىلە دېگەن مەنىدە)، «مېنىڭ ئۇرۇقىم، قەبىلەم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1791-يىلى تۇنجى بولۇپ ئەنگلىيەلىك جون لۇڭنىڭ ئەسىرىدە توتېمنىڭ ئىندىيانلار ئارىسىدا بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئەنگلىيەلىك سىر گېئوگرې گرېي 1841-يىلى ئېلان قىلغان بىر ئەسىرىدە ئاۋسترالىيە ۋە ئوكيانىيەدىكى ئىپتىدائىي توپلار ئارىسىدىمۇ توتېمنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئىنسانلار توتېمغا ھەم كىشى ھەم ئۇرۇق توپى سۈپىتىدە بەلگىلىك بىر سېھرىي ۋە مىستىك چۈشەنچە ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇرۇق ئۆزىنى ئاشۇ توتېمنىڭ نامى بىلەن ئاتايدۇ. ئەگەر توتېم  بىر جانلىق نەرسە (ھايۋان) بولسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ياكى گۆشىنى يىگىلى بولىدىغان جىنىستىن بولسا ئۇنى يېيىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. لېكىن، بەزى  مەخسۇس مۇراسىملاردا توتېم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ھايۋان بوغۇزلىنىپ گۆشى يېيىلىدۇ. توتېمغا ئىشىنىدىغان ھەر بىر شەخسنىڭ بەزىدە ئۆزىگە خاس بىر توتېمى بولىدۇ. ئۇ بۇنىڭغىمۇ ئوخشاشلا قوغدىغۇچى روھ ۋە قوغدىغۇچى ھايۋان شەكلىدە ئىشىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن ئاشۇ توتېم ئوتتۇرىسىدا بىر ئالاقە ئورنىتىش مەقسىتىدە  توتېمنىڭ ئوبرازىنى بەدىنىگە سىزىۋېلىشنى ئادەت قىلىۋالىدۇ. توتېم شەكلى يەنە نەرسە-كېرەكلەر، چېدىر ۋە ئۆي ئىچىگىمۇ ئىشلەنگەن. ئەڭ كۆپ  قوللىنىلغان توتېملار ئىچىدە ئىندىيانلارنىڭ ئوژىبۋا قەبىلىسىدىكى ئېيىق، ئاق تىرەك، بېلىق، تاشپاقا، بۆرە ۋە سۇ كالىسىنى، ئالگونكى قەبىلىسىدىكى ئېيىق، بېلىق، بۇغا، كۈركە توخۇ، بۈركۈت ۋە تۈلكىنى، ئاۋسترالىيەدىكى كەرتەنكەلە (پاقا، يىلان، تىمساھ قاتارلىق ھايۋانلار تۈرى)نى، ئافرىقىدىكى يولۋاس، ئىت، كالا، قىزىل توپراق ۋە زەيتۇن دەرىخىنى، ھىندىستاندىكى تۈرلۈك مەدەنلەر ۋە دەرەخلەر، تۇز، يولۋاس، بۆرە، قۇندۇزنى، پولىنېزىيەدىكى ھەرخىل ھايۋانلار، تاش ۋە بەزى ئادەملەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ[②].

خېلىدىن بېرى توتېم ھەققىدە ئەستايىدىل ۋە ئىشەنچىلىك تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلماي تۇرۇپ، تۈركىي تىللىق قوۋملەردە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا توتېم ئېتىقادىنىڭ بولغانلىقى تەكىتلىنىپ كەلدى  (مەنمۇ ئىلگىرى شۇنداق تونۇشتا بولغان) ۋە بۆرە، ئات، بۇغا، بۈركۈت، كەپتەر ۋە قوي قاتارلىقلار بۇلارنىڭ توتېمى قىلىپ كۆرسىتىلدى. بولۇپمۇ «بۆرە توتېمى» توغرىسىدىكى قاراش ناھايىتى كەڭ تارقالدى. بۇ قاراشنى قىسقىچە خۇلاسىلىساق، ئۇ تۆۋەندىكىدەك دەلىللەرگە تايانغان:

1. تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ بۆرىنى ئەجدات دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسىتىشى؛

2. راشىدىننىڭ «جامىئۇت تەۋارىخ» ناملىق ئەسىرىدە ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىسدىن سۆز ئېچىلغاندا، ھەر تۆت قەبىلە ئۈچۈن بىر قۇشنىڭ ئونگۇن (بۇ موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، تۈركچىدىكى‹تەلەي ــ بەخت›مەنىسىدىكى‹ئوڭ›سۆزىدىن ياسىلىپ ، توتېم مەنىسىدە كەلگەن) سۈپىتىدە بىلدۈرۈلۈشى؛

3.  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق قوۋملەر ئارىسىدا 19- ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا توتېمىزمدىكى شۇرىنگانى ئەسلىتىدىغان ۋە بۇت ــ فېتىش سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈرۈلگەن تۆز (ئالتايلىقلاردا)،  تانگارا (ياقۇتلاردا) قاتارلىقلارنىڭ بايقىلىشى؛

لېكىن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەرەپلەرنى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق قوۋملەردە توتېمىزمنىڭ بولغانلىقىغا دائىر ھەقىقىي دەلىللەر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش تەس. ھەقىقەتەن، تۈرك داستانلىرىدا بۆرە (كۆك بۆرە) تۈرك نەسلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغان بىر ئاتا  ياكى ئانا  سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. كۆك تۈرك داستانىدا دۈشمەن تەرىپىدىن پۇت ۋە قولى كېسىپ تاشلانغان بىر بوۋاقنىڭ بۆرە تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئاشۇ بۆرىنىڭ تۈرك نەسلىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ.  شۇڭا، كۆك تۈركلەر بۆرىنى ئەجدات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسەتكەن.[③] يەنە خەنزۇ مەنبەلىرىدىن ‹‹شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى››دا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ بىر مەلىكىسى بىلەن بىر بۆرىنىڭ قوشۇلىشىدىن تۆرەلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ.[④] ئەجىبا بۆرىگە كۆرسىتىلگەن ھۆرمەت ئۇنىڭ توتېم ئىكەنلىكىدىن ۋە تۈركىي تىللىق قوۋملەردە توتېم ئېتىقادىنىڭ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ياشىغان رۇس ئالىمى ل. ن. گۇمىليېف : «ئۇيغۇرلار ۋە ئاچىنا (ئاسىنا) سارىيىدىكىلەر (كۆك تۈركلەرنى دېمەكچى) نىڭ تولۇق بىر توتېمىست ئىكەنلىكىنى ئېيتىش خېلىلا ئېھتىيات قىلىدىغان مەسىلە. چۈنكى، تارىخىي مەنبەلەردە ئۇلارنىڭ بۆرىگە قارىتا خاراكتېرىستىك بىر پوزىتسىيەدە بولغانلىقىدىن سۆز ئېچىلمايدۇ»[⑤] دەپ كۆرسىتىدۇ. دېمەك، نۆۋەتتە «ھۇن، كۆك تۈرك، ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز قاتارلىق تۈركىي تىللىق قوۋملەردە توتېم ئېتىقادى بولغان» دېگەن قاراش بىر قىسىم ئالىملار گۇمان بىلەن ياكى رەت قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن قاراۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلىدۇر.

مەلۇمكى، توتېمىزم يالغۇز بىر ھايۋاننى ئەجدات دەپ تۇنۇش مەسىلىسىلا ئەمەس. ئۇنىڭ بىر ئېتىقاد سىستېمىسى سۈپىتىدە ئىجتىمائىي ۋە ھوقۇقىي بەلگىلىرىمۇ بولىدۇ. توتېمىزم سىستېمىسىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بۇ شەرتلەر تولۇق ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك. ئىپتىدائىي ئىنسان توپلىرىغا خاس بىر ئېتىقاد سىستېمىسى بولغان توتېمىزمدا ھەر بىر ئۇرۇق (ئائىلە، كلان) نىڭ بىر ياكى بىر قانچە توتېمى بولىدۇ. ئۇرۇق ئەزالىرى بۇ توتېم ئۈچۈن دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ ۋە بەلگىلىمىلەر ــ پەرھىزلەرنى تۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا توتېمىزمنىڭ تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىن ئېنىق پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك خاراكتېرىستىك تەرەپلىرى بولىدۇ:

1. ھوقۇق جەھەتتىن توتېمىزمدا «ئانا ھوقۇقى» ئىجرا قىلىنىدۇ. تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ ئائىلىسى «ئاتا ھوقۇقى» ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان پەدەرىي خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. بىر ئۇرۇق دىنى بولغان توتېمىزمدا مۈلۈك ئورتاقلىقى بولىدۇ، تۈركىي تىللىق قوۋملەردە بولسا خۇسۇسىي مۈلۈك چوڭ رول ئوينىغان.

2. توتېمىزمدا  ئوخشاش بىر توتېمغا مەنسۇپ بولغانلار ئۆزئارا تۇغقان ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ،  تۈركىي تىللىق قوۋملەردە قانداشلىققا تايانغان.  

3. توتېمچى ئۇرۇقلار ئىقتىساد جەھەتتىن ئوۋچىلىق ۋە يىغمىچىلىقنى ئاساس قىلغان تەييار ئىقتىسادقا تايانغان. تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ ئىقتىسادى چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان.

4. توتېمچى ئىنسان توپلىرىدا ھەر بىر ئۇرۇقنىڭ ئەجدات دەپ تونۇيدىغان ئايرىم بىر توتېمى بولىدۇ. تۈركىي تىللىق قوۋملەردە بولسا پۈتۈن بىر مىللەت مۇقەددەس ھېسابلايدىغان بىرلا ھايۋان مەۋجۇت ئىدى. توتېمىزمدا يالغۇز ھايۋانلا ئەمەس، بەلكى يەنە  بىر تال تاش ۋە يامغۇر سۈيى، ھەتتا ھايۋاننىڭ قۇيرۇقى، تىلى، تاپىنى، تۈكىمۇ  توتېم ھېسابلىنىدۇ.  تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ بۆرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشى ئۇنىڭ نەچچە يۈز مىڭ ھايۋان پادىسى ئوتلايدىغان بوزقىرلاردىكى قورقۇنچلىق ھايۋانغا ئايلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭغا دىنىي بىر تەسەۋۋۇرنى ئاساس قىلىپ كۆرسىتىش قىيىن.  داستانلاردا بۆرىنىڭ بىرلەشتۈرگۈچى بىر خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى كلان ــ ئائىلىلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىدىغان ۋە ئۇلارنى بىر-بىرىگە قارىمۇ–قارشى قىلىپ قويىدىغان توتېم چۈشەنچىسىگە زىت كېلىدۇ.

5. توتېمىزمدىكى ئۇرۇقلاردا ھەر بىر كىشى توتېمنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. ھالبۇكى، تۈركىي تىللىق قوۋملەردە ھەر بىر كىشى ۋە ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئايرىم نامى بار ئىدى.  ئۇلاردا «بۆرە ئاتا» ياشىغان يەر دەپ قوبۇل قىلىنغان غارلاردا بەلگىلىك مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسى بۆرىنىڭ ۋۇجۇدى (تېنى) بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈشى قاراڭغۇ تارىخقا ئايلانغان قەدىمىي بىر خاتىرىنىڭ جانلاندۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.   

6. توتېمىزمدا ھەر بىر ئۇرۇق توتېمغا چوقۇنىدۇ. لېكىن، تۈركىي تىللىق قوۋملەر بۆرىگە چوقۇنغان ئەمەس.  

7. كىشىنىڭ ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر قانداق نەرسىنى مۇقەددەسلەشتۈرىدىغان «مانا» (سىرلىق بىر كۈچ) چۈشەنچىسى توتېمىزمنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىي تىللىق قوۋملەردە بۇ چۈشەنچە بولمىغىنىدەك، توتېمىزمدىكى روھنى ئۆلىدۇ دەپ قارايدىغان ئېتىقادقا قارشى ھالدا كائىناتنىمۇ روھلار دۇنياسى سۈپىتىدە بىلگەن قەدىمكى تۈركىي تىللىق قوۋملەردە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى روھنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىدى . شۇ سەۋەبتىن، ئەجداتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر ئۆتكۈزۈلەتتى ۋە قۇربانلىق قىلىناتتى[⑥]. ‏‏يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆزلەرمۇ ئەجداتلارنىڭ سىمۋولى ئىدى. ئومۇمەن، تىلشۇناسلىققا ئائىت تەتقىقاتلارمۇ تۈركىي تىللىق قوۋملەردە توتېمىزمنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەمەلىيەتتىمۇ تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ ئېتىقاد شەكلى توغرىسىدا ئەڭ ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنى بېرىدىغان «ئورخۇن ئابىدىلىرى» بىلەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە توتېم ھەققىدە ھېچقانداق بىر گەپ–سۆزنىڭ ئۇچرىماسلىقى ئۇلاردا توتېم چۈشەنچىسىنىڭ يوقلۇقىدىن تولۇق بېشارەت بىرىدۇ. «ئوغۇزنامە» داستانىدىكى ئوغۇز قاغانغا يول باشلىغان كۆك بۆرىنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى، يەنى بۇ بۆرىنىڭ كۆكتىن چۈشكەن نۇرنىڭ ئىچىدىن پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلاردىنمۇ تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرە چۈشەنچىسىدە توتېم ئىزىنىڭ يوقلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش زۆرۈركى، خەنزۇ مەنبەلىرىدە بۈيۈك ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر ئائىلىسىنىڭ «ئەجدەرھا (لۈۋەنت) نەسلى» دەپ ئاتىلىشى، ئۇ دەۋرلەردە خەنزۇلار ئىچىدىكى ھۆكۈمدار ئائىلىلىرىنىڭ كۆپىنچە ھايۋاننى ئاساس قىلىپ ئۆز ئەجداتلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئادىتىنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك (شەندۇڭ ئۆلكىسىدە شۈن دەپ ئاتىلىدىغان پىل شەكىللىك تەڭرى، ئەنخۇي ئۆلكىسىدە يۈ دەپ ئاتىلىدىغان توڭگوز شەكىللىك تەڭرى، خۇبېيدە كالا شەكىللىك تەڭرى، باشقا جايلاردا ئېيىق شەكىللىك تەڭرى چۈشەنچىلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ توتېم ئېتىقاتىدىكى ئەجداتلىرى ئىدى). ئەجدەرھا ئۇلاردا تەبىئەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تەڭرىلەردىن بىرى بولغانلىقتىن، خۇددى ئىرانلىقلارنىڭ تۇران قەھرىمانى ئالپ ئەرتۇڭانى «ئاپراسىياب» (بۇ سۆزنىڭ ئەسلىي يېزىلىشى «فراڭراسيان» بولۇپ، ئۇ ھىندى- ئىران ئۇرۇش تەڭرىسىنىڭ نامى) دېگىنىگە ئوخشاش، ئەجدەرھانىڭمۇ باتۇرنىڭ ئائىلىسىگە ناھايىتى ئاسانلا تېڭىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تۈركىي تىللىق قوۋملەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى توتېمىزم ئاساسىدا راۋاجلانغان ئەمەس. توتېمىزم كۆرۈلمىگەن بىر جەمئىيەتتە توتېمنىڭمۇ  بولماسلىقى ناھايىتى ئېنىق. توتېمىزم ئۆز ئالدىغا بىر سىستېمىدۇر، توتېممۇ پەقەت ئۇنىڭ بىر پارچىسىدىن ئىبارەت. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، بۆرىنى توتېم سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئومۇمەن، توتېمىزم ئىپتىدائىي ئىنسان توپلىرىغا خاس بىر ئېتىقاد سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، تۈركىي تىللىق قوۋملەر بولسا ئىپتىدائىي توپ (توپلۇق، جەمئىيەت) بولۇش خاراكتېرىنى تارىخنىڭ قاراڭغۇ دەۋرلىرىدىلا بېسىپ بولغانىدى. ھۇن ۋە كۆك تۈركلەر دەۋرىدە ئىلغار بىر جەمئىيەت سەۋىيەسىگە يۈكسىلىپ بولغان. شۇ سەۋەبلىك، بۆرىگە كۆرسىتىلگەن ھۆرمەتنىڭ توتېمىزم بىلەن، بۆرىنىڭمۇ توتېم بىلەن ھېچ بىر مۇناسىۋىتى يوق.

«جامىئۇت تەۋارىخ» (تارىخلار جەمئىيسى») ناملىق ئەسەردە ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئونگۇن قۇشلىرىنىڭ كۆرسىتىلىشى، تۈركىي تىللىق قوۋملەر ئارىسىدا ئونگۇن يەنى توتېمنىڭ بارلىقىغا دەلىل ھېسابلانمايدۇ. «جامىئۇت تەۋارىخ» ئىلخانىيلار ۋەزىرى راشىدىننىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن بىر دۇنيا تارىخى. بۇ ئەسەردە تۈركىي تىللىق قوۋملەر ۋە موڭغۇللارنىڭ تارىخى راشىدىننىڭ تەھرىرلىشىدىن ئۆتكەن. مىلادىيە 14-ئەسىرنىڭ بېشىدا يېزىلغان بۇ ئەسەردە موڭغۇل مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ ئىزلىرى كۆرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىلخانىيلار ئەمدىلا قوبۇل قىلغان ئىسلامىيەتنىڭ تەسىرىمۇ ئەسەردە ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن، بۇ ئەسەر مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇنلا، ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن «ئوغۇزنامە» داستانى «جامىئۇت تەۋارىخ»تا كۆك بۆرە موتىفىدىن خالىي شەكىلدە، يەنى بىر قارىماققا بۇرمىلانغان ھالدا كىرگۈزۈلگەن. شۇ ۋەجىدىن، راشىدىننىڭ ئوغۇزلارغا ئونگۇن (توتېم) يۈكلىشىگە قارىتا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئۇيغۇر  مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەردىن بىرى بولغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە ئوغۇزلارنىڭ ھەر بىر قەبىلىسىگە ئائىت بەلگە ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرى ئېنىق بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوغۇز قەبىلىلىرىگە سىمۋول ھېسابلىنىدىغان قۇشلارنىڭ ئونگۇن (توتېم) سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەسلىكى دىققەتنى تارتىدۇ. ئوغۇزلارنىڭ تارىخىدا توتېم دەۋرىنىڭ بولغانلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئوغۇزلاردا ئونگۇن قۇشلىرىنىڭ بولغانلىقى توغرىسىدا باشقا ئەسەرلەردە ھېچقانداق مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ. شۇ سەۋەپلىك، ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئونگۇنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانلىنىش ئورۇنلۇقتۇر[⑦]. بۇ، ئوغۇز قەبىلىلىرىگە ئونگۇن(توتېم)لارنىڭ يۈكلىنىشىنىڭ كېيىنكى دەۋرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «ئونگۇن» دېگەن ناممۇ بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلىدۇر. بۇ نامنىڭ يىلتىزى بولغان «ئوڭ» سۆزى تۈركچىدە «تەلەي، دورۇست، ئوڭ تەرەپ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.[⑧]  ئەمما، بۇ يىلتىزدىن شاخلانغانلىقى مەلۇم بولغان «ئونگۇن» نامى موڭغۇل دەۋرىدىن بۇرۇنقى تۈركچە ئەسەرلەردە ئۇچرىمايدۇ. بۇنىڭدىن، تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ ئونگۇن (توتېم) ئۇقۇمىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ نامنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى موڭغۇل تەسىرى بىلەن ئوغۇز قەبىلىلىرىگە  مال قىلىنغانلىقىنى ياكى ئۇلارغا زورلاپ تېڭىلغانلىقىنى ئېيىتىشقا بولىدۇ.

تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ ئەكسىچە موڭغۇللار بىر ئورمان قوۋمى بولۇپ، ئاسالاك (تەييار) ئىقتىسادقا تايىنىدىغان، ئانا ھوقۇقى ۋە توتېم چۈشەنچىسى كۈچكە ئىگە بولغان، يەنى توتېمىزمنىڭ پۈتۈن ئامىللىرى كۈرۈلگەن بىر توپلۇق ئىدى. ئىلخانىيلار موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ مەركىزىدىن يىراقتا قۇرۇلغان بولۇشىغا قارىماي، موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كۈچلۈك دەرىجىدە مۇھاپىزەت قىلغان، شۇنىڭدەك تۈرك ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگىمۇ كۈنسېرى ئۇچراشقا باشلىغانىدى. بۇ ئۈچ خىل مەدەنىيەت بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشپ كەتكەن بىر دەۋردە، موڭغۇل توتېم چۈشەنچىسىنىڭ ئوغۇزلارغىمۇ تېڭىلغانلىقىدىن يىتىرقاشنىڭ ھاجىتى يوق.

19-ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمىدا گېرمان مىللىتىدىن بولغان رۇسىيەلىك ئالىم ۋ.ۋ. رادلوف قاتارلىق بىر مۇنچە شەرقشۇناسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ئىلمىي پائالىيەتلىرىدە كىگىزدىن ۋە ھايۋان تېرىسىدىن ياسالغان بەزى نەرسىلەر تېپىلغان. بۇ نەرسىلەرگە دىنىي مەنە بېرىلىپ، بۇت (فېتىش) شەكلىدە خاراكتېرلەندۈرۈلگەن، شۇنىڭدەك بۇ توتېمىزمدىكى شۇرىنگا بىلەن ئوخشاش دەپ قارىلىپ، تۈركىي تىللىق قوۋملەر ئارىسىدىكى توتېمىزمنىڭ ئىزلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش باشلانغان. بۇ خىل ئىزدىنىشلەر ئىلىم دۇنياسىدا خېلى كۆپ ھىمايىچىگە ئېرىشىپ، تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا تۆتېمىزمنىڭ بولغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان قاراشنى كەڭ يايغان. شۇنى ئېيتىش كېرەككى، بىر تار دائىرىدىكى تېپىلمىلارنىڭ پۈتۈن بىر مىللەتكە ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇن تارىخىغا مال قىلىۋېتىلىشى، قەدىمكى مەدەنىيەتكە بۇ جەھەتتىكى مەنىنىڭ يۈكلىنىشى  خاتا بىر مېتودتىن باشقا نەرسە ئەمەس.  شۇڭا، بۇ ئەستائىدىل توختىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە. بولۇپمۇ تۈركىي تىللىق قوۋملەردىكى «تۆز» چۈشەنچىسى ۋە ئەجداتلارغا چوقۇنۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىش  بۇ جەھەتتىكى قاراشلارنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلىشىغا تولىمۇ پايدىلىق.

فېتىش ــ ئىنسانغا ئامەت–تەلەي ئاتا قىلىدىغان ۋە كىشىلەر تەبىئەت كۈچلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە دەپ قاراپ چوقۇنىدىغان نەرسە ياكى ھايۋاننى كۆرسىتىدۇ. بۇ نامدىن ياسالغان فېتىشىزم ــ تۇنجى قېتىم غەربىي ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ دىنىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان. بۇ ئېتىقاد تۈرىنىڭ ئانىمىزم بىلەن بەلگىلىك باغلىنىشى بار. ئاساسى نېگىزىدىن قارىغاندا، فېتىشىزم دۇنيانىڭ سېھرىي نۇقتىدىن چۈشىنىلىشىگە باغلىنىدۇ. لېكىن، فېتىشىزمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنسان توپلىرى ئارىسىدا كۈچكە ئىگە بولغانلىقىغا دائىر ئىسپات يوق. شۇنداقتىمۇ تۈركىي تىللىق قوۋملەردە تۆز ئۇقۇمى راۋاجلانغان. «تۆز» پەلسەپەدە «ئۆزگەرگەن نەرسىلەرنىڭ ھېچبىر ئۆزگىرىشكە ئۇچرىمايدىغان قىسمى، يەنى جەۋھەر ياكى سۇبىستانسىيە»[⑨] سۈپىتىدە چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئانادولۇ(ئاناتولىيە)دىكى تۈرك خەلقى ئارىسىدا «ئۇل»، «ئاساس» مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. «تۆز» سۆزى مەنە جەھەتتىن  «ئەسلى»، «يىلتىز»، «مەنبە»، «ماھىيەت» دېگەنلىك بولىدۇ. قوچۇ خانلىقى ۋە قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ۋە كېيىنچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا مۇشۇ مەنىنى ساقلىغان. ياقۇتلاردا «تۆز» سۆزى «تانگارا» دەپ ئاتالغان. ئالتايلىقلار قوغدىغۇچى روھلارنى «تۆس» دەپ ئاتايتتى[⑩]. تۈركىي تىللىق قوۋملەر ئەجداتلىرىنىڭ تەسۋىرىنى ياساپ ساقلايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ روھى كونكرېت بىر خاتىرىگە ئايلىناتتى. 13- ئەسىردە شەرققە ساياھەت قىلغان فرانسىيەلىك رۇبرۇك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنداق بىر خاتىرىنى كۆرگەن. ئۇ بۇ توغرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇيغۇرلار بىر تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. تەڭرىنىڭ ئىنسان ياكى باشقا جىسىم شەكلىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ.‹ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ بۇت ياسىدىڭلار›دەپ سورىسام، ئۇيغۇر راھىبى‹بىز بۇتلارنى تەڭرىنىڭ تەسۋىرى دەپ قارىمايمىز. بىزدە بىرسىنىڭ ئوغلى، ئايالى ياكى باشقا بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ بۇ يەرگە تىزىپ قويىدۇ. بىزمۇ بۇلارنى ئۆلگۈچىنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە قەدىرلەپ ساقلايمىز›دەپ جاۋاپ بەردى»[11]. تۈركىي تىللىق قوۋملەردىكى ئەجداتلارغا چوقىنىشنى باشقىلار يېتەرلىك دەرىجىدە تۇنۇپ يېتەلمىگەن. شۇڭا، خەنزۇ مەنبەلىرىدىمۇ تۆز «تەڭرىنىڭ تەسۋىرى» سۈپىتىدە بىلدۈرۈلگەن. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ، تۆزنى فېتىشنىڭ دەل ئۆزى دەپ قارىغان. ھالبۇكى، تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ بۇت (فېتىش)قا چوقۇنغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ھۆججەت ئۇچرىمىدى.

تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ ھوقۇق چۈشەنچىسىدە ئاتا ھوقۇقى كۈچكە ئىگە ئىدى. بۇنىڭ دىن ساھەسىدىكى بەلگىسى ـــ ئۆلۈپ كەتكەن چوڭ (ئۇلۇغ) كىشىلەرگە ۋە ئەجداتلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىش ئىدى. ئەجدات روھىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش، ئەجداتلارغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرىنى ئىپادىلەيدىغان مۇقەددەس غارلاردا مۇراسىم ئۆتكۈزۈش  دەل ئەجداتلارغا چوقۇنۇش ئېتىقادىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. تۈركىي تىللىق قوۋملەر تۆزگە ئىلاھىي مەنە يۈكلىمىگەن. ئەكسىچە، بۇنى ئۆلۈپ كەتكەن چوڭلار (ئەر  ياكى ئايال) نىڭ خاتىرىسىنى جانلىق ھالدا ساقلايدىغان بىر سىمۋول سۈپىتىدە كۆرگەن. بۇنىڭدىن،  موڭغۇللاردىكى «ئونگۇن» ئاتالغۇسى بىلەن تۈركىي تىللىق قوۋملەردىكى «تۆز» ئاتالغۇسى ئوتتۇرىسىدىمۇ پەرق بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ھەر ئىككى ئاتالغۇدىكى ماھىيەت بىر بىرىگە پۈتۈنلەي زىت ئىدى. مىلادىيە 13- ئەسىردە بۇددىست ئۇيغۇرلار (قوچۇ ئۇيغۇرلىرى)نىڭ ئىبادەتخانىلىرىدا بۇ تۆزلەر بار ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ توتېمىزم بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇرلار تۆزلەرنى تەڭرى تەسۋىرى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن ئادەملىرىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ياساپ ئىبادەتخانىلاردا ساقلىغان. ئەبۇل غازى باھادىرخانمۇ ئۆز ئەسىرىدە تۆز توغرىسىدا توختىلىپ : «بىر كىشىنىڭ يېقىن بىر ئادىمى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ سۈرىتىنى ياساپ ئۆيدە ساقلايتتى»[12] دەپ يازغانىدى. دېمەك، بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن فېتىش دەپ قارالغان تۆزنىڭ ئەسلىدە ئەجداتلارنىڭ تەسۋىرى ۋە ئەجداتلارغا چوقۇنۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى مەلۇم. يەنى تۆزنىڭ فېتىش، توتېم ۋە ئونگۇن بىلەن ئوخشاشلىقى يوق. شۇ ۋەجىدىن، تۆزلەر ئىچىدە ئۇچرايدىغان بۆرە تەسۋىرىنىمۇ توتېم سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ تەسۋىرلەر ئەجدات سۈپىتىدە بۆرىگە بولغان ھۆرمەتنىڭ سىمۋوللاشتۇرۇلىشىدۇر.

توتېم توغرىسىدا يەنە شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، «ئوغۇزنامە» داستانىدا كۆك بۆرىنىڭ ئوغۇز قاغاننى يۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ قوشۇنىغا يول باشلاپ ماڭغانلىقى (قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى) تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ يىتەكچىلىك ۋەزىپىسى ئوغۇز قاغاننىڭ دۇنياۋى دۆلەت قۇرۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، كۆك بۆرە داستاندا قايتا ئۇچرىمايدۇ[13]. ئەگەر كۆك بۆرە توتېم  بولغان بولسا بىر ۋەزىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا غايىپ بولمايتتى، بەلكى كىشىلەرگە دائىم ھەمرا بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقاتتى. دېمەك، داستانلاردا ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىدە مۇھىم بىر مۇتىف سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن بۆرىنىڭ توتېم بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتۇر.   

ئەمدى بۇ يەردە بۆرە (كۆك بۆرە) تۈركىي تىللىق قوۋملەردە توتېم قىلىنمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ھايۋان بۇ قوۋملەرنىڭ روھىيىتىدە زادى قانداق مەنىنى بىلدۈرەتتى؟ دېگەن سوئال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

قەدىمكى تۈرك داستانلىرىدىكى بۆرە مۇتىفىدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، بۆرە تۈركىي تىللىق قوۋملەر تەرىپىدىن قۇتقازغۇچى، نەسىلنى داۋاملاشتۇرغۇچى (يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ تۇنجى ئاتىسى ياكى ئانىسى) ۋە يول كۆرسەتكۈچى (رەھبەر) سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بىر مىللەتنىڭ تالاي ئەسىر تارىخ سەھنىسىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىشى، پەقەت مۇشۇ خىل سالاھىيەت بىلەن مۇمكىنچىلىككە ئېرىشىدۇ. تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ داستانلىرىدىكى بۆرە، نۇر ۋە قۇتلۇق تاغ مۇتىفلىرى شۈبھىسىزكى بىر خىل سىمۋول. ئۇلاردا بۆرە  ياشاش ئىقتىدارى، مىللىي رەھبەر، ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاشنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. بۆرە ھەققىدىكى بۇ داستانلاردا  مىللەتنىڭ  زورىيىش، كۈچىيىش ۋە كېڭىيىش يولىدا ئىجرا قىلىش زۆرۈر بولغان پىرىنسىپلارنىڭ بەلگىلىرى ماددىي ئامىللار بىلەن ئىپادە قىلىنغان. بۆرە ئارقىلىق سىمۋولىزمغا ئايلانغان بۇ چۈشەنچە مىللىي بىرلىكنى ساقلايدىغان ۋە ئۇنىڭ كۈچىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر پىكىر ئىدى. مىللەت بۇ پىكىرگە ئىشىنىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغاندا، ھاكىمىيىتىنى ۋە ئۈستۈنلىكىنى قوغدىيالىغان، بۇ پىكرىدىن ئايرىلغان چاغدا، ھالاكەتكە دۇچ كەلگەن. ئۇلارنى بۇ ھالاكەتتىن يەنە بۆرە قۇتقۇزغان. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، تارىختىن بۇرۇنقى ۋە تارىخىي دەۋرلەردىكى نۇرغۇن مىللىي قەھرىمانلارنىڭ ۋە مىللىي رەھبەرلەرنىڭ ئوبرازى بۆرە ـــ كۆك بۆرىگە سىمۋول قىلىنىش ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان.  

مەلۇمكى، بۆرە تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ ھاياتى بىلەن زىچ باغلانغان ھايۋان ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ خاراكتېرى ھەر قانداق بىر ھايۋاندىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق، چاققان، جەسۇر، تاقەتلىك ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھى ئۈستۈن ئالاھىدە بىر ھايۋان. بۆرە دەخلىسىز ، ئەركىن  ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، ئۇنى بويسۇندۇرغىلى ۋە قولغا ئۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۆرە توپلىشىپ (ئۆم) تەشكىللىك ياشايدۇ، ئۆز توپىغا سادىق ۋە ۋاپادار بولىدۇ، سەركىسىگە قەتئىي ئەگىشىدۇ. سىرىتقا قارىتا ھەر ۋاقىت ئىنتايىن سەزگۈر تۇرىدۇ ھەم نەزىرىنى يىراققا تىكىدۇ.  ياشاش ئىقتىدارى ۋە ماسلىشىش روھى  ئىنتايىن ئۈستۈن. ئىنسانلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ. مەغلۇبىيەتتىن قەتئىي ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ ۋە نىشاندىن ئاسان ۋاز كەچمەيدۇ. بۆرە باشقىلاردىن ھىممەت كۈتمەيدۇ ۋە ھەر قانداق شارائىتتا ھىيلە ئىشلەتمەيدۇ. شۇڭا، ئاچ قالغان تەقدىردىمۇ تۈلكىنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ. دېمەك، بۆرە بىر ھايۋان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر روھ جۇغلانغان. بۆرىنى تەتقىق قىلغانلارمۇ ئۇنىڭ ئېگىلمەس روھقا ۋە ئەركىن ھاياتقا سىمۋول بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئاسىيادا بۆرە بىلەن ئەڭ ئاۋۋال ۋە ئەڭ كۆپ ئۇچراشقان تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ بۆرىنىڭ ئاشۇ خۇسۇسىيەتلىرىنى تۇنۇپ يېتىشى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىگە سىمۋول قىلىپ تاللىشى تەبىئىي ئىدى. دېمەك، بۆرە توتېم بولماستىن، بەلكى بىر پىكىر ۋە ئىدىيولوگىيەنىڭ، يەنى ئىجتىمائىي ھايات نىزامىنىڭ ئەكس ئېتىشىدىن ئىبارەت. شۇ سەۋەبلىك، بۆرىگە كۈچلۈك ھۆرمەت كۆرسىتىلگەن. بۇ خىل ھۆرمەت تۈرلۈك سىمۋوللار ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان. مەسىلەن، بەزىدە ئۇ بىر تۆز سۈپىتىدە، بەزىدە ئوغۇز  قاغاننىڭ «بۆرە بولسۇن بىزگە ئوران» دەپ خىتاپ قىلغىنىدەك ئۇرۇش شوئارى سۈپىتىدە، يەنە بەزىدە بايراق (ئالتۇن رەڭلىك بۆرە بېشى چۈشۈرۈلگەن بايراق) سۈپىتىدە ئىپادىلەنگەن. بولۇپمۇ بۆرە باشلىق  بايراق ۋە تۇغلار ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. بۆرە باشلىق بايراق ھاكىمىيەتنىڭ ۋە مۇستەقىللىقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانىدى. بايقال كۆلى ئەتراپىدا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1000-يىللارغا مەنسۇپ بىر قەبرىدىن تۇچتىن ياسالغان بۆرە بېشى شەكلىدىكى بىر بايراق تېپىلغان[14]. ئوبۇل قاسىم فىردەۋسى «شاھنامە» داستانىدا ئىرانلىقلار بىلەن ئۇرۇشقان تۇران پادىشاھى ئاپراسىيابنىڭ بۆرە باشلىق بايرىقىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان[15]. مىلادىيە 10-ئەسىردە ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىسمى نامەلۇم بىر ئۇيغۇر شائىرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن «ئوغۇزنامە» داستانىدا، ئوغۇز قاغاننىڭ قوشۇنىنىڭ كۆك رەڭلىك بايرىقى ئۈستىگە بۆرىنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ[16].  ھۇنلارغا ئائىت نوئىن-ئۇلا قورغىنىدىن تېپىلغان نەرسىلەر ئىچىدە بۆرە باشلىق بىر بايراق بار[17]. تابغاچ (توبا) خانلىقى تەۋەسىدە بۆرە تېغى ۋە بۆرە دەرياسى دەپ ئاتالغان تاغ - دەريالار بار ئىدى.[18] كۆك تۈركلەرنىڭ ئوردىنى قوغدىغۇچى قىسىملىرى «بۆرە» دەپ ئاتالغىنىدەك، ئوردا دەرۋازىسىغىمۇ بۆرە باشلىق بايراق ئېسىلغان. ئالتاي تاغلىرىدىمۇ «بۆرە تېغى» دەيدىغان بىر مۇنچە چۇققا بار ئىدى. كۆكتۈركلەردىن چېپى قاغاننىڭ بۆرە تېغى ۋىلايىتىگە ۋالى بولغانلىقى مەلۇم[19]. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك قاغانى مويۇنچۇر تاڭ سۇلالىسىنىڭ بىر  گېنېرالىنى بۆرە باشلىق بايراققا مەجبۇرى تازىم قىلدۇرغان[20]. مىلادىيە 6~8- ئەسىرلەرگە ئائىت كۈسەن مىڭئۆي تام رەسىملىرى ئىچىدە بۆرە باشلىق گۈرزە ۋە بايراق كۆتۈرۋالغان ھۆكۈمدار ۋە ئالپلارنىڭ رەسىمى بار. تۇرپاندىكى مىڭئۆي تام رەسىملىرى ئىچىدىمۇ بۆرە باشلىق بايراقنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ شەكىلدىكى تەسۋىرلەر ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى مىنياتۈرلەردىمۇ ئۇچرايدۇ[21]. كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر داۋامىدا ‹‹كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى››دىن بۆرە باشلىق ئىككى موتىف بايقالغان. ئالىملار بۇنىڭ بۆرە باشلىق ئەجدەرھا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. باي ناھىيەسىگە قاراشلىق قىزىلنىڭ ناگا (راگاھ) دېگەن يېرىدىكى كۆك تۈرك ياكى ئۇيغۇرلار دەۋرىگە مەنسۇپ تام رەسىملىرىدە قاغاننىڭ بۆرە باشلىق بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئالپنىڭ بۆركىدە‹‹كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى››دىكى بۆرە باشلىق مۇتىفقا ئوخشايدىغان بىر تەسۋىر بار. ‹‹كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى››دا كۆرۈلگەن ۋە دۆلەت بەلگىسى قىلىنغان بۆرە باشلىق تەسۋىرلەر ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى بىلگە قاغاننىڭ نامىغا ئاتاپ تىكلەنگەن ۋە ئالپ باغا ئىنانچۇ تارقاننىڭ ئەسىرى ھېسابلانغان بىتىگ تاشنىڭ ئۈستىدىمۇ بار. تابغاچ تۈركلىرىنىڭ قەبرە تاشلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن بۆرە باشلىق بۇ مۇتىفلار 6~8-ئەسىرلەردە ياسالغان قىرغىز قورغانلىرىدىن بىرىدە ساقلانغان تاش لەۋھە ئۈستىگىمۇ ئىشلەنگەن. قىرغىز قورغىنىدىكى مۇتىف ‹‹كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى››دىكى بۆرە باشلىق مۇتىفقا بەكلا ئوخشايدۇ.[22] بۇلار، بۆرە (كۆك بۆرە)نىڭ ھوقۇقىي خاراكتېرگە ئىگە سىمۋول ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى 1987-يىلى خېجىڭ ناھىيەسىدىكى جابغا قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 2800 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ «تۆگۈلمە بۆرە نۇسخىلىق مىس كۆرگۈ»نى تاپقان. بۆرە مۇتىفى ۋە سەنئەت تارىخى تەتقىقاتىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان بۇ ئەسەر ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتىدۇ. تارىخىي خاتىرىلەر، داستانلار، سەنئەت ئەسەرلىرى، ھاكىمىيەت بەلگىلىرى ۋە ھەر خىل بەلگە- نىشانلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، بۆرە موتىفى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن تارتىپلا تۈركىي تىللىق قوۋملارنىڭ چۈشەنچىسىدە دىنىي خاراكتېردىكى بىر ئوبراز سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى دىن بىلەن ھېچقانداق بىر زىددىيەتلىك ھالەت شەكىللەندۈرمىگەن بىر سىمۋول سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك تەڭرى دىنى، بۇددىزم ، مانىزم ۋە ئىسلامىيەت شارائىتىدىكى ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىدە بۆرە موتىفى ھەققىدىكى بۇ چۈشەنچە ئۆزگەرمەي ئىزچىل داۋام قىلغانىدى.   

ئومۇمەن، مەدەنىيەت تارىخىمىزدا كۆرۈلگەن بۆرە ـــ توتېمىزمغا مەنسۇپ بىر بەلگە، يەنى توتېم قىلىنغان بىر ھايۋان بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ مىللەت، ھاكىمىيەت، مەۋجۇتلۇق ۋە ئىستىقبال ئۈستىدىكى، بولۇپمۇ مىللىي داھىلىرى ھەققىدىكى پىكرىنىڭ ئوبرازلاشقان ۋە داستان شەكلىدە داۋاملاشقان بىر بەلگىسى سۈپىتىدە مىللىي سىمۋولغا ئايلانغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىدا ھۆكۈمدار ئىلىگنى «بۆرە» نامى بىلەن ئاتىشىمۇ[23] بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.




[①]  ۋ. ئېبېرخارد: «چىن تارىخى»، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، 1995-يىلى تۈركچە نەشرى، 64-بەت.


[②] «تۈرك ئېنسكلوپېدىيەسى»(  30-،31 - توم، 2- قىسىم )، «توتېم» ماددىسى،1981-يىلى تۈركچە نەشرى، 350-بەت.


[③]ئاھمەت تاشاغىل : ‹‹كۆكتۈركلەر››(1-توم)،  تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، 2003- يىلى تۈركچە نەشرى، 11-بەت.


[④]  、ئاھمەت تاشاغىل : ‹‹چىن مەنبەلىرىگە كۆرە قەدىمكى تۈرك قەبىلىلىرى››، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، 2004-يىلى، تۈركچە نەشرى، 39- بەت.


[⑤] ل. ن. گۇمىليېف : «قەدىمكى تۈركلەر»، سېلىنگا نەشرىياتى، 2003-يىلى تۈركچە نەشرى، 109-بەت.


[⑥] ئىبراھىم كافەسئوغلۇ : ‹‹تۈرك مىللىي كۈلتۈرى››، ئۆتۈكەن نەشرىياتى،  2004- يىلى  تۈركچە نەشرى، 298 -،333 - بەتلەر .


[⑦] مەھمۇد كاشغەرىي : «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (1-توم)، 1985-يىلى تۈركچە نەشرى، 55-، 56-، 57-، 58- بەتلەر؛ فارۇق سۇمېر : «ئوغۇزلار»، 1992-يىلى تۈركچە نەشرى، 166-بەت.


[⑧] ئا. جافەرئوغلى : «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكى»، 1968-يىلى تۈركچە نەشرى، 250-بەت.


[⑨] ئورخان خانچەرلى ئوغلى : «پەلسەپە سۆزلۈكى»، رەمزى نەشرىياتى، 1996-يىلى تۈركچە نەشرى، 419-بەت.


[⑩] ب. ئۆگەل : «تۈرك مىتولوژىسى» (1-توم)، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، 1971-يىلى تۈركچە نەشرى، 125-، 441-بەتلەر.


[11] ئابدۇلقادىر ئىنان : «تارىختا ۋە بۈگۈن شامانىزم»، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، 2000-يىلى تۈركچە نەشرى، 43-بەت.


[12] جەمال شەنەر : «شامانىزم» (تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دىنى)، ئەتىك نەشرىياتى، 2001-يىلى تۈركچە نەشرى، 68-بەت.


[13] ۋ.باڭ ۋە رەشىد رەھمەتى ئارات : ‹‹ئوغۇز قاغان داستانى››، رەشىد رەھمەتى ئارات : ‹‹ماقالىلار››(1-توم)، تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى ، 1987- يىلى تۈركچە نەشرى، 630- بەت.  


[14]  «تۈرك ئېنسكلوپېدىيەسى» (33-توم)، «ئۇيغۇر سەنئىتى» ماددىسى، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، 1984-يىلى تۈركچە نەشرى، 32-بەت.


[15] «ئىسلام ئېنسكلوپېدىيەسى» (2-توم)، «بايراق» ماددىسى، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، 1979-يىلى تۈركچە نەشرى، 403-بەت.


[16] «مىللەت لۇغىتى»، لۇغەت نەشرىياتى، 1987-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 169-بەت.


[17] ياشار چورۇھلۇ : «تۈرك مىتولوژىسىنىڭ ئانا خەتلىرى»، كابالجى نەشرىياتى، 2002-يىلى تۈركچە نەشرى، 135-بەت.


[18]  ۋ.ئېبېرخارد : ‹‹چىننىڭ شىمالىي قوشنىلىرى››، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، 1996- يىلى تۈركچە نەشرى، 86-، 88- بەتلەر.


[19] جاڭ رېنتاڭ : ‹‹تاڭ دەۋرىدىكى شەرىقى كۆكتۈركلەر ھەققىدە يېڭى ھۆججەتلەر››، 1968- يىلى تۈركچە نەشرى،  120-بەت.


[20] «تۈرك ئېنسكلوپېدىيەسى» (8-توم)، «كۆك بۆرە» ماددىسى، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، 1976-يىلى تۈركچە نەشرى، 8-بەت.


[21] سەنجەر دىۋىتچى ئوغلۇ : «كۆك تۈركلەر»، ئادا نەشرىياتى، 1987-يىلى تۈركچە نەشرى، 71-بەت.


[22]  ئالى ئۆزتۈرك : ‹‹ئۆتۈكەن تۈرك ئابىدىلىرى››، ئۆتۈكەن نەشرىياتى، 1996- يىلى تۈركچە نەشرى، 128- بەت.


[23]  ئا. جافەرئوغلۇ : ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››(2- قىسىم)،  ئەندەرۇن نەشرىياتى، 1984- يىلى تۈركچە نەشرى، 55- بەت.




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 09:15:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ماقالىلار كۆپرەك چىقسا بولاتتى , نادىرلاشقا ئەڭ لايىق ئەسەركەن 。 بەك سۆيۈندۈم 。

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش