مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5762|ئىنكاس: 32

تەكلىماكاندىكى سوپى - ئىشانلار ( تۈگدى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92297
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2013-2-25
ئاخىرقى: 2014-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 04:30:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                     تەكلىماكاندىكى سوپى - ئىشانلار

مۇشۇنىڭ بىلەن < تەكلىماكاندىكى سوپى-ئىشانلار > ناملىق تىما تۈگدى. ھەقنى  قۇرئان ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بويىچە ھەق دىگەنلەرنىڭ ياكى شىرىكنى كۆرۈپ تۇرۇپ شىرىك ئەمەس  دىگەنلەرنىڭ ساۋابى ۋە گۇناھى ئۆزىگىدۇر. مۇشرىك سىزگە كىلىپ :< سەن بىزنى مۇشرىك دىدىڭ،بىزمۇ ئاللاھنى بار دەيمىز،پەيغەمبەرنى سۆيىمىز،شۇنداق ئىكەن سەن بىر مۇسۇلماننى شىرىككە كۆتەرگەنلىكىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۇنى ھىساپ بىرىسەن > دىسە ،راس شۇنداق بولامۇ دەپ قورقۇپ شىرىككە رازىلىق بىرىش ياكى ئۆز يولىڭىزدىن تەۋرەپ قىلىش ھەقىقىي مۆئمىن مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس. قانداقلا يەردە بولۇڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە خىلاپ بولىدىكەن،ئۇنى دادىل ھالدا رەت قىلىش، رەدىيە بىرىش كىرەك. ھەق يول قانداقتۇر كۆپچىلىك نىمىنى خالىسا شۇ بولىدىغان ۋە ياكى جامائەت قايسى تەرەپتە جىق بولسا ھەق شۇ تەرەپتە بولىدىغان ئىش يوق، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز يالغۇز ھەقتە تۇرسىڭىز سىز ھەقىقىي ئەھلى جامائەت ۋە ئەھلى سۈننەت بولىسىز !









   ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى كۆپ دەپ قارايسىلەر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سانىنى زىيادە قىلسۇن!، لېكىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولىشى بىلەن تۈرلۈك بىدئەت، ھاۋايى-ھەۋەسلەر ئۇلارنى بۆلىۋەتتى، ئىختىلاپلار ئۇلارنى  ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى. ئاللاھ ساقلىغان كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ قەلبى ئاخىرەتتىن دۇنيانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆز نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىش بىلەن زەئىپلەشتى.بىدئەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەر قەلبلەرنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۇ ئېغىر كىسەل بولۇپ، روھنى ھالاك قىلغۇچى زەھەر، ئەگەشكۈچىنى ھەقىقەتنى ئاڭقىرالمايدىغان ۋە كۆرەلمەيدىغان گاس-قارغۇ قىلىدۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە ھالاكەتكە ئۇچرىتىدۇ. بىدئەت دېگەن ئىسلام دىنىدا ئەسلى بولمىغان ئەمەللەردىن ئىبارەت بولۇپ، بىدئەتچىمۇ ئۆزىنىڭ قۇرئان-ھەدىسكە، ئىلىم ئەھلىگە مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ يول باشچىلىرىغا ئەگىشىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. گەرچە ئۇلار ئۆزىنى ئېلىم ئەھلى دەپ قارىسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا يولىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى سەۋەبىدىن بىلىمسىز ھېسابلىنىپ ئازغۇنلۇق ۋە پىتنىگە دەۋەت قىلغۇچى دەپ قارىلىدۇ.
ساھابىلار ئۆز دەۋرىدە بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ كىشىلەرگە قۇرئان-ھەدىسنىڭ توغرا پرىنسىپىنى، ھەقىقەت كىتاپ-سۈننەتكە ئەگىشىش بىلەن نامايەندە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن. ئاللاھ ئۇلار بىلەن ھەقىقەت نۇرىنى  يورۇتۇپ بىدئەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتقان، ئۇلاردىن كېيىن تابىئىنلارمۇ ئامانەتنى ساقلاپ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى. ھەر قاچان بىر بىدئەت پەيدا بولىدىكەن، ئاللاھ شۇ بىدئەتنىڭ شەرىئەتكە زىت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ رەت قىلىدىغان، دىننى قوغدايدىغان ۋە ھەققە ياردەم بېرىدىغان ھەقىقەتچى كىشىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز». ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى زىيىنى ۋە دىندا يۈز بېرىدىغان خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالاردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ، شۇ كۈندە يەنى قىيامەت كۈنىدە بەزى يۈزلەر يەنى مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرى ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر يەنى كۇففارلارنىڭ يۈزلىرى قارىيىدۇ». ئىبنى كەسىر (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) بۇ ئايەتنى تەپسىر قىلىپ: "يۈزى ئاق كىشىلەر سۈننەت ئەھلى(يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەنلەر)، يۈزى قارا كىشىلەر بولسا بىدئەتچى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر" دەيدۇ.
بىدئەت دىننى ۋەيران قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزىدۇ. ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ، ئاخىرەتتە ئىنساننى دەرتلىك ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. دۇنيادا زېيىنى ھەممىگە تەڭ بولىدۇ، قەلبلەر بىر بىرىدىن نەپرەتلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ. خارلىق رەزىللىك تارقىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىنىڭ سۈننىتىمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار خار ۋە رەسۋا قىلىندى».
بىدئەتتىن قالسا دىننى ۋەيران قىلىدىغان نەرسە ھاۋايى-ھەۋەس بولۇپ، بۇ ئىنساننىڭ دىنى ئېتىقادىنى ۋەيران قىلغاندىن سىرت، مۇسۇلماننىڭ قەلبىنى رەھىمسىزلەشتۇرۇپ غەپلەتتە قويىدۇ ۋە دىللىرىنى قارايتىدۇ، ھەقنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنى ئۆچ كۆرىدۇ. دۇنيادا خار ۋە رەسۋا بولۇپ ئاسىيلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ئاخىرەتتىكى ئازابى بۇنىڭدىنمۇ ئەلەملىك ۋە دەھشەتلىك بولىدۇ. ئىنساننىڭ نەپسى گۇناھ-مەسىيەتكە ئادەتلەنسە ئۆز ئىگىسىنى ئاسىيلىققا يېتەكلەيدۇ ۋە بالا-مۇسىبەتكە دۇچار قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنى كونترول قىلىش قېيىن بولىدۇ.
مۇسۇلمان ئۆز نەپسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تەقۋالىققا يېتەكلەپ، ياخشى ئەمەللەر ۋە پايدىلىق ئىشلارغا ئادەتلەندۈرسە دۇنيا-ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا نەپسى شەھۋەتلىرىگە ئەگىشىپ تەۋبە قىلمىغان كىشىلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقان ئورۇن باسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار قىيامەتتە گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ». ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى: «قىيامەتتە گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» دېگەن ئايەتنى ئىزاھلاپ، "جەھەننەمدىكى ئاستى بەك چۇڭقۇر، يېمەكلىكى نىجىس بولغان بىر جىلغىدىن ئىبارەت" دېگەن.
ئى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم! بىدئەت پىتنىلىرى ۋە چەكلەنگەن  ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار. ئىنسان ئىلىمسىزلىك ۋە تەقۋاسىزلىق بىلەن ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىدۇ. بىدئەت ۋە شەھۋەتلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسلىق يولى مەنپەئەتلىك ئېلىم ۋە ياخشى ئەمەللەردىن ئىبارەتتۇر. بارچە يامانلىقنىڭ سەۋەبى بىلىمسىزلىك ۋە جاھىللىقتىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن كىشىلەر نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، بىلمەستىن باشقىلارنى ھەقىقەتەن ئازدۇرىدۇ، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ شەرئى دەلىلسىز ھالال، ھارام دەپ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ».
مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنى قۇرئان-ھەدىستىن بولغان دەلىللەر بىلەن بىلىشكە بۇيرۇلغان، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى، ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد(بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن». مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى دىندا ئالىم قىلىدۇ(پەقىھ قىلىدۇ)». ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېلىم ۋە ئالىملار زېمىندا داۋام قىلىدىكەن، كىشىلەر توغرا يولدا بولىدۇ، ئالىملاردىن كىيىن ئىلىمسىزلار كۆپەيگەندە كىشىلەر گۇمراھلىققا يۈزلىنىدۇ". ئاللاھ تائالا بىدئەتتىن ساقلىنىش ۋە نىجات تېپىشنىڭ كىتاپ-سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى بولغان قۇرئان كەرىمگە چىڭ ئېسىلىڭلار، بۆلۈنۈپ كەتمەڭلار». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمنى ۋە مەندىن كېيىنكى ئۆزى توغرا يولدا بولغۇچى ۋە باشقىلارنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا چىشىڭلارنى چىشلەپ تۇرۇپ ئەمەل قىلىڭلار».
ئاللاھ تائالا، بىدئەت پەيدا قىلماستىن سۈننەتكە ئەگەشكەن كىشىلەرنى نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ، ئىسلام تەلىماتىنى تەتبىقلاشقا چاقىردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر(يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار)دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن مەمنۇن بولدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر».
يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇرئان-ھەدىسنى ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ، ساھابىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە چۈشۈنۈپ، ئىدىيىنى ۋە بارلىق ئەمەللەرنى سۈننەتكە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش كېرەك. شۇنداقلا مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ يول باشچىسىغا ئەگىشىش، ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالماسلىق كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ يول باشچىسىنى چىڭ تۇتۇڭلار». دىنى ئىشلارنى كىتاپ-سۈننەتنى بىلىدىغان ۋە ئەمەل قىلىدىغان ئالىملاردىن سوراش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر دىن ئىشلىرىنى بىلمىسەڭلار، بېلىم ئىگىلىرىدىن سوراڭلار». بىدئەتتىن ساقلىنىشنىڭ يەنە بىر يولى، مۇسۇلمانلارغا ھەسەت قىلماسلىق، ھىلى-مىكىر ئىشلەتمەسلىك، ئۇلارغا قارشى چىقماسلىق ۋە خىيانەت قىلماسلىق بىلەن بولىدۇ. (دېمەك؛ بىدئەتتىن ساقلانغاندا جەمئىيەتتە بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، بىربىرىگە كۆيۈنۈش، ھەقىقەتپەرۋەرلىك، دىنىنى، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىشقا تىرىشىدىغان ئاجايىپ كۈچ بارلىققا كېلىدىغانلىقىدا ھېچقانداق شەك يوقتۇر...-م-) بۇ مەنالار  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «دىن نەسىھەت قىلىشتۇر» دېگەن ھەدىسىدە ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەممەيلەننى بىدئەتتىن ساقلاپ سۈننەتكە ئەگىشىشكە مۇۋەپپەق قىلسۇن!




   بۇ سوپىزىملارنى ياقلايدىغانلارنىڭ  ماڭا يازغان ماقالىسى




   سوپىزىمنى قارىلاپ قىلمىغىنى قالمايۋاتقانلارغا مۇشۇنداق يوغان ئىسىم بىلەن تىما يېزىپ سوپىلارنىڭ ئاسمان زىمىندىكى شان-شۆھرىتىنى قايتا بىر تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈم كەلدى.
ھەممىگە تونۇشلۇق كاتتا ئۆلىما مەۋلانە جالالىدىن رۇمى(سوپىلارنىڭ پىر ئۇستازى)بەش ياش ۋاختىدا كىچىك بالىلار ئۆگزىدىن سەكرەش ئويۇنى ئويناپ دوسلىرى سەنمۇ سەكرە جالالىدىن دىگەندە مەن يەرگە سەكرىمەيمەن ئاسمانغا سەكرەيمەن دىگىنىچە ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ بىر ھازادىن كىيىن چۈشكەنكەن.ھودۇقۇپ كەتكەن ئانىسى نەگە باردىڭ دەپ سورىسا مىنى قارا كىيىملىك بىر توپ ئادەملەر كۆتىرىپ ئاسماننى چۆرگىلەتتى دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.بۇ رىۋايەت نۇرغۇن كىتاپلاردا بار.مەۋلانەنىڭ تۈركىيىدىكى تەسىرى ئىنتايىن زور.ھازىرغىچە تۈركىيىدە مەۋلانەچە سوپىلق دەۋر سۈرمەكتە.شىنجاڭدىكى ئەڭ بىلىملىك ئۆلىما قانداق ئۆلىما دىگەن سوئالغا داڭلىق ئۆلىمالارنىڭ ئېغىزىدىن جالالىدىن رۇمىنىڭ <<مەسنەۋى شېرىپ>>ىنى ئوقۇغان ئۆلىما دىگەن گەپنى ئاڭلايسز.
ئوسمان ئېمپېرىيىسىنىڭ سۇلتان خەلىپىللىرى داڭلىق سوپىلاردىن بولۇپ بېشىغا يۆگىۋالغان سەللىللىرى ئۇلارنىڭ كىپەنلىگى ئىدى،تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان بۇ خەلىپىلىك ئۈچ قىتئە يەتتە دېڭىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.تېخىمۇ تەپسىلى ئىشلارنى ئۇلارنىڭ تارىخىنى ئوقۇسىڭىز چۈشىنەلەيسىز.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش مەخىسدى قىلىپ ئېسىلغىنى داڭلىق سوپى ۋە پەيلاسوپ شەيىخ سەئىدىنىڭ بىر كوپلىت شېئرى ئىكەنلىكىدىن بەلكىم خەۋىرىڭىز يوق؟سەئىدىنىڭ ئۇ شېئرىنى سەئىدىنىڭ بوستان ،گۈلىستان دىگەن ئەسەرلىرىگە يېزىلغان كىرىش سۆزلەردىن كۆرۈڭ.
ھېچكىم دىن توغرىسىدا ئوچۇق سۆزلىيەلمەيۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كوچا كويلاردا ھەيۋەتلىك ئاۋاز بىلەن ئۈنگە ئېلىنىپ قويىلىۋاتقان،قەلىبلەرنى تىترىتىۋاتقان ئەسەرنىڭ ئاشىق سوپى  يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ  ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمماڭ؟يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سوپى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىسىڭىز <<قۇتادغۇ بىلىك>>نى تەپسىلى ئوقۇڭ.
پۈتكۈل دەرىسلىكلەردە،تارىختا،پۈتۈن دۇنيادا پەخىرلىنىپ تىلغا ئېلىنىپ كىلىۋاتقان ئەلشىر ناۋايىنىڭ فانى دۇنيا تەلىماتىنى ۋە خانىقالاردا ئوقۇلغان ھىكمەتلىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ!سوپىنىڭ قانداقلىقىنى شۇ چاغدا بىلىسىز؟
لۇتفى، ئەھمەت يەسەۋى،زەلىلى،سەككاكى،ئابدۇرېھىم نىزارى قاتارلىقلار سوپىلاردىن ئىدى...كىلاسسىكلاردىن سوپى ئەمەس دىگەنلىرىڭىزنى ئېيتىڭ مەن ئاڭلاپ باقاي؟
گېنىراللاردىن تۆمۈر خەلىپە،خوجا نىياز ھاجى...سوپىلاردىن ئىدى.
خوش،بىر سوئال.سىز ۋە مەن مۇشۇلارنىڭ نەرى بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرالايمىز؟ئۆلسە تۆت ئادەم كىلىپ كۆمۈشكە خوش ياقمايدىغانلارنىڭ سوپىلار توغرىسىدا بىلجىلرلىشىغا نىمە ھەددى؟
ئەمدى سوپىلارنىڭ زىمىندىكى تەسىرى ئۈسىدە توختىلاي.
جاھانغا پاتماي قالغان غەرىپ پەيلاسوپلىرىنىڭ سوپىلاردىن ئۆگەنمىگىنى ئاساسەن يوق دىيەرلىك.كانت دەمسىز،گېگىل دەمسىز،روسسو دەمسىز ئىشقىلىپ ھەممىسى دىگۈدەك سوپىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ھەيرانۇ- ھەس قالغانلار.ئىشەنمەمسىز؟ئەمىسە شۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشىراق ئوقۇپ بېقىڭ.ئۇلارنىڭ سوپىزىمغا بەرگەن باھاسىنى مۇنۇ ئىككى جۈملە بىلەنلا بايان قىلىپ تۈگىتەي:ئۇلارنىڭ دىگىنىنىڭ بىرىنجىسى،قەدىمقى يۇنان پەلسەپەسىمۇ تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسىگە يەتمەيدۇ.ئىككىنجىسى،تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسىنى بىلگەنلەر ئەۋلىيالىق دەرىجىسىگە يەتكەنلەردۇر.مانا بۇ باھالار غەرىپ پەيلاسوپلىرىنىڭ سوپىزىمغا بەرگەن باھالىرىنىڭ بىر قىسمى.
غەرپ پەيلاسوپلىرىنىڭ سوپىلاردىن نىمە ئۆگەنگەنلىكىنى،كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىنى تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسىگە ئائىت كىتاپ ۋە ماقالىلاردىن ئوقۇڭ.
مەن بىلگەنلىرىمنى ئېسىمدە قالغىنى بويىچە مۇشۇنداقراق يازدىم.پىكىر قىلىدىغانلار،ئىنكاس يازىدىغانلار ئەڭ ئاز بولغاندا پەلسەپەگە ئائىت كىتاپتىن نەچچىنى ئوقۇپ،سوپىزمغا ئائىت كىتاپتىن ،ماقالىلاردىن ئوقۇپ پىكىر بايان قىلساڭلار.
مەن يەنە مەنسۇر ھەللاجى،باھاۋۇدۇن نەخشىبەدى،ئىبىن رەببانى...قاتارلىقلار توغرىسد ا توختالمىدىم.مەن بىلەن چۇڭقۇر مۇنازىرلىشىشنى خالايدىغانلارغا قەلبىم ئوچۇق.ھەر قانداق نەرسىنىڭ راستى بىلەن ساختىسى بولغىنىغا ئوخشاش سوپىلارنىڭمۇ ساختىسى بار ئەلۋەتتە!بىراق قارا قويۇقلا ئىنكار قىلىش ئاقىلانىلىق ئەمەس.سوپىلار توغرىسىدا ئىنكاس يېزىشتىن ئىلگىرى <<تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى>>نى ياكى باشقا سوپىلار توغرىسىدا يېزىلغان بىرەر پارچە ئەسەرنى ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. شەيىخ سەئىدىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقىساڭلارمۇ بولىدۇ.


     بۇ مىنىڭ يۇقارقى ماقالىگە بولغان رەدىيەم!




  خەلقىم يۇقارقى ماقالىنى ئوقۇپ قايمىقىپ كەتكەنسىلە؟ مەنمۇ تۈركىيىدىكى ۋاقتىمدا بۇ خەقنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ  نىمىلەنى دەيدىغاندۇ؟! ئەجىبا بۇ راسمىدۇ؟! دەپ بىر قىسمىلا بوپ قالغان.
ئەسلى بۇلارنىڭ سىزنى گەپلىرىگە قانداق ئىشەندۈردىغىنىغا ھەيران قالىسىز. بىرىنجى بۇلار ئەڭ ئاۋال گەپنى سوپىلارنى 2 گە بۆلۈشتىن باشلايدۇ(ماقالىنىڭ 3-قىزىل بۇياقلىق يىرىگە قاراڭ). نىمىشقا دەڭ؟ چۈنكى نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە سوپىزىم بىدئەت بولغاچقا،  ئۇلار سىزگە سوپىزىم سىز ئويلىغاندەك ئەمەس،سىز دەۋەتقانلار بىر قىسىملىرى ئۇلار يالغان سوپىلار،ئۇلارغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ دەپ ئاندىن گەپنى مۇشۇلارنىڭ پىرلىرى توغرىسىدا باشلايدۇ مەسىلەن يۇقىرقى ماقالىدەك ئاسمانغا چىقىدىغان پىرلىرنىڭ گىپىنى قىلىدۇ(ماقالىنىڭ قىزىل بۇياقلىق يىرىگە قاراڭ).بۇ باشتا سىزگە تىتىمىغىنى بىلەن كىيىن تارىختىن سۆزلەيدۇ، ھەتتا سىز ئاڭلاپمۇ باقمىغان تارىخلادىن ئاڭلايسىز،شۇ چاغدا كاللىڭىز چىرمىشىپ نىم بوغىنىنى بىلمەيلا قالىسىز ھەتتە دەماللىققا بىرە ئالىمنىڭ يىنىغا بىرىپ ئىنىق سورىغىڭىز كىلىپ كىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن سىزنى بىرىنجى باسقۇشتا خەقنىڭ ئالدىدا سوپىلارنى يامان كۆرسەتمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن سىز بىدئەتنى ئايرالماي ،ئىككىلا تەرەپنى ياقلايدىغان بوپ قالىسىز.مۇشۇ ھالەتكە كەلگەندە سىزنىڭ ئىشىڭىز باشلاندى دىگەن گەپ.ئۇلار سىزگە پىرلىرىنىڭ تارىخىنى،ئاسماندىكى ئورنىنى سۆزلەيدۇ.پەيغەمبىرىمىزنىڭ گىپى سۈننىتى نەدە قالىدۇ دەيسىز! دىققەت قىلغان بولسىڭىز يۇقىرقى ماقالىدە بىرەر يەردە پەيغەمبىرىمىز تىلغا ئىلىنىپتىمۇ؟؟؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ مانداق دىگەن دەپ بىرەر ھەدىس دىيىلىپتىمۇ؟غەرىپلىكلەر ئىسلامغا شۇنچىلىك دۈشمەنلىك قىلىپ تۇرۇپ نىمىشغا سوپىزىمنى ماختايدۇ؟ چۈنكى سوپىزىمچىلار بىلمىگەن ئىسلامنىڭ ھەقىقىي يولىنى غەرىپلىكلەر بىلىپ سىزىپ قالغان، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي ئىسلام سۈننىتى بويىچە ماڭسا ئۆزلىرىگە ئاپەت بولدىغىنىنى بىلىدۇ،شۇڭا ئۇلار سوپىزمنى ھە دەپ قوللايدۇ. لىكىن سوپىزىمچىلار بىزنى غەرپلىكلەر ماختايدۇ دەپ يۈرىدۇ(ماقالىنىڭ 2-قىزىل بۇياقلىق يىرىگە قاراڭ).   
جىنىم خەلقىم مەن بۇلارغا مۇنبەردە قارشى تۇرۋاتقىنى  10 كۇندەك  بولدى ،سىلەردىن يال ئۇرۇپ سوراي ، مەھەللىڭىزدىكى مەسچىتكە چىقىڭ ئىماملاردىن سوراڭ ‹ ئى ئىمان توردا مۇشتاق ئىلياس.خەمىد ئىسىملىك بىر بالا ھۆم-ئاللاھ ھۆم  دەۋەتقان سوپىلارنى بىدئەت قىلدى دەپ يىزىپتۇ، مانا بۇ ئەۋەتكەن فىلىمى ،مۇشۇ توغۇرمۇ ؟› دەپ سوراپ بىقىڭ.  بىلىمى كامچىل ئىمام بولسا بۇما بۇ  شۇ  ھىلىقى دەپ ئولتۇردۇ.ئەگەر ھەقىقىي بىلىم ئىگىسى بولسا يوقات بۇنداق بىدئەتنى دەيدۇ.
ئى مۇشۇ سۆزلىرىمنى ئوقىۋاتقان ‹سىز›!  مىنى بۇلار پىتنىخور،ئەخلاقسىز،پەسكەش... لەرگە چىقىرىپ بولدى،ھەتتا فىلىمنىمۇ مىنى تاتقانغا چىقادى، بەك چىدىمىغاندا فىلىمنى نىمىگە ئوغۇرلۇقچە تاتىسىز غىمۇ چىقادى.  مەيلى نىمە دىسە مەيلى، پەقەت سىز مۇشۇلارنىڭ بىدئىتىگە ئىشەنمىسىڭىزلا  مەن بۇلارنىڭ ئارىسىدا نىم بولسام مەيلى. مىنى مەدەتكارىم ئاللاھتۇر. ھەتتا بۇگۈن مۇشۇلارنىڭ مىنى تىللاپ يازغانلىرىغا قاراپ،بىز نىمدىگەن بىر نادان خەلىقتۇرمىز دەپ كۆزۈمگە ياش كەلدى،بۇ ياش پەقەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىنى قوغداشتا چىققان ياشتۇر،ساھابىلەر قىلىش ئىلىپ قان چىقاغان بولسا،مەن بىدئەتنى توسىمەن دەپ ياش چىقادىم.
جىنىم خەلقىم بىر سەگەك بولۇڭلار. ھەممە نىمدىن ئايرىلدۇق،مۇشۇ دىنىمىز بىر ئۆزىمىزدە قالسۇن! بۇ مۇكەممەل بولسىلا قالغان نەرسە ئىنشا ئاللاھ بولىدۇ،بۇنىمۇ يوقاتساق بىز بەكمۇ زىيان تاتىمىز!

ئاخىردا مەن بىلەن قارشى تەرەپتە تۇرۋاتقان قىرىنداشلارلىرىمىزنىمۇ  ئاللاھتىن توغرا يولنى تىپىشقا نىسىپ قىلىشىنى تىلەيمەن! ئامىن !



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilyas.hemit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 06:01 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92297
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2013-2-25
ئاخىرقى: 2014-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 06:18:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىنداشلىرىم بۇلار ماڭا سىز پەيغەمبىرىمىز قىلمىغان دەپ كومپىيىتىر ئىشلەتمەمسىز،ماشىنغا چىقمامسىز دىگەندەك سوئاللارنى قويدى،جاۋابىم تۆۋەندىكىدەك بىدئەت 2 خىل بولىدۇ :

«بىدئەت» سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «ئىجاد»،«ئىختىرا» ۋە «پەيدا قىلىش» دېمەكتۇر. لۇغەت ئېتىبارى بىلەن بىدئەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
       1. ھاياتلىق ئىشلىرىدا يېڭىلىقلارنى ئىختىرا قىلىش بولۇپ، بۇ، ھازىرقى تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە باشقا كەشىپىياتلاردۇر. بۇ خىل بىدئەت يەنى ئىختىرا دىنىمىزدا تەشەببۇس قىلىنغان ياخشى ئىشلاردۇر.
       2. لىكىن قىرىنداشلىرىم قۇلاقتىن -قۇلاققا يەنە بىر بىدئەت دىنى مەسىلىلەردە يېڭىلىق پەيدا قىلىش بولۇپ، بۇ خىل بىدئەت قەتئىي ھارامدۇر. چۈنكى دىنىمىزنىڭ ئىبادەت، ئېتىقاد ۋە باشقىلارنىڭ  پۈتۈن نىزام ـ سىستېمىسى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا تاكامۇللىشىپ بولغان. مۇسۇلمانلار شۇ نىزام ۋە سىستېمىلەرگە ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا بېرەر شەيئىنى زىيادە قىلىپ قوشۇۋېلىش، ياكى باشقىسىنى ئىختىرا قىلىش چەكلەنگەندۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ مۇشۇ دىنىمىزغا بېرەر يېڭىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ قەتئىي رەت قىلىنىدۇ» (بۇخارىي رىۋايىتى).
       مەنئى قىلىنغان بىدئەتلەرنىڭ تۈرلىرى:
       1. ئىتىقاد جەھەتتىكى بىدئەتلەر بولۇپ، بۇ ئىسلام نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان جەھمىييە، رافىزە، خاۋارىج ۋە بەزى شىئەلەرنىڭ ئېتىقادلىرىدۇر.
      2. ئەمەل ـ ئىبادەت جەھەتتىكى بىدئەتلەر بولۇپ، ئىبادەتنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ئادا قىلماسلىق ياكى يېڭى ئىبادەت شەكىللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىش. بۇلار تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ:


1.   (1) مەلۇم بىر ئىبادەتنىڭ ئەسلى بۇيرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەستىن شەرىئەتتىن دەلىلسىز ھالدا ئىبادەت شەكىللىرىنى بەلگىلىۋېلىش. مەسىلەن:  پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش نامىزى ۋە باشقىلار قاتارلىق شەرىئەتتىن دەلىلى بولمىغان نامازلار.
       (2) بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە بىر نەرسە زىيادە قىلىپ قوشۇۋېلىش. مەسىلەن: رامىزان رۇزىسىغا شەك كۈنىنى قوشۇۋالغانغا ئوخشاش.
      (3) ئىبادەتلەرنى بۇيرۇلغان قائىدە ـ سىستېما بويىچە ئادا قىلماستىن، يېڭى قائىدە تەرتىپلەرنى پەيدا قىلىۋېلىش. مەسىلەن: ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەركىدۇنيا بولىۋېلىش، تەسبىھ بىلەن ساناشنى زىكىرنىڭ قائېدىسى ياكى شەرتى قىلىۋېلىش.
      (4) بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە ئۆزلىگىدىن ۋاقىت بەلگىلىۋېلىش. مەسىلەن: بارائەت كېچىسىنىلا كېچە نامىزىغا مەخسۇسس قىلىۋېلىش. چۈنكى كېچە نامىزى مەخسۇس بىر كېچە ئۈچۈنلا بەلگىلەنگەن ئىبادەت بولماستىن، بەلكى يىلنىڭ قايسى كېچىلىرىدە بولمىسۇن ئوقۇسا بولىدىغان نەفلە ئىبادەتلەردىندۇر. شۇڭا ئۇنى بارائەت كېچىسىگىلا مەخسۇس قىلىۋېلىش بىدئەت سانىلىدۇ. يۈقىرىقى بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسى شەرىئەت ھۆكمى بويىچە ھارامدۇر. ئۇنىڭدىن بېرەرنى سادىر قىلغان كىشى خاتالاشقان بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىندا پەيدا قىلىۋېلىنغان ھەر قانداق يېڭى ئىش بىدئەتتۇر، بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).


2.  مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ پارلاق دىنىنىڭ روھىدىن ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن، بارچە ئەقلىي كۈچىنى بىدئەتلەرنى ئىختىرا قىلىش بىلەن زايا قىلىپ ئىختىرا ۋە ئىجاد قىلىشى تەلەپ قىلىنغان  دۇنيا ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇرچىنى ئونۇتتى. ئەسلىدە، دىنىي ئىشلاردا شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چەتنىمەسلىك؛ دۇنيا ئىشلىرىدا بولسا تەرەققى قىلىپ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىقلارنى يارىتىش ۋە كەشىپىياتلارنى ئېچىش كېرەك ئېدى.  ئىسلام دىنى ھېچ قاچان تەرەققىياتنىڭ قارشىسىدا ئەمەس ، بەلكى تەرەققى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە رىغبەتلەندۇرىدۇ. دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى مانا مۇشۇ. ئاللاھتەئالا ھەممىمىزنى تۈغرا يولغا يىتەكلىسۇن.

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:28:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈستىدىكى سىن  دىكىلەرنىڭ ھەممىسى يەكەن ناھىيسىدىكى بىرقىسىم سوپى ئىشانلارنىڭ باشلامچىلىرى ئىكەن، بۇلار ھازىرمۇ يەكەن ناھىيسىدە ئۆزىنىڭ مۇرۇتلىرىنى كۆپەيتىش بىلەن ئاۋارە.............  نادان خەلقىمىزدىن بىرقىسمى يەنىلا مۇشۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ يۈرىيدۇ.....

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........
malman بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:46:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:55:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىتىقادى دورۇس ھەم جەڭگىۋار ئۇستاز-دەپ قارايدىغان بىر كىشىمۇ بىر قېتىملىق خۇسۇىي سۆھبەتتە مەن سورىغان 25يىل ئاۋۋالقى ،ئۇ توغرىلىق مەن ئاڭلىغان بىرئىشنى سورىسام-ئاتاماننىڭ چۈشىگە ياخشى بولمىغان تەرەپتىن ئايان بولغاچقا جايىدا قالغان-دىگەن سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كىيىنلا ئەپسۇسلىنىپ قالغان ئىدىم.........

سوفىزىمنىڭ ئۆزىنىڭ تەرغىباتىدىمۇ ئېنىق قىلىپ ‹‹ئاۋۋال ئىسلام ئاندىن ئىماندا ۋايىغا يېتىپ بولغاندا يۇقۇرى پەللە ‹ئېھسان›باسقۇچى سوفىزىمغا يۈزلىنىش ئارقىلىق كامالەت تاپقۇلۇق››دىيىلىدىكەن.
ئەمما ھازىرقىلار كۆزىنى يۇمۇپ ساننى ساناققا يەتكۈزسىلا كۈپەيىلىنىپ ئۆزىنى ئالداش بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزىدىكەن(باشقىسىنى دىمەيلا قوياي)

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10971
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:57:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە اللە تەئالا رەھمەت قىلسۇن

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92087
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 281
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 12:14:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10764
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1501 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 12:22:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تىمىڭىزنى بىر باشتىن ئۇقۇپ چىقتىم،يوللىغان فىلىمنىمۇ تەپسىلى كۈرۈپ چىقتىم،گەپ قىلماي دىسەم گەپ قىلغم كەپ قالدى،1-فىلىمدىكى كۈرنىشلەرنى كۈرۈپ كورلىدىكى ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كەپ قالدى،ھەممەيلەنگە مەلۇم كورلاشەھىرى مۇڭغۇللار كۆپراق ئولتۇراقلاشقان رايۇن،كورلىدا 29توققۇز كۈن تۇرۇپ قالدىم بۇ جەرياندا ،قاراشەھەر،خېجىڭ،ناھىيلىرگە باردىم،يول بۇيى نۇرغۇن جايلاردا سىز يوللىغان 1-فىلىمدىكىدەك تاغنىڭ تۈپىلىردە رەڭلىك لاتىلارنى خادىغا چىگىپ قويغىننى كۈرۈپ يېنىمدىكى بىر ئاكىمىزدىن سوردۇم،مۇشەدىمۇ سۇپى-ئىشانلار بامۇ؟
ياشقا مەندىن خېلى چوڭ بولسىمۇ مىنىڭ سورغان سۇئالىمنى ئۇ ئاكىمىز خاتا چۈشنىپ قالدىمۇ بىلمىدىم بۇر مۇنچە سوغوق گەپ قىلىپ ئاچچىغلاپ كەتتى،ئەمىليەتتە شۇ كۈنگە قەدەر تۇغ قاداپ،لاتا چىگىپ،تۇغقا نەزرە بىرىش سۇپى-ئىشانلارنىڭ ئىشى دەپ بىلگەچكە ئۇ ئاكىمىزدىن سورغانتىم،شۇندا ئاچچىغىم كەلدى ،نىمىدەپمۇ سورا بولغۇيتۇم،تۇنىمايدىغان ئادەمدىن گەپ سورغانكىن ئۈزەمگىمۇ ئاز.
شۇ خىياللارنى سۈرۈپ ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىز ئۇ ئاكاش سوراپ قالدى:
نەدىن سىز ئۇكام؟
قەشقەر مارالبېشىدىن،بىزنىڭ ئۇ تەرەپلەردە سوپى ئىشانلار ئاشۇنىڭغا ئوخشاش تۇغ قاداپ،لاتا چىگىپ قۇيتى بايا قارسام بۇيەردىمۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشايدىكەن شۇڭا سىلىدىن سورغانتىم خاپولمىسلا ئاكا دەپ قۇيۇپ ئالدىمغا قاراپ ئولتۇردۇم.
نەچچىگە كىردىڭىز؟
22گە
ئۇكام سىز قانچىگە بارغىچە ئۇقىغان؟چىىڭگىز خاننىڭ كىنوسنى كۆرمىگەنما؟
9غا بارغىچە ئۇقىغان،كۆرگەن ئۇ كىنونى .
خاپولماڭ ئۇكام بايا ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ،سىزنى تېخى مىنى قەستەن زاڭلىق قىلۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمە،بۇ تۇغ قاداش،تۇغقا نەزرە بىرىش،لاتا چىگىش،مۇڭغۇللارنىڭ ئۆرىپ ئادىتى،بىزنىڭ دىنىمىىزدا ئۇنداق ئىشلار يوق ،تۇنجى كىلىشڭىز ئوخشىمامدا كورلىغا سىزنىڭ؟
ھە ئە تۇنجى كىلىشىم،بايا راسلا بىلمىگەندىكىن سورغان لىكىن سىلى خاتا چۈشنىپ قاللا ئاكا ،بىزنىڭ قەشقەر تەرەپتە سوپى-ئىشانلار ئاشۇنداق قىلدۇ شۇڭا بۇيەردىمۇ بار ئوخشايدۇ دەپ تىمە دىسەم،شۇ ئاكىمىزمۇ ماڭا شۇ چاغدا سىز دىگەندەك بۇ دىگەن بىدئەد دىگەن!

قاچان كۆرگنىم ئىسىمدە يوق لىكىن توردا بىر قېتىم بىر قىسقا فىلىمنى كۆرگەن چۈشەندۈرلىشى پۈتۈنلەي خەنزۇچە،فىلىمنىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە نەشىمۇ ياكى موخىركىمۇ ئىشقىلىپ چۆرلىشىپ ئولتۇرۇپ غاڭزىدا بىر نەرسىنى چىكىدۇ،چىكىپ بولۇپ چۆرگىلىشىپ ھۆم سالىدۇ،ھەممىزگە ئايان تاماكا چەكسە تاھارەت بولمايدۇ،تاھارەتسىز ئاللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرنى،پەيغەمبىرمىزنىڭ(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم)ھەدىسلىرنى ئاھاڭغا كەلتۈرۈپ ناخشا تولاپ كىتىدۇ!
جاللات خېنىم رۇمانىدىمۇ سوپىلارنىڭ ئەپىت بەشىرسى تۇلۇق ئېچىپ بىرىلگەن،لىكىن يەنە نىمىشقا ئاشۇلارغا ئەگىشدىغان،بۇيىغا ئەمدى يەتكەن ،ھېشنىمىنى بىلمەيدىغان 13،14ياشلىق قىزلىرنى دۇئا قىپ بەرسىلە دەپ يالۋۇرۇپ،قىزلىرنى مەجبۇرلاپ،ياكى قايمۇقتۇرۇپ 60-70ياشلىق قېرى سوپىلارغا باكاغىلا خوتۇنلۇققا بىر ۋىتىدۇ؟
ماقۇل سوپى-ئىشانلارنڭ ئەسكىسى يۇقارقىدەك ئىشلارنى قىلدۇ دەيلى،لىكىن ياخشىلىرى نىمىشقا توسمايدۇ؟
ھازىرمۇ 2ياكى3قىزى بار بەزى بىر نادان قېرىنداشلىرمىز شۇلارنىڭ ئارسىدىكى ئەڭ چىرايلىقىنى تاللاپ (گۇناھكار بوپ قېلىشتىن قوقمىسام جاھاندىكى ئەڭ سېسىق نام بىلەن ئاتايىتىم)ئاشۇلارغا بىردىكەن!نىمىشقا؟

بىلمىم چەكلىك يەنى يوق دىيەرلىك بولغاچقا يۇقارقى سۇئاللارغا جاۋاپ تاپالماي كىلۋاتمە،ئېغىز خاتالىقى ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىن ھىساپ لىندىكەن دىنىمىزدا شۇڭا بىلمەستىن خاتا گەپ قىلىشتىن بەك قورقىىمە،يۇقارقى بايانلىرىم ،ئۈزۈم كۆرگەن،ئاڭلىغانلىرىم .
سوپى ئىشانلارلا ئەمەس،بىرقىسىم دىنى تونغا ئورنىۋالغان بىلىمنىڭ تاينى يوق بەزى-بىر موللىرمىزنىڭ قىلۋاتقانلىرمۇ ،ئادەمنىڭ ئوغىسنى قاينىتدۇ!

جاھان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27565
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7056
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5203 سائەت
تىزىم: 2011-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 12:32:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرەققىياتنى بوغۇدىغان ،ئادەمنى مەھكۇملۇق بىخۇتلۇققا باشلايدىغان  بۇنداق رەزىل ئىدىيە يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلىنىشى كېرەك،بىدئەت سوپىزىم ئىدىيسى ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا بالايى ئاپەتتىن باشقا يەنە نىمىلەرنى ئېلىپ كېلەلىدى، يەنە تېخى كېلاسسىكلىرىمىزنىڭ قايسى بىرى سوپىزىمچى ئەمەس دەپ كېتىشىپتۇ بۇ دەيۈزلەر-قېنى ئىسپات،بىرەرسىنىڭ ئەسىرىدە مەن سوپى ئىشان دەپ يېزىلىپتىمۇ؟ ئەگەر سوپىزىم ئىدىيسى  ئىنسانىيەتنى ھەقىقى تېنچلىققا، پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە پاكىز ھالاللىققا باشلىيالىغان بولسا ئىدى نەچچە ئون يىلدىن بېرى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا خەلىقلەر سوپىزىم ئىدىيسىنى بۇنداق چەكلەپ كەتمەيتتى!

malman بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 12:37:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش