مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1724|ئىنكاس: 29

قانلىق ئىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قان ئىچدە قان ......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2631
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 08:40:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                  "پوۋىسىت "

تۆت ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا تولغان ،ھەر تەرەپتىن سېسېقچلق دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان ،پۈتۈن ئەتراپ مەينەتچىلىك ،رەزىللىككە مۇپتىلا بولغان بۇ تۈرمىدە دۇنيانىڭ ئەركىنلىكى خۇشاللىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ،ئەزرائىل سىزنى گەجگىڭىزدىن قاماللىغان ،ئۇ خالىغان ۋاقىىتتا سىزنى دۇنياغا ئالتە كۈنلۈك مىھمان قىلىپ قۇيۇپ ،قارا تۇپراق قۇينىغا ئىلىپ كىرىپ كىتىدۇ . مانا بۇ بۇيەرگە نىسبەتەن دۇزاخ سانىلىدىغان ،پۈتكۈل قانخور ياۋايىلار بىلەن تولغان ،ئادالەتسىز ئەزرائىل ئۇۋىسى.

   شۇ كىچىسى ، ھىجران دېغىدا ئەلەم ۋە ئىلھام بىلەن ناخشا ئېيتىۋاتقانلار  ،ئايدىڭ كىچە يۇلتۇزلار بىلەن سىردىشىپ قەلەپ سىرلىرىنى پىچىرلاۋاتقانلار  چەكسز سادا ،تۈگمەس ناخشا ،مۇقەددەس كۈيلەر بىلەن بىر بىرىگە تە؛پۈنىۋاتقانلار ، مۇھەببەت ياۋۇزلۇق ......كۈيلەنمىگەن يەنە نىمە قەلدى دەيسەن بۇ يەردىكى ناخشىلاردا ؟ھەمممىسىنى ئېيتپ تۈگەتكىلى بولاتتىمۇ ؟
   ياخشىىغا كۈن يوق ، يامانغا ئۈلۈم دىگەندەك ، ياخشلار خورلىنىپ ، يامانلار كېرىلىپ يۈرمەمدۇ مانا ! رىئال قاراشلار تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئاچچىق كۈلكە ئاسىتىغا ئېلىنغان ۋە يول چېتىگە پىرقىرىتىپ تاشلانغان رەھىم -شەپقەتلقك بولوش ، ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بىزنىمە تاپتۇق؟! ....- پەقەت ئاچچىق ئەلەم ھەسرەت ئۆرتىنىش خالاس .....

   __ ئىسمىڭ مۇستافاغۇ دەيمەن ؟ كۈزۈمگە خېلى ئەقىللىق كۆرىنىۋېدىڭ ، گەپ قىلمىسام ھىچ ئەقلىڭنى تاپدىغاندەك قىلمايسىنا ، ئەمدى مۇشۇ كىچىكنىە قائىدىنىمۇ سەن سولتەكلەرگە ئۆگۆتشىم كىرەكمىدى-يا؟
     مۇستافا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى .، قەلبىدە ھەرخىل خىياللار ھۆكۈمرانلىق تالىشىپ ،باشقىلارنىڭ ئۆزىگە سۆزلەۋاتقانلىقىنى ، ياكى ئۆزىنىڭ چۈش كۆرىۋاتقانلىىقىنى ئاڭقىرالماي بېشىنى سىلكىدى .
   __ئەسلى ساقچىلارمۇ ئەقىللىقراق بولىشى كىرەك ئىدى . ھىچبىر بىزگە ماسلىشىدىغاندەك قىلمايدۇ دىسە ؟بۇ سولتەكلەرنى قۇتانغا قوي سۇلىغاندەك سولۋەرمەي ، تۈرمىنىڭ نامىغا چۈشلۇق ئەقىللىقراقىنى ئەكەلسە بولمامدۇ دەيمەندە ...! ئەقىللىق بىر نىمىلەرغۇ بۇ يەرگە كىرىپمۇ يۈرمەيتتى . -ئۇ قۇلىنى سىلكىپ تۇرۇپ يەنە سۆزنى داۋاملاشتۇردى .
__ ھەممىڭنىڭ ئىسىدە بولسۇن، بۇ تۈرمىگە كىرگەنلەر ئالدى بىلەن تۈرمە ساقچىسىنىڭ ، ئاندىن بىزنىڭ تەستىقىمىزدىن ئۆتكەندىن كىيىن "ئەركىن " بولالايدۇ . سەن سولتەكمۇ ئاغىزىڭغا پوق يىمىگەن بولساڭ ئەقىللىقراق بولغىن .
    چۈش ئەمەس رېئاللىق ، بۇ خىل قۇرۇق ھەيۋېلەردىن زىرىككەن مۇستافا ئاچچىقىدا دىدى:
  _ كارىڭ نىمە ؟ ئاغزىڭغا بىرەر پارچا سۆڭەك تاشلاپ بەرسەم ئاندىن توختامسەن يا ؟

   چىرايى قارىداپ ، بىر قاراشتىنلا ئۇنىڭ نىگىرلار تۈرمىسىدىن يۆتكەپ كىلىنگەنلىىكنى ياكى ئەزەلدىنلا مۇشۇ تائىپىدىن ئىكەنىلىكىنى ئايرىۋالغىلى بولمايدىغان ،بەئەينى مىڭ بىر كىچە ھىكايىسىدىكى "گىگانىت ئادەم" دەك ، كىچىسى پەرىق ئەتكىلى بولماس بۇ ئىنساننىڭ غەزىپى ئەزەلدىن بۇنداق كاللسىنىڭ تېشىغا تىشىپ باقمىغان .ئۇ غەزەپ بىلەن مۇستافانى يەردىن يۇلۇپلا ئالدى-دە ئۇنى تامغا تىرەپ تۇرۇپ :
   __ ھۇ ئاناڭنى ،ياخشلىق ياراشمايدىغان خۇمپەر ، قارىغاندا سەن ھۇشىنى يۇقىتىش كىسلى بىلەن بۇ تۈرمىگە كىرىپ قالغان ئوخشىمامسەن !؟ ياخشى . مىنىڭمۇ تېۋىپلىقتىن ئاز -تۇلا خەۋىرىم بار ئىدى ، خالىساڭ ساڭا رېتسىپ يىزىپ بىرەي ، ماۋۇ ئاغىنىلەر ساڭا دورا قاينتپ بەرسۇن قانداق ؟  :_دىدى بۇ زەڭگى مەنسىتمەسلىىك بىلەن ئەتراپتكىلەرگە قاراپ قۇيۇپ .
   شۇئان ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كەتتى ، تۇيۇقسىز  كەلگەن بۇ تەستەكنى ئۇ جەننەتتە كىرىپ يىيىشنىمۇ خىيال قىلغان ئەمەس ، ئۇ قولىدىكى بۇ زەئىپ بىچارىنى ئۇنداق قىلالايدۇ دەپ ئەسلا ئويلمىغان .
   بىر تەستەك سالغان مۇستافا شۇئان مۆلدۈردەك يېغىۋاتقان مۇشلار ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ قەيىرىگە مۇش تىگىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپمۇ ئۈلگۈرمىدى .خېلى ۋاقىتىتىن كىيىن بومباردىمان ئاخىرلاشتى .
   ئاجىز ئىڭراپ ياتقان مۇستافا  قانلىق كۆزلىرى بىلەن بۇ رەزىل ئادەم ۋە جايلارغا غەزەپ ياغدۇرغىنىچە ئىككى قۇلىغا تايىنىپ ئاران دىگەندە ئۆرە بولدى ، بىراق ئىككى قەدەم چامدىمايلا يەنە ئورنىغا يىقىلدى ...
ئۇ ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك خارلانغان ئەمەس .بۈگۈن ئۇنى خەقلەر شۇنداق بوزەك قىلدى ، يىنىدا بۇرادەرلىرى بولسىچۇ كاشكى .بورھان بىلەن مەردان ئىككىسلا بولغان بولسىمۇ ئۇ بۇنداق قاتتىق تاياق يىمىگەن ، باشقىلارنىڭ ئايىغىدا خارلانماس ئىدى .ئۇ بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەرنى بۇزەك قىلغان ، بىراق ئولارنىڭ كىينلىكى ياكى ئىچكى ھىسياتى بىلەن ئەزەلدىن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمىغان ئىدى ، مانا بۈگۈن ئەمدى ئۆزى قان ئىچدە قىلغان ئەتكەنلىرىنى ئەسلەپ قالدى ، ئەسلى جاھان دىگەن شۇنداق ئىكەن ئەمەسمۇ ؟

  تۈرمىنڭ قاراڭغۇ تام تۈۋىدە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ بايامدىن بىرى قاراپ تۇرغان بىرەيلەن تۆت ئەتراپقا سەزگۈرلۈك بىلەن نەزەر تاشلىغاندىن كىيىن ،ئۇنى سۆرەپ چاققان قەدەملەر بىلەن كامىرغا ئىلىپ كىرىپ كەتتى.ئۇمۇ بىر چاغلاردا شۇنداق ئىزىلگەن ، شۇنداق خارلانغان بولغاچقا مۇستافانىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تۇلۇق چۈشىنەتتى .

  ئۇ __مۇستافا ،-ئاچچىق خىياللار ئىلكىدە مۇنۇ "ساخاۋەتچىسى " سورىغان سۇئاللارنى جاۋاپسىز قالدۇردى ، قاچانلاركىن ئۆزىمۇ بىلمەي ئۇيقۇغا كەتتى . ئۇ چۈش كۆرگەن ، تۇلىمۇ ئۇزاق بىر چۈش كۆرگەن ئىدى .....
*****************************************

بۇ بىر توپ بىكار  تەلەتلەر ..... ، خۇددى شامال قەيەرگە ئۇچۇرسا شۇ ياققا كىتىدىغان قامغاقتەك بىر توپ قىززىقان ياشلار ئىدى . ئۇرۇش شۇئارىنى جار سېلىپ ، قەدىمى يەتكەنلكى يەرنى قالايمىغان قىلاتتى ، بۇ يۇرتتا كىشلەر ئۇنىڭدىن قۇرقامدۇ ياكى سەسكىنەمدۇ ، ئىشقىلىپ، نامىنى ئاڭلىدىمۇ ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇراتتى ، ئۇلارنى "لۈكچەكلەر "دەپ ئاتايتتى ، بىراق بۇ ئسىم مۇستافالارغا ئۆزىچە دادىل ۋە ئۆكتەم ئاڭلىناتتى ،ئەنە شۇ لۈكچەكلەرنىڭ كاتتبىشى مۇستافا ئىدى .ئۇ خالىغان ئادىمنى قۇلىدىن كەلگەنچە بوزەك قىلاتتى ،ئۆزىچە دۇنيادا ئۇنى باشقا ھىچنەرسە تۇسۇپ قالالمايتى ، جىدەلنى كۆرسە جېنى يايراپ قېنى قاينايتتى ،بىراق شۇ گاھى -گاھىدا  ساقچىلارنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ قالغىننى ھىساپقا ئالمىغاندا ، بۇ شەھەردە ئۇ ئۆزى بەگ ئۆزى خان بولوپ ياشايتتى .
  - ھۇ ئاناڭنى ...! ھىلىقى ۋىجدانلىق ساقچىنىڭ قەيەردىن پەيدا بولغانلىقىنى ماڭا دەرھال ئىنىقلاپ بىرىڭلار ، قارىغاندا يۇرتمىزغا مىھمان ئوخشىمامدۇ ئۇ بىر نىمە ،قارىغاندا ،مەن مۇستافانىڭ  تەملىك چايلىرىدىن بىر ئوتلىمىغۇنچە  ھۇشىنى تاپمايدىغادەك قىلىدۇ ئۇ !
   _ بۇلىدۇ ئاكا ، ھەممە ئىشلار دىگنىڭىزدەك بولىدۇ ،:- دىدى مۇستافانىڭ كەينىدىن كىلىۋاتقان بىرەيلەن خۇددى بۇيرۇق تاپشۇرۋالغان ئەسكەردەك جىددى كەيپىيات بىلەن ، ۋە شۇئان كەينىگە يۈگۈرگىنچە كىتىپ قالدى .

  -ئاسماندا بىر توپ قاغىلار ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرەتتى ، ئۇلارنىڭ توپ توپ بولوپ قاقىلداشلىرى ئادەمنىڭ قۇلاق مىڭىسنى يەپلا كىتەتتى ، بۈگۈن ئەلپازى كۈنىدىكىدىن يامانلىشىپ كۆزى قانغا تولغان بۇ غالجىر تەلۋىلەر ،كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ مۇستافانىڭ باشچىلقىدا يولغا پېتشماي كىتىپ باراتتى ، سائىتى كەلگەندە  خۇددى ئات ئايلىنپ ئۇقۇرىنى تاپقاندەك ، جىدەل بۇ قانخولارنى ئۆزى ئىزدەپ كىلەتتى  ياكى ئۆزى چەك باسماس ئىشلارنى باھانە قىلىپ قەستەن جىدەل چىقىرىپ  ، باشقىلارنى بوزەك قلىش ئارقىلق خۇمارىنى باساتتى .

   تۇيۇقسىز ياندىكى كىچىك يولدىن بىر سومكا كۆتۆرۋالغان بىرى ،خۇددى باشقا ئىتلاردىن قىزغىنىپ سۆڭەك ئىلىپ قېچىپ كىتىپ بارغان لالما ئىتتەك بىر ئالدىغا ، بىر كەينىگە قاراپ يۈگرەپ چقىتى ۋە سەپنىڭ ئالدىدا كىتىپ بارغان مۇستافاغا سۇقۇلۇپ كەينىگە يىقىلىپ كەتتى .

   بۇ جىدەل تاپالماي يۈرگەن  بىكارچى " لۈكچەكلەرگە "ئوبدانلا باھانە بولوپ بەردى ،مۇستافا ئېغىز ئېچىپ بىر نىمە دىگۈچە بۇرھان بىلەن يەنە بىرسى چەبدەسلىك بىلەن ئۇنىڭ قۇلىدىن قايرىپ تۇرغۇزۇپ بولدى .

  _ بۇرادەر ، بۈگۈن ناشتىنى كوچىدا قىلاي دەپ چىققان ئوخشىمامسەن ؟ بىراق كەچ بوپ كەتتىدە -ھازىر !
   ئۇ شۇنداق دەپ سۇئال قۇيۇپ بولغىچە مەردان ئالدىغا بىر قەدەم چىقىپ ئۇنى بىر كاللا بىلەن يەنە بىر نۆۋەت يەر چىشلەتتى ، ئۇنىڭ  بىچارىلىك ۋە يېلنىش  چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى مۇستافنىڭ كۆزىگە يالىت قىلىپ تىكىلدى-يۇ ، يەنە يان كوچىدىن چىقىپ كىلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ قاچماقچى بولدى .
     شۇ ھالاتتە تۇرغان ئۇنىڭغا قاراپ مۇستافانىڭ كاللىسىدا تېخى تۈنۈگۈنلا ساقچىلار ئالدىدىكى بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ھالتى چاقماق تىزلىكىدە ئەكىس ئەتتى ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئۇزاق ۋاقىىتىن بىرى كۆمۈلۈپ كەتكەن ھىسداشلىق تۇيغۇسى قايتىدىن باش كۆتۆرۈپ ئۇنى تۇتماقچى بولغانلارنى توختىتۋېلىپ ئۇنى قۇيۇپ بىرىشنى ئېيتتى ،

   بىچارە ، خۇشاللقىدىمۇ ،ياكى زىيادە قۇرقۇنىچتىنمۇ ، سومكىنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ كوچا چىراغلىرىنىڭ غوۋا يۇرىقىدا غايىپ بولدى ......

   داۋامى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىلىدۇ !




  .


كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3926
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 848 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 08:51:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرغايسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86150
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 09:49:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmat

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1936
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 10:34:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام......مىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى تاكى ئوقۇپ تۈگەتمىگۈچە ئارام تاپمايدىغىنىمنى بىلمەيدىكەنسىزدە.....تىزراق يوللاسىز داۋامىنى بولمىسا خاپىلىشىپ قالىمىز جۇمۇ..غەيرەت قىلىڭ

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1936
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 10:34:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام......مىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى تاكى ئوقۇپ تۈگەتمىگۈچە ئارام تاپمايدىغىنىمنى بىلمەيدىكەنسىزدە.....تىزراق يوللاسىز داۋامىنى بولمىسا خاپىلىشىپ قالىمىز جۇمۇ..غەيرەت قىلىڭ

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1936
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 10:35:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokbora520 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-28 10:34 PM
تازا قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام......مىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئەسەر ...

چاخ-چاخ ھە

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5769
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 448 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 11:03:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قىزقىپ ئۇقۇۋاتسام  ھەي  ............

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64343
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4236
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1130 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 11:05:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى قاچان يوللايسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92203
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 92
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 11:33:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۆپىرەك يوللاڭ ھە...؟

شەرق ئوغلى __

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86779
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 291
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 233 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 11:43:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى يىزىپ يوللىماي، قاچن يازىسىز ئاخىرىنى؟

مۇسۇلمان مۇسۇلماننى ياخشى كۈرىشى ۋاجىپ،
گەرچە شۇ مۇسۇلماندىن قانچىلىك ئېغىر مۇسىبەت ۋە تالاپەت يەتسىمۇ.
كاپىرنى ئۆچ كۆرىشى ۋاجىپ،
گەرچە ئۇ كاپىردىن شۇ مۇسۇلمانغا ئالەمچى ياخشىلىق كەلسىمۇ.


                                       شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش