مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1138|ئىنكاس: 12

ئەپەندىم، ھەممە ئىشىڭىزنى دەپ يۈرمەڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5586
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 09:59:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئەر خىزمەتدىشىم بار، ئۇ ھەر كۈنى ئىشقا كېلىپلا ئاخشام ئۆيىدە بولغان ئىشلارنى يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە دېگىلى تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا قانداق ياردەملەشكەنلىكىنى، خوتۇنى سەي ئادالىسا، ئۆزىنىڭ خېمىر يۇغۇرغانلىقىنى، خوتۇنى بالىنى ئىمىتكىچە ئۆزىنىڭ قاچىلارنى يۇيىۋەتكەنلىكىنى، ھەتتا بالىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرغانغا قەدەر جەريانلارنى بەكمۇ تەپسىلىي، بەكمۇ ھاياجان ئىچىدە پەخىرلىنىپ دەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى تولا ئاڭلاپ زىرىككەن ئەرلەر ئۇ گەپ باشلىشىغىلا سىرتقا ماڭىدۇ. بارا – بارا ئاياللارمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىنى سەسكىنىش ئىچىدە ئاڭلايدىغان، ئۇنىڭ گىپىدىن بىزار بولۇپ ئۇ بار چاغلاردا ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرمايدىغان بولۇشتى. ئاياللار ئۆزلىرىگە كۆيۈنىدىغان ياقتۇرىدىغان تۇرۇقلۇق، ئۇ خوتۇنىغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلسە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن نېمىشقا بىزار بولىدۇ؟ بىر كۈنى ئىشخانىدىكىلەر  بۇ ھەقتە پاراڭلىشىپ قالدى. ئۇلار بىردەك « ئەمەتجاننىڭ خوتۇنىغا ياردەملەشكىنى ناھايتى ياخشى بوپتۇ. بىزمۇ ئەرلىرىمىزنى كۈيۈمچان بولسىكەن دەيمىز، ئەمما ھەر قانداق ئىشنىڭ چىڭى، ئازراق پەدىشىپى بولىدۇ. ئۆيدىكى ئۇششاق ئىشلارنى بۇنچە زىرى – زەۋرى بىلەن دېگەن ئادەم باشقا ئىشلارنى دېمەي قالامدۇ؟ ئەر كىشى دېگەن ئەر كىشىدەك بولۇشى كېرەك – تە. ئۇ خوتۇنىغا ياردەملەشكەن ئىشلارنى ئاشۇنداق تەپسىلاتى بىلەن دەپ يۈرسە باشقىلار، بولۇپمۇ سىلەر ئەرلەر نېمە دەپ ئويلايسىلەر؟ ئەمەتجان ئۆيىدە خوتۇنىنىڭ ئورنىدا ئوخشايدۇ دەپ قالمامسىلەر. ئەر – خوتۇنلار ئارىسىدا ئاز – تولا پەرق ۋە خىزمەت تەقسىماتى بولغىنى ياخشى. بىزنىڭ ئەرلىرىمىزمۇ ئانچە – مۇنچە ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ، ئەمما سىرتتا دەپ يۈرمەيدۇ. ئۆيىدە قىلغان ئىشلارنى تالادا دەپ يۈرىدىغان ئەرلەرنى تازا ياخشى ئەر دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بىزنىڭ ئۇنداق ئۆز سۈپىتىنى ساقلاپ يۈرەلمەيدىغان غۇرۇرسىز ئەرلەر بىلەن خۇشىمىز يوق » دېيىشتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 d8 c" L7 T- k2 ~9 H: V

تۇرمۇشنىڭ ئالدىراش رېتىمى سەۋەبىدىن ئائىلىدە بولۇپمۇ ئەر – خوتۇن ھەر ئىككىسى خىزمەت قىلىدىغان ئائىلىدە ئائىلە ئىشلىرىنى تەڭ ھەمكارلىشىپ قىلمىسا بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. گېزىت – ژورنال، رادىيو – تېلېۋىزىيەلەردە ئاياللارنى قەدىرلەش، كۆڭۈل بۆلۈش، قولدىن كېلىشىچە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى كۆپلەپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق بىر قاتا جەريانلار ئارقىسىدا ئاياللارنىڭ مەسئولىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئەرلەر تۇرمۇشنىڭ تەبئىي تەڭپۇڭلىقىغا ماسلىشىپ ئانچە – مۇنچە ئۆزى قىلالايدىغان دائىرىدە ئائىلە ئىشلىرىغا ھە – ھۇ دېيىشىپ بېرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەمما شۇ قىلغان ئىشلىرىنى خەلقئالەمگە دەپ يايىدىغان ئەرلىرىمىزدىن زادى قانچىلىكى بار؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 u/ ^1 J# e+ p" ?" |: J
ئەجدادلىرىمىز ياشىغان دەۋىرلەردە ئەر – خوتۇننىڭ پەرقى تولىمۇ روشەن ئايرىلغان بولۇپ، ئەرلەر سىرتتا ئوۋ ئوۋلاش، ئوتۇن كېسىش، ئېتىز – ئېرىقلاردا كەتمەن چېپىش قاتارلىق ئەمگەكلەر بىلەن ئائىلىگە كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى ۋە يېمەك – ئىچمەكلەرنى تەييارلاپ ھەم يەنە تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان پۇل تېپىشقا مەسئول بولسا، ئاياللار بالا بېقىش، ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، تاماق ئېتىش، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ خىل ئىش تەقسىماتى تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەچكە، ئەرلەر يىغىلغان سورۇنلاردا پات – پات « پالانى خوتۇنىدىن قورقىدۇ، شۇڭا خوتۇنى ئىشتىن كەلگۈچە تاماق تەييارلايدۇ، پوكۇنى لاتا – قاقاس چىقىپ قالدى كەچكىچە ئۆي ئىشلىرىدىن بىكار بولالمايدۇ » دېگەندەك مەسخىرە تۈسىدىكى چاقچاقلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەرلەر ھەر خىل ئۇسۇل بىلەن ئاشۇنداق ئەرلەرنى ھەر ۋاقىت غۇرۇرى بىلەن ياشاشقا بولۇپمۇ ئائىلىدە قانچىلىك ئىش قىلىۋەتكەن بولسۇن، ئىچىدە بىلىپ ئىززىتىنى ساقلاشقا ئۈندەيدۇ. ھەتتا بەزى جىگەرلىك خوتۇنلارمۇ ئەرلىرى يەڭلىرىنى تۈرۈپ ئائىلە ئىشلىرىغا تۇتۇنسا « سىز دېگەن ئەر كىشى، ئائىلە ئىشلىرىغا ئارلاشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ » دەپ ئېرىنى ئارلاشتۇرماي ئۆي ئىشىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاياللارغا كۆيىنىش ئەرلەرنىڭ مەسئولىيىتى بولغاچقا، كۆپلىگە ئىدىتلىق ئەرلىرىمىز خوتۇنلىرىنىڭ ئائىلىدىكى، خىزمەتتىكى، جەمئىيەتتىكى يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بىسىمىنى ئاز – تولا بولسىمۇ يېنىكلەتتى ۋە يېنىكلىتىۋاتىدۇ. ئەمما ئەرلەرنىڭ قىلغان ئۆي ئىشلىرىنى سىرتلاردا دەپ يۈرۈشى جەمئىيەتتە يەنىلا ئەرلەر ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان، كىشىلەر قارشى ئالمايدىغان تېما. بەلكىم ئاياللارمۇ ئەرلىرىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى ياقتۇرمىسا كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا داۋاملىق ئېرىدىن نارازى بولۇپ يۈرىدىغان بىر قىسىم ئاياللىرىمىز ئۇنداق ئەرلەرنى لاياقەتلىك ئەرلەرنىڭ نەمۇنىسىكەن دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئۆز ئېرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئائىلىدىن، ئېرىدىن ناازىلىق كەيپىياتىكۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 {* }9 @1 u8 g( }& ]- r
بۇ ئارقىلىق « ئەرلەر ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشمەڭلار » دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر، بۇنى يېڭى تۇغۇلغان بالىسى بىلەن بىر كېچە بىللە يېتىپ باققان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئېنىق چۈشىنەلەيدۇ. شۇنداق ئىكەن ئاياللارنى ئاسىراش، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىش مۇھىم. ئەمما ئائىلىدە قىلغان ئىشلارنى سىرتتا دەپ يۈرۈش سىزنى باشقىلار ئالدىدا ئىشەنچسىز كۆرسىتىپ ئەرلىك غۇرۇرىڭىز يەرگە ئۇرۇلىدۇ. ئەگەر خوتۇنىڭىز بۇ ئىشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ قالسا چوقۇم سىزدىن رەنجىيدۇ. ئېرى خوتۇنىنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالىدىغان ئائىلىلەردە چوڭ بولغان ئوغۇل بالىلار ئۇششاق سۆز، ئىچ مىجەز چوڭ بولىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش مۇھىتىغا تەسىر يېتىدۇ. گەرچە ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئومۇمىيلىققا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى پەسلەشتۈرۈپ قىلغان ئۆي ئىشلىرىنى تالا – تۈزدە دەپ يۈرۈشى تېخى ئومۇمىيلىققا ئايلانغىنى يوق ھەم ئايلانماسلىقى كېرەك. چۈنكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئەرلەرنىڭ ئاغزىدىن بۇ خىل گەپلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئەپەندىم، ئۇ ئىشلىرىڭىزنى ئىچىڭىزدە بىلىپ سىرتتا ھەرگىز ئاشكارىلاپ يۈرمەڭ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ s7 j9 I7 {6 ~5 t. }2 C/ J2 J

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ E" c4 Q) f0 I6 \

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:15:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ئەركىشى ئۆز ئۆيىدىكى ئىشىنى ئىشخانىغا كېلىپ سۆزلەيدىكەن،بۇراست بولمىغۇر قىلىق...لېكىن مۇشۇ تېمىنى يازغان ئادەم ئۇ ئەر كىشىدىن ئۆتە بولمىغۇر ،تېتىقسقزمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.چۈنكى ئەسەر ئىگىسى خەقنىڭ ئۆيىدىكى ئىشنى مۇنبەرگە چىقىپ سازايى قىلىدىكەن...باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش ۋە ئۇنى ھەممە يەردە سۆزلەشمۇ مېنىڭچە ياخشى ئىش ئەمەس.ئۇنداق ئەركىشىدىن يىرگەنگەنلەر بولسا ئۇ ئەركىشىنى تالاغا سۆرەپ ئەپچىقىپ گالاچ-گۇلۇچ مۇشت بىلەن تۆتنى سېلىپ، مۇلايىملىق بىلەن ئىلمىي تەربىيە بېرىپ ،ئۇنىڭ بۇنداق ناچار قىلىقىنى تۈزىتىشىگە يېقىندىن ياردەم بېرىش كېرەك....بۇنداق ھەممە يەردە داۋراڭ سېلىش كەتمەيدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ T6 j3 F  x( n+ ]# @& Mبۇ يەردە تېما يوللىغۇچىنى كۆزدە تۇتمىدىم.يەنە بەزى زىيالىيلار خاتا چۈشىنىپ ئەسەر بىلەن ئاپتورنى باغلىۋالغاندەك ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن .مېنىڭچە تېما يوللىغۇچى بۇ تېمىنى ئۆزى يازمىغان باشقا يەردىن ھەمبەھىر قىلغان دەپ ئويلايمەن....گەرچە مەنبەسىنى ئەسكەرتمىگەن بولسىمۇ!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:18:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      « ئەر كىرەك ئەردەك كىرەك،بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- |; N; p% m' v: i. p/ c
       بۇرغىسى تۇتقان ناردەك كىرەك .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! w! N. u0 r, ~' @0 Z
       قۇرغۇيەك سايىسىدا جان باققۇچە ،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- Z8 O6 s1 W9 s, J- \; s  n       بوز لاچىن چاڭگىلىدا ئولمەك كىرەك »  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% P' n& H& v, X3 H

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ t$ S! p  ~0 k- M1 C                ( قىرغىز خەلەق قوشىغى )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32142
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:28:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4478
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1200 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:54:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆركان يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 11:13 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  M! x  M5 Z! i0 t; w" r- J# hئۆينىڭ گىپىنى سىرىتتا دەيدىغاننى ماز دەيمىزبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: z( s0 P9 Y1 {+ r& }2 X0 k
سىرىتنىڭ  ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. N, z0 s7 F- Q9 M! ~+ R7 Pماۋۇ فورمىلا بولدىكەن . . .( چاق چاق )

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:58:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەمسە ئەر تۇرۇپ خوتۇنغا تەككەن ئەرلەر تىپدىكەن

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1777
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6381
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5664 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 12:12:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ  مۇنبەردىغۇ ئۇنداق ئەرلەر يوق .

ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90482
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2013-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 12:21:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ تىما خىلى ياخشى چىقىپتۇ. ئەجەل ناملىق بۇرادىرىمىز دىگەندەك باشقىلارنىڭ ئەيىۋىنى ئاچقاندەك كۆرۆنسىمۇ، ئەمىليەتتە بۇتىمىنىڭ جەمىيەتكە نىسبەتەن  ھىلىقى ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنى باشقىلارغا سىلىشتۇرۇش ،ئاياللىق بۇرچىنى تولوق چۈشەنمىگەن بەزى قىز ئاياللىرىمىزنىڭ ئۆي ئىشىدىن بىزارلىق ھىس قىلىپ، ئۆز ئەرلىرىنىڭمۇ شۇنداق بولوشنى ئارزۇ قىلىپ ،ئىناق ئائىلىسى نىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىغىنى قامچىلاپ يازغان يەرلىرى خىلى ئەھمىيەتلىك ئىكەن. مەن خىلى رازى بولدۇم .جەمىيەتتىكى ئەرلىرىمىزنىڭ ئۆز غۇرۇرىنى ساقلاپ ،ئۆيىدە قىلغان ئۆي ئىشلىرى بولسۇن ياكى باشقى ئىشلىرى بولسۇن سىرىتلاردا داۋراڭ سالماي ئۆتۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ،
ئۇلۇغ ئاللا ساڭا ئۇنىڭ ئون ھەسسىسىنى ئاتا قىلسۇن .

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9810
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 01:00:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىش قىممىتى بار ياخشى تىمىكەن...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. h  b2 N8 g1 e1 h' b5 {* R
قوللايمەن ،بولۇپمۇ يېڭى توي قىلغانلار دىققەت قىلسا بولغىدەك....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ \0 _9 o  R. K% b9 ~1 C
بەزى ئىنكاسلار ئاچچىق چۈشسىمۇ مەيۈ سلەنمەڭ ،ئادەم دىگەننىڭ خۇي-مىجەزى ئوخشاش بولمايدۇ، قاراشلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 r: \& U& C. Kئىشقىلىپ مىنىڭچە بولىدىغان تىمىكەن ،ئىبرەت ئېلىڭلار دىيىلگەن گەپلەركەنغۇ ،مىنىڭ پالانچى يەردىكى تۇنۇشۇم دىيىلمىگەندىكىن...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81380
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4258
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 03:01:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش قاتۇردىغان ئىشنىڭ يوقلىقىدىن بۇلۋاتقان ناچار ئللەتلەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 Q* s# g  |; ~" pا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش