ئۆزەمچىلا ئولتۇرۇپ قالدىم ،
ئەسلەپ تاتلىق سۆيگۈ رىشتىنى .
سىنى خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ بىرىنىڭ < ئەگەر ھاياتىڭدا ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئادەمگە ئۇچرىساڭ ئۆزۈڭنى تەلەيلىك ھىساپلىغىن،ئاخىرقى نەتىجىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزۈڭنى مەن بەخىتلىك دەپ ھېساپلىغىن > دېگەن سۆزلىرىنى ئويلاپ قالدىم
مۇشۇ كىچىلەردە سىنى ئەسلەپ ،ماڭا ھىچ ئۇيقا يوق دىېسە,مۇشۇ كۈنلەردە نىمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن . ئەتتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىرىنجى قىلىدىغان ئىشىم سىنى سېغىنىش ، سىنى ئەسلەش . ئىككىنجى قىلىدىغان ئىشىم ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كىيىن سىنىڭ پۇشايمان قىلغاندىكى غەمكىن ھالىتىڭنى كۆرمەسلىكنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەش .
ئىسىڭدە بارمۇ ، مەن ساڭا سەن مەڭگۈ مىنىڭ تاتلىقىم دېگەن ئىدىم...ياق ياق ...پەقەت ئەمدىلەتتىن ھىس قىلىۋاتىمەن سەن مىنىڭ تاتلىقىملا ئەمەس بەلكى بارلىقىم ئىكەنسەن
شۇ كۈنى < بۇ مىنىڭ ساڭا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خەت يېزىشىم ، مىنى تاش يۈرەك دېسەڭمۇ مەيلى ، بىز ئىزدەشمەيلى ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ، سەن مىنى مەڭگۈ تاپالمايسەن > دېگەن سۆزلىرىڭ ھېلىھەم قولاڭ تۈۋىمدە جاراڭلاپلا تۇرىدۇ . شۇنچە قىلىپمۇ بۇ سۆزلىرىڭنى ئۇنتۇپ كىتەلمەيۋاتىمەن .
شۇ مىىنۇتلاردا ساڭا بىر نەرسىلەرنى دىگۈم بار ئىدى لىكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ ساڭا چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىدىم .سىنى ياخشى كۆرىشىم بۇ ئەمىلىيەت
يامغۇرنى سېغىندىم ، قارنى سېغىندىم . يامغۇر ياغقان شۇ كۈنى سەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرگە سەيلە قىلسام . قار ياغقان شۇ كۈنى سەن بىلەن قار ئېتىشىپ ئوينىسام .مەن يامغۇردا تۇرۇپ ئۆكسۈپ يىغلىسام كۆز ياشلىرىم يامغۇر تامچىلىرىغا قوشۇلۇپ ئاسماندىن غەمسىز تامچىسا . ئاپئاق قارلىقتا تۇرۇپ توڭلاپ كەتسەم . ۋۇجۇدۇمدىكى بارلىق ئازاپلار مەن بىلەن بىرگە توڭلاپ كەتسە . شۇندا يۈرىگىم ھېچ ئازاپنى سەزمەس بولارمىدى
سىنىڭ خاتىرەڭدە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغۇم بار ئىدى . بۇ ھاياتلىقىمدا قاتتىق تىرىشىپ كىيىنكى ھاياتلىقىمدا مۇھەببەتنىڭ گۈزەل دەقىقىلىرىنى كۆرگۈم بار ئىدى
ئىسىڭدە بولسۇن جېنىم نىمىنى يۈتتۈرۈپ نىمىنى تاپقانلىقىڭنى سەزگەن ۋاقىتتا سەن ئاللىقاچان كىچىككەن بولىسەن ...مەنمۇ ھەم شۇنداق ...خەيىر بەخىت ، ئامەت ساڭا يار بولسۇن ..........
2013- يىلى 3 - ئاينىڭ1 - كۇنى. غۇلجا شەھەر