ئاكام كىيىمىمنى كېسىۋەتتى
ئاكام كىيىمىمنى كېسىۋەتتى
كەچتە دوستلار يىغىلىشىغا بېرىشقا دىيىشىپ قويغان ئىدۇق .شۇڭا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن ئىشتىن بالدۇرلا قايتتىم.يۇيۇنۇپ- تارىنىپ ئالدىنقى ئايلىق مائاشىمغا ئالغان مودا كىيىمىمنى _ كۆينىكىگى قىسقاراق تىزدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان، ئىچىدىكى تار ئىشتىنى كۆينەكتىن سەل چىقىپ تۇرىدىغان ( بۇ خىل مودىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەنمەن..) قىزلارنى ‹ جەزبىدار، گۈزەل › كۆرسىتىدىغان كىيىمىمنى كېيدىم. ئەينەككە قارىسام ، بۇ كىيىم مېنىڭ زىلۋا بويۇمغا بەكلا ياراشقاندەك، بەكلا چىرايلىقلىشىپ كەتكەندەك ھىس قىلىپ ،ئۆزۈمچە -ناخشىغىمۇ غىڭشىپ قويدۇم، شۇ ئارىدا ئاپام كىرىپ قالدى:
ئاللا ،قىزىم كىيىۋالغىنىڭ نىمە بۇ؟ كۆينەكمىكىن دىسە كۆينەك ئەمەس ،ئىچىدىكى كۇسىرى كۆرىنىپ تۇرىدىغان قانداق كىيىم بۇ،پۇل بۇزۇپ ئالغان كىيىمىنى قارا.بىر چىرايلىق كىيىملىرى تۇرسا.دەرھال سېلىۋەتكىن ،ھىلى ئاكاڭ كۆرسە تېرىكىدۇ.
-ۋاي -ۋۇي ئاپا ،بۇ يىلقى مودا بۇ.ھەممىسى كىيىۋاتىدۇ ، نەرى بولمايدىكەن ،ئۇيەر- بۇ يېرى ئېچىلىپ قالمىسا يە.تازىمۇ بىر . ھەممىڭلار مۇتەسسىپلەر ._ غۇدۇرىدىم مەن.
-- سال دىدىم سال.
ئاپامنىڭ راستلا ئاچچىقى كەلگەن ئىدى.
-ئۆتكەن قېتىممۇ مودا دەپ ئېغى ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ئىشتان ئېلىپ ھاغىچە خاپىلىق تېپىپ بەرگەن ماڭا . كاشكى ياراشسا بۇ كىيىم ، مەن تىكتۈرۈپ بەرگەن ئەتلەس كۆينەكنى كېيمەمسەڭ بولمامدۇ،شۇنداق يارىشىملىق.ھازىرقى زاماننىڭ باللىرى مودىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ. جېنىم قىزىم ھەقىقى مودا دىگەن مىللى ئەنئەنىنى نامايەن قىلىش.
-بولدىلا ئاپا .مەن ماڭدىم ، ئىشقىلىپ ،قېرى خوتۇندەك قىلىپ ئەتلەس كىيمەيمەن . ھەممە ئىشىمغا ئارىلىشىۋالغان.
سومكامنى ئېلىپ بوسۇغىدىن ئاتلىشىمغا ئاكامغا دوقۇرۇپ قالدىم...ئاكام مېنى كۆرۈپ، ياق ،ئۇچامدىكى كىيىمىمنى كۆرۈپ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى .
نەگە؟- ئۇنىڭ غەزەپلىك ئاۋازىدىن خۇددى بۆرە نەرە تارتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
يىغىلىشقا دىيەلىدىم ئاران.
_ مۇشۇنداق كىيىم بىلەنما؟مېنى نىمە قىلسۇن دەيسەن. بۇنداق كىيىنىپ يۈرسەڭ باشقىلار نىمە دەيدۇ ؟ئۆزەڭچە بۇ سېنىڭ چىرايلىق بولۇپ كەتكىنىڭمۇ ؟ ماڭ ،كىرىپ كىيىمىڭنى ئالماشتۇرۇپ ،ئاندىن ماڭا كەلسە-كەلمەس چاكىنا مودىلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئېپ چىقىپ بەر .
ئاكامنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ ، نىمە قىلىسەن دەپ سوراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي دىگىنىنى قىلدىم. ئاكام ئۇ كىيىملەرنى قايچا بىلەن پارچە- پارچە قىلىپ كېسىپ ئەخلەت خالتىىىسىغا تاشلىۋەتتى.
-يەنە ئۇچاڭدا مۇشۇنداق كىيىم كۆرىدىغان بولسام ،سېنى كېسىۋېتىمەن.
ئىست كىيىملىرىم ، نەچچە كۈن بازار ئارىلاپ ئالغان تۇرسام .ياتاق ئۆيگە بېكىنىۋىلىپ دۈم يېتىپ تازا يىغلىدىم.
بالام- دىدى ئاپام:
ئاكاڭنىڭ قىلغىنى توغرا ، ئاكىدىن قورقماي ، مۇشۇنداق پەلى -پەتىش يۈرسەڭ ،ئەھلى -جامائەت نىمە دەيدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى ،بىز -بىز بولماي ،ئۇيغۇر ئۇيغۇر بولماي قالىمىز.مەن ساڭا ،ماڭا مومام ئېيتىپ بەرگەن بىر رىۋايەتنى سۆزلەپ بېرەي:
_ تولىمۇ يىراق قەدىمقى زاماندا قوش مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر دەيدىغان بىر زالىم ،ئاچكۆز
پادىشاھ بولۇپ ، ئۇيغۇرلار يۇرتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كەپتۇ، باتۇر ئۇيغۇر ئەرلىرى پۈتۈن تىرىشچانلىقى بىلەن ياۋغا قارشى 40 كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن لەكمىڭ ياۋ قوشۇنىغا تەڭ كېلەلمەي قىرىلىپ تۈگەپتۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ قەھرىمانلىقىدىن تاڭ قالغان ئىسكەندەر پادىشاھ قوشۇنىغا شەھەرگە كىرگەن ھامان بارلىق ئەركەك زاتىنى قەتلى قىلىپ ،كەلگۈسى بالا قازانىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بۇيرۇپتۇ، ئەسكەرلەر شەھەرگە كىرىپ ،ئۆيمۇ ئۆي ئاقتۇرۇپ،ئۇچرىغانلىكى ئەركەك زاتىنى قىرىپ تاشلاپتۇ. شۇ يۇرتتا پاتىمە ئىسىملىك بىر قىز بار ئىكەن ، ئۇنىڭ بويى ئىگىز بولۇپ ،كۆينىكى يەرنى سىپاپ تۇراتتىكەن،ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قىرىلىپ تۈگەپ كېتىشىگە چىدىماي ئەتراپتىكى كىچىكى نەچچە ئايلىق، چوڭى 9 ياشقا كىرگەن 9 بالىنى يىغىپ ،كۆينىكى ئاستىغا يوشۇرۋاپتۇ، ياۋ لەشكەرلىرى ئۆينى ئاختۇرغان بولسىمۇ بالىلارنى تاپالماي قاپتۇ، اللەنىڭ كارامىتى بىلەن ئەمچەكتىكى بالىلار يىغلىماپتۇ ، چوڭ بالىلار مىدىرلىماپتۇ.شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل شەھەر بويىچە بۇ پاتىمە ئانىنىڭ كۆينىكى ئېتىكىگە يوشۇرنىۋالغان بالىلار ئامان قاپتۇ ، بىز ئەنە شۇ توققۇز ئوغۇلنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنمىز.پاتىمە ئانا كۆينىكىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە كىيىپتۇ،يىرتىلسا ئەنجۈر يوپۇرمىقىدا ياماپتۇ.كىر بولسا ئاخشىمى يۇيۇپ،كۈندۈزى كىيىۋاپتۇ،كېيىنكىلەر كۆينەكنىڭ خاسىيىتىنى قىز-ئاياللارنىڭ مەڭگۈ.ئېسىدە ساقلىشى ئۈچۈن مۇنداق قوشاق قېتىپتۇ:
پاتىمەنىڭ كۆينىكى
يەتمىش يەردىن يامىقى،.
ياماي دىسە ياماق يوق ،
ئەنجۈرنىڭ ياماقىدا ياماپ ،
ياماپ كىيگەن پاتىمە
پاتىمەنىڭ كۆينەگى ،
توققۇز ئوغۇلغا باشپاناھ،
يۇرت- قەۋىمگە غەمخانە....
يىغلاپ- يىغلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن ۋە چۈش كۆرۈپتىمەن....نۇرغۇن ئالۋاستى قوغلاپ كەپتۇدەك..مەخسۇس ئوغۇللارنى يەيدىكەنمىش...ئانىلار،قىزلار ،چوكانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كۆينەك ئىزلەۋاتقۇدەك.ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كيىۋالغاچقا قولىغا بىر پارچە لاتىمۇ چىقمۇغۇدەك...
مەنبە قەلىمىم ....
پايدىلانما: ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ < پاتىمەنىڭ كۆينىگى> ناملىق ھىكايىنىڭ رىۋايەت قىسمى
-----بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:سەنەم مۇنبىرى ,تەپسىلىي ئادىرسى:
http://www.sanam.com.cn/bbs/read.php?tid=391-----