مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       333 
  •    ئىنكاس 
       15 

ھەممىمىز تەگئاتلىق بولىۋالايلى

قەۋەت ئاتلاش
Bidar-Qutlan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36134

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   163 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1587 (سوم)
 ياخشى باھا:   141 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   151  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2009
 سائەت
دەرىجىسى:
2009 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-12-07

مىسرانىمدا تەگئات(فامىلە) ھەققىدە 2 يازمىنى كۆرۈپ قالدىم، يازمىدىكى مەزمۇن بىلەن يازمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ تەگئات ھەققىدە بىرقىسىم تورداشلارنىڭ كۆپ نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم، شۇڭا  تەگئات ھەققىدىكى بۇ يازمام كونا يازما بولسىمۇ بۇ يەرگە قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلدىم. ([^#.x)hz  
     تەگئات يەنى فامىلە مەدەنىيىتى دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدەخىلى كۆپ مىللەتلەردە ئومومىي ئادەتكە ئايلانغىلى نەچچە ئەسىر بولۇپ، ئاللا قاچان قېلىپلىشىپ بولغان بولسىمۇ، ئەكسىنچە بىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا نۇرغۇن ئېسىل مەدەنىيەتلىرىمىز قاتارى بۇ ئەڭگۈشتىرىمىزمۇ يوقۇلۇشقا ياكى چىكىنىشكە يۈزلەندى، ھازىرقى كەچمىشلىرىمىزدە ئازساندىكى بىرقىسىم زىيالىلىرىمىز باشلامچى بولۇپ، تەگئات قوللۇنۇشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، تەتقىقات ئاز، ئاۋامغا يېتەكچىلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاددى ئاۋام ئىچىدە ئەمەس، ھەتتا كەڭ زىيالىلىرىمىز ئارىسىدىمۇ يېتەرلىك تونۇشقا ئىگە قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى،  شۇ مۇناسىبەت بىلەن، بىلىك مۇنبىرى، ئىزدىنىش تورى ۋە يۈكسەل تۇراسى قاتارلىق توربەتلەردە بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان بىرقىسىم تەتقىقات ۋە  مۇنازىرىلىرىمىزنى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە ساۋاقلىرىمىزنى مەزكۇر مۇنبەردىكى مەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ بېيىتقۇچىسى، خەلقنىڭ بىۋاستە ئاقارتقۇچىسى بولغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇنساق، تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇش ۋە تەتقىقاتنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن مەقسەتتە دىققىتىڭىزلەرگە سۇندۇق. ?1zGs2Qs  
    بۇ يازما پارچە - پارچە مۇنازىرىلەردىن تاللاپ، سەرخىللىرىنى يېغىپ، رەتلەپ  6 بۆلەك مەزمۇن بويىچە تەييارلانغان بولۇپ، نېمە ئۈچۈن تەگئات قوللىنىمىز؟ تەگئاتقا تاللىنىدىغان سۆز  قانداق شەكىلدە بولىدۇ؟ تەگئات قوللانغاندىن كېيىن ھازىرقى قولۇنىۋاتقان ئىسىم شەكلىمىزدىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟ ئۇنى كىملىك، نوپۇسلارغا قانداق ئورنىتىمىز؟ بىزگە قانداق قىينچىلىق ياكى پايدىلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ، .....  دېگەن مەسىلىلەر ئەمەلىي تەجربىبىلىرىمىزگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، تورداشلارنىڭ سۇئاللىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، مۇشۇ يازمىنىڭ داۋامىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللۇنىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ، ئۇستازلارنىڭ ھەرقانداق تەكلىپ، تەنقىد پىكىرى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا باشقىلارنىڭ ئەركىن ئىنكاس قايتۇرىشى قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ.
R.DUfU"gp  
8_ o~0lb  
"تەگئات" ھەققىدە چولتا ئويلۇرۇم  (1) W;l0GxOxQ  
قېرىنداشلىرىم، تەگئات قوللىنىش ھەققىدە مەتبۇ ئاتلىرىمىزدا ئاندا - ساندا ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، تور دۇنياسىدا ئېلان قىلىنغىنىنى ئاڭلىمىدىم، بىر چاغلاردا سابىق پۇقرا تورىدا بۇ ھەقتە خېلى ياخشى مۇنازىرىلەر بولغان بولسىمۇ ئۇ ھەقتىكى تالاش - تارتىشلار پۇقرا تورىغا ئوخشاش ئاللا قاچان ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قالدى، بىلىك تورىدا بۇ ھەقتە بىرەر تېمىدا ماقالە يېزىپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلاپ يۈرگەن بولساممۇ، ئارمانغا چۈشلۇق بىلىدىغانلىرىم بولمىغانلىقى، ماتېرىيال ئىزدەپ تېپىش، ھەزىم قىلىش ۋە يېزىش ئىشلىرىنىڭ ھېچ بېرىگە پەقەتلا ۋاقىت چىقىرالمىدىم، ئىزدىنىش تورىدا جەۋلان ئەپەندىم توردىكى نام بىلەن تەقلىدى سۈرەتلىرىمىز توغرىسىدا تور ئويۇنى تەشكىللەپتىكەن، ئۇنىڭغا جاۋابەت پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تەگئات ھەققىدىكى قارىشىمنى سىڭدۈرۈۋەتكەن ئىدىم، بىرقىسىم دوستلار بۇ ھەقتە بىر بۆلۈك سۇاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ(قايسى توردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا شۇ تورنىڭ ئىسمى تىرناق ئىچىگە ئەسكەرتىلدى)، سۇاللارغا جاۋاب بېرىش بارىسىدىن ئەسلى يازماقچى بولغان ئويلۇرۇمنىڭ بىر قىسمىي چولتا بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قالدى. بۇ ھەقتە بۇ يەردىمۇ بىر مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە بىر بۆلەك ئىنكاسىمنى قويۇپ قويدۇم: xR8.1T?8  
ساردار0998(ئىزدىنىش)نىڭ سۇئالى: @WJ\W`P  
تەگئات قوللۇنۇشنى تەشەببۇس قىلىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال تەگئات دېگەن بۇ ئۇقۇمنى تەپسىلىي بىر چۈشەنسەك ...ۋە ئۇنىڭ پايدا زىينى توغرىلىق سوغۇققانلىق بىلەن بىر مۇنازىرە قىلساق مىنڭچە تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن ... e6bh,BwgQq  
تەگئات دېگەن نېمە ؟؟؟؟ Dyc XJ3eQ  
نېمە ئۈچۈن تەگئات قوللۇنىمىز ؟؟؟؟ /h{Rf,H  
بۇ ئۆرۇپ ئادەتلىرىمىزگە مۇخالىپ كېلەمدۇ يوق؟؟؟؟ 0TSB<,9a[  
تەگئات قوللىنىش ئۆرۇپ ئادەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ غەربكە بىقىنىش بولامدۇ يوق ؟؟؟؟ 8e^uKYR<  
تەگئات قوللىنىشنىڭ بىزگە ئەكىلدىغان مەسىلىلىرى قانداق دېگەندەك ............. 8qaU[u&$  
............................................ئەلۋەتتە بۇ تۇغۇرلۇق بىدار ئاكىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى ۋە چۈشەنچىسىنى تەپسىلىي بىر ئوتتۇرىغا قويسىكەن دېگەن ئۇمۇددەمەن .....قىممەتلىك ۋاقىتىڭىزنى ئاجرىتىپ مۇشۇ ئىشقا ئۆزىڭىز بىر باش بولسىڭىز بىر روياپقا چىقىرىدىغان ئىش قىلساق .......
bM5o-U#^ C  
KV$4}{  
قېرىنداشلىرىم، تەگئات قوللۇنۇشنى تۇنجى تەشەببۇش قىلغۇچى مەن ئەمەس، ئۇنىڭ كىملىكىنى تېخىمۇ بىلمەيمەن، مەن تەگئات قوللۇنۇشنى قوللانماسلىقتىن ئەۋزەل دەپ قارايمەن. RgL>0s  
گەرچە تەگئات قوللىنىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولساممۇ، جۇغراپىيە ئىلمىدىن، جۇڭگو تارىخىدىن، مىللىتىمىز تارىخىدىن ئۆمرۈمدە مۇئەللىمنىڭ ئاغزىدىن، دەرسخانىدا ئولتۇرۇپ بىرەر سائەتمۇ دەرس ئاڭلاشقا نېسىپ بولمىغان ھەم پىكىر قىلىشنى، ئوڭ - تەتۈر تەپەككۇر يولى ئارقىلىق دەلىللەشنى ئۆگىتىدىغان، ئەستايىدىللىقنى، تەمكىنلىكنى يېتىلدۈرىدىغان ماتېماتىكىدا ئوقۇغان مەندەك ئادەمدە يۇقىرىقى سۇاللارغا جاۋاب بەرگىدەك قابىلىيەت بولمىسىمۇ، ئانچە - مۇنچە قۇلاق موللىسى بولۇپ ئاڭلىۋالغان گەپلىرىم ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ باقاي.  
مەن مۇنداق بىر فورمىلىنى يېزىپ باقاي: f$n5$hJlQ  
ئادەم → مىللەت → قەبىلە → جەمەت → ئاىلە → شەخس U*E)y7MY  
مېنىڭچە، ئائىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى شەخسنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ، جەمەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئائىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ، قەبىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى جەمەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى قەبىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. تەتۈرىسىچە بولغاندا شەخس بولمايدىكەن، ئائىلەنىڭ بۆلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئائىلە بولمايدىكەن، جەمەتنىڭ بۆلىشى مۇمكىن ئەمەس، جەمەت بولمايدىكەن قەبىلىنىڭ بۆلىشى مۇمكىن ئەمەس، قەبىلە بولمايدىكەن مىللەتنىڭ بۆلىشى مۇمكىن ئەمەس. -ucgET`  
شەخس، ئائىلە، جەمەت توغرىسىدا كۆپ توختالمىساممۇ بولا، ئانچە - مۇنچە كۆرگەن كىتابلىرىمدىن بىلىشىمچە بىزمۇ قازاق، موڭغۇل دوستلىرىمىزغا ئوخشاش خېلى كۆپ قەبىلىلەردىن تەركىب تېپىپتىكەنمىزمىش، كېيىنچە جەمەت قارىشىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن قەبىلە قارىشىمۇ ئاجىزلىشىپ، قەبىلە قارىشى يۇرتبازلىققا ئۆزگىرىپ، ئۇ يەرلىك، بۇ يەرلىككە ئالمىشىپتىكەن(مۇشۇنداق مېڭىش داۋاملىشىۋەرسە مىللەت قارىشىمىز تېخىمۇ سۇسلۇشۇپ، مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيلىكلىرىمىز ۋارىسسىز قىلىشى مۇمكىن). Bf]Bi~w<  
ھەقىقەتمۇ ياكى ئويدۇرمىمۇ بىلمەيمەن، مەن مۇنداق ئىككى گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم، "3000 يىللىق ھېقىقى تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت يوقۇلىدۇ"، "ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ 7 - بوۋىسىغىچە بىلىشى كېرەك، 7- بوۋىسىغىچە بىلمىگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، ئەۋلادلىرىغا مەسئۇل بولالمايدۇ". ^Y+Lf]zz *  
قېنى خوش، ئاددىي ئادەملىرىمىز ئەمەس، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئالىي مەلۇماتلىق بولغانلىرىمىزدىن قايسىمىز 7- بوۋىمىزغىچە بىلىمىز؟ قايسىمىز مىللىتىمىزنىڭ تارىخىنى ھېچ بولمىغاندا 2مىڭ يىلنىڭ بىرىسىدىكىنى بىلىمىز؟ بۇنىڭ سەۋەپكارلىرى كىم؟ بىز بۇلارنى ئويلىشىپ كۆردۇقمۇ؟ %+Y wzL{  
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم(80- يىللارنىڭ باشلىرى)دا 20- يىللاردىكى خەلقىمىزنىڭ بولۇپمۇ زىيالىيلارنىڭ تارتقان كۈلپەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىتابلار كۆپ نەشر قىلىناتتى، چۈنكى ئۇ چاغلاردا شۇ دەۋرنىڭ شاھىتلىرىندىن بار ئىدى، شۇ كىتابلاردىن مەلۇمكى ئۆتمۈش جەمئىيەتتە خەلق ئۆز تارىخىنى ئۆگىنىش ئەمەس ھەتتا ئۆگىنىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈشىمۇ ئاددىي ئىش ئەمەس ئىدى. "مەدەنىيەت ئىنقىلابى"غىچە بولغان مەزگىللەردە قانداق ئىدى بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما ماڭا ئوخشاش ئوتتۇر - باشلانغۇچ مەكتەپنى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئوقۇغانلار تارىخىمىزنىڭ قانداقلىقىنى ئۆگىنىش ئەمەس، بىزنىڭمۇ تارىخىمىزنىڭ بارلىقىنى ھەتتا مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ بارلىقىنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىدۇق. ئاللاغا شۇكرىكىم، ھازىر ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە تۈرلۈك تەربىيىلەش كۇرۇسلىرىدا ئوقۇۋاتقانلار ج ك پ رەھبەرلىكىدىلا ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن "يەرلىك تارىخ"نى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. بۇنىڭدىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئېيتالايمەنكى، بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ ئەمگەكچى خەلق تارىخى توغرىسىدىكى ئىلمىنى ئۆگىتىشتىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئاز بولغاندىمۇ 200 يىللاردىن كەم ئەمەس. مانا مۇشۇنداق ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد تارىخسىز تەربىيىلىنىش نەتىجىسىدە ھازىرقى كۈنگە كەلدۇق. ھازىرقى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ناھايىتى ئاز بىرقىسمىدىن باشقا زور كۆپ قىسمىنىڭ تارىخ دەرسلىرىدە ئۇخلاپ ئولتۇرۇشى ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئەجدادلاردىن ياتلىشىشقا قاراپ مېڭىشى ئاشۇ مائارىپنىڭ مەھسۇلىدىن بولسا كېرەك. ;^0rY)&  
ئەمدى تەگئات دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن تەگئات قوللۇنىمىز؟ دېگەن مەسىلىگە كېلەيلى %>_6&A{K,d  
"تەگئات" دېگەن سۆز "تەگ" يەنى "تېگى، تەكتى" دېگەن مەنىدىكى سۆز بىلەن "ئات" يەنى "ئىسىم" دېگەن سۆزدىن بىرىككەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇ بىزنىڭ مەردلىك بىلەن چەتئەل تىللىرىدىن سەدىقە ئېلىپ قوبۇل قىلغان سۆز "فامىلە"نىڭ ساپ ئۇيغۇرچىسى بولۇپ، "فامىلە"گە قانداق ئەدەبىي تەبىر بېرىلگەن بىلمەيدىكەنمەن. MpGG}J[y  
تەگئات مېنىڭچە بىر جەمەت كىشىلىرىنىڭ ئورتاق نامىي بۆلىشى مۇمكىن، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بەرجەس ماڭىدىغان كۈچتۈڭگۈر ئاپئاق ساقاللىق كىشىلەرنى كۆپ كۆرەتتىم، بىر - بىرىمىز بىلەن بىردەم - يېرىمدەم ھەم نەپەس بولۇشقا دەخلى قىلىدىغان تېلېۋىزور بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەرخىل چاق - چاقلىرىنى ئاڭلايتىم، چاقچاق ئارىسىغا بىر - بىرىنىڭ لەقىمىنى ئەپچىلگىنە چاندۇرماي سىڭدۈرۈپ بىر - بىرىنى كۈلدۈرىشەتتى، بوۋام رەھمەتلىك "ئوغلۇم، بىز كىچىك چاغلاردا لەقەمسىز ئادەم يوق ئىدى، لەقىمىي يوق ئوغۇل بالا ئوغۇل ھېساپلانمايتى، پۇستانىنى كالا ئۇرىغى دەيتۇق، پوكونىنى ئۇنداق دەيتۇق"، دەپ، تەڭتۈشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ لەقىمىنى ئېتىپ بېرەتتى، ئۇ لەقەم بىر قىسىملىرىغا دادىسىدىن مىراس قالغانكەنمىش. ئېسىمدە قىلىشىچە شۇ چاغلاردا ياشانغانلارنىڭ ئىسمىدىن كۆرە جەمەتىگە سىمۋول بولۇپ قالغان لەقىمى مەشھۇرراق ئىدى. مانا بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەگئاتنى ئەينى چاغدىكى قوللۇنۇشتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇلى بولسا كېرەك. V$w lOMp  
ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇزاق ئۆتمۈشلەردىكى زىيالىي بوۋىللىرىمىزمۇ ھازىرقى بىزگە ئوخشاپ قالامدۇ نېمە؟ چەتنىڭ بولۇپمۇ ئەرەب، پارسلارنىڭ نې - نى نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلىپتۇيۇ، ئەرەبلەردە شۇنچە كەڭ ئومۇملاشقان جەددى - جەمەت ناملىرىنى ئىشلىتىشنى قوبۇل قىلالماپتۇ، قوبۇل قىلسىمۇ كەڭ ئاۋامغا ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتۇپ ئومۇملاشتۇرالماپتۇ. ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ياكى تەقلىد قىلىنغان بىرقىسىم كلاسسىك كىتابلارغا قارايدىغان بولساق، ئارىلىقىغا "ئىبنى ياكى بىننى"نى قوشۇپ ئارقىمۇ - ئارقا كەلگەن ئالتە، يەتتە ئىسىملارنى ئۇچرىتىمىز، بۇ ئىسىملار ئالتە، يەتتە ئادەمنى كۆرسەتمەستىن، بىرلا ئادەمنى ۋە شۇ ئادەمنىڭ ئالتە، يەتتە بوۋىللىرىغىچە كۆرسىتىدىغان ئىسىمدىن ئىبارەت. مانا بۇ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن، بىزگە ئىسلام مەدەنىيىتىنى تارقاتقان ئەرەبلەرنىڭ تەگئات قوللىنىشى. f,Dic%$q  
يۇقىرىقىلار بىرقىسىم سۇئاللىرىڭىزغا يېتەرلىك جاۋاب بولىدۇ دەپ قارايمەن. X-kOp9/.  
تەگئات قوللىنىش ئۆرۇپ ئادەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ غەربكە بىقىنىش بولامدۇ يوق ؟؟؟؟ _oCNrjt9  
تەگئات قوللىنىش ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنى ئۇنتۇش بولماستىن، بەلكى دەل ئەكسىچە، ئۇنتۇلغانلىرىغا ئىمكان بولمىغاندىمۇ تېخى ئۇنتۇلۇشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمىغانلىرىمىزنى ساقلاپ قىلىشقا، جەمەت قارىشىمىزنى تۇرغۇزۇۋېلىشىمىزغا ئەھمىيىتى زورمىكىن دەپ قارايمەن. تەگئات قوللىنىش يالغۇز غەرپنىڭلا ئىشى ئەمەس، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ بىزگە پايدىلىقلا بولسا، غەربنىڭ نې - نى نەرسىلىرىنى پۈۋ دېيىۋەتمەي ھەزىم قىلىۋەتتۇقيۇ، بۇنداق پايدىلىق مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىپ قويساق نېمىشقا بولمىغۇدەك؟ x: _[R{B  
تەگئات قوللىنىشنىڭ بىزگە ئەكىلدىغان مەسىلىلىرى قانداق دېگەندەك .............: q~[s KAh  
بۇ مەسىلىگە قارىتا قارىشىم، ھازىرچە مەن يولۇققان ئەۋارىچىلىق تېمام http://izdinix.com/munbar/ShowPost.asp?id=10560 نىڭ ئۆزىدە (نۆۋىتىدە بۇ يەردە قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىلىدىغان دوستلاردىن سورايدىغىنىم، نوپۇسۇمدىكى ئىسىمنى ئۆزگەرتىپ، تەگئاتنى بىللە يېزىلغان قىلاي دەپ ج خ ئىدارىسىگە بارسام، مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىزدە بۇ ھەقتە بەلگىلىمە يوق، ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ئۆزگەرتكەن بىلەنمۇ ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئىشلىرىڭىزدا ئەۋارىچىلىققا ئۇچرايسىز دېگەن گەپلەرنى قىلدى، گېزىتكە ئېلان بېرىپ، ئۇلار بىلەن زۇكۇنلۇشۇپ ئۆزگەرتكەنلەرنىمۇ ئاڭلىدىم، بىراق كېيىنكى ئەۋارىچىلىقلارنى ئويلاپ گاڭگىراپ قالدىم، زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ يەنە نۆۋەتتىكى ئاددىي ئىسمىمىزنى خەنزۇچە يېزىلىشتىكى خەت ئوخشىماسلىق سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان ئەۋارىچىلىقلار كۆپۈيىشى مۇمكىن، لېكىن تالاغا چىقسام يامغۇر يېغىپ كەتسە يۆل بولۇپ كېتەرمەنمۇ دەپ ئۆيدە ئولتۇرۇۋالىدىغان ئادەملەر كۆپ بولمىسا كېرەك. )7NI5x^$  
مەن بىلگەنلىرىم بويىچە شۇنچىلىك جۆيلۈپ باقتىم، بىرقىسىم بايانلىرىم خاتا بولغان بۆلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمدى بۇ چولتا كۆچەتنى پۇتاپ ئېلىۋېتەمسىز ياكى كۆكلىتەمسىز سىزدىن كەلسۇن. r{9fm,  
خەير ئامان بولۇڭلار. -~lq  
m egTp  
بۇ تېمىغا قارىتا بىرقانچە تورداشنىڭ ئىنكاسى - X~|jF  
YXT (ئىزدىنىش)نىڭ ئىنكاسى : n+hL/aQ+  
بۇ يىل ئۆيگە قايتقاندا دادام بىلەن ئۆز جەمەتىمىز توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم ( ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا بۇنداق رەسمىي سۆھبەت تېخى تۇنجى قېتىم ) . مەن بۇۋىسىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن ئىنسان ( مەن تۇغۇلۇشتىن خېلى يىللار بورۇن ۋاپات بولۇپتىكەن ) . داداممۇ پەقەت ئۆزىنىڭ بوۋىسىغىچە ئاتاپ بېرەلەيدىكەن . شۇ سۆھبەت ئارقىلىق ھېچ بولمىسا ئائىلىمىزنىڭ نەسەبىنى ئۇلۇغ بوۋام يۈسۈپ ئاخۇنغىچە بىلىۋالدىم . دېمەك ئوغلۇمغا كەلگەندە ئۇ ھېچ بولمىسا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تۆت ئەۋلادقىچە ساناپ بېرەلەيدۇ دېگەن گەپ . ھازىر ئائىلە نەسەبنامىسىنى يېزىۋاتىمەن . ئۇلۇغ بۇۋامدىن تارتىپ دادامغىچە يۈز بەرگەن چوڭ ، قىزىقارلىق ۋەقەلەر ، لەقەملەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ( ئائىلە تارىخىمىزدا بىر نەچچە لەقەم ئىشلىتىلگەنىكەن ، دادامدا ئۈزۈلۈپ قالغان ) ، تۆھپىلىرى دېگەندەك مەزمۇنلارنى كىرگۈزىمەن . قاتتىق مۇقاۋىلىق ، داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان قىلىپ ، رەڭلىك باسمىدا باستۇرۇپ جەمەتىمىزنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىغا تارقاتماقچى . مۇمكىن بولسا مۇۋاپىق بىر لەقەم تاللاپ ، ئۆزىمىزگە تەگئات قىلىپ تۇرغۇزماقچى . 7 [1|(6$  
ئەمدى تېمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ، لەقەم ئىشلىتىش بىزدىكى كونا ئادەت . پەقەت 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى كىيىن ( <<مەينەت>> ئىنقىلابىدىن كىيىن ) بۇ ئادىتىمىزدىن ياتلىشىش كۆرۈلگەن . بۇ خىل ئەھۋال ئالدى بىلەن زىيالىي ، كادىرلىرىمىزدىن باشلانغان بولسا ، كېيىنچە پۈتكۈل جەمئىيەت لەقەمنى قوبۇل قىلالمايدىغان بولدى . ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ لەقەملىرىمىز ھازىر دېيىلىۋاتقان تەگئاتقا ئەڭ يېقىن كېلەتتى . بەزى ئەدىپلىرىمىز تەخەللۇس قوللانغانمۇ بولدى ، بىراق بۇنىڭ تارىخى ، جەمەت ئاساسى يوق ئىدى . لەقەملەرنىڭ تاشلىنىشىدا كۆپ خىل ئامىللار بار . ئەڭ مۇھىمى يەنىلا جەمئىيەت پسىخولوگىيىسى . فامىلە ( تەگئات ) قوللىنىش ئەنئەنىسى بار غەربلىكلەر قوبۇل قىلالايدىغان تۆمۈرچى ( ئىنگلىزلاردا ؟ ) ، قارىماتاق ، ئاچچىق ( رۇسلاردا ) دېگەنلەرگە قارىغاندا مەنە جەھەتتىن كۆپ يېنىك بەزى لەقەملىرىمىزنىمۇ ئېغىزغا ئېلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ كەتتۇق . ھەتتا ، لەقەمنى ئاتاپ چاقىرىشنى تىللاش ، كەمسىتىش مەنىسىدە چۈشىنىدىغانلارمۇ ئاز بولمىدى . 7#%Pry  
بۈگۈنكى كۈنلۈككە كەلگەندە جەمئىيىتىمىزدە ئائىلە تونۇشى ، جەمەت قارىشى ، ئەنئەنە - تارىخقا بولغان ئېتىراپ تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىش ، جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىلەرنىڭ بالىلارغا بولغان تارتىش كۈچى ھەم تەسىر كۈچىنى ، ئائىلىلەرنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار تەخرسىز مەسىلىلەر ئالدىمىزغا تاشلىنىۋېدى ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك، ئاكتىپ رول ئوينىشى مۇمكىن بولغان تەگئات مەسىلىسىگە يۈزلەنمىسەك بولمىدى . نېمە ئۈچۈن تەگئات قوللۇنىمىز ، دېگەن سۇئاللارغا يۇقىرىقىلار جاۋاب بولالايدۇ . wN4#j}C  
تەگئاتنى چوقۇم قوللىنىش، مۇشۇ دەۋرىمىزدە ئۇنى بىر خىل ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇش ، ئائىلىلەرنىڭ جىددىي خىزمىتى سۈپىتىدە تۇتۇش كېرەك . مەھمۇد، يۈسۈپ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادلىرىنىڭ تۇپرىقىمىزدا ھېلىھەم ياشاۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تامامەن مۇمكىن. تەگئات ( لەقەم ) لىرىنى ئەۋلادلىرى ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىپ كەلگەن بولسا ، نەسەبنامىلىرى شۇ قوللاردا تولۇق ساقلانغان بولسا، شۇلارنىڭ تەۋەلىكى، جەمەتى توغرىلىق بەھىس - مۇنازىرىلەر يەنە چىقارمىدى ؟ ئوخشاش ئىشلار سىز - بىزنىڭ كىيىنلىكىمىزدە يۈز بەرمەيدۇ ، دەپ ھۆددە قىلغىلى بولامدۇ ؟ Pap6JR{7  
ئەلۋەتتە ، بىرلىككە كەلگەن مەمۇرىي باشلامچىلىق ، ئىلمىي تەتقىقات ، تەشۋىقات، ئومۇملاشتۇرۇشلارغا كېتىدىغان ئىجتىمائىي بايلىق كەمچىل ئەھۋال ئاستىدا، چېتىشلىق دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغان بۇنداق ئىشنى يېڭىدىن باشلاش ھەقىقەتەن ئويلاپ باقمىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ . شۇڭا ، بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز پەقەت ئائىلىلەرنىڭ ئاڭلىقلىقىغا تايىنىش بۆلىشى مۇمكىن . /G'3!S  
ئۆزۈم شەخسەن مۇقىم قاراشقا كەلگەنلىرىم تۆۋەندىكىلەر: ~Ss,he]Er  
چوقۇم تەگئات قوللىنىش كېرەك ؛ A8Q^y AP^  
بىر ئۇيغۇرنىڭ تولۇق ئىسمى ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تېپىشى كېرەك : ئۆزىنىڭ ئىسمى + ئاتا ئىسمى + تەگئات (بۇ ھەم كۆپ مىللەتلەردە ئومۇمىي ھادىسە ، بىزنىڭ ئاتاش ئادىتىمىزگىمۇ ئۇيغۇن . ئەلۋەتتە، كونكرېت ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇش، كىملىك، پاسپورت بېجىرىش دېگەندەك ئىشلاردا كونكرېت تەلەپلەر بويىچە ئىش كۆرسەك بولىدۇ. بۇنىڭ خەلقئارادىمۇ بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمى يوق. مۇھىمى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇش). 7\,9Gcv1  
تەگئاتنى ھېچبولمىغاندا بىر جەمەتنىڭ ھايات ئەزالىرى ئىچىدە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك؛ ~Q]5g7k=&  
تەگئات قوللۇنىشنى نەسەبنامە تۇرغۇزۇش بىلەن بىرگە ئېلىپ بېرىش كېرەك ، ئائىلىۋى ھۆججەت شەكلىدە تۇرغۇزۇلغان نەرسىنىڭ نۇپۇزى يۇقىرى بولىدۇ، كېيىنكى ئەۋلادلاردا داۋاملىشىشىنىمۇ ئۈنۈملۈك ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ qz>R"pj0g  
تەگئات قوللانغان ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسى تەگئات ھەم جەمەت نەسەبنامىسىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئەۋلادىغا ۋەسىيەت بىلەن قالدۇرۇشنى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەم ئاخىرقى ئىش قاتارىدا كۆرۈشكە روھىي جەھەتتىن تەييارلىنىشى كېرەك ؛ t'Wv? ,  
.................................................................... R~k`KuY@!  
مەن ئېنىقلىۋېلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر : _<F)G,=  
تەگئاتنىڭ ئوخشىمىغان ئائىلە ( جەمەت ) لەردە تەكرارلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ خىل مۇمكىنچىلىكنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك. بولمىسا ، ۋاقتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ . بىز كونترول قىلالايدىغان دائىرىدە تەكرارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ قانداق چارىلىرى بار ؟ ئۇيغۇر تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكمۇ ؟ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز ؟ 7<] EH:9  
قىز - ئاياللار ( ئانىلار ) تەگئات قوللۇنۇشتا قانداق پرىنسىپلار بار ؟ ئۇلار تەگئاتنى تويدىن ئىلگىرى ۋە تويدىن كىيىن قانداق قوللىنىدۇ ؟ src+z#  
تەگئات قوللىنىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تەگئات داۋاسى چىقمايدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. ھەل قىلىشتىكى پرىنسىپلار بارمۇ ؟
! I0xq"  
=zcvR {Dkp  
بوزقۇرت(بىلىك)نىڭ ئىنكاسى: $3g{9)}  
بىدار ئاكامىز ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تېمانى   يوللابتۇ. مەنمۇ "تەڭرىقۇت"نى فامىلە قوللانغان ئىدىم، بۇ سۆز "تەڭرى بەرگەن بەخت" دېگەن مەنەدە. مەن بۇ سۆزنى تولۇق 1-يىللىقتىن باشلاب قوللانغان، ھازىرغاچە 10 يىل بولاي دەب قالدى. ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا تۆرت ئاكا-ئۇكالار مەسلەھەتلەشىب نوپۇسقا ئالدۇرۇۋەتتۈك. مەن ئۇيغۇرتارىخىنى تولارمۇ ياخشى كۆرەمەن، شۇڭا بۇرۇنلا مۇشۇ سۆزنى تاللاغان ئىدىم. LD}~]  
مەنمۇ فامىلە توغراسىدا بىر نەچچە ئاغىز سۆز قىلاي، كۆپچىلىك ئاڭلاب باققايسىزلەر. *c94'Tcl  
بىز ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا فامىلە قوللانغان مىللەت ئىدۇق، كېيىن تارىخنىڭ يا ئۇنداق، يا مۇنداق سەبەبلەرى تۈفەيلى فامىلەمىز ئۈزۈلۈب قالدى.ئۇيغۇر تارىخىىغا نەزەر سالساق ئەجدادلارىمىزنىڭ قوللانغان فامىلەلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاتا ئىسمىدىن كېيىن يازىلغان،'ئەمما بىر قىسىم فامىلەلەر بولسا ئىسىمدىن بۇرۇن يازىلغاننى كۆرەمىز، مەسىلەن: k_=yb^6[U  
ئالىپ ئارسلان،'ئالىپ تېمۈر،'ئالىب تېكىن... 0\ = du  
دېمەك بۇنداق فامىلەلەرگە قاراپلا ھېس قىلالايمىزكى ئىسىمنىڭ ئالدىدا كەلگەن فامىلەلەر تولاراق ئۇنۋان ئىسىملارىدىن كەلگەن،'ئېھتىمال بۇنداق فامىلە قوللانغان كىشىلەر ئۆز زامانىدەكى ئەمەل تۇتقان ئاقسۆڭەكلەرنىڭ جەمەتىدىن بولسا كېرەك. +SH{`7r  
ھازىر ۋيېتنام ،ياپونىيە،كورېيە،ھۇنگارىيە قاتارلىق دەۋلەتلەردە فامىلەنى ئىسىمدىن بۇرۇن يازغاندىن باشقا ،مۇتلەق كۆپ قىسىم دەۋلەتلەردە ئىسىمدىن كېيىن يازادۇ. بىزمۇ فامىلەنى ئىسىمدىن كېيىن يازساق مۇۋافىق بولادۇ. بۇ جەھەتتە بىز قارىنداش تۈركىي خەلقلەردىن ئۆرنەك ئالساق بولادۇ. بۇ جەھەتتە مەن تۆۋەنكىدەك كۆز قاراشنى ئوتتۇراغا قويماقچىمەن. MVsFi]-  
1-تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ داھىيسى شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى بولغان مۇستافا كامال ئاتاتۈرك تۈركىيە پۇخرالارىنىڭ فامىلە قوللانىشى ئۈچۈن "فامىلە قانۇنى" يۈرگۈزگەن. بۇ فامىلە قانۇنىدا تۈرك پۇخرالارىنىڭ ساپ تۈركىيچە فامىلە قوللانىشى،ھەرگىزمۇ غەيرىي تۈركىيچە بولماسلىقى تەكتلەنگەن. دېمەك بىزمۇ فامىلە قوللانغان ئىكەنمىز چوقۇم ساپ تۈركىيچە(ئۇيغۇرچە) قوللانىشىمىز كېرەك. 0+*NHiH  
پاكىستانلىقلارنىڭ ئىسمى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەرەبچە،فارىسچە ياكى تۈركچە،'ئەمما فامىلەسى بولسا ھىندىچە؛ -SrZ^  
ئىرانلىقلارنىڭ ئىسمى ئەرەبچە ياكى فارسچە،'ئەمما فامىلەسى فارسچە. o3fc-  
ئۆزىمىزگە كەلسەك ئۇيغۇر ئىسىملارىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرەبچە،فارىسچە ئىسىملار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.تۈركىيچە(ئۇيغۇرچە) ئىسىملار ئازراق سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇندىن باشقا رۇسچە، ھىندىچە ۋە ياۋروپا مىللەتلەرىنىڭ ئىسىملارىمۇ ئۇچراب تۇرادۇ. مەسىلەن : ,KW Q 6  
تېلمان، دېمىيان، فلورە، تانىيە، ناتالىيە....... دېگەندەك.ئەگەر بىز مۇشۇنداق غەيرىي تۈركىيچە ئىسىملارنى قوللانىۋەرسەك ئەجەبا بىزمۇ زامانغا تارىخ قالدۇرمايمىزمۇ؟زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىزنىڭ تارىخىمىزنى ئوقۇغۇچىلار بىزنى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر(تۈركىي) دېمەيدۇ.ئۇنداق ئىشلار ھازىرمۇ بارغۇ؟ بىزنىڭ نۇرغۇن تۈرك ئالىملارىمىز ئەرەبچە ئىسىم –تەخەللۇس قوللانغانى ئۈچۈن مەيلى غەربلىكلەر بولسۇن ،مەيلى ئەرەبلەر بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك ئۇلارنى ئەرەب ئالىملارى دەب ھېسابلاۋاتمامدۇ؟ AAevN3a#nI  
دېمەك بىز فامىلە قوللانغان ئىكەنمىز قارىغۇلارچە قوللانماستىن فامىلەنىڭ ساپ تۈركىيچە بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا قوللاناشىمىز كېرەك. !wfW0?eu  
بىزنىڭ ئىسىملارىمىزدا ساپ تۈركىيچە ئىسىملارئاز سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەمدى فامىلەمىز بولسامۇ ساپ تۈركىيچە بولسۇن.ھەرگىزمۇ غەيرىي تۈركىيچە ئاتالغۇلارنى فامىلە قىلماسلىقىمىز كېرەك. فامىلەنىڭ ساپ تۈركىيچە بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللانىشىدەكى ئەڭ ئالدىنقى شەرت بولۇشى كېرەك. =1l6( pJ  
2-مەن كۆرگەن فامىلە توغراسىدەكى ماتېرىياللاردا ،تۈركلەرنىڭ فامىلە قوللانىش ئۇسۇلىدا توي قىلغان ئاياللارنىڭ فامىلەسى مۇنداق بولادۇ، ?dgyi4J?=`  
تولۇق شەكلى: :CyHo6o9  
ئايال ئىسمى + ئايال فامىلەسى + ئېرىنىڭ فامىلەسى 147QB+cE  
ئەسكەرتىش:بەزى ماتېرىياللاردا "ئايال ئىسمى+ئېرىنىڭ فامىلەسى+ئايالنىڭ فامىلەسى"شەكلىدە ئالىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما مەن تۈركىيە تۈركلەرىنىڭ ۋە دۇنيادەكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي فامىلە قوللانىش پرىنسىپى بويىچە "ئايال ئىسمى+ئايال فامىلەسى+ئېرىنىڭ فامىلەسى" شەكلىنى تەشەببۇس قىلارمەن. li r=0oq<  
ئەمدى ئادەتتەكى ئىسىم-فامىلەنى مۇنداق ئىفادەلەشكە بولادۇ، ` 
تولۇق شەكلى: l M6pYYEq=  
ئىسىم + ئاتاىسمى + فامىلە AG N/kx  
قىسقارتىلغان شەكلى : 'r?ULft1  
ئىسىم + فامىلە Hc)z:x;Sj  
مەسىلەن: مېنىڭ ئىسىم فامىلەم "تاھىر ياسىن تەڭرىقۇت"نى مۇنداق ئىفادەلەشكە بولادۇ. HC%Hbc~S_Q  
تولۇق شەكلى: تاھىر ياسىن تەڭرىقۇت 'a ['lF  
قىسقارتىلغان شەكلى: تاھىر تەڭرىقۇت {>f"&I 
ھەرفلىگ قىسقارتىلغان شەكلى: uzy5rA==  
1) تاھىر.ي.تەڭرىقۇت JE?rp1.  
2) ت.ي.تەڭرىقۇت $TI^8 3  
3) ت.تەڭرىقۇت )U@9dV7u  
پاسپورت ياكى خەلقئارالىق گۇۋاھنامەلەردە ئىفادە قىلغاندا ،خەلقئارا ئىسىم فامىلە ئۆلچەملىغ يازىش قائىدەسى بويىچە ،فامىلە چوڭ ھەرف بىلەن ئالدىغا يازىلىب پەش قويۇلغاندىن كېيىن،'ئاندىن ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتا ئىسمىنى يازىش كېرەك.مەسىلەن: [FO4x`  
تاڭرىقۇت،تاھىر ياسىن ^3;B4tj[  
3-فامىلە سۆزى توغراسىدا مەن "ئانا تىلىم" تور بېكەتىدە ئىنكاس يازغان ئىدىم. فامىلە دېگەن بۇ سۆز ئۇيغۇرچە "تەگئات" دەپ ياسالىبتۇ. گەرچە بۇ سۆز خېلى مۇۋافىق بولغان بولسامۇ مېنىڭ مۇنداق ئويۇم بار. كۆپچىلىك ئاڭلاب باققايسىزلەر. D}_.D=)  
1) "تەگ"سۆزى فارسچە"تەكت"سۆزىدىن ئۇيغۇرچەگە كىرگەن."تەگئات" دەب ياسالغان بۇ سۆز پۈتۈنلەي تۈركىيلەشمەدى، سۆزنى ساپلاشتۇرغان ئىكەنمىز ئىمكان بار پۈتۈنلەي ساپلاشتۇرساق.ئىمكان بولماغاندا ئاندىن بۇ يولنى تۇتساقمۇ بولادۇ. u_(~zs.N]  
2) تۈركىيە تۈركلەرى بىلەن ئازەربايجان تۈركلەرى فامىلە سۆزىنى "سوياد" دەپ ئالادۇ. بۇ قەدىمكى تۈرك(ئۇيغۇر) تىلىدەكى "نەسەب،جەمەت،'ئۇرۇق"مەنەسىدەكى "سوي" سۆزى بىلەن"ئات"سۆزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان بىرىككەن سۆز، بۇ سۆزنى ھازىر تۈركمەنىستان تۈركلەرىمۇ ئىلگەرىكى رۇسچەدىن قەبۇل قىلغان "فامىلىيە" سۆزىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇردى. دېمەكچىمەنكى،'ئۇيغۇرمۇ ئۆز ئالدىغا سۆز ياساۋەرسە،تۈركمۇ ئۆز ئالدىغا سۆز ياساۋەرسە،قازاقمۇ ئۆز ئالدىغا سۆز ياساۋەرسە......زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەرگەشىب تۈركىي خەلقلەر ئوتتۇراسىدەكى تىل فەرقى زور دەرىجەدە چوڭايىب كېتەدۇ.شۇڭا بىز "فامىلە" سۆزىنى ئۇيغۇرچەلەشتۈرەمىز دېسەك تارىخى ئوزۇنراق بولغان،سان جەھەتتىن نوپۇسى 70 مىليوندىن ئاشادىغان تۈركىيە تۈركلەرى بىلەن 46 مىليوندىن ئاشادىغان ئازەرى تۈركلەرى قوللانىب كېلىۋاتقان "سوياد" سۆزىنى ئۇيغۇرچەگە ماسلاشتۇرۇب "سويات" دەب قوللانساق دەيمەن. بۇنداق بولغاندا بۇ سۆز تۈركىي تىللارغا ئومۇمىي بولۇبلا قالماستىن ئۆزىمىز ياساغان يارىم فارسچە،يارىم تۈركچە "تەگئات" سۆزىدىن كۆپ ياخشى بولادۇ. {q-&!l|  
بۇ ھەقتە كۆپچىلىكنىڭ فىكرى قانداق ؟ كۆپچىلىك پىكىر بەرگەيسىزلەر.......................... Fc~G*Gz~Z|  
VW-qQe  
(ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ سۆزىدىكى ئەينەنلىكنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تەھرىرلەنمىدى.) FlqGexY5  
بۇ يازمام يۇقۇرىدا دېگىنىمدەك 6 بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، مىسرانىمدىكى تورداشلار قىزغىن ئىشتىراك ئېتىپ مۇۋاپىق كۆرسە، يۇقۇرىدىكى بىرقىسىم سۇئاللارنى چۆرىدەپ، تىمىنىڭ داۋامى مۇشۇ تىما ئاستىغا داۋاملىق بېرىلىدۇ.
"4N&T#  
تىمىغا ياكى باشقىلارغا قىلچە پايدىسى تەگمەيدىغان پۈچەك ئىنكاسلارنى يازماسلىقىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، ئەمما نېمىنىڭ پۈچەك ئىنكاسلىقىنى بىلەلمىگىدەك ھالەتتىكىلەرگە ئامال يوق.
تېما تەستىقلىغۇچى : Eltekin
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-06, 22:46
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +505
دەقيانوس مۇنبەر پۇلى +505 تۈنۈگۈن 17:36 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.  
تۇرايىم: [color=#ff0000][url=http://hi.baidu.com/Qutlan]قۇت تۇرا[/url] [/color]
gadankax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5541

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   96 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5657 (سوم)
 ياخشى باھا:   234 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   277  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 754
 سائەت
دەرىجىسى:
754 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-03
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 22:51

        بۇ ئىش خام خىيالدىن رېئاللىققا تەرەققىي قىلىپ قالسا ئۇنداقتا كىملىكىمىزنى قايتىدىن بىجىرتكىزەمدۇق ماڭا تەگئات قىلىپ تاللىغۇدەك بىرە ياخشىراق ئىسىمنىڭ قالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ قالدىم. E&U_1D9=L<  
[ بۇ يازما gadankax تەرپىدىن 2011-12-06 11:03 PM دە ]

 
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
peyaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.66157

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   77 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   686 (سوم)
 ياخشى باھا:   136 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 383
 سائەت
دەرىجىسى:
383 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-21
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 22:52

ئالامەت ئىسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز جۇمۇ رەھمەت سىزگە ، ئاران ئوقۇپ تۇگەتتىم ، لىكىن تازا چۇشەنمدىمغۇ ؟
 
peyaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.66157

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   77 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   686 (سوم)
 ياخشى باھا:   136 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 383
 سائەت
دەرىجىسى:
383 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-21
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 22:56

مىنى سوراپ قالسا مەن سويات پىياز دەپ جاۋاپ بەرسەم بولغۇدەك ،  توۋا ئىنكاسىنى نىمە دىپ ئۆچۇرۇپ تاشلايسىلەر !!
 
Bidar-Qutlan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36134

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   163 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1587 (سوم)
 ياخشى باھا:   141 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   151  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2009
 سائەت
دەرىجىسى:
2009 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 23:16

تورداشلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب(2) YpZuAJm<2_  
Pispas(ۋاقتى: 2007-3-22) ]/p>p3@1C  
بىدار ئەپەندىمدىن بىرنەچچە سوئال سوراپ باقسام: c;KMox/  
1. تەگئاتنى بىزغۇ قوللاندۇق دەيلى، ئەمىسە نوپۇس كىنىشكىسىدىن باشقا، پاسپورت، ئۆي كىنىشكىسى، يەر كىنىشكىسى، توي خېتى، بانكا ھېساباتىدىكى ئىسىملار، ھەرخىل جەدۋەللەر ، يەنە تېخى ئارخىپ دەپ بىرنېمىمىز بار. .... مۇشۇلارنىمۇ ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ ، ........ 4< 
2. ئەگەر پەقەتلا نوپۇس كىنىشكىسىنى ئۆزگەرتىپ ، كىملىك، پاسپورت قاتارلىق ئەمىلى قوللىنىدىغان كىنىشكىلاردىكىنى ئۆزگەرتمىسەك، قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقماسمۇ؟ چۈنكى نوپۇس بىلەن باشقا كىنىشكىلاردىكى ئىسىم ئوخشىمايدۇ دە.
J10/pS  
سىز بۇ سوئاللارنى سورىمىغان بولسىڭىز بەلكىم مەن بىرقىسىم مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە خىيالىمغا كەلمەس ياكى ئەتراپلىق بولماس ئىدى، سىزنىڭ سوئاللىرىڭىزغا ھەشقاللا. xA;)02   
تەگئات ئالدى بىلەن نوپۇستىن ئورۇن ئالالىسىلا، ماڭا ئوخشاش تېخى يېڭى ئەۋلاد كىملىك بىجىرتمىگەن بولسىڭىز(مۇشۇ ئىشنى بىرياقلىق قىلىپ بولۇپ ئاندىن كىملىك ئىشلىتەي دەپ ھازىرغىچە ئىشلەتمىگەن ئىدىم) ئارتۇق چىقىم تارتىپمۇ يۈرمەيسىز، ئۆز تەرتىپى بويىچە ئىشلەپ بېرىدۇ، بىرقېتىم ئىشلىتىپ بولغان بولسىڭىز كىملىكنىڭ ئازراق چىقىمىدىن قاچمىسىڭىز نوپۇسنى ئۆزگەرتىپ بەرگەنلەر ئۇنىمۇ ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ. ئەمما بۇرۇنقى بىرقىسىم نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىش ئەسلا مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن، ھەم ئۆزگەرتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، سەۋەب: بۇنىڭدا بۇرۇنقى ئىسمى بىلەن ھازىرقى ئىسمى نوپۇسقا تەڭ يېزىلغانلىقى(تۆۋەندە ئوغلۇمنىڭ يېڭى نوپۇسىنىڭ بىر بۆلىكىنى چىقىرىپ قويۇشۇمنىڭ سەۋەبى بۇرۇنقى ئىسىمنىڭمۇ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن)، ھەم كىملىكتە ئاخىرقى بىر ئىسىم(تەگئات)نىڭ قېتىلمىقى بىلەن ئىسىم تۈپتىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەملەرنىڭ ئالدىدا بۇرۇنقى سىز بىلەن ھازىرقى سىز يەنىلا بىر ئادەم بولۇۋېرىسىز. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىشىم لازىمكى، مەن قوللانغان تەگئات(ئۈچىنچى ئورۇندىكى ئىسىم)نىڭ ئالدىغا قائىدە بويىچە قويۇلىدىغان چېكىتنى قويمىدىم، يەنى 阿布力米提·库特兰 دەپ يازماي. يەنى 阿布力米提库特兰دەپ يازدىم(ئۆزەمنىڭ تەگئات قوللۇنۇش جەريانىمنى يازمامنىڭ داۋامىدا تەپسىلى بايان قىلىمەن). سەۋەب: كىملىكنى بېجىرىدىغان ئورۇن(ش ئۇ ئا ر  ج خ )دا مەن بولمىغانلىقىم ئۈچۈن ھەم ئۈچ ئىسىمنى كىملىككە ئورنىتىشقا بولۇش - بولماسلىق ھەققىدىكى بەلگىلىمىنىڭ بار يوقلۇقىنى بىلمىگىنىم ئۈچۈن، ئۇقۇشماستىن كىملىك ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈچىنچى ئىسىمنى قىسقارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ۋاقتىنچە ئىككى ئىسىمنى تۇتاش قىلىپ(كىملىك ئىشلىگۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە بىر ئىسىم 阿布力米提库特兰 شەكلىدە) يازدىم. ME>Sh~C\  
يەنە بىرسى مېنىڭ ئىسمىم ئەسلىدە “قېلىپلاشقان”شەكىلدە يېزىلسا 阿卜杜哈力克دەپ يېزىلاتتى، تايىنلىق ئۆزگەرتكەندىن كېيىن شۇ ئۆلچەملىك يېزىلىشقا ئۆزگەرتەيمۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، كېيىن سىز ئېيتقاندەك بىر قاتار ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ئەسلىدىكى يېزىلىشىنى ساقلاپ قالدىم. ئەڭ دەسلەپ ئويلىغىنىم باللىرىمنىڭكىنىلا ئۆزگەرتىپ ئۆزۈمنىڭ ۋە ئايالىمنىڭكىنى ئۆزگەرتمەسلىكنىمۇ ئويلىغان ئىدىم، ئاخىرى ئەسلىدىكىسىنى ساقلاپ قالغان ھالدا تەگئات قوشاي دېگەن يەكۈنگە كەلدىم. مېنىڭچە بۇ يەكۈنۈم ھەرگىز پۇشايمان ئېلىپ كەلمەيدۇ. چۈنكى نوپۇستا ئەسلىدىكىسىمۇ يېزىغلىق. F1}d@^K 7d  
g^:`h VV  
Pispas(ۋاقتى: 2007-3-22) ,9KnC=_y  
3. ......... تەگئات قېتىلسا، ئىسمىمىز تېخىمۇ ئۇزىراپ، خەنزۇ يولداشلارنىڭ بېشى تېخىمۇ قېتىپ ، تەگئاتنى قىسقارتىپلا 小库 ياكى 老库(شىياۋكۇ ياكى لاۋكۇ - قۇتلان دەپ ئاتىيالمىغاندىكىن) دەپ ئاتىسا بولارمۇ؟ Ii3F|Vb G  
ھازىر تەگئات ئىشلەتمىگەنلەرگە ئۆز ئىسمىغا دادىسىنىڭ ئىسمىنىلا قوشۇپ يازىدىغان ئادەت بولسىمۇ، لېكىن يوقلىما ۋە ئالاھىدە ھاللاردىن باشقا كۆپ ھاللاردا ئادەتتە ئاتىغاندا دادىسىنىڭ ئىسمىنى قوشماي ئۆز ئىسمىنىلا ئاتاپ، يازىدىغان ئادىتىمىز بار، بۇ ئادەت تەگئات ئىشلەتكەندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا داۋاملىشىۋېرىدۇ. يوقلىما ۋە ۋە ئالاھىدە ھاللاردا چاقىرغاندا تەگئاتنى قوشۇپ ئىشلەتسىمۇ قوشمىسىمۇ بولىدۇ، مېنىڭچە تەگئاتنى قانۇنىي ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئەسەر ۋە پاتېنت ھوقۇقى قاتارلىقلاردا چوقۇم ئىشلىتىش كېرەك دەپ قارايمەن، ئۇزۇن تارىختىن بىرى تەگئات قوللانغان باشقا مىللەتلەردىمۇ ۋلادىمىر ئىلئىچ لېنىن، ئالىكسى ماكسىمىۋىچ گوركىلارنى "لېنىن"، "گوركى" دەپلا ئاتايدۇ ھەم ئاتاۋاتىمىزغۇ؟ mq}uq9<  
باشقىلارنىڭ شىياۋ كۇ ياكى لاۋ كۇ ( 小库، 老库) دەپ ئاتىشى، ئاتىغۇچىغا ئەمەس، ئاتىڭىز ئەزان چىللاپ قويغان نام شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان سىزنىڭ قانداق قوغدىشىڭىزغا باغلىق، تەگئات ئىشلەتمەيمۇ شۇنداق ئاتىلىۋاتقانلار يوق ئەمەس(ئا لاۋشى، ساجۈرىن دېگەندەك)، شۇنچە ئۇزۇن ئىسىملارنى قىسقارتقۇزماي ئاتاتقۇزىۋاتقانلارمۇ بىر تالاي، بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق. مەن ئېغىز تىلىمىزدا ئوغلۇمنىڭ ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمىنى ئائىلىدە، مەھەللىدە يەنىلا ئەسلىسى بويىچە "ئېرفانئالىم" دەپ ئاتايمەن ھەم باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق ئاتىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ئوغلۇممۇ ساۋاقداش ۋە دوستلىرىدىن شۇنداق ئاتىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. _/ 5  
S]}}r)  
Pispas(ۋاقتى: 2007-3-22) nXuy&;5TL,  
4. ئون مىليون نوپۇستىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەگئاتىنى قانداق بىر بىرلەپ قانات يايدۇرۇش مەسىلىسى، مېنىڭچە بۇ ناھايىتى چوڭ بىر قۇرۇلۇش، بۇنىڭغا ھۆكۈمەت مەبلەغ ئاجراتمايدۇ. بۇنى قانداق ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئويلاشقىلى بولارمۇ؟ Yp3y%n  
دۇنيادا ئەسلىدە يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كېيىنلا يول پەيدا بولغان دەيمىز، بىزنىڭمۇ نۇرغۇن ئادەتلىرىمىز ئۇزاق تارىخمىز جەريانىدا سىز، بىزگە ئوخشاش كىشىلىرىمىزنىڭ باش بولۇشىدا پەيدا بولغان ۋە تەرەققىي قىلغان، شۇڭا بىز ئالدى بىلەن بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتەلىسەك ئۆزىمىزدىن باشلاپ يولغا قويۇپ، باشلامچىلىق قىلالايمىز، كەڭ تەشۋىق قىلالايمىز، تەشۋىقاتنىڭ كۈچى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تونۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي ئاساس تىكلىيەلەيمىز، ئىجتىمائىي ئاساس تىكلەنسە، باشقا ئىشلارغا ئوخشاش تەكلىپ پىكىر سۇنۇش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا بۇ مەسىلىگە چوقۇم كۆڭۈل بۆلىدىغانلار بارلىققا كېلىدۇ، نەتىجىدە ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇس قىلىشى، يېتەكلىشى، ئاخىرىدا تەدبىر قوللىنىشى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىدە تەگئات ئومۇملىشىش بارلىققا كېلىپ قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولىدۇ، ئۇچاغدا مەنمۇ تەگئاتىم بىلەن ئاتامنىڭ ئىسمىنىڭ ئارىسىغا يۈرەكلىك بىلەن ئۇيغۇرچىدا بىر بوش ئورۇن، خەنزۇچىدا بىر چىكىت قويۇش ئىمكانىيىتى(阿布力米提·库特兰)گە ئېرىشەلەيمەن. {QN 5QGvK  
U.Z5;E0:  
Pispas(ۋاقتى: 2007-3-22) :Ez*<;pF'  
5. ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى خەنزۇچىدا قانداق يېزىشنى قېلىپلاشتۇرۇش دولقۇنى پەيدا بولۇپ قالدى، يەنى مەمەت دېگەن ئىسىمنى پەقەتلا 买买提 دەپلا يېزىش كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ، ئەگەر تەگئات ئىسىملار بىلەن بىللە يېزىلسا ، ئىسىم ئۇزىراپ كېتىدۇ،( خەنزۇلارنىڭ يەنە بېشى قاتىدىغان بولدى) بۇلارنى ھەل قىلىشنىمۇ ئويلىشىپ باققىلى بولارمۇ؟ F U L'=Xo  
يۇقىرىدا مەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قىسمەن ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئەمدى ئىسىملىرىمىزنى خەنزۇچە يېزىش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە مېنىڭچە خەنزۇچە خەت بىزنىڭ ئىسمىمىزدا پەقەت تاۋۇشنى مەلۇم دەرىجىدە ئىپادىلەشتىن باشقا ھېچقانداق ئەھمىيەتكە ئىگە بولمىسىمۇ، قېلىپلاشتۇرۇش بىز ئۈچۈن قىسمەن قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى بارغانسېرى تونۇلماقتا، شۇڭا قېلىپلاشتۇرۇش بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدە بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىشى مۇمكىن، ئەمما ھازىرقى بىرقىسىم ئىسىملارغا يېزىلغان قېلىپلاشتۇرۇلغان خەتلەر توغرا بولمايۋاتىدۇ، بىرقىسىم ئىسىملارنىڭ خەنزۇ يېزىقىدىكى تەلەپپۇزىنى مۇتلەق توغرا ئىپادىلىگىلى بولمىسىمۇ، نۇرغۇنلىرىنى توغرا ئىپادىلەشكە ئىمكانىيەت تۇرۇپ، توغرا ئىپادىلىمەسلىك خاھىشى مەۋجۇت(ئاڭلىسام غالىپ بىلەن ئالىپ پەرقلەندۈرۈلمەي ئوخشاش خەتلەر بىلەن يېزىلارمىش، بەلكىم بۇنداق سەۋەنلىك يالغۇز بۇلا ئەمەستۇ؟)، بۇنى ئىسىم ئىگىسى يۇقىرىدا مەن كۆرسەتكەن ئۇسۇللار بىلەن تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ، پاسپورتقا خەنزۇ يېزىقىنىڭ پىنيىنى بويىچە يازىدىغان بەلگىلىمە بار دەپ ئاڭلىدىم، بۇ بەلگىلىمىنىڭ دەرىجىسى قانچىلىك بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇ بەلگىلىمىگە قارىتا خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى مۇۋاپىق تەكلىپ پىكىر بېرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى ئېنگىلىزچە يازغاندا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئارقىلىق يېزىشى(ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىبەتلىك ئاپىراتلىرى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى توغرا تەشۋىقى قىلىشى)ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى توغرا تەلەپپۇز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان پىنيىنچە يىزىشنىڭ سەۋەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، پۇقرالارنىڭ نام ھوقۇق مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىنماسلىقى، توغرا ئىپادىلىيەلمىگەن يېزىقنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن، باشقا توغرا ئىپادىلىگىلى بولىدىغان(ئېنگىلىزچە) يېزىقتىمۇ يەنە سەۋەنلىك سادىر قىلىپ، ئىسىم ئىگىسىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىنماسلىقى لازىممىكىن دەپ قارايمەن، بۇ مەسىلىنى سۆھبەتلىشىش، تەكلىپ پىكىر سۇنۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش، سىزنىڭ، مېنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ بۇرچى. EZp >Cf7  
سۇئالىڭىزغا جاۋابىمنى تۆۋەندىكى نەقىل ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇراي. t,A=B (W  
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ يېزىلىشىنى، ئاتىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلاردا ئومۇميۈزلۈك فامىلە قوللىنىش مەسىلىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئىزدىنىشلا خېلى بۇرۇنلا باشلانغان بولسىمۇ، بۇ ئىشقا كۆڭۈل بولىدىغان ئورۇن بولۇپمۇ شەخسلەرنىڭ ئاز بولغانلىقىدىن ھازىرغىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. پەقەت ھەربىر ئۇيغۇر بۇ ئىشنى ئۆزىمىزنىڭ بۇرچى دەپ قارايدىغانلا بولساق بۇ نىشانغا يېتىش ئانچە ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتمەيدۇ. |NTqJ j  
مەنبە: http://misran.erdem.googlepages.com/ozimizdinbashlayli m}beT~FT_  
C0^r]^$Z  
Newruz (ۋاقتى: 2007-3-23) (_N(K`4#W  
تەگئات=ئەمەس فامىلە ! P$[$W  
فامىلە=نەسەب ياكى فامىلە=جەمەتنام دېيىلىشى كېرەك. بىزدە ئىلگىرى ئىشلىتىۋاتقان ئاتالغۇ تۇرسا قانداقسىگە مەجبۇرى سۆز ياسىۋالىمىز. .WBp!*4  
تەگئات (ئەسلى ئىسمى، ئەسلى ئاتىلىشى دېگەن مەنالاردا بولۇپ. ئەركىلەتمە ئىسىم ۋە ھەقىقىي ئىسىمغا قارالسا مەنچە تەگئات تار ۋە كەڭ دائىرىدىن مەنىلەر بېرىدۇ.) "d0D8B7HI@  
تەگئات دېمەي چۈشىنىشلىك نەسەب دېسەكچۇ. بىلىشىمچە قەشقەردىمۇ ئىلگىرى نەسەبلەر سۇرۇشتىلەتتىكەندۇق ھازىر قانداقكىن بىلمىدىم. قۇمۇلدا بەك ئېتىبار بىلەن قارايمىز.
j]mnH`#BL  
نەسەب دېگەن سۆز تەگئات ياكى نەسەب نامى(جەمەت نامى) بىلەن تەڭ كۈچلۈك ئەمەس، نەسەب بىر ئادەمنىڭ قانداق ئائىلىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئائىلىنىڭ قانداقلىقى ئەۋلاد ۋە ئەجدادلىرى ئارىسىدىكى زور كۆپ ساندىكى مەلۇم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن شۇ جەمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا ئاساسەن، بېرىلگەن باھا ياكى لەقەم بۆلىشى مۇمكىن(بىزدە لەقەمنى خىزىر قويىدۇ دەيدىغان نەقىل بار، بۇ بىھۇدە كېلىپ چىقمىغان بولسا كېرەك). شۇڭا ئۇ بىر جەمەتنىڭ مەلۇم خاراكتېرىدىن ئىبارەت، نەسەب نامى شۇ خاراكتېر(نەسەب)نىڭ ئىسمىدىن ئىبارەت. جەمەت نامى نەسەب نامى بىلەن ئوخشاش ئىشلىتىلسىمۇ بۇلار يەنە ئىنچىكە تەرەپلەردە پەرق قىلىشى مۇمكىن. V1Gnr~GM  
ئەپسۇس ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە كىشىلەر بىر - بىرىگە بۇنداق ناملارنى قويىدىغان، لەقەم قويىدىغان ئىشلار قالمىدى، چوڭ دادام رەھمەتلىك كىچىك چاغلىرىمدا پالانچىنى كالا ئۇرىغى دەيتتۇق، پۇستانىنى "پوكۇن ئۇرۇقى" دەيتتۇق ديدىغان، ھازىر بۇنداق "ئۇرۇق"لارنى كىشىلەر قوللىنىش ئەمەس، ھەتتا بىلمەس بولۇپ كەتتى، شۇڭا ھازىر يېڭىدىن تەگئات قوللىنىش ئۈچۈن بۇنداق نەسەبنى سۈرۈشتۈرۈپ، بىلىپ-چۈشۈنۈپ قويۇش ئاسان ئەمەس، مەن ئۆزۈمنى مىسال قىلسام، "قۇتلان"نى نەسەپلىرىمىزنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ ئەمەس، نوپۇسقا ئالدۇرۇشتا ئاسان بۆلىشى ئۈچۈن ئىخچاملىقنى، ئۇيغۇرلۇقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ساپ ئۇيغۇرچە سۆز بۆلىشىنى، ئەجدادلىرىمغا خاسلىقى ئۈچۈن باشقىلار تېخى ئىشلەتمىگەن بۆلىشىنى، بۇندىن كېيىنكى ئارزۇ - ئارمانلىرىمنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بۆلىشىنى، .... ئويلاپ قوللاندىم، شۇڭا ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇ مېنىڭ نەسەب نامىم بولالمايدۇ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمدا ئاندىن ئۇ نەسەب نامى بولۇش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن، شۇڭا تەگئاتىم قۇتلان نەسەب نامى دېگەن بۇ شەرەپكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ، "تەگئات" دېسەك، كېيىنكىلەرگە نىسبەتەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىز ئۈچۈن ئىسمىمىزنىڭ تەكتى بولسا، كېيىنكىلەر ئۈچۈن نەسەب نامى بۆلىشى مۇمكىن. ZP0D)@8  
ئوخشىمىغان قاراشلار بولسا بۇ ھەقتە يەنە مۇنازىرىلەشسەك بولىدۇ. >oi?aD%  
mM{cH=  
KokTuruk-y(ۋاقتى: 2007-3-26) M[u6+`  
دۇنيادا باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئىسمى فامىلىسى (تەگئاتى) پۈتۈنلەي ئوخشىشىدىغان ئىشلار نۇرغۇنكەن ، يەنە كېلىپ بىرنەچچە مىليون ئۇيغۇرغا تەگئات قىلغۇدەك ، تىلىمىزدا نەچچە مىليون سۆزلۈك يوق ، شۇڭا فامىلە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىش بۆلىشى مۇمكىنمۇ؟ Bf[`o 
بىر پۈتۈن مىللەتتە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىشلىتىش بارلىققا كەلگەندە بەلگىلىك دەرىجىدە كونترول قىلىنسا، قېلىپقا سېلىنسا تەكرارلىق نىسبىتى كۆپ بولۇپ كەتمەيدۇ، گەرچە بىزدە مۇنچە مىليون نوپۇس بولسىمۇ، تەگئات ھەربىر جانغا ياكى بىر نوپۇسقا بىردىن ئەمەس، بىرقانچە نوپۇس(بىر جەمەت)كە بىر تەگئات ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىزدەنسەكلا قەدىمكى ۋە ھازىرقى سۆزلىرىمىزدىن تىلىمىزدا تەگئاتقا يەتكۈدەك سۆز تېپىلىپمۇ قالار، لېكىن سىز ئېيتقاندەك تەكرارلىقتىن ساقلانماق تەس، تەكرارلىقتىن ساقلانماق تەس دېگەن سەۋەبنى كۆپ تەكىتلەشكە بولمايدۇ، بۇنى ھەرگىزمۇ ئالقىشلىمايمىز. [;~"ctf{  
o?IrDQ2gmh  
Eagle(بۈركۈت، ۋاقتى: 2007-3-25) gr@Ril^  
ھۆرمەتلىك بىدار-قۇتلان ئەپەندىم، /?S^#q>m%  
تەگئات قوللىنىش جەھەتتە ئەڭ ئاۋارىچىلىك بىر ئىش، ئۈرۈمچىدە بىرى بىر نامنى تەگئات قىلىپ قوللىنىپ قالسا، داۋانچىڭدا يەنە بىر ئائىلە ئۇقۇشماسلىقتىن ئۇ نامنى يەنە تەگئات قىلىپ قوللىنىش ئېھتىماللىقى زور. شۇنىڭ بىلەن كېيىنچە يەنە قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ. }iU pBn  
بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەگئاتنى چوقۇم مەركەزلىك بىر ئورگان تەستىقلىشى، ناۋادا بىر نام ئاللىبۇرۇن قوللىنىپ بولۇنغان بولسا، ئۇ نامنىڭ يەنە بىر مۇناسىۋەتسىز كىشىنىڭ تەگئات قىلىپ قوللىنىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خۇددى يەنە بىر كىشى ھازىر Google، Microsoft دېگەندەك ناملاردا شىركەت قۇرالمىغىنىغا ئوخشايدۇ. $++O@C5  
بۇنى كىم دەيدۇ؟ كىم قىلىدۇ؟ مۇشۇنداق ئۆزىمىز بىلگەنچە تەگئات قوللىنىۋېرىدىغان بولساق، كېيىن نۇرغۇن "قۇتلان" لار پەيدا بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ "ھېقىقى" قۇتلان، قايسىسىنىڭ "ساختا" قۇتلان ئىكەنلىكىنى ئايرىۋالماق بەك تەس. بۇنىڭغا سىزنىڭ قانداق پىكرىڭىز بار؟
H9!q)qlK  
شۇنىڭ ئۈچۈن تەگئات قوللىنىشتا بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئاساسنىڭ بولمىقى زۆرۈردەك قىلىدۇ، بۇنداق ئاساس بولمىغاندا تەگئاتنى چوقۇم مەركەزلىك تەستىقلايدىغان بىر ئورگاننى ۋۇجۇدقا چىقارماق ئاسان ئەمەس. بىزدە تەگئات قوللىنىش يۇقىرى قاتلام زىيالىيلىرىمىزدا ئاساسىي جەھەتتىن كېڭىيىپ ماڭدى، ئەمدى بىزگە ئوخشاش ئۇششاق "زىيالىي"لەرمۇ ئۇلارنىڭ پىشىغا ئېسىلىپ مېڭىپ كېتىۋاتىمىز، يەنە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز مۇشۇنداق تەشۋىقاتلارنىڭ نەتىجىسىدە كاللىسى ئېچىلىپ قالسا، ئۇچاغدا تەگئاتنى چوقۇم مەركەزلىك تەستىقلايدىغان ئورگان بارلىققا كېلىدۇ. vWa\8yf  
بىز ماڭغان ئىكەنمىز چىغىر يول بولسىمۇ ئېچىلىدۇ، ماڭغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن راۋان داغدام يوللار ئىچىلىدۇ، ئاندىن بۇ يولنى باشقۇرىدىغانلار بارلىققا كېلىدۇ. ئورگان بارلىققا كەلگۈچە ھەممىمىز سۈكۈت قىلىپ تۇرساق، يول ھەرگىز ئېچىلمايدۇ، ياكى ئۇ مەڭگۈ چىغىر يول بولۇپ قىلىۋېرىدۇ. /fAAQ7  
"قۇتلان"نى مەن تەگئات قىلدىم، بۇنى توردا كەڭ تەشۋىق قىلدىم، بەلكىم ئەقلى ئويغاق، تەگئات قوللىنىشنى ھەقىقىي مەنىسىدە چۈشەنگەن ئۇيغۇر يەنە قوللىنىپ يۈرمەس دەيمەن، ناۋادا بىرەرسى بىغەرەزلىك قىلىپ يېڭىدىن شۇنداق قوللىنىۋالسا، ئەلۋەتتە ئامالىم يوق. ئىشىنىمەنكى تەگئات توغرىسىدىكى پاراڭلار بىزنىڭ مەتبۇئاتلىرىمىزدىن كۆرە توردا كەڭ تەشۋىقاتچىلىققا ئىگە بولۇۋاتىدۇ، بۇ ھەقتىكى تونۇش تورغا كىرگەن ئۇيغۇرلىرىمىزدا كۆپرەك ئاساسقا ئىگە بولۇۋاتىدۇ، تەگئاتنىڭ مەنىسىنى، رولىنى چۈشىنىۋاتىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇنداق تەكرارلىقنى بىلىپ تۇرۇپ سادىر قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. >Ml5QO$*.q  
مېنىڭ خىيالىمغا مۇنداق بىر ئىش كېلىپ قالدى، بىز "مەدەنىيەت بوستانى" پروگراممىسىدا بىرقىسىم زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىسمى تەگئاتى بىلەن يېزىلىۋاتىدۇ، يەنە توردىمۇ مۇشۇنداق تەگئاتلىق دوستلار كۆپىيىۋاتىدۇ، بىز مۇشۇلارنى ئانا تىلىم كوم ياكى بىلىك ۋە ياكى مەخسۇس تەگئات ئامبىرىنى باشقۇرىدىغان ھېچ بولمىغاندا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر توربېتى(teg_at.com) قۇرۇپ، ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتقان(ئەسئەت سۇلايمان ئويغار، ھاجىياقۇپ يۈسۈپ ئانات ... دېگەندەك) تەگئاتنى يىغساق، يەنە تەگئات قىلغىلى بولىدىغان "ئۇيۇل" دېگەندەك سۆزلەرنى تەۋسىيە قىلساق، بۇ ئىشلارنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا ھازىرچە ياردىمى بولارمىكىن دەيمەن. #k)t.P Q  
~sq@^ 
Eagle(بۈركۈت، ۋاقتى: 2007-3-25) +m/n~-6q  
قەشقەرلىك بىرى "قەشقىرى" دېگەن نامنى تەگئات قىلىپ قوللانسا، كېيىن ئۇ مەخمۇت قەشقىرىنىڭ جەمەتى، پۇشتى بولۇپ قالامدۇ؟ Bx5kqHp^1  
كىيىن ئەمەس، ھەتتا ھازىرمۇ ئۇنىڭ پۇشتى بولۇش بولماسلىقىنى ئاللاھ بىلمىسە بەلكىم ھېچكىم بىلمەس، چۈنكى ھازىرغىچە مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مانچىنجى نەۋرىسى پۇستانىمكەن دېگەن سۆزنى ئاڭلىمىدىم. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ھەممىمىز ئۇنىڭ ئەۋلادى. 6}|h  
تەگئاتنى بىز يېڭىدىن باشلاۋاتىمىز، سىز يۇقىرىدا دېگەندەك تەكرارلىق كۆرۈلۈپلا قالمىسا، يېڭىدىن بىرسى "قەشقىرى" دەپ تەگئات قوللانسا، كەلگۈسىدە بۇ "قەشقىرى"نىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادلىرى "مەخمۇت قەشقىرى" بوۋىمىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدەك ئەھۋالغا دۇچار بولمايدۇ. _c5*9')-)  
[8 H:5 Ho  
Eagle(بۈركۈت، ۋاقتى: 2007-3-25) qOnGP{   
ھازىر ئىسلام ۋە ئەرەب ئەللىرىدە، "مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ مانچىنجى ئەۋلادى" دەپ نەسەب تالىشىدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس. ھەممە ئادەم ھازىرلا ئالدىراپ تەگئات قوللىنىشنى باشلاپ كەتسە، يەنە قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالارمىزمۇ؟ S_ ;r!.  
ھەممە ئادەم تەڭ باشلاپ كېتىدىغان بۇنداق ئەھۋال ھازىرقى بىزدە مەۋجۇت بولمايدۇ، شۇنداق ئەھۋال باشلانماقچى بولىدىكەن، بىرەر ئورگاننىڭ رەھبەرلىكى بارلىققا كېلىپ بولغان بولىدۇ، مۇشۇنداق ھالەت شەكىللەنگۈچە قىسمەن مەسىلىلەرنىڭ ساقلانمىقى تەبىئىي. <td]k%*+  
I`i"*z  
Eagle(بۈركۈت، ۋاقتى: 2007-3-25) aUA)p}/:  
تەگئات ھەققىدە، "قۇتادغۇ بىلىك" ۋە "تۈركىي تىللار دىۋانى" دا بىرەر ئۇچۇر، بايان بارمۇ؟ مەن "قۇرئان كەرىم" ۋە ھەدىسلەرنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، تەگئاتقا مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسە تاپالمىدىم. kQQDaZ 8  
قۇرئاندا ئۇچراتمىغان بىلەن بىرقىسىم دىنىي كىتابلاردا ئىبنى پۇستان، ئىبنى پوكۇن، ئىبنى پۇستانچى،.... دېگەندەك نەچچە ئەۋلاد ئەجدادلىرىنى قوشۇپ يېزىلغان ئىشلارنى ئۇچرىتىمىز، ھەدىس كىتاپلىرىدىمۇ ئىبنى، بىننى پالان دېگەندەك ئىشلار مۇستەسنا ئەمەس. "قۇتادغۇ بىلىك"، "تۈركى تىللار دىۋانى"، "ناۋايى"لاردا مۇشۇنداق ئەھۋالنى “ئۇچراتمىغان”لىقىمىز ئۈچۈنلا بۈگۈنكىدەك قېرىنداش تۇركىيلەردە ئالىم تالىشىش ماجىراسى كېلىپ چىقىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭمۇ بۇ ئىشقا كۈچىشىمىزدىكى مەقسەتمۇ پاجىئەلىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەكرارلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنغۇ؟ Wcm8,?*  
Eagle(بۈركۈت، ۋاقتى: 2007-3-25) m4Ue)  
   ناۋادا، "قۇرئان كەرىم" ۋە "ھەدىس" لەردە تەگئات قوللىنىشنى قوللىمايدىغان بىرەر مەزمۇن بولۇپ قالسا، سىز يەنە تەگئات قوللىنامسىز؟ غەربلىكلەرنى ياكى ئەرەبلەرنى دوراپلا بىزمۇ تەگئات قويساق بولامدۇ؟ <^_crJONom  
مەن مۇتلەق قوللىمايدىغان بىرەر دەلىلنى ئۇچراتمىدىم، بىزنىڭ قوللانغىنىمىز غەربلىكلەرنى دوراش بولمايدۇ، بىزدە ئۆزى بىلەن دادىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ (A+B شەكلىدە)قوللىنىدىغان ئادەت ئۇزۇندىن بىرى بار، مۇشۇ ئادىتىمىزگە كېچىككىنا بىر تولۇقلاش(A+B+C شەكلىدە) ئېلىپ بېرىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ غەربلىشىش بولمايدۇ، مەن بىلىدىغان روسچە ئىسىملاردا ئۆزىنىڭ ئىسمى 3- ھەتتا 4- ئورۇندا كېلىدىكەن، بىزنىڭ قوللۇنۇپ كىلىۋاتقان ئادىتىمىزدە ئۆزىنىڭ ئىسمى 1- ئورۇندا كېلىدۇ، بىزدىكى ئىسىم قىسقارتىپ يازىدىغان (ت. ئېليۇپ دېگەندەك)ئىش ئەنە شۇ غەربتىن كەلگەن بولسا كېرەك، مېنىڭ مەيلىمچە بولسا قىسقارتىپ يازغاندا ئىسمىمنى ئابدۇخالىق ئا. ق دەپ يازاتتىمكى، ھەرگىزمۇ ئا. ئا. قۇتلان دېمەيتتىم، مانا بۇ ساپ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب بولاتتى. ئەرەبلەرنىڭ قانداق قوللىنىدىغانلىقىنى يۇقىرىدا دەپ ئۆتتۈم، بۇ ھەرگىزمۇ ئەرەپچىلىشىش بولمايدۇ. M CP GDr  
مېنىڭ ھازىرچە ھىس قىلغانلىرىم، بىلگەنلىرىم مۇشۇنچىلىك، كەم قالغان جايلار بولسا باشقا دوستلار تولۇقلىغاي، خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام تۈزۈتۈش بەرگەي، چۈشۈنۈكسىز سۆزلىگەن بولسام داۋاملىق سۇئال سورىغاي.

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +50
دەقيانوس مۇنبەر پۇلى +50 تۈنۈگۈن 17:37 -
 
بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.  
تۇرايىم: [color=#ff0000][url=http://hi.baidu.com/Qutlan]قۇت تۇرا[/url] [/color]
Bidar-Qutlan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36134

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   163 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1587 (سوم)
 ياخشى باھا:   141 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   151  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2009
 سائەت
دەرىجىسى:
2009 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 23:27

تەگئات ھەققىدە يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ ئىزدىنىشلىرى (3) v`'Iew }  
&\5bo=5V  
قۇتلان ئاكا تولا ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپسىز. بۇ دەل مەن ئۇزۇندىن ئىنتىلىۋاتقان، تېنىمسىز تىرىشىۋاتقان نىشان ئىدى. ئەسلى ئەتراپلىق ئىنكاس يازماقچى ئىدىم ئەمما ۋاقتىم سەل قىس بولۇپ قالدى. شۇڭا، سەل ئەۋۋەلرەك مەزكۇر مۇنبەرگە يوللىغان يازمامنى كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە چاپلاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. "5$p=|  
s/>0gu]A8  
ئۇيغۇرلاردا تەگئات قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە h<'tQGC  
#@V<{/;49  
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، تەگئات كىشى ئاتلىرىغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى، نەسىل - نەسەبى ۋە ئۇرۇق - جەمەتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ؛ كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى پەرقلەندۈرىدىغان جەمەتى خاس نام. .!2 u#A  
تەگئات ئاغۇنلار بىلەن بوغۇنلارنى (ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى) بىر - بىرىگە چەمبەرچاس باغلايدىغان، تارىخنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنلىرىدا مەڭگۈلۈك بىر - بىرىگە ئۇلايدىغان، پۈتكۈل ئۇرۇق - جەمەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان مىسلىسىز قۇدرەتلىك مەنىۋى يادرو. Q>\DM'{:4  
تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىز ئۇيغۇرلاردا ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى تەگئات سىستېمىسىنىڭ بولماسلىقى، بىزنى يۇقىرىقىدەك مەنىۋى ئەۋزەللىك ۋە ئۈستۈنلۈكلەردىن مەھرۇم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىزنىڭ جاھان سەھنىسىدە ئۆز سالاھىيىتىمىز ۋە كىملىكىمىزنى ئىپادىلىشىمىزدە زور توسالغۇلارنى پەيدا قىلدى. خەلقئارا سەھنە بىلەن ئۇچرىشىۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز تەگئاتسىزلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى. شۇ تەرىپى ئېنىقكى، جاھان قەدەملىرىگە ماس ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دۇنيا قوۋملىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتىدۇ. خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇرلار كۆپلەپ نامايان بولۇۋاتىدۇ. شۈبھىسىزكى، تەگئات قوللىنىش مەسىلىسى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمايدىكەن، تۈرلۈك دىشۋارچىلىقلار بىزدىن نېرى كەتمەيدۇ. r-WX("Vvh  
بۈگۈنكى كۈندە، ئارىمىزدا ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا يەتتە ئەجدادىغىچە بىلىشىدۇ. ۋەھالەنكى، مۇتلەق كۆپ قىسىم قارا بۇدۇن (ئاۋام خەلق) ئۆزىنىڭ ئۈچ ئەجدادىدىن ئىلگىرىكىلەرنى بىلمەيدۇ. ئۇرۇق - جەمەت كۆز قارىشى بالدۇرلا سۇسلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەجداد، قانداشلىق چۈشەنچىلىرى كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە، ئۈچ ياكى ئىككى ئەۋلادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ئائىلە ۋە تار ھالەتتىكى يۇرت قارىشىغا ئالماشقان ئىدى. }43qpJe8U  
تارىخىي پۈتۈكلەردىن كۆرە، قەدىمىي مەدەنىيەتلىك قوۋملارنىڭ بىرى سۈپىتىدە جاھان سەھنىسىدە ئۇيغارلىقنىڭ (مەدەنىيەت) يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان ئۇيغۇر خەلقى تاكى 14 - ئەسىرگە قەدەر تەگئات قوللىنىش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇرلار تاكى شۇ دەۋرلەرگىچە ئۇرۇق، قەبىلە ياكى توتېم ناملىرىنى ئۆز ئىسىملىرىنىڭ ئالدى ياكى كەينىگە قوشۇپ تەگئات سۈپىتىدە قوللىنىشقان ئىدى. (مەسىلەن، قوغۇرسۇ ئالتۇن، قارلۇق قۇتادمىش، قىپچاق يۈرۈك، شاھقۇلى ئۇيغۇر، مەڭلىك شىڭقۇر، ئالىپ شىڭقۇر، تابغاچ بۇغراخان، ھەسەن بۇغراخان، مۇھەممەد بۇغراخان، ھارۇن بۇغراخان...) ئەلۋەتتە، شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش لازىمكى، ئەينى چاغلاردىكى تەگئات قوللىنىش قاغان - پادىشاھلار، يۇقىرى تەبىقە، ئەھلى مۆتىۋەرلەر، ئالىم - ئۆلىما، ئىلىمدارلار ئارىسىدا نىسپىي چەكلىك دائىرىدە قوللىنىلغان ئىدى. ھەم بۇ خىل تەگئات قوللىنىش ئېسىل ئادىتى ھازىرقى زامان تەگئات قوللىنىش ئادەت ۋە قائىدىلىرىدىن پەرقلىنەتتى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، تەگئات ئۇيغۇر ئۈچۈن تامامەن يېڭى بولغان، يات ئۇقۇم ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇلار تەگئاتنى ئەڭ دەسلەپ قوللانغان خەلقلەرنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن، بۇ خىل ئېسىل ئادەت دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىزچىلىققا ئىگە بولالمىدى. شۇنداقلا پۈتكۈل مىللەت مىقياسىدا ئومۇملىشىپ، قانۇنىي يوسۇندىكى تەگئات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرەلمىدى. 14 - ئەسىردىن كېيىن، بولۇپمۇ يېقىنقى زامانلارغا كەلگەندە ئۇيغۇرلاردا ئۇرۇق قەبىلە تۈزۈمىنىڭ تولۇق يىمىرىلىشى، قانداشلىق، جەمەت كۆز قارىشىنىڭ سۇسلىشىشى نەتىجىسىدە، تەگئات ئەنئەنىسىمۇ ئۇيغۇرلاردىن بارا - بارا يىراقلاشتى. ~EQ# %db  
باشقا مىللەتلەر تەگئاتىنىڭ قېلىپلىشىش جەريانىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، خەنزۇ خەلقى بۇندىن 3000 يىللار بۇرۇن تۇراقلىق تەگئات قوللىنىشنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇلار ھازىرغىچە مۇكەممەل بولغان تەگئات قوللىنىش تۈزۈمىنى قوللىنىپ كەلمەكتە. ياۋروپادىكى مىللەتلەرنىڭ تەگئاتلىرىنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە ئىلمىي سىستېمىغا تۇرغۇزۇلۇشى يېقىنقى 300 يىلدىن بېرىقى ئىشلار. ياپونىيەدە ئەسلىدە پەقەت خان جەمەتى ۋە ئاقسۆڭەكلەر، ھەربىي ساھەدىكى كىشىلەرلا تەگئات قوللىنىشقان بولۇپ، 1890 - يىلىغا كەلگەندە، ساماۋى شاھ مەخسۇس خان يارلىقى ئېلان قىلىش ئارقىلىق قانۇن تۇرغۇزۇپ، بارچە ياپون پۇقرالىرىدىن تەگئات قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. تۈركىيە پارلامېنتى 1934 - يىلى تەگئات قانۇنىنى تۈزۈپ ئېلان قىلدى. قانۇندا، ھەربىر تۈرك پۇقراسىنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن بىرگە تەگئات قوللىنىشىنى، قوللىنىلغان تەگئاتلىرىنىڭ چوقۇم ساپ تۈرۈكچە بولۇشلىرىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە تۈركلىرى تەگئاتلىق قوۋملار سېپىگە كىردى. -m=!SQ >9  
شۇ تەرىپى ئېنىقكى، تەگئات بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغارلىققا (مەدەنىيلىك) ئىگە بولغان مىللەتلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي بەلگىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (بۇنداق دېگەنلىك بارى مەدەنىيەتلىك، يوقى مەدەنىيەتسىز دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ.) ئىنسانىيەتتە تەگئاتنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى زور ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش بولۇپ، تەگئاتنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانىيەتنىڭ نىكاھ تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى ۋە ئۇنى ساغلاملاشتۇردى. ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارا تويلىشىشنى، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتنى چەكلەپ، ئۇرۇق سىرتىدىن نىكاھلىنىش تۈزۈمىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ئادەملەرنىڭ ئەجداد، نەسەب، جەمەت، تۇغقانچىلىق چۈشەنچىلىرىنى يارقىنلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشقاقلىق ئېڭىنى كۈچەيتتى. 4 }0YLwgJ  
تەگئات ئەجداد چۈشەنچىسىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى! ئۇ كىشىلەرنىڭ نەسەب بەلگىسى سۈپىتىدە ھەر ۋاقىت ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى، تېگى - تەكتىنى ئېسىگە سېلىپ، ئۆز يىلتىزىدىن دالالەت بېرىپ تۇرىدۇ. كىشىلەرگە تارىخ تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ، تارىخلارنى تارىخلارغا ئۇلاپ، ئۇلارنى ئەبەدىي ئۇنتۇلماس قىلىپ ھەربىر ئۇرۇق ئەزاسىنىڭ قەلب دەپتىرىگە يازىدۇ. كۈنسېرى ئىجتىمائىيلىشىۋاتقان دۇنيادا، ئائىلە - جەمەت ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ بىرلىكىنى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەرەققىيات قەدەملىرىگە غايەت زور كۈچ - ماغدۇر بېغىشلايدۇ! *[jq&  
مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلاردا تۇراقلىق تەگئات سىستېمىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ تولىمۇ زۆرۈردۇر! #4nBov3d  
u,=?|M\  
ئۇيغۇرلاردا تەگئات 4`V&Yqwl  
l \m7~  
ئالدىنقى يازمىمىزدا ئۇيغۇرلاردا تەگئات قوللىنىشنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە زۆرۈرلۈكى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان ئىدۇق. ئەمدى بۇ يازما ئارقىلىق خۇدا خالىسا تەگئات توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىيرەك توختىلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. D~Q -:G$x  
شۇنىسى ئېنىقىكى، تەگئات - بىر جەمەتنىڭ خاس تامغىسى. ئۇ ئاغسۇن - ئەجداد چۈشەنچىسىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى. ئۇ كىشىلەرنىڭ نەسەب بەلگىسى سۈپىتىدە ھەر ۋاقىت ئۇلارغا ئۆز يىلتىزىدىن دالالەت بېرىپ، بوغۇن - ئەۋلادلارغا ئۆزىنىڭ كىملىكى، تېگى - تەكتىنى ھەر ۋاقىت سەمىگە سېلىپ، كىشىگە چەكسىز تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. r M}o)  
ئىسمى - تەگئاتى بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ بىرىنچى ئىجتىمائىي بەلگىسى. ئىسمىلا بولۇپ، تۇراقلىق تەگئاتى بولماسلىق كىملىك سالاھىيىتىمىزنىڭ ئېنىقسىزلىقى ۋە كەمتۈكلۈكىنى ئاشكارىلاپ تۇرۇپتۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۆتمۈش ۋە بۈگۈنىمىزدە قەدەمدە بىر دىشۋارچىلىققا يولۇقۇپ يۈرۈپتىمىز. بىر مىللەتنىڭ ئۆزلۈك قارىشى كۈچەيگەنسېرى مىللىي قەدىرىيەت تۇيغۇسىمۇ كۈنسايىن ئارتىپ بارىدۇ. ئۆزلۈكنىڭ چاقىرىشى بىزگە مۇنداق بىر زۆرۈرىيەتنى تونۇتماقتا، بىز ئۇيغۇرلاردا تولۇق ۋە تۇراقلىق بولغان ئىسىم - تەگئات بولۇشى كېرەك. تەگئات بىز ئۈچۈن تامامەن يات بولغان يېڭى ئۇقۇم، غەربتىن قوبۇل قىلىشمىز كېرەك بولغان يېڭى ئۇيغارلىق ئەمەس، بەلكى ئۇ مىڭ يىللار مۇقەددەم ئاغسۇن - ئابالىرىمىز ئات چېپىپ جاھان كەزگەن شاھانە دەۋرلەردە ئېھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈرۈپ قويغان مەنىۋى ئەڭگۈشتەر بولۇپ، بىز پەقەت ئەنە شۇ ئاتىلىرىمىز بىخەستەلىك قىلىپ چۈشۈرۈپ قويغان گۆھەرنى ئىسىم تاجىمىزغا قايتىدىن تاقىساقلا بولغىنى ! va#].4_  
خوش، ئۇنداقتا تەگئات قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەگئاتنىڭ ئىجتىمائىي رولى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى. تەگئاتنىڭ بىر مىللەت - قوۋمنىڭ ئىجىتىمائىيىتىدە ئوينايدىغان رولىنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا مۇجەسسەملەش مۇمكىن. 7coVl$_Zl  
1. مەنىۋى جەھەتتە، ئوخشاش بىر تەگئات ئاستىغا ئۇيۇشقان جەمەت ئەزالىرىنىڭ ئوي - پىكرى ۋە ھېسسىي جەھەتتىكى ئورتاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جەمەت ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.  = ~*Vfx  
2. تەگئات قوللانغاندا، جەمەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، جەمەتنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرىدىغان يامان ئىش - ھەرىكەتلەردىن ئۆز - ئۆزىنى چەكلەپ تۇرىدىغان مەنىۋى كۈچ ھاسىل قىلغىلى، جەمەت بويىچە ئورتاق ئىدىيە، ئورتاق ئېتىقادىنى ئۇزاق مەزگىلگىچە ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. (2 hI  
3. تەگئات جەمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. مەلۇم بىر جەمەتتىن يېتىشىپ چىققان ئۇلۇغ ئالىم ياكى جامائەت ئەربابى كېيىنكى نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا ئۈلگە ۋە تۈرتكە بولىدۇ. ئەۋلادلارنىڭ ئەجدادلارغا ۋارىسلىق قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى توختىماي تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ جەرياندا تەگئات ئۇلارغا مەنىۋى مەدەت بولىدۇ. -Vmp6XY3q  
4. ئۇرۇق - جەمەت كۆز قارىشىنىڭ سۇسلىشىشى كىشىلەردە ئەجداد چۈشەنچىسىنىڭ خۇنۈكلىشىشىنى، تېرىقتەك چېچىلىپ يۈرۈشىنى، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە ئىناقسىزلىقنىڭ يىلتىزى بولۇپ، بىر مىللەت ئۈچۈن ھېسابسىز ئاپەت. تەگئات قوللانغاندا، كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق - جەمەت كۆز قاراشلىرىنى قايتىدىن كۈچەيتكىلى، ئەجداد ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەت چۈشەنچىلىرىنى تېخىمۇ روشەن قىلغىلى، جەمەت ۋە جەمئىيەتنى ئىناقلىق، ئۇيۇشقاقلىققا يېتەكلەيدىغان مەنىۋى مەشئەلگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. f& Sovuuh  
5. تەگئات قوللانغاندا، ئوخشاش بىر تەگئات ئاستىغا ئۇيۇشقان جەمەت ئەزالىرىنىڭ ئۆز - ئارا مېھىر - شەپقىتىنى كۈچەيتكىلى، ئۆز - ئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. e+ m(g  
6. تەگئات يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تارىخىي ھۆججەتلىك رولىنى ئوينايدۇ. تەگئات بىر جەمەتنىڭ شەجەرىلىك تامغىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مىللەت ئېتنىك تەركىبىنىڭ يىلتىز - غوللىرىنى، ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەنىۋى بەلگە. مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۆمرى گەرچە چەكلىك ھالدا بىر قانچە ئون يىل بولسىمۇ، شۇ كىشىنىڭ تەگئاتىنىڭ ئۆمرى تاكى شۇ كىشى تەۋە بولغان جەمەتنىڭ نەسەب ئۇرۇقى ئۈزۈلۈپ قالغۇچە داۋام ئېتىدۇ. شۇنداقكەن ئۇنىڭ تارىخىي ھۆججەتلىك رولىغا سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئالايلۇق، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەلىشىر ناۋايى كەبى بوۋىلىرىمىز ياشىغان دەۋرلەردە ئاغۇنلىرىمىز سىستېمىلىق تەگئات قوللىنىشقان بولسا، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تالاش - تارتىشقا قالار بولغىيمىدى؟! ھەتتا باشقىلار جۈسۈپ بالاساغۇنى دەپ ئات قويۇشۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ھەيكەللەر تىكلەپ، پۇللىرىغا قەدەر سۈرەتلىرىنى چۈشۈرۈشكە جۈرئەت قىلالارمىدى؟!. ... .. مانا شۇنداق نائىلمىي ئىشلار تۈپەيلى قوشنا قوۋملار ئۆز - ئارا ئارازلىشىپ يۈرەرمىدۇق؟ !. .. !b$~Sm)  
يۇقىرىقىلار پەقەت بىز نۆۋەتتە نىسبەتەن مۇھىمراق دەپ قارىغان ۋە ئىدراك قىلغان نۇقتىلار بولۇپ، بەلكىم بىز قەلەمگە ئېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن يوشۇرۇن روللىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. بىز پەقەت دېمەكچى، تەگئات قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. قانچە بالدۇر قوللانساق شۇنچە ياخشى. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرى ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر بوشلۇقىنى تېخىمۇ چەكسىز كەڭلىكلەرگە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر دۇنيا تېخىمۇ تارلىشىپ كېتىۋاتقاندەك، ئۆز - ئارا ئارىلىشىش، سىڭىشىش، ئۆتۈشۈشنىڭ ناھايىتى تېز بولۇۋاتقانلىقى تۈپەيلى، ئۆزلۈكنى ساقلاش بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقاندەك تۇيۇلۇۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق كەسكىن ۋەزىيەتتە تەگئاتتىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى گۆھەرنى تېزدىن ئۆز باشلىرىمىزغا تاقىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئۆز كىملىكىمىز، خاسلىقىمىزنى جەۋلان قىلدۇرۇشىمىز تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ تۇرماقتا. :;]O;RXt  
ئالدىنقى ئىككى پارچە يازمىمىزدا ئۇيغۇرلاردا تەگئات قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەگئات قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. شۇندىن كېيىن كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز بۇ مەسىلىگە يېقىندىن دىققەت قىلدى ۋە بىر قىسىم ئۆزلىرىگە ئايدىڭ بولمىغان مەسىلىلەرنى سوراشتى. نۆۋەتتىكى يازمىمىز ئارقىلىق قېرىنداشلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە تەگئات قويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بىر قانچە مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە ھەرقاريسىللىرى بىلەن پىكرى ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشنى ئىستەيمىز. 3"Kap/[h  
;jKLB^4nX  
1. تەگئاتنىڭ شەكلىي قۇرۇلمىسى قانداق بولۇشى كېرەك؟ e?GzvM'2  
تەگئاتنىڭ ئورنى يەنى شەكلى مەسىلىسى مۇھىم مەسىلە بولۇپ، خەلقئارادا ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرىنىڭ تەگئاتلىرىنىڭ كىشى ئىسىم - تەگئاتلىرىدىكى ئورنى ئوخشىمايدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ تارىختا ئوخشىمىغان ئىككى خىل شەكىلنى قوللانغان. يەنى بىر خىلىدا تەگئات كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بولسا، يەنە بىر خىلىدا كىشى ئىسىملىرىنىڭ كەينىگە قويۇلغان. سۆزنى قىسقا مەزمۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە كۆپ توختالماي گەپنىڭ نەق ئۆزىنىلا قىلساق، ھازىر ئىسىمشۇناسلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن، خەلقئارا جەمئىيەتتە كەڭرەك ئومۇملاشقان شەكىل تۆۋەندىكى شەكىل بولۇپ، بىزمۇ قېرىنداشلارنى تەگئات قوللانغاندا مۇشۇ خىل شەكىلنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. \SJX;7 ST  
ئۆز ئىسمى + ئاتا ئىسمى + تەگئاتى XE;' K`%  
مەسىلەن:  T#Z#YMk  
ئەلقەم + ئىلھام + يۈكسەل 16~5;u  
تەگئات قوللانغاندا، يۇقىرىقى شەكىل بويىچە قوللانساق بولىدۇ. ئادەتتە، ئىسىم - تەگئاتنىڭ قىسقا، ئىخچام بولۇشى ئۈچۈن ئۆز ئىسمىدىن كېيىن تەگئاتنىلا يېزىشقا ۋە شۇنداق ئىشلىتىشكە بولىدۇ. x_(K%0+Ca  
مەسىلەن: [_C([o'\KY  
ئەلقەم يۈكسەل. po*r14f  
ئادەتتە چاقىرىشتا بىۋاسىتە كىشى ئىسمىنى ياكى يالغۇز تەگئاتىنى چاقىرىشقىمۇ بولىدۇ. 1l.HQ IS  
مەسىلەن: )~w bu2;  
ئەلقەم. .... Z|3[Y@c \  
يۈكسەل ئەپەندى. ... GIS,EwA  
رەسمىي ھۆججەت، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرگەندە چوقۇم تولۇق بولغان ئىسىم - تەگئاتنى يېزىپ ئىشلىتىش كېرەك. يەنى ئۆز كىملىكتىكى ئىسىم تەگئاتى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك. تەگئات كىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆز تەگئاتنى كىملىككە كىرگۈزۈپ ئۇنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئامال بولمىغاندا، تەگئاتنى ئائىلىۋى سورۇنلاردا ۋە بىرەسمىي ئىشلاردا قوللىنىپ، تەگئاتنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۈتۈش كېرەك. E7 
pT:6A[&  
2. قانداشلىقى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش تەگئات قوللىنىپ قېلىش مەسىلىسى raR=k!3i  
تەگئات قوللىنىش كۈچەپ تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا كىشىلەر ئامالنىڭ بارىچە ئوخشىمىغان ناملارنى تەگئات قىلىپ قوللانغىنى تۈزۈك. قانداشلىقى يوق كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بىر تەگئاتنى قوللىنىشى كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئوخشاش تەگئاتلىق بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قارايدىغان بولساق ھازىرمۇ بەزى ئايرىم كىشىلەردە ئوخشاش بولغان تەگئاتنى قوللىنىش مەسىلىسى مەۋجۇت، مەسىلەن: :{-/b  
ئادىل مۇھەممەد تۇران، قۇربان نىياز تۇران؛ 3_J({  
ئەركىن داۋۇت ئوغۇز، تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز؛ R{9G$b1Due  
غالىب مۇھەممەد قارلۇق، ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق؛ …  
يۇقىرىقىدەك ھادىسىلەرگە ئامال بار خاتىمە بېرىش ۋە ساقلىنىش كېرەك. يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرگە يولۇققاندا مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ بىرى تۇرانى، ئوغۇزى، قارلۇقى دېگەندەك مەلۇم ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈش كېرەك. باشقىلار ئاللىبۇرۇن قوللىنىپ بولغان مەسىلەن، قۇتلان، يۈكسەل، ئۆزھال، ئەرقۇت، كۆك، ئەمىنى دېگەندەك ھەرخىل شەكىلدىكى سۆز ياكى ناملارنى قوللانماسلىق كېرەك. T4;gF6(0]  
#V@vz#bo=  
3. تەگئاتنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە بولۇش مەسىلىسى (w%9?y4Q  
ھەممىمىزگە ئايانكى، تەگئات بىر جەمەتنىڭ شەجەرىلىك تامغىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەت ئېتنىك تەركىبىنىڭ يىلتىز - غوللىرىنى، ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەنىۋى بەلگە. ئۇنىڭدا ئەجداد بىلەن ئەۋلادىنى، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننى، بۈگۈن بىلەن ئەتىنى باغلاپ تۇرىدىغان مەنىۋى قۇۋۋەت بار. A%EGu4  
يۇقىرىقى نۇقتىلاردىن چىقىش قىلىپ، كەمىنە كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا تەگئات تاللىغاندا ئىمكانقەدەر ساپ ئۇيغۇرچە بولغان سۆز ۋە ناملارنى تاللىشىنى، ئەرەبىي ۋە فارىسىي ياكى باشقا چەتئەلچە سۆز - ئاتالغۇلاردىن نېرى تۇرۇشىنى تەكلىپ ئېتىمەن. چۈنكى تەگئات ئۆزىمىزنىڭ دىنىي ئىشتىياقىمىز، ئارزۇ - ھەۋەسلىرىمىزدىن دېرەك بېرىدىغان بەلگە بولماستىن بەلكى بىزنىڭ مىللىي تەۋەلىكىمىز، مىللىي كىملىكىمىزدىن ۋە جەمەتى مەنسۇپلۇقىمىزنى بېكىتىدىغان مەنىۋى تامغىدۇر. ئۇ تامغىغا قايسى خىل سۆزنى ئۇيۇشنى ياخشى ئويلاش كېرەك. _u#r;h[  
' p T8S  
4. تەگئات تاللاشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان مەنبەلەر j Oxnf%jl  
قەدىمكى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى ئۇيغۇر تەگئاتلىرىنىڭ يادروسى. W: 3fLXk+  
“قۇتادغۇبىلىك” ۋە “دىۋانۇلوغەتىت تۈرك” ئۇيغۇر تەگئاتلىرىنىڭ بىباھا ئىزاھلىق قامۇسى. ]QF*\2b-I2  
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇر تەگئاتلىرىنىڭ قۇرماس بۇلىقى. 'D^@e0.3  
تارىخىي ئۇچۇرلار ۋە دىيارىمىزنىڭ جۇغراپىيىسى تەگئاتلارنىڭ قان – تومۇرى. u/` t+-A  
ھۈنەر - سەنئەت، سانا`ئەت، تارىختىكى كاتتا ئىخترالىرىمىز، ھەققىدىكى كەسپىي سۆز - ئاتالغۇلار تەگئاتلىرىمىزنىڭ ھاياتى كۈچى. YcM 0A~<  
يەرلىك لەقەملەر ئۇيغۇر تەگئاتلىرىنىڭ زۆرۈر تولۇقلىغۇچىسى + ;B K|([#  
شۇنداق قىلىپ تەگئات ھەققىدىكى بايانىمىزنى مۇشۇ جايدا خۇلاسە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. يەنە داۋاملىق بۇ ھەقتە ئىزدىنىش، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش بىزنىڭ نىيەت - ئىقبالىمىزدۇر. 2&2t8.<  
ئومۇمەن، ئۇيغۇرلار سىستېمىلاشقان، تۇراقلىق تەگئات قوللىنىشى كېرەك. قوللانغاندا قايتا - قايتا ئويلىنىپ، ئىلاجنىڭ بارىچە ئەجداد ۋە ئەنئەنىگە باغلاپ، ئەڭ سۈپەتلىك، ئەڭ چىرايلىق، مەنىلىك، چاقىرىشقا قۇلاي بولغان سۆز ۋە ناملارنى تەگئات قىلىپ قوللىنىش كېرەك. i(S}gH4*o  
خۇلاسە كالام ! N{K[sXCW  
ھۆرمەت بىلەن يۈكسەل. W'5c%SI  
مىلادىيىنىڭ 2006-يىلى، 12 - ئاينىڭ 2 – كۈنى. a=*JyZ.2  
http://www.izdinix.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=25189 T{*!.+E  
T{lK$j  
ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ تەگئاتى eY (JU5{  
   x#'v}(v  
MenYüksel(ۋاقتى: 2007-3-23 10:31) ynZfO2kf  
خانىم - قىزلارمۇ تەگئات قوللىنىشى كېرەك. لېكىن ئۇلارنىڭ قوللىنىش شەكلى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا سەل پەرقلىق بولۇپ، تۆۋەندىكىچە ھەل قىلىشقا بولىدۇ. =gO4B-[  
قىزلار توي قىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆز ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى قوللانسا بولىدۇ. يەنى ]J .|XRp/  
ئۆز ئىسمى + ئاتا ئىسمى + ئاتىسىنىڭ تەگئاتى *;~i\M9_  
مەسىلەن: 'H'R6 
روزىگۈل + ئابدۇلھېكىم + رۇسلان F7JF1HfCP  
قىزلار توي قىلىپ ئەرلىك بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئېرىنىڭ تەگئاتىنىمۇ قوللىنىشى كېرەك. يالغۇز ئۆز ئېرىنىڭ تەگئاتىنىلا قوللانسىمۇ ياكى ئۆز ئاتىسى ۋە ئۆز ئېرىنىڭ تەگئاتنى قوشۇپ قوللانسىمۇ بولىدۇ. يەنى  o=C'u  
ئۆز ئىسمى + ئاتا ئىسمى + ئېرىنىڭ تەگئاتى 'A'[N :i  
مەسىلەن: J|DY /v  
روزىگۈل + ئابدۇلھېكىم + يۈكسەل \T^ptj(0  
T!t9`I0Zz  
Eagle(بۈركۈت) 6Vu)   
سالام ئابدۇخالىقجان ئابلىمىت قۇتلان ئەپەندىم، }k_'a^;C1  
ئاۋۋال بۇ قۇتلۇق ئىشنى باشلاپ ۋە ئۆز ئەمەلىيىتىڭىزدە كۆرسىتەلىگەنلىكىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن. ?l^NKbw  
مېنىڭ يۇقىرىدىكى خانىم - قىزلارنىڭ تەگئات قوللىنىش مەسىلىسىدىكى بايانلارنىڭ بەزىلىرىگە ئازراق پىكرىم بار ئىدى، ئاۋۋال "قۇرئان كەرىم" دىن دەلىلىمنى ئوتتۇرىغا قوياي: _''9-t;n,  
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. v`r*Yok;`  
ئاللاھ ھېچ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق، سىلەر زىھار* قىلغان ئاياللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئانا قىلغىنى يوق، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ ئاللاھ (ھەممە ھۆكۈمدە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان) بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكۈمىدە قىلمىدى، بۇ (يەنى ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولمىغانلارنى بالا دېيىش) پەقەت ئېغىزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، ئاللاھ ھەق (سۆز)نى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ. [4] ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللانىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر، دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [5] ("قۇرئان كەرىم" 33- سۈرە ئەھزاب، 73 ئايەت، مەدىنىدە نازىل بولغان، 419-بەت) 75H;6(7  
F??gVa aj  
يەنە سەھىھ ھەدىسلەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: f<3lxu  
"قىيامەت كۈنىدە، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاتاڭلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئىسىملارنى قويۇڭلار ۋە ئىشلىتىڭلار." c2fw;)j&X  
دەلىلىم ئاخىرلاشتى. ئەمدى ئۆز پىكرىمنى بېرەي: aJ J 6 3aJ  
يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ (بىئولوگىيىلىك) ئاتىسى ئېنىق بولغان ئىكەن، ئۇ ئىنساننىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ھەر قانداق ۋاسىتە ياكى سەۋەب بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشتە بولمايدۇ. سىز باشقا بىرەر بالىنى (مەيلى قانداق سەۋەب بىلەن) بېقىۋالغان بولسىڭىز، ئەگەر ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى مەلۇملا بولسا، سىز ئۇنى xxx ئابدۇخالىقجان ياكى xxx  ئابدۇخالىقجان قۇتلان دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ چاقىرسىڭىز بولمايدۇ. ? w@)3Z=u  
مۇشۇ دەلىلگە ئاساسەن، يۇقىرىدىكى "روزىگۈل ئابدۇلھېكىم رۇسلان" قىزچاق توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن "روزىگۈل يۈكسەل رۇسلان"، "روزىگۈل رۇسلان" ياكى "روزىگۈل يۈكسەل خانىم" بولۇپ قالسا بولمايدۇ. kp^q}iS  
بىزدە ئىسلامى ھېس-تۇيغۇلار تېخى يوقالغىنى يوق. ئاساسەن ھەممە ئۇيغۇرلار، ھەتتا ئېغزىدىن ھاراق پۇراپ تۇرغان ئۇيغۇرلارمۇ "مەن مۇسۇلمان" دېگەن گەپنى قىلىدۇ. u4DrZ-v  
شۇڭا تەگئات قوللىنىش سەۋەبلىك، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مېنىڭ پىكرىم مۇشۇ نۇقتا دىققەت قىلىنسا دېمەكچىمەن. 96<0=   
YhL^kM@c  
Bidar-Qutlan zB'_YwW  
ھۆرمەتلىك بۈركۈت ئەپەندىم، سەل قارالغان بىر مەسىلىدە بىزنى سەگىتكىنىڭىزگە ھەشقاللا. d^d+8R  
مەن بۇ تەگئاتنى بۇرۇندىن قوللانماي ھازىرچە ئۆز ئائىلەمدىن باشلىغانلىقىم ئۈچۈن، ئايالىمغا قوللانغان "قۇتلان" قانداقتۇر، قانداشلىقنى ئەمەس، بەلكى جەمەتىمىزنىڭ قۇتلاندىن باشلانغان بىر ئائىلىسىنىڭ تۇنجى ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئۇقۇم سۈپىتىدە قوللاندىم. z+ 
سىزنىڭ سەگىتكىنىڭىزدىن ئىدىيەمدىكى بىر تۈگۈن تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، تەگئات چوقۇم  A+B+C  ھالىتىدە بۆلىشى كېرەككەنكى A+C ھالىتىدە بولسا، مۇۋاپىق بولمايدىكەن، بۇ يەردىكى A ئۆزىنىڭ ئىسمى، B ئاتىنىڭ ئىسمى، C بولسا جەمەت ياكى ئۇرۇق نامى(تەگئات)، ئۇ ھەرگىزمۇ بىركىمنىڭ ئىسمى ئەمەس. تەگئاتنى مۇشۇ نۇقتىدىن چۈشەنگەندە، ئېتىقادىمىزغا مۇخالىپ بولماس دەپ ئويلايمەن، شۇنداقتىمۇ ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئېغزىغا قارايمىز. UHBMl>~z  
bRK\Tua 6  
MenYüksel iKG,"  
بۈركۈت ئىسىملىك قېرىندىشىمىز تىلغا ئالغان بۇ مەسىلە ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ دىققەت - ئېتىبارىمىزدىن چەتتە قالغان مەسىلە ئىكەن. كۆپنىڭ كۆزى كۆپ، ئەلنىڭ ئەقلى چەكسىز دېگەن گەپلەر ھەقتە ! بىز ھامان ئىزدەنگۈچى، ئىزدىنىش يولىدا ئۇنداق ياكى بۇنداق ھۆكۈمنى ئىشلەپ قېلىشىمىز، ئۇنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇپ قېلىشى تۇرغان گەپ. ھەقىقەتنىڭ يۈزىنى كۆرگەن ئىكەنمىز ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمەسلىكىمىز كېرەك. بۇ ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پەزىلىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. )a<MW66  
سۆزنى سەل باشتىن باشلىساق، ئاياللارغا ئەرلەرنىڭ تەگئاتىنى قوللىنىش ئەسلى غەرب ئەللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىل ئادەتنىڭ تېگى - تەكتى قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ خاس مۈلكى دەپ قارايدىغان، خاتا قاراش ئىدى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئىسلام دېنىنىڭ ھەق - ئادىللىقى سەۋەبلىك ئۇشبۇ خاتا ئىشقا خاتىمە بېرىلگەن ئىكەن. ئەقلىمىزنىڭ ناتىۋانلىقى، بىلىش دائىرىمىزنىڭ تارلىقى سەۋەبلىك ئۆز قولىمىزدىكى ئەڭگۈشتەرنىڭ شانلىق نۇرىنى ئەقىل كۆزلىرىمىز كۆرەلمەپتۇ . ( ئاللاھ نادانلىقىمىزنى ئەپۇ ئەتكەي !) $>rKm  
Eagle(بۈركۈت) قېرىندىشىمىز تىلغا ئالغان دەلىللەرگە كۆرە، ئايال كىشىنىڭ تەگئاتنى ئۆزگەرتىپ ئۆز ئېرىنىڭ تەگئاتىنى قوللىنىش مەسىلىسىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بىز ئۇيغۇرلاردا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئىزدىنىشلەر ئەمدىلەتىن باشلىنىۋاتىدۇ. بىز يەنىلا ئۆگىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز، شۇڭا ئۇنداق، مۇنداق خاتالىقلاردىن ساقلانماق تەس. كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەرگە يەنىمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قېتىشىنى ئۆز ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرنىڭ تەگئاتلىق قوۋملار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. nxe9^h7m  
بىلىك تورىدىكى بىزنى خەتەردىن سەگىتكەن بۈركۈت ئىسىملىك قېرىندىشىمىزغا كۆپ تەشەككۈر ! x;A.Ll  
   a&u!KAQ  
ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈش دۇرۇسمۇ؟ L9d|7.b  
^7YZ>^  
MenYüksel    
خوتۇن كىشى ئەرلىك بولغاندىن كېيىن ئۆز تەگئاتىنى تاشلاپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشى دۇرۇسمۇ ياكى ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلاردا ئوي سۈرۈپ، چۈشەنچىلەرنى ئوچۇقلاپ ئۆتكىنىمىز ياخشى. /q) H0b  
بىرىنچى سوئال : ئۆز تەگئاتىنى تەرك ئېتىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشتىن مۇددىئا نېمە؟ Ezr q2/~Q  
ئىككىنچى سوئال: ئۆز تەگئاتىنى تەرك ئېتىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈش نېمىدىن بېشارەت ؟ Q;GcV&f;f  
ئۈچىنچى سوئال: ئۆز تەگئاتىنى تەرك ئېتىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشنىڭ ئىسلام دىنىمىزدىكى ھۆكۈمى نېمە؟ S2>$S^[U  
o $'K}U  
بىرىنچى سوئال ھەققىدە كۆپ قىسىم كىشىلەر ئايال كىشىنىڭ ئەرگە تەگكەندىن كېيىن ئۆز ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشتىن باش تارتىپ، نۆۋەتتىكى ئېرىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشىدىكى مۇددىئا ئەرگە بولغان ھۆرمەت - ئېھتىرامىنى ئىزھار ئەيلەش، يەنە بىر جەھەتتىن ئايال كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىن چىقىپ ئەرنىڭ ئائىلىسىگە يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكى ۋە مەنسۇپلۇق جەھەتتىن ئەر جەمەتىگە تەئەللۇق بولغانلىقىنى ئىشارە قىلىش ئۈچۈن دەپ، قارايدۇ. ھالبۇكى بۇ سوئال ھەققىدە بىزنىڭ چۈشەنچىمىز شۇكى، ئۆز تەگئاتىدىن ۋاز كېچىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈش ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدىكى ياۋروپا كىشىلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىشتىكى ناچار ئادىتىدىن، يەنى ئەرگە تەگكەن ئايالنى ھۆر ئىنسان سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى ئەرگە تەئەللۇق بولغان ئەسلىدىكى ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن، ئەرنىڭ خۇسۇسىي بۇيۇمى سۈرىتىدە قاراش ھەمدە ئۇنىڭ ئۆز جەمەتى مەنسۇبلىقىنىڭ ئاداققى تامغىسى - نىشانى بولغان تەگئاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەرنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشكە بۇيرۇشتىن ئىبارەت ئىنسانىيلىققا زىيادە يات بولغان ئادەتنىڭ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئاسارىتىدۇر. بەلكى بۇنى بىر قىسىم كىشىلەر يۇقىرىقىدەك ئايالنىڭ ئەرگە بولغان ھۆرمىتىنىڭ يۇقىرى مۇقامدا جارى ئېتىلىشىدۇر دەپ، بىلجىرلاشماقتا. بۇ كىشىلەرگە سوئالىمىز شۇكى، ئەرگە بولغان ھۆرمەت - ئېھتىرامنى ئىزھار ئېتىشتە، ئۆز جەمەتى مەنسۇپلۇقى، كىملىكىدىن نىشان بولغان تەگئاتىنى ئۆزگەرتىش نەھاجەت؟! ئەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ ئۆز ئىسىم - تەگئاتىنى قوللىنىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقىنى پايمال قىلىمىزمۇ؟!... ئومۇمەن، بىز شۇنداق بىر خۇلاسىگە كېلىمىزكى، ئايال كىشىنىڭ ئەرلىك بولغاندىن كېيىن ئۆز تەگئاتىنى تاشلاپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشىگە كىشىلەر ھەر زامان تارازىدا تۇرغۇدەك ھەق - ئادىل جاۋاب بېرەلمەيدۇ. Xh}G=1}  
ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى سوئال ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز شۇكى، ئايال كىشىنىڭ ئۆز تەگئاتىدىن كېچىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەگەر بۇ خىل ئۆز ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى تەرك ئېتىشنىڭ بېشارىتى (بېشارىتى دېگەن سۆزگە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەيسىز) ئۆز نەسەبىدىن چىقىپ، ئەر نەسەبىگە ئۆتۈش بولسا (كۆرۈنۈشتە ھەم ئىش شۇنداق. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ تەگئات ئالماشتۇرۇشى سەۋەبلىك ئايال ئۆز نەسەب تامغىسى بولغان تەگئاتىنى تاشلاپ، ئەرنىڭ نەسەبىگە تەئەللۇقلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئەرنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئايالنىڭ ھەقىقىي نەسەبى مەنسۇپلۇقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بەلكى كىشىلەردە ئايال مۇشۇ(ئەرنىڭ) نەسەبكە تەئەللۇق ئىكەن دېگەن چۈشەنچىنى بېرىپ قويىدۇ، ئۇنداقتا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېيتقان ئۇشبۇ ھەدىسنىڭ ھۆكۈمى سەۋەبلىك بۇ خىل ئۆز تەگئاتىنى تاشلاپ باشقىلارنىڭ (ئەرمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە) تەگئاتىغا ئۆتۈش مۇسۇلمان كىشىگە دىنىي نۇقتىدىن دۇرۇس بولمايدۇ. بەلكى ئېغىر قىلىپ ئېيتقاندا ھارامدۇر. $@84nR{>  
1. سەھىھ بۇخارى، 3982- ھەدىس، سەئىد ئەبۇ ۋەققاس رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ھەمدە ئەبۇ بەكرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتۇرلەر : «كىمكى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز نەسەبىدىن كېچىپ، باشقا نىسبەتنى بەرسە ئۇ كىشىگە جەننەت ھارامدۇر.» مەزكۇر ھەدىس يەنە سەھىھ بۇخارى 6269 - ھەدىستە باشقا بىر ساھابە تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ. ;7*T6~tv  
2. ئىمام مۇسلىم، «ئۆز ئاتىسى نەسەبىدىن يۈز ئۈرۈشنىڭ ئەھۋالى» بابى 96- ھەدىستە ھەم يۇقىرىقى ئىككى ساھابە تىلىدىن ئۇشبۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان ھەمدە ساھابىلەرنىڭ «بىز ئۇشبۇ ھەدىسنى ئىككى قۇلىقىمىز بىلەن ئىشىتىپ، قەلبىمىز تۆرىگە قويۇپ ئالدۇق» دېيىشكەنلىرىنى ئىلاۋە قىلغان. S3&n?\CO:  
3. سەھىھ مۇسلىم، ھەج كىتابى، 2433- ھەدىس، ھەزرەت ئېلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ  رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئېيتۇرلەر «روسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇنداق دېدى، ... ... ... كېمىكى ئۆز ئاتىسىدىن باشقىغا نىسبەتنى بەرسە ئۇنىڭغا ئاللانىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ، بارچە ئادەملەرنىڭ لەنەتلىرى بولسۇن»... XW~a4If  
بۇندىن تاشقىرى يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىكى ھەدىسلەر ئىمام تېرمىزى، ئەبۇ داۋۇتنىڭ كىتابلىرىدىمۇ ئوخشاش ساھابە ياكى باشقا ساھابىلەر تىلىدىن ھەم بېرىلگەن. zR )/h   
كۆرۈنۈپ تۈرۈپتىكى، ئۆز نەسەبىدىن، ئۆز ئاتىسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا نەسەب ياكى باشقا ئاتىنى ئۆزىگە راۋا كۆرۈش ئىسلام دىنىمىزدا ناھايەتتە ئېغىر ئېلىنىدىغان ھەتتا ئاللاھ، پەرىشتىلەرنىڭ، بارچە ئىنسانلارنىڭ لەنەتلىشىگە لايىق ئېغىر گۇناھ ئىشتۇر. ZO>)GR2S  
ئۇنداقتا ئۆز تەگئاتىنى ئالماشتۇرۇپ، ئەرنىڭ تەگئاتىغا ئۆتۈش ئۆز نەسەبىدىن تېنىپ، باشقا نەسەبنى ئۆزىگە نىسبەتلىگەنلىك بولامدۇ؟ بىزنىڭ قارىشىمىزدا تەگئات كىشىلەرنىڭ نەسەبىنى، ئۇرۇق- ئەجدادىنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان جەمەتى خاس نام. يەنى ئۇ شۇ كىشىنىڭ قايسى نەسەبكە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان نىشان - بەلگە. تەگئات گوياكى كىشىنىڭ جەمەتى كىملىكىگە بېسىلغان مۆھۈرنىڭ ئۆزى. بىز كىشىلەرنىڭ تەگئاتىغا قاراپ ئۇنىڭ قايسى نەسەبتىن ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلىمىز. شۇنداقكەن. ئۆز تەگئاتىنى ئالماشتۇرۇش، ئاتىسىنىڭ تەگئاتىدىن ۋاز كېچىپ، باشقىلارنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىش نىيەت جەھەتتىن ئۇنداق مەنە بېرەلمىسىمۇ، لېكىن كۆرۈنۈشتە ئۆز نەسەبىدىن تېنىش، باشقا نەسەبنى ئۆزىگە نىسبەتلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بىز ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئېرىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلەتكەن ئايالنى ئۆز ئېرى بىلەن بىر ئۇرۇقتىن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قېلىشىمىز تەبىئىي. w :x[ kA  
b*ja,I4  
يەكۈن شۇكى، خوتۇن كىشى ئەرلىك بولغاندىن كېيىن ئۆز ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى تاشلاپ، ئەرنىڭ تەگئاتىغا ئۆتۈشى مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن دۇرۇس ئەمەس. بەلكى ئۇ ئاللاھ ۋە پەرىشتە، ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە لايىق ھارام قىلمىشتۇر. D[)_ f  
}KT$J G?  
(ئەلۋەتتە يۇقىرىقى قاراشلىرىمىز ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش شەكلى مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى تەلقىنلىرىدۇر. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىمىز يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقۇسى! كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇپ، سەۋەنلىكلىرىمىزنى ئىشارە قىلىپ، بىز بىلەن بىرگە مۇھاكىمە - مۇنازىرە قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. بىلگۈچى ئاللاھ.) gw^W6v  
مەزكۇر يازما "يۈكسەل تۇراسى"دىن ئېلىندى g |H  
=`UFg > -  
يۈكسەل ئەپەندىممۇ پۈتكۈل مىللەتنىڭ تەگئات مەسىلىلىرىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىۋاتقان كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇقۇرىدىكى يازمىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ بەھرى ئېلىشىنى، شۇ باھانىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ تەگئاتلىق بولۇپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇڭا نىيەت ئىقبالىمىزنىڭ ئورتاقلىقىدىن، بۇ يەرگە ئىجازەتسىز قويغان ئەدەپسىزلىكىمنى توغرا چۈشۈنىدۇ دەپ قارىدىم &.qLE  
كېيىنكى قىسىملىرىدا تەگئاتنى بىكىتىپ بولغاندىن كېيىن، جەمەتكە ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلى ۋە نوپۇس، كىملىكلەرگە ئورنۇتۇش ئۇسلى ھەققىدە توختىلىمىز

 
بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.  
تۇرايىم: [color=#ff0000][url=http://hi.baidu.com/Qutlan]قۇت تۇرا[/url] [/color]
lostba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.67303

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   344 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2290 (سوم)
 ياخشى باھا:   433 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   149  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 231
 سائەت
دەرىجىسى:
231 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-28
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 00:19

كۆپ ئىزدىنىپسىز ، قولىڭىزغا بارىكاللا
 
kasami
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16613

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   337 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4472 (سوم)
 ياخشى باھا:   367 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   361  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5626
 سائەت
دەرىجىسى:
5626 سائەت 314 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-06
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 00:38

ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىما.ئەگەر بىرقانچە ئادەمنىڭ تەگئات ئوخشاش  بولۇپ قالسا قانداق ھەل قىلىش كىرەك.تەگئات ئىشلىتىشنى ھۇكۇمەت قوللامدۇ.باشقىلارنىڭ ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەنلىكىنى تەكشۇرۇش ئۇچۇن قانداق قىلىش كىرەك؟ \ bWy5/+  
...قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغراكىلەمدۇ قانداق.
 
تاغلار سۇكۈت قىلغانلىقى ئۈچۇن سۇرلۇكتۇر!
zulayha
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7254

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4953 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   208 (سوم)
 ياخشى باھا:   2283 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2214  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6143
 سائەت
دەرىجىسى:
6143 سائەت 147 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-22
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 00:39

دىمەك ، تەگئات ئۆزىمىزنىڭ نەسەبىنى ئېنىق بىلىشتىن سىرىت يەنە نەسەبنى ئۇلاشتىن ئىبارەت تارخقا مەسئۇلۇقنىڭ ئۆلچىمى بولالايدىكەن . ئىنتايىن بىر ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلغىنىڭىزلاردىن خۇرسەنمەن . تېمىغا داۋاملىق كىرىپ ، ئېسىل مۇنازىرىلەردىن بەھىرلىنىپ تۇرىمەن .
 
Bidar-Qutlan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36134

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   163 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1587 (سوم)
 ياخشى باھا:   141 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   151  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2009
 سائەت
دەرىجىسى:
2009 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 02:00

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  kasami كە 2011-12-07 12:38 AMئەۋەتىلدى  : :+ "JPF4X  
ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىما.ئەگەر بىرقانچە ئادەمنىڭ تەگئات ئوخشاش  بولۇپ قالسا قانداق ھەل قىلىش كىرەك.تەگئات ئىشلىتىشنى ھۇكۇمەت قوللامدۇ.باشقىلارنىڭ ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەنلىكىنى تەكشۇرۇش ئۇچۇن قانداق قىلىش كىرەك؟ P|aSbsk:I<  
...قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغراكىلەمدۇ قانداق.
توۋا، يازمىنى تولۇق ئوقۇمايلا ئىنكاس يېزىپسىز، 3-.4- قەۋەتتە مۇشۇ ھەقتە گەپ قىلغان ئىدىم، يەنە شۇ گەپلەرنى تەكرارلىشىم ھاجەتما؟ |:SXN4';?  

 
بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.  
تۇرايىم: [color=#ff0000][url=http://hi.baidu.com/Qutlan]قۇت تۇرا[/url] [/color]
TaRKiN
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2059

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   238 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7442 (سوم)
 ياخشى باھا:   654 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   762  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 77
 سائەت
دەرىجىسى:
77 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-02
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 11:10

ناھايىتى ئەتراپلىق چۈشەنچە بىرىپسىز قىرىندىشىم. كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن. R{hKl#j;>  
            ما باشقۇرغۇچىلار بۇتىمىنى نادىرلەپ قويۇشنى بىلمەمسىلەر؟
 
ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.
wolf007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7093

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   255 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5518 (سوم)
 ياخشى باھا:   243 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   264  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5494
 سائەت
دەرىجىسى:
5494 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-20
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 14:55

تۇركىيە مۇستەققىل بولغاندىن كىيىن مۇستاپا كامال مىللىتى تۇرك بولغانلىكى ئادەم چوقۇم فامىلە(تەگئات) قوللىنىشى كىرەك دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن پۇتكۈل تۇرك مىللىتى فامىلە قوللىنىشقا باشلىدى ... }Z- ]m  
ئۇنتۇلۇپ كەتكىنىگە نەچچە يۇز يىل بولغان ئىشنى ئۇنداق ئاسان قىلغىلى بولمايدۇ ، ئۇنىڭغا كۈچلۈك بىر تۇرىتكە بولىشى كىرەك، $z]gy]F  
ھەم بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزدە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلار مەۋجۇت، مەسىلەن ؛ ھۆكۇمەتنىڭ نۇرغۇن جەدىۋەللىرىنى تولدۇرۇش كەلسە ھازىرقى فامىلىسىز ئىسمىمىزمۇ پاتماي كاتەكلەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كىتىدۇ ، فامىلە قوللانساق قانداق بولماقچى؟؟؟... يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار، p UWj,&t  
بۇ ئىشلانى نۇقۇل توردا مۇلاھىزە قىلىش يەنە بىر نىمىلەر بىلەن قىلىغى بولمايدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقۇردىن توۋەنگە ئىلىپ بىرىلغان بىر قىتىملىق ئىسلاھات بولىشى كىرەك.
 
ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى