خېلىل روبائىيلىرى
(1)
قىزىل گۈل خۇشپۇراق ئەمما تىكەنلىك،
خۇش پۇراق بولغىنى بىلەن خەتەرلىك.
قان قىلىپ قۇلۇڭنى ئاندىن ئۈزىسەن،
بۇ ھەقىقەت ساڭا بۇلار يىتەرلىك.
(2)
ياخشىنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىكەنمىز،
ئايرىلغاندا ئاھ دەپ يىغلايدىكەنمىز.
ھاياتلىق مۇشۇنداق بۇلامدىغاندۇ،
ئارمانسىز دۇنيادىن كەتمەيدىكەنمىز.
(3)
شەيتان ئۇ ئازدۇرار سېنى ھەريەردە،
ئۇندەيدۇ پايدا بار تىز كەل بي يەرگە،
ھۇشيار،ئىھتىياتچان بولمىساڭ ئەگەر،
باشلايدۇ ئۇ سېنى دەشتى چۆللەرگە،
(4)
گەر تاماق بەرسەڭمۇ قاۋار يەنە ئىت،
كۈن بۇيى بىكارلا يارىدۇ ئىسسىت.
ئادەم تۇرۇپ ئىتتەك ياشار بەزىلەر،
گەر بىلىم بەرسەڭمۇ دەيدۇ نېرى يىت.
(5)
ھەردام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا.
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايمانغا،
تۆكىلەر ئۇچاغدا كۆزۈڭدىن ياشلا.
(6)
مال دۇنيا قالىدۇ بىزلەر كىتىمىز،
ۋە ياخشى ۋە يامان قالار نامىمىز.
ھەرگىزمۇ مال دۇنيا ئۈچۈن ياشىماڭ،
ئىككى مىتىر يەرگە چۇقۇم پاتىمىز.
(7)
ياشلىق ئۇ ئادەمنىڭ گۈلزار بىر پەسلى،
شاش ئاتتەك ياشىماق كېرەكتۇر ئەسلى.
شۇ ياشلىق گۈلىنى خازاق قىلغانلار،
نادانلار قەۋمىدىن ئىكەندۇر نەسلى.
(8)
تۇغۇلدۇق دۇنياغا ئىنسان بۇلۇپ بىز،
مېمانمىز دۇنيادىن ھامان كىتىمىز،
ئەل ۋەتەن ئۈچۈن بىز قىلايلى خىزمەت،
باشقىلار قەلبىدە قالسۇن نامىمىز.
(9)
گال ئۈچۈن ياشىماق ھايۋان ئىشىدۇر،
پۇل ئۈچۈن ياشىغان ئەخماق كىشىدۇر.
ھەقىقى ئىنساندەك ياشىماق تەسمۇ،
قىياپەت پەقەتلا ئىنسان تىشىدۇر.
(10)
بىر تال گۈل بۇلالماس ھەرگىز گۈلىستان،
يالغۇرزلۇق باھارنى قىلار زىىمىستان،
بىرلەششە بۇغىلار شىرغا يىڭىلمەس،
بىر كۇپلىت شېئىردا پۈتۈلمەس داستان.
(11)
شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمە ئەي ئىنسان،
بولىسەن ھەرۋاقىت ھەر جايدا سەرسان.
بىرىلمە ھەۋەسكە،ئەيشى ئىشرەتكە،
بولمىسا بولىسەن يەر بىلەن يەكسان.
(12)
ئاچارە بولمىغىن نامەرد سۆزىگە،
قىلغىنى يانىدۇ ھامان ئۆزىگە.
قىلغان شۇ ئىشىدىن قىلمايدۇ نۇمۇس،
قار قۇپاپ چىقمايدۇ ئۇنىڭ يۈزىگە.
(13)
چىن دوستۇڭ بار بولسا ئەگەردە سېنىڭ،
دوسلۇقنى قەدىرلە ئاۋال سەن ئۈزۈڭ،
ئۆرۈمە يۈزۈڭنى،بۇزما دوسلۇقنى،
ھەقنى،ناھەقنى پەرق ئەتسۇن كۈزۈڭ.
(14)
گەر بەرسەڭ خەلىققە بىر تاتلىق مېغىز،
ئارزۇيۇڭ يۈز ھەسسە بولىسەن ئەزىز.
بىر ئۆمۈر ئەل خەلق ئوتىدا كۆيسەڭ،
ئەل سېنى كۆتۈرەر بېشىدا ئېگىز.
(15)
ئەگەردە قالمىسا ئادەمدە ئىنساپ،
تۇپىنى تالقان دەپ ساتىدۇ داڭلاپ.
بەزىلەر پۇل ئۈچۈن ۋىجداننى ساتار،
ئاخىرى قانداقمۇ بىرەلەر ھېساب.
(16)
پۇل ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەيدىكەنمىز،
يەپ ئىچىپ كىيىپلا ياشايدىكەنمىز.
شۇ جانسىز قەغەز پۇل قىلدى بىزنى قۇل،
مال-دۇنيا بايلىققا تويمايدىكەنمىز.
مەنبە قەلىمىم
2013-3-1
ئەسكەرتىش.رۇبائىينى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن.ئۈزۈم يېزىپ بېقىش مەخسىتىدە قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم،بەزىللىرى روبائىي بولمىدى ھەقاچان.كۆپرەك تەنقىدىي پىكىر بىرەرسىلەر.قايسىلىرى ئوخشىدى ئايرىپ بىرەرسىلەر.