|
|
|
|
ئىسمى: | L'as des as | خەنزۇچە ئىسمى: | 王中王 | دۆلىتى: | فرانسىيە | تىلى: | فرانسۇس، نىمىس تىلى | تۈرى: | ئۇرۇش، كومىدىيە | فورماتى: | MKV | ۋاقتى: | 1982年10月27日 | يېزىقى: | ئۇيغۇرچە | رازمېرى: | 720P | سىغىمى: | 1.59GB | ئۇزۇنلىقى: | 103 مىنۇت | رېژىسسور: | Gérard Oury | باش رولچىلار: | 让-保罗·贝尔蒙多 玛丽-弗朗丝·皮西尔 Rachid Ferrache | قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى: | ھېكايە 1936-يىلى گىتلېر ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. شۇ يىلى فاشىست كاتىباشلىرى ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا گىرمانىيە بىرلىن شەھىرى دۇنيا ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. فرانسىيە بوكس كوماندىسىنىڭ تېرنېرى جورجېس.كاۋارى گەرچە گىرمانىيە فاشىسىتلىرىغا قاتتىق نەپرەتلىنىپ، گىتلېرنىڭ تەلۋىلەرچە ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ خەلىقئارادىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، فاشىسىت ھاكميىتىنى تەشۋىق قىلسىمۇ لېكىن ئۇ كوماندىسىنى باشلاپ، بېرلىنغا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشقا ئاپىرىدۇ.
فرانسىيە تەنھەركەتچىلىرى پويىزغا ئولتۇرۇپ، بېرلىنغا بارىدۇ، يول ئۈستىدە ئۇلار تولۇپ تاشقان ئىشەنچىگە تولىدۇ. كاۋارى ئۆز ۋاقتىدا قالتىس بىر بوكسچى بولۇپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان، فرانسىيە كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى بولغان ۋاقىتتا گىرمانىيە ئايرۇپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، فىرانسىيەدە زور نام-ئاتاققا ئېرىشكەن. دەل شۇ ئۇرۇش ۋاقتىدا ئۇنىڭ گىرمانىيە ھاۋا ئارمىيە ئوفىتىسىرى بېكمان بىلەن ھاۋا بوشلۇقىدا تۇتۇشىپ قالدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭىش-يېڭىلىشنى ئايرىغىلى بولمايدۇ. ئۇرۇشمىغىچە تېپىشماس دېگەندەك ئۇلار ھاۋا بوشلۇقىدىن يەرگىچە ئېلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرۇسىدا دوستلۇق ھېسسياتى شەكىللىنىپ، ئۇلار يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ. شۇ چاغلاردا ئۇلار 25 ياشلاردا ئىدى. دۇنيا ۋەزىيىتى ئۆزگەرسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ دوستلۇقى بۇرۇنقىدەكلا ساقلىنىپ قالىدۇ.
ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە ئۇلار يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ قالىدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا بېكمان، كاۋارىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بىرىپ، فرانسىيە بوكس كوماندىسىنىڭ جەمىئيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.ئويلىمىغان ۋاقىتتا سىموڭ ئىسىملىك بىر يەھۇدى بالا تاسادىپىي پۇرسەتتە پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسى گىرمانىيە فاشسىتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكگە ئۇچراپ، دادىسىنىڭ كىتابخانىسى پېچەتلىنىپ، چېقۋىتىلگەنلىكتىن بىر ئائىلىك كىشلىرى نەگە بېرىشنى بىلمەي قالىدۇ. كاۋارى بېكماننى ئۇچرىتىپ قالغاندا بەخىتسىزلىكىگە ئۇچرىغان ئۇ بالىغا ئىنتايىن بەك ھېسداشلىق قىلىدۇ. سىموڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كاۋارى بېكماننىڭ ياردىمىدە ھەم ناتسىسىت ئۇنسىۇرلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەرىكەت قىلىشى بىلەن يېىش-يېنىشلاپ خەتەرلىك ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئاخىرىدا باتۇر، قورقماس كاۋارى ئاخىرى دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، سىموڭ بىر ئائىلە كىشلىرىنى ئاۋىسترىيە چېگرىسىغا ئاپىرىپ قويىدۇ.
بۇ فىلىمدا چەتكە قىچىش ۋەقەلىگى ئاساسى تېما قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن كىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر مېھىر-مۇھاببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغان. ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ ئەڭ ئاخىردا شاد خوراملىققا تولغان، ھەققانىيەتچى ‹‹تەۋەككۈلچى›› كىشلەرگە خۇشالىق ھەم ئۈمىد ئېلىپ كىلىدۇ. ھەمىشە چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان Jean-Paul Belmondo رول ئالغان ‹‹تەۋەككۈلچى›› دېگەن بۇ فىلىمدا بىر بوكس تەنھەركەتچىسىنىڭ ئاقكۆڭۈل، باتۇر روھى خاراكتېرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ بىرىدۇ. |
كۈرۈش ئادرىسى: ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورى
|
|
|
|
|
|