پىرچەڭگى ۋە تىلەمچى يىگىت 
  
ھېكايە
 
ئەزىزان
 
   }p7iv:P=3     "n!yK  ( بۇ ئەسەر پۈتۈنلەي ئەدەبىي توقۇلما ، ئەسەردىكى پېرسوناژ نامى ۋە خاراكتېرى ھەرقانداق شەخسكە ئوخشىشىپ قالسا ، پۈتۈنلەي تاساددىپىيلىق . )
 c~Ka)	dF|   \WCQ>c?~   NXY	jb(4:    پىرچەڭگى قەشقەردىكى قايناق رەستە ئوردا ئالدى بازار ئەتراپىدا ، بىر زىيالىي سۈپىتىدە پەيدا بولدى . ئۇ ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ، بۇ زاماننىڭ تەرەققىياتلىرىدىن تولىمۇ ھەيرانلىقتا ھوزۇرلانغاچ ، قورساق توقلىغىلى ھەشەم بىلەن بېزەلگەن بىر كاتتا تاماقخانىغا كىردى . 
 F1t( P	8    كۈتكۈچى قىزچاق پىرچەڭگىنىڭ پىۋا بوتۇلكىسىنىڭ تېگىدەك قېلىن كۆزەينىكى ئاستىدا پىلدىرلاپ تۇرغان يوغان كۆزلىرىگە قاراپ قويغاندىن كېيىن : 
 2@D`^]]    _ كەلسىلە ئاكا ، ئۆزلىرىلىما ؟ ئىچكىرىگە كەلسىلە . _ دەپ ئۇنى ئىچكىرىدىكى ئورۇنغا باشلىدى . 
 *x"80UXL    _  باللا ما مىمانغا چاي !!! ... 
 86
r5!@WN    كۈتكۈچى خانقىز ۋە يىگىتلەر ئالدى-كېيىن ئۆتۈشۈپ تېز رىتىمدا ھەلەك ئىدى ، زال ئىچىدە ناخشا-مۇزىكىلار قۇلاقنى يارغۇدەك ياڭرىغان بولۇپ ، پىرچەڭگىنىڭ سۇغا چۈشكەن بېلىقتەك دىللىرى يايراپ كەتتى . سالاھىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورقمىغان بولسا ، مۇشۇ يەردە مۇزىكىغا چۈشۈرۈپ ئاۋازىنى قويىۋېتىپ بىر پەدە غەزەل توۋلىۋالغۇسى بار ئىدى ئۇنىڭ . 
 i6`"e[aT[o     Z4j
6z>q E    شۇ ئەسنادا كۈتكۈچى خانقىزدىن بىرى كېلىپ پىرچەڭگىنىڭ ئالدىغا قورۇما تىزىملىكىنى قويدى . 
 =Ph8&l7~sp    _ نېمە يەيلا ئاكا ؟ 
 >gk_kl
Lh    پىرچەڭگى بۇ تىزىملىك قامۇسىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە ، ئاغزىغا سېلىپ بىرنى چىشلەپ باقماقچى بولدىيۇ ، توختىۋېلىپ سورىدى : 
 M?$[WS    _ قىزىم ، ماڭا بىر چەينەك قوشاق ، ئىككى تەخسە رەقىس ، تۆت قاچا غەزەل ، ھەمراھ بولىدىغانغا بىر ۋائىز ئەپ كەلسىڭىز ... 
 IHl	q27O    قىزچاقنىڭ بېشى ئايلىنىپ چۈشىنەلمىگەندەك پىرچەڭگىگە تىكىلدى . پىرچەڭگى يەنە جىكىلەپ : 
 }SN( ^3N    _ قوشاق دېھقان پەدىسى بولسۇن ، غەزەل نەۋائىينىڭ ... 
 !'7fOP-J]    تېڭىرقاپ قالغان كۈتكۈچى بىر دەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قېلىپ ئاندىن يەنە ھۇشيارلىق بىلەن كەينىگە بۇرۇلۇپلا توۋلىدى : 
 0+1wi4wy/    _ تۆتىنچى جوزىغا ئىككى تەخسە لەڭپۇ ! دىخاننىڭ قوشۇقىدىن بىژنى !  ناۋاينىڭ غەزىلىگە قوياڭلا دەيدا مۇزىكىنى !!! 
 >	VG    ... 
 bLgH3[{    پىرچەڭگى دەرھال ئورنىدىن تۇردى_دە ،  دېگەنلىرىنى قايتىباشتىن قىزچاققا ئۇقتۇرماقچى بولدى . بىراق ئۇ قانچە چۈشەندۈرسىمۇ بۇ قىز پىرچەڭگىنىڭ ناخشا-مۇزىكا يېمەكچى بولۇپ بۇيرۇتىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايۋاتاتتى . 
  k*.]*]
    پىرچەڭگى تاقەتسىزلىنىپ ياندىكى مېھمانلاردىن سورىدى : 
 g,ZA\R~	    _ ۋاي خەلقىم ، سىلەرنى مەن كەتكەندىن بۇيان ، مۇشۇ مۇزىكا ئىچىپ غەزەل يەپ ياشاۋاتىدۇ ، دەۋاتاتتىغۇ ؟! 
 _"DS?`z6    ياندىكى مېھمانلار بۇ كىشىنى ئىش ئورنىدىن ھەيدىلىپ ئېلىشىپ قالغان زىيالىي ئوخشايدۇ ، دەپ قالدى بولغاي ، ئېھتىيات بىلەن ئۇنىڭدىن يىراقلاشتى . 
 mo0\t#jA     f-=\qSo    بىر چاغدا تاماقخانىنىڭ خوجايىنى يۈگۈرۈپ كىردى ۋە بولغان ئەھۋاللارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خۇشامەتكويلارچە قامىتىنى ئېگىپ پىرچەڭگىنىڭ قولىنى سىقتى . 
 E	h%61/    _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پىر-ھەزرىتىم ، باركەنلا ما دۇنيادا ! خۇدايا شۈكرى . ما ئەخماق باللا ئىشتىھا مىزاجلىرىنى بىلمىگەچ گەپلىرىنى ئاڭقىرالماپتۇ ، مانا ھازىر ئۆزەملا راسلايمەن تاماقلىرىنى . _ دېگىنىچە ئارقا  تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى خوجايىن . 
 .1x04Np!    مېھمانلار بولسا تېخىمۇ ئاڭقىرالماسلىق ئىلكىدە گاھ پۇت-قوللىرى ئويناپ تۇرغان پىرچەڭگىگە ، گاھ ساقاللىرى تىترىگىنىچە ئىچىدىكى ئاشپەزلەرنى سوتلاۋاتقان خوجايىنغا قاراپ ھەيرەتكە چۆكتى . 
 !Brtao"m   |D3u"Y!:^    شۇ ئەسنادا تاماقخانا ئىچىگە بىر تىلەمچى كىرىپ كەلدى ۋە شىرەمۇ-شىرە ياقلاپ يۈرۈپ ئاشقان-تاشقاننى تىلەپ يېمەكچى بولدى . مېھمانلار ئۇنىڭ مەينەت ئۈستىبېشى ۋە ۋەيرانە تەلەتىدىن ھېيىقىپ ئۆزىنى چەتكە ئالاتتى . 
 Pf?kNJ*Tv)    پىرچەڭگى ئۇنى يېنىدا ئولتۇرۇشقا چاقىردى . 
 ));#oQol9     _ ھەي بالام ، بۇ ياققا كېلە . 
 30Yis_l2h    تىلەمچى پىرچەڭگىگە بىر چەكچىيىۋەتكەندىن كېيىن ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى . 
 #	kI>    _ بالام دېمە جۇما مېنىڭ دادام بار ئادەم ، پۇلۇم بار دەپ ئەدەم كۆزگە ئىلماۋاتامسە ؟ _ دومسايدى تىلەمچى ، تەقى-تۇرقى ئۆزىدىنمۇ ياش تۇرغان پىرچەڭگىنىڭ ئۇنى " بالام " دەپ چاقىرىشىدىن نارازى بولۇپ . 
 X>%nzY]m    پىرچەڭگى ئۇنىڭغا بىر پىيالە چاي قۇيۇپ تەڭلىگەچ : 
  )vr@:PE    _ مېنى تونۇمايدىغان ئوخشىمامسەن ؟ مەن سىلەرنىڭ ناخشا پىرىڭلار بولىمەن ئەمەسمۇ . 
 e5h*GKF    تىلەمچى ئۇنىڭغا تىكىلىپ ئۇزاق ئويغا چۆككەندىن كېيىن ئۆزىگە -ئۆزى سۆزلىگەندەك پىچىرلىدى : 
 D-3[#~MV    _ پىرچەڭگى ؟ 
 CU$khz"    _ شۇنداق ، دەل تاپتىڭ . مېنى تونۇيدىكەنسەندە ؟ 
 gU9{~-9}    تىلەمچى شۇئان ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە پىرچەڭگىنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى . 
 h\m35'v!    _ پىرىم ، مېنى قۇتقۇزىۋالسىلا ! پىرىم ، مېنى بۇنداق تاشلىۋەتمىسىلە !!! ... 
 ?@V	R%z    زالنىڭ ئىچىنى بىردەمدىلا تىلەمچىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەنسىز يىغىسى بىر ئالدى . ئەمدى ياندىكى مېھمانلار تېخىمۇ ھەيرانلىق ئىچىدە بۇ مەنزىرىنى كۆزەتكىلى تۇرغان ئىدى . 
 FR(W.5[     T}~TW26v    پىرچەڭگى تىلەمچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ باش-كۆزلىرىنى بىر سىلىۋېدى ، بىر دەقىقىدىلا بۇ مەينەت ۋە ۋەيرانە تىلەمچى كېلىشكەن بىر بايۋەچچە يىگىت سۈپىتىگە كىردى . كىشىلەر بۇ مۆجىزىدىن ھەيران قېلىپ كۆزىگە ئىشىنىشمەي قېلىشقان ، ھەتتا بەزىلىرى سىرتقا قېچىشقا باشلىغان ئىدى . 
 HN47/]"*    _ ھالىڭنى ئېيت بالام ، _ دېدى پىرچەڭگى مېھرىبانلىق بىلەن . 
 g14*6O:    يىگىت بىر ئاز يىغىسىنى توختىتىۋالغاندىن كېيىن جايىدا ئولتۇرۇپ بىر ئۇھسىندى ۋە ھېكايىسىنى باشلىدى . 
 ^<]'?4m]   Hg+ 
  " مەن ئەسلى بىر مەرىپەتپەرۋەر ، ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىنىڭ چوڭ ئوغلى ئىدىم .  6*8Wtq  
  90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ، ئەمگەكلەر بوشاپ ، قوللارغا پۇل كىرگىلى تۇردى . نەخ شۇ چاغلاردا ھەم بىز ياشلارمۇ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىشىشنى باشلىغان ئىدۇق . سىلى بىلىدىلا پىرىم ، بىز ئەزەلدىن ناخشا-مۇزىكا دېسە ئۆلۈپ بېرىدىغان خەلق . شۇنداق قىلىپ بىز ناخشا-مۇزىكىلىرىمىزنى باشقا جاي ، باشقا دۆلەتلەرگە تارىتىشنى باشلىدۇق ، باشقا ئەل باشقا خەلقنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى ھەم بىزگە تارقىلىشقا باشلىدى .  \j)Evjw  
  لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ، بىزنىڭ تارقاتقان ناخشا-مۇزىكىمىز سەھنىدە ياكى پلاستىنكا ئىچىدە قالدى . خەقنىڭ بولسا ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغىچە ئېقىپ كىردى . مەن شۇ چاغلاردا سىلىگە بولغان ئۆچمەس ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن ناخشىچىلار سېپىگە قوشۇلغان ئىدىم . دەسلەپتە توك گىتار بىلەن تىزما دۇمباق چالدىم ، كېيىن ئۆزۈم ئانسامبىل قۇرۇپ ناخشا ئېيتتۇق .  &K[*vyD  
  كىچىكىمدىن ئەركە ئۆگەنگەچكىمىكىن ، ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىش ياكى سودىلىشىشنى بىلمەيدىكەنمەن ، بۇ كەسپىم ماڭا ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان بولسا بولدىكى ، بىر پۇڭ پايدا ئېلىپ كەلمىدى .  *[MWvs:,  
  چېچىمنى دەسلەپتە مۈشۈك پادىشاھقا ئوخشاش ئۆرلىتىپ پاخپايتىپ چېكەمنى زاڭاققىچە قويۇپ يۈردۈم ، قارىسام مېنى بىرەرسىمۇ ئۇيغۇركەن دېمىدى ، تېخى ئىچكىرىگە ئويۇن قويغىلى بارساق ، " سىگانلار ئەترىتى " دەپ قىسىلىپ كۆردى ئويۇنىمىزنى ...  Tw~R-SiS`s  
  شۇندىن كېيىن چاچ پاسون ، كىيىنىش ، ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى جەھەتتە چەتنىڭ داڭلىق ئەترەتلىرىنى قوغلىشىپلا يۈردۇق ، ئۇلاردىن ئاشۇرساق ئاشۇردۇقكى ، كەينىدە قالمىدۇق . لېكىن نېمىشقىكىن ، ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمىدۇق ، ياكى ئۆزىمىزنىڭ داڭقى چىقمىدى .  W?7l-k=S  
  دەل شۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنىڭ ئوردا قىزىقچىسىدەك تېتىقسىز ۋە نىشانسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم . ئانسامبىل تارقالدى ، مېنىڭ مېجەزىممۇ ئۆزگىرىپ ئوساللىشىشقا باشلىدى .  %lKw+D  
  ئاتا-ئانا دېگەن باقىۋەندە بولمايدىكەن ، ئۇلار قازا قىلىپ كەتكەندىن بېرى ، گاھ مەدىكار ئىشلىدىم ، گاھ تويلاردا ئۇسۇل ئويناپ داپ چېلىپ ئۆرۈمە ئېلىپ ئازراق جان باقتىم .  :]"5UY?oF  
  مانا بۈگۈنكى كۈندە ، كۆز ئالدىلىرىدا تۇرۇپتىمەن ، قالغىنىنى ئۆزلىرى بىلىدىلا پىرىم ... "  BU
nujC  
   D(cD8fn,J  
  يىگىت يەنە بىر ئېغىر ئۇھسىنىش بىلەن ھېكايىسىنى تامام قىلغان بولدى .  mq:k|w^6  
  پىرچەڭگى بىرنى كۈلۈپ قويۇپ :  $m`Dyu  
  _ بالام ، قورسىقىڭ ئاچقاندۇ ؟ _ دەپ سورىدى .  0Q3U\cDr  
  تىلەمچى يىگىت ئىزا بىلەن بېشىنى لىڭىشتتى ۋە باشقىلارنىڭ شىرەسىدىكى سامسا پەرمۇدىلەرگە قارىۋېتىپ شۆلگىيىنى ئىچىگە يۇتتى .  0AZ9I!&i  
  پىرچەڭگى مەسخىرە ئارىلاش ھالدا تىلەمچى يىگىتكە بىرنى قارىۋەتكەندىن كېيىن ، تاماقخانا خوجايىنىنى چاقىرىپ :  09Hrn  
  _ ماۋۇ بالامغا بىر جاۋۇر ئىشرەتۇل ئەنگىز كەلتۈرۈڭلار .  Khq\@`RaT  
  يىگىت چۈشىنەلمەي ئازراق نارازىلىق بىلەن سورىدى :  "tEp8m  
  _ پىرىم ، ئۇ نېمە تاماق ؟ ئۇنى يېگىلى بولامدۇ ؟  NP>v@jO  
  پىرچەڭگى ئورنىدىن تۇرۇپ كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ ئەسلى ھالىتىگە قايتتى . كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قورققىنىدىن تىنىقى ئىچىگە قاپلىشىپ قالغان ئىدى .  /E>;O47a  
  پىرچەڭگى بوغۇق ئاۋازدا يىگىتكە قاراپ دېدى :  X)g
X9DA  
  _ ئۇ سېنىڭ ، سەندەكلەرنىڭ يەيدىغان تامىقىڭ !   KdNo'*;U]_  
   G/x6zdk  
  پىرچەڭگى پېشىنى قاققىنىچە سىرتقا قاراپ ماڭدى ، ئىشىك تۈۋىدە تاماشا كۆرۈپ تۇرغان رەڭگى-رويى سامان كىشىلەر ئۇنىڭدىن قېچىپ يول بوشىتاتتى .  !G%!zNA	S  
  خوجايىن ئالدىراپ تېنەپ پىرچەڭگىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىقتى :  &oL"AJU  
  _ ھەزرىتىم ، ئالدىراپ ياندىلىغۇ ؟ كۈتەلمەي قالدۇققۇ بىز ...  *	:"*'  
  پىرچەڭگى بولسا ھېچكىم بىلەن كارى بولماي قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە كوچا ئايلانغىلى كېتىپ قالدى . ئاغزىدا بولسا توختىماي گۈزەل ئاھاڭ بىلەن پىچىرلايتتى :  +|?a7qM  
   ui]iO
p  
ئۆزىنى گاداي قىپتۇ ، 
پىرچەڭگىنىڭ ئەۋلادى .
ماڭا ئارتىپ قويارمىش  
بولسىلا نېمە دەردى . 
... 
 1N/4W6  
  
  تىلەمچى يىگىت بولسا ، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن مازارىي مەشھەرىستانلاردا ئۇلۇغلارنى يوقلاپ ، پىرچەڭگىنىڭ ئىزىنى بويلاپ ، ئەنسىز ئېسەدىشى بىلەن يىغلاپ ، ئاخىر بىر ئاشىق بولۇپ غايىبقا قەدەم باستى . 
 
 l&&	i`  
 v}>g* @  
( تۈگىدى )
 CKw-HgXG  
 /
fQcrd7h  
يېزىقتىن كېيىن : سەنئەت بىزنىڭ بايلىقىمىز ، لېكىن بىزنىڭ بارلىقىمىز ئەمەس . ( توردىن )
[ بۇ يازما Azizan تەرپىدىن 2010-08-02 04:53 PM دە قا ]