مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 587|ئىنكاس: 5

چىلان سورتىنى تاللاش ۋە ئۇلاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 445
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11074
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 3292 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 01:31:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چىلان سورتىنى تاللاش ۋەئۇلاش

ئەمەتجان ئۆمەر (چاقلىق ناھيىلىك چىلانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىدىن ، ئىنجىنىر )

مەملىكىتىمىز چىلان چىقىدىغان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ چىلاننىڭ سورتى 700خىلدىن ئاشىدۇ . چىلان سورتلىرى چوڭ جەھەتتىن ھۆل ئىستىمالقىلىندىغان سورتلار ۋە قۇرۇق ئىستىمال قىلىندىغان سورىتلار دەپ ئىككى تۈرگەبۆلىنىدۇ . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز چىلان ئۆستۈرۈشتە قۇرۇتىلىدىغان سورتلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بولۇپمۇ  2000-يىلىدىن ھازىرغىچە چىلان كۆلىمى شىددەت بىلەن كۆپەيدى . ھازىر تەخمىنى كۆلەم 5مىلىيۇن مودىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە .رايۇنىمىزدا كېڭەيتىلىۋاتقان چىلان سورتلىرى ئاساسلىق كۈلرەڭ چىلان (سۈر چىلان ياكى بىۋاستە خەنزۇچە خۇيزاۋ灰枣دەپمۇ ئاتىلىدۇ) . قاپاق چىلان (ئاتباش چىلان  ياكى بىۋاستە خەنزۇچە جۈنزاۋ骏枣 دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ۋە قومۇل چوڭ چىلنىنى ئاساس قىلىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا زەنخۇاڭ چوڭ چىلىنى ، جى شىن زاۋ  قاتارلىق سورتلارمۇ مەلۇم كۆلەمدە بار ، ھۆل ئىستىمال قىلىنىدىغان سورتتىن دۇڭزاۋ ئاساسلىق ئۆستۈرۈلمەكتە .

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق چىلان سورىتلىرى ۋە  تارقىلىش ئەھۋالى

      1.كۈلرەڭ چىلان[灰枣] كۈلرەڭ  چىلان شنجېڭ چىلىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەسلى خېنەن ئۆلكسنىڭ شىنجېڭ ناھيسىدە ئۆسىدىغان بۇلۇپ، ئاساسلىقى  شىنجېڭ،جۇڭمۇ، لەنكاۋ، شنخوا ناھيىلىرىگە تارقالغان. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرنىڭ ئوتتۇرلىرىداجەنۇبى شىنجاڭ رايونىغا كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ، ھازىر بۇ سورىت ئاقسۇ ۋىلايتى ، قەشقەرۋىلايتى ۋە بايىغولىن ئوبلاستىنىڭ چاقلىق ، چەرچەن ناھيسىگە كىرگۈزۈلۇپ كەڭ كۆلەمدەئۆستۈرۈپ مۇۋاپىقىيەت قازنىلنىپ، ياخشى ئىقتىسادى ئۈنۈم ۋە ئىجتماىې ئۈنۇم يارتىلىدى.بۇسورىت نۆۋەتتە جەنۇبىي  شىنجاڭدا ئەڭ  تېز كېڭەيتىلىۋاتقان ۋە ئەڭ قارشى ئېلىنۋاتقان سورىتتۇر .
          كۈلرەڭ چىلان ساغلام،قاۋۇل، يېيىلىپ ئۆسىدۇ ، دەرەخ تاجى يۇمۇلاق، شاخلىرى شالاڭ ئەمما توم.شاخ ئۇچى  ئادەتتە 10 بۇغۇم ئەتىراپىدا بۇلۇپ،  ئۈگەشاخلىرى  بىر قەدەر چوڭ،3-5 تال تۆكۇلگۈچى  مېۋە شېخى ئۆسىدۇ، مېۋىسى سوزۇنچاق ئىللىپىسمان بۇلۇپ،بىر بېشى چوڭ، بىر بېشى كىچىك، ئادەتتە ئۇزۇن دىئامېتىرى 3.8 سانتىمېتىر، توغرا  دىئامېتىرى2.6  سانتىمېتىركېلىدۇ. مېۋىسى ئوتتۇرھال چوڭلۇقتا بۇلۇپ، ئوتتۇرىچە مېۋە ئېغىرلىقى 9.7 گرام،ئەڭ چوڭىنىڭ13.3 گرام. پوستىنىڭ قىلىنلىقى ئوتتۇرھال، رەڭگى قوڭۇرراق، ئەتلىك، رەڭگى كۆكۈشرەكئاق، ئېتى چىڭ ھەم چۈرۈك، سۇلۇقراق، تەمى تاتلىق ، سۈپىتى ياخشى . ھۆل چىلاننىڭ قەنت تەركىبى %30 ئەتراپىدا، ئېرشچان مۇقىملاشتۇرغۇچى ماددا تەركىبى% 32 ئاشىدۇ. ئۇرۇقىكىچكرەك بۇلۇپ، ئۇزۇنچاق ئۇرچۇق شەكلىدە، ئۇرۇقى بىلەن ئېتى ئاسان ئاجرايدۇ، يېيشىكەبولىدىغان قىسمى  %97.3 ، قۇرۇش نىسبتى% 55ئەتراپىدا. قۇرۇق چىلاننىڭ رەڭگى توق، ئېتى چىڭ،ئۇرۇقىدىن ئاجرايدۇ، خېلى چۈرۈك، قەنت تەركىبى%65 ، يېيىشلىك ، ئېلاستىكىلىقى ياخشى، بېسىلغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلەلەيدۇ،ساقلاش ۋە تۇشۇشقا چىداملىق. كۈلرەڭ چىلاننى ھۆل پېتى يېسىمۇ، قۇرۇتسىمۇ، پىششقلاپ  ئىشلىسىمۇ بولىدۇ . ئوتتۇرھال مېۋىلىك ئەڭ ياخشى سورت ھېسابلىنىدۇ.
        9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىداپىشىدۇ ، دەرىخى تىك ، قاۋۇل ئۆسىدۇ ، شېخى كۈل رەڭ ، توم ئەمما شالاڭ، يېيىلىپ ئۆسىدۇ، قۇرغاققچىلىققا، ئۈنۈمسىز تۇپراققا ، كېسەل ، ھاشاراتقا چىداملىق ، بورانغا،  شورلىشىشقا چىداملىق . مۇقىم ، يۇقىرى ھوسۇل بېرىدۇ، قۇملۇق يەرلەردە كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ .

         2.قاپاق چىلان [骏枣 ] :جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چىلان رايونلىرىغا تارقالغان .

         ئەسلى ماكانى شەنشىئۆلكىسى  بولۇپ گەنسۇ ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىمۇ كۆپلەپ ئۆستۈرۈلگەن ، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا دۇنخۇاڭ ئارقىلىق جەنۇبى شىنجاڭ رايونىغا كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ ھازىر ئاقسۇ ، قەشقەر ، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە كۆلەملىك كېڭەتىلىۋاتىدۇ . قاپاق  چىلان دەرىخى يېيىلىپ ئۆسىدۇ ، دەرەخ تاجى يۇمۇلاق،شاخلىرى شالاڭ،  توم ئۆسىدۇ . مېۋىسى چوڭ،  تۇخۇمسىمان ، ئوتتۇرىچە مېۋە ئېغىرلىقى22.9گىرام ، ئەڭ چوڭلىرى 30گىرامدىن ئاشىدۇ . پوستىنىڭ قېلىن ، رەڭگى قوڭۇر ، ئەتلىك،رەڭگى سارغۇچراق ئاق، ئېتى چىڭ ھەم چۈرۈك، ، تەمى تاتلىق ، سۈپىتى ياخشى . ھۆل چىلاننىڭ قەنت تەركىبى %24 ئەتراپىدا، ئېرشچان مۇقىم ماددا تەركىبى% 33 ئاشىدۇ. ئۇرۇقى چوڭ بۇلۇپ،ئۇزۇنچاق ئۇرچۇق شەكلىدە، ئۇرۇقى بىلەن ئېتى ئاسان ئاجرايدۇ، يېيشىكە بولىدىغانقىسمى  %96.3 ، قۇرۇش نىسبتى% 55 ئەتراپىدا.قۇرۇق چىلاننىڭ رەڭگى توق، ئېتى چىڭ،ئۇرۇقىدىن ئاجرايدۇ، خېلى چۈرۈك، قەنت تەركىبى%65، يېيىشلىك ، ئېلاستىكىلىقى ياخشى، بېسىلغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلەلەيدۇ، ساقلاش ۋەتۇشۇشقا چىداملىق. قاپاق چىلاننى ھۆل پېتى يېسىمۇ، قۇرۇتسىمۇ، پىششقلاپ ئىشلىسىمۇ بولىدۇ. چوڭ مېۋىلىك ئەڭ ياخشى سورت ھېسابلىنىدۇ.
           3.قۇمۇل چوڭ چىلىنى

       قارا دۆۋە چىلىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئەسلى ماكانى شىنجاڭ قۇمۇل شەھرىنىڭ قارا دۆۋە يېزىسى.قۇمۇل چىلىنىنىڭ گەۋدىسى ئېگىز، تۈز ئۆسىدۇ، تاجى يۇمۇلاق، يېيىلىپ باراقسان ئۆسىدۇ،شاخلىرىساغلام، قاۋۇل.چېچەك مەزگىلى 2 ئايغا يېتىدۇ،ئادەتتە 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىردىن 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە چېچەكلەيدۇ، بۇلۇق چېچەكلەش مەزگىلى 6 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مېۋىلەيدىغان ھەر بىر قىسقا ئانىلىق شاختا3-5  تال تۆكۈلىدىغان مېۋە شېخى ئۆسىدۇ . مېۋە يېتىلىش مەزگىلى 100 كۈن  ئەتىراپىدا .
مېۋىسى شەكلى ئىللىپىسمان بۇلۇپ، 2.4 سانتمېتىر × 3.8 سانتمېتىر چوڭلۇقتا، پوستى قېلىنىراق، رەڭگىقارامتۇل قىزىل، ھۆل مېۋىسىنىڭ ئوتتۇرىچە يەككە ئېغىرلىقى 14.5گرام،ئەڭ چوڭىنىڭ24.2  گرام.ئېتى ئاق، ئۇرۇقى ئورچۇقسىمان، ئۇرۇنلۇقى 1.8  سانتمېتىر،توملۇقى 0.8 سانتمېتىر، مېغىزى يېتىلمەيدۇ. ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىگى ئاقسىل تەركىبى يۇقىرىبۇلۇپ، مېۋىسى توق، تاۋارلىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك.
       قۇمۇل چىلىنى قۇرغاقچىلققا،قۇم بورانغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداش، تۆۋەن  تېمپېراتۇرىغاۋە كېسەل، ھاشارات ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك . چىلان ماكانى قارا دۆۋەىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃41 ،ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃28 – بولسىمۇ، چىلان دەرىخى يەنىلا زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىمىدى،ئەينى يىلى ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاران 33مىللىمېتىر،پارلنىش مىقدارى 3200 مىللىمېتىر بولغاندىمۇ، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە 3 قېتىم سۇغرىلىپلانورمال ئۆسۈپ مېۋىلىگەن.
      قۇمۇل چىلىنىدا كېسەل،ھاشاراتزىيىنى ئاز كۆرۈلىدۇ، نۆۋەتتە پەقەت قىسمەن چىلانلىق باغلاردىلا پۈرمە قاسسراقلىق قۇرت،كومستوك پسېۋدوكوككۇس قۇرتى، قىزىل ئۆمۈچۈكنىڭ زىيىنىلابايقالدى.
        قۇمۇل چىلىنى ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىۋاتقان رايون قۇمۇل شەھىرى بۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باشقا  ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىمۇ ئۆستۈرۈپ كېڭەيتىشكە  بولىدۇ .

          4. زەنخۇاڭ چوڭچىلىنى
           ئەسلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ زەنخۇاڭ ناھىيىسدە ئۆسكەن. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ غەربىدىكى تەيخاڭشەن رايونىغا تارقالغان بولۇپ، 20 –ئەسىرنىڭ 70 –يىللىرىنىڭ باشلىرىدا جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرگۈرۈپ ئۆستۈرۈلگەن.   
         زەنخۇاڭ چىلىنى ئاراخۇسۇسىيەتلىك دەرەخ بۇلۇپ، يېيىلىپ ئۆسىدۇ ، شاخلىرى شالاڭ ، دەرەخ تاجى كۆپ باشلىق،شاخلاش ئىقتىدارىئاجىز .
         مېۋە شەكلى  سوزۇنچاق يۇمىلاق ياكى تۇخۇمغا ئوخشاش بولۇپ، ئوتتۇرىچەمېۋە ئېغىرلىقى 17.3  گرام ، ئەڭ چوڭىنىڭ 29  گرام ، مېۋەيۈزى  سىلىق ، پوستى قىلىنراق ، ئېتى ئاققامايىل ، چىڭ ، بىر قەدەر سۇلۇق ، سەل چۈچۈمەل تاتلىق ، ئېرىشچان قۇرۇق  ماددىسى %30.5 ، ئەتلىك ھەم چىڭ، تەملىك بۇلۇپ قۇرۇتۇشقاتازا باپ كىلىدۇ، قۇرۇق مېۋە نىسبىتى %48.7 ، قەنت تەركىبى %71.5 ، ھۆل پىتى يېسە تەمىبىر قەدەر ياخشى، قۇرۇتۇلغان چىلان قورۇلۇپ قالمايدۇ، ئېلاستىكىلىقىنى يوقاتمايدۇ  ، ساقلاش ۋە تۇشۇشقا چىداملىق،سۈپىتى ياخشى. مېۋىسىخىل ھەم تەكشى بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردا كۆپىنچە چىلان قەندالەت ئىشلىنىۋاتىدۇ ،مەھسۇلات سۈپىتى ياخشى . بۇ سورتنىڭ ماسلشىشچانلىقى كۈچلۈك، قۇرغاقچىلققا ، ئۈنۈمسىزتۇپراققا چىداملىق ، مۇقىم ۋە يۇقىرى مەھسۇلات بېرىدۇ ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ، جەنۇبىيشىنجاڭدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسدە ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان بولغاچقا ، زور كۆلەمدەراۋانلاجلاندۇرۇش ئىستىقبالىغا ئىگە .
        زەنخۇاڭ چىلىننىڭ ئۆزچېچىكىدىن چاڭلىنىپ مېۋىلەش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ ، تىككەندە 2:1  بويىچەچاڭلاشتۇرغۇچى سورىت ، يەنى ئىككى  قۇر زەنخۇاڭ چىلىنىغابىر قۇر باشقا سورىت كىرىشتۈرۈپ تىكىش  كېرەك.

        5.  سېرىق ئەتلىك  كىچىك  چىلان
          سېرىق ئەتلىك  كىچىك  چىلانئەسلى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لېلىڭ ناھىيسىدە ئۆسكەن.  شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇدى،چىڭيۈن، ياڭشىن، جەنخۇا،شۇگۇاڭ رايونلىرى ۋە خېبېي  ئۆلكىسىنىڭ ساڭجۇ رايونىغاكەڭ تارقالغان. 20 –ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ بېشىدا  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چىلان ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلارغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ  سورتھازىر ئېلىمىزدە ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ سورت بولۇپ، مەھسۇلاتى مەملكەت بويىچە ئومۇمىچىلان مەھسۇلاتىنىڭ 15/1-4/1ىنى ئىگىلەيدۇ.
           سېرىق ئەتلىك  كىچىك  چىلان ئارا خۇسۇسىيەتلىك دەرەخ بۇلۇپ ، روشەن مەركىزىي غولى بولىدۇ ، تۈز ئۆسىدۇ ، شەكلىكونۇسىسمان بولىدۇ ؛ دەرەخ تاجى كىچىكرەك ، شاخلىرى ئىنچىكە ، ئۇزۇن ھەم قويۇق ، يېڭىشاخلىرى سارغۇچ يېشىل ئۆسىدۇ . شاخلاش ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك ، مېۋە شېخى ئوتتۇرھالۋە ئۇزۇن ئۆسىدۇ . جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىدا ئادەتتىكى يىللىرى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرا- ئاخىرلىرىدابىخلىنىپ، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن -6ئاينىڭ بېشىغىچە چېچەكلەپ،6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدامول گۈللەش  مەزگىلىگەكىرىپ، مېۋىسى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، ئاخىرلىرىدا پىشىدۇ .
          مېۋىسى ئىللىپىسمان، تۇخۇمسىمان دېگەندەك ھەر خىل ، ئۇششاقراق ، ئوتتۇرىچە مېۋە ئېغىرلىقى6-7 گرام ، پوستى نېىپىز ، رەڭگى ئوچۇق قىزىل، پارقىراق ھەم كۆركەم ، ئېتى چىڭ ھەمچۈرۈك ، تەمى تاتلىق ، سەل-پەل چۈچۈمەل ، ئېرىشچان قۇرۇق ماددىسى  %34-%38، 100گىرام چىلان تەركىبىدىكى ۋىتامىن C تەركىبى 560 مىللىگرام، يېگىلىبولىدىغان قىسىمى  %95-%97 ، قۇرۇتۇلغان چىلاننىڭئېتى چىڭ ، شەكلى توق ، ئىلاستىكىلىقى ياخشى ، قەنىت تەركىبى -80%%74  ، ساقلاش ۋە توشۇشقا چىداملىق .
       بۇ سورت شورلۇق يەرگە، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ، قىلىن ، مۇنبەت تۇپراققا مايىل . بىراق ، قۇم بورانغا،كېسەل، ھاشاراتقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىداى ئاجىز .
           بۇ سورىت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ ، يەڭگىل شورلۇق سېغىزتۇپراقلىق رايونلاردا ئوبدان ئۆسىدۇ . بىراق قۇملۇق يەرلەردە ئۆستۈرۇشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

