مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11440|ئىنكاس: 105

ئات گۆشى ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91705
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 11:05:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار بىز دىيارىمىزدا قىش پەسىللىرى ئات گۆشى ۋە ئات قىيزىسى يەيمىز. مەن ۋەتەندىن ئايرىلغىلى 2 يىلچە بۇلۇپ قالدى. ئۆتكەندە ئۆيدىكىلەر ماڭغا سۈرلىگەن ئات گۆشى،قىيزا ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى. مەن بۇ يەردىكى بىرنەچچە يىقىن ئۆتىدىغان مۇسۇلمان دوستلارنى ئۆيگە مىھمانغا چاقىردىم ۋە ئۇلارغا يۇرتىمىزنىڭ يەرلىك ئات گۆشى قىيزىسىدىن تىتىپ بىقىشقا سۇندۇم. ئۇلارغا بۇ بىزنىڭ يۇرتنىڭ يەرلىك ئات گۆشى قىيزىسى دىسەم، ئۇلار ئات گۆشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ماڭا ئات گۆشى ھارام،سىلەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئات گۆشى يەمسىلەر دەپ سورىدى،مەن ئەلۋەتتە،بىزنىڭ يۇرتلاردا قىش پەسلىدە ئات گۆشى يىيىلىدۇ دىدىم.ئۇلارمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى ۋە كۆڭلۈڭ بىزگە تىگىل بولدى دەپ كۆڭلۈمنى ياساپ قويدى. مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. شۇ سەۋەپتىن كەڭ تورداشلار بىلەن مۇشۇ تىمىدا بىر ئورتاقلاشساق دىگەن ئىدىم. ئات گۆشى ھالالمۇ ھاراممۇ؟؟؟؟

يىراقتىكى كۆز

يالغاندىن خالى يالغۇز .....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79360
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5950
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 01:27:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرە-يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇ مۇنبەردە ئات گۆشى ھالالمۇ-ھاراممۇ تېمىسىدا تېمىلار قىززىپ كەتكەن، لېكىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ چىقمىغان، ئاخىرىدا « يىسە بولىدۇ دەيدىغانلار يىسۇن، يېمىسۇن دەيدىغانلار يېمىسۇن » دەپ مۇنازىرە بېسىقىپ قالغان ...
  
  
مەن چوڭ بولۇپ ئات گۆشى يەپ باقماپتىمەن ....
مەن ئادەتتە قوي گۆشىنىمۇ ئانچە يىمەيمەن (پەقەت يىمەيمەن ئەمەس بەك ئاز يەيمەن) ، باشقا ئۇرۇق - تۇققانلار مېنى، سەن قانداق ئادەم، ساڭا ئوخشاش گۆش يىمەيدىغان ئادەممۇ بارمىدۇ دەيدۇ ؟ مۇنبەرداشلار سىلەردىن سوراپ باقسام ئاراڭلاردا ماڭا ئوخشاش گۆش بىلەن خوشۇڭلار يوقلار بارمۇ ؟

ئاق ئات مىنىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى شاھزادە بولىشى ناتايىن، بەلكىم ئۇ « تاڭسىڭ » دۇر ...

يالغاندىن خالى يالغۇز .....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79360
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5950
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 01:30:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوئال:
ئات گۆشىنى يېگىلى بولامدۇ؟
جاۋاب:
ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا «ئۇ ھارام، بۇ ھارام» دېگۈچىلەرنىڭ شۇنى بىلىپ قويۇشى كېرەككى: ئاللاھ تەئالا ھالال ياكى ھارام قىلىش ھوقۇقىنى ھېچكىمگە بەرمىگەن. دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ماۋۇ ھالال، ئاۋۇ ھارام» دېگۈچىلەر ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَذَا حَلَالٌ وَهَذَا حَرَامٌ لِتَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ»

«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ: ‹ئۇ ھالال، بۇ ھارام› دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ»- نەھل سۈرىسى 116- ئايەت.
دىنىمىز بەزى نەرسىلەرنىڭ ھاراملىقىنى ۋە بەزى نەرسىلەرنىڭ ھالاللىقىنى ئېنىق بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ھارام نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشقا، ھالال نەرسىلەردىن پايدىلىنىشقا بۇيرۇيدۇ، مسىلەن:
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 173 – ئايىتى، مائىدە سۈرىسىنىڭ 3 – ئايىتى، ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145 – ئايىتى ۋە نەھل سۈرىسىنىڭ 115 – ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردە بىرقانچە تۈرلۈك نەرسىنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنىدۇ.
مائىدە سۈرىسىنىڭ 4 – ۋە 5 – ئايەتلىرىدە، پاك نەرسىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. يەنە مائىدە سۈرىسىنىڭ 87 – ئايىتىدە مۇئمىنلار ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ ۋە يەنە بۇ سۈرىسىنىڭ (مائىدە سۈرىسىنىڭ) 88 – ئايىتىدە مۇئمىنلار ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى يېيىشكە ئەمر قىلىنىدۇ. بۇ ئەمر، نەھل سۈرىسىنىڭ 114 – ئايىتىدىمۇ ئۆتىدۇ.
ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 168 – ئايىتدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىپ:

«يَا أَيُّهَا النَّاسُ كُلُوا مِمَّا فِي الْأَرْضِ حَلَالًا طَيِّبًا…»
«ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال – پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار…» دەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا يەنە بەقەرە سۈرىسىنىڭ 172 – ئايىتىدە مۇئمىنلارغا خىتاب قىلىپ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ…»
«ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەردىن يەڭلار…» دەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 51 – ئايىتىدە بولسا، پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە خىتاب قىلىپ:
«يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّبَاتِ…»
«ئى پەيغەمبەرلەر! پاك نەرسىلەر (تەييىبات) دىن يەڭلار…» دەيدۇ.
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى، ھالال قىلىشتا پاكلىك، ھارام قىلىشتا ناپاكلىق ئاساس قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145 – ئايىتىدە بىر قىسىم ھارام نەرسىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى بولغان «لَحْمَ خِنْزِيرٍ» «چوشقا گۆشى» دىن كېيىن «فَإِنَّهُ رِجْسٌ» «چۈنكى ئۇ پاسكىنىدۇر» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى، ھارام قىلىشتا پاسكىنىلىق (ناپاكلىق) ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ھالاللىقنىڭ ئۆلچىمىنىڭ پاكلىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە «ھالال» زىكىر قىلىندىغان ئايەتلەردە «پاك» دېگەن سۆزنىڭ كېلىشى، «ھارام» زىكىر قىلىنىدىغان ئايەتلەردە «ناپاك، پاسكىنا» دېگەن سۆزىلەرنىڭ كېلىشى يۇقىرىدىكى مەزمۇننى توغرىلايدۇ.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ھوقۇقى
ئاللا تەئالا ئەئراف سۈرىسىنىڭ 157 – ئايىتدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ:
«وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ»
«ئۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ. ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ». تەھرىم سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە بولسا:
«يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكَ»
«ئى پەيغەمبەر! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلىسەن؟» دەيدۇ.
بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەزمۇنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھالال قىلىشىنىڭ پاك نەرسىلەر بىلەن، ھارام قىلىشىڭ پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن چەكلىك ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھالال ياكى ھارام قىلىشتا ئاللاھ تەئالا بەلگىلىگەن پرىنسىتىن چىقالمايدىغانلىقىغا ناھايىتى ئوچۇق بىر شەكىلدە دالالەت قىلىدۇ.
شۇنىڭدەك، ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى ھارام دېگەن بولسا ۋە ئاللاھ تەئالا يۇقىرىقىدەك تۈزىتىش بەرمىگەن بولسا، ئۇ نەرسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگىمۇ دالالەت قىلىدۇ. يەنى ھەدىسلەردە ھاراملىقى بايان قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر.
ئات گۆشىغا بۇ پىرىنسىپ بىلەن قارىغان ۋاقتىمىزدا ئۇنى يېگىلى بولىدۇ. چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر ئۇنى يېگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەدىسلەر مۇنداق:
فعن جابر بن عبد الله رضي الله عنهما قال: «نهى رسول الله صلى الله عليه وسلم يوم خيبر عن لحوم الحمر الأهلية ورخص في الخيل»- رواه البخاري (3982) ومسلم (1941) .
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، خەيبەر كۈنى يەرلىك ئېشەكلەرنىڭ گۆشلىرىدىن مەنئى قىلدى. ئاتلار توغرىسىدا رۇخسەت بەردى»- بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
وعن أسماء بنت أبي بكر رضي الله عنهما قالت: «نحَرْنا على عهد النبي صلى الله عليه وسلم فرساً فأكلناه»- رواه البخاري (5191) ومسلم (1942) .
     ئەبۇ بەكىرنىڭ قىزى ئەسمائ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما) مۇنداق دەيدۇ:
«بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا بىر ئاتنى ئۆلتۈرۈپ يېدۇق»- بۇ ھەدىسنى بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
وعن جابر رضي الله عنه قال: «سافرنا مع رسول الله صلى الله عليه وسلم وكنا نأكل لحم الخيل ونشرب ألبانها» رواه الدارقطني والبيهقي . قال النووي : بإسناد صحيح .
    جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سەپەرگە چىققان ئىدۇق. ئۇ ئەسنادا ئاتنىڭ گۆشلىرىنى يەيتتۇق ۋە سۈتلىرىنى ئىچەتتۇق»- بۇ ھەدىسنى دارىقۇتنى، بەيھەقى، رىۋايەت قىلغان. نەۋەۋىي بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويغان.
يۇقىرىدىكى ھەدىسلەردە ئات گۆشىنىڭ ھالاللىقى ناھايىتى ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ توغرىدا ھېچكىمنىڭ پەرقلىق بىر كۆزقاراش ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوق! ئاللاھتىن قورقۇش كېرەك!


مەنبە :


http://www.musulmanlar.com/?p=1853








بۇ يەردە يەنە باشقا يېمەك-ئىچمەك توغرىسىدىكى پەتىۋالار بار ئىكەن .


http://www.musulmanlar.com/?cat=97


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mr.Forever تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 01:35 AM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ana-yurit + 250 دەلىللەر يېتەرلىك
yulghunjan + 10 رەھمەت، ئاز بولسىمۇ ق.
نەشتەر22 + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 560   باھا خاتىرىسى

ئاق ئات مىنىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى شاھزادە بولىشى ناتايىن، بەلكىم ئۇ « تاڭسىڭ » دۇر ...

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5403
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2251 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 01:45:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھالال

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82569
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 267
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 02:01:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پالتاڭ بولسا ئۇتۇن كاممۇ ، ئوغلۇڭ بولسا خۇتۇن كاممۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8800
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4802 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 02:29:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بىز ئات گۈشىنى ھالال دەپ بىلىمىز. كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆۋلەتلەرمۇ ھالال دەپ بىلىدۇ. ئەمما تۈركىيە ھارام دەپ قارايدۇ. ئۇلارنى قايىل قىلىش ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس. شۇڭا تۈركىيەدەك دۆۋلەتتە دىققەت قىلىش لازىم.

باشقىلار ھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1854
يازما سانى: 2208
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 314252
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 5511 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 02:52:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر يىل ئاۋالقى دە-تالاش قوزغىغان تىما بۇ ؟!   مۇنبەرنى ياخشى ئاختۇرۇپ كۆرۈڭ تىما ئىگىسى  ، باشقۇرغۇچىلار بولسا بۇ تىمىنى تازلىۋىتىڭلا .   ساۋاب بولا ،  ئەتە - ئۆگۈنگىچە بىر مىللەت ئىككى تاغلىق بولۇپ گال سىقىشمىسۇن !

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85896
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2013-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 03:09:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھالال قىلىپ ياراتقان رىزىقتىن غىزالىنىلى....... ئات گۈشى بەك ئىسسىق شۇڭا ئەرەپ لەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ئانچە ماسكىلىپ كەتمەيدۇ.شەخسەن مەن ۋە بىزنىڭ دىياردىكى كىشىلەر قىشتا ئىستىمال قىلىمز يازدا قىلمايمىز.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bars827 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91705
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 03:26:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Mr.Forever يوللىغان ۋاقتى  2013-2-28 06:30 PM
سوئال:
ئات گۆشىنى يېگىلى بولامدۇ؟
جاۋاب:

سىزگە كوپتىن كوپ رەھمەت.

يىراقتىكى كۆز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32156
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3365 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 05:10:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجداتلىرىمىز ئات گۆشىنىڭ ھالاللىقىنى تۇراقلاشتۇرۇپ يەپ ئادەتلەنگەن.شۇڭا بىزگە ھالال.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش