مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2908|ئىنكاس: 13

ساغلاملىق مەسلەھەتچىسى (22-قىسىم ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16756
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 12:56:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى چاچقا تەسىر كۆرسىتىدۇ

چاچ بەدەننىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ چېچىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . چاچ ئادەتتە ئاغرىمايدۇ ھەم قىچىشمايدۇ . چاچ يىلتىزىدا تۈك شارچىسى بولۇپ ، ئۇنىڭدا قان تومۇرلار ۋە نېرۋىلار بولغاچقا، ئوزۇقلۇق ساقلىيالايدۇ ھەمدە چاچتا پوستىلاق ماددىسى بىلەن يىلىك توقۇلمىلىرى بولىدۇ . پوستىلاق ماددىسىدىكى قارا پېگمېنتنىڭ تەسىرى بىلەن چاچ قارا ياكى قوڭۇر كۆرۈنىدۇ. ئەگەر پوستىلاق ماددىسىدىكى ھۆجەيرىلەرنىڭ سىغىمچانلىقى ئېشىپ كەتسە، ئاق رەڭ تارقىتىدۇ ھەمدە پىگمېنت ھۆجەيرىلىرىنىڭ قېرىشى تۈپەيلى چاچتىكى پىگمېنتنىڭ يوقىلىشىدىنمۇ قارا چاچ ئاقىرىپ كېتىدۇ .
ئادەمنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ ، چاچمۇ قېرىپ بارا- بارا چۈشۈپ شالاڭلاپ كېتىدۇ . ئاق چاچنىڭ كۆپىيىشى ئادەتتىكى فىزىئولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، بەدەن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، شۇنداقلا بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامىتىمۇ ئەمەس . ئادەمنىڭ قېرىشى ھورموننىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان ماددا ئالمىشىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، كىشىلەر كۈندە بىر نەچچە تال چېچى چۈشسە ھەيران قالمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەرنىڭ چېچى ھەقىقەتەنمۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن چۈشىدۇ. بەزىدە ياش تۇرۇپلا چېچى چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ . شۇڭا، ئاياللار چېچى چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك : يودلۇق يېمەكلىكلەرنى ، يەنى، لامنارىيە، پۇرچاق، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك . چاچنى كۆپ تاراش ھەمدە چاچ يۇيۇش پاراشوكى بىلەن چاچنى يۇيۇش ئارقىلىق چاچ يىلتىزىدىكى ماددىلارنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا چاچنى پاكىز تۇتۇش كېرەك . چاچنى ئامال بار كۆپ بويىماسلىق ، بۈدرە قىلماسلىق، چېچىغا ماس كېلىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك .

پېتەك سېلىنغان ئاياغنى كىيسە ، پۇتقا پايدىلىق

پېتەك پۇتنىڭ قۇرغاق ، پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرىدىغان ياكى يول ماڭىدىغانلارنىڭ پۇتىنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىنى پەسەيتىپ ، تۈرلۈك پۇت ئاغرىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ .
ئامېرىكا چىكاگو پۇت كېسەللىكلىرى دوختۇرى رېسا سىكون مۇنداق دېدى : ‹‹ كىشلەر ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئۇزاق ۋاقىت كىيگەندە ئاسانلا ئوشۇق ۋە پۇت ئالقىنى ئالقىنى ئاغرىيدۇ . بۇنداق چاغدا ئاياغقا پېتەك سېلىپ كىيگەندە ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ تاپانغا چۈشۈرىدىغان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللىتىپ ، پۇتنى راھەت قىلىدۇ . تۈز پاشنىلىق ئاياغنىڭ تاپاننىڭ تىرەش سالمىقى ، بولۇپمۇ تاپاننىڭ سېگمېنىت ئورنى يۇقىرى بولماسلىقتىن ، ئاسانلا لىپەك يارىلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياغقا پېتەك سېلىپ كىيگەۈ تۈزۈك . بولۇپمۇ بەش سانتىمېتىردىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئەڭ ياخشىسى پېتەك سېلىپ كىيىش كېرەك .
پۇتى ساغلام كىشلەر ئاياغقا پېتەك سېلىۋالسا ، ئاياغ راھەت بىلىنىپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە يەر يۈزى بىلەن پۇتنىڭ سۈركىلىش كۈچىنى ئازايتىدۇ . بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ، ياشانغان كىشلەر ئايىغىغا پېتەك سېلىۋالسا ، بوغۇم ياللۇغى ، پەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

ياشلاردىكى بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ كەملىكى قان تومۇر دىۋارىنىڭ قېلىنلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن

شىۋېتسىيەدە ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياشلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش كەم بولسا قان تومۇر دىۋارى كۆرۈنەرلىك قېلىنلاپ، يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى چوڭايتىۋېتىدىكەن.

دۈم يېتىپ ئۇخلاش گلاۋكومانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن

دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، بىلەك كۆزنى بېسىۋېلىپ، ئويغانغاندا كۆز قىسقا ۋاقىت غۇۋا كۆرىدۇ. بۇ كۆز ئالمىسى بېسىلىپ قېلىپ، كۆز بېسىمىنىڭ يۇقىرىلاپ كەتكىنىدىن بولىدىكەن. ئەگەر بۇنداق ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا، گلاۋكوما بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئۇزاق ئولتۇرۇش ئەڭ يېڭى ساغلاملىق تەشۋىشى بولۇپ قالدى

سىز بەلكىم چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشىڭىز ياكى ئۆيگە قايتىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، سىز باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئولتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز قانچىلىك ھەرىكەت قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر قىلچىلىك پايدىسى يوق. بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ھەم ماددا ئالمىشىشنى ئازايتىۋېتىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ئۇزاق ۋاقىت ياتقاندىن كېيىنكى ئەڭ پاسسىپ ھەرىكەت بولۇپ، سەرپ قىلىنغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن، بىر تال ئالمىنى يېگەندە ياكى ئاچچىقلانغاندا سەرپ بولىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندىكىدىن كۆپ بولىدىكەن.
ئەنگلىيە لافبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ستۇئارت بىدېل مۇنداق دەيدۇ: ‹‹كىشىلەر دائىم ئۇزاق ئولتۇرۇشنى ھەرىكەت قىلماسلىق، دەپ خاتا چۈشىنىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە،سىز بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرسىڭىز ياكى 30مىنۇتتىن 45 مىنۇتقىچە پىيادە مېڭىپ، قالغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئولتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا، سىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز ئۇزاق ئولتۇرۇش بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ››. ھازىر ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ئەڭ يېڭى ساغلاملىق تەشۋىشى بولۇپ قالدى. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ئاخىرقى ھېسابتا قەنت كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى، كىشىلەر ھەر يېرىم سائەت ياكى بىر سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ بېرىشى ياكى مېڭىپ بېرىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بۇ جەھەتتىكى خەۋپ – خەتەرنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدىكەن.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئىلىندى.





ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1948
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 01:25:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تېمىڭىزغا  ، مىنىڭمۇ مۇشۇ نەچچە يىلدا چېچېم ناھايىتى تىز سۈرئەتتە چۈشۈپ  كەتتى تېخى مۇشۇ يېقىندا دورا يەپ يۈرۈپ  تىزگنلىگەن بولدۇم ، ئىشقىلىپ سالامەتلىك بەك مۇھىم ئىكەن ،  

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2302 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 03:12:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
banker625 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-2 01:25 PM
رەھمەت تېمىڭىزغا  ، مىنىڭمۇ مۇشۇ نەچچە يىلدا چېچېم ناھ ...

نىمە دورا پايدا قىلىدىكەن ؟

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 11:22:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ مۇشۇنداق  ئسىل تېمىلىرىڭىزنى بەك ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن خېلى كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋلدىم

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1948
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 12:56:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-3-2 03:12 PM
نىمە دورا پايدا قىلىدىكەن ؟

مەن  ھازىرچە 多种维生素片بىلەن  养血生发胶囊مۇشۇ  ئىككى دورىنى بىللە يەۋاتىمەن ، پايدىسى بولىۋاتىدۇ ، چاچ چۈشۈشنى توختىدىكەن

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82468
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 01:57:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82468
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 01:57:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئادەم سۆيگەنلىك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15828
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10543
تۆھپە نۇمۇرى: 1417
توردا: 3960 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 06:52:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
banker625 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-2 01:25 PM
رەھمەت تېمىڭىزغا  ، مىنىڭمۇ مۇشۇ نەچچە يىلدا چېچېم ناھ ...

قانداق دورا يەۋاتىسىز   ماڭىمۇ دەپبىرىڭلا ئاغىنە

دەرتكەداۋا تەنگەشىپابولسا تاتلىق سۆزۆڭ ياخشى بىلەن ياماننى پەرىق ئەتسۇن نۇرلۇق كۆزۆڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1948
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 09:02:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
delhux-bodak يوللىغان ۋاقتى  2013-3-3 06:52 AM
قانداق دورا يەۋاتىسىز   ماڭىمۇ دەپبىرىڭلا ئاغىنە

سىزمۇ سىناپ بېقىڭ بەلكىم پايدىسى بولۇپ قالار   .     مەن  ھازىرچە 多种维生素片بىلەن  养血生发胶囊مۇشۇ  ئىككى دورىنى بىللە يەۋاتىمەن ، پايدىسى بولىۋاتىدۇ ، چاچ چۈشۈشنى توختىدىكەن

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2302 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 11:25:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
banker625 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-3 12:56 AM
مەن  ھازىرچە 多种维生素片بىلەن  养血生发胶囊مۇشۇ  ئىككى دورىنى بى ...

چاچ چىقارمامدىكەن .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش