مۇسۇلمانلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېت مەدىنىيىتى
ئاپتورى: ئا. بى خان
كەلپاناھ تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلدى
بىر مۇسۇلمان شىمالىي ئامرىكىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا ياكى بىر ئىنىستىتۇتقا ئوقۇشقا كىرگەندە تۇنجى بولۇپ مەدەنىيتى ۋە ھايات شەكلى ئىسلامىي ھايات يولى بىلەن تۈپتىن قارمۇ-قارشى بولغان بىر جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
غەرب جەمئىيىتىدىكى ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ مەدىنىيىتىنى مونۇ ئۈچ سۆزلا ياخشى ئىپادە قىلىپ بېرەلەيدۇ: راھەتپەرەستلىك، نىگىلىستچىلىق (ئۆز بېشىچىلىق)ۋە نارتسىسچىلىق (ئۆزىگە مەستانە بولۇش). مۇنداقچە ئېيتقاندا، جامائەت ئەخلاقىغا يات بولغان نۇرغۇن ئىشلار ئوچۇق ئاشكارە قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ بۇ شەخىسنىڭ نورمال بولغان قىزىقىش ۋە تەبىئىي ئىستەكلىرىنى ياۋايىلاشتۇرۋەتكەن ۋە تاپتىن چىقىرىۋەتكەن. بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئونىۋېرسىتېتنىڭ تۇنجى يىلى ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۆزىنى بىلىش جەريانىدىن ئىبارەت بىر يۆلىنىش بىلەن باشلىنىدىغان بولۇپ بۇ ئەينى ۋاقىتتا يەنە كۆپ ساندىكىلەر ئۈچۈن ئۇلارنى ھاراق ۋە شەھۋانىي تۇرمۇشقا باشلايدىغان پۇرسەتلەر بىلەن تولغاندۇر. تۇنجى يىل ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتىغا ھۇل سالىدىغان بىر يىل بولۇپ، بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇش كۈنلىرىدە دەرسكە بېرىش، ياتاقتا پۈتۈن بىر كۈن ئۇخلاش، ئىچىش، چېكىش، كېچىلىك يىغىلىشلارغا قاتنىشىش، ياكى كۈتۈپخانىغا سولىنىپ ئۆگىنىش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن خالىغان بىرىنى تاللىيالايدۇ ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا قانداق بىر ھالەتتە تۇرىۋاتقانلىقىغا باغلىق بولغان بولىدۇ. شەخىسنىڭ ئارزۇ –ئىستەكلىرى ئەڭ يۇقىرى ئىمتىياز قازىنىدۇ ۋە باشقا ئىشلار تەبىئىيكى مۇھىم بولمىغان ئىشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
ئۇنىۋېرسىتېتتا شەخىسنىڭ دەخلى تەرۇزسىزلىقى ئوقۇغۇچىلار ھەيئىتى ۋە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىنغان قىممەت ئۆلچەملىرىدە ھەم ئەكىس ئېتىدۇ بارلىق ھايات شەكىللىرى، بولۇپمۇ دىندىن ئەڭ يىراق بولغانلىرى ئەنە شۇنداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ قەتئىي ھارام بولغان ، چەكلىمىسىز جىنسىي قىلمىش ئۇلار تەرىپىدىن قوغلىشىدىغان ۋە ئەركەكلىك شۆھرىتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ئامىللاردىن بىرى دەپ قارالغان. ئوخشاش جىنىسلىقلار قىلمىشى پەخىرلىنىدىغان بىر ئىشقا ئايلانغان ۋە ئۆز ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ ئىككىنچى بىر يولى بولۇپ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ۋە يۈرۈشلىرى ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتىدىكى مۇشۇنداق قىلمىشلارغا قارشى ھەققانىي پىكىردە بولغان ۋە بۇ خىل قىممەتلەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلارغا قارشى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش قاراشلىرىغا ۋە چوڭ بىلگەن قىممەتلىرىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلار كونسېرۋاتىپ، دېموكراتىيە دۈشمەنلىرى، دىنىي ئەسەبىيلەر ۋە دىنىي ئەسلىيەتچىلەر دېگەن تۆھمەتلەر بىلە ئاتىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىسېرسىتېت جەمئىيىتىدە شەخىسنىڭ نەفىسى خۇدا بولۇپ ھەربىر كىشى بۇ خۇدانى ياخشىكۆرگەن ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۇنىڭغا ئىتىقاد قىلغان، ئۇنىڭ ياراتقان قانۇنلىرىغا بويسۇنۇپ كەلگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىدىغان قانۇن سۈپىتىدەئۇنىڭغا ماسلىشىپ كەلگەن.
بۇ خىل مۇھىتتا بىر مۇسۇلمان ئىسلامنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەڭ ياخشى ھالەتتە ياشاپ ياشىيالمايۋاتقانلىقىنى پەرق ئېتەلەيدۇ. ئىسلامنى ياشاۋاتقان مۇسۇلمان (گەرچە ئۇ قەدەر سەگەك مۇسۇلمان بولمىسىمۇ)ئاللاھنىڭ بىردىن بىر ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى، قۇرئاننىڭ ئۇنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تەئەلا شۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشىئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ﷲ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى» سۈرە مۇلك 2-ئايەت
ئاللاھ يەنە شۇنداق دەيدۇ: «جىنلارنى،ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.»سۈرە زارىيات 56-ئايەت
شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ مەۋجۇدلىقىنىڭ سەۋەبى ۋە نىشانى روشەندۇر.
ئاڭلىق مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دەرسلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇرئاندىن ۋە سۈننەتتىن بىلىمىنى ئاشۇرۇش ۋە بۇئارقىلىق ئۆز ئېتىقادىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ھاياتىدا ياشاش ئۈچۈن توختىماستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇسۇلماننىڭ ھەر كۈنىنىڭ قۇرۇلمىسى ناماز ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇ تۈزۈپ چىققان كۈندىلىك پىلانلىرىنى بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىش شەرتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ شەخىس روزىنىڭ رولىنى چۈشىنىدىغان بولۇپ ھەرزامان ئۇنىڭغا تەييار ھالەتتە تۇرىدۇ بۇ ئارقىلىق ئوقۇشنىڭ ئەڭ جىددىي پەيتلىرىدە تاپشۇرۇقلىرىنى تولۇق ئورۇنداش ۋە ئەڭ ياخشى نومۇرئېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ، بۇ جەرياندا كۈندۈلىك روزا ھەم ئورۇندالغان بولىدۇ.(يەنى روزا تۇتۇش بىر ئوقۇغۇچىىنىڭ ئوقۇشىنىڭ جىددىي پەيتلىرىدە تۇرۇشى ياكى ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولىشى سەۋەبىدىن ئەكىس تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.)
مەيلى ئاكادېمىك ھايات بولسۇن ياكى باشقا مەسئۇلىيەتلەردە بولسۇن، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىسلام ھەرگىزمۇ بوشىشىپ قېلىشنىڭ بىر باھانىسى ئەمەس. شۇڭا بەزى سەگەك مۇسۇلمانلار مەيلى قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن قۇرئان ۋە سۈننەتكە زىت كېلىدىغان ئىشلارنى قىلمىغان ۋە ئۆز ئىتىقادى بىلەن مۇرەسسەلىشىدىغان ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالمايدىغان ئاساستا بۇ تۈردىكى كۇلۇبلارغا، ھەرىكەتلەرگە ۋە ئۇنىۋېرستىت ھاياتىنىڭ باشقا تەرەپلىرىگە ئاكتىپ قېتىلىشى مۇمكىن . بۇنىڭ بىلەن، ئۆزىگە پۇختا مۇسۇلمانلار ئۇنىۋېرسىتېت ئاتموسفېراسىغا سىڭىپ كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر ئىشتا ئىسلامىي تۈزۈلمىلەرنى باش ئۆلچەم قىلىش ئۈچۈن توختىماستىن كۆرەش قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئوغۇل بولسۇن قىز بولسۇن بىردەك ئاللاھنىڭ شۇئايەتتىكى بۇيرۇقىغا بويسۇنىدۇ:
«ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار(بەسلىشىڭلار).»-سۈرە مائىدە 48-ئايەت
يەنە بىر تەرەپتىن، ئارىدا قالغان مۇسۇلمانلار ھەم بار، گەرچە ئۇلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئىسلامغا بولغان ئاڭلىقلىقى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ھاياتى تەجرىبىلىرى تۈپەيلىدىن ھەقىقي يوسۇندا كۈچلىنەلمىگەن. بۇنداق كىشىلەر ئارىدا قالغان بولۇپ بىر تەرەپتىن ئىسلامغا بولغان چۈشەنچىسى تەرىپىدىن تارتىلىپ تۇرغان بولسىمۇ قارشى تەرەپتىن ئۇنىۋېرسىېتت مەدەنىيتىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى تەرىپىدىن تارتىلىپ تۇرغان. ئارىدا قالغان ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ بېسىمىغا تىز چۆكۈشى ۋە ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ پەقەتلا ۋاقىتلىق مۇسۇلمان بولۇپ قېلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسمۇ ؟
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، خىرىس خېلىلا كۈچلۈك. ئۇنىۋېرىستېت جەمئىيىتىدىكى مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە بۇ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ئىسلامنى ياشاۋاتقان، ھايات تەرتىپىنى ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرىغا بويسۇندۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋە ئۆز مەۋجۇدلىقىنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ يېتەلىگەنلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىردۇر. ئۇلار ئەتراپىدىكى ئوتتۇرىدا قالغانلارنى ھېكمەت ۋە ئوچۇق چۈشەنچە بىلەن ئىزچىل تۈردە ئىسلامغا دەۋەت قىلىشى كېرەك. ئۇلار پەرقلىق يوللار بىلەن بار ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۇنىۋېرسىتېت جەمئىيىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىسلام بىلەن ئۇچراشتۇرىشى كېرەك. شۇنداق، خىرىس ئەلۋەتتە كۈچلۈك . ئەمما ئىنشائاللاھ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان ئەجرى تېخىمۇ كاتتىدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Mr.Nobody تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-2 06:01 AM