شەيتان بىلەن سۆھبەت
(داستان)
مۇقەددىمە
كىرسەم بۈگۈن كۆڭۈل ئېچىش ئورنىغا،
ئۇچراپ قالدى شەيتان دېگەن كاساپەت.
بىلمەك بۇلۇپ شەيتاننىڭكى تەكتىنى،
ئېلىپ باردىم ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت.
زەپمۇ خۇشخۇي كۈتىۋالدى ئۇ مېنى،
ئۈستەل ئۈستى ئەجەپمۇ بەك ھەشەمەت.
ھاراق،تاماكىلارمۇ ھەم كەم ئەمەس،
ئېلىڭ،بېقىڭ دەپ قىلماقتا خۇشامەت.
كۆرۈنەتتى ئۇماڭا بەك مۇلايىم،
كىيىملىرى ئەجەپمۇ بەك سالاپەت.
ئازدۇرۇشقا ئاجايىپ ئۇستا ئىدى،
بىخۇت بولساڭ باھار ئىدى پالاكەت.
ھىلگەرلىكتە يىتەلمەيىتتى تۈلكىمۇ،
ھىيلە-مىكرى كۆپ ئىدىغۇ ئالامەت.
نادان ئەمەس ئەجەپمۇ بەك بىلىملىك،
تۇلۇپ تۇرار ئىدى ئەقىل-پاراسەت.
بىلمەك بۇلۇپ ئۇنىڭكى ھىيلىسىنى،
نادان بولدۇم قىلدىم مەنمۇ خۇشامەت.
ھېسابلىغاچ كۆڭلىدە مېنى ئازغۇن،
راۋا كۆردى مەن بىلەن قىلدى سۆھبەت.
مەن سورىسام ئۇ بەرمەك بولدى جاۋاب،
ئېلىپ باردۇق شۇنداق قىلىپ بىز سۆھبەت.
قۇلاق سېلىڭ تۆۋەندىكى سۈزۈمگە،
بىلىڭ شەيتان ھىلگەر ئىكەن ئالامەت.
(1)
مەن سورىدىم ئەي سۈيۈملۈك شەيتانجان،
قانداق قىلىپ ئازدۇرىسەن بىزلەرنى.
ھىيلە مىكىر سەندە شۇنچىلىك كۆپمۇ،
قانداق قىلىپ بىجىرىسەن ئىشلارنى.
ئاڭلاپ شەيتان مېنىڭ بۇ سۆزلۈرۈمنى،
زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپ كەتتى قاقاقلاپ.
ئەخماق ئىكەنسەن ئەي ئادەم بالىسى،
ماڭا بەكمۇ ئاسان دىدى ۋالاقلاپ.
بار دۇنيادا ھەر تۈردىكى ئادەملەر،
بىرسى نادان بىرسى بەكمۇ ئەقىللىق.
نادان كىشىنى ئازدۇرماق بەك ئاسان،
ئەقىللىققا بولىمەن مەن يېقىملىق.
گەر ئاڭلىسا ھەركىم مېنىڭ سۈزۈمنى،
بار ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك كۆپ مۇكاپات.
لەززەت تاپار كىرسە مېنىڭ كەينىمگە،
ماختىشىدۇ مېنى بەكمۇ ئۇلۇغلاپ.
ئەگەر بولسا كىم شۇنچە بەك ئەقىللىق،
ئىزدەپ بېرىپ بوينىغا مېنەرىمەن.
ئاڭلىمىسا ئۇلار مېنىڭ سۈزۈمنى،
سەرسان قىلىپ ھەر كويغا سالارىمەن.
ھىيلەم شۇنچە كۆپتۇر مېنىڭ ئاشۇنداق،
بىلىپ-بىلمەي قالىسەن سەن ئالدىنىپ.
كىم كىرسە گەر ھەۋەسنىڭ كەينىگە،
قالار ياخشىلار تەرىپىدىن شاللىنىپ.
(2)
مەن سورىدىم قورقىسەن سەن كىملەردىن،
كىملەر سېنىڭ دۈشمىنىڭ بەرگىن جاۋاب.
قانداق ئىشلارنى كۆرىسەن سەن راۋا،
ئازغۇنلارنى بىلىسەن نىمىگە قاراپ.
ھۆرمەتلىسە ھەركىم ئاتا-ئانىنى،
جىددىيلىشىپ تۇرالمايمەن جايىمدا.
تۆۋبە قىلىپ ئاللاھقا قىلسا دۇئا،
ئازاب چىكىپ كىتەرمەن يىراقلارغا.
بىرىلسە دەيمەن ھەۋەسكە ھەر دائىم،
قىمار ئويناپ ئوغۇرلۇقلا قىلسىكەن.
قىززىقتۇرمەن شۇ ئىشلارغا ئۇلارنى،
ھاراق ئىچىپ تاماكىنى ھەكسىكەن.
مۇسۇلمانلار مېنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىم.
سۈرە-ئايەت ئوقىسا بەك قورقىمەن.
چاپلىشارمەن بىخۇت تۇرغان كىشىگە،
يامان ئىشنى قىلىشقا ئۈندەرىمەن.
ئازغۇنلارنى ئايرىماق بەكمۇ ئاسان،
تاڭ سەھەردە بوينىغا مىنەرىمەن.
چۈش بولغۇچە ئۇخلىتىپ ئۇلارنى مەن،
لاقۋا قىلىپ خوش بۇلۇپ كىتەرىمەن.
دوسىت بۇلىمەن يامانلارغا مەن ھامان،
ھاراق شاراپ ئىچىشكە ئۈندەرىمەن.
دوست بۇرادەرلىرى بىلەن ئۇرىشىپ،
ئىناقسىز بۇلىشىغا ئىنتىزارىمەن.
(3)
مەن سورىدىم ئەي سۈيۈملۈك شەيتانجان،
سەن كۈتىسەن ئىنسانلاردىن نېمىنى،
قاچاي يىتسەم مۇرادىڭغا ئەي مەلئۇن،
ئارزۇنىڭ نېمى زادى ئېيىتقىن قېنى.
ھەممە كىشى ئۇرۇشۇپلا ئۆتسىكەن،
بولمىسا دەيمەن ئۇلاردا مۇھەببەت.
ئىناق كۆرگەن كىشىلەرنى كۆرسەم گەر،
سۇغۇقچىلىق سالىمەن قىلماي شەپقەت.
بۇزۇقچىلىق قىلسا دەيمەن ھەممىنى،
ئاياللارنى ئازدۇرىمەن ئالامەت.
قىسقا كىيىم كەيدۇرىمەن ئۇلارغا،
ئازغانلارغا داۋاملىق بىرىمەن مەدەت.
قىزىقتۇرۇپ ئەرلەرگە ئاياللارنى،
ئاياللارغا قىلغۇزىمەن خۇشامەت.
مال دۇنيا ئۈچۈن ئىپپەتنى ساتقۇزۇپ،
ھىس قىلارمەن ئۇنىڭدىن مەن قانائەت.
كۆرسەم ئەگەر بەخىتلىك ئائىلىنى،
تۇرالماسمەن چىكەرمەن ئازاب-ئۇقبەت.
ئاتا-ئانىلارنى ئۇرۇشقا سېلىپ،
ئائىلە بەختىنى قىلارمەن بەربات.
يىتىم بولسا دەيمەن سەبىي بالىلار،
بەرمىسە ھېچكىم ئۇلارغا مۇھەببەت.
قالمىسا ئەگەردە دۇنيادا كۈيۈم،
بۇلىدۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخىت.
(4)
مەن سورىدىم ئەي سۈيۈملۈك شەيتانجان،
قانداق قىلىپ باشقۇرىسەن بىزلەرنى.
ئامالىڭ سىنىڭ شۇنچە بەك كۆپمۇ،
بىزگە قانداق قىلدۇرسەن ئىشلارنى.
كۆندۈرۈپ مەن ھەممىنى مەي ئىچىشكە،
مەسىت قىلىپ ئۈزۈمگە قىلدۇرمەن خىزمەت.
قۇل قىلىمەن ئۇنى ئۈزۈمگە ھامان،
تارقىتىمەن باشقىغا يامان ئىللەت.
خۇمار قىلىپ ھەممىنى تاماكىغا،
ساغلام كىشىلەرنى قىلىمەن نابۇت.
ھەتتا ئۈگىتىپ ئۇنى بالىلارغا،
ئۈزۈم ئۈچۈن قىلىمەن كىچىك مەبۇت،
قىمار ئويناش مەيدانى مېنىڭ ئۈيۈم،
ئازغۇنلار ياغار ھەر كۈنى ئاجايىپ.
بەزىلەر ئۇتىدۇ بەزىلەر ئوتتۇرىدۇ،
ئوتتۇرغانلار ئۇرىشىدۇ گال سىقىشىپ.
مەيخانىدا بۇزۇلسا كىچىك قىزلار،
ھېسابلايمەن ئۈزۈمگە كەلگەن ئامەت.
مەست بۇلۇپ كۇچىدا ياتسا ئادەملەر،
خوش بۇلارمەن ئىشىمدا بولغاچ بەرىكەت.
بۇزۇقچىلىق بولسا ھەممە يەرلەردە،
بۇلىدۇ ماڭا كەلگەن چوڭ ئامەت.
تولسا گەر دۇنيا مېھىر-مۇھەببەتكە،
بۇلىدۇ ئۇماڭا كەلگەن چوڭ ئاپەت.
خاتىمە
بولدى بەس شەيتان ئەمدى ئاغزىڭنى يۇم،
ھىلگەر ئىكەنسەن ئەجەپمۇ ئالامەت.
رەزىللىكتە يىتىپسەن سەن مۇقامغا،
ھوشيارلىقنى ئۆستۈرىمىز بىز كارامەت.
ئىشەنمەيمەن ئەمدى ھەرگىزمۇ ساڭا،
ئىمان بىلەن ياشايمەن ئەمدى پەقەت.
ئازادۇرىمەن دەپ مېنى ئاۋارە بولما،
ھەمراھ قىلىمەن ئەمدى ئەقىل-پاراسەت.
كۆردۇڭلارمۇ ئىنسانلار شەيتان ئاشۇنداق،
ئازدۇرۇشقا بەكمۇ ئۇستا ئالامەت.
غۇرۇر ۋىجدان ئەخلاق بىلەن ياشىساق،
غالىپ كىلىپ شەيتاننى قىلىمىز بەربات.
ئالدانمايلى ئەمدى شەيتانغا ھەرگىز،
يېتىلدۇرەيلى چۇقۇم ئېسىل خىسلەت.
كىرىپ قالساق ئەگەر شەيتان كەينىگە،
روناق تاپماس ئىشىمىز باسار پالاكەت.
كىمكى ماڭسا مەڭگۈ ئىسلام يولىدا،
ھەر ئىشىدا چوقۇم بۇلىدۇ بەرىكەت.
ئازدۇرالماس شەيتا ھەرگىزمۇ سېنى،
گەر قىلسىمۇ ئۇ ساڭا مىڭ خۇشامەت.
گەپ تۈگىدى شېئىر تامام،ۋەسسالام،
ئاياغلاشتى شەيتان بىلەن ھەمسۆھبەت.
ئاڭلىغانسىز شەيتاننىڭ سۆزلىرىنى،
ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈڭ سىز كارامەت.
مەنبە-ئىجادىيىتىم
2013-3-1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-1 10:52 PM