تۈنۈگۈن كەچ بلوگىمدىن ئۇنى - بۇنى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز «B-Box مىراجىخان» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بىر فىلىم كۆزۈمگە چېلىقتى. فىلىم ئىسمىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا «مىراجىخان» دېگەن ھەممىگە تونۇشلۇق بۇ ئىسىمنىڭ ئالدىغا قوشۇلغان «B-Box» ئاتالغۇسى كۆزۈمگە باشقىچىلا كۆرۈندى ھەم ئىلگىرى خەلق ناخشىسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئېيتىلغان ھەر خىل ناخشىلار كۆز ئالدىمغا كېلىپ، «مۇشۇ بالىلارنىڭ خەلق ناخشىسىنى بۇزۇشتىن باشقا ئىشى يوقمىدۇ؟» دېگەن خىيال كاللامدىن لاپ قىلىپ ئۆتتى.
لېكىن، ئالدى بىلەن بىر كۆرۈپ بېقىپ، ئاندىن باھا بەرسەممۇ كېچىكمەيدىغانلىقىمنى ئويلاپ، مەزكۇر فىلىمنى ئاچتىم، فىلىم ۋاقتى 5 مىنۇتتىن ئازراق ئىكەن، فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭلۈمدىكى تەئەججۈبلىنىشنىڭ ئورنىنى مەمنۇنلۇق ئىگىلىدى.
ئالدى بىلەن، بۇ فىلىمدە ناخشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل - ئاۋاز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ. ئىلگىرىمۇ بىر قىسىم خەلق ناخشىلىرى ئۆزگەرتىپ ئېيتىلغان، لېكىن ئۇ ناخشىلاردىكى «ئۆزگەرتىش» يالغۇز ئۇسلۇب، شەكىلدىكى ئۆزگەرتىش بولۇپلا قالماستىن، خەلق ناخشىلىرىنىڭ جېنى بولغان، كىشىنى ئۆزىگە ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان تەبئىي پۇراقمۇ ئۆزگەرتىۋېتىلگەنىدى. ناخشىنىڭ پۇرىقى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىم. سىز ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىش (ئەلۋەتتە مىللىي مەدەنىيەت رامكىسىدىن ھالقىمغان ئەھۋال ئاستىدا) ئارقىلىق ئۆز سالاپىتىڭىزنى ئاشۇرۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئاللىقانداق سەۋەبلەر بىلەن چىرايىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدىكەنسىز، مەيلى قانداق ئۆزگەرتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىز ئۆزىڭىزگە ئوخشىماي قالىسىز، يەنى سىز «ئۆزلۈك»نى يوقىتىسىز. مەن مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈشتىن بۇرۇن، «مىراجىخان» ناخشىسىدىكى پۇراقنىڭمۇ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن بولۇشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم، لېكىن ناخشىچىنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە خاس، ھوشۇر قارى ئاكىمىزنى ئەسلىتىدىغان بوم، يېقىملىق ئاۋازى مېنىڭ بۇ ئەندىشىلىرىمنى قاياقلارغىدۇر ئېلىپ كەتتى.
ئىككىنچىدىن، مەن ئۆزۈم ئالىي مەكتەپتە ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇغان بولغاچقا، بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن ئالىي مەكتەپتە بىر قانچە قىسقا فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش، كىرىشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەپ باققان. تەكرار ـ تەكرار ئاۋاز ئېلىش، ئاۋاز سۈزۈش، سۈرەتكە ئېلىش، ئاۋاز بىلەن سۈرەتنى كىرىشتۈرۈش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ ۋاقىت ۋە ئادەم كۈچى ئېھتىياجى ئىنتايىن زور. باشقىلارغا بىر تامچە سۇ بېرىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزىمىزدە بىر چېلەك سۇ بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ كۆرگىنىمىز پەقەت بەش مىنۇتلۇق قىسقا فىلىم بولغىنى بىلەن، بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە سىڭدۈرۈلگەن ئەجىرنى بۇ بەش مىنۇت بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. بۇنى مۇشۇ كەسىپتىن ئازدۇر ـــ كۆپتۇر خەۋىرى بار ھەر قانداق كىشى چۈشەنسە كېرەك.
مەن تۈنۈگۈن كەچ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، فىلىم يوللىغۇچىنىڭ بىلوگىغا كىردىم (بۇ فىلىم بىلگى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى نامىدىكى بىلوگدا تارقىتىلغانىكەن) ھەم ئۇنىڭ بىلەن دوستلاشتىم، مەدەت بېرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ سۆز قالدۇردۇم. بۈگۈن ئەتىگەن قارشى تەرەپمۇ ماڭا سۆز قايتۇرۇپتۇ، ئۇ سۆزىدە: بۇ شىركەتتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تېخى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا فىلىمدە يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن بۇ ئىستۇدېنتلىرىمىزنىڭ جاسارىتىدىن، تىرىشچانلىقىدىن تېخىمۇ سۆيۈندۈم. بۇ «يېڭى ئېقىن»نىڭ تېخىمۇ زورىيىپ، ئۆركەشلەپ ئېقىپ، مەدەنىيەت بوستانىمىزنى گۈللىتىشىنى تىلىدىم.
خەلق ناخشىلىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، ئۇنى قوغداش، تارقىتىش، يۈكسەلدۈرۈش مىللىي مەدەنىيەتنى جۇلالاندۇرۇشنىڭ مۇھىم يوللىرىدىن بىرى.
يۇقىرىقىلار پەقەت مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم، خەلقنىڭ باھاسى ھەممىدىن ئادىل بولىدۇ، تورداشلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دېگەندەك، پىكىرلىرىمىزنىڭ ئۇشبۇ ياشلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، جۈملىدىن يېڭى دەۋردىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە ئازدۇر ـ كۆپتۇر پايدىسى بولسا ئەجەب ئەمەس
فىلىم ئادرېسى :
http://v.youku.com/v_show/id_XNTIwMTM3Mzky.html