مائارىپتىكى ئادىللىق بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا ؟
R c:cVK D0y,TF باي – نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ـــ مائارىپنىڭ ئاساسلىق روللىرىدىن بىرى. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ھالقىما تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، بۇ ھەممىگە ئايان ئىش؛ لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، بۇ ھالقىما تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، بۇ ساھەدە يەنە نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر كەينى – كەينىدىن كۆرۈلۈشكە باشلىدى، بەزىلىرى ھەقىقەتەن كەسكىن بولدى. مائارىپ ئادىللىقى مەسىلىسى مۇشۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بىرقەدەر گەۋدىلىك ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. 2005 – يىلقى »ئىككى يىغىن«دا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى »دۆلىتىمىز كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مائارىپتىكى ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك« دەپ مۇراجىئەت قىلدى.
,gL)~6!A iWN.3|r مائارىپتىكى ئادىلسىزلىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
Z_V&IQo-7 vgQh
dtt نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى تەس بولۇش، ئاجىز مەكتەپلەر تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ كېتىش، ياخشى مەكتەپلەرگە ئائىلە ئەھۋالى ياخشى ئوقۇغۇچىلار مەركەزلىشىش؛ شەھەرلەر بىلەن يېزىلار، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە جىنس پەرقى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشتە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەر خىل يېڭى ئادىلسىزلىقلار بايقالدى. بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان مەكتەپ تاللاش ھەققى ئېلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ۋەقەلەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئاممىغا مائارىپتىكى ھەر خىل ئادىلسىزلىقلارنى ھېس قىلدۇردى. ئۇنداقتا، مائارىپتا قانچىلىك ئادىلسىزلىق بولۇۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا ھېچكىممۇ توغرا جاۋاب بېرەلمەيدۇ! (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2005 – يىل 1 – مارتتىكى خەۋىرى)
\B>[j
e-d __ شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ مائارىپىغا سېلىنغان سېلىنما تەكشى بولمىدى. دۆلەتنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ ئادىل بولماسلىقى ـــ مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ شەھەرلەرگە كۆپرەك مايىل بولۇشى، يەنى دەرىجىسى يۇقىرى شەھەرلەرگە تېخىمۇ كۆپ سېلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن ئەڭ ياخشى ئەسلىھە، ئوقۇتقۇچىلار، ئاممىۋى مائارىپنى باشقۇرۇش مەبلىغى ئاز ساندىكى مەكتەپلەرگە قاراپ ئېقىپ ۋە مەركەزلىشىپ، ئوخشاش بىر زېمىندا ياشاۋاتقان يېزىلار دۆلەتنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىغا ئازراق ئېرىشىپ، دېھقانلارنىڭ ئاساس مائارىپتىكى سېلىقى بەك ئېغىرلاپ كەتتى؛ دېھقانلار پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى، ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى ۋە تەربىيىلىنىش نىسبىتى شەھەرلەردىن خېلىلا تۆۋەن بولدى؛ دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ باراۋەر تەربىيىلىنىش ھوقۇقى بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشى تەكشى بولمىدى، بۇنىمۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ تەكشى بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
=M
u'+,dT }Cmj (k`~ __ نۇقتىلىق مەكتەپ بەرپا قىلىش سىياسىتىدىن چاتاق چىقتى. بۇ، ئاساسلىقى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا كۆرۈلىدۇ. ئالدىنقى بىرقانچە يىلدا، مەملىكىتىمىز بويىچە كۆتۈرۈلگەن نۇقتىلىق مەكتەپ بەرپا قىلىش دولقۇنىدا، قانداقتۇر «دۆلەت دەرىجىلىك»، «ئۆلكە دەرىجىلىك»، «ناھىيە – بازار دەرىجىلىك» نۇقتىلىق مەكتەپ دېگەندەك باھالاشلار تازا ئەۋجىگە چىقتى. بەزى مەكتەپلەر »نۇقتىلىق مەكتەپ« بولۇش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئايانماي پۇل خەجلەپ، ئايانماي مەبلەغ سېلىپ ئوبراز قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئايانماي بەدەل تۆلەپ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى توپلىدى، ھەتتا بەزى جايلار مۇۋاپىق مائارىپ قائىدىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىنمۇ باش تارتمىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەقسىتى بىر، يەنى »نۇقتىلىق مەكتەپ« بەرپا قىلىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جايلار بايلىقنى دېگۈدەك نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە سەرپ قىلدى، بەزى ناھىيىلەردە بىردىن – ئىككىگىچە نۇقتىلىق مەكتەپ قۇرۇلدى، رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى 2005 – يىل 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئېلان قىلغان 2002 – يىللىق مەملىكەت بويىچە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ستاتىستىكا قىلغان خەۋەردىن ئايان بولۇشىچە، مەملىكىتىمىزدە 456 مىڭ 900 باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 121 مىليون 567 مىڭ 100 گە يېتىدىكەن؛ 65 مىڭ 600 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇغۇچى سانى 66 مىليون 874 مىڭ 300 گە يېتىدىكەن. بۇ ئىككى ساننى قوشقاندا 188 مىليون بولۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى 180 مىليون ئائىلىگە چېتىشلىق دېگەن گەپ، بۇنىڭغا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوشقاندا دائىرىسى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى چوڭ ئىش، شۇنداقلا باشنى ئاغرىتىدىغان ئىش. نەنجىڭ شەھىرىدىن شۈي خانىم 2004 – يىلى تولۇقسىزنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا چىققان قىزىنى سۇبېيدىكى بىر مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرگەن، قىزى مومىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئوقۇيدىغان بولغان. بۇ مەكتەپ »ئۆلكىلىك نۇقتىلىق مەكتەپ« ئىكەن، ئىلگىرى شۈي خانىم قىزىنى نەنجىڭدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەر خىل چارىلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.
z@%/r~?| cfC; eRgq~ __ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئوخشاش بولمىدى. خۇ يى دۆلەتنىڭ بىر نۇقتىلىق پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ لاڭفاڭدىكى تارمىقىدا دوكتور ئاشتى ، 2004 – يىلى ئۇ يىلىغا بېرىلىدىغان 1 مىليون يۈەنلىك تەتقىقات خىراجىتىدىن ۋە ئايالىنىڭ خىزمەت ئورنىدىن ۋاز كېچىپ، ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ، بېيجىڭدىكى باش ئورگانغا يۆتكىلىپ كەلدى ھەمدە تاپقان – تەرگىنىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ شەھەر ئەتراپىدىن ئۆي سېتىۋالدى، ئۇنىڭ مەقسىتى بالىسىنىڭ نوپۇسىنى بېيجىڭغا يۆتكىۋېلىش ئىدى. چۈنكى، بېيجىڭنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى خېبېينىڭكىدىن خېلى تۆۋەن، بېيجىڭدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن نومۇر بىلەن خېبېيدا ئاران 2 – تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرگىلا كىرگىلى بولىدۇ. نۇرغۇن ئاتا – ئانىلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن بېشى قاتىدۇ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىقتىسادىي شارائىتى سەل ياخشى كىشىلەر بېيجىڭدىن ئۆي سېتىۋالماقتا، ھەتتا قانچىلىك بەدەل تۆلىشىگە قارىماي، بالىلىرىنىڭ نوپۇسىنى بېيجىڭغا يۆتكىمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا، غەربىي قىسىمدىكى نامرات رايونلاردا ئىچكىرىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان ئوقۇغۇچىلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ؟ بۇمۇ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدىكى رايونلاردىن 100 __ 200 نومۇر تۆۋەن بولغانلىقىدا. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە 3 – تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرگىمۇ كىرەلمەيدىغان نومۇر بىلەن چەت – ياقا رايونلاردا بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگىلى، ھەتتا بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگىلى بولۇشى مۇمكىن. شۇ ۋەجدىن پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار ناھايىتى كۆپ ئەجىر قىلماقتا.
/[nZ#zj!3 ـــ پۇل بولسىلا ياخشى مەكتەپكە كىرگىلى بولىدىغان بولدى. بېيجىڭدا بىر شىركەتتە خىزمەت قىلىدىغان ۋاڭ خانىم ھەر خىل مۇناسىۋەت ئارقىلىق، 46 مىڭ يۈەن مەكتەپ تاللاش ھەققىنى تاپشۇرۇپ، بالىسىنى مەكتەپكە كىرگۈزگەندىن كېيىن، ھېچقانداق ھۆججەتكە ئېرىشەلمىگەن، تېخى مەكتەپ ئۇنىڭدىن «ئىختىيارلىقىم بىلەن مەكتەپكە ياردەم قىلدىم» دەپ تىلخەت يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. پۇلى بار ئاتا – ئانىلار كۆپ پۇل خەجلەپ بالىلىرىنى شارائىتى ياخشى مەكتەپلەرگە كىرگۈزەلەيدۇ، ئەمما پۇلى يوق ئاتا – ئانىلار قانداق قىلىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ بالىلىرى شارائىتى ناچار مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. مەكتەپلەر بولسا ئاتا – ئانىلاردىن كۆپرەك پۇل ئېلىۋېلىش ئۈچۈن، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز مەكتەپلىرىگە يىغىدۇ – دە، مەكتەپ تاللاش ھەققى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋالىدۇ. بۇ ھازىر ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. 1994 – يىلىدىن 2003 – يىلىغىچە، مەملىكىتىمىزدە مەكتەپلەرنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىش تۈرىدىكى پۇل 200 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يەتكەن، «مەكتەپ تاللاش ھەققى»، «مەكتەپكە ياردەم بېرىش ھەققى» دېگەن تۈرلەردىكى پۇلنىڭ سانى بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
)Vg{Y [! _!C)r*0( ـــ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى ھەممە ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش بولماقتا. ئېلىمىزدە ئۇدا يولغا قويۇلۇۋاتقىنى شەھەر – يېزىلاردىن ئىبارەت ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلما تۈزۈلمىسى بولغانلىقتىن، دۆلەتنىڭ ھەر خىل سىياسەتلىرىدە دېگۈدەك شەھەرلەرگە ئېتىبار بېرىلىپ، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ پەرقى بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىۋاتىدۇ. 2004 – يىلى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىگىدارلىقىدىكى كىرىمى 9422 يۈەن، دېھقانلارنىڭ 2936 يۈەن بولغان، لېكىن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن دېھقانلار پەرزەنتلىرى ئالىي مەكتەپكە كىرگەندە، ئوقۇش پۇلى ئۆلچىمى ئوخشاش. ئەگەر ھازىر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6000 يۈەن دەپ ھېسابلىساق، بۇ پۇل شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ %7.63 ىنى ئىگىلىسە، دېھقانلار كىرىمىنىڭ %3.204 ىنى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ خىل ھەق ئېلىش سىياسىتى تېخىمۇ كۆپ دېھقان پەرزەنتلىرىنى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرەلمەسلىك ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا پۇلى يوق بولۇشتەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئالىي مەكتەپكە كىرەلىدى دېگەندىمۇ، نۇرغۇن دېھقانلار پەرزەنتلىرى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش سەۋەبلىك نامراتلىشىپ كېتىدۇ. گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ 2004 – يىلىدىكى ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۆلكە بويىچە قايتا نامراتلىشىپ نامراتلىق سىزىقىدىن تۆۋەن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان دېھقانلار ئارىسىدا، مائارىپ ئامىلى تۈپەيلىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ سانى %50 نى ئىگىلەپ، مائارىپ مەسىلىسى گەنسۇ دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشىدىكى بىرىنچى ئامىل بولۇپ قالغان. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى 1989 – يىلىدىكىدىن 25 ھەسسىدىن 50 ھەسسىگىچە ئۆسكەن. لېكىن، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى ئاران تۆت ھەسسە ئاشقان، بۇنىڭدىن باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە 3.2 ھەسسە ئاشقان، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆرلىشى ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئۆرلىشىدىن ئون ھەسسە يۇقىرى بولغان. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇشۇنداق ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. دېھقانلار ۋە شەھەر – بازارلاردىكى ئىش ئورنىدىن قالغان ھەم ئىشسىز كىشىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى ئوقۇش پۇلىغا بەرداشلىق بېرىشى تەس بولماقتا، شۇڭا نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى مۇقەررەر بولۇپ قالدى. ھازىر شەھەرلەردە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئالىي تېخنىكوم، تولۇق كۇرس، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىدىكى نوپۇسنىڭ نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا يېزىلارنىڭكىنىڭ 3.5، 5.16، 5.53، 55.281، 323 ھەسسىسىگە تەڭ.
cFI7}#,5 [TbG55 ـــ قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ تەربىيىلىنىش جەھەتتىكى پەرقى چوڭ بولماقتا. ھازىر نۇرغۇن جايلاردا ئاتا – ئانىلار «قىز بالىنى ئوقۇتۇپ نېمە قىلىدۇ، قىز بالا دېگەن بەرىبىر تالانىڭ ئادىمى» دېگەندەك سۆزلەرگە ئىشىنىپ، قىزلارنى ئوقۇشقا كىرىش ھوقۇقىدىن بالدۇرلا مەھرۇم قىلماقتا. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى پېڭياڭ ناھىيىسى لاۋجۇڭ كەنتىدىكى شېن يەننىڭ تەقدىرى مەملىكىتىمىز يېزىلىرىدىكى سانسىزلىغان قىزلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. نامرات رايونلاردىكى قىزلار مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇماي، بالدۇرلا ياتلىق بولىدۇ ياكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، مائارىپ قاتلىمى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، قىزلارنىڭ تەربىيىلىنىش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم يولدا ئوقۇشتىن قالىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قىزلار ئىكەن. 15 ياشتىن كېيىن، قىزلارنىڭ مەكتەپتىكى نىسبىتى تېز تۆۋەنلەيدىكەن، 20 ياشقا بارغاندا، ئاران %2.14 قىز بالا مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن، بۇ ئوغۇللارنىڭكىدىن %2.8 تۆۋەن ئىكەن؛ ئېلىمىزنىڭ 5 – قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ستاتىستىكا ماتېرىيالىدا ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ نوپۇس پەرقى نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، ئاياللارنىڭ تەربىيىلىنىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن %25 تۆۋەنلەپ كەتكەن، بۇ ئېلىمىزدە سانسىزلىغان ساپاسىز «ئانا»لارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.
/]k
,,& "
g0-u(Y مائارىپتىكى ئادىلسىزلىقنىڭ مەنبەسى
w8ZHk?: J:g
مائارىپنىڭ ئادىل بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئادىللىق. %2Xus9;k#
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ لايىھىسىدە، تەربىيىلىنىشنىڭ ئادىل بولۇش دەرىجىسى تەرەققىياتنىڭ ئادىل بولۇشى (شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىدىكى ئادىللىق)دىكى ئۈچ چوڭ كۆرسەتكۈچنىڭ بىرى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچنىڭ بىرى قىلىندى. دېمەك، «قېلىن مۇز بىر كۈندىلا قاتقان ئەمەس». ئېلىمىز مائارىپىنىڭ ئادىلسىزلىقىدىكى ئامىللار ناھايىتى كۆپ، لېكىن، ئالىملار ۋە جەمئىيەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئامىلنى بۇنىڭ مەنبەسى دەپ قارىماقتا: cYq']$]
Z0()pT
1. مائارىپ تۈزۈلمىسىدە شەھەرلەرگە ئېتىبار بېرىلىپ، يېزىلارغا سەل قارالدى. ئېلىمىز ئۇزاق مۇددەت شەھەر – بازارلاردىن ئىبارەت ئىككى مەنبەلىك ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى يولغا قويغانلىقتىن، سىياسەت تۈزگەندە، ئالدى بىلەن شەھەرلەرنى ئويلىشىدۇ، يېزىلار شەھەرلەرگە يار – يۆلەك بولۇش سىياسىتى 50 نەچچە يىل قوللىنىلىپ، تېخى يېقىنقى ئىككى يىلدا ئاندىن تەدرىجىي تەڭشەلدى. دۆلەتنىڭ شەھەرلەرگە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت بۇ سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر پۈتۈن مائارىپ تۈزۈلمىسىدە ئېغىر خاتالىق كېلىپ چىقىپ، ئەسلىدە ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت پۇقرالارغا يۈكلەندى. مەسىلەن، مەكتەپ بىناسىنى سېلىش، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى تارقىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پۇقرالارغا يۈكلەندى؛ تېخى ئۇلار «خەلق مائارىپىنى خەلق باشقۇرىدۇ، مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش خەلق ئۈچۈن»، دېگەندەك چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتىلىپ، «كىم پايدا كۆرسە شۇ پۇل چىقىرىدىغان، شۇ مەسئۇل بولىدىغان» بولدى ھەمدە مائارىپ قوشۇمچە ھەققى مەجبۇرىي ئېلىندى. بۇ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتىنىڭ ئالمىشىپ قېلىشىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى، بىراق شەھەرلەردىمۇ مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ، لېكىن بۇ يەردىكى پۇقرالار مەبلەغ توپلىمايدۇ. «مەكتەپ تاللاش ھەققى» تاپشۇرىدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتى شەھەرلەردىكى مەكتەپلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. قانداق سىياسەت بولسا، شۇنداق تۈزۈلمە بولىدۇ، يەنە شۇنداق نەتىجە چىقىدۇ، مائارىپتىكى ئادىلسىزلىقنىڭ نەتىجىسى شۇكى، ئۇنى مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزىدىكى ئادىلسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان. u5cVz_S
WIEx
'
{
2. شەھەر – بازارلارغا مائارىپ بايلىقىنىڭ سەپلىنىشى تەكشى بولمىدى. يېزا مەكتەپلىرى مەيلى مالىيە سېلىنمىسىنىڭ نىسبىتى، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيىسى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى جەھەتتىن بولسۇن ياكى مەكتەپ بىناسىنىڭ سۈپىتى، پارتا – ئورۇندۇق، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولسۇن، شەھەردىكى مەكتەپلەردىن خېلىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېلىمىزدە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلمىغان جايلارنىڭ ھەممىسى يېزىلاردا، ساۋاتسىز نوپۇسمۇ ئاساسلىقى يېزىلارغا مەركەزلەشكەن، ساۋاتسىزلىق نىسبىتى شەھەرلەرنىڭكىدىن ئىككى ھەسسىدىن يۇقىرى. بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان مەكتەپ تاللاش تۈزۈمى ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ بايلىقىنىڭ سەپلىنىشىنىڭ ئىككى قۇتۇپقا يۈزلىنىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، مائارىپ بايلىقىنىڭ بۇنداق نامۇۋاپىق سەپلىنىشى يەنە چوڭ – ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەر، ئادەتتىكى مەكتەپلەر ۋە ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىدىكى پەرقنى چوڭايتىۋەتتى. ھازىر يېزىلاردا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوقۇتقۇچىلار تۈگىشى بىلەن نۇرغۇن «ۋاكالىتەن دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار» كەينى – كەينىدىن خىزمەت ئورۇنلىرىغا چىقتى، بەزىلەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا بىرىنچى ياكى ئىككىنچى يىللىقلارنىڭ ئەدەبىيات، ھېساب دەرسلىرىنى ئۆتتى، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەر بەشىنچى، ئالتىنچى يىللىقلارغا سىنىپ مەسئۇلى بولدى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى شتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار كۆزگە كۆرۈنگەنسېرى شەھەرلەرگە كەتتى. #514a(6
p@cfY]<7
3. خىراجەت «نۇقتىلىق مەكتەپ»لەرگە كۆپرەك ئاجرىتىلدى. مەملىكىتىمىزدىكى 100 باي ناھىيە ۋە 100 نامرات ناھىيىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، 2001 – يىلىدىكى مالىيە كىرىمى 4.17 ھەسسە پەرقلىنىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا، باي ناھىيە بىلەن نامرات ناھىيىگە تەۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئاجرىتىدىغان خىراجەت جەھەتتىكى پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئەڭ باي ئۆلكە – شەھەرلەر بىلەن ئەڭ نامرات ئۆلكە – شەھەرلەردە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ھۆكۈمەت ئاجرىتىدىغان خىراجەت 50 ھەسسە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئاجرىتىدىغان مەبلەغ 92 ھەسسە پەرقلىنىدۇ. يېزىلاردا ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيىلىنىش خىراجىتى شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن %60 تىن %80 كىچە ئاز. يېزا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ئۆزلىرى يىغقان كىتاب پۇلى ۋە پارچە – پۇرات ھەقلەرگە تايىنىپ نورمال ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىمىز دەيدىغان بولسا، بۇ پۇل يەتمەيدۇ، مالىيىدىن ئاجراتقان پۇلمۇ ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مەكتەپ تاللاش ھەققى ئالالمايدۇ، ھېچكىم ئۇلارغا پۇل ئىئانە قىلمايدۇ، شۇڭا ھەر خىل ناملار بىلەن ئازراق پۇل يىغمىسا نورمال ئوقۇتۇشنى يولغا قويالمايدۇ. قالايمىقان ھەق ئېلىشقا چىش – تىرنىقىمىزغىچە نەپرەتلەنسەكمۇ، لېكىن ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار مەكتەپلەرگە ھېسداشلىق قىلماي تۇرالمايمىز؛ ئەمما «نۇقتىلىق مەكتەپ» دېگەن نام بىلەن «مەكتەپ تاللاش ھەققى» ئېلىۋاتقان، يەنە پېيى ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىۋاتقان مەكتەپلەرگە لەنەت ئوقۇشىمىز كېرەك! l5ZADK4
9atjK4+o
مائارىپتىكى ئادىلسىزلىقنى ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرى aW`:)y&f
8X}^~ e
تەربىيە ئېلىش ھەربىر ئادەمنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى، باراۋەر تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ھەربىر پۇقرانىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقى. ئادەمنى ئاساس قىلىش ئېڭى بارغانسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پۇرسەتنىڭ باراۋەر بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلىش، مائارىپنىڭ ئادىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىش چوڭقۇر رېئال ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. مائارىپتىكى ھەر خىل ئادىلسىزلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز مەسىلىگە توغرا قاراپ، رېئاللىققا يۈزلىنىپ، ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشىمىز كېرەك. TRs[ ~K)n
ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا ماس كېلىدىغان مائارىپ يېڭى تۈزۈلمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى توختاپ قالغىنى يوق، لېكىن مائارىپتىكى ئىلگىرىكى ئادىلسىزلىق تېخى ھەل قىلىنماي تۇرۇپلا، يېڭى ئادىلسىزلىق مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىپ، كىشىلەرگە مائارىپ ئىسلاھاتى بىر ئىزدا توختاپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويدى. بۇنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇتەخەسسىسلەر: مەملىكىتىمىزدىكى مەجبۇرىيەت باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى مۇكەممەل بولغان دۆلەتلىك باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىش، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشتا بىردەك ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىش، مەيلى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر بولسۇن ياكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر بولسۇن بىردەك مەكتەپ تاللاش ھەققى ئالماسلىق؛ يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى، دەرسلىك قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇشنى خالىمايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا كەسپىي تېخنىكا مائارىپى دەرسلىرىنى ئېچىپ بېرىش؛ ئىمتىھان مائارىپىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن ئۆگىنىدىغان، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىشىنىلا كۆزلەيدىغان، ئوقۇتقۇچىلار مۇكاپات ئېلىشنىڭلا كويىدا بولىدىغان، ئاتا – ئانىلار ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇشنىلا ئويلايدىغان ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى. G*P[z'K=
ئادىللىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىر پۇقرا تەڭ تەربىيىلىنىدىغان تەقسىمات قائىدىسىنى تۈزۈش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا ئادەملەرنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇنىڭ ئاساسىدۇر. زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئادەملەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا. خەلق ئاممىسىنى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە باشلاپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنى باراۋەر تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇلارنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا، ھەممەيلەننى باراۋەر بولغان ياخشى تەربىيىگە ئىگە قىلىش لازىم. ھۆكۈمەت مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي كۈچ، مائارىپتىكى پەرقنى كىچىكلىتىش، مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، شۇڭا بايلىق تەقسىماتىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە سىياسەتنى تەڭشەش ئارقىلىق، مائارىپنىڭ ئادىللىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، نۇقسان يەتكۈزۈۋاتقان ئامىللارنى تۈگىتىشتە ھۆكۈمەتنىڭ رولى ئىنتايىن زور. {f`lSu
ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۈپەت مەسىلىسىنى ھازىر ئېلىمىزدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىمتىھان مائارىپى مەسىلىسىگە كىرگۈزمەي ئامالىمىز يوق. ئەڭ ئەقىللىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا ئەڭ قىزىقىدىغانلاردۇر، لېكىن بىزنىڭ مائارىپ تۈزۈمىمىزدە، بىر قاتار رەھىمسىز ئىمتىھانلار ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى نابۇت قىلىنماقتا، بۇ، ئېلىمىز مائارىپىنىڭ ئۇزاق مۇددەت قالاق بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل. ئەڭ ئېچىنىشلىقى، يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىمتىھان ئارقىلىق يېتىشىپ چىققان شۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئوقۇتقۇچى بولدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ ئوقۇش تارىخىنى قولغا كەلتۈرۈش تەجرىبىلىرىنى ئوقۇتۇش جەريانىدا شۇ پېتىچە كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئەۋلادلارغا تېخىمۇ دەھشەتلىك ئىمتىھان مائارىپىنى يولغا قويىدۇ، بۇ يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنى قايتا تەربىيىلىشى، بارلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسى ۋە مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەشنى ھۆكۈمەت كونترول قىلىشى كېرەك. بۇ، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ باراۋەر، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنىڭ ئاساسى؛ نۇقتىلىق مەكتەپلەرنى تېزدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. بۇ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنىڭ شەرتى.
t7jh?]
2gQY8h8
دۆلەت يېزا مائارىپىغا خىراجەت ئاجرىتىشتىكى يوچۇقنى تېز ئېتىشى كېرەك. نامرات دۆلەتنىڭ مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئەسلىدىنلا قىيىن، چوڭ دۆلەتنىڭ مائارىپنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى تېخىمۇ قىيىن ، لېكىن قىيىن دەپ باھانە كۆرسىتىپ، سۈنئىي پەيدا بولغ تىن چوڭ ئىكەن. ھازىر مەملىكىتىمىزدە ئوتتۇرا – باشلانان نۇرغۇن ئادىلسىزلىقلار بىلەن كارىمىز بولمىسا بولمايدۇ. ئىلگىرى يېزا مائارىپىنى تۇتۇپ تۇرغان يېزا مائارىپ قوشۇمچە ھەققى ۋە مائارىپقا توپلىنىدىغان مەبلەغ توختىتىلغانلىقتىن، خېلى بىر قىسىم ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، بولۇپمۇ نامرات رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مالىيە جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشەلمىدى. ھېسابلىنىشىچە، بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ھەر يىلى 202 يۈەن ئومۇم خىراجىتى، بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا 325 يۈەن ئومۇم خىراجىتى كېتىدىكەن؛ ھازىرقى «بىر ھەق تۈزۈمى» بويىچە ئېلىنىدىغان ئوقۇش پارچە – پۇرات ھەققى بويىچە بولغاندا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئېرىشىدىغان ئومۇم خىراجىتى تەخمىنەن 100 يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 150 يۈەن بولۇپ، يوچۇق %50 غۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 180 مىليون بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەم خىراجىتىنىڭ سانى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. 2001 – يىلىدىن باشلاپ، مەركەز مالىيىسى ھەقسىز دەرسلىك مەخسۇس مەبلىغىدىن 100 مىليون يۈەن، 2002 – يىلى 200 مىليون يۈەن، 2003 – يىلى 400 مىليون يۈەن، 2004 – يىلى 1 مىليارد 170 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرغان. 2007 – يىلىغا بارغاندا، مەملىكىتىمىزدە ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار كىتاب پۇلى ۋە پارچە – پۇرات ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرمايدىكەن، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش پۇلى ياردىمى بېرىلىدىكەن. «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىردە تولۇقلىما ياردىمى بېرىش» سىياسىتى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ قەدىمىنى جەزمەن تېزلىتىدۇ، ئۇ شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. لېكىن، «بىر ھەق تۈزۈمى»نىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن كېلىپ چىقىدىغان خىراجەت جەھەتتىكى يوچۇق ۋە مەكتەپ سىنىپلىرىنى نورمال رېمونت قىلىش، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش قاتارلىق ئىشلارغا كىم پۇل چىقىرىدۇ؟ ئەگەر «بۇنى دەرىجە بويىچە نىسبەتكە بۆلۈپ ئۈستىگە ئالىدۇ» دېيىلسە، ئاخىرىدا يەرلىكنىڭ مالىيە خىراجىتى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك، ھەتتا ئۇنى ئۇزاق مۇددەت كەينىگە سۆرەش سەۋەبلىك يېزا مائارىپىنىڭ ئىلگىرىلىشى تەسكە توختايدۇ، شۇڭا دۆلەت يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ۋە مائارىپ زاپاس فوندى بەرپا قىلىپ، مەبلەغنى بىر تۇتاش غەملەپ، مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، مائارىپنىڭ ئادىل بولۇشىغا خىراجەت جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 4o1Q7
V+qFT3?-
]4Nvh\/P9