ئويغاق پىكىرلىق كىشىلەرگە سىر ئەمەسكى، قاچانكى بىزگە خەيرىلىك بىر ئىش يۈزلەنسە ، شۇ ئىشقا بىر پۇتاق چىقماي قالمايدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئەشۇ ‹‹ پۇتاقچى ›› لارنىڭ دىن ۋە مىللەتنىڭ پايدىسىغا ئىش كۆرىدىغان دۇرۇس نىيەتلىك ۋە ياكى دىن ۋە مىللەتنىڭ زىيىنىغا ئىش كۆرىدىغان قىڭغىر نىيەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلىپ بولمايدۇ. جۈملىدىن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلاردا نورۇز ئۆتكۈزۈش قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئۇنى دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدىغان قانۇنلۇق بايرامغا ئايلاندۇرۇش ئىستەكلىرى يېلىنجاۋاتقاندا، تورلاردا، كوچا – كوتاڭلاردا ‹‹ نورۇز ئۆتكۈزۈش مۇسۇلمانلار ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇرۇس ئەمەس ›› دەيدىغان ‹‹ پەتىۋا ›› لار ئاۋۇپ قالدى. ئۇنداقتا ، ئۇيغۇر ئۈچۈن نورۇز ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن دۇرۇس ئەمەسمۇ؟
1 نورۇز ھەققىدە پەيدا بولغان ‹‹ پەتىۋا ›› لار
تورلاردىكى تاراپ يۈرگەن نورۇزنىڭ ھۆكۈمىگە ئائىت يازمىلار ، ئۇلار نەقىل قىلغان ئەسلى مەنبەلەرنى ئەستايىدىل كۆزەتكەندە، نورۇز ھەققىدىكى‹‹ پەتىۋا ›› لارنىڭ مۇنداق بىرقانچە مۇھىم نۇقتىلىرى بار ئىكەن.
1. « نورۇز » ئەسلى كېلىپ چىقىشى پارسچە سۆز بولۇپ « يىڭى كۈن» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئەسلىدە پارسلارنىڭ بايرام كۈنى بولۇپ، ئۇلار بۇ كۈننى ناھايىتى چوڭ بىلىدۇ، چۈنكى پارسلارنىڭ ئاۋۋالقى پادىشاھى “ جەمشىت شاھ“ تەرىپىدىن بۇ كۈن بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇلار ئۈچۈن بۇ كۈن يىڭى يىلنىڭ تۈنجى كۈنى بولۇپ، بەش كۈن داۋاملىشىدۇ. مىسىردىكى قىبتىي قەبىلىلىرىمۇ بۇ كۈندە بايرام قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ”باھار بايرىمى“ دەپ ئاتىلىدۇ.
2. مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن باشقا بايرام كۈنى بولمايدۇ، باشقا بايراملار يېڭىدىن پەيدا بولغان ئەسلى يوق ئىشلار بولۇپ بۇ كۈنلەردە بايرام قىلىش توغرا بولمايدۇ.
3. مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت-بايراملاردا دىنسىزلارغا ئوخشاپ قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.
بۇ ھەقتىكى مەنبە مەنزىلى: http://www.islamhouse.com/p/196646
2 ‹‹ پەتىۋا ›› لارغا رەددىيە
1. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتىنى كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە ئاۋۋال سېلىش ھاجەتكى، مەزكۇر پەتىۋانىڭ ئىشلىنىش جەريانىدا مۇنداق بىر چوڭ يېتەرسىزلىك ساقلانغان. يەنى، پەتىۋا بېرىلمەكچى بولغان ئىش – مۇئەممانىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشى، ئوخشىمىغان قەۋملەردىكى ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشىگە قەدەر بولغان ئىنچىكە ھالقىلىرى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىنمىغان. ئالايلۇق، نورۇز بايرىمى يالغۇز پارسلارنىڭ بايرىمى سۈپىتىدە تونۇلغان. ئەمما، ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك، ئۆزبېك، قىرغىز… كەبى تۈركىي تىللىق قەۋملەرنىڭمۇ نورۇز بايرىمىنى مىللىي بايرام ، تەبىئەت بايرىمى سۈپىتىدە قۇتلۇقلايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىنمىغان. بۇندىن باشقا يەنە بىر ئىنچىكە بىر ھالقا شۇكى، ئەرەبلەر بىلەن پارسلار ئارىسىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي سىغىشالماسلىقنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىغا بولغان سەلبىي تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم.
«نورۇز» سۆزىنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيىسى پارسچە بولغىنى بىلەن، بۇ بايرام ئۇيغۇرچە «يېڭى كۈن» يەنى «يىل يېڭىلانغان كۈن»دېگەن سۆز مەنىسى بىلەن ئۇزاق دەۋرلەردىن بېرى ئۇيغۇرلار مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەن. تارىختا پارسلار بىلەن بولغان دىنىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن كېلىپ چىققان «پارس تىلى قىزغىنلىقى»ئارقىسىدا، تىلىمىزدىكى «يېڭى كۈن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارسچە «نەۋرۇز» (Nawruz) سۆزى قوللىنىلىدىغان بولغان. «نەۋرۇز» سۆزى ئىستېمال جەريانىدا تەدرىجىي تاۋۇش ئۆزگىرىشى ياساپ «نورۇز» شەكلىگە كەلگەن.
دىققەت: پارسلاردىن قوبۇل قىلىنغىنى بايرام مەدەنىيىتى ئەمەس، بەلكى ‹‹ نەۋرۇز ( نورۇز ) ›› دېگەن بىرگىنە سۆزدۇر.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نورۇز بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نورۇز بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ‹‹ تۈركىي مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار خرىستىئان دىنى ، يەھۇدى دىنى ۋە ئىسلامىيەت پەيدا بولۇشتىن خېلى بۇرۇنلا «ئۇلۇغ تەڭرى» دېگەن مەنىدىكى «كۆك تەڭرى» نامىدا ئاتالغان بىر خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلغان.«تەڭرى» سۆزى «تاڭ» ۋە «ئەرى» دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشدىن ياسالغان بولۇپ، مەنىسى «ئاسماننىڭ، جاھاننىڭ ياكى كائىناتنىڭ ئىگىسى» دېگەنلىك بولاتتى. تۈركىي مىللەتلەر تەڭرىگە ئاتاپ تاغلاردا، غارلاردا قۇربانلىق قىلاتتى، مۇقەددەس بايراملارنى ئۆتكۈزەتتى. قىيامەت(ئاخىرەت)نى <<ئۇلۇغ كۈن>>، روھ(جان)نى «تىن» دەپ ئاتايتتى، روھنىڭ ئإلمەيدىغانلىقىغا ۋە ئىنساننىڭ ئاخىرەتتە قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا، شۇنىڭدەك ياخشى ئادەمنىڭ روھىنىڭ «ئۇچماغ»دەپ ئاتىلىدىغان جەننەتكە، يامان ئادەمنىڭ روھىنىڭ «تامۇ»دەپ ئاتىلىدىغان دوزاققا كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ›› ( يۈسۈپجان ياسىن : ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى شامانىزم مەسىلىسى ) ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ناھايىتى ئۇزاق زامان ئىلگىرىلا، زوروئاستېر دىنى شەكىللىنىپ ئۈلگۈرمىگەن چاغلاردىلا ‹‹ كۆك ( سۇمۇز ) مەشرىپى ›› نى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. تاكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئەرەب – پارس مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنلا مەزكۇر بايرامنىڭ ئىسمىنى پارسچىدىكى ‹‹ نەۋرۇز ›› سۆزىنى قوبۇل قىلىپ ‹‹ نورۇز ›› غا ئۆزگەرتكەن.
خۇلاسە، نورۇز بايرىمى دۇنيادىكى تۈركىي ۋە پارسىي قەۋملەر تەرىپىدىن ئوخشاش مەزگىلدە بايرام سۈپىتىدە ئورتاق نىشانلىنىدىغان ، ئىسمى ئوخشاش بايرام بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى قەۋمدىكى بۇ بايرامنىڭ يىلتىزى، تارىخي كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى باشقا – باشقىدۇر.
شۇ ۋەجىدىن بىر قىسىم ئەرەب ئۆلىمالىرى چىقارغان ‹‹ نورۇز پارس زەردۇشتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى. شۇڭا، مۇسۇلمانلارغا ئۆتكۈزۈش دۇرۇس ئەمەس ›› دېگەن پەتىۋاسى بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمىغان.
2. ‹‹ مۇسۇلمانلاردا قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتتىن باشقا ھېيت – بايرام بولمايدۇ ›› . مېنىڭچە بۇ پەتىۋانى ‹‹ مۇسۇلمانلاردا قۇربان ۋە روزا ھېيتتىن باشقا دىنىي بايرام بولمايدۇ ›› دەپ تولۇقلىغان تۈزۈك. ھەقىقەتتە ھەم مۇسۇلمانلاردا بۇ ئىككى دىنىي بايرامدىن ئۆزگە دىنىي بايرام بولماسلىقى ئەقىلگە مۇۋاپىق.
ئەمما، ئىسلام ھېچقاچان مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكى ، مىللەتلەر ئۆزگىچىلىكىنى ئىنكار قىلغىنى يوق. ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى ئىلەت – مىللەتلەرگە، تۈرلۈك ئىرقلارغا ئايرىپ ياراتقىنىدا ئېنىقكى ئۇلۇغ بىر ھېكمەت بار. ئەگەر خالىسا ئىدى، بارلىق ئىنسانلارنى ئوخشاش بىر تىلدا سايرايدىغان، ئوخشاش بىر مەدەنىيەت ئۇيقۇرمىسىدا ياشايدىغان قىلىپ ياراتقان بولار ئىدى. شۇنداقكەن، دىنىي ئىتىقاد تۈسىنى ئالمىغان، دىنىي ئەھكاملارغا زىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىمىزگە خاس مىللىي بايراملارنى ، خاتىرە كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ نەرى خاتا ؟
دىن ھەققىدە ۋەزخاھلىق قىلىشقا لايىق بولمىساممۇ مۇنداق بىر دەلىل كۆرسىتىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ قالدىم:
مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم مەدىنىگە كەلگەندە يەھۇدىلار بار ئىدى، ئۇلار ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتار ۋە بايرام قىلار ئىدى. چۈنكى، ئۇلار ئاشۇرا كۈنى بىزنى مۇسا پەيغەمبەر قۇتقۇزىۋالغان دەپ قارىشار ئىدى. بۇنى كۆرگەن رەسۇلىلاھ << بىز مۇسا پەيغەمبەرگە يەھۇدىيلاردىنمۇ لايىقراقمىز >> دېگەن ئىكەن ھەمدە ئۆزى ۋە ساھابىلەر شۇ كۈنى روزا تۇتۇشقان ئىكەن. دېمەك، ئۇنى چەكلىمىگەن ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى مەنبە مەنزىلى: http://www.pdksp.net/vb/showthread.php?t=2307
ئەبۇ ھەنىفە ھەزرەتلىرىنىڭ تەرجىمىھالى سۆزلەنگەن كىتابلاردا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئەلى ئىبنى تالىب بىلەن ئۇچراشقانلىقى سۆزلىنىدۇ؛ ئەبۇ ھەنىفە ھەزرەتلىرىنىڭ كاتتا بوۋىسىنىڭ نورۇز كۈنلىرىدە مەلۇم مىقداردا ئەلىگە ھەسەل ھەدىيە قىلغانلىقلىرى خاتىرىلەنگەن.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇلۇغ مۇبارەك قۇربان ۋە روزا ھېيتتىن ئىبارەت ئىككى بايرام مۇسۇلمانلار ئۈچۈن باشقا بايراملارغا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەلدۇر. ئەمما، باشقا بايراملار ئەقىل ۋە تەبىئەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، دىنىي ئەقىدىگە قارشى بولمىسا، دىنسىزلىق ۋە شىرىك ئەقىدىگە ياتىدىغان ئىش – پائالىيەتلەر ئارىلاشتۇرۇلمىسا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ نورۇز كەبى ئۆزىگە خاس مىللىي بايراملارنى ئۆتكۈزۈشى دۇرۇستۇر.
3. ‹‹ ھېيت – بايراملاردا دىنسىزلارغا ئوخشاپ قېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ ››، بۇ دۇرۇس گەپ. بىرىنچىدىن ، نورۇز بايرىمى قانداقتۇر دىنسىزلارنىڭ بايرىمى ئەمەس. بەلكى ئۇ 1400 يىلدىن بېرى ئىسلام دىنىغا ئىخلاس بىلەن ئىتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغاندىن باشلاپ بارلىق ئىش پائالىيەتلىرىنى ، جۈملىدىن ھېيت – بايراملىرىنى ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە رەئىسلەپ كەلمەكتە. قارايدىغان بولسىڭىز، نورۇز مەزگىلىدە بارچە كىشىلەر ساۋابلىق ئىشلارغا ئالدىرىشىدۇ. كىشىلەر ئۆزلىرى ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە ، بىر- بىرىگە ياخشلىق تىلىشىدۇ . بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئاتا – ئانا ، چوڭلارنى يوقلىشىدۇ، ئاجىز – مىسكىن ، يېتىم – يېسىرلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ، ئەجدادلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇيدۇ- دۇئا قىلىدۇ، ھويلا – ئارام ، رەستە – بازارلارنى تازىلايدۇ، ئىلمىي ئەنجۈمەنلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ ئىلىم ئالماشتۇرىدۇ، تارقىتىدۇ ، ئاداۋەتلەشكەنلەر ياراشتۇرۇلىدۇ …
ئېتىراپ قىلىش لازىمكى، يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە بىر قىسىم كىشىلەردە ھېلىغۇ نورۇز بايرىمى ئىكەن، مۇبارەك قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيىتىنىمۇ ھاراق – شاراپ ، كەيىپ – ساپا ، ئەيش – ئىشرەت بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ناباب قىلمىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈش ئەدەپ قالدى. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن بايراملارنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ . شۇ قىلمىشلارنى سادىر قىلغان كىشىلەرنى ئەيىبلەش كېرەك، ئەلۋەتتە.
3 خۇلاسە
نورۇز – ئۇيغۇرلارغا ئەزەلدىنلا يار بولغان، ئىجازەتسىز راۋا بولغان ئەنئەنىۋىي بايرامدۇر. نورۇز – تەبىئەت بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق ، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلىق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى.
مەنبە: يۈكسەل بلوگى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-2 12:03 PM