ئادەتتىكى ئەزا
نېرى تۇر (مەلۇم ئەسەردىن ئىلھاملار) نىجات شۆھرەت ئىلىخو
ئۆي ئىشىنى قىلالماي، ياكى تاماق ئېتەلمەي، سۆلىتىلا ئايالدەك، ھورۇن خوتۇننى بولدى قوي. قاملاشمايدۇ ھەر ئىشى، بالىسىغىمۇ يارىماس، ئەينەك ئالدىدىن كەتمەي، كۈندە پەرداز قىپ يۈرگەن، ئادەمزاتمۇ، شەيتانمۇ، مايمۇن خوتۇننى بولدى قوي. ئەر بولغانغا تويغۇزۇپ، كۈندە تەنە، كۈندە جەڭ، ئۆيلەردىن بوران چىقتى، قاغا-قۇزغۇندىن نېرى تۇر. قورساقلىرى ئاچ قالدى،شىۋىرغاندا-سوغۇقتا، ھەمراھ بولدى قاتتىق نان، ئاتا-بالىغا ھەر كۈنى، پايتىمىدەك سۆرەلگەن، ھورۇن خوتۇندىن نېرى تۇر. ياندا ئېرى بار تۇرۇپ، يات بىراۋغا كۆز سالغان، بىر كاتەكتە ياتمىغان، مىكىيان خوتۇندىن نېرى تۇر. شۈكرى قىلماي بارىغا، ئۆزگە ئەرنى ماختىغان، قانائەت يوق خوتۇندا، ئەرلەر يۈركى بولدى قان، چىل بۆرىدەك ئېتىلغان، ھازازۇل خوتۇندىن نېرى تۇر. ھە دېسىلا توڭگۇزدەك، ئوۋغا چىققان ئوۋچىدەك. يالماۋۇزدەك ئېتلغان، مۈشۈك خوتۇندىن نېرى تۇر. قارايدىغان ھالى يوق، كۈندە ئوينار توي-تۆكۈن، ئىلگىرى باسماي ئۆيلەرنى، جۇدۇن چىققى تۇرغۇندىن ئانا، ئايال دەپ زارلاندى، جىن شەيتاندىن نېرى تۇر.
2013-2-25 )ئۈرۈمچى(
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