ئۆزىڭىزنى چۈشىنەمسىز؟
تۆۋەندىكى پىسخىكىلىق تەجرىبىلەر بەلكىم سىزگە جاۋاب بېرەلىشى مۇمكىن
ھەر ئادەمنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدۇ. ۋەھالەنكى بەزى ۋاقىتلاردا بىز يەنىلا باشقا ئاماللار ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تەتقىىق قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. سىز ئۆزىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟ قانچىلىك چۈشىنىسىز ؟ دەماللىققا جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغان بۇنداق سوئاللار تۇرمۇشتا يولۇققان ھەرخىل توسالغۇلار جەريانىدا بىزگە ئۇچىراپ تۇرىدۇ.بەلكىم بىز راستىنلا ئۆزىمىزنى چۈشۈنۈشكە مەجبۇرمىز…
تۆۋەندىكىلىرى بىر يۈرۈش قىززىقارلىق پىسخىكىلىق تەجىربىلەر ۋە سوئاللار. گەرچە مۇتلەق توغىرا بولمىسىمۇ مەلۇم ئاساسى بار ئەلۋەتتە. سىز ھەر قايسى تەجىربىلەر ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ چۈشۈنۈپ يىتىشىڭىز مۈمكىن. لېكىن نەتىجە سىزنى ئازابلاب قويۇدەك بولسا ھەرگىز ئاھ ئۇرۇپ كەتمەڭ. چۈنكى ئۆزىڭىزنى پەقەت ئۆزىڭىز ياخشى چۈشىنىسىز!
ئويۇن باشلاندى
بۇ ئىككىسىدىن سول تەرەپتىكىسىنى تاللىغۇچىلار: سىزنىڭ قىزىقىشىڭىز كەڭ ئەركەكلەر توپى بىلەن ئورتاق. يۇقۇردىكى ئىككى رەسىم ئوخشاشلا بىرىكتۈرمە سۈرەت. سول تەرەپتىكىسى پۇتى كىچىك 8 نەپەر قىزنىڭ چىرايىنىڭ بىرىكمىسى. ئوڭ تەرەپتىكىسى بولسا يوغان پۇتلۇق 8 نەپەر قىزنىڭ چىراي بىرىكمىسى. ئادەتتە كىچىك پۇتلۇق قىزلار يوغان تۇتلۇق قىزلارغا قارىغاندا تېخىمۇ نازاكەتلىك يۈز شەكلىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ يەكۈنگە نىيۇۋ يۇرىك ئالبانى ئونىۋېرسىتىتى پسىخولوگى Jeremy Atkinson نىڭ يىتەكچىلىكىدىكى بىر قىسىم تەجىربىلەر ئارقىلىق ئېرىشىلگەن(پۇتى يوغان قىزلار مەندىن ئاغىرىنماڭلار، يۇقۇردىكى گەپلەر مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز).
ئاۋال يۇقۇردىكى ئويۇننى بىر ئويناڭ ! A ئېغىزدىن چىققۇچىلارغا ماس كېلىدىغان خىزمەت تۈرلىرى : ساقچى، تېرنېر، يازغۇچى. B ئېغىزدىن چىققۇچىلار : ھەجىۋى رەسسام، بوغالتىر، رىجىززسور، لايىھەلىگۈچى. C ئېغىزدىن چىققانلارغا : باشلىق، ئادۇكات، قۇماندان. D ئېغىزدىن چىققانلارغا ماس كېلىدىغان كەسىپلەر : دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، ناخشىچى، مۇخپىر، ئىشچى. E ئېغىزدىن چىققۇچىلار : ئارتىس، شوپۇر، سودىگەر، ئاساسى قاتلام باشقۇرغۇچىسى. قانداق ؟ نوۋەتتىكى خىزمەت ئورنىڭىز بىلەن بۇ نەتىجە ئوخشاش چىقتىمۇ يوق ؟ ئوخشاش چىقمىسا ئالدىرىماڭ، ھايات دىگەن تېخى ئۇزۇن …
سىزنىڭچە A نۇقتا بىلەن B نۇقتىنىڭ تەگ رېڭى ئوخشاشمۇ ئەمەسمۇ ؟
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پۈتۈن دۇنيادا پەقەت % 0.003 ئادەم ۋە photoshop بۇ ئىككى نۇقتا تەگ رەڭگىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيدىكەن(photoshop ئارقىلىق ئىككى نۇقتا رەڭ كودىنى كۆرۈپ باقسىڭىز ئاجايىپ نەتىجىگە ئېرىشىسىز).
ئەگەر سىزدە زىچلىقتىن قورقۇش كىسىلى بولسا، ئۆز-ئارا قارمۇ قارىشى ھالدا زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق شەئىگە قارىتا ئىنتايىن زېرەكلىشىپ كېتىسىز. گەرچە يۇقۇرقىسى بىر تەنناز ئايال رەسىمى بولسىمۇ يەنىلا سىزدە باش قېيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، باش تېرىسى تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەلۋەتتە زىقچىلىقتىن قورقۇش ھەرقانداق ئادەمدە مەۋجۇد بولىدۇ، پەقەت دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ خالاس. ئۇنداقتا ئوقۇرمەن: بېشىڭىز قېيىپ كۆڭلىڭىز ئېلىشقاندەك بولدىمۇ- يوق ؟
رەسىمدىن قانچە دانچە ئادەم شەكلىنى بايقىدىڭىز ؟ 0-4 دانە : زېھنى ئاجىز؛ 5-8 دانە : ئادەتتىكى ئادەم؛ 9-11 دانە : ئېنتايىن ئەقىللىق؛ 11-13 دانە: ئېلىشىپ قاپسىز؛
يۇشۇرۇن خارەكتىرىڭىزنى سىناش باسقۇچى. يۇقۇرقى رەسىمدىن كۆرگەن ئالۋاستى، سىز كۆرگەن پەرىشتىلەردىن كۆپ بولسا، ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئارام ئېلىڭ. چۈنكى سىز كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشكە مۇھتاج.مۇزىكا ئاڭلاش، ساياھەت قىلىش، بازار ئايلىنىش ھەممىسى ياخشى تاللاش بولالايدۇ. قانداقلا قىلماڭ كەيپىياتىڭىزنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئومومى بەدەن ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرسىڭىز، ئىشىنىمەنكى تېخىمۇ ساغلام بولالايسىز.
سىزمۇ مەندەك باشقىلارنىڭ ئەسنىگىنىنى كۆرسىڭىز ياكى ئاڭلىسىڭىز تەڭلا يۇقۇملىنىدىغان(ئەسنەيدىغان)لاردىنمۇ ؟ ئۇنداقتا مۇبارەك بولسۇن! چۈنكى سىز ئەشۇ باشقىلارنىڭ ئەسنىشىگە قارىتا ئىنكاسسىز كىشىلەرگە قارىغاندا، تۇغما تىل قابىلىيىتىگە ئىگە.ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ دوسلىرىڭىز ئارىسىدا دەرت تۆكىدىغان ئىشەنچىلىك ئوبىكىت بولۇپ قېلىشىڭىزغا بىۋستە سەۋەب بولىدۇ. دىلى نازۇك، ئاسانلا بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ۋە باشقىلارغا ھېستاشلىق قىلىش سىزنىڭ ئالاھىدىلىكىڭىز.
يەتتىنجى نۆۋەتلىك يىللىق ئەڭ نادىر خاتا سېزىم مۇسابىقىسى (Best illusion of the year contest) ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرنى باھالاپ چىقتى. مۇھەببەت نىقابى (Mask of Love) بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا نىقاب ئىچىدىكى ئادەم سىياقى. بىر قاراشتا بۇ بىر ئەرنىڭ يۈز قىسىمىغا ئوخشايدۇ. لېكىن ئىنچىكىلەپ قارىسىڭىز ئىككى ياشنىڭ Kiss قىلىۋاتقان ( سۆيۈشىۋاتقان ) ھالىتىنى بايقايسىز.
بەزى ئەرلەردە خاراكتىر جەھەتتە ئاياللارغا خاس ئالاھىدىلىك مەۋجۇد. بەزى ئاياللاردا ھەم ئەرلەرگە خاس ئالاھىدىلىك مەۋجۇد(بۇلارنى ئەركەك سەدەك دەمدۇق؟). ئۇنداقتا سىز زادى ساپ ئەرمۇ ياكى ئەمەسمۇ قېنى سىناپ بېقىڭ. يۇقىردىكى رەسىمنى تۇنجى كۆرۈشىڭىزدە (بىر قاراشتا) بايقىغىنىڭىز ئۆردەك بولسا ئۇنداقتا سىزدە ئەرلىك ھورمىنى كۆپەرەككەن. ئەگەر كۆرگىنىڭىز بىر توشقان بولسا ئۇنداقتا ئاياللىق ئالاھىدىلىك كۆپەرەككەن. مەن ساپ ئەر زاتىدىن ئىكەنمەن ، سىزچۇ ؟
مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
http://www.torhumar.com/pisxikiliq-tejirbe.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Mr.Forever تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-1 02:03 AM