ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان كونا- يېڭى بارلىق ئەزا  قېرىنداشلار ياخشىمۇسىلەر! 
مەقسەتكە كەلسەك ھازىر مۇنبەرگە تېمىلار ئىنتايىن كۆپ يوللىنىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئىچىدە كىشىنى سۆيۈندۇرىدىغان ۋە ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ قويىدىغان،ئادەمگە مەنىۋى زوق ئاتا قىلالايدىغان تېمىلارمۇ  يوللىنىۋاتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە تايىنى يوق، ھېچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى بولمىغان  تېمىلارمۇ بەك جىق يوللىنىۋاتىدۇ . بەزىدە بىز باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۆچۈرۈپ ئۈلگۈرتەلمەيۋاتىمىز . ئۆچۈرمەي تەستىقلايلى دىسەك ، مۇنبەرنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدىكەن . تەستىقلىمايلى دىسەك ، بىزمۇ تەڭلىكتە قالىدىكەنمىز . چۈنكى بىر ئادەمنىڭ مۇنبەرگە تېما يوللىشىمۇ ئاسان ئەمەس .(باشقا تور بەتتىن كۆچۈرۈپلا ئەكىلىپ چاپلاپ قويغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا) 
     نەچچە كۈندىن بۇيان نۇرغۇن تېمىلار تەستىقلانماي ئۆچۈرۈلدى . بۇنىڭدىن سىلەرنىڭمۇ خەۋىرىڭلار بولۇشى مۇمكىن، ھەممىنى تەستىقلاپ كەلسە مۇنبەر باش بېتىگە تۇتامغا چىقمايدىغان تېمىلار مىنۇتىغا بىر ئالمىشىپ تۇرىدىكەن . تورداشلار ھېچنىمىدىن پايدىلىنالماي ئاخىرىدا مۇنبىرىمىز كېرەكسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىكەن . ئۇ چاغدا بۇ يەر ھېچقايسىمىزنىڭ كىرگۈسى كەلمەيدىغان بىر سورۇنغا ئالمىشىپ قالىدۇ . شۇڭا ھەممىمىز ئورتاقلىشىپ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە مىسرانىم ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، مىسرانىمنى ئۇيغۇر تور ساھەسىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر مەدەنىيەتلىك سورۇنغا ئايلاندۇرساق - دىگەن ئۈمۇتتە تاقا-تۇققۇ خەتلىرىمنى بېسىپ ئولتۇرۇپتىمەن. تۆۋەندە مۇنبەردە ساقلىنىۋاتقان ۋە بىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويسام تورداشلار ئاڭلاپ باقسا. 
1-باشقا مۇنبەرلەردىن بۇرۇن يوللىنىپ بولغان پايدىلىنىش قىممىتى بولمىغان تىملارنى كۆچۇرۇپ يوللىمىساق،ئەگەر يېڭى تىمىلارنى ئىجاد قىلالمىساق ماڭا ئوخشاش نادىر تېمىلارغا ئىشتىراك قىلساق .(مەنمۇ ئىجادى يېڭى تىمىلارنى يوللاپ كىتەلمەيمەن ، بۇ ئەيىپ ئەمەس) بولسا پۈچەك ئىنكاسلارنى يازماي،ياخشى،ساغلام بولغان ئىنكاس-پىكىرلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويساق . 
2-تېما يوللىغاندا ، تېمىمىزنىڭ ئارقىسىغا يوللىغۇچىنىڭ ، يەنى ئۆزىمىزنىڭ ئىسمىنى يازمىساق . 
3-قىلچە ئەھمىيىتى يوق پۈچەك ئىنكاسلار : بەزى تورداشلار باركەن ، ئىنكاس يازغاندا يازمىسىمۇ بولىدىغان ئىنكاسلارنى يازىدىغان . مەسىلەن : چىراي ئىپادىلىرىنى چىقىرىپ قويىدىغان ، قەستەن باشقىلارنىڭ زىتىغا تىگىدىغان ، ئۆز يۇرتىنىڭ شىۋىسى بويىچە يېزىپ قويىدىغان . تايىنى يوق بىر ياكى ئىككى خەتنى بېسىپ قويىدىغان . ھەتتا بەزىلەر ئوقۇغىلى بولمايدىغان ئىمىر-چىمىر خەتلەرنى يېزىپ قويىدىغان ئەھۋاللار بەك ئېغىر.  
ئۇنداقلارنىڭ ئىنكاسىنى ئۆچۈرۈپ ، ئۇچۇر يېزىپ نەسىھەت قىلساقمۇ خۇيىنى ئۆزگەرىتمىدى. بۇندىن كىيىن ئۇنداق ئىنكاسلارنى يېزىشتىن قەتئىي ساقلانساق . 
4-شېئىر-قوشاقلار : بۇ سەھىپىگە تورداشلارنىڭ ئۆزى يازغان نادىر شېئىرلىرىمۇ يوللىنىدۇ ، ئاتاقلىق شائىرلىرىمىزنىڭ يازغان شېئىرلىرىمۇ يوللىنىدۇ،كۆپرەك يوللىندىغنى تورداشلار ئىجادىيتى ئىكەن، قانداقتۇر يېقىندىن بىرى شېئىر يېزىپ باقمىغانلارمۇ يېزىۋاتامدىكىن دەيمەن . قاپىيەسى كەلمىگەن ،مەزمۇنى قالايمىقان شېئىرلار بەك كۆپ يوللىنىۋاتىدۇ . ھەممىنى تەستىقلاپ كەلسە مۇنبەر شېئىر بىلەن توشۇپ ،مىسرانىم مۇنبىرى شېئىر قۇشاق مۇنبىرىگە ئايلىنىپ قالغۇدەك. 
شۇڭا كەلسە-كەلمەس شېئىرلارنى ئۆزۇم يازدىم ، دەپ يوللاۋەرمەيلى ، يوللىساق ھەرگىزمۇ باشقۇرغۇچىلاردىن ئاغرىنمايلى، يازالمىساق ماڭا ئوخشاش يازمايلا قويايلى،مىسرانىممۇ بىر چوڭ سورۇن بولغاندىكىن باشقىلارنى قايىل قىلالامدىمەن يوق؟ مۇشۇ شېئىرنى باشقىلار ياقتۇرامدۇ؟ مۇشۇلارنى ئويلاپ ئاندىن يازايلى! 
5-رەسىم يوللاش توغرىسىدا : بۇ سەھىپىگە يېڭى-يېڭى رەسىملەر بولسا يوللايلى. باشقا مۇنبەرلەرگە چىقىرىپ قويغان كۆرۈش قىممىتى تۆۋەن ، رەسىم يۈزىگە ئاشۇ تور بەتنىڭ تامغىسى بېسىلىپ كەتكەن كونا رەسىملەرنى يوللىمايلى! 
6-دىنىي ۋە سىياسى سەزگۈرلىكى يۇقىرى تىمىلار : بۇ ھەقتە كۆپ توختالماي. ئۆزۇڭلار ئويلاپ بېقىپ بۇنداق تېمىلارنى يوللىمىساق . 
7-تېما يوللىغاندا مەنبەنى ئەسكەرىتمەسلىك : مەنبەنى ئەسكەرتىڭ - دىسە ماسلاشماي ئادەمگە قىرىچە تىگىش ،  كۆپىنچە تورداشلار ھازىر تېما يوللىسا مەنبەنى ئەسكەرتىدۇ ، ئاز بىر قىسىم تورداشلار شۇنداق قىلىدۇ . 
       يۇقىرىدىكسى مۇنبىرىمىزدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسلىلەر . تېما يوللاش بۇ بىر ۋەزىپە ئەمەس، بۇنداق دىگىنىم تېما يوللىماڭلار دىگىنىم ئەمەس . يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىم ئاساسىدا تېمىلار بولسا يوللىساق ، قانداقتۇر بىر تېمىلارنى يوللاپ قويۇپ باشقۇرغۇچىلاردىن ئاغرىنمىساق . سەن تۈنۈگۈن باشقۇرغۇچى بولىۋېلىپ بۈگۈن بىزگە پەندى-نەسىھەت قىلىپ ئۆزەڭ زادى قانچىلىك نىمە ئىدىڭ ؟ دەيدىغانلارمۇ بولىشى مۇمكىن .  بۇ مېنىڭ مۇنبەر ئۈچۈن دوسلارغا سەمىمىي تەكلىۋىم ئويلۇشۇپ باققايسىلەر. 
        ھەممىمىز مىسرانىمنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ،بىر نىيەت- بىرمەقسەتتە گۈزەل ۋە ساغلام بولغان تور مۇھىتى يارىتايلى!    
     توردىشىڭلار :hok دىن .
[ بۇ يازما HANJAR  تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى  ]