چىلاننى ئۇلاش تېخنىكىسى

1.ئۇلاقلىقتەييارلاش : ئۇلاقلىق  تەييارلاشتا ساغلام، ئۇششۈك ۋە كېسەللىك ، ھاشارەتلەنىڭ زىيىنى بولمىغان ، بىخلىرى تولۇق پىشقان بىر–ئىككى يىللىق نوتىلار يىغىۋېلىنىدۇ . ئۇلاقلىقنىڭ بىر نەچچە خىل ساقلاش ئۇسۇلى بولۇپ نۆۋەتتە كۆپرەك قوللىنىۋاتقانلىردىن موم يېپىشتۇرۇپ ساقلاش ، قۇمغا كۆمۈپ ساقلاش ياكى گەمىدە ساقلاش ئۇسۇللىرى بار .

2.موم يېپىشتۇرۇپ ساقلاش : ئالدى بىلەن شۇ كۈندىكى يىغىۋېلىنغان ئۇلاقلىق كېسىپ تەييارلىنىدۇ ، ئۇلاقلىق كەسكەندە بىر تال بىخنى بىر بۆلەك قىلىپ كېسىمىز ، كېسىش ئۇزۇنلىقى ئىككىلەمچى شاخلارنىڭ ئارلىقى ئۆلچەم قىلىنىدۇ . ئاندىن سانائەتكەئىشلىتىغان مومنى قازاندا سۇس ئوتتا ئېرىتىمىز . ئاندىن كېسىپ تەييارلانغان ئۇلاقلىقنى چويلا بىلەن قازاندىكى  ئېرىتىلگەن مومغا بىرلا چۆكۈرۈپ تارتىۋېلىپ ئالدىن تەييارلىۋالغان تاختا ئۈستىگە چاچىمىز . ئۇلاقلىقنى مومغا چۆكۈرۈپ تارتىۋېلىش ئارلىقى ئۇلاقلىقنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ھالقىلىق مەشغۇلات بولۇپ ، ئۇلاقلىقنى قازاندا بەك ئوزۇن تۇرغۇزۋەتكەندە ئۇلاقلىق كۆيۈپ كېتىشى مۇمكىن ، مەشغۇلات بەك تېز بولۇپ كەتكەندە موم ياخشى يېپىشماي قېلىشى مۇمكىن .يەنە بىر مۇھىم ھالقا ئۇلاقلىقتىكى مومنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇتۇش بولۇپ بۇنىڭ ئۈچۈن قازاندن سۈزۈپ ئېلىنغان ئۇلاقلىقنى كەڭرى  تاختا ئۈستىگە تەكشى چاچىمىز .بۇنداق قىلغاندا ئۇلاقىلىق تېز قۇرۇيدۇ . ئەگەر بۇنداق قىلماي دۆۋلەپ قويۇلسائۇلاقىلىق كۆيۈك كېتىشى مۇمكىن . تەييارلانغان ئولاقلىقنى چىگە تاغارلاغاقاچىلاپ  ئادەتتىكى ئۆي شارئىتىدا ئىككى–ئۈچ ئاي ،  سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتلىرىدابەش –ئالتە ئاي ساقلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ ، ساقلاش جەريانىدا ھاۋا ئۆتۈشۈپتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ، ئەگەر ئادەتتىكى ئۆيلەردە ئۇزاقراق ساقلاشقاتوغرا كەلسە نەم قۇمغا كۆمۈش ئارقىلىق ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ  ، ھاۋا ئىسىپ كەتكەن  . بۇ خىل ئۇسۇلدا تەييارلانغان ئۇلاقلىقنىڭئارتۇقچىلىقى  ئۇزۇن ساقلىغىلى بۇلىدۇ  ، كەمچىلىكى تەييارلاش جەريانىدا  دىققەت قىلمىسا ھەر ۋاقىت كۆيۈك كېتىش ئېھتىماللىقى مەۋجۈت .

   1.قوۋزاق ئاستى ئۇلاق : بۇ يەنە قوۋزاق ئاستى ئۇلاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئالدى بىلەن ئۇلاق ئۇستىنىڭ بىر تەرىپىدىن 5~3سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا سىلىق قىلىپ ئۇزۇن شۈلىنىدۇ.ئاندىن بۇئۇزۇن يۇزنىڭ ئارقا تەرىپىنىڭ ئاستىدىن 0.5سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا قىسقا يۇز شۈلۇپ چىقىرىلىدۇ . بۇنداقتا ئۇلاقلىقنى سانجىپ كىرگۈزۇشكە قۇلايلىق بولىدۇ . ئاندىن ئۇلاق ئاستىنىڭ  قوۋزىقىنىڭ سىلىق يىرىدىن ئۇلاق ئاستىنى كېسىپ،كەسمە يۇزى تەكشىلىنىدۇ. ئاندىن ئۇلاق ئاستىنىڭ بىرتەرىپىدىن پىچاق بىلەن چوڭقۇرلىقنى ياغاچلىق قىسىمىغا يەتكۈزۇپ تىك كېسىلىدۇ . شۇ يۆلىنىش بويىچە ئۈستى تەرەپنىڭ قوۋزىقىنى ياغاچلىق قىسىمىدىن ئاجىرىتىمىز . ئۇلاق ئۇستىنى سالغاندا ئۇزۇن شىلىنغان تەرىپىنى ئىچى تەرەپكە ،قىسقا شىلىنغان تەرىپىنى تېشى تەرەپكە قارىتىپ كېسىككە توغرىلاپ ئاستا-ئاستا سانچىلىدۇ.بۇچاغدائۇلاق ئۇستىنىڭ كەسمە يۈزىنى ئۇلاق ئاستىغا پۈتۈنلەي كىرگۈزۋەتمەي ،تەلەپ بويىچە0.5~0.4سانتىمىتىر جاينى ئاق قالدۇرۇش كېرەك.بۇنداق قىلىش ئۇلاقنىڭ ئۆز-ئارا بىرىكىپ تۇتىشىغا پايدىلىق .ئاخىرىدا سۇلياۋلىنتا بىلەن سۇلياۋ لىنتا بىلەن چىڭ تېڭىلىدۇ .بۇ خىل ئۇلاش ئۇسۇلى ئۇلاق ئاستى ئۇلاق ئۇستىدىن توم بولغان ئۇلاق ئاستىغا باپ كىلىدىغان بۇلۇپ، پەقەت ئۇلاق ئاستى بىخلىنىپ قوۋزىغى ئوڭاي سويىلدىغان مەزگىلگە كەلگەندىلائۇلاشقا بۇلىدۇ .

     2.  ياغاچلىق بىخ ئۇلاق:ئۇلاقئۈستىدىن ئۇلاق بىخىنى ياخشى تاللاپ ئاساسى بىخنىڭ ئۈستى تەرپىدىكى ئىككىلەمچى شاخنى 1سانتىمىتىر قالدۇرۇپ كېسىمىز .ئاندىن ئاساسى بىخنىڭ ئارقا تەرىپى ياكى يان تەرىپىدىن 3~2.5سانتىمىتىر ئۇزۇنلىقتا بىرئۇزۇن يۈز شۈلۈپ چىقىرىلىدۇ . ئاندىن ئۇزۇن يۈزىنىڭ ئارقا تەرپىدىن 1سانتىمىتىر ئۇزۇنلىقتا بىر قىسقا يۈز شۈلۈپ چىقىرىلىدۇ . ئۇلاق ئاستى يەر يۈزىدىن20سانتىمىتىر جايىدىن سىلىق يېرى تاللاپ كېسىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلاق ئاستى ياغاچلىق قىسىمىغا يةتكۈزۇپ توغرىسىغا پىچاق بىلةن تىلىنىدۇ . ئاندىن ئاستىدىن ئۈستىگة قارىتىپ كېسىپ قوۋزىقى  چىقىرېۋتىلىپ ، شةكىللەندۈرگۈچى قەۋىتىنى تېپىپ چىقىپ ،ئۇلاق پىچىقى بىلەن شەكىللەندۈرگۈچى قەۋىتىنى بويلاپ ئاستى تەرەپكە قارىتىپ 5-3سانتىمىتىر كېسىلىدۇ  ،ئاندىن ئۇلاق بىخنىڭ ئۇزۇن شىلىنغان تةرىپىنى ئىچى تەرەپكە، قىسقا شىلىنغان تەرىپنى  تېشى تةرةپكة قارىتىپ شەكىللەندۈرگۈچى قەۋەتلىرىنى ئوبدان توغرىلاپ كېسىك ئاغزىغا سېلىنىدۇ . ئاندىن ئۇلاق بىخى بار جاينىلا قالدۇرۇپ قالغان جايى سۇلياۋ بىلةن تېڭىۋېتىلىدۇ .بۇ خىل ئۇلاشئۇسۇلىنى قوللانغاندا تۇتۇش نىسبىتىنى%90دىن ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ .

    3. تىل ئۇلاق:ئۇلىغان ۋاقىتتا ئۇلاق ئاستى بىلەن ئۇلاق ئۈستىنىڭ ئاستى تەرىپى ھەر ئىككلىسى قىيپاش ئۇچلىنىدۇ . ئۇزۇنلىقى تەخمنەن 3سانتىمىتىر بولسا بۇلىدۇ . قىيپاشلىقى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بۇلۇشىكېرةك .ئۇنىڭدىن كىيىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۇچلىغان يۇزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىچى تەرەپكە تىك قارىتىپ بىر كېسىك كېسىلىدۇ ،ئاندىن ئۇلاق ئۈستى بىلەن ئۇلاق ئاستى ئۇلاپ بىرىكتۇرۈلىدۇ . تىل ئۇلاقتا ئەڭ ياخشىسى ئۇلاق ئۈستى بىلەن ئۇلاق ئاستىنىڭ توملىقى تەڭ بۇلىشى كېرەك . مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن شەكىللەندۈرگۈچى قەۋەتلىرى ئۆز-ئارا ئۇدۇل كېلىدۇ . ئەگەرتوملىقىدا ئازىراق  پەرىق بۇلۇپ قالساچۇقۇم بىر تەرىپىنى بولسىمۇ ئۇدۇللاش كېرەك. ئاخىرىدا ئۇلانغان جاي  سۇلياۋ لىنتا بىلەن چىڭ تېڭىۋېتىلىدۇ .

        4. بېقىن ئۇلاق:قايچا ياكى ئۇلاقچىلىق پىچىقى بىلەن ئۇلاق ئۈستىنىڭ بىر تەرىپىدىن 3 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر ئۇزۇن يۈزشىلىپ چىقىرلىدۇ  ، ئاندىن بۇ ئۇزۇن يۈزنىڭ ئارقا تەرىپىدىن 1.5 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر قىسقا يۈز شىلىپ چىقىرلىدۇ .ئۇلاق ئۈستىنىڭ شىلىپ چىقىرىلغان جايىنىڭ بىر تەرىپى قېلىن ، بىر تەرىپى نىپىز بۇلىدۇ . ئاندىن ئۇلاق ئاستىنىڭ ئۇلىنىدىغان جايىدىن قايچا ياكى پىچاق بىلةن ئاستىغا قارىتىپ4~3 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا قىيپاش كېسپ بىر ئېغىز ئېچىلىدۇ ، ئاندىن ئۇلاق ئاستىدىكى بۇ ئېغىزنى ئىتتىرىپ ئېچىپ ئۇلاق ئۈستىنىڭ ئۇزۇن  يۈزىنى تېشى تەرەپكە، قىسقا يۈزىنى ئىچى تەرەپكە  قارىتىپ دەرھال  چىڭ قىستۇرۇپ سېلىنىدۇ . ئۇلاق ئۈستىنىڭ ئۇچلاپ چىقىرىلغان شەكىللەندۈرگۈچى قەۋىتى بىلةن ئۇلاق ئاستىنىڭ شةكىللةندۈرگۈچى قةۋىتى ئۆز-ئارا ئۇدۇل كېلىشى كېرةك . ئۇلاق ئاستى ئۇلانغان جاينىڭ ئۈستىدىن قىيپاش قىلىپ كېسىۋېتىلىدۇ ، ئاندىن بۇ كېسلگەن جاي ئۇلاق ئېغىزى بىلەن قوشۇپ چىڭ تېڭىۋېتىلىدۇ .

  ئۇلانغان كۆچەتنىڭ پەرۋىشى:

  سۇغىرىش، ھارام پۇتىقىنى ئېلىۋىتىش ، يۆلەنچۈك باغلاش ، تېڭىقىنى بوشىتىش ، (يازلىق )غولىنى بەلگىلەش ، تېڭىقىنى ئېلىۋېتىش.  تولۇقلاپ ئۇلاش .....

شۇ باھانىدا قوشۇمچە ئېلانىمنى بېرىۋالاي :  ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتتا مەخسۇس چىلان ئۇلاقلىقى (كۆز) يىغىپ موملاپ تەييارلىغان نەچچە يۈزكىلوگىرام ئۇلاقلىق بار ،بۇ يىل چىلان ئۇلىتىدىغانلار ،  ئېتىياجلىقلار تېزدىن ئالاقلىشىڭلار ،تېلفۇن نومۇرۇم: 15109961868، ئۇنىڭدىن باشقا قېرىنداشلارغا چىلانچىلىق تېخنىكىسىدىن ھەقسىزمەسلىھەت بېرىمەن . چىلانچىلىق بىلىملىرىمنى ئېلان قىلغان بلوگىم : http://lopluq.blogbus.com/



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 02:00 PM  


ئادەم - ئۇ ئەڭ ئا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44751
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4288
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 03:03:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەمىلى ئەسقاتىدىغان تېخنىكىلىق تەلەپلەر سۆزلەنگەن ياخشى تېمىكەن ...تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84609
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1150
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 476 سائەت
تىزىم: 2012-9-2
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 03:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
emetbeg ئەپەندىم سىزدىن سوراپ باقسام،  خوتەن رايۇنىدا چىلان كۆچىتى تىكىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى قاچان ؟ ، چىلان كۆچىتى تىكىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى قايسىلار ؟ .
ئېغىر كۆرمەي سۆزلەپ بەرسىڭىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 03:56:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھامىنى پەرۋىش قىلغاندىن كېيىن ياخشى پەرۋىش قىلىش كېرەك
مەن ئۆتكەندە تىلۋزودىن 3دانە چىلارنى 30000يۇەنگە ئالغانى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ئۇ چىلانلارنىڭ چوڭلىقى تۇخۇمدەك بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 445
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11074
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 3292 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 04:07:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنىدا چىلان تىكىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 25-كۈنلىرىگىچە بولۇپ ، ئەمەلىي ۋاقتىنى شۇ جاينىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىغا قاراپ بىكىتىمىز . ئادەتتە تۇپراق تىمپىراتۇرسى 20سېلتىسى گىرادۇستىن ئاشقاندا تىكسەك مۇۋاپىق بولىدۇ .         چىلان تىكىشىنىڭ ئۇسۇلىغا كەلسەك گەپ ئۇزىراپ كىتىدۇ . ھازىر كۆپ قوللىدىغان ئۇسۇللاردىن ياۋا چىلان ئۇرۇقىنى بىۋاستە تېرىش ، كۆچەتلەرنى بىۋاستە تىكىش ئۇسۇللىرى بار . ئادەتتە چىلان كۆچەتلىرىنى چۆنەك ئېچىپ تىككەندە ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ .

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12105
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3278 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 06:11:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش