مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 368|ئىنكاس: 4

ياشلاردىكى ئەركىنلىك قارشىدىن ئەخلاقىمىزغا نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89221
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-12-28
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 11:48:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىز كىشىلىك ھايات مۇساپىمىزدە نۇرغۇنلىغان ئىسسىق- سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردۇق .ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدۇق ،كۆرمىگەننى كۆردۇق .دۇنيادا ئەركىنىلىكىنىڭ قانچىلىك مۇھىمىلىقى ھەممىزگە ئايان .تارىخ نوختىسىدىن ئېيىتقاندىمۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلارمۇ ئاز ئەمەس .ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق كىشلەرنىڭ ‹‹نېمە ئىش قىلسام ئۆزۈمىنىڭ ئىشى سىنىڭ نىمە كارىڭ ! مەن ئەركىن ئادەم قانداق قىلىش قىلماسلىقىنى ئۆزۈم بىلىمەن ،يول كۆرسىتىشڭنىڭ ھاجىتى يوق !  ›› دىگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز . بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ ئەركىنىلىك قارشى ھەقىقەتەن بىزنى چۈچۈتمەي قالمايدۇ .جەمىيەتنىڭ  ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى ،ئۇچۇرلىشىش سۈرئىتىنىڭ تىزلىشىشى ئارقىسىدا كىنو –تېلېۋىزىيە ،يانفون ،ئېنتېرنىت تورى قاتارلىقلار تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى . ئوغۇل قىزلار ئارسىدىكى مۇھەببەتىنى ئاساسى تىما قىلغان بىر قىسىم فىلىمىلەر بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام بولغان روھى دۇنياسىنى ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان قاراش ۋە تۇيغۇلارنىڭ قوينىغا سۆرەپ كىردى .ئۇلارنى خىيالچان قىلىپ قويدى  .‹‹ئورۇق كالىغا يوغان مۈڭگۈز ››دىگەندەك ئەمدى تۇخۇمدىن چىققان چۆجىلەر مىكىياننى دوراپ سايراشتى   ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بىر –بىرىگە قاش ئوينىتىپ ئۆزدىن  ھالىقىپ كەتتى .بەزى بالىلارئاتا- ئانىسىغا ئىشىق مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن فىلىملەرنىڭ مەزمۇنىنى زوق –شوق بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويدى ،بالىسىنىڭ ‹‹پالانى پالاننىڭ ئاشنىسى ئىكەن ،ئايالى بىلىپ قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ كونا مۇھەببىتى بىلەن تېپىشىۋالدى ،شۇنىڭ بىلەن ئىرى ئۇ خوتۇننى ئېتىۋەتتى ››دىگەندەك سۆزلىرىنى ئىزىلىپ ئاڭلىدى .تېخى ئەركىلىتىپ ‹‹ۋاي چوڭ ئانام ،ۋاي چوڭ دادام ››دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ماختاپ كەتتى .يەنە بىر قىسىم ئاتا –ئانىلار –بىرەر تۇققىنى ياكى دوستىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ‹‹بالام ئاۋۇ داداشنىڭ قىزىنى سىزگە ئەپ بىرىمەن ››دەپمۇ قويدى .بەزىدە بالىسىنىڭ ئالدىدىلا مۇۋاپىق بولمىغان چاخچاقلارنى قىلىشتى .

شۇنۇڭغا ئوخشاش بەزىلەر بالىسىغا نان بىرىپ باقتى تەربىيلىمىدى .ھاياتنىڭ ھەققى قىممىتىنى ئەخلاقىنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ھەممىدىن موھىملىقىنى تونۇتمىدى .بۇنداق موھىتتا ئۆسكەن بالىلارنىڭ كەلگۈسى قانداق بولا......

بۇنۇڭدىن باشقا بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئەركىنىك  قارشى ئۆزگىچە بولۇپ بارغانسىرى مودىلاشماقتا .يات مەدەنىيەتنىڭ ئۆزلۈكسىز سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزلۈك ئىڭى سۇسلىشىپ مىللى مەدەنىيەت ۋە ئىسىل ئەنئەنىلەرنىڭ قوينىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ مەۋھۇم بىر چەكسىزلىك ئىچىدە لەيلەپ يۈرمەكتە.

قارايدىغان بولساق كوچىدىكى مىڭلىغان كىشىلەردىن ئەركىنىلىكىنى كۆرىۋاتىمىز .يەر ئاستى كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبلىرىدىن ئەركىنلىكىنى كۆرىۋاتىمىز .كىچىلىك بەزمىخانىلاردىن ئەركىنىلىكىنى كۆرىۋاتىمىز ،دەرەخ سايىلىردىن ،چىملىقىلاردىن ،دولقۇنلۇق ئىلى دەرياسىنىڭ  ،كۆنچى دەرياسىنىڭ بويلىرىدىن ئەركىنىلىكىنى كۆرىۋاتىمىز .ساما يېرىپ زەپەر قۇچقان كۈمۈش لاچىننىڭ غەيرىتىدىن ئەركىنلىكىنى كۆرىۋاتىمىز .تومۇز تەپتىدە ئانىدىن توغما ھالەتتە دەرياغا ئۆزىنى ئېتىۋاتقان سەھرا باللىرىدىن ئەركىنىلىكىنى كۆرىۋاتىمىز .چىمەنلەرگە تولغان تاغلاردا ئويناقشىپ چېپىۋاتقان ئات –ئۇلاقلاردىن ئەكىنىلىكىنى كۆرىۋاتىمىز .چەكسىز دېڭىزدا دولقۇن يىرىۋاتقان پاراخوتلاردىن ئەركىنلىكىنى كۆرىۋاتىمىز .بۇ جۇشقۇنلۇق بىزگە ھاياتنىڭ ئۆزگىچە تەمىنى تېتىتىدۇ ،ۋە ئېچىندۇرىدۇ .

2009- يىلىنىڭ مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنى خەلق مەيدانى ئالدىدا دوستۇمىنى ساقلاپ تۇراتتىم .تۇيۇقسىز يان تەرىپىمدىن بىر قىزچاق ئېتىلىپ چىقىپ مىنى چۈچۈتىۋەتتى ۋە يۈگۈرگىنىچە باغچا تەرەپكە بۇرۇلدى .چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى  ، ھەيران بولۇپ تۇراتتىم ،توساتتىن قىزچاق يۈگۈرۈپ كەلگەن تەرەپتىن بىر ئوغۇل بالا قىزچاقىنى قوغلاپ كەتتى .دىققىتمىنى ئاغدۇرۇپ شۇ تەرەپكە قارىدىم .باغچا دەرۋازىسىغا 10مىتىردەك ئارلىق قالغاندا قىزچاق يىقىلىپ كەتتى ، ئوغۇل قىزچاقىنى باسماداپ تۇتىۋالدى .قىسقىغىنا ئارلىقتا بۇ تاماششانى كۆردىغانلار كۆپىيىپ ئۇلارنى قورشىۋالدى .مەنمۇ قۇرۇق قېلىشنى خالىماي ئۇ يەرگە  كەلدىم .قىزقارلىق يىرى قىز –ئوغۇل ھەرئىككىسى بىر بىرىگە ئېسىلىپ يىغلاۋاتاتتى .ئوغۇل:‹‹بۇنداق قىلىشىڭغا ئەرزىمدۇ ، كۆڭلىڭىنى ئاياپ نەچچە كىچىلەردە ئۇخلىماي ساڭا ھەمرا بولدۇم قانچىلىك تىرىشساممۇ سىنى ياخشى كۆرەلمىگۈدەكمەن›› ،قىز:‹‹مەن ساڭا تەۋە ،ساڭا ئىرىشەلمىسەم ئۆلگۈنۈم ئۆلگەن ›› دەۋاتاتتى ئىسىمدە قىلىشىچە مەن بۇ سۆزلەرىنى تېلۋېزۇردىن ئاڭلىغاندەك قىلىمەن . ئوغۇل نەچچە كىچىلەر ھەمرا بولغان بولسا بۇ قىزنىڭ ئۆيى ،ئاتا-ئانىسى يوقمىدۇ ،ئۇلارنى قىلچىلىك ئويلىمايلا ئۆلەمدىكىنا ؟.. ئويلاپ باقسام ئۆلۈش ئالدىدىكى قىزچاقىنى ،ئوغۇل قۇتقۇزىۋاپتۇ .

بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ مەلۇم بىر ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىردىم .ئاشخاننىڭ ئىچىدە ئادەم كۆپ بولۇپ پەقەت بۇلۇڭدىكى بىر ئورۇن بىكار ئىدى .مۇلازىم مىنى ئاشۇ ئورۇنغا تەكلىپ قىلدى .قارشى تەرپىمدە چىرايلىق ئىككى قىزچاق پارڭلىشىۋاتاتتى ،باشقىلار نىمە دەپ پاراڭلاشسا ئۆزىنىڭ ئەركىنلىگى  ئىدى بىراق بىز يىقىن بولغاچقا قۇلاقلىرىم بۇ پاراڭلارنىڭ 3-تىڭشىغۇچىسى بولۇپ قالدى .تىمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك قسمىنى ئېيتىپ بەرگۈم كەلدى .

قىزچاقلارنىڭ تۇرقىدىن قارىغاندا 19-20ياش ئەتىراپىدا كىلەتتى ،ئۇلار مەندىن ئىبارەت بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېقىن ئىكەنلىگى بىلەنمۇ كارى بولماي ئەركىن سۆزلەۋەردى .

- ئاداش راس گەپنى دىسەم يېىقندىن بىرى خېلى كۆتىردىغان بولۇپ قاپسەن ،ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئاخشامقى مازلارنى تازا يىقىتتىڭ

-‹‹نىمىسىنى دەيسەن ،ئاداش ئۇلارمۇ ئەنتىنى ئېلىۋالدىغۇ ،بوش ئەمەسكەن ››

-‹‹نىمە دىگەن بىلەن ئىلگىركىلەرگە قارغاندا بۇلار بەكىرەك چۈشۈپ كەتتى ئاداش ››

-‹‹بىزمۇ ئىلگىركىدىن پىشىپ كەتتۇق ئاداش ! بۇندىن كىيىن چىكىپ تۇرۇپ تاللايمىز ››

ئىككىسى تەڭلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى .بىرسى تەپ تارىتماستىن ماڭا قاراپ كۆزنى لىپپىدە قىسىپ قويدى ،نىمە قىلارىمىنى بىلمەي ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم ،ۋە ئارقا تەرەپتىكى ئورۇندۇققا ئۆتۈپ كەتتىم .

كەلگۈسىنىڭ ئانىسى بولغان بۇ قىزلارنىڭ روھى دۇنياسىغا قاراپ نەپسىم سىقىلدى .قەلبىمىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدا ئاچچىق بىر ئەسلىمە قالدى .شەرمى –ھايا ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك بايلىقى ،قەدىر قىممىتىنىڭ ئۆلچىمى ئىدى ،شەرمى –ھايا ،غورۇر دىگەنلەردىن قىلچىمۇ ئەسەر قالمىغانلارغا نىمە دىگۈلۈك ...

مىنىڭچە بۇ بىر خىل پىسخىك كىسەللىك ،ھورۇنلۇق ،چۈشكۈنلۈك ئۈستىگە مىختەك قېقىلىپ ئولتۇرغان بىر قىسىم قىز يىگىتلىرىمىز .ياشاش جەريانىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئۆزنى تاشلىۋەتكەن .تاشلىۋەتكەندىمۇ بىر دۆۋە ئەخلەتلەر ئارسىغا تاشلىۋەتكەن .باھارىنىڭ ھەقىقى ئىللىقلىقىدىن مەھرۇم قالغان .ئەيىش ئىشىرەت –كەيپى ساپانىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ تەييار تاپ بولۇپ قالغان .ئىككى قولىغا تايىنىپ ھالال ياشاش ئۇلار ئۈچۈن تاغىنى يۆتكىگەندىنمۇ ئازاپلىق ئىش .بارىلىق ئىشلارنى دۇنياغا دۆڭگەپ قويىدۇ .دۇنيا بۇزۇلۇپ كەتتى .بۇ دۇنيا رەھىمسىز .بۇ دۇنياغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ دەپ قارىشىدۇ .ئەمەلىيەتتە دۇنيا ئەمەس ئادەملەر ئۆزلىرى شۇنداق .بىز دۇنياغا  قانچىلىك ئەجىر قىلساق ئۇ بىزگە شۇنچىلىك نىسىۋە ئاتا قىلىدۇ .دۇنيا بۇزۇلۇپ كەتتى دىگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ پىشانىسىنى سىللاپ باقسا بولىدۇ .دۇنيانى ئادەملەر بۇزىدۇ ئادەملەر تۈزىدۇ .

جەمىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلار ئۆزگىچە بولغان ئەركىنىلىك قارشىنى يىتىلدۈرۈپ ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىقىنى ،جىسمانى كۈچىنى ،روھىنى ئۆزىنىڭ يىشىغا ماس كەلمىگەن ئەيىش –ئىشىرەت ،كەيپى –ساپالارنىڭ قوينىغا تاشلاپ بەردى .ئاتا –ئانىلارجازىغا ئايلىنىپ قالدى ،پەرزەنىتلىرى تەرپىدىن ھۆرمەتلىنىشكە ئىرشەلمىدى   .پەرزەنىتلەرنىڭ  ئۆيگە بۇرۇن كىرىشى ،ياكى كەچ كىرىشى ئۆزىنىڭ ئىشى ،سۇغا كىرىشى ياكى ئوتقا كىرىشى ئۆزىنىڭ ئىشى بولۇپ قالدى.

ئاتا –ئانىلارنىڭ ۋۇجۇدىنى ئاچچىق ئارمان ۋە ئەندىشىلەر ئىگىلەپ باللىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئېغىر تىنىدىغان بولۇپ قالدى .ھەتتا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە جېنىنى بېقىشىغىمۇ ئىشەنج قىلالمىدى .بەزى بالىلار قاۋاقلاردا ھاراق ئېچىپ مەس بولۇپ تەپ تارىتماستىن ئاتا –ئانىسىغا تېلېفۇن بىرىپ ئۆزلىرىنى ئىلىپ كىتىشنى ئېيىتتى .بۇنداق نومۇسسىز تېلىفۇننى ئالغان ئاتا –ئاننىڭ يۈرىكى  پىچاق تىقىپ قوچىغاندەك ئاغرىپ كەتتى .چۈنكى ئۇلار 20نەچچىلەردىن ئاشقان شاھزادىسىنىڭ كىيىمىنى سالدۇردۇ ، قۇسۇقلىرىنى سۈرتىدۇ ،ھاجەتخانىغا ئىلىپ چىقىدۇ ،تىل ،دەشنامىنى ئىشتىدۇ .

ئەتىسى نەسىھەت قىلغاندا يەنە ‹‹ئىتنىڭ بالىسىدەك كاتەكتىن چىقماي ياتسام بولامتى ،بەك ئېغرىم چۈشۈپ كەتكەن بولسا ئۆيدىن چىقىپلا كەتسەم بولا ››دىگەندەك رەدىيەلىرنى ئاڭلاپ سۇغا چۈشكەن ئاسلاندەك تۈگۈلىشىپلا قالىدۇ.

زامانىمىزدىكى ياشلارنىڭ ئەركىنلىك قارشى بەزى ھاللاردا بىر تەرەپلىمە بولۇپ ئەركىنلىكنىڭ مېغىزىنى تاشلىۋىتىپ شاكىلىنى ئۆزلەشتۈرىۋاتىدۇ . يېشىغا ماس كەلمىگەن ساغلام بولمىغان ئەركىن تاماشا قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ تېرشىپ ئۆگىنىدىغان كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆزنى قۇدىرەت تاپقۇزىدىغان ۋاقىتلىرنى تاماكۇ ،ھاراق ،ۋە شەھۋەتنىڭ رەھىمسىز چاڭگىلىدا قۇربان قىلىۋاتىدۇ  .جەمىيەتنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋاتىدۇ .نەشە ،ۋە خىروئىننىڭ تۈتەكلىرىدە ئۇ ئالەمنىڭ بوسۇغىسىغا ئالدىراپ مىڭىشىۋاتىدۇ .تۈمەنلىگەن ئائىللەردىكى ئاتا-ئانا ،ئاكا ،ئاچىلار ھەسىرەتلىك تولغىنىپ ئەركىنىلىك قوغلىشىپ ۋەيران بولغان قېرىندىشىنىڭ ئۆتىدا پىژىلداپ كۆيىۋاتىدۇ.....

بىز ياشاۋاتقان دۇنيا بىزگە مەنسۈپ ،بىز ئۇنىڭ باغرىغا مايسا تىكىپ گۈللىتىمىز ،ئەمگىگىمىز توختاپ قالسا مايسىلار قۇرۇپ كىتىدۇ .ھاۋا بۇلغۇنۇپ مەۋجۇتلىقىمىز تەھدىتكە دۇچار بولىدۇ .ئاتا نىمىنى قىلسا بالا شۇنى دورايدۇ ، بالا قىلالمىسا ئاتا قولىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ قىلدۇرۇپ ئۆگېتىدۇ .ئاتا بالىسىغا ئىچى كۆيۈپ ئۇنى ئەركىلىتىدۇ .بالا ئۆزىنى باسالماي سەكىرەپ كىتىدۇ .ھەتتا ئاتىسغا ئەركىلەپ ئۇنى تىپىدۇ .ئاتا بالىنى ئىشقا بۇيرىغاندا بالا ئەركىلەپ ئۇنىمايدۇ .ئاتا بالىنىڭ كاسىسىغا يىنىڭ بىر شاپىلاق سالسا بالا يىغلىغان پىتى بىرىپ بۇيرىغان ئىشنى قىلىدۇ ،بۇنداق بالىلار ھەم دادىسىغا ئەركىلەيدۇ ھەم دادىسى بۇيرىغان ئىشنى قىلىدۇ .

ئاتا بالىسىغا ئىچى كۆيۈپ ئۇنى ئەركىلىتىدۇ .بالا ئۆزىنى باسالماي سەكىرەپ كىتىدۇ .ھەتتا ئاتىسغا ئەركىلەپ ئۇنى تىپىدۇ .ئاتا بالىنى ئىشقا بۇيرىغاندا بالا ئەركىلەپ ئۇنىمايدۇ .ئاتا بوپتىلا دەپ ئۇ ئىشنى ئۆزى قىلىۋىتىدۇ .كىيىنچە ئاتا بۇ بالىنى يەنە  ئىشقا بۇيرىسا بالا ئۇ ئىشنى قىلمايدۇ .ئاتا ئاچچىقلىسا بالا ئۆزنى يەرگە تاشلاپ يىغلايدۇ .ئاتا ئۇئىشنى يەنە ئۆزى قىلىدۇ .كىيىنچە ئاتا يەنە بۇبالىنى ئىشقا بۇيرۇيدۇ .بۇ چاغدا بالا ئاتنى ئاغزنى بۇزۇپ تىللايدۇ .كىينىكى قەدەملەردە ئاتا بالىسىغا يال ۋۇرۇپ ياشايدۇ .بالا دائىملا مەن بۇ ئۆيدىن چىقىپ كىتىمەن دەپ تەھدىد سىلىپ ئاتسىنىڭ قان تەرىنى بىر –بىرلەپ شۈلىۋىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆمىرىنى قىسقارتىش پائالىيتىنى باشلايدۇ .

دىمەك بىز ئويلايدىغان ئىنتايىن موھىم ئىش پەرزەنتلەرنىڭ ئائىلدىكى تەربيلىنىشگە ئەھمىيەت بىرىش ،ئىجىتىمائى تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا چوڭلار كىچىكلەرنى تەربيلەش ،بۇ مەسىلدە چوڭلارنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىدىغىنى ئۆزنى تىزگىنلەش ،ئۆزىنىڭ ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق ئادىمىيلىكىنى ۋە گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتنى بالىلارغا ، سىڭدۈرۈش ،ياخشى خۇلۇقلىرىنى بالىلارغا دورىتىش لازىم

ھەر بىر كىشى بالىلارنى خەقنىڭ دەپ ئايرىماي مىللەتنىڭ دەپ قارىسا چوقۇم بالىلار ئۈچۈن زىېھنىنى سەرىپ قىلالايدۇ .چوڭلار ئەدەپ –ئەخلاققا پۈكەنگەن جەمىيەتنى بەرپا قىلسا بالىلار ئەدەپ ئەخلاق مىۋىسىدىن قانغۇچە تېتىپ ئۆزى ئىرىشكەن مىھرى ۋاپا شەرىپىگە ئۆزىدىن باشقىلارغا مىھرى ۋاپا  بىلەن جاۋاپ قايىتتۇرىدۇ .ئۇلار ئەخلاقسىزلىق ،نامەردلىك ،پەسكەشلىك دىگەنلەرگە ئۇچىراپ باقمىغان بولىدۇ . ئۇخىل قىلمىشلارنى سادىر قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ .كىيىنچە شۇخىل قىلمىشقا ئۇچىراپ قالسا ئۆزىدىكى ھەققانىيلىكنىڭ ،ئادىمىيلىكىنىڭ ،ئەخلاقىنىڭ قۇدىرەتلىك كۈچى بىلەن ناچار قىلمىشلارنى سۈپۈرۇپ تاشلايدۇ .

بالىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىر پارچە ئەخلەتىنى ئېلىۋەتسەك بالىلار ئۇنى دوراپ 10پارچە ئەخلەتنى ئېلىۋىتىدۇ .ئەكىسچە بولغاندا 10پارچە ئەخلەتنى تاشلايدۇ .

بالىلار بىز پەپىلەپ ئۆستۈرىۋاتقان مايسا ،بىزنىڭ ئەمگەك سىڭدۈرشىمىز ئارقىلىق كەلگۈسىدە مىۋە بىرىدۇ .سىڭدۈرگەن ئەمگىگىمىزنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ بەزىلىرى تاتلىق مىۋىلەرنى بىرىدۇ بەزىلىرى قىرتاق مىۋىلەرنىمۇ بىرىدۇ .

بىز ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ،بالا تەربىيلەشتە كىچىك ئىش يوقلىقىدەك ھەقىقەتىنى ئىسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ ھەر بىر بالىنى ئۆزىمىزنىڭ بالىسىدەك كۆرۈپ ئورتاق ھەمكارلىشىدىغان بولساق بالىلار ئاسان ئېزىپ قالىدىغان يوچۇقلار ئىتىلىپ كەلگۈسىگە ياراملىق ئىز –باسارلارنى تەربيلەش نىشانىغا يىتەلەيمىز.

بالىلارنى ئۈچۈن ئىزدىنىش ھەر بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12142
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 12911 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2013-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:54:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تېما.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 770
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11407
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8186 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 01:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مۇشۇنداق نادىر تىمىغا ئىنكاس يازىدىغانلار چىقماسلىقى مىنى قاتتىق ئەپسوسلاندۇردى . بىز مۇشۇنداق ئىللەتلەرنى تۈزىتىشكە دىققەت قىلماي ، بۇ مۇنبەردە نىمە قىلماقچى قېرىنداشلار ؟
  باشقۇرغۇچى ۋە تىما ئىگىسىگە دەيدىغىنىم ، تىما مەزمونىنى ئوڭدىن باشلاپ تەھرىرلىۋەتسەڭلار بوپتىكەن .

ئاياللار كيۇ كيۇ توپى:216013264
جىگەر كېسەللىكلىرى توپى:219711309
http://www.uqur.cn/html/754649.shtml
سەككىز ئات كەشتىسى سېتىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89221
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-12-28
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 12:45:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تىمىنى تەھررلىيەلمىدىم ،بشقۇرغۇچىلار تەھررلەپ قويساڭلار بوپتىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89221
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-12-28
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 10:53:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى قانداق تەھرىرلەيدۇ .بىلمىدىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش