«ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان» خەلق ناخشىسىمۇ ياكى ئىجادىي ناخشىمۇ
مەن ئالىي مەكتەپكە كېلىپ «يالقۇنروزى - مۇختار بۇغرا تالاش-تارتىشى»نى پەيدا قىلغان «ئىجادىيەتنىڭ قىمممىتى ئىجادىي پىكىرنىڭ سالمىقىدا»(يالقۇن روزى)ناملىق ماقالە بىلەن «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» (مۇختار بۇغرا) ناملىق ماقالىنى توردىن كۆرگەندىن كېيىن ئىككى ماقالىدىكى باشقا مەزمۇنلارغا قارىغاندا «ئانام قۇنىخان،دادام كارۋان» ناخشىسىنى تالاش-تارتىش قىلغان قىسمىغا بەكرەك قىزىقتىم ۋە بەكرەك دىققەت قىلدىم. كاللامغا « ‹ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان› زادى خەلق ناخشىسىمۇ ياكى ئىجادىي ناخشىمۇ» دېگەن سۇئال كېلىپ، بۇ سۇئال مېنى تاكى تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن ئەپەندىنىڭ «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان« مۇسىبەت ناخشىسى ‹ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان› ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىنى كۆرگىچە قىينىدى. بۇ ماقالىنى ئوقۇش ئارقىلىق بىلدىمكى، «ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان» خەلق ناخشىسى ئىكەن. مەن باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تۆۋەندە تەپسىلىيرەك توختىلىمەن.
مۇختار بۇغرا ئەپەندى ئۆزىنىڭ يالقۇن روزىنىڭ ماقالىسىگە قارىتا يازغان «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» دېگەن ماقالىسىدە «ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان» ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق يازغان:
« ‹دادام كارۋان، ئانام قۇنىخان› خەلق ناخشىسى ئەمەس، ئىجادىي ناخشا. ئوبزورچىنىڭ بوھتانىغا ‹قىزىلسۇ ئەدەبىياتى›ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق3-،4-قوشما سانىدا مۇھەممەتجان سەيدۇللا، نۇرشات مۇھەممەتئېلى،ئابدۇشۇكۈر ئابدۇرېھىم قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ ‹ئېزىز ئاتۇش ۋە ئۇنىڭ ناخشىلىرى›ناملىق ماقالىسىدىكى شۇ ناخشىنىڭ ئاھاڭىنى ئىجاد قىلغان ئېزىز ئاتۇشنىڭ بايانلىرى رەددىيە بولالايدۇ. پەيزاۋاتنىڭ بەشتام دېگەن يېرىگە ھاممامنى يوقلاپ بارسام، بىر ئۆلۈم ھازىسى ئۈسىتىگە بېرىپ قاپتىمەن، ئۇيەردە ھازىدارلارنىڭ ھازا قوشاقلىرىنى ئېيتىپ، ھازا ئاچقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنداق ئېيتىپ بېقىپ، بۇنداق ئېيتىپ بېقىپ، ئۇ قوشاقنى ئاھاڭغا سالدىم.شۇنىڭ بىلەن بۇ ناخشا ئاتۇشقا تارالدى. كېيىن ‹ئەنجۈر ۋادىسىدا شادلىق› فىلىمىنى ئىشلىگەندە، مۇختار بۇغرا تېكىستىنى قايتا يېزىپ چىقتى. مانا ھازىر ‹دادام كارۋان،ئانام قۇنىخان› ناملىق ناخشا پۈتكۈل خەلق ئارىسىغا تارقىلىپ كەتتى».
ئەمدى، بىز مۇختار بۇغرا ئەپەندى بىزنى ۋاقىپلاندۇرغان «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق3-،4-قوشما سانىدىكى«ئېزىز ئاتۇش ۋە ئۇنىڭ ناخشىلىرى» ناملىق ماقالىدىكى ئېزىز ئاتۇشنىڭ بايانلىرىغاقاراپ باقايلى:
« ‹ئانام قۇنىخان›دېگەن ناخشىنىڭ ۋەقەلىكىگە كەلسەك، دادامنىڭ ئايىمنىسا ئىسىملىك سىڭلىسى پەيزىۋاتنىڭ 9-يېزىسىدىكى بەشتام دېگەن جايغا ياتلىق بولغان. بىركۈنى مەلۇم ئىش بىلەن ھاممامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قالدىم. بارسام ھاممامنىڭ ئۆگەي ئوغلى كاتتايلاقتا بىر جىنازا نامىزىغا بېرىپ، شۇ ئۆلۈمدە بىر ئايالنىڭ يىغلاپ قاتقان قوشاقلىرىنى يېزىپ كەپتۇ. ئۇمۇ ،دادىسىمۇ سازەندە ئىدى. ‹ئاھاڭغا سېلىپ باقاي دېسەم قاملاشتۇرالمايۋاتىمەن› دېدى.شۇنىڭ بىلەن ‹مەن ئاھاڭغا سېلىپ باقاي›دەپ ئېلىپ كەلدىم. ئاھاڭغا سېلىپ بېقىۋىدىم قاملىشىپ قالدى ۋە خەلق ئىچىگە تارقالدى. كېيىن مۇختار بۇغرا تېكىستلىرىنى بىرقېتىم رەتلەپ چىقتى. ھازىر سەھنىلەردىمۇ ئېيتىلىۋاتىدۇ»( «قىزىلسۇئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 3-،4-قوشما سانى 119-بەت)
يۇقىرىقى ئىككى باياندىن كۆرۈۋالايمىزكى،مۇختار بۇغرا ئەپەندى ئېزىز ئاتۇشنىڭ بايانلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئېسىگە كەلگىنى بويىچە يازغان ياكى بىر قىسىم يەرلىرىنى ئۆزگەرتكەن. شۇڭا مۇختار بۇغرا ئەپەندىنىڭ بايانلىرىدا مەسىلە كۆرۈلگەن. بىرىنچى، بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئېزىز مۇھەممەت ئۆزى ھازىغا قاتنىشىپ شۇ يەردىن رەتلىمىگەن، بەلكى، ھاممىسىنىڭ ئۆگەي ئوغلى كاتتايلاقتىكى ھازىغا قاتنىشىپ شۇيەردىن رەتلىگەن. دېمەك، بۇ بۇ ناخشىنىڭ كاتتايلاقتا ئۇزاقتىن بۇيان تارقىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا، «ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان»كاتتايلاق خەلق ناخشىسى دېگەن پاكىتقىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىككىنچى، بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى مۇختار بۇغرا قايتا يېزىپ چىقمىغان، بەلكى قايتا رەتلەپ چىققان.
ئەمدى، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇننىڭ «مۇسىبەت ناخشىسى‹ ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان› ھەققىدە»ناملىق ماقالىسىدىكى بايانلاردىن ئۇچۇر بېرىپ ئۆتەي:
ئوسمان باخشى بىلەن قۇنىخاننىڭ توققۇزبالىسى بولۇپ، 1948-يىلى قۇنىخان ئالەمدىن ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلانغان قىزى مەزىخان مۇنداق قوشاقلارنى توقۇپ يىغلاپ ئازابىنى تۆكىدۇ:
توققۇزبالىنى
تۇغۇپ چوڭ قىلىپ
قاتارغا قوشقان.
ھۇ...ئانام قۇنىخان،
ئاللا ئانام قۇنىخان.
ۋاي ئانام، ئانام،
دۆلىتىم ئانام.
ماڭسام يېنىمدا،
سۆلىتىم ئانام.
ۋاي ئانام قۇنىخان،
ئاللا ئانام قۇنىخان.
توققۇزبالىنىڭ
بىرىنى ئۇياققا
بىرىنى بۇياققا
ئەۋەتىۋەتكەن
ۋاي ئانام قۇنىخان،
ئاللا ئانام قۇنىخان.
كەتتىڭ ۋاي ئانام،
كەلمەس مەلىسىگە.
سالغان كىم قۇلاق،
يېتىم نالىسىگە.
ۋاي ئانام قۇنىخان،
ئاللا ئانام قۇنىخان.
مانا بۇ قوشاقلار مۇھەممەت چولاق ئىسىملىك كاتتايلاقلىق ئۇستا سازەندە تەرىپىدىن ئاھاڭ ۋە تېكىست جەھەتتىن رەتلىنىپ خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان. كېيىن قايتا رەتلىگۈچىلەر «ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان»دەپ ئۆزلەشتۈرگەن.
بىز مانا بۇ بايانلاردىن «ئانام قۇنىخان،دادام كارۋان» ناخشىسىنىڭ تېكىستى «پەزىۋاتتىن تېپىپ كېلىپ» خەلق ئىچىگە تاراتقۇچى ئېزىز مۇھەممەت تۇغۇلۇشتىن 10يىل ئىلگىرىلا كاتتايلاقتا پەيدا بولغان دەپ بېكىتەلەيمىز ۋە ئېزىز ئاتۇش ئاھاڭغا سېلىشتىن ئىلگىرىلا ئاھاڭغا سېلىنىپ خەلق ناخشىسىغا ئايلانغانلىقىنى، ئېزىز ئاتۇشنىڭ بۇ ناخشىنى خەلق ئىچىگە تارقاتقۇچى ئەمەس، داۋاملاشتۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى؛ مۇختار بۇغرا ئەپەندىنىڭ ئىجاد قىلغۇچى ئەمەس،رەتلىگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
ئاخىرىدا، ئەيسابەگ مامۇت ئورۇنلىغان، مۇختار بۇغرا ئەپەندى «مېنىڭ ئىجادىيىتىم» دېگەن «ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان»ناخشىسىنىڭ تېكىستىگە قاراپ باقايلى:
ئانا مېھرىدىن
دادا مېھرىدىن
ئىسسىق نەرسە يوق
ۋاي ئانام قۇنىخان،
ئاللا ئانام قۇنىخان.
ئانا رىشتىدىن
دادا رىشتىدىن
پىششىق نەرسە يوق
ۋاي ئانام قۇنىخان،
ئاللا ئانام قۇنىخان.
كەتتىڭىزئانام،
كەلمەس مەلىسىگە.
سالغان كىم قۇلاق،
يېتىملەر نالىسىگە.
ۋاي ئانام قۇنىخان،
ئاللا ئانام قۇنىخان.
توققۇزبالىنى
تۇغۇپ چوڭ قىلىپ
قاتارغاقوشقان.
ھۇ...ئانام قۇنىخان،
ئاللا ئانام قۇنىخان.
توققۇزبالىنىڭ
بىرىنى ئۇياققا
بىرىنى بۇياققا
ئەۋەتىۋەتكەن
ۋايئانام قۇنىخان،
ئاللائانام قۇنىخان.
ۋايئانام، ئانام،
دۆلىتىم ئانام.
ۋاي دادام، دادام،
سۆلىتىم ئانام.
ۋاي ئانام قۇنىخان،
ئاللا ئانام قۇنىخان.
مەن ئەيسابەگ ئورۇنلىغان بۇ ناخشا تېكىستىنى يەنە خەلق ناخشىسى نامىدا نۈرگۈل ئېلى ئورۇنلىغان «ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان» ، خەلق ناخشىسى نامىدا ئېزىز ئاتۇش ئورۇنلىغان «ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان» ، مۇھەممەتجان سەيدۇللا، ئەركىن مۇھەممەتلەر تېكىستىنى رەتلىگەن، ئەركىن كېرىم، ئەمرۇللا جامال، خېلىل مەنسۇرلار ئورۇنلىغان «ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان»ناخشىلىرىنىڭ تېكىستى، شۇنداقلا، ئابدۇراخمان ئەبەي، ئەخمەت ئىمىنلار پىلانلاپ2006-يىلى نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى»نىڭ 5-قىسمىنىڭ 120-بېتىدىن126-بېتىگىچە بېرىلگەن «ئانام قۇنىخان» تېمىسىدىكى خەلق قۇشاقلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق پەقەت بەزى كوپلىتلارنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىنىڭ ئازراقلا ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.(ماقالىنىڭ ھەجىمىنىڭ ئارتىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يۇقىرىقى ناخشىلارنىڭ تېكىستى ۋە خەلق قوشاقلىرى بېرىلمىدى).
يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق كەسكىن ھالدا جاكارلاشقا بولىدۇكى، «ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان» مۇختار بۇغرائەپەندىنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس، بەلكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئاتۇش(كاتتايلاق) خەلق ناخشىسى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zumrettash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-2 02:21 PM