توشقاننىڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى
ئاپتۇرى: جاڭ گوپىڭ
توشقاننىڭ قىزارغان كۆزلىرى ئۇنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. گەرچە ئۇ تۈرلۈك-تۈمەن ھايۋانلار ئارىسىدا ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن تېنى كىچىك ھەم يۇمران بولغاچقا پىل، يولۋاس قاتارلىق ھايۋانلار ئارىسىدا ئۆزىگە تەئەللۇق ھاياتلىق بوشلۇقى تېپىش ھەقىقەتەن تەس. شۇڭا توشقان باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ھوشيارلىقىنى ساقلىمىسا بولمايدۇ. ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە نىسىپ بولغان بىر پارچە زىمىنى قوغداش ئۈچۈن ئازراقمۇ بىخەستىلىك قىلسا بولمايدۇ. شۇڭىمۇ كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىپ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر قانداق بېشارەتلەرنى كۆزىدىن ساقىت قىلىۋەتمەيدۇ. بىخەتەرلىكنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇش توشقاننىڭ ھاياتلىق دەستۇرى.
بەزىلەر «توشقاننىڭ قۇيرۇقى ئۇزىرىيالمايدۇ!» دېيىشىدۇ. توشقاننىڭ كۈچلۈك ئازاب-ئوقۇبەت، كۈلپەت قارىشى بىلەن تەبىئەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئۇنى ئۆزىگە چۇشلۇق ئورۇنغا ئىگە قىلغان. توشقاننىڭ رايىشلىقى باشقا ھايۋانلارنىڭ ماھىيتى بىلەن روشەن پەرقلىق سېلىشتۇرما. توشقان ھايۋاناتلار دۇنياسىنىڭ ئاددى بىر ئەزاسى بولۇپ، باشقا ھايۋانلار بىلەن ياشاش جەريانىدا كۈچلۈكلەردىن قورۇقمايدۇ، ئاجىزلارنى بۆزەك قىلمايدۇ. ئەزەلدىن تەشەببۇسكار ئۇرۇنغا ئۆتۈۋېلىپ ماجرا چىقارمايدۇ. مىجەزىدىكى مۇلايىملىق توشقاننى تەبئىي ھالدا باشقىلار بىلەن قارشىلاشمايدىغان رايىش ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان. توشقان گۆشخور ھايۋانلارنىڭ خەۋپىگە دۇچ كەلگەندىمۇ زېرەكلىكىگە تايىنىپ ئۆزىنى ياۋ ھوجۇمىدىن ئېلىپ قېچىپ، بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلالايدۇ.
تىنىچلىقنى ئەلا بىلىش توشقاننىڭ ھاياتلىق مىزانى. ئەڭ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغىنى توشقان باشقىلارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلالايدۇ. ھالقىلىق پەيتتە قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ھەر قانداق ئاخباراتنى قولدىن بەرمەيدۇ. ئازراقلا شەپە بولسىلا توشقان ھەممىدىن بۇرۇن ھەم تېز ھەم توغرا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ ۋە ئىلمى ھەرىكەت قوللىنىدۇ. توشقاننىڭ بۇ خىل سەزگۈرلىكى بىزئىنسانلارنىڭ ياخشى ئۆرنەك ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
كۆپلەپ ئەۋلات قالدۇرۇش توشقاننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭگۈشتۇرى. توشقانلارنىڭ ھالى ئۆزىگە ئايان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى «توشقان دېڭىزى تاكتىكىسى» نى ئىجات قىلغان. ئازراقلا ۋاقتى بولسىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆپىيىدۇ. بەزىدە نەچچە ئوننى بىراقلا تۇغۇۋېتىدۇ. ئوت چۆپ ئىستىمال قىلش ئارقىلىق ئەۋلات كۆپەيتىشكە ئاساس يارىتىدۇ.ھەممەيلەن پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆپىيىپ چوڭ جەمەتىنىڭ گۈللىنىشىكە تۆھپە قوشىدۇ. توشقانلار ساننىڭ غەلبە ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ. ئۆزلىرىنى ئۆلۈمگە قىستىغان دۈشمەنلىرىگە ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىرگە «مەن قۇربان بولسام، ئىزىمنى باسىدىغان ئەۋلادلىرىم بار» دىگەن قورۇقماس، ئۈمىدۋارلىق روھىنى يوقاتمايدۇ.
ئوزۇقلۇققا بولغان تۆۋەن ئۆلچەم توشقانلارنىڭ كۆپىيىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ يەنە بىر سىرى.بارلىق ھايۋاناتلار ئىچىدە توشقاننىڭ يېمەكلىككە بولغان تەلىپى بىر ئەڭ تۆۋەن. ئۇنىڭ يەيدىغىنى ئۆسۈملۈك توپىدىكى ئەڭ ئاددى ئوت-چۆپلەر بولۇپ، پەقەت قورسىقى تويسىلا شۈكرى-قانائەت قلىدۇ. يولۋاس، بۆرىلەرگە ئوخشاش گۆش بولسىلا يەيدىغان، مۈشۈكئېيىققا ئوخشاش پەقەت يۇمران بامبۇك يۇپۇرمىقىنىلا يەيدىغان ئادەت ئۇلار يوق. شۇڭلاشقا تەبىئىي ئاپەت ياكى باشقا بالا-قازالار يۈز بەرمىسۇن تۇشقانلار ئاچارچىلىققا دۇچار بولمايدۇ. ھەتتا قىشنىڭ سۆڭەكتىن ئۆتكىدەك قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرىدە يېشىللىق بولمىسىمۇ، توشقان يەنىلا قۇرۇپ كەتكەن ئوت-چۆپلەرنى يەپ قوسىقىنى تويغۇزىدۇ. تۇرالغا جەھەتتە يۆتكىلىپ تۇرغاچقا مۇقىم تۇرار جايى بولمايدۇ. ئۆز شارائىتىغا قاراپ ئىش كۈرۈپ كىچىككىنە ئۇۋا ياسۋالسىلا بولىدۇ، بارىغا شۈكرى قانائەت قىلىپ بارىنى يەپ خالىغان جايدا ماكان تۇتىدۇ. توشقاننىڭ ئۆزلۈك خاراكتىرى، بولۇپمۇ تۆۋەن ئۆلچىمى ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنى كۈچەيتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سەزگۈ-تەپەككۇر توشقانلارنىڭ ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات كۆپىيىپ تەرەققى قىلىشنىڭ ئۆتكۈر قورالى. يىراق قەدىمكى زاماندا توشقان ھاكاۋۇرلىقى تۈپەيلى تاشپاقا بىلەن بولغان كۈچ سىنىشىش مۇسابىقىسىدە كۆپ قېتىم مەغلۇب بولغان. كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ساۋىقىدىن ئىبرەت ئېلىپ، يېڭى رىقابەتكە يۈزلىنىپ، باشقىدىن غەيرەتكە كىلىپ، ھەممە ئىشنى يېڭى باشتىن باشلاپ يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. ئەنئەنە بويىچە كۆرگەندىمۇ توشقان ئۆز جۇغىنىڭ كىچىك بولغنىغا باقماي، ھايۋاناتلار دۇنياسىدا ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەقىل پاراسەتتە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. شۇڭىمۇ ھايۋاناتلار ئارىسىدا زور شۆھرەت قازانغان. «توشقاننىڭ ئۈچ ئۇۋىسى بار» دىگەن بۇ ھېكمەت تۇشقاننىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئەقىل-پاراسىتىنىڭ نامەيەندىسى. «توشقان ئۆز ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى ئوت-چۆپنى يېمەيدۇ!» دىگەن ھېكمەتمۇ دەل توشقاننىڭ جاپا-مۇشەققەت ئېڭىنىڭ يۇقىرىلقىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئۇۋىسى ئەتراپىىدىكى ئوت-چۆپلەرنى يېمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئوت چۆپلەرنى جاپالىق كۈنلەرگە قالدۇرۇپ، ئۆزىنى قىين ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت قالدۇرغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا توشقان ھەقىقەتەن « يىراققا نەزەر سالماي تۇرۇپ، يېقىندىكى خەۋپتىن ئەنسىرەش» نىڭ ئىجادكارى ھېسابلىنىدۇ.
خەنزۇچە: «解放日报» «ئازادلىق گېزىتى» نىڭ 13-فېۋرالدىكى سانىدىن ـــــــــ شەيدائىي تەرجىمىسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-2 12:23 AM