ئەگەرپەن جىنلىيەننىڭ قولىدىكى مېلەڭزە تايىقى شى مىنچىڭنىڭ بېشىغا چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا ...
جۇڭگۇتارىخىغا ئالاقىدار ماتىرياللارنى تولاكۆرۇپ جىن پىڭمىي دىگەن ئىسمنى ئۇچۇرتىپ قالدىم. بۇ ئىسمنى تورغا كىرگۈزسىمۇ20مىڭدىن كۆپىرەك ئۇچۇر چىقىدىكەن. جىن پىڭمىينى تەتقىق قىلىپ ھەتتا ئالىي مەكتەپنىڭ پېروفىسسورلىرىمۇ كۆزەينىكىنى ئېلىۋىتىپ مۇنبەردىن چۈشمەي تەتقىق قىلىپ كىتىپتۇ.
جىن پېڭمىي كىم؟
ئىلىمىزنىڭ ئۆسمۇرلەر ئۈچۈن تۈزگەن بۆيۇك قامۇسىنىڭ «تارىخ-مەدەنىيەت»مەخسوس تومىدىمۇ جىن پىڭمىي تۇنۇشتۇرۇلغان بولۇپ ئۇ سۇي سۇلالىسى دەۋردىكى ياڭ گۇيفىي بىلەن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى پەنجىنلىيەننىڭ يۇغۇرلمىسى ئىكەن. شۇنداقلا جۇڭگۇ تارىخىدىكى تىپىكلەشتۈرۇلگەن ئىشىقۋازلىققا سىمىۋۇل قىلىنغان «تارىخىي شەخىس»ئىكەن.
نەقگەپكە كەلسەم مەن ئىلگىرى بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ،ئوقۇپ،كۆرۇپ ئانچە ئېرەڭشىپمۇكەتمىگەن ئىدىم. لىكىن يېقىندىن بۇيان موللاق ئاتقان چېرىك ئەمەلدارلانىڭ مەيلى قانداق سەرگۈزەشتىسى بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئورتاقلىقى پۇل بىلەن «پەن جىنلىيەن»ئورتاقلىقى بولغاچقا (بوشىلەيگە ئالاقىدار دىلودىمۇ جاڭ زېيى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دىدىغۇ!)مەن ھەيرانلىق ئىلىكىدە بىرخەنزۇ تۇنۇشتىن(بازارنىڭ دوقمۇشىدا مال ئېلىپ ماشنىسى تەرەپكەقايرىلىپ تۇرغاندا دۇقۇرشىپ قالدىم.ئۇچ يىل بۇرۇن ئۇچ ئاي بىللە ئىشلىگەنلىكنىڭ ھۆرمىتى بىلەن سالاملاشتۇق) مۇشۇ مەسلىنى سوراپ سىلەرنىڭ مۇشۇنداق «ئاشنىدارچلىق»مەدەنىيتىڭلاربارمۇ؟ ياكى بۇ قانداق ھادىسە ؟ مىنىڭچە بۇ مەخسۇس تەتقىق قىلغۇدەك يوغان ئىشمۇئەمەس. دىدىم.
-نىمە؟يوغان ئېش ئەمەس! نەدىمۇ يوغان ئىش بولمىسۇن،بىلىپ قوي! ئەگەر پەن جىنلىيەننىڭ قولىدىكى مېلەڭزە تايىقى شى مىنچىڭنىڭ بېشىغا چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا جۇڭگۇ تارىخى باشقىچە يېزىلغان بولاتتى. دىدى ئۇ.
-نىمە؟بەك چوڭ گەپ بوپ كەتتىمۇيە بۇ.دىدىم مەن. ئۇ مۇنداق دىدى.
ئويلاپ باقمامسەن! ئەگەر پەن جىنلىيەننىڭ قولىدىكى مېلەڭزە تايىقى شى مىنچىڭنىڭ بېشىغاچۈشۈپ كەتمىگەن بولسا شى مىنچىك پەن جىنلىيەننى ياخشى كۆرۇپ قالمىغان بولاتتى. شى مىنچىڭ پەن جىنلىيەننى ياخشى كۆرۇپ قالمىغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ ۋۇدالاڭنى ئۆلتۇرمەيتى. ئەگەرۋۇدالاڭنى ئۆلتۇرمىگەن بولسا ۋۇسۇڭ شى مىنچىڭنى ئۆلتۇرمىگەن بولاتتى.
-بۇگەپلەرنىڭ ھەممىسى «سۇبۇيىدا»قىسسەسىدە بايان قىلىنغان! نىمە دىمەكچىسەن؟ دىدىم مەن.
-ئالدىرىماي تۇرمامسەن،ۋۇسۇڭ شى مىنچىڭنى ئۆلتۇرمىگەن بولسا سۈرگۈن قىلىنمايتى،سۈرگۈن قىلىنمىغان بولسا،ئۇۋالچىلىققا ئۇچىراپمۇ كەتمەيتى،ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىمىغان بولساغەلىيانچى بولۇپ لىياڭشەن تېغىغا چىقمايتى،لىياڭشەن تېغىغا چىقمىغان بولسا فاڭلاغا جازا يۇرشى قىلىشىغا قاتناشمايتى،فاڭ لاغا جازا يۇرشى قىلىشقا قاتناشمىغان بولسا فاڭ لانى تېرىك تۇتۇش شەرپىگە مۇيەسسەر بولالمايتى. فاڭ لا كىم بىلەمسەن؟شىمالىي سۇڭنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئەڭ چوڭ قوزغىلاڭچىلار داھىيىسى، ئەگەر فاڭ لاتۇتۇلمىغان بولسا شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنى غۇلىتىپ يەنە بىرخاندانلىقنى قۇراتتىدەكىيىنكى يۇەن سۇلالىسىنى،مىڭ سۇلالىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى. دىمەك تارىخ بىرپەنجىنلىيەننىڭ شى مىنىچىڭغاشۇنداق بىرجىلمىيىپ قارىشى بىلەن ئۆزگىرىپ كەتتى. دىدى ئۇ.
-توختا،توختا،مىنىڭ ئاڭلىغىنىمدا سۇڭجىياڭ،فاڭ لا ،ۋۇسۇڭ دەيدىغان شەخىسلەرنىڭ تارىختا ئۆتكىنى راسىتمىش لىكىن سۇڭجىياڭنىڭ فاڭ لاغا جازا يۇرۇش قىلىشى ئەمىلى تارىخىتا بولمىغان دەپ ئاڭلىغانمەن.
-بەربىرئوخشاش دىدى ئۇ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرغاچ،سەن مەلۇم بىرمىش-مىش پارىڭى چىققان باشلىققا يېنىغا كىرىپ سنىڭ ئاشناڭ بارمۇ يوق؟ دىسەڭ ئۇھەم يوق دەيدۇ ھەم سەن بىلەن ھېسابلىشىدۇ. لىكىن ئۇ ئالاقىدار دېلۇغا چېتلىپ مەسلىسى پاش بولغاندا «ئاشنىسى»مۇسۇغۇرلۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن ھاڭ-تاڭ قالىسەن.
مەن يەنە گاڭگىراپ ئۇنىڭغا قاراپ : -سەندىمۇكىلتىرىڭ بولسىمۇ ئەمەل باركەن،ھەم سەنمۇ « شۇ مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچلىرى»نىڭ ئەۋلادىدىن بولغاندىكىن سېنىڭمۇ ھەقچان شۇنداق ئىشىڭ بار شۇنداقمۇدىدىم. ئۇتاماكىسىنى كۈچەپ شوراپ ماڭا ئالايغىنىچە:
-تارىخىنى بىلگەنلىك نىمىگە تەڭ؟ دىگىنچە ماشنىسى يېنىغا ماڭدى. ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ يېرىم چۈشۈرلگەن ئەينىكىنىدىن ساپ-سېرىق چاچلىق كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر سېرىق تەنلىك «قونچاق»نىڭ ئۇنىڭغا جىلمىيىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇم .قارىغاندا ئۇھەممىنى بىلىپلا قالماي تېخىمۇ مۇھىمى ھەممىنى قىلالايدىغاندەك قىلاتتى.
2013-يىلى 1-مارىت قەشقەر
مەنبە[تەپەككۇرۇم،كۆزۇم،ئەمەلىيەت]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا APPAQ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-1 08:47 PM